1.ئايال-يۇسۇن بويىچە بىر ئەرنىڭ تىرىكلىك ھەمراھى،ئىرىنىڭ ئۆيىگە ۋە ھويلىسىغا خوجا بولۇپ تۇرغۇچى ،ئىرىنىڭ كۆڭۈلسىز ۋە ھەسرەتلىك چاغلىرىدا ئۇنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرگۈچى،ھەر قانداق قىلىپ بولسۇن ئۇنى خۇشال قىلىشقا تىرىشقۇچىدۇر.
2.ئايال-ئىرىنىڭ مال مۈلكىنى ساقلىغۇچى،پۇلنى تىجەپ خىراجەت قىلىشقا تىرىشقۇچى،ئىرىنىڭ ،بالىلىرىنىڭ بەدەن ۋە كۆڭلىنى ئاسراپ ئۆستۈرگۇچى،ئىرىدە بولغان بۇزۇق ئادەت،بۇزۇق مىجەزنى تۈگۈتۈشكە سەۋەپ بولغۇچىدۇر.
3.ئايال-ئەرنىڭ قاتتىق كۆڭلىنى يۇمشاتقۇچى،ئائىلىنى بىرلەشتۈرۈپ،بۇزۇپ چىچىشتىن ساقلىنىپ،كەلگۈسى ئۈچۈن مال يىققۇچىدۇر .
4.ئايال –پات پات ئويناپ تۇرىدىغان قونچاق ئەمەس،بۈگۈنى كىيىپ ئەتىسى سالىدىغان كىيىم ئەمەس،ئايال خىزمەتكار ئەمەسكى –ياخشى ئىشلىسە ئۆيدە قىلىپ ،ياخشى ئىشلىمىسە قوغلىۋىتىدىغان ،بەلكى ئۇ ئەر ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ھەمراھتۇر .
5.ئايال –خادىم ئەمەس بەلكى ئائىلىدۇر ،چۈنكى ئەرلەر ئائىلىنىڭ رەئىسلىرى بولسا ئاياللار ئۇلارنىڭ تەۋەلىگىدە بولغان ئائىلە –يەنى ئۆينىڭ ئىگىسىدۇر .
6. ئايال- ئائىلىنىڭ ھەقىقى تۈۋرۈگىدۇر ،چۈنكى ئەرلەر مىجەز خۇلق ۋە تەربىيە جەھەتتە ئاياللاردىن باشقا ھىچكىمگە بويسۇنمايدۇ.تەربىيەلىك ئايال ئاتا ئانىسىنى ،ئىرىنى ۋە بالىسىنى ،پۈتۈن ئائىلىنىڭ تەرتىۋىنى ،ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان دوست بۇرادەر ،قۇلۇم قوشنىلىرىنى ياخشى تەربىيىسى ۋە ياخشى خۇلقى بىلەن مەمنۇن قىلىدۇ .
1.ئەر- يۇسۇن بويىچە ئايالنى ئۆزىگە ھەمراھ بولۇشقا قوبۇل قىلغۇچىدۇر ،ئاتا ئانىسىدىن ،ئۇرۇق تۇققانلىرىدىن ،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يىرىدىن ئايرىلىپ ،ئۆزىگە يار بولغان ئايالىنى ھۆرمەت قىلغۇچى ۋە تەربىيە قىلغۇچىدۇر.
2.ئەر –ئۆز ئايالىنى مۇشەققەت ،زىيان زەخمەتلەردىن ئاسرىغۇچى،ئايالنىڭ بىلىپ- بىلمەي قىلغان ئىشلىرىنى كەچۈرۈپ،ياخشى نەسىھەت قىلغۇچى ۋە ھەر ۋاقىت ئايالىنى شەپقەت قانىتى ئاستىغا ئىلىپ تەربىيە قىلىپ تۇرغۇچىدۇر .
3.ئەر –ئايالغا نىسبەتەن ھەر ۋاقىت ياخشىلىق قىلغۇچىدۇر،ئۇ ئايالنى كۈچى يەتمەيدىغان خىزمەتلەرنى بىجىرىشكە زورلىماسلىق ،ئايالىغا نىسبەتەن قاتتىق كۆڭۈل بولۇشتىن ۋە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندە ،قەيەرگە كەتكەنلىگىنى بىلمەسكە سىلىپ يۇرۇشتىن ساقلىنىش لازىم.
4.ئەر –ئۆزىنى خوجايىن بىلىپ ھەر ۋاقىت ئۆز مۇرادىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشماستىن ،بەلكى يۇسۇن ۋە ئەخلاققا خىلاپ بولمىغان ئەھۋالدا ئايالنىڭ ئارزۇ ئۈمۈتلىرىنى بىجا كەلتۈرىشى ،ئۆيدە بار يوق نەرسىلەر ھەققىدە ئايالىنى تەڭلىكتە قويماسلىقى كىرەك .
5.ئەرلەر-ئاياللارغا شەپقەتلىك ،مەرھەممەتلىك بولۇش بىلەن بىرگە ،ئۇلاردىن ئۆتكەن سەۋەنلىك ۋە خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلىش لازىمدۇر .ھەمدە ئايالىنىڭ ئىچكى تاشقى تەرەپلىرىنى يەنى كۆڭۇل خاراكتىرىنى تەربىيەلىشى ،قائىدىگە چۈشۈرۈشى ،ئوچۇق چىراي ۋە ئوچۇق سۆز بولۇش كىرەك .
6.ئەرلەر-ئۆز ئاياللىرىغا توق يىگۈزىشى ،ئىچكۈزىشى،ئۇلارغا جاپا ،زۇلۇم قىلماسلىقى لازىم .
مەنبە :قىز ئاياللارغا مەسلىھەت دىگەن كىتاپتىن ئىلىندى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kunbike تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-20 05:48 PM