مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1638|ئىنكاس: 24

قۇرئان ئايەتلىردىن تەپسىرلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77105
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2012-3-8
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:32:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قۇرئان ئايەتلىردىن تەپسىرلەر



ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .   
مۇنبەرداشلارنىڭ شۇنچىلىك بولسىمۇ ھەقنى چۈشۈنىش مەخسىتىدە دىن باراسىدا ئۆز ئارا پىكىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇلاردىن كۆڭنىم بەكلا سۈيۈنىپ كەتتى . ئۈمۈتۋارمىزكى بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بىزگە چۈقۈم كۆپ ئەجىر ئاتا قىلىدۇ . ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن مۇنبەداشلىرىم بىلەن ئۆز ئارا پىكىر تەپەككۇر قىلىشىپ ، ھەق باراسىدا بىر ئاز بولسىمۇ چۈشەنجە ھاسىل قىلىشارمىزمىكىن دىگەن مەخسەتتە ؛تۈۋەندە -   
سۈرە فاتىھە بىلەن سۈرە ئىخلاسنىڭ تەپسىرنى (يەنى مەزمۇنىنى ) ئاللاھ نىڭ ماڭا بەرگەن كاتتا رەھمىتى بىلەن چۈشەنگەنلىرىم بۇيۇنچە ئاددىى قىسقىغىنا قىلىپ ، سەمىڭلارغا سۇنماقچى بۇلىۋاتىمەن . مالال كۆرمەي پىكىر قىلىپ كۆرگەيسىلەر . بۇ ئىككى سۈرۈنىڭ ھەر بىر ئايەتلىرنى بىر- بىرلەپ تەپسىلى تەپسىر قىلغىلى تۇرساق ئۇنى يېزىپ تۈگەتكۈسىز ئىش بۇپ كىتىدۇ . ھەم ئاللاھ نىڭ مۆجىزلىرنى ، سۈپەتلىرنى تەپسىلى بايان قىلىشقا بىز ئىنسانلارنىڭ بۇ قىسقا ئەقلىمىز يىتىشەلمەيدۇ .  
شۇنداق بولسىمۇ ھەقنى . ئاللاھ نىڭ ماڭا بۈلدۈرشى بىلەن ھاسىل قىلغان ئازغىنا ھەق باراسىدىكى چۈشەنجەمگە تاينىپ ، بۇ ئىككى سۈرنىڭ ھەربىر ئايەتلىرنى ئاددىى قىسقىغىنا تەپسىر قىلىپ پىكىر قىلىپ كۆرۈشىڭلارغا سۇنۇلدى .   
سۈرە فاتىھە 7 ئايەت بۇلۇپ .

1-ئايىتى : ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن .  
بۇنىڭ مەزمۇنى - ئاللاھ بەندىلىرگە تۇلىما شەپقەتلىكتۇر (يەنى ئاللاھ شەپقەتلىك بولغاچقىلا پۈتكۈل مەخلۇقاتلارغا رىسىق بىرىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان . دىمەك ئاللاھ نىڭ رەھىم شەپقىتى (مەيل `ئۇ ئىنسان كاپىر بولسۇن ۋە ياكى مۇسۇلمان بولسۇن ، ئۇنىڭدىن باشقا پۈتكۈل جانىۋارلار بولسۇن)ھەممىگە ئورتاقتۇر . دىمەك ئاللاھ ! بەندىلىرگە شەپقەتلىك بولغاچقىلا ئاللاھ دىگەنگىغۇ شەپقەت قىلىپ ئەلبەتتە رىسىق بىرىدۇ . ھەتتا ئۆزىدىن يۈز ئۆرىگەن كاپىر ،مۇناپىق ، مۇشىرىكلارغىمۇ رېسىق بىرىۋاتمامدۇ . يەنى ئاللاھ بەندىلىرگە بەكمۇ مېھرىباندۇركى ، بىرمۇ بەندىلىرنىڭ كاپىر بۇلۇپ كىتىشىگە ھەرگىز رازى ئەمەستۇر . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بەندىلىرگە مىھرىبانلىق قىلىپ ، ئىنسانلارنىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك نىجاتلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭدىن ۋەز نەسىيئەت ئېلىپ ، توغۇرا يولدا بولسۇن ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى (يەنى ھەقنى ) بىزگە رەھمەت  قىلىپ بەردى . دىمەك بەندىلىرگە مېھرىبانلىقىدىن ھەقنى بىلىۋالسۇن دەپ ئۆز ئىزنى بىلەن قۇرئان كەرىمنى ھەر ئىنساننىڭ ئۆزىنىڭ تىلىغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ بەردى . شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەرقانداق ياخشى ئىشنى باشلاشتا بىزگە شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان بولغان، شۇ ياراتقۇچىمىزنىڭ نامى بىلەن باشلايمىز .

2- ئايىتى : جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھغا خاستۇر . بۇنىڭ مەزمۇنى - ئاللاھ غا ئاسماندىكى پەرىشتەلەر ، زىمىندىكى جانلىق ۋە جانسىز بولغان پۈتكۈل شەھىيلەرنىڭ ھەممىسى (يەنى دەرەخنىڭ سايىلىردىن تارتىپ - قۇت قۇڭغۇز ، پاششا كۇمۇتقىچە )شەپقەتچىسى بولغان ئاللاھ نى مەدىھلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭغا كىچە -كۈندۈز ھەمدۇ سانالارنى ئېيتىپ تۇرىدۇ . مانا مۇشۇنداق ھەمدۇ سانالارنىڭ ھەممىسى يالغۇز ئاللاھ غىلا خستۇر .
3-ئايىتى : ئاللاھ ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىباندۇر . <
ئاللاھ نىڭ بەندىلىرگە بولغان رەھىم شەپقىتىنى شۇنىڭدىن كۆرۋالالايمىزكى ؛ ئاللاھ بەندىلىرگە شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان بولغاچقىلا پۈتكۈل كائىناتنى ، كائىناتتىكى جىمى جانلىق ۋە جانسىز بولغان مەخلۇقاتلىرنى بىز ئىنسانلار ئۈچۈن پايدىلىق قىلىپ يارىتىپ بەردى . دىمەك بەندىلىرگە مىھرىبان بولغاچقىلا بەندىلىرى گۇناھ قىلسا ئۇلارنى شۇ زامات جازالىماستىن ئۇلارغا مۆھلەت بىرىپ ، ھەقنى (يەنى قۇرئاننى )نازىل قىلىپ ، شۇنداقلا ھەققە دەۋەت قىلغۇچى پەيغەمبەرلىرنى ئىۋەرتىش ئارلىقىق ئازغۇن بەندىلىرنى كۇپىرنىڭ قاراڭغۇلىقىدىن ئىماننىڭ يۇرۇقلىقىغا چىقىرۋاتمامدۇ ؟ . ئەگەردە بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ يۈرمەستىن گۇناھلارغا چۆمگەن زامان جازالىغىلى تۇرغان بولسىيتتى بىز ئىنسانلار بالا قازالاردىن ھېچ باش ئالالماس ئىدۇق . دىمەك ئۇنداق جازالىماستىن ،تەۋبىگە پۇرسەت بەرگەنلىكى ، گۇناھلىرىمىزنى تۇنۇپ ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلساق دۇئالىرىمىزنى ئىجاۋەت قىلغانلىقى (يەنى گۇناھلىرىمىزنىڭ مەغپىرىتى ئۈچۈن قىلغان دۇئالىرىمىزنى ) قۇبۇل قىلغانلىقى، مانا بۇلار ياراتقۇچىمىزنىڭ بەندىلىرگە بولغان رەھىم شەپقىتى ۋە مېھرىبانلىقىدىندۇر .

4-ئايىتى : قىيامەت كۈننىڭ ئىگىسىدۇر .   
دىمەك ئاللاھ قىيامەت كۈننىڭ ئىگىسىدۇركى ؛ ھەممىمىز ھامان بىر كۈنى يىساپ بىرىش ئۈچۈن شۇ ئاللاھ نىڭ دەرگاھىغا قايتۇرلىمىز . ئەمما ئىنسانلارنىڭ تۇلىسى ئاللاھ نىڭ ئىگەدارچىلىقىدىكى بۇ بۈيۈك كۈندىن غەپلەتتەتۇر . ياكى ئىنسانلار ھايۋانلارغا ئوخشاش سۇراق -سۇئال قىلىنمايمىز دەمدا ؟ ھەرگىز ئۇنداق بولمايدۇ . چۈنكى ئاللاھ ! يارىتىشتا ھايۋانلارنى ئەقىلسىز يارىتىپ، ئۇنداق ئەقىلسىز ھايۋانلاردىن يىساپ ئالمىغىنى بىلەن بىزدەك ئەقىللىق ھايۋانلاردىن يىساپ ئالماي قالمايدۇ. دىمەك ئۇ كۈندە پەرىشتەلەردىن ، پەيغەمبەرلەردىن ، شەھىتلەردىن ئىبارەت ئاللاھ نىڭ دوسلىرىغا قۇرقۇنۇچ بولمىغىنى بىلەن . ئاللاھ نىڭ دوسلىردىن باشقىلارنىڭ ھەممىسىنى قورقۇنۇچ باسماي قالمايدۇ .ئاللاھ ! مانا مۇشۇ ئىنسانلارنى قورقۇنۇچ باسىدىغان قىيامەت كۈننىڭ ئەگىسىدۇر .

5-ئايىتى : (رەببىمىز )ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز ۋە سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز . ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز دىگىنىمىز : يەنى ئىبادەت قىلىش دىگەنلىك - قورقۇش ، چۇڭ بىلىپ ئۇلۇغلاش ، بوي سۇنۇپ ئىتائەت قىلىش (يەنى بۇيرىغان ئەمىر پەرمانلىرغا ) ئىخلاسمەنلىك بىلەن رايە قىلىش ، دۇئا قىلىش .......قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بۇلۇپ . مانا مۇشۇ ئىبادەتلىرىمىزنى يالغۇز بىر ئاللاھ غىلا قىلىشتۇر . دىمەك مانا مۇشۇ ئىبادەتلىرىمىزگە ھېچ بىر مەخلۇقاتلارنى شىرىك قىلىۋالماستىنلا ئىبادەتلىرىمىزنى يالغۇز ئاللاھ غىلا قىلىش. شۇنداقلا ئىبادەتلىرىمىزدە ئاللاھ غا شىرىك قىلىۋالىدىغان بارلىق بىتئەت ئىتىقاتلىرىمىزنى تاشلاپ. ئىبادەتكە لايىق ئاللاھ دىن ئۆزگە ھېچ قانداق مەبۇد بەرھەقنىڭ يوقلىقىغا ئىمان كەلدۈرۈشتىن ئىبارەت ئىبادەتلىرىمىزنى يالغۇز ئاللاھ غىلا قىلىشتۇر .
يەنى رەببىمىز سەندىنلا ياردەم تىلەيمىز .دىمەك ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ياردەمنى پەقەت يالغۇز ئاللاھ دىنلا تىلەيمىز . دىمەك ئاللاھ نىڭ تەقۋادار مۆمىنلەر بارلىق ئىشلىرىدا يالغۇز ئاللاھ غىلا تەۋەككۇل قىلسۇن دىگەن تەۋسىيسىگە ئاساسەن ؛ بىز ھەرقانداق ئىشتا ياردەمنى پەقەت يالغۇز ئاللاھ دىنلا تىلەيمىز .مەسىلەن : ئەڭ ئاددىيسى بىر ئىشقا ھاجەتمەن بۇلۇپ تۇرغۇنىمىزدا ياردەمنى مەخلۇقاتلاردىن (يەنى مال دۇنيادىن ۋە ياكى ئىنسانلاردىن ) تىلىمەستىن يالغۇز ئاللاھ دىنلا تىلەيمىز . دىمەك مۇشىرىكلار جاھاننىڭ ئىشلىرىغا ئارىغا داللال سالغىنى بىلەن ، تەقۋادار مۆمىنلەر بارلىق ئىشلىرىدا يالغۇز ئاللاھ غىلا تەۋەككۇل قىلىدۇ . ياردەمنى پەقەت يالغۇز ئاللاھ دىنلا سۇرايدۇ. دىمەك مۆمىنلەر مەيلى قانداقلا ئىشقا دۇچ كەلسۇن ياردەمدە مەخلۇقاتلارنى ئاللاھ غا شىرىك قىلىۋالمايدۇ . مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلار ياردەمنى ئاللاھ دىنلا تىلىگەنلىك بۇلۇپ . بۇنداق سۈپەتلەرگە پەقەت يالغۇز ئاللاھ غىلا تەقۋادارلىق قىلىپ ، ئاللاھ غا ھەقىيقى رەۋېشتە  
ئىمان كەلدۈرگەن ، ئىمانغا كۇفۇرلىقنى ئارلاشتۇرۋالمىغانلارلا ئىگە بۇلالايدۇ . دىمەك ھەققە باتىلنى ئارلاشتۇرۋالمىغانلارلا ئىرىشەلەيدۇ .

6-ئايەت : بىزنى توغۇرا يولغا باشلىغىن . دىمەك پەزىل ئىگىسى قۇرئان ياكى ئىنسان بولماستىن بەلكى يالغۇز ئاللاھ دۇركى ئىنساننى توغۇرا يولغا باشلاش يالغۇز ئاللاھ نىڭلا قۇلىدىن كىلىدۇ . دىمەك ھەر ئىنسان قۇرئاننىڭ مەنىسنى 
چۈشۈنىپ ئۇقۇپ ، ئۇنىڭ ھەقىيقىتىگە يىتىپ ، قۇرئان بىلەن ئەمەل قىلماستىن ، قۇرئاننى ئۇقۇپلا قۇيۇش ۋە ياكى بىرەر ئىنساننى ئۇستاز قىلىۋېلىش بىلەن ئۆزىگە توغۇرا يول تاپالمايدۇ . چۈنكى   
ئاللاھ ئۆزىنىڭ توغۇرا يولىغا پەقەت ئۆزىنىڭ قانۇن پىرىنسىپلىردىن (يەنى قۇرئان كەرىمدىن )ھالقىپ كەتمىگەن ئىنسانلارنىلا باشلايدۇ . شۇڭلاشقا ئاللاھ نىڭ توغۇرا يۇلىدا بۇلۇشىمىز ئۈچۈن ساھەلىرىمىزنىڭ ھەر بىر ساھەلىرگە قۇرئاننى قانۇن قىلىپ ماڭغانلارنىلا ئاللاھ ئۆزىنىڭ توغۇرا يۇلىغا ئۆزى يىتەكلەيدۇ . شۇنداق قىلىپ ياخشى سۈپەتلەرگە ئىگە بۇلۇش بىلەن بىرگە شۇنداق توغۇرا يولغا  
باشلاشنى پەقەت يالغۇز ئاللاھدىنلا تىلەيمىز .

7-ئايىتى : غەزىپىڭگە يۇلاققانلارنىڭ ۋە ئازغانلارنىڭ يۇلىغا ئەمەس ، سەن ئىنئام قىلغانلارنىڭ يۇلىغا ( باشلىغىن ) . ئاللاھنىڭ غەزىپىگە يۇلۇقۇدىغانلار ، ياراتقۇچىسىدىن غەپلەتتە قالغانلار بۇلۇپ . ئاللاھنىڭ غەزىپى پەقەت ياراتقۇچىسىدىن غەپلەتتە قېلىپ ، ئۇنىڭ قانۇن پىرىنسىپلىردىن ھالقىپ كەتكەن ئاسى گۇناھكارلارغىلا مەنسۇپتۇركى؛ ئىنسان ئىماندىن يۈز ئۆرىپ ، ھەقنى ئىنكار قىلىپ كۇفۇردا ئەزىۋەيلىمىگۈچە پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان ئاللاھ نىڭ رەھمىتى غەزەپكە ئۆزگەرمەيدۇ . دىمەك ئىنسان /ئۆز قىلمىشى تۈپەيلى ئاللاھ نىڭ غەزىپىگە يۇلۇقىدۇ . ئاللاھ نىڭ غەزىپىگە يۇلاققان ۋە ئاللاھ ئازدۇرغانلارغا ؛ ئۇلارغا ياردەم قىلىش بىلەن ئاللاھدىن ئۆزگە ، بۇ غەزەپتىن ھېچ تۇسۇپ قالغۇچى بولمايدۇ . ئاللاھ توغۇرا يولغا سالغانلارنى توغۇرا يولدىن ھېچ بۇرىۋەتكۈچى بولمايدۇ . ئاللاھ ئازدۇرغان يەنى ھىدايەتتىن بۇرىۋەتكەنلەرنى ئاللاھ دىن ئۆزگە ھېچ توغۇرا يولغا سالغۇچى يوقتۇر . _شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ نىڭ رەھمىتىنى ئۈمۈد قىلىپ توغۇرا يولدا بولغان ھالدا ؛ ئاللاھ دىن غەزىپىگە يۇلاققان ۋە ئازغانلارنىڭ يۇلىغا ئەمەس ئۆزى ئىنئام قىلغانلارنىڭ يۇلىغا يىتەكلەشنى . شۇنداقلا بۇ دۇنيادا ئىماندىن ئىبارەت بۇ مول بايلىققا ئىرىشش ئۈچۈن ئاخىرەتتە جەننەتتىن ئىبارەت كاتتا ئىنئامغا ئىرىشىش ئۈچۈن ، دۇئالىرىمىز ئىجاۋەت بولغۇدەك ھالغا كىلىپ ، دۇئالىرىمىزنى يالغۇز ئاللاھ غىلا قارتىپ ، ئۆزىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىز دۇئا قىلايلى . چۈنكى ئىبادەت دىگەننى بىراۋ ئۈچۈن بىراۋ  قىپ قۇيدىغان نەرسە ئەمەس . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ بىلەن ئۆزىمىز ئوتتۇرسىغا ئىنسانلارنى ئارىغا سالماستىن دۇئالىرىمىزنى ئۆزۈمىز ئۈچۈن ئۆزىمىز قىلايلى .  
ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن تەپسىرىمىزنىڭ داۋامىنى داۋاملاشتۇرايلى .   
؛ سۈرە ئىخلاس 4 ئايەت بۇلۇپ ، ئۇنىڭ قىسقىچە تەپسىرى : 1-ئايەت-(ئى مۇھەممەد ! )ئېيتقىنكى ، ئۇ -ئاللاھ بىردۇر . دىمەك ئاللاھ ! ئۆزىنىڭ بىرلىكىنى ئەلچىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئارقىلىق بەندىلىرگە يەتكۈزۈشنى تەۋسىيە قىلغان ؛ شۇنىڭ بىلەن پەيغەمبىرىمىزمۇ بارلىق ئۈممەتلىرىنى شۇ ئاللاھ نىڭ  
بىرلىكىگە(يەنى قورقۇش ، چوڭ بىلىش ، ئۇلۇغلاش ، ياخشى كۆرۈش ، ئىتائەت قىلىش ، ياردەم سۇراپ ئىلتىجا قىلىشقا ئوخشاش بارلىق ئىبادەتلىرنىڭ ھەمىسىگە) يالغۇز ئاللاھ دىن باشقا ھېچقانداق مەبۇد بەرھەقنىڭ يوقلىقىغا چاقىرغان .

2-ئايىتى - ھەممە ئاللاھ غا مۇھتاچدۇر . '
يەنى شەك شۆبھىسىزكى، ھەممە ئاسمان ،زىمىننى ئۇلارنىڭ ئارىستىكى پۈتكۈل شەھىيلەرنى ياراتقان ، ئۇلارنىڭ تەسەرۇپىمۇ ئۆز ئىلگىدە بولغان ، دىمەك كائىناتتىكى پۈتكۈل پادىشاھلارنىڭ پادىشاھى  
بولغان زاتقا مۇھتاچ بولماي تۇرالامدۇ ؟ دىمەك ئاللاھ ! مەخلۇقاتلاردىن بىر ھاجەتتۇركى ؛ جىمى مەخلۇقاتلار ئاللاھ غا مۇھتاجتۇر . مانا بۇ قىل سىغمايدىغان ھەقىيقەتلەرنىڭ بىرىدۇر . 3-ئايەت-ئاللاھ بالا تاپقانمۇ ئەمەس ، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس ، )
يەنى كاپىرلارنىڭ تەسۈرلىگىنىدەكلا ؛ ئاللاھ تۇغۇلغانمۇ ئەمەس ، بالا تاپقانمۇ ئەمەس . دىمەك ئاللاھ ئاسمان ، زىمىننى ئۇلارنىڭ ئارىستىكى جىمى شەئىىيلەرنى (يەنى جانلىق ۋە جانسىز بولغان   
پۈتكۈل مەخلۇقاتلارنى) ئۆز ھېكمىتى بىلەن ئۆزىگە مۇناسىپ شەكىلدە ياراتقۇچىدۇر . 4-ئايىتى -ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بۇلالمايدۇ . توغۇرا ! ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بۇلالمايدۇ . دىمەك ھېچ نەرسىنى يارىتالمايدىغان (يەنى ئۆزىنىڭ بەدىندىكى ھۆجەرىلەردىن بولسىمۇ كىچىككىنا بىر ھۆجەرىنى يارىتىشقا قادىر بۇلالمايدىغان )  
ئەمما ئاللاھ تەرىپىدىن ئۆزلىرى يارىتىلغان مەخلۇق قانداققىسىغا ياراتقۇچىسىغا تەڭداش بۇلالىغۇدەك ؟ بۇنداق بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس . شۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھ غا ھېچ كىشى تەڭداش بۇلالمايدۇ   
دەيمىز . 

ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار ! ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن ؛ ھەقنى ئاللاھ نىڭ ماڭا بىلدۈرگەنلىرى بۇيىنچە سۈرە فاتىھە ، سۈرە ئىخلاسنىڭ تەپسىرنى ئاددى قىسقىغىنا قىلىپ ، پىكىر قىلىپ كۆرىشىڭلار ئۈچۈن سەمىڭلارغا سۇنىلدى . مالال كۆرمەي پىكىر تەپەككۇر قىلىپ كۆرگەيسىلەر .                                                        
                                      مەنبە : قۇرئان كەرىم .   



ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
OMAR0998 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك
ZaRRin + 50
wahxi + 10
خوراز + 300

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 460   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:39:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم جاپا چىكىپسىز مۇشۇنداق تىمىلارنى ئۈزمەي يوللاپ تۇرارسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 403 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:40:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنچى بوپ ئىنكاس يېزىۋاپتىمەن بەك خۇشال بولدۇم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 508
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 04:33:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   رەھمەت  ئاللاھ سىزگە بەخىت _سائادەت، تىنىچ_ئامانلىق، تۇرمۇشىڭىزغا خاتىرجەملىك ئاتا قىلسۇن. ھەدە

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77105
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1293
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 259 سائەت
تىزىم: 2012-3-8
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 04:37:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oyhanogul يوللىغان ۋاقتى  2012-4-20 04:33 PM
رەھمەت  ئاللاھ سىزگە بەخىت _سائادەت، تىنىچ_ئامانلىق،  ...

سىزگىمۇ رەھمەت  .

ئاللاھ  سىزگىمۇ  بەخىت  ئاتا قىلسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78314
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 99
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-4-2
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 04:41:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەجرىڭىزگە كۆپتىن كۆپ ھەشقاللا. دىنمىزغا مۇناسۋەتلىك پەندى نەسىھەت خارەكتىرلىك تەپسىرلەردىن ئايىماي يوللىغايسىز .ئاللا ئەجرىڭىزنى يەردە قويمىغاي.

كىيىم-كېچەككە بىرىلمەڭ.يالڭاچ كەلدىڭىز،يالڭاچ كېتسىز.
پىسخىقلىق قىلماڭ،مىليۇن يىغسىڭىزمۇ بىر تىيىن ئېلىپ كېتەلمەيسىز.
ماددى دۇنيادىن ھېچنىمىگە ئىگە بولالمايسىز،پەقەت ۋە پەقەت ياخشى نامنىلا قالدۇرالايسىز ۋە ئېلىپ كېتەلەيسىز.
چېھرىمىزدە تەبەسسۇم كۆڭلىمىزدە ئىنساپ،باشق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 304
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2141
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2003 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 05:25:01 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، ئابايا ئەتە قىيامەت دەپ بىر تېما كۆرگەنتىم ، يېرىمىنى  ئوقۇپ بولۇپ بىردەمدىن كېيىن قارىسام تاپالمىدىمغۇ  ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 68572
يازما سانى: 174
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 784
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 416 سائەت
تىزىم: 2011-12-5
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 05:48:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئەجىرىڭزنى بەرسۇن قىرندىشم،ئاللانىڭ رەھمتى ۋە شەپقتى سزگە ۋە پۈتكۈل مۇسۇلمان قىرنداشلارغا بۇلسۇن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77372
يازما سانى: 80
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 304
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 13 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 05:56:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 489
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3775
تۆھپە نۇمۇرى: 305
توردا: 1501 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 05:59:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
blueleaf يوللىغان ۋاقتى  2012-4-20 05:25 PM
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ، ئابايا ئەتە قىيامەت دەپ بىر تېم ...

مەنمۇ ئۇقۇپ ئىنكاس يېزىپ يوللىسام  بۇ تىيما تاقالغان دەيدۇ.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش