يەتتە مۇئەللىم ۋە توت ئوقۇغۇچى
شۇ لىشىن
ۋىيستانا بىرازىلىيەنىڭ 200دىن ئارتۇق نوپوسى بار بىر تاغلىق كەنتى. كەنت ئىچىدە بىر باشلانغۇچ مەكتەپ بار. ئۆتكەن ئون نەچچە يىلدا كەنتىكى بالىلارنىڭ ھەممىسى ۋىيسىتانا باشلانغۇچ مەكتىۋىدە بىرىنچى يىللىقىتىن ئالتىنىچى يىللىقىچە بولغان باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپنى قوبول قىلاتتى.
بىراق، يىقىنىقى يىللاردىن بىرى بىرازىلىيەنىڭ شەھەر بازارلاشتۇرۇش مۇساپىسىنىڭ تىزلىشىگە ئەگىشىپ،نۇرغۇنلىغان ۋىيستانا ئاھالىسى يۇرتىدىن ئايرىلىپ شەھەرگە كىرىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ باللىرىنى شەھەردە ئوقوتتى. بۇنىڭ بىلەن ۋىيستانا باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ ئوقوغۇچى مەنبەسى تىز سۈرئەتتە ئازىىپ كەتتى.
2010 -يىلىنىڭ ئالدىنقى يىرىم يىلىدا، بۇ مەكتەپتە 40نەچچە ئوقوغۇچى قىپقالدى. ئالتىنىچى يىللىقتا ئاران توت نەپەر ئوقۇغىلا قىپقالدى. بۇ ئەھۋال ناھىتى تىزلىكتە شۇ يەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ دىقققىتى تارتتى. «قايتا-قايتا ئويلىنىش» ئارقىلىق، ۋىيستانا باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ 6-يىللىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۈۋىتىپ ، بۇ توت نەپەر ئوقوغۇچىنى 10نەچچە كىلۇمىتىر يىراقلىقتىكى ئىنزىبۇنىڭ مەركىزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە قوشىۋىتىشنى قارار قىلدى. ئىلگىرىكى 6-يىللىق ئەدەبىيات، ماتىماتىكا، تەبىئەت، مۇزىكا ۋە گۈزەل- سەنئەت، تەنتەربىيە، ئىدىيە- ئەخلاق دەرسى ئۆتىدىغان يەتتە نەپەر مۇئەللىمىنى باشقا مەكتەپلەرگە تەڭشىۋەتمەكچى بولدى. مائارىپ ئىدارىسى مۇشۇنداق قىلغاندا بايلىقىنى مۇئاپىق تەقىسملىگىلى بولىدىغاندەك ھىس قىلدى.
ئىنزىبۇ مەركىزى باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ ئوقوتۇش شارائىتى ۋىيستانا باشلانغۇچ مەكتىۋىگە قارىغاندا كۆپ ياخشى ئىدى. مۇنداقچە ئىتقاندا بۇ توت نەپەر ئوقوغۇچى ئۆزىنى بەختىلىك ھىس قىلىشى كىرەك ئىدى. بىراق ئەمەلىيەت ئۇنداق بولمىدى. بۇ توت نەپەر ئوقوغۇچىنىڭ ئاتا- ئانىسى بالىلىرىنىڭ باشقا مەكتەپتە يوتكىگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن قەتئىي قوشولمىدى. ئۇلار مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنى ئىزدەپ تاپقاندىن كىيىن ۋىيستانا باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ 6-يىللىقىنى قوشىۋىتىشكە بولمايدىغانلىقىنى، يىڭى مەكتەپ يىراق، ئۈنىڭ ئۈستىگە يوللىرى ئوڭغۇل دوڭغۇل،تىل يار ھەم خەتەرلىك، بالىلار ئۇ يەردە ئوقوسا ۋاقىت ئىسراپچىلىقى ھەم قولايسىزلىق ئىلىپ كىلىدىغانلىقىنى ئىتتى.
مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئاڭلىغاندىن كىيىن، مىيقىدا كۈلۈپ مۇنداق دىدى:«بىز ھەركۈنى مەخسۇس ماشىنا ئورونلاشتۇرۇپ، ئوقوغۇچىلارنى ئاپىرىپ قويىمىز، بۇ پۇتۇنلەي ھەقسىز بولىدۇ»
ئويلىمغان يەردىن بىر ئائىلە باشلىقى رەددىيە بىرىپ مۇنداق دىدى:« بىز باللىرىمىزنى خەتەر ئۈستىگە تاشلاپ قويوشنى پەقەتلا چۈشىنەلمەيمىز. مەكتەپ ماشىنىسى ۋە مەكتەپ ماشىنىسىنىڭ شوپورىنى تىخىمۇ بىلمەيمىز. ئۇ يول ئەگرى بۇگرى، جىلغىلىق، شىغىللىق يول. تار يىرى ئىككى مىتىردىن سەل كۆپرەك، تىكىلىكى 60گىرادۇستىن ئاشىدۇ. يەنە تىخى ئەگرى-بۇگرى، ناچار ھاۋارايى بولغاندا خەتەر ئۈستىگە خەتەر قوشۇلىدۇ. كىممۇ مەكتەپ ماشىنىسدا يول يۈرگەندا قاتناش ۋەقەسى چىقايدۇ دەپ كاپالەت بىرەلەيدۇ.»
«بۇ بالىلىرىمىزنىڭ بىر كۈنلۈك دەرسى ئۈلۈم بىلەن كۆرۈم ئارىسدا يۇرگەن بىلەن باراۋەر»دىدى يەنە بىر ئائىلە باشلىقى قوشومچە قىلىپ.
ئىدارە باشلىقى توختىماي بىشىنى لىڭشىتىپ، «بىزنىڭ شوپورنىڭ سەۋىيسى يۇقىرى، چاتاق چىقايدۇ»
«بىز ئىشەنمەيمىز، ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بالىسىنى مۇشۇ مەكتەپنىڭ ماشىنىسىدا ئولتۇرۇشقا جۇرئەت قىلالامسىز؟».
ئىدارە باشلىقى بىردەم ئۈندىمىدى.بىردەمدىن كىيىن، مۇنداق دىدى:«ئۇلارنى مەكتەپتە ياتقۇزۇپ ئوقوتايلى».
«مەكتەپتە يىتىپ ئوقوسا، شەك شۈبھىسىزكى بالىلار ئائىلە تەربىيسى ۋە مىھرى- مۇھەببەتتىن مەھرۇم قالىدۇ. ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يتىلىشىگە پايدىسىز. بىز قوشولمايمىز.»
ئاخىرىدا بۇ توت نەپەر ئائىلە باشلىقى ئەگەر مائارىپ ئىدارىسى مەجبۇرى ھالدا 6-يىللىقنى قوشىۋەتسە، بىز مائارىپ ئىدارىسىنى بىزازىلىيە دۆلەتلىك مائارىپ كومىتىتىغا ئەرز قىلىمىز. بۇنداق بولىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز دەپ ئىپادە بىلدۇردى.
ئەڭ ئاخىرىدا ۋىيستانا باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ 6-يىللىقى ساقلاپ قىلىنىدى. بىراق، ئوقوتقۇچىلار بايلىقىنىڭ ئىسراپ بولوپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، دەرس ئوقوتقۇچسىنىڭ ئوقوغۇچىلاردىن «كۆپ بولوپ كىتىش» تەك ئەھۋالىغا خاتىمە بىرىش ئۈچۈن، مائارىپ ئىدارسىنىڭ باشلىقى يەتتە نەپەر مۇئەللىمدىن بەش نەپىرىنى ئىلىپ كەتمەكچى بولوپ، قىپقالغان ئىككى مۇئەللىمنى بۇ توت نەپەر ئوقوغۇچىنىڭ ئەدەبىيات ۋە ماتىماتىكا ئىككى ئاساسلىق دەرسىنى بىرىشكە قالدۇرۇشنى قارار قىلدى.
توت نەپەر ئائىلە باشلىقى يەنە قارشى چىقتى. ئۇلار يەتتە خىل دەرسلىك بالىلار چوقوم ئوقوشقا تىگىشلىك دەرسلىك، مائارىپ ئىدارىسى يەتتە خىل دەرسلىكنىڭ ھەر قاندىقىنى مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن قالدۇرۇۋىتىش ھوقوقى يوق.
ئاقىۋەتتە ئائىلە باشلىقىلىرى غەلبە قىلدى. بىراق يەتتە نەپەر ئوقوتقۇچى توت نەپەر ئوقوغۇچىنى ئوقوتىدىغان ھەقىقى ئەھۋال ۋىيستىنا باشلانغۇچ مەكتىۋىدە مەۋجۇت بولىۋاتىدۇ. ئوقوتقۇچىلارمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا توت نەپەر ئوقوغۇچىغا دەرس ئۆتىۋاتىدۇ. چۈنكى ھىلىقى تۆت نەپەر«يامان»ئائىلە باشلىقىلىرى پات-پات كىلىپ يوشۇرۇن تەكشۈرۇپ كىتىۋاتىدۇ.
مەنبە: فىليەتۇنلار ژۇرنىلى 2012-يىلى 2-سان
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-20 07:31 AM