مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 3874|ئىنكاس: 42

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئاياللار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29074
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 02:21:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |




ئاماننىساخان


ئاماننىساخان (1534_1567) ئاتاقلىق مۇقامشۇناس ، يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ خانى ئابدۇرشېتخاننىڭ خانىشى . ئۇ مەھمۇد ئىسىملىك ئوتۇنچىنىڭ قىزى بولۇپ، دادىسى ئۇنى كىچىكىدىن بىلىملىك قىلىپ تەربىيلىگەنىدى. ئۇ شائىرە ،سازەندە ھەم خەتتات ئىدى. ئامانىساخان 33 يېشىدا تۇغۇتتا ۋاپات بولغان.
ئاماننىساخان مۇشۇ قىسقىغىنا ھاياتىدا «دىۋان نەفىسە»،«ئەخلاقى جەمىلە»(گۈزەل ئەخلاق)،«شۇرۇھۇلقۇلۇپ»(قەلبلەر شەرھى)قاتارلىق كىتابلارنى يازغان،ئۇ يەنە «ئىشرەت ئەنگىز»(شادلىق قوزغىغۇچى)ناملىق مۇقامنىمۇ ئىجاد قىلغان.ئۇ ئوردىدا 12 مۇقامنى رەتلەش، قېلىپلاشتۇرۇش ئىشلېرىغا باش بولغان.ئۇيۈۇر 12 مۇقامنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە بۈگۈنگە ساقلىنىپ قېلىشىنى ئامانىساخاننىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ.
مايسىخان

مايسىخان خەلق قوزغىلىڭىنىڭ باشچىسى. 1765-يىل2-ئاينىڭ 14-كۈنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ زۇلۇمىغا قارشى ئۈچتۇرپان دېھقانلار قوزغىلىڭى (جىگدە يېغىلىقى)پارتىلدى. قوزغىلاڭغا رەخمىتۇللا بەگ ۋە ئەسمىتۇللا بەگ ئاكا-ئۇكا ئىككەيلەن باشچىلىق قىلدى. مايسىخان شۇ ئىككەيلەننىڭ سىڭلىسى ئىدى. ئۇ قوزغىلاڭغا ئاكتىپ قاتناشتى. قوزغىلاڭ 8-ئايدا پاجىئەلىك مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، چىڭ قوشۇنلېرى قوزغىلاڭچىلارنى دەھشەتلىك تۈردە باستۇرغان ھەم ئىلىغا سۈرگۈن قىلغان. مايسىخان چىڭ قوشۇنلېرىنىڭ ياۋۇزلىقىدىن قىلچە قورقۇپ قالماي ،100دىن ئارتۇق ئەر-ئايالنى تەشكىللەپ ، تاغ-تۇرا، ئورمان،جاڭگاللاردا يوشۇرۇنۇپ، پارتىزانلىق ئۇرۇشىنى ئۈچ ئاي داۋاملاشتۇرغان. ئاخىرىدا مايسىخان باشلىق يەتتە ئايال قوزغىلاڭچى قورشاۋدا قېلىپ، دۈشمەنگە باش ئەگمەي، تاغدىن سەكرەپ شېھىت بولغان. قوزغىلاڭنىڭ داۋامى بولغان بۇ جەڭ «مايسىخان جېڭى» دەپ ئاتالغان . ئۈچتۇرپان خەلقى مايسىخان باشلىق يەتتە قەھرىمان قىزغا ئۇلار قۇربان بولغان ئاقتوقاي تاغ تىزمىسى باغرىدا ھەيۋەتلىك قەبرە ياساپ، ئۇنى «يەتتە قىزلېرىم»دەپ ئاتاپ،ئۆزلېرىنىڭ قەھرىمان قىزلېرىنى ياد ئېتىپ كەلمەكتە.
نۇزۇگۇم

نۇزۇگۇم (1808_1827) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەيسەر جەڭچىسى ھەم ماھىر قوشاقچىسى. ئۇنىڭ ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل بولۇپ ، قەشقەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن. موللا بىلال نازىمنىڭ شېئىرىي تەسۋىرىگە قارىغاندا ، ئۇ ئوقۇغان ، بىلىملىك قىز بولۇپ ،بۇغداي ئۆڭ، قارا كۆز ،قارا قاشلىق ، نازۇك بەدەن بولغاچقا ،قەشقەر خەلقى ئۇنى نۇزۇگۇم دەپ ئاتىغان.
نۇزۇگۇم 1826-يىلىدىكى مانجۇ ئىستىبداتىغا قارشى خەلق قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ ،قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ،ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئىلىدا مۇڭغۇل ئەمەلدارى ئۇنى مەجبۇرلاپ خوتۇنلۇققا ئالماقچى بولغاندا ، نۇزۇگۇم توي كېچىسى بۇ ئەمەلدارلارنى ئۆلتۈرۈپ قېچىپ كەتكەن. قۇمۇشلۇقتا ئالتە ئاي يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، ئاخىرىدا چېرىكلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان. ئۇ زىنداندا ئۈچ ئاي سولانغاندىن كېيىن ، قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
نۇزۇگۇم ئۆزىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلېرى ، قايغۇسى، مۇھاببەت-نەپرىتى ۋە ئارزۇ -ئۈمۈدلېرىنى ئىپادىلەپ نۇرغۇن قوشاق توقىغان. خەلق ئۇنىڭ قوشاقلېرىنى تا بۈگۈنگىچە ئوقۇپ كەلمەكتە.

مايىمخان

مايىمخان (1812_1830)غۇلجا شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى دادامتۇ يېزىسىدا دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان . ئۇ ئەقىللىق ، ناخشىخۇمار ، قوشاقچى قىز ئىدى. ئۇ زالىم ۋە ئەكسىيەتچىل ئەمەلدارلارنىڭ خەلققە سالغان زۇلۇملېرىنى پاش قىلىدىغان نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان ھەم ئاۋام يىغىلغان سورۇنلاردا ناخشا قىلىپ ئېيتقان. خەلق مايىمخاننىڭ قوشاقلېرىنى ئېغىزدىن چۈشۈرمىگەن . زالىم يۈز بېشى ھامۇت بەگ بۇنى ئاڭلاپ ئۇنى ۋەھشىيلارچە قىيناپ سوراق قىلغان. ئەمما ، مايىمخان پىسەنتمۇ قىلماي ، زالىم ئەمەلدارلارغا قارشى قوشاقلارنى توختاتمىغان. ئۇ يامۇلغا سولىنىپ ، بىر يىلدىن كېيىن 1830-يىلى قىلىچ بىلەن چېپىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
راھىلە خانىم

راھىلە خانىم-شىنجاڭ يېڭى مائارىپ تارىخدىكى تۇنجى ئايال ئوقۇتقۇچى. ئۇ 1860-يىلى ئۈستۈنئاتۇش يېزىسىنىڭ ئېكساق كەنتىدە مەرىپەتپەرۋەر ، تەرەققىيپەرۋەر، ھاللىق ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. دادىسى مۇھەممەت سۇلتان خەلپىتىم ئوقۇمۇشلۇق، بىلىملىك كىشى بولغاچقا ، قىزىنى ياخشى تەربىيلىگەن. راھىلە دىنىي ھەم پەننىي بىلىملەرنى پۇختا ئىگىلىگەن. مەرىپەتپەرۋەر ئاكا-ئۇكا مۇسابايۇپلار 1885-يىلى ئېكساقتا قۇرغان يېڭى مەكتەپ «ھۈسەينىيە مەكتىپى»نىڭ قىزلار سىنىپىغا ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنغان. فېئودالىزىم دەۋرىدە قىز-ئاياللاردىن پەن- بىلىملەرنى ئىگىلىشى ھەم ئىجتىمائىي خىزمەتلەرگە قاتنىشىشى تەس ئىدى. مۇشۇنداق شارائىتتا ،راھىلە مائارىپ سېپىدە 32 يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بىردىنبىر ئايال سەركەردىسىگە ئايلانغان ھەم ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ ئاساسچىلېرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
ئايخان ئانا

ئۇ _ مەرىپەتپەرۋەر ئانا،يېڭى زامان تارىخىمىزدىكى تۆھپىكار شەخسلەرنىڭ بىرى . ئايخان ئانا 1885- يىلى غۇلجا شەھرىدە تۇغۇلغان، غۇلجىدا پەننىي ۋە دىنىي مەكتەپلەردە ئوقۇغان.1933 -،1934- يىللىرى دادىسى ۋە يولدىشىدىن قالغان مىراس تەئەللۇقاتىنى سەرپ قىلىپ، غۇلجىنىڭ قازانچى مەھەللىسىدە يېتىم بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس مەكتەپ سالدۇرغان. بۇ مەكتەپ «غۇلجا خەيرىيەت مەكتىپى»دەپ ئاتالغان. لېكىن جامائەتچىلىك بۇ مەكتەپكە كېيىن «ئايخان ئانا مەكتىپى» دەپ نام بەرگەن . ئوقۇغۇچى سانى بارا-بارا 300 گە يەتكەن. بالىلارنىڭ پۈتۈن تەمىناتىنى ئايخان ئانا ئۈستىگە ئالغان. ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ فورمىسى كىيگۈزگەن. بۇ مەكتەپ ھازىرغىچە 70 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە بولۇپ قالدى.

ئىپارخان
ئۆز ۋاقتىدىكى ئۇيغۇر قىزلېرىنىڭ گۈلى بولغان ئىپارخان چىڭ سۇلالىسى خانى چىيئەنلۇڭ خان تەرىپىدىن ئوردىغا ئېلىپ كېلىنگەن بولۇپ ، چىيئەنلۇڭ خان ئۇنىڭغا ئاتاپ مەخسۇس ئۇيغۇرچە باغ،قەسىر،مەھەللە بىنا قىلىپ بەرگەن بولسىمۇ،ئەمما ئىپارخان بۇنداق ئالىي ھىممەتلەرنى ئانا يۇرتىغا بولغان مۇھەببەت ئالدىدا بىر تىيىنگە تەڭ قىلمىغان .ئۇ چىيئەنلۇڭ خاننىڭ ئۆزىگە يېقىنلىشىشىنى قەتئىي رەت قىلىپ ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ(1733_1788)ئالەمدىن ئۆتكەن.

گۈلەندەم ئاۋۇستەي
(1889-1973) ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر يېڭى مائارىپىنىڭ ئايال مەنىۋى ئىنژىنېرى دەپ نام ئالغان گۈلەندەم ئاۋۇستەي ئىسمى-جىسمىغا لايىق ھەقىقىي مەرىپەت باغۋىنى ئىدى. ئۇ ئۇيغۇر مائارىپى ئۈچۈن پۈتۈن ھاياتىنى بېغىشلاپ ، بۇ يولدا ئۆچمەس سەھىپە ياراتقان. شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ «سۆيۈملۈك ئانىسى»دەپ تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. ھەمدە خەلقىمىز قەلبىدە ئۇنىڭ ئوبرازى مەڭگۈ پارلاق نۇر چاچىدۇ.

ئاخۇن ئاغىچا
19-ئەسىرنىڭ ئوتۇرلېرىدا ئۆتكەن شائىرە .ئۇ، 1860-يىلى خوتەندە زۇلۇمغا قارشى پارتىلغان خەلق ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى ئابدىراخمان خان غوجا (1833_1863)نىڭ ئانىسى بولۇپ .ئۇ ئوغلى ئابدىراخمان خان غوجا قۇربان بولغاندا ، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى مەدھىيلەپ ۋە زامان كۈلپەتلېرىدىن زارلىنىپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقىغان .


يىغىپ ساقلىغانلىرىم


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Eltekin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 03:42 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
JAWHAR.altun + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 03:55:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6222
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 04:11:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۆمىنجان بۇ ناخشىسى ئاڭلىغاچ ئوقۇپ بولغىچە تاس قالدىم، بىر خىل ئاجايىپ تۇيغۇغا كەپ قالدىم! ئاشۇنداق ئىسىل ئانىلارنىڭ ئەۋلاتلىرى بولۇپ قالغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن!

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

باشقلارىنى ھۆرىمەتلەشىنى ئۈگەن

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41729
يازما سانى: 4546
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 994
تۆھپە نۇمۇرى: 101
توردا: 4301 سائەت
تىزىم: 2011-5-22
ئاخىرقى: 2014-6-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 04:12:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
13629982958 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-19 03:55 PM

نىمە ئويلاۋاتسىز ؟

ئادەم ھامىنى ئۆلىدۇ ،بىراق شۇ ئۆمۈر چەكلىك بولغاچ خوشاللىق ۋە قايغۇ ئورتاق مەۋجۇتتۇر!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 04:13:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەي ي ي ي،تارىختا بىزدىن تېخى مۇشۇنداق پەخىرلەنگىدەك ئايال شەخىسلەرمۇ چىققان ھە،بىز سىلەرنى مەڭگۈ ياد ئىتىمىز.

سەبىر قىلاي،شۈكرى.ئۇف

تەجىربىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 118
يازما سانى: 6235
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 29074
تۆھپە نۇمۇرى: 2206
توردا: 2072 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2015-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 04:18:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمام قىزلارنى سۆكىدىغان جاي بولۇپ قالمىسۇن ماقۇلما .

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6222
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 04:20:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يازما ئىگىسىگە رەھمەت! بۇ يازمىنى ئەسلى 8-مارت خانىم-قىزلار بايرىمىدا مەخسۇس تىما قىلىپ بارلىق تور بەتلەر يوللىسا بوپتىكەن! قىز-ئاياللارنىڭ بۇنى ئەستايدىل كۆرۈپ چىقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن! ئىشنىمەنكى ئارىمىزدا يۇقارقىدەك ئىسىل قىز-ئاياللىرىمىز داۋاملىق مەۋجۈت!
نۆۋەتتىكى جەمئىيەتكە قارايدىغان بولساق، ئېيىتقىسىز دەرىجىدە. ئاتالمىش مىللەتلەر باراۋەرىلىكى، ئىتپاقلىقى دىگەن يوغان قالپاقىنى كىيىۋېلىپ، مەنپىئەت، مال-دۇنيا، ھوقۇق جېڭىدە ياتلارغا ئۆزىنى قوش قوللاپ ئېتىۋاتقان پەسەندە قىزلارمۇ كۆرۈش كېرەك ئىدى!

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72332
يازما سانى: 474
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5218
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 676 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2015-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 06:37:47 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گۈلەندەم ئاۋۇستەي ئۇيغۇر ئەمەس تاتار،لىكىن ئۇيغۇر مائارىپىغا كۆرسەتكەن خالىس تۆھپىسى ناھايىتى زور.

مۆئمىن كىشى ئۈچۈن ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشى!

سۇ كىېتىپ تاش قا

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23611
يازما سانى: 2142
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13042
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 4254 سائەت
تىزىم: 2010-12-24
ئاخىرقى: 2014-7-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 08:28:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىن دىشىى مىز جاسسۇرمان نىڭ سۇزى توغرا رەخمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78393
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 08:37:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   

骑着狼 放着羊 唱着歌 耍流氓
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش