مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 449|ئىنكاس: 7

ئۇستاز روزى ھاجى مۇھەممەدكە سوئال بارمۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32654
يازما سانى: 13
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1201
تۆھپە نۇمۇرى: 150
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-3-4
ئاخىرقى: 2012-5-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 05:17:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇندىن ئاي بۇرۇن، يەنى قۇتلۇق نورۇزدا ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئۆزىنىڭ «ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى» پىروگراممىسىنىڭ تۇنجى سانىنى كەڭ تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنغان ئىدى (تۇنجى ساننى بۇ جايدىن كۆرۈڭ).
مانا شۇ تاپتا «ئەلداۋا ساغلاملىق ئېكرانى» نىڭ 2-سانى سۈرەتكە ئېلىنىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بىز بۇ ساندا، ئۇيغۇر بۈگۈنكى زامان تېببىي خادىملىرىنىڭ پېشۋاسى ، مۆھتەرەم ئۇستاز دوختۇر روزى ھاجى مۇھەممىدى ئاكىمىز بىلەن يۈرەك كېسەللىكلىرى، شۇنداقلا تېببىي خادىملارنىڭ  ئەخلاق-ساپاسى، خەلق ئالدىدىكى بۇرىچلىرى، ئۇستازنىڭ تېببىي پەن ئۆگىنىۋاتقان ۋە بۇ ساھەگە ئەمدىلا كىرىشكەن بوغۇنلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرى ھەققىدە مۇڭداشماقچىمىز.

تورداشلار  مۇتەخەسسىس دوختۇر روزى ھاجى مۇھەممىدى ئاكىمىزدىن سورىماقچى بولغان يۈرەك كېسەللىكلىرى ۋە باشقا تېببىي ساھەگە ئائىت كەسپىي ۋە ئىجتىمائىي سوئاللىرىنى مۇشۇ تېمىدا ئىنكاس سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويسا، بىز بۇ سوئاللارنى رەتلەپ، سۆھبەت داۋامىدا مۇۋاپىق دەپ قارىغانلىرىمىزنى ئۇستازدىن سوراپ، تورداشلارغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگەيمىز!

دىققەت: سۆھبەت 22-ئاپرېل (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن سۈرەتكە ئېلىنماقچى. شۇڭا، سوئال سورىماقچى بولغانلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، سورىماقچى بولغانلىرىنى ئىنكاس قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئۇستاز دوختۇر روزى ھاجى مۇھەممەدنىڭ تەرجىمىھالى


شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانا ئىچكى بۆلۈم يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ مۇدىر ۋىراچى، پىروفېسسور، مەملىكەتلىك يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،ئىچكى كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى رۇزى ھاجى مۇھەممەد 1934-يىلى 12-ئايدا قەشقەردە تۇغۇلغان. 1956-دىن 1962-يىلغىچە شىنجاڭ تېببىي ئىنستىتۇتى (ھازىرقى شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى) داۋالاش فاكۇلتېتىدا ئوقۇپ، شۇ مەكتەپ قارمىقىدىكى 1-دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنغان.

ئۇ خىزمەتكە قاتناشقاندىن بېرى بىر تەرەپتىن داۋالاش بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئاسپىرانت تەربىيەلىگەن. «ئىچكى كېسەللىكلەردىكى جىددىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش»، «يۈرەك كېسەللىكلىرى»، «يۈرەك رىتىمسىزلىقىنى داۋالاش»، «يېزىلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى داۋالاش»، «رېماتىزم قىزىتمىسى ۋە رېماتىزم يۈرەك كېسەللىكى»، «يۈرەك كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان دورىلار»،«ياشانغانلاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر»، «سالامەتلىك ھەققىدە مەسلىھەت» قاتارلىق 12 پارچە كىتاب يېزىپ نەشر قىلدۇرغان.بۇنىڭدىن ئالدىنقى ئۈچ پارچىسى سەھىيە نازارىتىنىڭ 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. يۇقىرىقىلاردىن باشقا «جىددىي ئۆلۈم توغرىسىدا»، «تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىش كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش»، «يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» قاتارلىق يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە ئائىت 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلدۇرغان. بۇلاردىن «جىددىي ئۆلۈم توغرىسىدا» ناملىق ماقالىسى ئاپتونوم رايون بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە مەملىكەت بويىچە ئېچىلغان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى چاقىرغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىغا قاتناشقان. تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانىسى بويىچە سەككىز نەپەر داڭلىق مۇتەخەسسىس قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، «سەككىز چوڭ ئاتاقلىق دوختۇر» دېگەن نامغا ئېرىشكەن. ئۇ ھازىر گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمەن بولغۇچى شەخس، 20-نۆۋەتلىك سەھىيە ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى 1-دوختۇرخانا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى مەخسۇس مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى.

دىققەت: سۆھبەت 22-ئاپرېل (يەكشەنبە) چۈشتىن كېيىن سۈرەتكە ئېلىنماقچى. شۇڭا، سوئال سورىماقچى بولغانلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، سورىماقچى بولغانلىرىنى ئىنكاس قالدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەلداۋا ساغلاملىق تورى
2012-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈنى




يۈكسەل بلوگى http://www.yuksel.me/

ئانىنىڭ مىھرى-مۇ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 42883
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2594
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 4372 سائەت
تىزىم: 2011-6-2
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 08:30:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كىسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قان تومۇرغا  دىيەك سىلىشتىن باشقا ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلى بارمۇ يوقمۇ ؟

ئۆزۈڭ ئېرىشەلمەي، باشقىلار ئېرىشكەن نەرسىگە كۆز قىرىڭنى سالما!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4080
يازما سانى: 56
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5447
تۆھپە نۇمۇرى: 328
توردا: 2136 سائەت
تىزىم: 2010-7-16
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 09:39:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
40تىن ئاشقاندا نىمىلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىمىز؟

پــىــيــاز

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66157
يازما سانى: 592
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6158
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 903 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:51:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادام ئۇزاق يىللىق دىئابىت كىسىلى ھەم ئۇنىڭ ئەگەشمە نۇرغۇن كىسىلەللىرى بايقالدى ، يىقىندا بۆرەك ئىغىر دەرىجىدە زەئىپلىشىپ 4280 گە كەلدى ، ئەگەر 5000 مىڭغا كەلسە قان سۇزىمىز دەيدۇ . بۇنىڭغا ئامال بارمۇ ؟ اللە رەھمەت قىلسۇن !!

پىيازنىڭ پوستى كۆپ ، ئەخمەقنىڭ دوستى كۆپ !!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47380
يازما سانى: 131
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1773
تۆھپە نۇمۇرى: 399
توردا: 2276 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 01:00:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1. ياشانغانلاردىكى يۈرەك تۇيۇقسىز تەۋرەپ كىتىش نىمە سەۋەپتىن ؟  داۋاسى بارمۇ ؟
2.ياشانغانلاردىكى نەپەس يولى ياللۇغى (چىگويەن) نى ساقايتىشنىڭ ئامالى بارمۇ ؟
3.ياشانغانلارغا ئەمۋاي ، ئورفىلەم قاتارلىقلارنىڭ ئاقسىلىنى بەرسەك ، بۇنىڭ ئومومى بەدەننى قوۋۋەتلەشكە پايدىسى بارمۇ ؟

-شەرەپلىك ئىش قوش تىللىق بولۇش ،
ئانا تىلنى ئۇنتۇش جىنايەت !
ئانا تىلسىز ئەلنىڭ كەلگۈسى ،
مۇقەررەركى قىزىل قىيامەت !

رازىيە تورى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5530
يازما سانى: 70
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5415
تۆھپە نۇمۇرى: 313
توردا: 300 سائەت
تىزىم: 2010-8-3
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 07:11:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دادامنىڭ  يۈرەك  كىسىلى خېلىلا ئېغىر، دوختۇرلار  يۈرەككە كۆۋرۈك  سالىمىز دىدى. بۇخىل داۋالاشنىڭ  كىينكى سالامەتلىكىنىڭ ئەسلىگە كىلىشىدە  تەسىرلەر بارمۇ؟ بۇنى سالمىسا باشقا خىل داۋالاش ئۇسۇلى يوقمۇ؟

مۇڭلىنىپ ئويلاپ سىنى بولدۇم بۇ دەرتكە مۇبتىلا ، مۇبتىلالىق قىسمىتىگە بولماس ئامال ھەي، بوپتىلا. http://www.razeya.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79143
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1 سائەت
تىزىم: 2012-4-21
ئاخىرقى: 2012-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 10:31:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يوقۇرى قان بېسىملىق ياشانغانلار  قان بېسىم دورىسى يېيىش جەريانىدا كالتسى تولۇقلاش دارىسى ئىستىمال قىلسا بولامدۇ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15527
يازما سانى: 725
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9723
تۆھپە نۇمۇرى: 263
توردا: 5424 سائەت
تىزىم: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 02:17:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىنقى 20يىلدىن بېرىقى مۇشۇنداق ئېغىر كىسەللەرنىڭ كۆپىيىپ كىتىشىنىڭ سەۋەبى نىمىدو؟

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش