مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6352|ئىنكاس: 17

«بانان ئۈزۈش ھەققىڭلار يوق!» [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32830
يازما سانى: 371
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13016
تۆھپە نۇمۇرى: 1769
توردا: 6373 سائەت
تىزىم: 2011-3-6
ئاخىرقى: 2014-5-1
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 06:03:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«بانان ئۈزۈش ھەققىڭلار يوق!»

نىل دەرياسىنىڭ باش ئېقىنى ئەتراپىدا بۈك-باراقسان دەل-دەرەخلەر بىلەن قاپلانغان كەڭ ئىپتىدائىي ئورمانلىق بار. بۇ يەردە دەل-دەرەخلەر كۆككە تاقاشقان، ئوت-چۆپلەرمۇ ئىككى-ئۈچ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۆسكەن. پىل، شىر، بۇغا، تاغىلئات، كەركىدان... دېگەندەك ھايۋانلار ئەركىن قىيغىتىپ ياشايدۇ. رەڭگا-رەڭ ئېچىلغان گۈل-چېچەكلەر ئادەمگە چاھارباغلارنى ئەسلىتىدۇ. مانا شۇ ئىپتىدائىي ئورمانلىقتا پېگىم، نېگرو قاتارلىق ئىپتىدائىي قەبىلىلەر ياشايدۇ. پېگىم ئەرلىرىنىڭ بويى بىر مېتىر 30 سانتېمىتىردىن، ئاياللىرىنىڭ بويى بىر مېتىر 10 سانتېمىتىرىدىن ئاشمايدۇ. كىشىلەر ئۇلارنى «پاكارلار قەبىلىسى» دەپ ئاتىشىدۇ، ئۇلار بۇ ئورمانلىقنى ئانا ماكان قىلىپ ياشاپ كەلگەن، ئوۋچىلىق، بېلىقچىلىق بىلەن جان ساقلايدۇ. ئۇلار مىسىردىكى ئەلئېھرامنى بىلمەيدۇ، يەھۇدى، پەلەستىننى بىلمەيدۇ، ترورلۇق ۋە بىن لادېننى بىلمەيدۇ، تەكلىماكاننى ۋە ئۇيغۇرنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. لېكىن، مەدەنىيەتلىك ئادەملەرنىڭ ئاغزىدىن چۈشمەيدىغان «ھەق-ھوقۇق» دېگەننى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ.

نىل دەرياسىنىڭ باش ئېقىنىدا ئىلمىي تەكشۈرۈش-تەتقىقات بىلەن جىددىي ئىشلەپ چارچىغان ئالىم ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى كۆز ئالدىدىكى مەنزىرىدىن ھەيران قالدى: ئۇلار سارغىيىپ پىشقان بانانلار بىلەن تولغان بانانلىق باغقا كىرىپ قالغان ئىدى. ئۇلار بانانلارنى شېخىدىن ئۈزۈپ ئېلىپ، يېيىشكە تەرەددۇت قىلىۋىدى، قەيەردىندۇر تۇيۇقسىز پەيدا بولغان بىر نېگرو غەزەپ بىلەن ھۆركىرىدى. تىلماچ ئۇنىڭ گېپىنى ئۆرۈدى: ھېلىقى نېگرو: « سىلەرنىڭ بانان ئۈزۈش ھەققىڭلار يوق، پىگىملارلا بانان ئۈزۈشكە ھوقۇقلۇق» دېگەن گەپنى تەكرارلايتتى.

مەدەنىيەتلىك دۇنيا بىلەن ئۇچراشمىغان ئىپتىدائىي ئورمانلىقتىكى ئادەمنىڭ ئاغزىدىن «ھەق-ھوقۇق» دېگەن گەپنى ئاڭلاپ، ئالىم ھەيران قالدى، ئەپۇ سورىدى، ھەق تۆلىدى. ئاندىن ھېلىقى نېگرودىن: «نېمىشقا پىگىملارلا بانان ئۈزۈشكە ھوقۇقلۇق؟» دەپ سورىدى.

نېگرو مۇنداق بىر رىۋايەتنى سۆزلەپ بەردى: بۇرۇنقى زاماندا بىر پىگىم بىلەن بىر نېگرو بۇ ئورمانلىقنى كېزىپ يۈرۈپ، بانانلىققا كېلىپ قاپتۇ. ئۇلار بانان دېگەننى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن. سارغىيىپ پىشقان بانانلاردا زەھەر بار دەپ يېيىشكە پېتىنالماپتۇ. ھېيلىگەر نېگرو پېگىمنى باناننى يەپ تېتىپ بېقىشقا ئۈندەپتۇ. ئاقكۆڭۈل ۋە قورقماس پېگىم باناننى يەپ بېقىپتۇ، تەمى بەك ياخشىكەن دەپتۇ. نېگرو يەنىلا قورقۇپ يېمەپتۇ. كەچ بوپتۇ. گۇمانخور نېگرو بۇ پېگىم كېچىچە ئۆلۈپ قالىدىغان بولدى، دەپ ئويلاپتۇ. ئەتىسى ئەتىگەندە ئويغىنىپ قارىسا، ھېلىقى پېگىم ساپ-ساق تۇرغىدەك. نېگرو شۇندىلا بانان يېيىشكە جۈرئەت قىپتۇ. باناننىڭ تەمىنى تېتىپ قالغان نېگرو بانان كۆچىتى-بىخلىرىنى ئېلىپ قايتىپتۇ، پېگىم بولسا، پىشقان بانانلارنى ئېلىپ قايتىپتۇ. نېگرو بانان كۆچىتى-بىخلىرىنى پەرۋىش قىلىپ بانانلىق باغ بەرپا قىپتۇ. پېگىم ئېلىپ كەتكەن بانانلارنى يەرگە كۆمۈپ، ئۈنۈپ چىقىشنى كۈتۈپتۇ، ئۈنۈپ چىقماپتۇ، سېسىپ كېتىپتۇ.

بىر كۈنى پېگىم ھېلىقى نېگرونى ئىزدەپ بېرىپتۇ. ئۇنىڭ بانانلىق بېغىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ، مەن ئوۋچىلىقىمنى قىلسام بولىدىكەن، دەپ ئويلاپتۇ. قايتىدىغان چاغدا نېگروغا: بانانلارغا ياخشى قارا، مەن نېسىۋەمنى ئالغىلى كېلىمەن، دەپتۇ. نېگرو: نەدىكى نېسىۋەڭ، دەپ سوراپتۇ. پېگىم ھېچ تارتىنماستىن: باناننى يېيىشكە بولىدىغانلىقىنى مەن پېگىم ئەڭ ئاۋال بايقىغان، سەن نېگرو بانان يېيىشنى مەندىن-پېگىمدىن ئۈگەنگەن»، دەپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، نېگرولار پېگىملارنىڭ بايقاش ھوقۇقىنى-نېگرولارنىڭ بانانلىق باغلىرىدا پېگىنلارنىڭلا بانان ئۈزۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا بىلدۈرۈپ كەپتۇ.

ئالىم ئويلىدى: ھەق-ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش قانۇننىڭ ئاساسىي نىشانى ئىدى، لېكىن، بەزى مەدەنىيەتلىك ئادەملەر ئۇنى باشقىلارنى ئېزىش، قۇل قىلىش، جازالاشنىڭ قۇرالى قىلىۋاپتۇ.

گۇيجۇنىڭ تاغلىقلىرىدا گېلاۋ دەيدىغان بىر قەۋىم ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ مۇنداق بىر ئادىتى بار ئىكەن: ھەر يىلى كۈزدە يېقىن ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ، باشقا مىللەتتىن بولغان پۇقرالارنىڭ ئېتىز-باغلىرىدىن ئوخشىغان زىرائەت، مېۋە-چىۋىلەرنى خالىغانچە ئېلىپ كېتىپ، ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ روھىغا ئاتاپ نەزىر قىلىدىكەن. ئۇلار بۇ زىمىن ئەجداتلىرىمىز ئەلمىساقتىن بىرى ياشاپ كەلگەن زىمىن، بۇنداق قىلىشىمىز بۇ يەردىكى زىمىنغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىمىزنى نامايان قىلغانلىق دەپ قارايدىكەن. باشقىلار ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا ھەقلىق، دەپ قارايدىكەن، ئاغرىنمايدىكەن.

ئىندىئانلار قارلىق دالىدا  ئوقيا تەگكەن كىيىكنى ئۇچرىتىپ قالسا، ئىگىسىنى شۇ يەردە نەچچە سائەت، ھەتتا نەچچە كۈن ساقلاشقا رازى ئىكەنكى، ئۇ كىيىكنى ئېلىپ كىتىپ يەۋالمايدىكەن. كىيىكنى ئوۋلىغۇچى كەلگەندە، قائىدە بويىچە ئۆزىنىڭ نېسىۋىسىنى ئالىدىكەن.

بەزى قەبىلىلەردە مۇنداق ئادەت بارىكەن: باشقا قەبىلىلەرنىڭ ناخشا-ئۇسۇللىرى ياكى بىزەك بويۇملىرى ئۆزىگە يېقىپ قالسا، ئۇلارغا مال-چارۋا ياكى ئاشلىق-تۈلۈك بېرىپ، ئۇنى دوراپ ئوقۇش ياكى ياساش قا ئىجازەت قىلىشنى ئۆتۈنىدىكەن. قائىدىگە خىلاپلىق قىلغانلار جازاسىنى تارتىدىكەن. باراۋەرلىك ۋە ئادالەت بولغان ئەنە شۇنداق قائىدىلەر ئىنسانلارنىڭ دەسلەپكى قانۇنلىرىنىڭ ئۆرنەكلىرى بولغان بولۇشى مۇمكىن.

مانا بۇ-مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرمىگەن ئادەملەرنىڭ نەزىرىدىكى ھەق-ھوقۇق. نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى بىلەن پەخىرلىنىدىغان ئىنسانلاردىن ئۆزىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى چۈشىنىدىغان، ئۇنى جان تىكىپ قوغدايدىغان، ئۆزگىنىڭ ھەق-ھوقۇقىغا چېقىلىشنى نومۇس دەپ بىلىدىغانلار قانچىلىكتۇ؟ ھۆرلۈك، باراۋەرلىك، ئادالەت، ھەققانىيەتنى نىشان قىلماي، مەلۇم بىر گوروھنىڭ ئىمتىياز دەستىكى بولۇپ قالغان ئاتالمىش «قانۇن»لار ماھىيەتتە قانۇننىڭ نامىغا داغ تەككۈزىدۇ.

ئابلاجان تۇردى تەييارلىغان


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   noshirwan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 06:04 PM  


كۆرەش كەلگۈسى ئۈچۈندۇر،

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 17073
يازما سانى: 1364
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3491
تۆھپە نۇمۇرى: 297
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 08:44:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ماۋۇ تىمىنى  ئۇقۇپ  بىرقىسمىلا بۇلۇپ  قالدىما ...زادىلا  زامان   تەرەققى قىلغان  سىرى  كىشلەر  كىشلىك  ھۇقۇق  .مەدىنيەت  ساپا، ھالال  ھارام  ئېڭى  ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ  دىسە  

ئنسان ئۆزئۆمرىدىن ئۈكۈنمەيدىغان بولسۇن            ،ئىمان بىلەن ھايادىن ئايرىلغان ۋاقتىڭ تىرىك  تۇرۇپ ئۆلگەن ۋاقتىڭدۇر،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67489
يازما سانى: 1050
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4685
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 498 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2015-3-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 10:52:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆڭلۈمدە دىيەلمىگەن  گەپلىرىمنى  ناھايتى ئوبرازلىق ئىپادىلەپسىز ،  رەھمەت قىرىندىشىم . قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن !!

ئۆچمەس  ،

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1701 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:02:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى تىما بوپتۇ

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73321
يازما سانى: 4826
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18517
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 6083 سائەت
تىزىم: 2012-1-16
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 01:24:08 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەق-ھوقۇق ئىڭى موھىمنىڭ مۇھىمى،دۇنيادىكى بارلىق سۈنئى ئاپەتلەر مۇشۇ ھوقۇقنىڭ دەپسەندە قىلىنغانلىغىدىن،مۇشۇ ھوقۇقنى تونۇپ يەتمىگەنلىكتىن ۋە قەدىرلىمىگەنلىكتىن كىلىپ چىقىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توقماق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-21 01:24 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23812
يازما سانى: 171
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6555
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 520 سائەت
تىزىم: 2010-12-25
ئاخىرقى: 2012-7-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 11:36:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قىرىندىشىم . قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن !!
  

ئالامەت858

كۈيۈمچان مەلىكە

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5323
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9031
تۆھپە نۇمۇرى: 354
توردا: 1552 سائەت
تىزىم: 2010-8-1
ئاخىرقى: 2015-1-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 01:56:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دۇنيادىكى ئەڭ قىممەتلىك نەرسە: نۇقسانسىز ۋە خۇلۇقسىز ئايالنىڭ بولۇشى؛ئاياللاردىكى ئەڭ قىممەتلىك ئىككى خىسلەت: ياخشى - ياماننى پەرق ئىتىش ئۇسۇلى ۋە خىجىل بولۇشتۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75010
يازما سانى: 1918
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4710
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1476 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 02:03:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز.بىزمۇ بۇنىڭدىن بەزى نەرسىلەرنى ھىس قىلدۇق.ھەقىقەتەن باراۋەرلىك،نىسىۋە دىگەن شۇ جۈملىلەر بەزى جايلاردا كەلگۈندىلەرنىڭ مىنىڭ،بىزنىڭ دەيدىغان ئۇقۇم بوپ قالدىغۇ تاڭ.

ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئېللىتى خېسلەت بېلىنسە،ئۆزىڭىز يامان كۆرگەن ئادەمنىڭ خېسلىتى ئېللەت بېلىنىدۇ.

ئىزلار نەدە.......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 08:32:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاشۇ «مەدەنيەتسىز»لەرگە يەتمەيدىكەنمىز.......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 1240
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13432
تۆھپە نۇمۇرى: 353
توردا: 5932 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2015-3-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 02:15:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
غەرپ ئالىملىرىنىڭ قانچە قەدىمى بولسا شۇنچە مەدەنىيەتلىك بولىدۇ دىگەنلىرىنى چۇڭقۇر چۇشەنگەندەك بولدۇم.رەخمەت تىما ئىگىسى!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش