مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 500|ئىنكاس: 7

قەدىر كىچىسى ھەققىدە (تولۇقلانغىنى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77920
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4051
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 109 سائەت
تىزىم: 2012-3-25
ئاخىرقى: 2012-5-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 06:20:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قەدىركىچىسى  ھەققىدە



بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم


97 ـ سۈرە قەدىر مەككىدەنازىل بولغان، 5 ئايەت.

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋەمېھرىبان اﷲ نىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.

بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدىرىدە نازىل قىلدۇق [1]. شەبى قەدىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ [2]شەبى قەدىرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر [3]. پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ [4]. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر [5].


بىسمىللاھىررەھمانىر رەھىم


دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ھەر يىلى مۇبارەك رامىزان كىرسە ، ئاللاھنىڭ رەھمىتى زېمىنغا ياغىدىغان بۇ ئاينى تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشكە تىرىشىدۇ،رامىزان ئايلىرى ئىچىدە قەدىر كىچىسىگە ئۇچرۇشۇش ھەر بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئۆمۈرلۈك ئارزۇلاردىن سانىلىدۇ . قەدىر كىچىسىنى قانداق قىلغاندا زايە قىلىۋەتمەسلىك كىرەكلىگىنى ھەممىمىز بىلىشنى خالايمىز، بۇ مەقسەتكە يىتىش ئۈچۈن قەدىر كىچىسى ھەققىدە ئازراق توختۇلۇش زۆرۈر دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن بۇ تىمىدا قەلەم تەۋرەتتىم،ئۈمۈتكى،جانابى ئاللاھ يازمامنى ماڭا ۋە مۇسۇلمانلارغا مەنپەئەتلىك قىلىپ بەرگەي،ئامىن


قەدىر كىچىسى ھەققىدە فىقھىشۇناس ئالىملىرىمىز ۋە بۇ ھەقتە ئىزلەنگۈچىلەر ئارىسىدا ھازىرغىچە 7خىل قاراش بار، ئۇلار:

1-رامىزاننىڭ ئاخىرقى 10 كۈنى ئىچىدىكى تاق كۈنلەردىن بىرىدىكى كىچە.

2-رامىزاننىڭ ئاخىرقى 7 كۈنى ئىچىدەكى كىچەلەردىن بىرى.

3-رامىزاننىڭ 27-كۈنىدىكى كىچە. (يۇقارقى 3خىل قاراشلار ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم توپلىغان ھەدىسلەرنى ئاساس قىلىدۇ) .

4-لەيلەتۇل قەدرىنىڭ قەدىرلىك كىچەلىگىدىن قارىغاندا، رامىزاننىڭ1-كۈنى كىرىش كىچىسى بولۇشى كىرەك.

5-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ 17-كۈنى رەسۇل ۋە پەيغەمبەر بولغان، شۇڭا رامىزاننىڭ 17-كۈنى كىچىسى بولۇشى كىرەك.

6- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: « رامىزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى كۈنلىرى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە مەغپىرەت قىلىدىغان ، ئەرۋاھلارنى قۇتقۇزىدىغان كۈنلەر » دىگەن ئىدى،شۇڭا رامىزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى كۈنلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغان 19-كۈنى كىچىسى بولۇشى كىرەك .

7-لەيلەتۇل قەدر كەلىمىسى قۇرئانى كەرىمدە97-سۈرىدە 3 يەردە تىلغا ئىلىنىدۇ، لەيلەتۇل قەدر سۆزى 9 ھەرفتۇر، 9 نى 3 كە كۆپەيتسەك 27 دۇر،شۇڭا لەيلەتۇل قەدرى رامىزاننىڭ 27-كۈنى كىچىسى بولۇشى كىرەك .


يۇقارقى 7 خىل قاراش ئىچىدىن 7-قاراشنى ھەدىس روھىغا ئۇيغۇن دەپ قاراپ،دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رامىزاننىڭ 27-كۈنىنى قەدىر كىچىسى دەپ تونۇپ كىلىۋاتماقتا.


كەمىنە بۇ ھەقتە يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزلىنىش زۆرۈر دەپ قارىغىنىم ئۈچۈن قاراشلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى لازىم تاپتىم.ھەر بىر مۇسۇلمانغا شۇ ئىنىق بولۇشى كىرەككى، قۇرئانى مۇقەددەس ، پاك سۈننەت ھەر زامان بوھتاندىن خالى ھەقىقەتتە داۋام قىلىدۇ.چۈنكى ئىسلام دىنى ھەقتۇر، ئىسلام دىنىنى جانابى ئاللاھ قوبۇل كۆردى، ۋە ئۇنى قوغدايدۇ. ئەلبەتتە قەدىر كىچىسى ھەم مۇشۇ دىننىڭ بىر تەركىۋىدۇر، شۇڭا  جانابى ئاللاھ قەدىر كىچىسى ھەققىدىكى ئېلىمنىمۇ قوغدايدۇ. جاھان مۇسۇلمانلىرى نوقۇل رامىزاننىڭ 27-كۈنى كىچىسىلا قەدىر كىچىسى دەپ تونۇغىنىدا ، بۇ قاراش توغرا بولمىسا سىزچە نىمە ئاقىۋەت كىلىپ چىقار؟...شەكسىزكى، ھىچ بولمىغاندىمۇ دەۋرىمىزدىكى بىر مىليارتتىن ئارتۇق مۇسۇلمان 83 يىللىق ئۆمرىدە قىلغان ئىبادەتلەرگە تەڭ بولغان  ئىبادەتلەرنى بىركىچىدە قىلىۋىلىش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قالىدۇ، نەبۇۋەت دەۋرىدىن ھازىرغىچە بولغان قەدىر كىچىسىنى ئىزلەش تىرىشچانلىقلىرى مەۋقەسىدە ئويلانغىنىمىزدا ، بۇ توغرىسىدا تىخمۇ جىددىيلىشىمىز.ھەممىمىزگە جانابى ئاللاھتىن كاتتا رەھمەت  ۋە پۇرسەت بولغان ، شەرەپ ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇق بولغان بىر كىچىنى زايە قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن قەدىر كىچىسىنى توغراتونۇش كىرەك، بۇ ھەقتە مول بىلىم ئىگىلىرىنىڭ يەنىمۇ چوڭقۇر ئىزلىنىپ كۆرۈشىنى تەۋسىيە قىلىمەن!...

سۆزۈمنى ھەممە سۇئالغا جاۋاپ بولۇپ نازىل قىلىنغان قۇرئانى مۇقەددەستىن باشلايمەن.

جانابى ئاللاھ قەدىر كىچىسىنى سۈپەتلەپ مۇنداق دەيدۇ:

پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن  بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ [4]. شۇكېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر [5].

قەدىر كىچىسىنىڭ ئەڭ زور ئالامىتى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ بارلىق ئىش ئۈچۈن زېمىنغا چۈشىشىدۇر،مانا بۇ بىزگە جانابى ئاللاھتىن يەتكەن ئېنىق دەلىلدۇر،ھالبۇكى يۇقارقى 7 خىل قاراشلارنىڭ 5،6-قاراشلىرىلا بۇ دەلىلگە بىر قەدەرئۇيغۇن بولغان بولىدۇ. 5،6- قاراشلاردىن مىسال:

5-مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ 17-كۈنى رەسۇل ۋە پەيغەمبەر بولغان، شۇڭا رامىزاننىڭ 17-كۈنى كىچىسى قەدىر كىچىسى بولۇشى كىرەك.

6- مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: « رامىزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى كۈنلىرى ئاللاھ تائالا بەندىلىرىگە مەغپىرەت قىلىدىغان ، ئەرۋاھلارنى قۇتقۇزىدىغان كۈنلەر » دىگەن ئىدى،شۇڭا رامىزاننىڭ ئوتتۇرىدىكى كۈنلەرنىڭ ئاخىرقىسى بولغان 19-كۈنى كىچىسى بولۇشى كىرەك .

جانابى ئاللاھنىڭ لەيلەتۇل قەدرى كىچىسىنى سۈپەتلەپ ئەيتقان «پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە پەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن  بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ [4]. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر [5].» دىگەن كەلىمىسى قەدىر كىچىسىنى تىپىۋىلىشىمىزنىڭ قۇرئانى كەرىمدىكى ئاساسىدۇر، شۇنداقلا بىردىن بىر توغرا ئاساسىدۇر .ئۇنداقتا بىز جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ زىمىنغا چۈشكەن ۋاقتىغا دەلىل ئىزلەپ كۆرەيلىچۇ؟

1-دەلىل: رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھىنى جىبرىئل ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ17-كۈنى ئىلىپ چۈشكەن ئىدى. جانابى ئاللاھ 97- سۈرىنىڭ 1-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ:

بىزقۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدىرىدە نازىل قىلدۇق [1].

قۇرئانى كەرىم تەرتىۋىدە قەدىر سۈرىسى ئاياغدىن سانىغاندا 17-سۈرەدىن كىيىنكى سۈرەدۇر. ئۇنداقتا يۇقارقى دەلىللەرگە ئاساسلانغاندا قەدىر كىچىسى رامىزاننىڭ 17-كۈنى كىچىسىدەدۇر .

2-دەلىل : جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنى ئىسراغا ئىلىپ چىققاندا زىمىنغا چۈشكەن .ھالبۇكى ئىسرا سۈرىسى قۇرئانى كەرىمدە 17-سۈرەدۇر. جانابى ئاللاھ بۇسۈرىنىڭ 1-ئايىتىدە مۇنداق دەيدۇ: اﷲ (بارچە نۇقساندىن) پاكتۇر، ئۇ (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) قۇدرىتىمىزنىڭ دەلىللىرىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، بەندىسىنى بىر كېچىدە مەسجىدى ھەرەمدىن ئەتراپىنى بەرىكەتلىك قىلغان مەسجىدى ئەقساغا ئېلىپ كەلدى.ھەقىقەتەن اﷲ ھەممىنى ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر [1].

53 ـ سۈرە نەجمنىڭ17-ئايىتىدە رەسۇلۇللاھنىڭ سىدرەتۇل مۇنتەھانىڭ ئاستىدىكى ھالىتى بايان قىلىنغان.(پەيغەمبەر) نىڭ كۆزى (ئوڭ ـ سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەننەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى [17].

3-دەلىل : بەدىر غازىتىدا رامىزاننىڭ 17-كۈنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۈشكەن.ھالبۇكى بەدىر كۈنى رەسۇلۇللاھنىڭ كاپىرلارغا قارىتىپ توپا ئاتقان ۋەقەلىكى 8-سۈرەنىڭ دەل 17-ئايىتى بايان قىلماقتا: (ئى مۇسۇلمانلار! بەدرىدە) ئۇلارنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر (ئۆز كۈچۈڭلار بىلەن) ئۆلتۈرگىنىڭلار يوق، بەلكى ئەمەلدە ئۇلارنى  اﷲ ئۆلتۈردى، (ئى مۇھەممەد بىرسىقىم توپىنى مۇشرىكلارغا) ئاتقىنىڭدا سەن ئاتمىدىڭ، بەلكى ئەمەلدە ئۇنى(مۇشرىكلارنىڭ كۆزلىرىگە) اﷲ ئاتتى. (اﷲ نىڭ مۇنداق قىلىشى) مۆمىنلەرگە چىرايلىق ئىنئاملارنى ئاتا قىلىش ئۈچۈن ئىدى. اﷲھەقىقەتەن ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، بىلىپ تۇرغۇچىدۇر [17]. 8 ـ سۈرە ئەنفال .

يۇقارقى دەلىللەرگە ئاساسلانغاندامۇ قەدىر كىچىسى رامىزاننىڭ 17-كۈنى كىچىسىدەدۇر ، چۈنكى بەدىر غازىتىدا جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام زىمىنغا چۈشكەن ، ھالبۇكى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام  قەدىر كىچىسىلا تەقدىرقىلىنغان بارلىق ئىش ئۈچۈن زىمىنغا چۈشىدۇ .

4-جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ مەريەم ئانىمىزغا، جانابى ئاللاھ ئىلقا قىلغان ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ روھىنى ئىلىپ كەلگەندە زېمىنغا چۈشكەن، بۇ ۋەقەلىكمۇ 17-ئايەتتە بايان قىلىنماقتادۇر:ئۇپەردە تارتىپ كىشىلەردىن يوشۇرۇندى ، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى [17]. 19 ـ سۈرە مەريەم.

5-دەلىل:رەسۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولغان ھەدىستە ، قەدىركىچىسىنىڭ رامىزاندىكى تاق كىچىلەردىن قايسى بىر كىچىگە خاس قىلىنغانلىقىغا كەسكىن دەلىل يوق، بۇ ھەقتىكى ھەدىسلەرنىڭ سەھىھلىرىدە قەدىر كىچىسى ھەققىدە«رامىزاننىڭ29،21،23،25،27 -كىچىلىرىدىن بىرى» ھەققىدە 4 خىل قاراش بايان قىلىنغان بولۇپ. توختالغان كەسكىن قاراش يوق، شۇنداقلا قەدىر كىچىسىنى رامىزاننىڭ 17-كۈنى،ۋە ياكى 1-كۈنى دەپمۇ قاراشلار يۇقۇرىدا ئۆتتى، ھەتتا قەدىر كىچىسىنى پۈتۈن رامىزان ئىچىدىكى بىر كۈنى دىگەن قاراشلارمۇ بار.شۇڭلاشقا ھەدىسلەردىن ۋە باشقا قىياسى قاراشلاردىن قەدىر كىچىسىگە ئالاقىدار كەسكىن قارار ئالغىلى بولمايدۇ .شۇنىسى ھەقىقەتكى، پەرىشتىلەر ۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدەپەرۋەردىگارىنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا اﷲ تەقدىر قىلغان) بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ[4]. شۇ كېچە تاڭ يورۇغانغا قەدەر پۈتۈنلەي تىنچ ـ ئامانلىقتىن ئىبارەتتۇر [5]. دىگەن ئىلاھى كۆرسەتمىگە ئاساسلانغاندا ، پەرىشتىلەرۋە جىبرىئىل شۇ كېچىدە جانابى ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن (زېمىنغا اﷲ تەقدىر قىلغان)بارلىق ئىش ئۈچۈن چۈشىدۇ. رامىزاننىڭ 27-كۈنى كىچىسى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ چۈشكەنلىگىگە ئالاقىدار دەلىللەر بولسا ئوتتۇرىغا قويساق بولىدۇ.

ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىياللاھۇ ئەنھۇدىن مۇنداق بىر ھەدىس رىۋايەت قىلىنىدۇ: رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئەۋۋەلقى 10 كۈنى كىچىسىدە ئىتىكاپتا ئولتۇرغان ئىدى،بىزمۇ بىللە ئىتىكاپتا ئولتۇردۇق،شۇ چاغدا جىبرىئىل كىلىپ:« سەن كۈتۈۋاتقان كىچە تىخى ئالدىڭدا دىدى»، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى 10 كۈندە ئىتىكاپتا ئولتۇردى، بىزمۇ بىللە ئىتىكاپتا ئولتۇردۇق، جىبرىئىل يەنە كىلىپ:« سەن كۆزلىگەن كىچە تىخى ئالدىڭدا »دىدى . ئاندىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام رامىزاننىڭ 20-كۈنى سەھەردە خۇتبە سۆزلەپ مۇنداق دىدى:« مەن بىلەن ئىتىكاپتا ئولتۇرغانلار ئىتىكاپتا قايتا ئولتۇرسۇن،مەن قەدىر كىچىسىنى (قايسى كىچەدىلىگىنى) كۆرگەن ئىدى،(لىكىن ئۇنى) ئۇنتۇلدۇرۇلدۇم،ئۇ چوقۇم ئاخىرقى 10 كۈن ئىچىدەكى تاق كىچىلەردە بولىدۇ، چۈشۈمدە ئۆزۈمنى خۇددى لاي سۇغا سەجدە قىلغاندەك كۆردۈم » . ئىبنى كەسىر، ئۇيغۇرچە نەشرى،6-توم  539-بەت .

يۇقارقى ھەدىستە بايان قىلىنغىنىدەك، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە جانابى ئاللاھ قەدىر كىچىسىنى ئۇنتۇلدۇردى، بۇ قارىشىمىزنى يۇقارقى ھەدىستىكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ گۇۋاھلىقى ۋە جانابى ئاللاھنىڭ تۆۋەندىكى ئايەتتىكى كەلىمىسى دەلىللەيدۇ: (ئى مۇھەممەد!) ساڭا (قۇرئاننى) ئوقۇتىمىز، اﷲ (نەسخى)قىلماقچى بولغان نەرسىدىن باشقىنى ئۇنتۇمايسەن. اﷲ (بەندىلەرنىڭ) ئاشكارا ۋەيوشۇرۇن (سۆز ـ ھەرىكەتلىرىنى) بىلىپ تۇرىدۇ [6ـ7] 87 ـ سۈرە ئەئلا

بەلكىم جانابى ئاللاھ بەندىلىرىنى رامىزاننىڭ پەزىلەتلىرىدىن تولۇق رىزىقدار قىلىشنى ئىرادە قىلىپ،رەسۇلۇللاھقا قەدىر كىچىسىنى شۇڭا ئۇنتۇلدۇرغاندۇ؟.. شۇ سەۋەپتىن جانابى ئاللاھ رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا بىلدۈرگەن قەدىر كىچىسى ھەققىدىكى ئالامەتنى نەسخى قىلغاندۇ؟...چۈنكى جانابى ئاللاھ خالىغاننى مەنسۇخ قىلغۇچى، خالىغاننى مەنسۇخلۇقتىن قالدۇرغۇچى ھۆكۈمراندۇر،  بۇنى جانابى ئاللاھنىڭ ئاقىۋەت جەھەتتە بىز ئۈممەتكە پايدىلىق بىرەرھىكمەتلىرى سەۋەبىدىن دەپ بىلىمىز.ئىنشائاللاھ .

6-دەلىل:«لەيلەتۇل قەدرى»  كەلمەسى ئەرەپچە ھەرف ھىساۋىدا 9 ھەرفتۇر، بۇكەلىمە دەسلەپكى 2 يەردە « بىز قۇرئاننى ھەقىقەتەن شەبى قەدىرىدە نازىل قىلدۇق [1]. شەبى قەدىرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟ [2]»كەلىمىسىدە كۈن لەبزىدە بايان قىلىنغان. 3-قىتىمدا « شەبى قەدىرى (شەرەپ ۋە پەزىلەتتە) مىڭ ئايدىن ئارتۇقتۇر [3].» كەلىمىسىدە، ئاي لەبزىدە بايان قىلىنغان. مەنچە دەسلەپكى 2 قىتىملىق كۈننى ئىپادىلەپ كەلگەن «لەيلەتۇل قەدرى» كەلىمىسىنىڭ ئەبجەد سانى 9 نى بىر-بىرىگە قوشساق 18 دۇر، كىيىنكى ئاينى سۈپەتلەپ كەلگەن «لەيلەتۇل قەدرى» كەلىمىسىنىڭ ئەبجەد سانى 9 بولسا رامىزان ئېيى بولغان 9-ئايغا ئىشارەتتۇر، يۇقارقى دەلىللەرنى ئومۇملاشتۇرغاندا، قەدىر كىچىسى رامىزان ئېيى بولغان 9-ئاينىڭ 17-كۈنى كەچنىڭ كىتىشى ۋە 18-كۈنى كۈندۇزنىڭ كىرىشى كىچىلىگىمىكىن دەيمەن، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى ۋەھىنىڭ رامىزاننىڭ17-كۈنى نازىل بولغانلىقىنى ئاساس قىلغان بەزى بايانلارغا كۆرە، قەدىر كىچىسىنى رامىزاننىڭ 17-كۈنى كىچىدە دەپ قارىغۇچىلارمۇ بولغان ئىكەن، شۇنىسى ئىنىقكى « شەرەپ ۋە پەزىلەتتە مىڭ ئايدىن ئارتۇق» قەدىر كىچىسىگە مۇلاقات بولۇش ۋە پۈتكۈل رامىزان ئايلىرىدىكى مەغپىرەت،رەھمەت،جەننەتكە سەۋەپ بولىدىغان كاتتا ئىلاھىي نىئمەتلەردىن قۇرۇق قالماسلىق ئۈچۈن رامىزان ئىچىدىكى ھەرقانداق كىچىنى قولدىن بەرمەسلىك، قەدىر كىچىسىنى ۋە باسقا ساناقسىز ساۋاپلارنى تىپىۋىلشقا تىخمۇ يىقىندۇر،جۈملىدىن 17-كۈنى كىچىسىنى، 18- كۈنى كىچىسىنى ۋە 19-كۈنى كىچىسىنىمۇ قولدىن بەرمەسلىك بەك مۇھىمدۇر،چۈنكى قۇرئانى مۇقەددەستە تۇنجى نازىل بولغان سۈرە ئاياغدىن 19-سۈرە بولغان 19 ئايەتلىك سۈرە ئەلەقتۇر، شۇنداقلا رەسۇلۇللاھنىڭ قەدىر كىچىسىنى چۈشىدە كۆرۈپ ئۇنتۇلدۇرۇلغان كىچىسىمۇ دەل رامىزاننىڭ 19-كىچەسى ئىدى،ھەمدە جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنىڭ رەسۇلۇللاھقا: «سەن كۈتۈۋاتقان كىچە تىخى ئالدىڭدا» دىگەن كۆرسەتمىسىمۇ رامىزاننىڭ17-كۈنىدىن بۇرۇن بولغان بولۇپ، 20-كۈنى سەھەردىن بۇرۇنقى كىچىلەردىن 17-18-كۈنىدىكى كىچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئىلىش ئىھتىمالى زوردۇر، تولۇق بىلگۈچى جانابى ئاللاھتۇر.جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى پەھىم قىلدۇرمايمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە،ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى،ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى [146]. 7 ـسۈرە ئەئراف  


بۇ ھالاكەتلىك ئازغۇنلۇقتىن مىھرىبان ئاللاھىم پاناھلىق بەرگەي، ئامىن!.....جانابى ئاللاھ نازىل قىلغان ئېلىمنى يوشۇرۇشنىڭ گۇناھىنىڭ ئېغىرلىقىنى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپى بىلىدۇ، ھەربىر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە قىلىنغان ئىزلىنىشنى قوپاللىق بىلەن رەت قىلماسلىقىنى، بەلكى قۇرئانى مۇقەددەستە ئېنىق دەلىل بولغان شارائىتتا، ئەنئەنىۋىي قاراشلارغا زورۇقۇپ ئىسىلىۋىلىشنىڭ قۇرئانى كەرىمگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈش بلىدىغانلىقىنى جىددىي تونۇپ يىتىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!...ئاخىرىدا ھەربىر ھەق سۆيەر قىرىنداشلىرىمىزنىڭ رەڭدار دۇنيانىڭ تاشقى پوستىغا مەھلىيا بولۇپ، ئۆمرىنى بىخۇت ئۆتكەزمەسلىگىنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئاللاھ جانابىلىرى ھەممىمىزنى توغرا يول ئۈستىدە ياشاپ، توغرا يول ئۈستىدە جان بەرگىلى نىسىپ قىلسۇن،ئامىن!...


بەندەڭمەن،گەر بىلمەي خاتانى يازدىم،

كەچۈرگىن يا غەفۇر، بەك تولا ئازدىم.


2012-يىلى شەھرى قاغىلىق


       ت.ت.قۇرىغار



ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76057
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 93
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 23 سائەت
تىزىم: 2012-2-17
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 10:53:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەشەككۈر ،تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تىمىكەن ،بىلىپ قويۇشقا تېگىشلىك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77807
يازما سانى: 18
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 3 سائەت
تىزىم: 2012-3-23
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:15:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياىشى تىما ئىكەن بىلىۋالغىنىمىز ياخشى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77105
يازما سانى: 167
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1266
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 258 سائەت
تىزىم: 2012-3-8
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:22:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
،تولىمۇ ئەھمىيەتلىك تىمىكەن ، بىلىۋالغىنىمىز ياخشى.رەھمەت سىزگە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78756
يازما سانى: 323
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1079
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 77 سائەت
تىزىم: 2012-4-13
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 10:53:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
جۇمھۇرئالىملارنىڭ كۆرسەتكىنىمىز ياخشى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 19
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 25 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-21 12:55:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ئۇلۇغ ئاللا  ھەممەيلەننى مۆمىن مۇسۇلمانلارنىڭ قاتارىدىن قىلسۇن (ئامىن) ئەھمىيەتلىك تىمىلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3200
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7819
تۆھپە نۇمۇرى: 258
توردا: 512 سائەت
تىزىم: 2010-7-2
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-22 12:00:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




                             ئاللا رەھمەت قىلسۇن ~~~~~~~~~

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79529
يازما سانى: 54
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 78
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 18 سائەت
تىزىم: 2012-4-30
ئاخىرقى: 2012-5-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-5-6 08:20:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاللا ئەجرېڭىزنى كاتتا قىلسۇن قېرىندىشىم......كوپ بىلىم ئېلىۋالدېم

پۇلۇڭ بولمىسىمۇ،
ئىمانىڭ بولسۇن.
چېرايىڭ بولمىسىمۇ،
ۋىژدانىڭ بولسۇن....
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش