مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 6428|ئىنكاس: 123

سىزچە قايسىسى توغرا؟؟؟؟؟   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:11:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                               سىزنىڭچە قايسىسىنىڭ قىلغىنى توغرا؟؟!!

                      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم سۈيۈملۈك دوسلار ياخشىمۇ سىلەر..؟

                       مەندىن سىلەرگە قىسقىغىنە ھەم كىچىككىنە بىر سۇئال

    دوسلار جاھاندا شۇنداق بىر تۈركۈم ئادەملەر باركەنكى ئۇلارنىڭ قايسى تۈردىكى قانداق مىجەزلىك قانداق  ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەك ھەقىقەتەن بەكلا تەسكەن.
   بۈگۈن مەن مۇنداق بىر ئىشنى كۆردۈم.   يۇرتۇمدا مۇسۇلمانچە،مىللىيچە بىر ئاشخانا بولىدىغان مەن بۈگۈن شۇ ئاشخانىغا غىزالىنىش ئۈچۈن كىرگەنىمدىم،ئۇ تاماقخانىدا ئاساسەن چۈچۈرە،جۇۋاۋا،يۇمدان،سۇيۇقئاش،ئۈگرەھەمدە لەغمەن قاتارلىق ئادەتتە ئائىلىدە ئىتىپ يەيدىغان تاماقلارلا چىقىرلاتتى ھەمدە تاماقلار سەل ئاستا چىقاتتى،شۇڭا تاماققا كەلگەنلەر سەل ساقلاپ قالاتتى ئەمما تاماقخانا ئاھۋالىنى ھەمدە خوجايىنىنى ياخشى بىلگەچكە ساقلىسىمۇ مەيلى ئىدى.
  تاماق ساقلاپ ئولتىرىۋاتاتتىم،مەنلا ئەمەس يەنە نەچچەيلەن باشقا _باشقا ئورۇنلاردا ئولتىرىۋاتاتتى،سىرىتتىن بىر مىھمان كىردى ھەمدە ئولتۇرۇپلا..
_ قېنى چاي؟ چاي قۇيىدىغان ئادەم يوقمۇ؟ نىمىشقا چاي قۇيۇپ بەرمەيسىلەر؟ سىلەر  مەسئۇلىيەت دىگەننى بىلمەيدىكەنسىلەر... دىدى.
  تاماقخانىدا ئەزەلدىن بىرەر مېھمانغا چاي قۇيۇلمايتتى ئەمما ھەربىر جوزىدىن ئىسسىق دەملەنگەن چاي ۋە پىيالە ئۈزۈلۈپ قالمايتتى،مېھمانلار چاي ئىچكۈسى بولسائۆزلىرى قۇيۇپ ئىچەتتى.ئاشخانا خوجايىنى ئوقىغان بىلىملىك،ھەقنى بىلىدىغان ئادەم بولغاچقا ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغانىدى.كىشىلەرتاماققا كىرگەندە چاي ئىچكۈسى بولسا ئېھتىياجىغا قارىتا قۇيۇپ ئىچەتتى ئىچمىسىمۇ بولىدىغانلار چايغا پىيالىگە چېقىلمايتتىدە 1_دىن چاي،2_دىن پىيالە،3_دىن پىيالە يۇيىدىغان سۇ تېجىلىپ قالاتتى.  شۇڭا كىرگەن مېھمانغا قاراپلا قالدۇق. ئىچكىرىكى ئاشخانا ئۆيدىن مۇلازىم يىگىت چىقىپ چاي قۇيۇشقا تەمشىلىۋېدى،مېھمان..
_ قايسى بىر ئاشخانىدا ئوغۇل بالا چاي قۇيىدىكەن ؟ ماڭ كىرىپ قىزبالىدىن  بىرنى چاقىرىپ چىق...دىدى.
_ بىراق بۇ ئاشخانىدا قىزبالا ئەمەس بىرەر ئايال ئىشلەمچىمۇ يوق كەچۈرۈڭ دىدى يىگىت.
ئەمما مىھمان ئىششەنمەي نەدىمۇ ئايال كىشى يوق ئاشخانا بولىدىكەن دەپ تۇرۋالدى،ئاخىرى بولماي ئاشخانىدىكى بىر مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز ئايالىنى چاي قۇيۇپ بېرىشكە بۇيرىدى، ئايال قانداق قىلىشىنى بىلەلمەي يولدىشىغا قاراپ ئولتۇرۇپلا قالدى، يولدىشى قايتا شەرەت قىلغاندىن كىيىن ئايال ئورنىدىن تۇرۇپ مېھمانغا چاي قۇيۇپ بەردىدە ئۆز ئورنىغا كىلىپ ئولتۇردى.
   ئايالنىڭ يۈزى، يۈزىلا ئەمەس بەلكى قوللىرىدىن تارتىپ بىرەر تال چېچىمۇ ئىشقىلىپ ئۇ ئايالنىڭ ئوچۇق يېرى يوق ئىدى،ئەمما ھېلىقى مېھمان ئۇ ئايالدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ ئولتۇردى،مېھماننىڭ بۇ قاراشلىرى ئايالنى بىئارام قىلدى.ئايالنىڭ يولدىشىنىڭ سەل ئاچچىقى كىلىپ ئايالىنى توسۇپ ئولتۇردى.مېھمان تاماق چىقمىغىنىنى باھانە قىلىپ ئىشىك تۈۋىگەبېرىپ يەنە قايتىپ كىلىپ باشقا بىر ئورۇندا يەنە ئايالغا قاراپ ئولتۇردى.ئايال يەنە ئوڭايسىز ئەھۋالغاچۈشۈپ قېلىپ تىپىرلاپ كەتتى.ئاخىرى يولدىشى ئايالىنى چىقىرۋېتىشكە مەجبۇر بولدى،ھەمدەئايالىنى ئىشىك تۈۋىگە چاقىرىپ ھېلىقى مېھمان چىقىپ كەتكەندە ئاندىن كىرىشنى،ئۇنىڭغىچە قارشى تەرەپتىكى ھاجىنىڭ ياغ تارتىش ئورنىدا ساقلاپ ئولتۇرۇپ تۇرۇشىنى ئېيتتى، ئايال چىقىپ كتىۋېدى مېھمانمۇ تاماق چىقمىغىنىنى باھانە قىلىپ سىرىتقا قاراپ ماڭدى،ئەمما شۇ ئارىدا ھېلىقى مۇلازىم يىگىت ئايال بىلەن يولدىشىنىڭ تامىقىنى ئېلىپ چىققانىدى،دەرھال مۇسۇلمان قېرىندىشىمىز مېھمانغا تامىقىڭىزچىقىپتۇ تاماقنى يەۋىتىپ ئاندىن كىيىن چىقىپ كىتىڭ دىدى.مېھمان مەن ئىككىنى بۇيرۇتقان ئاران بىرسى چىقىپتۇ يەنە قاچانغىچە ساقلايمەن يەنە بىرىنى دىدى مۇلازىم يەنە بىرىمۇ تەييار ھازىرلا ئەپ چىقىپ بېرەي دىدى شۇڭا مېھماننىڭ ئېغىزى تۇۋاقلىنىپ قالدى. ئەمما غەلۋىسى يەنە بېسىقمىدى تاماتىنمۇ قۇسۇر چىقارغىلى تۇردى.
_ ھەي بۇ تاماقنى نىمانداق ئاچچىق قىلىۋەتتىڭ؟؟؟؟
_ بۇ تاماق باشقىلارنىڭ ئىدى سىز بەك ئالدىراش ئىكەنسىز شۇڭا سىزگە بىرىۋەتتى ئۇلار شۇنداق بۇيرۇتقان ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئاچچىقمۇ قىلىۋەتمەيتتۇق دىدى يىگىت
مېھمان غودۇرلاپ تامىقىنى يىگەچ قېرىندىشىمىزغا قاراپ قويدى.
ئاشخانىدىكىلەرنىڭ ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ چاندۇرماي ئولتىراتتى.
_ ھەي قېنى سەن ؟يەنە بىر قاچا تاماقنى ئەپ چىقمىدىڭغۇ؟
_ ئاكا سىز تاماق يەپ بولغۇچە سوۋۇپ قالمىسۇن دەپ قازاننىڭ يېنىدا قۇيۇپ قويغان ھازىرلا ئەپ چىقاي ...
_  مەن تاماق يەپ بولغىلى نەۋاق؟؟ بولمامسەن تېز؟؟
ئەمەلىيەتتە ئۇ تاماقنى ئەمدىلايەپ بۇلۇپ تېخى ئېغىزىنىمۇ سۈرۈتمىگەنىدى.
يەنە بىر قاچا تاماقمۇ چىقتى، مېھمانلار ئۇ ئەمدى تاماقنى ئېلىپ چىقىپ كىتىدىغان بولدى دەپ ئويلاپتى ئەپسۇس ئۇ سىياھ قەلەمدەك ئۇزۇن قىلىپ تاماكا يۆگىدى ھەمدە ئوت ياقتى.مېھمانلارغودۇرلاشتى ئىچكىرىدىن مۇلازىم يىگىت چىقىپ
_ ئاكا تاماكا بەدەنگە زىيانلىق ھەم بۇ تاماقخانىدا تاماكا چىكىشكە بولمايدۇ بۇ تاماقخانىغا ياخشى كىشەر كىلىدۇ خاپا بولماي تاماكا چەكمىسىڭىز دىدى. ئەمما مېھمان
_  ھە ئۇنداقتا مەن ياخشى ئادەم ئەمەسمىكەنمەن؟تاماكا چەكسەم نىمەبوپتۇ؟خەقنىڭ نىمە چاتىقى؟؟ مەن تاماكا چەكسەم خەقنىڭ بىر يېرى يېرىلىپ كىتەمدىكەن؟ نەدە چەكسەم سىنىڭ نىمە چاتىقىڭ؟ بېرىپ ئىششىڭنى قىلمامسەۋۋاسويما دەپ كايىپلا كەتتى.مېھمانلارنىڭ ھەممىسى قاراپلا قېلىشتى،ئۇ بىردەمدىن كىيىن توختاپ تاماقنى يىيىشكە باشلىدى،تاماق يەۋىتىپ يەنەتوۋلاپ كەتتى ئەسلىي تاماقتىن چىۋىن چىقىپ قالغانىدى.
_ نىمانداق ئاشخانا بۇ ؟ تازلىققا دىققەت قىلمايدىكەنسىلەر...ئاشنىڭ ئارىسىدىن چىۋىن چىقتى تاماقنى قايتا ئىتىپ ئەپچىق دىدى ئۇ مېھمان،
_ كەچۈرۈڭ بۇ بىزنىڭ خاتالىقىمىز ئەمەس بۇ بەلكىم ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بولسا كېرەك بىز بۇندىن كىيىن تېخىمۇ دىققەت قىلايلى دىدى يىگىت. ئەمما مىھمان تاماقنى قايتا ئىتىشنى تەلەپ قىلىپ تۇرۋالدى، ئاچچىقىنى باسالمىغان بىر قېرىندىشىمىز سەكرەپ تۇرۇپ
_  ئاغىنە بۇ ئاللاھ ياراتقان قوش بىشارەتلىك جاندار، بۇ بەلكىم ئاللاھنىڭ ساڭا قىلغان شاپائىتى بۇلۇشى مۇمكىن دىدى. ئەمما مېھمان تەرسالىق قىلىپ
_  بۇ دىگەن نىجاسەتكە قونىدىغان ناچار ھاشارەت بۇ چۈشۈپ كەتكەن تاماقنى يىگىلى بولمايدۇ دىدى.
_ ئۇ ھاشارەت نىجاسەتكە قونسىمۇ سەن شورىغان ئاشۇ نىجىش تاماكىدىن مىڭ پاكىز دىدى يەنە بىرى،
_ سەن ئاشۇ نىجاسەتتىنمۇ مەينەت نەرسىنى شورايسەنۇ  ئاللاھ ياراتقان ھاشاراتنى نىمشقا نىجىاسەتكە قونىدۇ دەپ تاماقنى يىمەيسەن ؟؟ قورقماي يەۋەر ئۇ تاماق ھەر ھالدا سەن شورىغان ئاشۇ نىجىستن پاكىز دىدى يەنە بىرى.
مېھمان بۇ ھاقارەتلەرگە چىدىماي ھەرخىل ئەپسانە گەپلەرنى قىلىپ(ئۇ گەپلەرنى ئېغىزغا ئالماق قىيىن بىر مەسىلە) بىرىنى ياقىسىدىن تۇتتى ئەمما ئاخىرى چوڭ بۇلۇپ يەپ باقمىغان تاياقنى يەپ ئاشخانىنى ئوڭتەي _ توڭتەي قىلىۋېتىپ چىقىپ كەتتى.كىيىن ساقچىخانىدىن ئادەم كىلىپ مۇشۇ ئىشنى كۆرگەن بىلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى بىرنىمۇ قالدۇرماي ساقچىخانىغا ئاپاردى.

        دوسلار مەن بۇلارنىڭ دەۋاسى ئۈستىدىكى ھۆكۈمگە پەقەتلا قايىل ئەمەس.

    سىلەرچە بۇ دېلوغا قانداق ھۆكۈم چىقىرىلغاندۇ؟ ئەسلىي قانداق ھۆكۈم چىقىرىلسا توغرا بۇلاتتى؟ سىزچە بۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ قىلغىنى خاتا؟ قايسىسىنىڭ قىلغىنى توغرا ؟ يەنە قايسىلىرىنى قىلغانلىرى ئارتۇقچە؟؟  سىز نىمىنى ھېس قىلالىدىڭىز؟ ئەگەر نەق مەيداندا سىز بولسىڭىز قانداق قىلاتتىڭىز؟؟سىز بۇندىن كىيىن مۇشۇنداق ئىشقا يولۇققاندا نىمىلەرنى قىلىشنى ئويلاشتىڭىز؟؟

                                   مەنبە: ئۇيغان ئوغۇل(تەنھا)

   قېنى ئەمسە دوسلار بىر مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى.دوسلىرىمىز قانداق پوزۇتسىيەدە بولاركىن. قانداق تەكلىپ پىكىرلەرنى بىرەركىن؟؟؟؟؟

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oyhanogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 01:12 AM  


ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 83
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2639 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:33:07 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جىڭ تايىقى كەم قوڭالتاق كەنغۇبۇ ..ئەمما لىكىن ئاشۇ خېرىدارنىڭ ئىچىدىكى بىر مەن بۇلۇپ قالغان بولسام ئەپچىقان تاماقنى يالاپ يەيدىغان قىلىپ قويتۇمدە.... بۇ چۈپرەندىنىڭ

پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

ئىزلار نەدە.......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:38:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  دوسلار مەن بۇلارنىڭ دەۋاسى ئۈستىدىكى ھۆكۈمگە پەقەتلا قايىل ئەمەس
قېنى؟؟ قايسى ھۆكۈمگە قايىل ئەمەس

ئىزلار نەدە.......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:39:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇردىغان گۇيكەن ئۇ......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:41:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqi.mardan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-19 01:38 AM
دوسلار مەن بۇلارنىڭ دەۋاسى ئۈستىدىكى ھۆكۈمگە پەقەتلا ...


  دوستۇم  تېمىغا دىققەت قىلىڭ مەن بۇنى مۇنبەردىكىلەرگە سۇئال قىلىپ قالدۇردۇم   ئاللاھ خالىسا ئەتىگىچە ھۆكۈمنى ئېلان قىلىمەن  ئەلۋەتتە
      
                                              ئىنكاس سۈپىتىدە بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   oyhanogul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 01:41 AM  


ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئىزلار نەدە.......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:53:15 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
oyhanogul يوللىغان ۋاقتى  2012-4-19 01:41 AM
دوستۇم  تېمىغا دىققەت قىلىڭ مەن بۇنى مۇنبەردىكىلەرگ ...

ھۆكۈمگە قايىل بولماسلىقىڭىز ئانچە ھەيران قالارلىق ئەمەس بىز قايىل بولمايدىغان ئىشلار قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ....لىكىن ھازىرچە ئامال يوقتە.....
مۇنبەرگە قالدۇرۇپسىز ئەگەر شۇ ھۆكۈمنى چىقارغانلار كىرىپ جاۋاپ يازسىمۇ مۇنبەردە قايىل قىلغۇدەك جاۋاپ بېرەلىشى مۇمكىن لىكىن........
بىر توردىشىمىزنىڭ ئىمزاسى ئېسىمدە:
ھەممە ئادەم دېيەلەيدىكەن يازالايدىكەن قىلالىغان بولسا.............

ئىزلار نەدە.......

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49283
يازما سانى: 425
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4801
تۆھپە نۇمۇرى: 140
توردا: 444 سائەت
تىزىم: 2011-7-27
ئاخىرقى: 2013-8-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:54:27 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
joda☠ يوللىغان ۋاقتى  2012-4-19 01:33 AM
جىڭ تايىقى كەم قوڭالتاق كەنغۇبۇ ..ئەمما لىكىن ئاشۇ خېرى ...

سىزدەكلەر كۆپرەك بولغان بولسىدى......

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 1053
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 83
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2639 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2015-3-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 02:00:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
izqi.mardan يوللىغان ۋاقتى  2012-4-19 01:54 AM
سىزدەكلەر كۆپرەك بولغان بولسىدى......

يوق ئەمەس با ..لىكىن ئارتۇقچە ئىشقا ئارلاشقانىڭ پايدىسى نېمە ؟  دىگەندەكلەر كۆپمىكى..ياكى توخۇ يۈرەكلىك ...

پىلدىن بۈيۈك پىل ئوۋچىسى بار . ـــــــــــــــــــ بۆرىلەر ۋادىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78191
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4715
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 405 سائەت
تىزىم: 2012-3-31
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 02:01:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرنىمە دىمەك تەس جۇمۇ  ، ياخشى تېما





http://bilimkop.blogbus.com/

ئاشىق-مەشۇق ئۈندىدار سالونى مەزمۇنلارنى داڭلىماي كىرسىڭىز كۆرىسىز سالون ئىزدەش نۇمۇرى : Axikmaxuk

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76816
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4450
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 27 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 02:05:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تايىقى كەم سولتەككەن، شۇ نوچىلىقنى ئاكىلىرىغا قىلالمايدۇ

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش