ھاراق ئىچىپ پىراۋىسىز ، ماشىنا ھەيدىسە...
يول قاتناش ھادىسلىردە شوپۇر پىراۋىسىز ھەيدىسە ،ھاراق ئىچىپ ھەيدىسە ،پۇتۇن مەسئۇليەتنى ئۇستىگە ئالسا ئۇچۇنچى شەخس مەجبۇرى مەسئۇليەت سۇغۇرتىسنى ساتقان سوغۇرتا شىركىتىنىڭ ئۇچۇنچى شەخىس مەجبۇرى جاۋاپكارلىق سوغۇرتا دائىرسىدە مەسئۇليەتنى ئۇستىگە ئىلىش ئالماسلىق مەسىلىسى ئىزچىل تۇردە تالاش تارتىش بۇلۇپ كىلىۋاتقان مەسىلە .مىنىڭ قارىشىمچە ئۇچۇنچى شەخىس مەجبۇرى مەسئۇليەت سۇغۇرتىسى شوپۇر پىراۋىسىز ھەيدىسە ،ھاراق ئىچىپ ھەيدىسە ،پۇتۇن مەسئۇليەتنى ئۇستىگە ئالسا چۇقۇم تۆلىشى كىرەك .بۇ سۇغۇرتا ھەرگىزمۇ سۇدا خاراكتىرلىك ئەمەس بەلكى مەجبۇرلاش خاراكتىرلىك ئۇچۇنچى شەخىسنى قۇغداش ئۇچۇن تەسىس قىلىنغان سۇغۇرتىدۇر.
يول قاتنىشى بىخەتەرلىك قانۇنىنىڭ 76-ماددىسدا «ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىللىرى ھادىسىسى يۇز بىرىپ جىسمانى زىيان ۋە مال مۇلۇككە زىينى بولسا سۇغۇرتا شىركىتى ماتۇرلۇق قاتناش ۋاستىىسى ئۇچۇنچى شەخىس مەجبۇرى مەسئۇليەت سۇغۇرتىسىنىڭ جاۋاپكارلىق چىكى دائىرسىدە تۆلەم بىرىدۇ.......» دىيىلگەن. بۇ قانۇن ماددىسغا ئاساسلانغاندا سۇغۇرتا شىركتى تۆلەم بەرمەيدىغان ھىچ قانداق شەرىت يۇق . ھادىسە يۇز بىرىپ دەۋا شەكىللەنگەندە كۇپىنچە ھاللاردا سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتنا ش ھادىسىسى جاۋابكارلىقى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامىنىڭ 22 –ماددىسنى ئاساس قىلىپ (22-ماددا مۇنداق «تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىدە سۇغۇرتا شىركىتى ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى قاتناش ھادىسىسى ى مەجبۇرىي سۇغۇرتا جاۋاپكالىقى دائىرىسىدە قۇتقۇزۇش خىراجىتىنى بېرىپ تۇرىدۇ ھەمدە زىيانغا ئۇچراتقۇچىدىن تۆلىتىۋېلىشقاھۇقۇقلۇق: (1)ھەيدىگۈچىنىڭ ھەيدەش سالاھىيىتى بولمىسا ياكى مەست بولسا؛ (2) سۇغۇرتىلىتىلغان ماتورلۇق قاتناسىتىسى ئوغرىلانغان، بۇلانغان مەزگىلدە، ھادىسە سادىر بولغان بولسا؛ (3) سۇغۇرتىلانغۇچى يول ھادىسىسىنى قەستەن سادىر قىلغان بولسا. ئالدىنقى تارماقتىكى نىڭ بىرى كۆرۈلۈپ، قاتناش ھادىسىسى سادىر بولۇپ زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ مال زىيانغا ئۇچرىغان بولسا، سۇغۇرتا تۆلەم جاۋاپكالىقىنى ئۈستىگە ئالمايدۇ.») تۆلەپ بىرىشنى رەت قىلىدۇ .بۇ بەلگىلىمىدىن زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ جىسمانى زىينىنى تۆلىمەسلىك كىرەك دىگەن مەنە چىقمايدۇ.«قانۇن چىقىرىش قانۇنى »نىڭ 79- ماددىسدا «قانۇننىڭ كۇچى مەمۇرى نىزام ،يەرلىك نىزام ۋە قائىدىلەردىن ئۇستۇن تۇرىدۇ.مەمۇرى نىزامنىڭ كۇچى يەرلىك نىزامنىڭ كۇچىدىن ئۇستۇن تۇرىدۇ» دەپ كۇرسىتلگەن .سۇغۇرتا شىركىتى ئاساسلانغان «ماتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرى قاتناش ھادىسىسىى مەجبۇرىي سۇغۇرتا نىزامى» مەمۇرى نىزام بۇلۇپ ھىساپلىنىدۇ.دىمەك مەمۇرى نىزامنى ئاساس قىلىپ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىشنى رەت قىلىش قانۇنغا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. چۇنكى قانۇن ھەر قاچان مەمۇرى نىزامدىن ئۇستۇن تۇرىدۇ،ئىككىسىدىكى مەزمۇنلار زىت كەلگەندە قانۇن چىقىرىش قانۇنىنىڭ 79 –ماددىسغا ئاساسەن قانۇن مەمۇرى نىزامدىن ئۇستۇن تۇرىدۇ دىگەن پىكرىدە چىڭ تۇرۇشىمىز كىرەك .
سۇغۇرتا شىركەتلىرى يەنە تەرەپلەر ئۇتتۇرسىدا تۇزۇلگەن سۇغۇرتا تۇختامىنى كۇتۇرۇپ چىقىپ سۇغۇرتا تۇختامدا « شوپۇر پىراۋىسىز ھەيدىسە ،ھاراق ئىچىپ ھەيدىسە ،پۇتۇن مەسئۇليەتنى ئۇستىگە ئالسا ئۇچۇنچى شەخس مەجبۇرى مەسئۇليەت سۇغۇرتىسنى ساتقان سوغۇرتا شىركىتىنىڭ ئۇچۇنچى شەخىس مەجبۇرى جاۋاپكارلىق سوغۇرتا دائىرسىدە مەسئۇليەتنى ئۇستىگە ئالمايدۇ» دىيىلگەن ماددىلار بار،بۇنىڭغا تەرەپلەر قۇشۇلۇپ ئىمزا قۇيغان دەپ مەسئۇليەتتىن قاچىدۇ .«سۇغۇرتا قانۇنى » نىڭ 18-ماددىسدا «سۇغۇرتا تۇختامىدا سۇغۇرتىچىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى كەچۇرۇم قلىشقا ئائىت ماددىلار بۇلسا ،سۇغۇرتىچى سۇغۇرتا تۇختامى تۇزگەندە سۇغۇرتىلانغۇچىغا ئىنىق چۇشەندۇرىدۇ،ئىنىق چۇشەندۇرمىسە بۇ ماددا كۇچكە ئىگە بۇلمايدۇ» دىيلگەن .يەنە مۇشۇ قانۇننىڭ 31-ماددىسدا « سۇغۇرتىچى بىلەن سۇغۇرتىلاتقۇچى ،سۇغۇرتلانغۇچى ۋە مەنپەتدار ئوتتورسىدا سۇغۇرتا توختامىدىكى ماددىلار ھەققىدە تالاش تارتىش كۇرۇلگەندە ،خەلق سوت مەھكىمىسى ياكى كىسىم ئورگىنى سۇغۇرتىلانغۇچى ياكى مەنپەتدارغا پايدىلىق ئىزاھات بىرىشى كىرەك » دىيلگەن .دىمەك سۇغۇرتا شىركىتى توختامدىكى ماددىلارنى تالاش تارتىش قىلىپ مەسئۇليەتتىن قاچسا سۇغۇرتا شىركىتىگە قارىتا پايدىسز ئىزاھات بىرىپ سۇغۇرتىچىنڭ ۋە ھادىسىدىكى زىيانلانغۇچىنىڭ مەنپەتنى قۇغداش كىرەك. سۇغۇرتا شىركىتى يەنە بۇ چاغدا «سۇغۇرتا تۇختامىدىكى بۇ تۇغرىدىكى ئالاقىدار ماددىلار بىزنىڭ بۇ ماددىلارنى ، ئىنىق چۇشەندۇرگۇنىمىزنى بىلدۇرىدۇ» دەيدۇ.ئەمىلليەتتە بۇنداق دىيىشنىڭمۇ قانۇنى ئاساسى يۇق. ئالى خەلق سوت مەھكىسمى تەتقىقات ئىشخانسنىڭ« ‹سۇغۇرتا قانۇنى›نىڭ 18–ماددىسدا بەلگىلەنگەن ‹ئىنىق چۇشەندۇرۇش› نى قانداق چۇشۇنۇش ھەققىدىكى جاۋاپ ئالاقىس» دە « ‹ئىنىق چۇشەندۇرۇش › سۇغۇرتىلىغۇچى سۇغۇرتىلانغۇچى بىلەن سۇغۇرتا تۇختامى تۇزۇشتىن ئىلگىرى ياكى سۇغۇرتا تۇختامى تۇزگەن چاغدا ،سۇغۇرتىلانغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسگە سۇغۇرتا تۇختامىدا پۇتۇشكەن جاۋاپكارلىق كەچۇرۇم قىلىش ماددىللىرى ،سۇغۇرتا تالۇنىدا كۇرسىتىلگەن سۇغۇرتىلانغۇچى دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىن باشقا جاۋاپكارلىق كەچۇرۇم قلىنىدىغان مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىڭ ئۇقۇمى ،مەزمۇنى ،قانۇنى ئاقىۋتى قاتارلىقلار تۇغرىسىدا يازما ياكى ئاغزاكى ھالدا چۇشەنچە بىرىشنى ،سۇغۇرتىلانغۇچىغا مۇشۇ ماددىنىڭ ھەقىقى مەنىسى ۋە قانۇنى ئاقىۋتىنى ئىنىق بىلدۇرۇشنى كۇرسىتىدۇ» دىيلگەن . ئۇندىن باشقا«تۇختام قانۇنى»ئىزاھاتى (2)نىڭ 6- ماددا 2- تارمىقىدا « ئەندىزىلىك تۇختام بىلەن تەمىنلىگۇچى بىر تەرەپ ئۇزىنىڭ ئىنىق چۇشەندۇرۇش مەجبۇريىتىنى ئادا قىلغانلىقىغا دائىر ئىسپات كۇرسىتىش مەجبۇريتىنى ئۇستىگە ئالىدۇ» دىيلگەن .تەرەپلەر تالاش تارتىش قىلغان تۇختام ئەندىزىلىك تۇختامدۇر .بۇ يەردە ئەندىزىلىك تۇختامغا چۇشەنچە بىرىشكە تۇغرا كىلىدۇ.ئەندىزىلىك تۇختام بىر تەرەپ قايتا قايتا ئىشلىتىش ۋە قارشى تەرەپ بىلەن كىڭەشمىگەن ھالدا تەييارلىغان تۇختامنى كۇرسىتىدۇ.ئەندىزىلىك تۇختامنى سۇغۇتاشىركتى تەمىنلىگەن ئىكەن ئەلۋەتتە تالاش تارتىشى كۇرۇلگەندە ئۇزىنىڭ ئىنىق چۇشەندۇرۇش مەجبۇريىتنى ئادا قىلغانلىقىغا قارىتا ئسپات كۇرسىتىشى كىرەك ،ئەگەر ئىسپات كۇرسىتەلمىسە دىمەك سۇغۇرتا قانۇنىنڭ 18- ماددىسغا ئاساسەن بۇ ماددىلار كۇچكە ئىگە بۇلمايدۇ. كۇچكە ئىگە بۇلمىغان ئىكەن شوپۇر پىراۋىسىز ھەيدىسە ،ھاراق ئىچىپ ھەيدىسە ،پۇتۇن مەسئۇليەتنى ئۇستىگە ئالسا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم مەجبۇريتىنى ئۇستىگە ئىلىشى كىرەك .دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك يەنە بىر ئىش شۇكى سۇغۇرتا شىركىتى،سۇغۇرتىلىغۇچى سۇغۇرتىلانغۇچى بىلەن سۇغۇرتا تۇختامى تۇزۇشتىن ئىلگىرى ياكى سۇغۇرتا تۇختامى تۇزگەن چاغدا ،سۇغۇرتىلانغۇچىغا ياكى ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسگە سۇغۇرتا تۇختامىدا پۇتۇشكەن جاۋاپكارلىق كەچۇرۇم قىلىش ماددىللىرى ،سۇغۇرتا تالۇنىدا كۇرسىتىلگەن سۇغۇرتىلانغۇچى دىققەت قىلىدىغان ئىشلاردىن باشقا جاۋاپكارلىق كەچۇرۇم قلىنىدىغان مۇناسىۋەتلىك ماددىلارنىڭ ئۇقۇمى ،مەزمۇنى ،قانۇنى ئاقىۋتى قاتارلىقلار تۇغرىسىدا ئايرىم يازماچۇشەنچە بىرىپ سۇغۇرتىلانغۇچىغا ئىمزا قۇيدۇرغان بولسا بۇ سۇغۇرتىلىغۇچىنىڭ «ئىنىق چۇشەندۇرۇش » مەجبۇريىتىنى ئادا قىلغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ.بۇ چاغدا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلىمەسە بۇلىدۇ.بەزىلەر ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەش ،پىراۋىسىز ھەيدەش ئىنىق قانۇنغا خىلاپ ھەركەت تۇرسا سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلىمەسلىگى تۇغرا ،ئەگەر سۇغۇرتا شىركتى تۆلىسە ھاراق ئىچىپ ماشىنا ھەيدەشكە ،پىراۋىسىز ماشىنا ھەيدەشكە ئىلھام بەرگەنىلىك بۇلىدۇ دەيدۇ. ئەمما بۇنداق دەپ قاراش بىر تەرەپلىمىلىك بۇلىدۇ.ئۇچۇنچى شەخىس مەجبۇرى سۇغۇرتىسىنىڭ مەنپەتلەنگۇچىسى شۇ ماشىنىڭ شۇپۇرى ۋە ئىگىسى بۇلماستىن بەلكى نامەلۇم بۇلغان ئۇچۇنچى كىشىدۇر. بۇ نامەلۇم كىشىنىڭ كىملىگىنى ھادىسە يۇز بەرگەندىلا بىلگىلى بۇلىدۇ.ئەگەر بۇنىڭغا تۆلەم بىرىلمىسە ئۇچۇنچى كىشىنڭ مەنپەتى ئىغىر دەخلىگە ئۇچرايدۇ. پىراۋىسىز ھەيدىگەن ۋە ھاراق ئىچىپ ھەيدىگەنلەر جىنايى جازاغا ۋە مەمۇرى جازاغا ئۇچرايدۇ. تۆلەم بىرىش بەرمەسلىك بۇ سۇغۇرتا توختام مەسىلسى ،ھاراق ئىچىپ ھەيدەش ۋە پىراۋىسىز ھەيدەش بۇلسا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ۋە باشقا قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلىش ھەركىتىدۇر ،بۇنى ھەرگىز ئارلاشتۇرۋىتىشكە بۇلمايدۇ. بەزىلەر ئۇچۇنچى شەخىس كىم دىيشى مۇمكىن . بۇ يەردە دەۋاتقان ئۇچۇنچى شەخسى ھادىسە يۇز بەرگەندىن كىيىن سىزنىڭ ماشىنىڭىز بىلەن سۇقۇلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىدىكى ئادەمنى ياكى ماشىنڭىزغا سۇقۇلغان ئادەمنى كۇرسىتىدۇ.سىز يارلانسىڭىز قارشى تەرەپ ماشىنىڭ سۇغۇرتسى تۆلەيدۇ. سىزنىڭ ماشىنىڭىزغا سۇقۇلغان ماتورلۇق قاتناش ۋاستىسىدىكى ئادەم يارلانسا سىزنىڭ ماشىنڭىزدىىكى سۇغۇرتا شىركتى تۆلەيدۇ. ئۇچۇنچى شەخسى مەجبۇرى مەسئۇليەت سۇغۇرتىسى ۋە ئۇچۇنچى شەخسى مەجبۇرى مەسئۇليەت سۇغۇرتىسىدا يۇقۇردىكىدەك بۇلىدۇ.ماشىنىدا ئۇرۇندۇق سۇغۇرتىسى بۇلسا شۇ ماشىندىكى ئادەمنىڭ يارلىنىشىنى شۇ ماشىنىنىڭ سۇغۇرتسى تۇلەيدۇ.بۇنىڭ ئۇلچىمى دەرىجىسى ئۇخشاش ئەمەس .ماشىنلار ئىختىيارى قاتنىشىدىغان يەنە بىر ئۇچۇنچى شەخسى مەسئۇليەت جاۋاپكارلىق سۇغۇرتىسى بۇلۇپ ئەگەر ھادىسە يۇز بەرسە بۇ سۇغۇرتا ،ماشىنا ھەيدىگۇچى قانچىلىك مەسئۇليەتنى ئۇستىگە ئالسا شۇنچىلىك تۆلەيدۇ. بىراق بۇنىڭ ئۇلچىمى ئۇخشاش ئەمەس بۇلۇپ سىتىۋالغان سۇغۇرتىڭىزنىڭ دەرىجىسگە قاراپ ئەڭ يۇقۇرى سۇممىسى ئۇخشاش بۇلمايدۇ. بىز بۇ ماقالىدە دەۋاتقان ئۇچۇنچى شەخىس مەجبۇرى مەسئۇليەت سۇغۇتىسنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چىكى ۋە دەرىجىسى مەملىكەت بۇيىنچە بىرى خىل بۇلۇپ يەنى ئەڭ يۇقۇرسى 122000 يۇەن . يول قاتناش ھادىسلىردە شوپۇر پىراۋىسىز ھەيدىسە ،ھاراق ئىچىپ ھەيدىسە ،پۇتۇن مەسئۇليەتنى ئۇستىگە ئالسا ئۇچۇنچى شەخس مەجبۇرى مەسئۇليەت سۇغۇرتىسنى ساتقان سوغۇرتا شىركىتى جىسمانى ۋە مال مۇلۇك زىيىنىغا قارىتا ئەڭ يۇقۇرى بۇلغاندا 122000 يۇەن تۇلىىشى كىرەك .مەملىكىتىمزدە بەزى سوت مەھكىمىللىرى سۇغۇرتا شىركتى تۇلىمەيدۇ دەپ، بەزى سوت مەھكىمىللىرى تۆلەيدۇ دەپ ھۇكۇم قىلىۋاتىدۇ. بۇ چۇقۇم بىرلىككە كەلتۇرلىشى كىرەك .ھازىر ئالى خەلق سوت مەھكىسمى قاتناش ھادىسلرى ۋەقەلىرگە ئائىت ئىزاھات تۇزۇۋاتقان بۇلۇپ بۇ پات ئارىدا ئىلان قلىنىدۇ. ئادۇۋكاتلار قانۇن بۇيىنچە قاتناش ھادسىىدىكى ماجرالارغا ۋاكالەتچىلىك قىلىپ دەۋا قىلغاندا ئەھۋالنى ئەمەلى تەتقىق قىلىپ تەرەپلەرنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى ئەڭ زۇر دەرىجىدە قۇغدىشى كىرەك.ئاخىردا دەيدىنىغىم بۇ مىنڭ كەسپى جەھەتتىكى شەخسى كۇز قاراشلىرىم بۇلۇپ قانۇن ساھەسىىدىكى مۇتەخىسس ئالىملىرمىزنىڭ تەنقىدى پىكرى بىرىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن .
4-ئاينىڭ 22-كۇنىدىكى دۇنيا قانۇن تەشۋىقاتى كۇنى ماتىريالى
شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئۇرنى
24 سائەت قانۇندىن ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش لىنىيسى 18299819854
توردا ماتىريال يوللاش شەكىلدە ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش نۇمۇرى 1471561935