شامالنىڭ مۇھەببىتى
(لىرىك نەسىر)
ئەگەر مەن بىر سەلكىن شامال بولۇپ قالسام ،ھەر تاڭداسېنىڭ ئىللىق چېھرىڭنى قانغۇچە كۆرۋالاتتىم،سۇمبۇل چېچڭنى قانغۇچە يەلپۈپ تاراپ ،پۇراپ ئوينايتىم؛ئالما يۈزۈڭنى سىيپاپ ئۆتۈپ تويغۇچە سۆيەتتىم......يۈرىكىمگە ئوقيا بولۇپ سانچىلغان ئاشۇ كىرپكلىرىڭگەۋە ئاشۇ قويۇق كىرپىك ئاستىدىكى نۇرلۇق كۆزۈڭگەھەسەت بىلەن ئۇرۇلاتتىم......ياق،ياق...!!!مەن پەقەت بىر سەلكىن شامال! كۆزلىرىڭدىن ياشلار ئاققۇزما،مەن چىداپ تۇرالمايمەن!!!!!!
سېنىڭ كۆزۈڭدىن ياش تامچىغان شۇ دەم يۈرىكىمدىن قان تامچىلاپ ئۆتمە تۆشۈك بولۇپ كېتىدۇ.يۈرىكىم بىر مىنۇتمۇ ياشىيالمايدۇ.
گەرچە ئششىق ئوتىدا پۇچلانساممۇ،لىكىن ماڭا سېنىڭ بارىڭ ياخشى،ھەر تاڭدا سېنى كۆرۈپ تۇرالىسام شۇنىڭغا مەن رازى.مەن سېنى شۇتەرىقىدە سۆيىۋەرسەم، سەن قېرىپ چاچلىرىڭ ئاقارغاندىمۇ ،قورۇق باسقان، ئەممامېھرىبىقنى يوقاتمىغان چېھرىڭنى كۆرۈپ تۇرالىسام كۇپايە !!
مەن سېنىڭ مېنى بايقاپ قېلىشىڭدىن قۇرقىمەن .سېنىڭ مېنى رەت قىلىۋىتىپ ھەر تاڭدا سېنى كۆرۋىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىۋىتىشىڭدىن قورقىمەن،ھېلىمۇ ياخشى تەڭرى ئادىل ئىكەن ، مېنى كۆرۈنمەس ،ئايىغىمنى چاققان قىلىپ سېنىڭ كەينىڭگە سېلىپ قويۇپتۇ.سەن قەيەردە بولساڭ مەن سىاڭا ئەگشىپ بارالايمەن ،تەڭرىگە شۈكرى!
يىللار ئۆتۈپ ،ئايلار ئۆتۈپ سەن قېرىپ كەتتىڭ ،مېنىڭ ساڭا بولغان مۇھەببىتىم قەتئىي ئۆزگەرمىدى،ئۆزگىرىشىمۇ ئەسلا مۇمكىن بولمايتتى......
توساتتىن سەن مېنى تاشلاپ مەڭگۈلۈككە كۆز يۇمدۇڭ!!! ئاھ .........يۈرىكىمگە بۇنىڭدىن ئارتۇق ئازاب بولماس!ئاخىرقى رەت سەن بۇ دۇنيا بىلەن خوشلاشقاقچى ، ۋىدالاشماقچى
بولۇپ بىر تامچە ياش تۆكتۈڭ،كۆزقارچۇقۇڭدا ياشلىرىڭ قېتىپ قالغان ئىدى.....مەن شۇ بىر تامچە ياشنى سۈمۈرۈپ يۈرىكىمدىكى ئاغرىقنى باسماقچى بولدۇم،ئەپسۇس ....يۈرىكىمدىكى بوشلۇق چوڭىيىپ دېڭىز-،دەريا سۇلىرىمۇ تولدۇرالمايتتى ،مەن پاردەك كۆز ئالدىڭدىن غايىپ بولدۇم.......
شۇنىڭدىن كىيىن كىشىلەر مېنى كەمدىن-كەم ئۇچرىتار بولدى ،مەن بىر مەجنۇن ئاشىق بولۇپ ،ھەممەيەردە دەردىمنى تۆكۈپ يۈردۈم .دەردىمنى ئاڭلاپ زېرىككەن مەجنۇنتاللارمۇ تەۋرىمەس ،تەسىرلەنمەس بولدى.باھاردا سېنى ئەسلەپ ،مۇڭلۇنۇپ لەرزان ئۇچۇپ مەجنۇنتاللارنى سېنىڭ سۇمبۇل چېچىڭغا ئوخشىتىپ ئۇچۇرۇپ يۈرسەم؛يازدا ئۆستەڭ سۈيىنى سېنىڭ كۆز يېشىڭغا قىياس قىلىپ سۆيۈپ يۈرىمەن ؛كەچ كۈزگە بارغاندا ،يۈرىكىمدىكى پىغان ئۆرلەپ ،ساراڭلارچە توپلىشىپ بوران چىقىرىپ ،يوپۇرماقلارنى ئۇچۇرۇپ كۆككە سورۇيدىغان بولدۇم. بۇنىڭلىق بىلەن ئاچچىقىم چىقماي ،قىش پەسلىدە شىۋىرغان بولۇپ ،رەھىمسىز تەقدىر ئۈستىدىن زارلاپ ،بگۇناھ كۆزلەردىن ياش ئاققۇزىدىغان بولدۇم .
مەن جېنىمدىن جاق تۇيدۇم.....!!!!!ھازىر سېنى ئىزلەش ئۈچۈن جەننەتكە تۇتىشىدىغان يولنى ئىزلەۋاتىمەن .
بىر كۈنى بىر چۈش كۆرۈپتىمەن،گۈللەر ھۈپپىدە ئېچىلغان باغدا ،سەن كېپىنەككە ئايلىنپسەن ،مەن گۈللەرنىڭ خۇش ھىدىنى ساڭا يەتكۈزگۈدەكمەن،سەن خۈش بولۇپ قاقاقلاپ كۈلگۈدەكسەن،مەن ئەتراپىڭدا ئايلىنىپ كەتمەپتىمەن .....ئككىمىز خۇشال-خۇرام ئويناۋاتقۇدەكمىز.............
خاتىمە:شامال تىلىدىن: مەن بىر تەقدىر قامچىسى تەگكەن بىتەلەي ئاشىق ،ئىلاھىم، تەڭرى بۇ تىلىكىمنى ئىجاۋەت قىلىپ ،سېنىڭ گۈزەل چېھرىڭنى قايتا كۆرۈشكە نىسىپ قىلسا،مەن يەنىلا ئەتراپىڭدا شوخ شامال بولۇپ سېنى قوغداپ ،بىر ئۆمۈر سېنى سۆيۈپ ئۆتسەم..........
مەنبە: ئۆز قەلىمىم؛