بۇرۇن مۇنبەردە كۆرگەندەك قىلىمىنا .
نەزىر چىراق 7 نەزىرسى 40نەزىرسى يىل نەزىرسى دەيدىغان نەرسە ئىسلام دىندا قەتئى يوق . ھازىرقى يۈزگۈزىلىۋاتقان نەزىرلەر بۇددىزىم دەۋرىدىن قالغان ئادەتلەر.
نەزىر دىگىنىمىز___
نەزىر: 1 - ئۇنى تونۇشتۇرۇش: نەزىر دېگىنىمىز - مۇسۇلمان نەزىرسىز ئاللاھقا ئىتائەت قىلالمىسا ئۆزىنى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا مەجبۇرلىشىدۇر. مەسىلەن، ئاللاھ بىلەن قەسەم، بىر كۈن روزا تۇتىمەن. ياكى ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇيمەن دېگەنگە ئوخشاش. 2 - ئۇنىڭ ھۆكمى: نەزىرنىڭ ھۆكمى تۆۋەندىكىچە: روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش ياكى سەدىقە بېرىش قاتارلىق نەزىر قىلىشقا ئوخشاش ئاللاھ رازىلىقى كۆزدە تۇتۇلىدىغان مۇتلەق نەزىرنى قىلىش توغرا ۋە بۇنىڭغا ۋاپا قىلىش ۋاجىپ. شەرتلىك نەزىر قىلىش مەكروھ )خاتا( مەسىلەن، ئەگەر ئاللاھ كېسىلىمگە شىپالىق بەرسە مۇنداق روزا تۇتىمەن ياكى مانچىلىك سەدىقە قىلىمەن، دېگەندەك. ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: >پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام نەزىر قىلىشتىن توسىغا ۋە: نەزىر قىلىش ھېچنېمىنى قايتۇرالمايدۇ. پەقەت ئۇنىڭ ئارقىلىق بېخىلنىڭ )پىخسىق( مېلى خىراجەت قىلىنىدۇ، دېگەن< (بىرلىككە كېلىنگەن ھەدىس ) ئەگەر شۇ نەزىر ئاللاھنىڭ رازىلىقىدىن غەيرى ئۈچۈن بولسا ھارام بولىدۇ. مەسىلەن، پالانى غوجام ئەگەر ئاللاھ كېسىلىمگە شىپالىق بەرسە، سېنىڭ قەبرەڭگە مۇنداق قوي ئۆلتۈرەتتىم ياكى ساڭا ئاتاپ مۇنداق سەدىقە قىلاتتىم، دېگەندەك، چۈنكى بۇ ئىبادەتنى ئاللاھنىڭ غەيرىگە قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ ئاللاھ: >ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇنىڭغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار< (نىسا: 36) دەپ ھارام قىلغان شېرىكتۇر. 3 - ئۇنىڭ تۈرلىرى، نەزىرنىڭ تۈرلىرى تۆۋەندىكىچە: 1 - مۇتلەق نەزىر، بۇ توغرا مەنبەدىن چىققان نەزىر. مەسىلەن، بىر مۇسۇلمان ئاللاھ بىلەن قەسەم، مەن ئۈچ كۈن روزا تۇتىمەن ياكى ئون مىسكىنگە تاماق بېرىمەن، دېگەندەك. مۇسۇلمان بۇنىڭ بىلەن ئاللاھقا يېقىنلىشىشنى ئويلايدۇ. بۇ خىل نەزىرنىڭ ھۆكمى: بۇنىڭغا ۋاپا قىلىش ۋاجىپ ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: >سىلەر ئەھدە تۈزەشكەنلىرىڭلاردا، ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار< (نەھىل: 91) >ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىبادەتلىرىنى ئادا قىلسۇن.< (ھەج: 29) 2 - مۇئەييەن بولمىغان مۇتلەق نەزىر: مەسىلەن، بىر مۇسۇلماننىڭ قانداق نەزىر قىلىدىغانلىقىنى دېمەي، ئاللھ بىلەن قەسەم مەن نەزىر قىلىمەن، دېگەن سۆزى ئوخشاش. ئۇنىڭ ھۆكمى، بۇنى ئىجرا قىلىش ۋاجىپ، ئەگەر ئىجرا قىلىنمىسا قەسەمنىڭ كاپارىتى بويىچە كاپارەت كېلىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >نەزىرنىڭ كاپارىتى ئەگەر ئىسمى ئاتالمىسا )يەنى نەزىرنىڭ خىلى ئاتالمىسا( قەسەمنىڭ كاپارىتى بويىچە بولىدۇ< (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان. ) ئېيتىلىشچە، بۇنىڭغا ئىككى رەكئەت ناماز ياكى بىر كۈن روزا تۇتقانغا ئوخشاش نەزىر دەپ ئاتالغان ئەڭ ئاز نەرسە كۇپايە قىلىدىكەن. 3 - ئاللاھ ئەززە ۋە جەللەنىڭ بىر ئىشىنى قىلىپ بېرىشىنى شەرت قىلىپ نەزىر قىلىش، بۇ شەرتلىك خىراجەت مەسىلەن، بىر مۇسۇلمان ئەگەر ئاللاھ كېسىلىمگە شىپالىق بەرسە ياكى يوقاپ كەتكەن نەرسەمنى قايتۇرۇپ بەرسە مانچە مىسكىنگە تاماق بېرىمەن ياكى مانچە كۈن روزا تۇتىمەن دېگەنگە ئوخشاش. ئۇنىڭ ھۆكمى: ئۇ مەكروھ )خاتا( نەزىر بولۇپ بۇنىڭغا ۋاپا قىلىش )ئىجرا قىلىش( ۋاجىپ، ئەگەر ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بەرسە ئۇ ئاتىغا ئىبادىتىنى قىلىش ۋاجىپ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشقا نەزىر قىلىدىكەن. ئىتائەت قىلسۇن< (بۇخارى رىۋايەت قىلغان. ) ئەگەر ئاللاھ ئۇنىڭ ھاجىتىنى ئادا قىلىپ بەرسە ئۇ نەزىرىنى )ئىبادىتىنى( قىلمىسىمۇ بولىدۇ. 4 - ئەگەر مەخلۇقنىڭ بىر ئىش قىلىپ بېرىشىنى شەرت قىلىنغان نەزىر. بۇ تەرسانىڭ قەسىمى مەسىلەن: مۇنداق، مۇنداق قىلىپ بەرسەڭ ياكى مۇنداق بولسا بىر ئاي روزا تۇتىمەن. ياكى مۇنداق قىلساڭ مانچىلىك مال خىراجەت قىلىمەن، دېگەنگە ئوخشاش. ئۇنىڭ ھۆكمى: نەزىرىنى باغلاپ قويغان ئىشنى بۇزسا نەزىرنى قىلىش ياكى قەسەمنىڭ كاپارىتىنى بېرىش ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللىسا بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئاچچىقلىنىشقا نەزىر قىلىش يوق، ئۇنىڭ كاپارىتى قەسەمنىڭ كاپارىتىدۇر< (سەئىيد رىۋايەت قىلغان. )چۈنكى تەرسانىڭ نەزىرىسى كۆپىنچە ئاچچىقلىنىش بىلەن بولىدۇ. بۇ نەزىر بىلەن قارىشى تەرەپنى بىر ئىشنى قىلىشتىن توسۇش ياكى تەرىك ئېتىشتىن توسۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. 6 - گۇناھ قىلىشنى نەزىر قىلىش: يەنى ھارام قىلىنغان ئىشنى قىلىشنى نەزىر قىلىش ياكى ۋاجىپنى تەرىك ئېتىشنى نەزىر قىلىش. مەسىلەن: مۆئمىننى ئۇرۇشنى ياكى نامازنى تەرىك قىلىشنى نەزىر قىلغاندەك ئۇنىڭ ھۆكمى: بۇ نەزىرىنى قىلىش ھارام. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >كىمكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى نەزىر قىلسا ئىتائەت قىلسۇن. كىمكى ئاللاھقا ئاسىي بولۇشنى نەزىر قىلسا ئاسىي بولمىسۇن< (ئەھمەد، تىرمىزى، ئىبىن ماجە، ئەبۇ داۋۇد، نەسەئى رىۋايەت قىلغان. )لېكىن بەزى ئالىملار بۇ نەزىرىنى قىلغۇچىغا قەسەمنىڭ كاپارىتى كېلىدۇ، دەپ قارىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: >ئاللاھقا ئاسىي بولۇشقا نەزىر قىلىش يوق. ئۇنىڭ كاپارىتى قەسەمنىڭ كاپارىتىدۇر< (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان. ) 7 - مۇسۇلمان ئۆزى ئىگە بولالمايدىغان نەزىرىنى ياكى قىلالمايدىغان ئىشنى نەزىر قىلىش، مەسىلەن: پالانى قۇلنى ئازاد قىلىش ياكى نۇرغۇن پۇل سەدىقە قىلىشقا ئوخشاش. ئۇنىڭ ھۆكمى بۇنىڭغا كاپارەت كېلىدۇ. ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: >ئىگە بولالمايدىغان ئىشتا نەزىر قىلىش يوق.< (ئابدىرازاق، نەسەئى رىۋايەت قىلغان. ) 8 - ئاللاھ ھالال قىلغان نەرسىنى ھارام قىلىشنى نەزىر قىلىش مەسىلەن: ئىستېمال قىلىش توغرا بولغان يېمەكلىك ياكى ئىچىملىكنى ھارام قىلىشنى نەزىر قىلىش. بۇنىڭ ھۆكمى: ئۇ ئادەم ئايالىدىن باشقا ئاللاھ ھالال قىلغان نەزىرىنى ھارام قىلالمايدۇ. كىمكى ئۆز ئايالىنى ھارام قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا زىھارنىڭ كاپارىتى كېلىدۇ. ئەمما ئايالىدىن باشقىسىغا قەسەمنىڭ كاپارىتى كېلىدۇ. ]دىققەت قىلىدىغان ئىشلار[ كىمكى مېلىنىڭ ھەممىنى نەزىر قىلغان بولسا ئۇنىڭ نەزىرىسى مۇتلەق نەزىر بولسا مېلىنىڭ ئۈچتىن بىرى كۇپايەت قىلىدۇ. ئەگەر نەزىر تەرسانىڭ نەزىرىسى بولسا ئۇنىڭغا پەقەت قەسەمنىڭ كاپارىتى كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھقا ئىتائەت قىلىشنى نەزىر قىلغان ئادەم ئۆلۈپ كەتسە ئۇنىڭ ئىگىسى ئۇنىڭ ئورنىدا نەزىرىنى ئادا قىلىدۇ. سەھىھ ھەدىستە مۇنداق كەلگەن: بىر ئايال ئىبنى ئۆمەرگە ئۆز ئانىسىنىڭ مەسجىدى قۇبادا ناماز ئوقۇشنى نەزىر قىلىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىبنى ئۆمەر ئۇ ئايالنى ئانىسىنىڭ ئورنىدا مەسچىدى قوبادا ناماز ئوقۇشقا بۇيرىغان. (مەنبە:
http://www.bilqut.com/islam_dini/show.php?itemid=144)
- نەزىر قانداق ئىش؟
جاۋاب – نەزىر، ئاللاھ ئەمر قىلمىغان بىر ياخشى ئىشنى قىلىمەن، دەپ ئۆز ئۈستىگە ئېلىش دېگەن بولىدۇ. مەسىلەن: ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن ئۆمرە قىلىشنى ياكى بىر قانچە كۈن نەپلە روزا تۇتۇشنى ياكى بىر قانچە رەكئەت نەپلە ناماز ئوقۇشنى ۋە ياكى بىر مىقدار پۇلنى ئاللاھ يولىدا چىقىم قىلىشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلىش… قاتارلىقلارنىڭ ھەر بىرى بىرەر نەزىردۇر. بۇنداق نەزىرلەرنى ئورۇنلاشنىڭ، جەننەتكە كىرىدىغان كىشىلەرنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكى ئىنسان سۈرىسىنىڭ 7 – ئايىتىدە بايان قىلىنىدۇ. ئاللاھنىڭ دىنىدىكى «نەزىر» مانا مۇشۇنداق نەزىرلەردۇر.
ئەمما مېيىت چىققان ئۆيلەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەرنىڭ دىنىمىزدا ھېچقانداق ئاساسى يوق. كۈن توختىتىپ «بۇ كۈندە ياغ پۇرىتىلمىسا مېيتنىڭ روھى خاپا بولۇپ قالىدۇ» دېگەن ئېتىقادلار ئىنايىن خەتەرلىكتۇر، ھەتتا شېرىككە يېقىندۇر.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدا مېيىتنىڭ ئارقىسىدىن «بامدىتى»، «ئۈچى»، «يەتتىسى»، «يىگىرمىسى»، «قىرىقى» ۋە «يىلى» دەپ ئۆتكۈزۈلىدىغان نەزىرلەر بار. بۇلار نەزىر دەپ ئاتالغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە دىنىمىزدا كۆرسىتىلگەن نەزىرلەردىن ھېساپلانمايدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق ساقلىنىش لازىم. مەن ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا ئەھلى تەۋھىد بىر ئالىمنىڭ: «يەتتە، قىرىقى، يىگىرمە دېمىدۈك، ماتەم ئۆيىدە نەزرە يېمىدۈك» دېگەن سۆزىنى ئاڭلىغان ئىدىم. مانا بۇ سۆز، ئۇ ئالىمغا «ئەھلى تەۋھىد» دېيىلىشنىڭ نەقەدەر توغرا ئىكەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ.
سوئالىڭىزدا سىز زىكىر قىلغان نەزىرلەر ۋە ئادەم چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتىدىغان ئىشلارغا كەلسەك، بۇ ئىشلارنى قىلىش ئاللاھقا توغرا ئىمان كەلتۈرمىگەنلىك، پەيغەمبەرنى توغرا تونىمىغانلىق ۋە ئىسلام دىنىنىڭ روھىدىن غاپىل قالغانلىقنىڭ ئالامىتىدۇر! چۈنكى ئاللاھ ۋە پەيغەمبەر ھەر كىشىنى ئۆزىنى ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇغان. «ئىسلام» نىڭ مەنىسى ئۆزى ئاللاھقا تەسلىم بولۇشتۇر. ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
«وَأَن لَّيْسَ لِلْإِنسَانِ إِلَّا مَا سَعَى»
«ئىنسان پەقەت ئۆزى قىلغان ئىشنىڭلا نەتىجىسىنى كۆرىدۇ»- نەجم 53/39.
باشقىسى قىلغان ئىبادەت شۇ باشقىسى قىلغان ئىشتۇر. بۇ ئىشنىڭ نەتىجىسىنى يەنە بىر باشقىسى كۆرمەيدۇ.
ئال ئىمران 57، نىسا 152 ۋە 173، فاتىر 30 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئۇجۇرەھۇم»، بەقەرە 62، 274، 277، ئال ئىمران 199، نەھل 97، ھەدىد 19 قاتارلىق ئايەتلەردىكى «ئەجرەھۇم» ئەمەلنى كىم قىلسا، ئەجىر (ساۋاب) نى شۇنىڭ ئالىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
قۇرئان ئوقۇپ بەرگۈچى قۇرئان ئوقۇتقۇچى بىلەن ئالدىن باھاسىنى دېيىشىپ، ئاندىن ئىش پۈتكەندە ئۇلارنىڭ دېيىشكەن پۇلنى بېرىشلىرى ۋە ئېلىشلىرى قەتئىي ھارام. چۈنكى بۇنىڭدا ئېلىش ـ سېتىش شەكىللىنىدۇ. قۇرئان ئوقۇشنى ئېلىش ۋە سېتىش قەتئىي ھارامدۇر. بۇنىڭغا ھەر مۇسۇلمان ئىشىنىدۇ ۋە ئىشىنىشى كېرەك!
ئەگەر ئالدىن دېيىشمەي بىرقانچە كىشىنى چاقىرىپ قۇرئان ئوقۇتۇپ، ئاندىن ئوقۇتقۇچى تەرەپ ئوقۇغۇچى تەرەپنىڭ ياكى تەرەپلەرنىڭ ئالدىدا مىقدارىنى ئۆزى بەلگىلەپ بىر مىقداردىن پۇل قويسا، بۇ پۇلنى ئوقۇغۇچى تەرەپلەر قوبۇل قىلسا، بۇ ئىشتا تۆۋەندىكى خاتالىقلار مەيدانغا كېلىدۇ:
1 ـ دىنىمىز ئۆزىنىڭ ھەر مەنسۇبىنى، ئۆزىنى ئىبادەت قىلىشقا بۇيرۇيدۇ. بۇنىڭغا ئاساسەن «ئىبادەتكە نىمكار سېلىش»، «نىمكار» سالغۇچىنىڭ ئۆزىنىڭ ئەمەل ـ ئىبادەت قىلىش ۋەزىپىسىنى بىدئەت يوللار بىلەن «ھەل قىلىش» قا ئۇرۇنغانلىقى بولسا، «نىمكار» لارنىڭ پەقەت ئاللاھ رىزاسى ئۈچۈنلا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى جان ساقلاش ئۈچۈن قىلغانلىقى بولىدۇ.
2 ـ بۇ ئىش جەمئىيەتتە ئۆزىنىڭ نەزىر ـ چىراغ بولمىسا گۆش يېيەلمەيدىغانلىقىنى، ئىسقات ئالمىسا پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى ئويلايدىغان «تەييارتاپ» لار گۇرۇھىنى پەيدا قىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ تەييارتاپلار جەمئىيەتتە «ئىسسىتقۇ ـ سوۋۇتقۇ قىلىش»، «رەدنامە ئوقۇش»، «قەسىدە ئوقۇش»، «خەتمە ئوقۇش»، «مەۋلۇت ئوقۇش»… قاتارلىق دىنىمىزغا تامامەن زىت بولغان ئىشلار بىلەن «كەسىپ» قىلىشقا باشلايدۇ. بۇنىڭغا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ باشقا ساھەلەردە بولغاندەك دىنى ساھەلەردىمۇ ئىلىمدىن يىراق ئىكەنلىكىنى قوشساق، ئۇ تەييارتاپلار گۇرۇھىنىڭ بازىرىنىڭ نەقەدەر قىزىيدىغانلىقىنى چۈشىنىش ئۇنچە قىيىن بولمىسا كېرەك.
دەر ۋەقە كۈنىمىزدە بۇ ئىشلار مەۋجۇت. ئەمەلىيەتتە بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى دىن دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن، مۇسۇلمانلارنى تەييارتاپلىققا كۆندۈرۈش ئۈچۈن ۋە ئۇلارنىڭ كاللىسىغا دۇنيا ـ ئاخىرەتنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئىشلىمەيلا قولغا كەلتۈرۈشنىڭ مۇمكىنلىكى چۈشەنچىسىنى يەرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، شۇنداقلا ئۇلارنى ئىسلام دىنىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان ھىيلە ـ مىكىرلەردۇر. باشقا بىر سۆز بىلەن ئېيتقاندا ئۇنداق «ئوقۇشلار» ئويدۇرمىدۇر، قۇرئان كەرىمنىڭ روھىغا خىلاپتۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يەتكۈزگەن دىن بىلەن يىراقتىن ـ يېقىندىن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقتۇر!
قۇرئان كەرىمنىڭ تەرجىمىسى ۋە نۇرغۇنلىغان سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ تەرجىمىسى قولىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنداق «ئوقۇشلار» دىن يىراق تۇرۇشلىرى، ئىمانىنى، ئەمەل-ئىبادىتىنى، ئەدەپ-ئەخلاقىنى ۋە مۇئامىلىسىنى قۇرئان-ھەدىسنىڭ كونترولىدىن بىر ئۆتكۈزۈپ بېقىشلىرى كېرەك (مەنبە:
http://www.musulmanlar.com/?p=1654)
قەبرىستانلىقتا مېيىت ئۈچۈن قۇرئان ئوقۇش ۋە نەزىر قىلىش توغرىسىدا
9979نومۇرلۇق سوئال
سوئال:
بىزنىڭ يۇرتىمىزدا مۇسىبەت ئىگىلىرىدىن بىرقىسىم كىشىلەر قۇرئان ئوقۇيالايدىغان بەزى قارىلارنى قەبرىستانلىققا تەكلىپ قىلىپ قۇرئان ئوقۇتىدۇ، ئۇلار بۇ ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ ئۆلگۈچىگە پايدىسى بولىدۇ ۋە ئۇ كىشىگە رەھمەت قىلىنىدۇ دەپ ئېتىقاد قىلىدۇ، بەزىلەر چوڭ ماتەم مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرىلەيدۇ ۋە شۇ مۇناسىۋەت بىلەن خەتمە قۇرئان ئوقۇتىدۇ، ئىسلام دىندا بۇ ئىشنىڭ ھۆكمى قانداق؟ قەبرىستانلىقتا ۋە باشقا جايلاردا ئوقۇلغان قۇرئاننىڭ ئۆلۈككە پايدىسى بولامدۇ؟ ئۆلۈككە پايدىسى يېتىدىغان توغرا ئىشلار قايسى؟ بىزگە بۇنىڭ توغرىسىنى كۆرسىتىپ بەرسىلە، ئاللاھ سىلەرگە زىيادە ساۋاپ ئاتا قىلسۇن، بىزمۇ سىلەرگە كۆپ رەھمەت تەشەككۈر ئېيتىمىز.
جاۋاپ:
بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا مەنسۇپتۇر.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن رىۋايەت قىلىنغان سەھىھ ھەدىستە :« كىمكى بىزنىڭ ئىشىمىزدا يوق نەرسىنى پەيدا قىلسا، بۇ ئىش رەت قىلىنىدۇ». يەنى بۇ ھەدىستىن دىندا يوق بولغان ئىشنى كىم پەيدا قىلسا بۇ ئىشنىڭ ئاقىۋىتى ۋە جىنايىتى شۇ كىشىگە قايتىدۇ دېگەن مەنا ئىپادىلەنگەنلىكتىن بۇ ئىش ئىسلام دىندا توغرا بولمىغان بىدئەت ئىشلارنىڭ جۈملىسىدىن.
قەبرىستانلىقتا قۇرئان ئوقۇيدىغان، ئۆلۈكنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەپ ماتەم مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرىدىغان ئىشلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ۋە كىيىنكى توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن ئەمەس، بەلكى ئۇ بىدئەت ئىشلاردىن، ياخشىلىقنىڭ ھەممىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا، كىيىنكى توغرا يول تۇتقۇچى خەلىپىلەرگە ۋە ئۇلارنىڭ يولىغا ماڭغان كىشىلەرگە ئەگىشىش، ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى قىلىشتىن ئىبارەت، ئاللاھ تائالانىڭ بۇ سۆزىمۇ شۇ مەنانى ئىپادىلەيدۇ:«ھەممىدىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتقان مۇھاجىرلار ۋە ئەنسارلاردىن، ياخشىلىق قىلىش بىلەن ئۇلارغا ئەگەشكەنلەر( يەنى تابىئىنلار ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭغانلار) دىن ئاللاھ رازى بولدى، ئۇلارمۇ ئاللاھدىن مەمنۇن بولدى، ئاللاھ ئۇلارغا ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرنى تەييارلىدى، ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ، بۇ چوڭ بەختتۇر». پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« سىلەر مىنىڭ سۈننىتىمنى ۋە ئۆزى توغرا يولدا بولغۇچى ۋە باشقىلارنى توغرا يولغا باشلىغۇچى خەلىپىلەرنىڭ سۈننىتىنى چىڭ تۇتۇڭلار ۋە ئۇنىڭغا چىشىڭلارنى چىشلەپ تۇرۇپ ئەمەل قىلىڭلار، بىدئەت ئىشلاردىن ھەزەر ئەيلەڭلار، ھەقىقەتەن ھەرقانداق بىدئەت ئازغۇنلۇقتۇر». پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام جۈمەخۇتبىلىرىنىڭ بىرىدە مۇنداق دېگەن: «سۆزنىڭ ياخشىسى ئاللاھنىڭ كىتابىدۇر، يولنىڭ ياخشىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇتقان يولىدۇر، ئىشلارنىڭ ئەڭ ئەسكى، ناچارلىرى دىندا ئەسلى يوق يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلاردۇر، دىندا ئەسلى يوق يېڭىدىن پەيدا بولغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئازغۇنلۇقتىن ئىبارەتتۇر». بۇ توغرىدا سۆزلەنگەن ھەدىسلەر ناھايىتى كۆپ.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ سەھىھ ھەدىسلىرىدە مۇسۇلمان ئۆلگەندىن كىيىن پايدىسى بولىدىغان ئىشلارنى سۆزلەپ مۇنداق دېدى:« ئىنسان ئۆلگەندىن كىيىن ئۇنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئۈزۈلىدۇ، ئەمما ئۈچ تۈرلۈك ئەمىلى داۋاملىشىدۇ، بىرىنچى: سەدىقە جارىي، (ئىنسان ھاياتلىقتا ئاللاھ رىزالىقىنى كۆزدە تۇتۇپ مۇسۇلمانلار مەنپەئەتلىنىدىغان ئىشلارنى قىلغان بولسا، ۋاپاتىدىن كىيىن ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇ ئىشلارنىڭ داۋاملىشىشى بىلەن مېيىتكىمۇ ساۋابى يىتىپ تۇرىدۇ) ئىككىنچى: مەنپەئەتلىك ئېلىم،( بۇ يەردە كۆزدە تۇتۇلىدىغىنى مۇسۇلمان شەرئى ئىلىملارنى ئۇگۇنۇپ، مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك ئىلمى خىزمەت قىلغان بولسا، ۋە ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ جەمئىيەت ئىسلاھاتى ۋە ئىسلام ئۈممىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنى ئۈستۈن قىلىدىغان يېڭىچە بىلىملەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەبچى بولغان بولسا) ئۈچىنچى: ئىنساپلىق پەرزەنت تەربىيىلەش،( يەنى ئىسلام ئىدىيىسى ۋە ئەخلاقى بىلەن ئاللاھنىڭ ھەققى، ئاتا-ئانىسىنىڭ ھەققى قاتارلىقلارنى تونۇيدىغان ئاڭ-سەۋىيە بىلەن پەرزەنت تەربىيىلەش) ».
بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن:« ئى ئاللاھنىڭ ئەلچىسى! ئاتا -ئانام ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىدىغان بىرەر ياخشى ئىش بارمۇ؟ دەپ سورىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: ھەئە- بار، ئۇلارنىڭ ھەققىدە دۇئا قىلىش، ناماز ئوقۇش، ئاللاھدىن ئۇلارغا كەچۈرۈم تەلەپ قىلىش، ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەسىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىش، دوست بۇرادەرلىرىنى ئىززەت ئىكرام قىلىش، ئۇ ئىككىيلەننىڭ تەرىپىدىن بولغان ئۇرۇق تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت».
”ئۇلارنىڭ قىلغان ۋەسىيەتلىرىنى ئىجرا قىلىش“ دېگەندىن ئۇلارنىڭ شەرىئەتكە مۇۋاپىق كىلىدىغان تاپشۇرۇقلىرى بولسا ئورۇنداش ئەمەلگە ئاشۇرۇش كۆزدە تۇتۇلىدۇ.
ئاتا ئانىسى ئۈچۈن سەدىقە قىلىش، كەچۈرۈم تەلەپ قىلىپ دۇئا قىلىش، شارائىتى يار بەرسە ئۇلار ئۈچۈن ھەج -ئۆمرە قىلىشمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىنغان ياخشىلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئەللامە شەيخ ئابدۇلئەزىز ئىبنى ئابدۇللاھ ئىبنى بازنىڭ پەتىۋالار توپلىمىنىڭ 9- توم 319-بەتتىن ئىلىندى
(دېمەك؛ قەبرىستاندا ئۆلۈك بېشىدا قۇرئان تامام قىلدۇرۇش، ئاتالمىش موللىلار ۋە يوقسۇللارغا قەبرە بېشىدا پۇل تارقىتىش، مېيىتقا ساۋابى يېتىدۇ دېگەن ئاساسسىز كۆز قاراش بىلەن، مۇسىبەت ئىگىلىرىنىڭ ھالىغا قارىماستىن بەزى بىر ئالدىپەش نانتاپالارنىڭ قىستىشى ياكى سەت تۇرىدۇ، دادىلىرى، ئانىلىرى كېچىك كىشىلەر ئەمەسىدى، ئاخۇنۇملارنىڭ ئالدىدا پۇل قويمىساق سەت تۇرىدۇ…دىگەندەك قېلىپلىشىپ كەتكەن سەپسەتەلەرنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان مۇسىبەت ئىگىلىرى، ئۆلەپ-تىرىلىپ تاپقان پۇللىرىنى ئاتالمىش ساۋاپ ئۈچۈن بېغىشلاشقا مەجبۇر بولدى.ئۆلگۈچىنى بىر زىيان تارتقان بولسا، ئۇنىڭغا قوشۇپ پۇل-ماللىرىدىنمۇ ۋاقىتسىز ئايرىلدى. نە دىن- شەرىئەتكە، نە ئەقىل -مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ئىشلارنى ئوتتۇرىغا ئىلىپ چىقىپ بازار تاپقۇزۇشقا تىرىشتى. شۇنداقلا دىيارىمىزنىڭ بەزى بىر يېزا-قىشلاقلىرىدا تا بۈگۈنگە قەدەر داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يەتتە كۈن، قىرىق كۈن، بىر يىل بولغاندا، مېيىتنىڭ پەرزەنتلىرى يەنىلام نەزىر قىلىش دىنىمىزدىن، ئۆلۈككە ساۋاپ بولىدۇ، نەزىر قىلمىسا مېيت خاتىرجەم ياتالمايدۇ، نەزىر قىلمىسا جەمئىيەتتە سەت تۇرىدۇ، تونۇش-پىلىش، خۇلۇم-خوشنىلار نېمە دەپ قالىدۇ… دىگەندەك بەزى بىر پوپ موللىلار ۋە سوپى ئىشانلارنىڭ شەرىئەتكە ئاساسلىنىپ ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقارغان زاڭ پەتىۋالىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كېتىۋاتقانلارمۇ ئانچە ئاز ئەمەس.ئاز-تولا قوۋۇرغىسىنىڭ مېيى بارلارغۇ جاھىللىقتىن شەرىئەت بىلەن ھېسابلاشماي نەزىرە قىلسۇن، يوقسۇل بىچارىلەرچۇ؟! نەزىر قىلسا ئۆلۈككە ساۋابى يېتىدۇ، قىلمىسا مېيتكە ۋە مۇسىبەت ئىگىلىرىگە ياخشى بولمايدۇ دېيىش ئۆرپ-ئادەتكە ئايلىنىپ كەتكەن دىيارىمىزدا، يوقسۇللار نەزىرە قىلىش ئۈچۈن بار- يوقىنى سېتىپ ياكى قەرز قىلىپ يۇرۇپ قورسىقى توقلارغا زىياپەت بېرىپ، باتىل پەتىۋاچىلارنىڭ ھاڭدەك تويماس ئېغىزىغا شورىلىپ تۇگەيدۇ. دىنىمىزدا ھىچ قاچان ئۆلگەن كىشىنىڭ ئارقىسىدىن مىراسخورلار مال-دۇنيانى سورىۋىتىشكە بۇيرۇلمايدۇ، بەلكى، شەرىئەتتە كۆرسىتىلگەن ساغلام يول بىلەن ئېھسان قىلىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ.
ئىمكانىيىتى يار بەرسە نەزىرە قىلىشنىڭ ئورنىغا، يوقسۇل، يىتىم- يېسىر، تۇل-خوتۇنلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر ئىلىش، ئويلىنىش ئىمكانىيىتى بولمىغان قىز-يىگىتلەرنىڭ تۇرمۇش قۇرۇشىغا ياردەم قىلىش، ئۇندىن باشقا دىندا ئەسلى بار ياخشى ئەمەللەرنى قىلىپ ساۋابىنى مېيتكە بېغىشلاش قاتارلىق ئىشلار شەرىئىتىمىزدە يولغا قويۇلغان. نەزىرە قىلىش، ئاتا-ئانىغا ئېھسان قىلىش دىنىمىزنىڭ پىرىنسىپلىرىدا كۆرسۇتۇلمىگەن ئىكەن، ئۇنىڭغا خاتىمە بېرىشىمىز لازىم. كىمىكى جەمئىيەتتە بىر بىدئەتنىڭ يوقىلىشىغا ھەسسە قوشۇدىكەن، بىر سۈننەتنىڭ ئەھيا بولىشىغا تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئۇ دۇنيا-ئاخىرەتتە ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىگە ئېرىشىدۇ. ئاللاھدىن ھەممىمىزنى توغرا يولغا يېتەكلىشىنى سورايمەن.- مۇھەررىر-)
مەنبەسى: دارۇل ئىسلام تور بېكىتى
مانا مەن جاۋابىنى سىزگە كۆرسىتىپ بەردىم پايدىلانغايسىز . ئاللاھ ھەممىڭلارغا رەخمەت قىلسۇن .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kaisar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-20 07:56 PM