مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 554|ئىنكاس: 8

يىغا (ھېكايە ) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36126
يازما سانى: 144
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 2175
تۆھپە نۇمۇرى: 310
توردا: 1656 سائەت
تىزىم: 2011-4-2
ئاخىرقى: 2012-6-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 10:27:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

يىغا


ھېكايە

دىلبەر سەيئىدىۋا ( ئۆزبەكىستان )


ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئېرپان


موماي ئادىتى بويىچە يەنە سەھەر ئورنىدىن تۇردى . ئىشىكنى ئاچتى . تالادىن ئۆيگە غۇيۇلداپ كىرگەن ھاۋادىن ئۇنىڭ تېنى يايرىغاندەك بولدى .تالا تېخى دېگەندەك يورۇپ كەتمىگەن ،ھاۋا تۇمانلىق ۋە نەم ئىدى .موماي قارا يۇڭ رومالىنى ئارتىۋېتىپ ‹‹ قار يېغىپ قالامدۇ نېمە ، قارنىڭ  پۇرۇقى كېلىۋاتىدۇ › دېدى ئۆز – ئۆزىگە غۇدۇراپ .موماي كېيىكى كۈنلەردە ئاشۇنداق ئۆز – ئۆزىگە گەپ قىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى . موماي رادىئونى ئاچتى ، ئۇ  رادىئودىن سەھەردە بېرىلىدىغان كونسېرت سەھىپىسىنى بەك ياخشى كۆرەتتى .

مەسىسىنى كىيىپ ھۆيلىغا چىقتىپ  تۆۋەنكى ئۆيگە قارىدى .ئۆي تېخىچا قاراڭغۇ تۇراتتى . ‹‹ كالچىيىپ يېتىپتۇ –دە ، تېخىچە بۇ قېرى ئۆلگۈر . ئۇيالمايدىغان .مۇشۇنداق يېتىپ ئۆينىڭ بەركىتىنىمۇ ئۈچۈرۈپ بولدى .شۇ ياتقانچە ئۆلەرسەن، ئىلاھىم ››. موماي ئاخىرىقى گېپىنى دەپ بولۇپ ئەتراپقا ئەندىكىپ قاراپ قويدى، ھېچكىم يوقلىقىنى كۆرۈپ كۆڭلى جايىغا چۈشتى .تاھارەت ئېلىپ يۈز – كۆزىنى يۇدى . ھۆيلا تۆۋۋەنكى ھۆيلا ۋە يۇقۇرىقى ھۆيلا دەپ ئىككىگە بۆلۈنگەن ئىدى .موماي تۆۋەنكى ھۆيلىغا ئۆتتى . موماي ھەر كۈنى كوچىغا قارىغان دەرۋازىنى بىرىجى بولۇپ ئاچاتتى  ، بۈگۈنمۇ شۇنداق قىلدى .

ئاشخانىغا كىرىپ گاز ئوچاققا ئوت يېقىپ چەينەكنى قويدى . پىيالىلەرنى يۇيۇپ ئۇستەلنى يىغىشتۇردى .ئەزىمجاب بىلەن كېلىنى ياتقان ئۆينىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ توت ياشلىق ئامراق نەۋرىسىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ دەرىزىنى تاقىلداتتى .

-     ھاي ، تۇرۇڭلار ئەمدى ، كۈنمۇ چىقىپ بولدى .

ئەزىمجان ئېرىچەكلىك بىلەن كۆزىنى ئېچىپ ، ھەر سەھەر شېرىن ئۇيقۇدىن ئۆزىنى مەھرۇم قىلىدىغان ئاپىسىدىن بىزار بولۇپ غۇدۇڭشىدى ‹‹ ئەتتىگەندە كاللىسىغا نېمە جىن كىرىدىكىن بۇ قېرىنىڭ ، ئەجەپ بىزار بولدۇم ››

كېلىن ئۇيقۇلۇق كۆزلىرىدنى ئېچىپ ئېرىنىڭ قوينىغا شۇڭغۇدى .ئەر – خوتۇن ئىسسىق يوتقاندىن چىققۇسى كەلمەي خېلىغۇچە پىچىرلاپ يېتىشتى . بالا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىغا كىرىپ ياتتى .ئەتراپ ئەمدى پۈتۈنلەي يورۇپ كەتكەن ئىدى . ئاۋۋال كېلىن ئورنىدىن تۇردى ، بالا ئاپىسىغا يېپىشتى .كېلىن بالىنى بىردەم ئەركىلىتىپ ئۇنى بىر سۆيۈپ قويۇپ دادىسىنىڭ قوينىغا سېلىپ قويدى .

-     بالىنى ئېلىڭ ، مەن بېرىپ چاي تەييارلاي ، يەنە ئاپام ئۆزى قىلىپ كەتمىسۇن

موماي ناماز ئوقۇۋېتىپ توۆۋەنكى ھۆيلىغا كۆز يۇگۇرتتى .بوۋاي ياتقان ئۆي يەنىلا تېپ – تېنچ ئىدى . بوۋاي تۇرسا دەرىزىنى قىيا ئېچىپ قوياتتى .نامازدىن كېيىن ھەممىسى بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يەيدىغان ئۆيگە كىرىپ كۆرپە سالدى ،تەكچىدىن داستىخاننى ئېلىپ داستىخان سالدى .سوغان سۇدا يۇيۇنۇپ كىرگەن ئوغلى بۇرنىنى تارتقىنىچە كىرىپ كەلدى .نەۋرىسى كىرىپ موماينىڭ بوينىدىن قۇچاقلىدى . نەۋرىسى مومىسىنىڭ كۆڭۇلچەك ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭغا ئەركىلىسە ئۆزىگە كەمپۇت بېرىدىغانلىقىنى  ياخشى بىلەتتى . نەچچە قېتىم مومىسىنىڭ چاپىنىنىڭ يانچۇقىغا قول سالدى ،مومىسى  ئۇنىڭ قولىغا ئۇرۇپ قويدى .

-     ئالدى بىلەن ئېيىقچاقلار ھەققدىكى قوشىقىڭنى ئېيتىپ بەر ، ئاندىن ...

نەۋرىسى ئامالسىز قوشىقىنى ئېيتىشقا باشلىدى . ئوغلىمۇ داستىخان ئۇستىگە كەلدى . ئانا – بالا ئىككىسى بالىنىڭ قوشىقىدىن ھۆزۇرلىنىپ ئاڭلاپ ئولتۇراتتى تۇيۇقسىز ئىشىك تاراقشىپ ئېچىلدى . ئىشىك تەرەپكە ئۆرۈلۈپ قاراشتى . كېلىنىڭ ئاقىرىپ كەتكەن چىرايىنى كۆرۈپ كۆڭۇللىرىدە قانداقتۇر بىر ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى پەملەشتى .

-     ئاتام ، ھېلىقى ئاتام .. – كېلىن ھۆكۈرەپ يىغلاشقا باشلىدى . ئەزىمجان ھۆلۇقۇپ ئورنىدىن تۇردى .

-     ئۆلۈپتىمۇ ؟ - دېدى موماي سوغاق كۈلۈپ . ئۇنىڭدىكى بۇ ئۆزگىرىشنى ھېچكىم سەزمىدى . مۇنداق چاغدا يىغلاش كېرەكلىكىنى موماي ياخشى بىلەتتى .لېكىن موماي ياش چىقىرىش ئۈچۈن ، دات –پەريات كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىدە كۈچنىڭ يوقلىقىنى ھېس قىلىۋاتتى .بۇ ھالدىن ئۇنىڭ ئۆزىمۇ دەھشەتكە كېلىپ لېۋىنى چىڭ چىشلىۋالدى .ئوغلى كوينەكچەنلا يۇگۈرگىنىچە پەستىكى ئۆي تەرەپكە كەتتى .

-     ئاتام ، ۋاي ئاتام ...

كېلىنمۇ ئېرىنىڭ كەينىدىن ھۆيلىغا چىقىپ ئېرىگە قوشۇلۇپ داد – پەرياتقا چۈشتى .ئۇزۇن ئۆتمەي ھۆيلا قولۇم – قوشنىلار بىلەن تولۇپ كەتتى . بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى ، باشتا چوڭ قىزى كارامەت ، ئوتتۇرانچىسى سالامەت ، كەينىدىن ئوغلى ئالەم ، ئۇلارنىڭ بالا – چاقىلىرى كىرىپ كېلشتى. پۈتۈن ئەتىراپنى داد – پەريات قاپلىدى .

بىرلا مومايدىن ھېچقانداق سادا چىقمايتتى .چىرايىدا ھېچقانداق ئىپادە يوق ، نەۋرىسىنى باغرىغا باسقانچە دەرىزە ئالدىدا ئولتۇرۇپ ھۆيلىدا بولىۋاتقان ئىشلارغا قاراپ ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ كۆزلىرى ھېچنەسىنى كۆرمەس ئىدى . خۇددى قېتىپ قالغاندەك ئولتۇراتتى . باشقىلار ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىنى ياخشى چۈشۈنەتتى . موماي مەرھۇم بىلەن سۆزلەشمىگىلى ئون بەش يىل بولغان ئىدى . . .

تۇيۇقسىز غىچىرلاپ ئېچىلغان ئىشىكتىن موماي چۆچۈپ  ئىشىك تەرەپكە ئۆرۈلدى . بالىلىرىنىڭ ھەممىسى كىرىپ بېشىنى ئېگىپ تۇرۇشتى . ئۇلار نىمىدۇر بىر نەرسە دېمەكچى بولاتتى – يۇ ، ھېچقايسى ئېغىز ئېچىشقا پېتىنالماي تۇراتتى .

-     نېمە گەپ ؟

ئالەم بىر يوتىلىپ قويۇپ گەپ باشلىدى .

-     ئۆينى ئاستىن – ئۇستۇن قىلىپ ئاختۇرۇپ ھېچنەرسە تاپلمىدۇق

-     پۇلمۇ ؟

-     ئۆلۈملىگىنى تەييارلاپ قويمىغان ئىكەن – دە ..

-     يىققان بولسىمۇ ھازىر تېپىش قىيىن – دېدى موماي سوغاق كۈلۈپ . ھەممىسى بېشىنى ئېگىپ تۇرغاچقا موماينىڭ سوغۇق كۈلگەنلىكىنى ھېچكىم كۆرمىدى .

-     تەكچىگە قاراڭلار

ئالەم پۇتنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تەكچىگە قول ئۇزارتىپ رەڭگى ئۆڭۇپ كەتكەن بىر كىچىك بوغچىنى ئېلىپ ئاچتى .

-     ساناڭلار ، يېرىمىنى ئېلىپ ئىشلىتىڭلار .قالغىنىنى ئورنىغا قويۇپ قويۇڭلار . نەدىلىكىنى بىلدىڭلار بىرەر ئىش بوپقالسا قالغىنى مېنىڭكى .

چىرايى قارىداپ كەتكەن كارامەت ئۆزىنى تۇتالماي يىغلاپ كەتتى ،سالامەتمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلاى .ئەرلەر بولسا قوللىرى بىلەن كۆزلىرىنى سۇرتىشتى .

-     كۆپ يىغلىماڭلار ، ئۆلۈم ھەممىنىڭ بېشىدا بار ئىش – دېدى موماي خاتىرجەم قىياپەتتە .

بالىلار چىقىپ كېتىشتى . نەۋرىسىمۇ مومىسىنىڭ قۇچىقىدىن چۈشۈپ چىقىپ كەتتى .ئۆيدە موماي ئۆزى يالغۇز قالدى . ھەممىسى ھۆيلىدا  ئۆلۈمنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئاۋارە بولۇپ قىمىرلاپ يۇرۇشەتتى .ئۇنىڭ بار – يوقلىقى ھېچكىمنىڭ خىيالىغا كەلمەيتتى . موماي خىيالغا پاتقان ، ئۇنىڭ خيالىدىكى ئىشلار پەقەت ئۆزىگىلا ئايان ئىدى ...

موماي مۇشۇ ھۆيلىدا ئۆسۈپ چوڭ بولدى .ئاپپاق ساقاللىق ،سۆلەتلىك ،جاھىل مىجەز ئاتىسىنى مەھەلىدىكىلەر ‹‹ ئىشان ›› دەپ ئاتىشاتتى .ئانىسى بولسا ئۆزى مۇشتەككىنە كىچك ، پەس ئاۋازدا گەپ قىلىدىغان ئايال ئىدى .ئۇنىڭ دوستلىرى كۆپ بولسىمۇ قوشنىسى – جۆرەقۇل بىلەن گەپلىرى بىر يەردىن چىقىپ مۇڭدىشاتتى.جۆرەقۇل ئۇنىڭ قونچاقلىرىغا قۇمدىن ئۆي ياساپ بېرەتتى .ئۇلار قۇنچاقلارنى ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇپ ، ئىسسىق تۇپراقتا سوزۇلۇپ يېتىپ سىرلىق پاراڭلارغا چۈشۈپ كېتەتتى .‹‹ چوڭ بولسام ، ئۆي ياسايدىغان  ئۇستا بولىمەن ، ساڭا ئۆي سېلىپ بېرىمەن ›› دەيتتى جۆرەقۇل .‹‹ مەن كەشتىچى بولىمەن، ساڭا دوپپا تىكىپ بېرىمەن ›› دەيتتى مەخپىرەت .ئىككى ھۆيلىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئەسلى دەرىزە بار ئىدى . بىر كۈنى دەرىزە ئېلىپ تاشلاندى .ئۇنىڭ ئورنى خىش بىلەن قوپۇرۇۋېتىلدى .دەرۋازىمۇ زەنجىرلىندىغان بولدى .

-     ئەمدى چوڭ قىز بولدۇڭ ، ھەممە كىشىگە كۆرۈنۈپ يۇرمە ، ئۇيات بولىدۇ – دەيتتى ئاپىسى .شۇنىڭدىن كېيىن جۆرەقۇلنى زادىلا كۆرمىدى. تام تۇۋىگە بېرىپ پەقەت ئۇنىڭ ئاۋازىنىلا ئاڭلىيالاتتى .ئانىسىنىڭ ‹‹ ئۇيات بولىدۇ ›› دېگەن سۆزى ئۇنىڭ قۇلىقىغا بىر ئۆمۈر قوغۇشۇن بولۇپ قۇيۇلغان ئىدى .

-     ئەرگە بېرىمەن سېنى قىزىم ، ئەمدى ئۆزەڭنى تۇتۇۋالدى

-     ياق ، ياق ، مەن ئەرگە تەگمەيمەن – ئۇ ئەرنىڭ مەنىسىنى چۈشەنمەيتتى ، شۇنداق بولسىمۇ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈلدى .

-     يىغلىما قىزىم ، ئۇيات بولىدۇ ...

بىرىنجى خوتۇنى جىگەر كېسىلى بىلەن ئۆلگەن ، ئوتتۇزغا يېققىنلىشىپ قالغان سەددىرىدىن خوجا بۇ ئۆيگە ئىچكۇيئوغۇل بولۇپ كىردى. سىرلىقلىقى بىلەن جەزبىدار بىلىندىغان تۈنجى كېچە ، يېشى تېخى ئون توتكە توشمىغان مەخپىرەتنىڭ ھاياتىغا مۆھۈر بولۇپ بېسىلدى .مەخپىرەت بىر بۇلۇڭدا غال –غال تىترەپ ئولتۇرغاندا ، كەيپى چاغ كۇيئوغۇل كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ بىلىكىگە قول ئۇزاتتى . ئۇ ئۆزىنى ئېلىپ قاچتى.. .

كۇيئوغۇل پۇشۇلداپ ئۇخلاپ كەتتى .مەخپىىرەت قاراڭغۇلۇقتا كىيىملىرىنى تېپىشتۇرۇپ كەيدى .ئۇنىڭدا قېچىپ كېتىش خىيالى تۇغۇلغان ئىدى .تاشقىرىغا چىقىپ ئەمدىلا قولىنى ئىشىك تۇتقۇچىغا قويۇشىغا ئانىسىنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .

ئۇ ئۆزىنى ئانىسىنىڭ باغرىغا ئاتتى .ۋاقىراپ يىغلىغۇسى ، كۆڭلىدىكى گەپلەرنى ئېيتىپ ئىچىنى بوشاتماقچى بولدى .

-     ئاۋازىڭنى چىقارما قىزىم ، ئۇيات بولىدۇ ...

شۇنداق قىلىپ ئايلار ، يىللار ھارۋا چاقىدەپ پىلدىراپ ئۆتىۋەردى .چوڭ قىزى كارامەت تۇغۇلدى . ‹‹ قىز تۇغدىڭما ، ئىتتىن بولغان ›› ئۇنىڭ بېشىغا مۇشت ياغدى . ئۇ گۆدەك قىزنى باغرىغا باسقانچە ئۈن چىقارمىدى . كېيىن سالامەت .. ‹‹ يەنە قىز تۇغدىڭما ، ھارىمى ›› . ئۆزىگە تەككەن مۇش زەربىدىن ،تەنىلەردىن ئۇ قەددىنى كۆتۈرەلمەي قالدى . خپىرەت ئالەمنى بۆشۈككە بۆلەپ ، ئۇنى ئىمىزىپ ئولتۇرغاندا ،ئىشىكنى ئايىقى بىلەن تېپىپ ئاچقانچە مەس بولغان سەددىرىدىن خوجا كىرىپ كەلدى . ئۇنىڭ بىلەن يەنە بىر ناتونۇش ئايال بىللە ئىدى . ‹‹ داد ›› دەپ ۋاقىرغۇسى ، ياردەمگە ئادەم چاقىرغۇسى كەلدى . لېكىن ئىشىك ئالدىدا مەرھۇم ئانىسى تىك  تۇراتتى ‹‹ ئۇيات بولىدۇ ›› دەيتتى ئانىسى .يۈرۈكىگە زىقتەك سانچىلىۋاتقان ئەلەملىرىنى ئىچىگە يۈتۈپ ئىككىسىگە ئۆينىڭ تۆرىدىن ئورۇن سېلىپ بەردى ...

ئەزىمجان تۇغۇلغان يىلى ئۇرۇش باشلاندى .سەددىرىدىن خوجا ئۇرۇشقا كەتتى .ئۇرۇش باشلىنىشى بىلەن ھەممە قايغۇغا چۈشكەن بولسا ، مەخپىرەت بۇنىڭدن خۇشال بولدى .ئۇرۇش ئۇنىڭ ئېرىنى يىراق – يىراقلارغا ئېلىپ كەتكەن ئىدى .ئۇ ئەمدى قەددىنى رۇسلاپ يۇرىدىغان ،كوچىلارغا بىمالال چىقىدىغان بولغان ئىدى .بىر كۈنى كەچقۇرۇن ئۇ ماگىزىندىن نان ئېلىپ قايتىپ كېلىۋاتقاندا كىمدۇر بىرى ئۇنى چاقىردى .ئۇ قورقۇپ قەدىمىنى تېزلەتتى .لېكىن ئۇنى چاقىرغان ئادەم ئۇنىڭغا يېتىشىپ ئالغان ئىدى .بۇ – جۆرەقۇل ئىدى . ئۇلار بىر – بىرىگە  قاراشقىنىچە قېتىپ تۇرۇپ قېلىشتى .

-     مەخپىرەت ، مەخپىرەت . سىزنىمۇ كۆرۈدىغان كۈن بولىدكەن ھە .شۇنچە يىلدىن بۇيان ئاۋازىڭىزنىلا ئاڭلاپ كەلدىم .ئەتە ئەتتىگەن ئۇرۇشقا  ماڭماقچىمەن .

ئۇ بىرنەرسە دېيىشى كېرەكلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ھېچنەرسە دېيەلمەيۋاتاتتى . ئۇلار كوچىدا ھەممە ئادەم كۆرۈپ تۇرۇدىغان جايدا تۇرۇشاتتى .تۇيۇقسىز ئانىسىنىڭ ئاۋازى ئۇنى ئۆزىگە قايتۇردى .‹‹ ئۇيات بولىدۇ قىزىم ، يات ئەر كىشى بىلەن ...›› ئۇ يۇگۇرگۇنىچە كېتىپ قالدى . كەينىدىن جۆرەقۇلنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى .

-     ئۇرۇشتىن ئامان – ئېسەن قايتىپ كەلسەم يەنە كۆرۈشەرمىز ..

ئۇ يەنىلا ھېچنەرسە دېيەلمىدى .دەرۋازىنى زەنجىرلەپ قويدى . شۇ كېچە ئۇ ئۇخلىيالمىدى .يۇمشاق تۆشەكمۇ ئۇنىڭغا مىق بولۇپ بىلىندى ، ئورنىدىن تۇرۇپ ھۆيلىنى ئايلاندى ،تام تۇۋىگە باردى . تامنىڭ نېرىقى تەرىپىدىن ‹‹ مەخپىرەت ›› دەپ چاقىرغان ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولدى .ئۇ بولسا ئاۋاز چىقىرالمىدى .ئانىسى ئۇنىڭغا  ‹‹ ئۇيات بولىدۇ قىزىم ›› دەپ نارازىلىق بىلەن قاراپ تۇراتتى .

ئۇنىڭ شۇ قېتىمقى جۆرەقۇل بىلەن ئۈچرىشىشى ھاياتىدىكى ئەڭ نۇرانە خاتىرە بولۇپ قالدى .جۆرەقۇلنىڭ مۇلايىم چىرايى ،ئاۋازى، قەددى – قامىتى شۇ چاغدىكى ھالىتى بىلەن ئۇنىڭ خاتىرىسىدە قالغان ئىدى . ‹‹ مەنمۇ نىمىىشقا ئۇنىڭ ئىسمىنى چاقىرمىدىم ››بۇ سۇئال ئۇنىڭ يۈرۈكىنى ھەر دائىم ئۆرتەيتتى .

ئۇرۇش تۇگۇدى . ئۇرۇش تۇگۇشى بىلەن نەخپىرەتنىڭمۇ خۇشاللىقى تۇگۇدى .سەددىرىدىن خوجا قايتىپ كەلدى ، لېكىن جۆرەقۇل ئىز – دېرەكسىز يوقاپ كەتتى .قوشنا ھۆيلىدىكىلەر ئۇنى بىر يىل كۇتۇشتى ، ئىككى يىل كۇتۇشتى ، ئاخىرى يىغا – زارە قىلىپ ھازا ئېچىشتى .

بۇ ھۆيلىدىنمۇ سادا چىقتى .. . ئەلەملىك ، دەرتلىك ، ئارمانلىق ئاۋاز ..

سەددىرىدىن خوجا باشتا  غەزەپلەندى ، كېيىن جەھلى قېتىپ ۋاقىراشقا باشلىدى :

-ئەمدى بولدى قىل ، لەنىتى .مەن يوق چاغدا ئۇنىڭ بىلەن ئېغىز – بۇرۇن يالاشتىڭمۇ يا ؟  ئاشۇ ئىت بىلەن ؟

‹‹ ئۇيات بولىدۇ، قىزىم . سەن ئەرلىك ئايالسەن ›› شۇ كۈندىن باشلاپ دائىم زالىم ئېرىنىڭ تەرىپىنى ئالدىغان مەرھۇم ئانىسىغا ئۆچ بولۇپ قالدى .ئانىسىنى يادىدىن چىقىرىشقا  تىرىشاتتى .  

ئۇرۇشتىن قايتىپ كەلگەن ئېرى روھىي جىددىلىشىش كېسىلى بولۇپ قايتىپ كەلگەن ئىدى . ئازراقلا ئىش بولسا ئېرى قولىغا چىققان نەرسىنى ئېتىپ ئۆينى باشقا كىيەتتى . مەخپىرەت ئەمدى بۇ ئەر بىلەن بالىلىرىنى دەپلا بىللە تۇرۇۋاتاتتى .كېيىن ئۇنىڭ كۆڭلىدە يەنە بىر ئارمان پەيدا بولۇشقا باشلىدى ،لېكىن بۇنى ئۇ ئويلاشتىنمۇ قورقاتتى .

بالىلار چوڭ بولۇپ قاتارغا قوشۇلدى .‹‹ قىزلىرىڭغا ئېھتىيات بول . ناۋادا بىرەر گەپ قۇلۇقۇمغا كىرىدىغان بولسا ، ھېچقايسىڭنى ساق قويمايمەن ›› دېدى ئېرى .كارامەتنى سوراپ ئۆيگە ئەلچى كېلىپ ئەلچىلەرنىڭ ئايىقى ئۇزۇلمەيدىغان بولدى .كارامەت ھەممىسى رەت قىلىۋەردى . لېكىن بىر قېتىم كەلگەن ئەلچىلەرگە كارامەت ھېچقانداق ئىپادە بىلدۇرمىدى .ئانا قىزىنىڭ ئۇلارغا مەيلى بارلىقىنى دەرھاللا سېزىۋالدى .

-     مەن رازى ، ئاتىسىغا مەسلىھەت قىلىڭلار – دېدى ئۇ . ئاتا بولسا ئۇلارنىڭ تېگى پەس دەپ  قوشۇلمىدى . لېكىن ئەلچىلەر يەنە كېلىۋەردى .

-     ئەمدى كەلمەڭلەر ، ناۋادا قىزىم رازى بولسا مېنىڭ ئۇنداق قىزىم يوق ، مەن ئۇنىڭدىن كېچىمەن . خوتۇنۇمنىڭ ئاغزىدىن شۇنداق گەپ چىقىدىغان  بولسا ئۇنىڭغا ئۈچ تالاق  - دېدى سەددىرىدىن خوجا سۇپىدا ئۆزىنىڭ جاۋابىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان ئەلچىلەرگە .

ئىچكىرىدە ئولتۇرغان كارامەت بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ پەريات قىلىپ يىغلىدى .ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالماقچى بولۇپ كىرسىنگە يېپىشتى . بىردىنلا ئۆي ئىچىدىن داد – پەريات كۆتۈرۈلدى .مەخپىرەت يۇگرەپ تېشىغا چىقتى .

-     مېنىڭ ئۆمرۈمنى غازاڭ قىلدىڭ ،ئەمدى بالىلىرىمنىڭ بەختىگە ئولتۇرماقچىمۇ سەن، نامەرت – ئۇ ئۆزىنىڭ شۇنداق دەپ ۋاقىرغىنىنىمۇ سەزمەي قالدى .

سەددىرىدىن خوجانىڭ كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك چەكچەيدى .

-      سېنى ئۈچ تالاق قىلدىم  - دېدى  سەددىرىدىن خوجا ئاچچىقىدىن يېرىلغۇدەك بولۇپ پۇشۇلداپ .

مانا شۇ كۈندىن باشلاپ ئەر – خوتۇننىڭ ئوتتۇرىسىدىكى گەپ تۇگۇدى .بوۋاي پەستىكى ئۆيدە تۇرۇشقا باشلىدى ...بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولۇپ كەتتى .لېكىن باشقىلار ئالدىدا  ، بالىلار ئاتىسدىن ياخشى گەپلەرنى ئاڭلىمىغان بولسىمۇ ، پەرزەنتلىك بۇرچىنى ناھايىتى ياخشى ئادا قىلىپ كەلگەن ئىدى .موماينىڭ كۆڭلىنى غەشلىك ئىگەللىۋالدى .كىشىلەر ئادەتتە قەدىرلىك كىشىسىدىن ئايرىلسا ، ئۇنىڭ ياخشى خىسلەتلىرىنى ئەسلەپ يىغلىشىدۇ . ئەمما ئۇ نېمە ئۈچۈن يىغلايدۇ ؟

ئىشىك ئېچىلىپ كارامەت كىرىپ كەلدى .

-     ئاپا ، جېنىم ئاپا – ئۇ يىغلىغىنىچە ئاپىسىنى قۇچاقلىدى – سىز مەن سەۋەپلىك ئاتام بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان ئىدىڭىز .ئەمدى رازى – زىرالىق بېرىڭ . ئاتاممۇ گۆرىدە تېنچ ياتسۇن ..

موماينىڭ يۈرۈكى ئېزىلدى ، قانداق پەرزەنتلەر چوڭ قىلدىم ھە ! ئاتىسى شۇنچە شەپقەتسىزلىك قىلسىمۇ ...

-     بولىدۇ ، قىزىم ،بولىدۇ – دېدى ئۇ قىزنىڭ باشلىرىنى سىلاپ .سالامەت ،ئالەم ، ئەزىمجانلار تىك تۇرغانچە ئۇنى ساقلاپ تۇراتتى .ئۇ ئېغىر پۇتلىرىنى سۆرىگەنچە ھۆيلىغا چىقتى .كىشىلەر تاۋۇتنى كۆتۈرۇشۇپ ئالغان ئالغان ئىدى .موماي بىر دەم قېتىپ قالغاندەك جىم تۇرۇپ قالدى .ھەممىسى مومايغا قاراپ تۇرشاتتى.

تاۋۇتتا ياتقان ئاشۇ كىشى ئۆزىنىڭ گۈزەل ياشلىقىنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ كېتىۋاتقان ئىدى .ئەمدى ئۇ قانداق ياشايدۇ ، قۇرۇغان ئاق سۆڭەككە ئايلانغان بىر موماينىڭ ئەمدى كىمگە كېرىكى بار .ئۇ ئاخىر مۇرادىغا يەتتىغۇ ، ئۇ ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى بىر كۆرسەم دەپ ئارمان قىلىپ ياشاپ كەلگەن ئىدىغۇ .ئۇ باشقىلارغا ھېچقاچان ئۆلۈم تىلەپ باقمىغان ئىدى ، پەقەت ئۇنىڭغىلا ئۆلۈم تىلىگەن ئىدى .ئۇنىڭ بارلىق ياخشى تىلەك ۋە ئارزۇلىرىنى مانا بۇ تاۋۇتتىكى ئۆلۈك ئاياق – ئاستى قىلغان ھەم يوقاتقان ئىدى.قەلب تۆرىدە ئاسراپ ساقلاپ كەلگەن بىردىن – بىر ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشتى . ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەمدى ياشاشنىڭ ھاجىتى قالمىغان ئىدى .

ئۇ ھۆڭرەك ئېتىپ يىغلاشقا باشلىدى .ھەر بىرىنىڭ باشىغا كېلىش مۇقەررەر بولغان ئاخىرەتتى ئويلاپ چەكسىز قايغۇغا چۆمگەن پەرزەنتلەر ،نەۋرىلەر ،قېرىنداش ۋە قولۇم – قوشنىلارغا ئۇنىڭغا ھەيرابلىق بىلەن تىكىلىشتى .موماي بېشىدىكى  رومالىنى ئېلىپ تاشلىۋەتتى ،ئاپپاق چاچلىرى خۇددى توزغاقتەك يېيىلدى ، تاۋۇت كۆتۈرۈپ ماڭغان ئادەملەرنىڭ يولىنى توساپ تاۋۇتقا ئېسىلدى .

-     مېنىمۇ ئۆزەڭ بىلەن بىللە ئېلىپ كەت ،نىمىشقا مېنى تاشلاپ قويىسەن ، مېنىمۇ بىللە ئېلىپ كەت ...

موماينىىڭ قىزلىرى ، كېلىنلىرى ئۇنىڭ قولتىقىدىن تارتىشىپ بىر چەتكە ئاچىقىشتى .موماينىڭ تۇرۇشقىمۇ ماجالى قالمىغان ئىدى ،ھەممىسى ئۇنى ئىچكىرىگە ئەكىرىپ كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇشتى .ئۇ تىنماي نېمىدۇر دەپ سۆزلەيتتى ، بىردەمدىن كېيىن ھۆشىدىن كەتتى .بوۋاينى يەرلىككە قويۇپ قايتىپ كېلىشكەندە كۈن پاتقان ئىدى ، ھەممىسى قانداقتۇر بىر تېنچلىق ئىچىدە مۇڭغا پاتقان ئىدى .

كەمپۇت سوراپ كىرگەن نەۋرىسىگە موماي كۈلۈپ باقمىدى ،ئۇنىڭ قۇچقاچتەك ۋىچىرلاپ سۆزلەشلىرىگىمۇ ئېتىبار قىلمىدى .بالا ئاستا مومىسىنىڭ يانچۇقىغا قولىنى سالدى ، قولىنى سالدى – يۇ ، سەسكىنىپ كەتتى .مومىسىنىڭ كۆزلىرى يوغان ئېچىلىپ قالغان ،يۈزىدە بولسا سوغۇق كۈلكە قېتىپ قالغان ئىدى . بالا چىقىرغىنىچە ئۆزىنى سىرتقا ئاتتى .ياق ، ئۇ تېخى بالا ، ئۆلۈمنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئىدراك قىلالمايتتى .لېكىن ئۇ ، ئۆلۈم نەپىسىنىڭ سوغۇق ھەم دەھشەتلىك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان ئىدى . ھەممىسى يەنە يىغا – زارە قىلشىقا باشلىدى .

موماي بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشقان ئىدى ...


تەرجىمە مەنبە : ئۆزبەكچە ئەدەبىيات تور بېكىتى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   eerpan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-18 10:38 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7728
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 5067 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 11:25:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پۇتۇن ئۆمرىنى يولدىشى ئۇچۇن قۇربان قىلغان مەزلۇم،بەزىدە ئۆزۇمنىمۇ ئانام ھەم بالام ئۇچۇن قۇربان قىلغان دەپ غۇدۇڭشىپ قويىمەن ....دىسە گەپ جىق دىمىسە دەرت .....بەلكىم شۇنداقتۇر،،خىيالارغا غەرق قىلدىغۇ بۇ تەرجىمە ئەسىرىڭىز،،،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 484
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 512
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 127 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:27:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نڭمھنچھ  كۆپ  تەرجىمە ئەسەرلەر بۇ  ئايىغى چىقماس.......

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72309
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1138
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 01:13:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن.تۇرمۇشتا  سەدىردىن خوجىدەك ئادەملەرمۇ ئاز ئەمەس.نۇرغۇن جاپاكەش ئانىلىرىمىز،ئاچىلىرىمىز،سىڭىللىرىمىز بار،شۇنداق ئېغىر كۈنلەردىمۇ باللىرىنى دەپ يولدىشنىڭ  تاياق-توقماق،تىل دەشناملىرىنى ئاڭلاپ،شۇنچە ئىغىرچىلىقلارنى كۆرۈپ يۇرۋاتقان .ئاللاھ شۇنداق ھەمشىرىلىرىمىزگە سەۋىر بەرسۇن،ئىشلرىغا ئاسانلىق بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 316
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 577
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 11:19:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى ئەسەركەن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75725
يازما سانى: 108
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 211
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 83 سائەت
تىزىم: 2012-2-14
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 06:32:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ موماي نىمىشقا يېغلايدۇ كۆز يېشىنى ئىسراپ قىلىپ، مەن بولسام بۇنداق زالىمغا رازىلىق بەرمەيتتىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 854
يازما سانى: 465
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7728
تۆھپە نۇمۇرى: 311
توردا: 5067 سائەت
تىزىم: 2010-5-26
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 07:29:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mirzadam يوللىغان ۋاقتى  2012-4-19 06:32 PM
بۇ موماي نىمىشقا يېغلايدۇ كۆز يېشىنى ئىسراپ قىلىپ، مەن ...

ياماننىڭ ئوتى يامان دەپتىكەن كونىلار ،ئاداۋىتىڭىز مىنىڭكىدىنمۇ كۈچلۈكمۇ نىمە؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11537
يازما سانى: 366
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7094
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 3039 سائەت
تىزىم: 2010-9-25
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 03:51:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىچارە موماي ...يامان  بولسىمۇ  بالىلىرىنىڭ  دادىسى دە... ئۆزبىكلەرنىڭ  بىر گىپى بار ‹تۇرمۇش›

دىگەنى ، مۇش  دىگەنى .  مۇشقا چىدىساڭ  تۇر  دەيدۇ...  ھاياتنىڭ  مۇشلىرىغا چىدايلى ...

سەن  مېنىڭ ھەققىمدە  نىمىنى  ئويلساڭ ,   اﷲ  ساڭا شۇنىڭ  ئىككى ھەسسسىنى  بەرسۇن.

پاك ياشا ئويغۇر قىزلىرى !!!

يىـڭى ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79223
يازما سانى: 6
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 17
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-4-22
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-26 12:57:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بالا ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ،ئىپپەت -نۇمۇسى ئۈچۈن ، قۇربانلىق بېرىش ئەرزىيدۇ . ئارىمىزدا مۇشۇ مومايدەك ئۈن-تىنسىز قۇربانلىق بېرىدىغان ئاياللار كۆپەيسە ئىدى ، مۇھىت تازلىنىپ قالاتتى . ئەرلەرمۇ بۇزۇلمايتى ، ئائىلىمۇ بۇزۇلمايتى ، جەمىيەت مەينەتچىلىككە تولمايتى ، ھىس قىلدىڭلارمىكىن ، موماي ئانىسىنىڭ ‹‹ئۇيات بولىدۇ ›› دىگەن شۇ سۆزى بىلەن پاك ياشاپ ئۆتتى .
لىكىن ،بىزلەرچۇ ؟؟؟؟؟؟ بۇ يەردە بىز ئويلايدىغان ئىش بوۋاينىڭ ئەسكىلىكى ،زۇلۇمى ئەمەس ، بەلكى ،موماينىڭ شۇ ‹‹ئۇيات بولىدۇ ›› دىگەن سۆزگە بوي سۇنۇپ پاك ياشىغىنى .
پاك ياشا ئويغۇر قىزلىرى !!!!!!!!!!!!!!!!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   SaLaMa تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-26 12:58 AM  


ئى اللاھ ،ئىمانىمنى مۇستەھكەم قىلغىن ،ئامىن !!!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش