مىسرانىم مۇنبىرى

ئىگىسى: uzak-yol

بۇ سوئاللارغا كىم جاۋاپ بىرەلەيدۇ؟ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 10:14:26 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bayhenim يوللىغان ۋاقتى  2012-4-19 10:12 PM
مەن بىر نىمۇ تاپالمىدىم سەل دوترەكچۇ مەن

كىم سىزنى دۆت دەيدۇ،ئەمەليەتتە مەنمۇ بىر سوئالغا خاتا جاۋاب بىرىپتىمەن،

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3191
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 307
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1157 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2013-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 10:22:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇمۇرۇغ يوللىغان ۋاقتى  2012-4-19 10:14 PM
كىم سىزنى دۆت دەيدۇ،ئەمەليەتتە مەنمۇ بىر سوئالغا خات ...


بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 348
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4443
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 215 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2013-3-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 10:23:11 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
bayhenim يوللىغان ۋاقتى  2012-4-19 10:22 PM


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47051
يازما سانى: 109
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3529
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 505 سائەت
تىزىم: 2011-7-7
ئاخىرقى: 2013-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 11:41:53 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بىلدىغاننى باشقىلار دوپ بوپتۇ مەن كىيىن قاپتىمەن ئەمەس مۇ

تىرشقان بىلىم ئالۇر، ئۇيالغان كىيىن قالۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78534
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4468
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 09:31:06 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
گېرمانىيا ماتىماتىكا ئالىمى گولدىباخ 1742-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ماتېماتىكا ئالىمى ئەيلېرغا يازغان خېتىدە ناﻫايىتى يۈرەكلىك ﻫالدا 2 "قىياس"نى ئوتتىرغا قويغان.
-1قىياس ئالتىدىن كىچىك بولمىغان ﻫەرقانداق جۈپ سان،ھەمىشە "تاق"ئىككى تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى بولىدۇ. مەسلەن: 8 بولسا 3 بىلەن 5نىڭ،12بولسا5بىلەن 7نىڭ يىغىندىسى دىگەندەك.
-2 قىياس تۇققۇزدىن كىچىك بولمىغان ﻫەر قانداق تاق سان،ﻫەمىشە "تاق" ئۈچ تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى . مەسلەن : 11بولسا 3،5،3دىن ئىبارەت ئۈچ دانا تۈپ ساننىڭ يىغىندىسى.
(ﻫە راست تۈپ سان دىگىنمىز:1بىلەن ئۈزىدىن باشقا سانغا پۈتۈن بۈلۈنمەيدىغان سانلاردۇر.)
ئەيلېر بۇ خەتنى تاپشۇرۋېلىپ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى (23كۇندىن كىيىن)گولدىباخقا يازغان خېتىدە بۇ "قياسلار"نىڭ توغرىلىغىغا ئىشىندىغانلىقى،لىكىن ئىسپاتلاشقا ئامالسىز قالغانلىغىنى ئېيتقان
1900يىللىرغا كەلگەندە 20-ئەسىردىكى نۇپۇزلۇق ماتېماتىكا ئالىمى شىربوت خەلقىرالىق ماتماتىكا ئالىملىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا"گولدىباخ قىياسى"نى دۇنيا ماتېماتىكا تارىخىدىكى "23 ئەڭ قىيىن مەسلە"قاتارىغا كىرگۈزگەن.ۋە نۇرغۇن ئالىملار قول تۇتۇشۇپ بۇ قىياسنى ئىسپاتلاشقا كىرىشكەن،ﻫەم يامان ئەمەس نەتىجىلەرنىمۇ قولغا كەلتۇرگەن.(لېكىن تۇلۇق ئىسپاتلاپ بۇلالمىدى ) .
ئىسپاتلاپ ئەڭ يېقىن كەلتۈرگىنى جۇڭگو ماتېماتىكا ئالىمى چېن جىڭرۇن بولۇپ ، 1+2 نى ئىسپاتلاپ چىقتى .يەنى ھەرقانداق 6دىن كىچىك بولمىغان جۈپ سان بىر تۈپ سان بىلەنئەڭ كۆپ دېگەندە ئىككى تۈپ ساننىڭ كۆپەيتمىسىگە تەڭ بولغان ساننىڭ يىغىندىسى بىلەن ئپادىلەشكە بولىدۇ . قالغانلىرىمۇ 9+9 ، 1+4 ..... دېگەندەكلەرمۇ 9، 4 ... تۈپ ساننىڭ كۆپەيتمىسىگەتەڭ بولغان سان دېگەننى بىلدۈرىدۇ .
ئەمەلىيەتت «1+1» نىڭ ئومۇمىي كۆرنىشى «c+1» بولۇپ ،بۇ يەردىكى c نى ئامال قىلىپ 1 گە ئەپكېلەلىسە ئاندىن گولدىباخ قىياسىنىڭ ئومۇمىي كۆرنۈشى بولغان «1+1» ئىسپاتلىنىدۇ دېگەن گەپ . ئەپسۇس پەقەت 1973- يىلى " 1+2 " ئىسپاتلاندى . لېكىن " 1+1 " نى تاﻫازىرغىچە بىرەر ئالىم ئىسپاتلىيالمىدى .
مەن بۇنى پەقەت تور بېتىدىن كۈچۇرۇپلا قويدۇم.بۇنى ئۇقىغاچ ئۈزۈممۇ بىلىۋالدىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   japakaxana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 09:33 AM  


ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق..

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8998
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10124
تۆھپە نۇمۇرى: 230
توردا: 7860 سائەت
تىزىم: 2010-9-4
ئاخىرقى: 2013-1-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 10:14:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ سوئاللار ئىچىدە پەقەت 3-گىلا جاۋاپ بىرەلەيمەنكەن،بىلىدىغانلىرىمنى باشقىلار دەپ بوپتۇ،بىلمەيدىغانلىرىمنى ئىنكاسلار ئارقىلىق بىلىۋالدىم،خىلى تەس سوئاللاركەن بۇ،مۇشۇنداق ئۇنۋىرسال ساپانى سىنايدىغان تىمىلارنى پات-پات يوللاپ تۇرساڭلار بولغۇدەك،ئاخىرى چىقمايدىغان تالاش-تارتىش تىمىلارغا ۋاقىت ئىسراپ قىلغۇچە،ئازراق بولسىمۇ بىلمىگەننى ئۈگىنىۋالىمىزكەن ،جياڭسۇ تىلىۋىزىيەسىنىڭ(一站到底)پىرۇگىراممىسى مۇشۇنداق ئۇنۋىرسال بىلىمنى سىنايدىغان مەزمۇندا بولۇپ ،قاتناشقان ماھىرلارنىڭ بىلىمىگە بەزىدە قول قويماي تۇرالمايسىز،بۇ بەلكىم بۇخەقنىڭ ئوزلۈكسىز ئىزدىنىدىغان،كۆپ كىتاپ كۆرىدىغانلىغىدىن بولسا كىرەك،بىزنىڭ ئىچىمىزدىمۇ مۇشۇنداق تالانىتلىق ئەقىللىق كىشىلىرىمىز كۆپ، ئەپسۇس ئۇلارنىڭ تالانىتتىنى جارى قىلدۇردىغان مەيدان يۇق....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78534
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4468
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 125 سائەت
تىزىم: 2012-4-8
ئاخىرقى: 2013-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:46:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
1.تۈمۈر خەلىپە-1891-يىلى تۇرپاندا ئىشلەمچى(كارىز چاپقۇچى)ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن.ئۇنىڭ ئائىلىسى ھەددىدىن ئاشقان ئالۋاڭ ياساق دەستىدىن يۇرتىنى تاشلاپ قۇمۇلنىڭ قوراي يېزىسىغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىدۇ. 1912-يىلى ئۇ  قۇمۇلدا ئەسكەرلىككە قاتنىشىدۇ.يېڭىدىن ئەسكەرلىككە ئېلىنغانلار قۇمۇلدىن ئۈرۈمچىگە ماڭىدۇ،يول بويى تۈمۈر خەلىپە قوزغىلاڭ قىلىش توغرىسىدا تەشۋىقار ئېلىپ بېرىپ ئەسكەرلەرنى ئېلىپ ماڭغان ھەربى باشلىقنى پالتا بىلەن چېپىپ ئۆلتۇرۈپ،قۇمۇلغا باستۇرۇپ كىرىدۇ،دېھقانلار ئۇلارغا قۇشۇلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئىنقىلاپ باشلىنىدۇ.بۇ قوزغىلاڭ پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىغان قوزغىلاڭغا ئاساس سېلىپ بېرىدۇ.
1913-يىلى 9-ئاينىڭ 3-كۈنى ياڭ زېڭ شىن تۇمۈر خەلەپىنى ئۈرۈمچىگە ئالداپ كېلىپ قەتلى قىلىدۇ.
2.تۇردى ھاجى-(1863-1987)124 يىل ئۆمۇر كۆرگەن تۇردى ھاجى- لوپ ناھىيىسىدە تۇغۇلغان،ئۆمرىنى ئۇيغۇر تىبابىتىنىڭ يۈكسېلىشى ،تەرەقى قىلىشى ئۈچۈن بېغىشلىغان.
ئۇ ئون نەچچە يىل ۋاقىت سەرىپ قىلىپ«ئۇيغۇر تىبابىتىدە كۆپ قوللىنىلىدىغان مۇرەككەپ دورا نۇسخىللىرى»ناملىق كىتابىنى يېزىپ قالدۇرۇپ كەتكەن.
3.ئىسمايىل دا موللام-(1867-1950)  خوتەن ۋىلايىتىدە ئۆتكەن تۇنۇلغان شائىر ۋە ماھىر خەتتات.ئۇ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتىنى ھازىرقى زامان ئەدىبىياتى بىلەن باغلاپ تۇرغۇچى ئەدىپتۇر. گەرچە ئۇ ئۆز ئەسەرلىرىنى تۈپلەپ قالدۇرغان بولسىمۇ،لېكىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا يىغىۋىلىشغا ئۇچراپ كۆپ قىسمى نابۇت بولغان.
4.فارابى-(870-950)  «شەرىق ئارستوتېلى''نامى بىلەن تۇنۇلغان ئۇيغۇر قارلۇق ئالىمى.
ئۇ پۈتكۈل ھاياتىنى ئىلىم پەن ئىشلىرىغا بېغىشلىغان. ئۇنىڭ تەلىماتلىرى-ئوتتۇرا ئەسىردە شەرق دۇنياسىنىڭ ئىلىم پەن تەرەقىياتىدا مۇھىم رول ئويناپلا قالماي بەلكى غەرپ دۇنياسىنىڭ ئىلىم -پەن تەرەقىياتىغىمۇ سالماق تەسىر كۆرسەتكەن.
5.مۇھەممەت بىننى ئابدۇللا خاراباتى-(1638-1730)  ئاقسۇدا ياشىغان ۋە ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا  بارلىق مال مۈلكىنى كەمبەغەللەرگە بۈلۈپ بېرىپ،ئاشىق سۈپەت كۈن ئۆتكۈزگەن. ئۇ جاھالەتلىك دەۋرانغا قارشى شىكايەتنامىسى بولغان«كوللىيات مەسنەۋى خاراباتى» ناملىق توپلامنى يېزىپ چىققان.
6.مولا موسا سايرامى -(1826-1917)  ئۇ يۇرتىمىزنىڭ شۇ ئەسىردىكى تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىشتە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان .ئۇنىڭ مەشھۇر ئەسەرلىرىدىن«تارىخى ھەمىدىي»،«تارىخى ئەمىنىيە»«تەزكىرە تۇل ئەۋلىيا،«دەربايان ئەسھابۇل كەھف»،«دىۋان  مەسنەۋى»،«سالامنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.
7.موللا بىلال -(1823-1900) ئۇ شۇ دەۋر ئۇيغۇر ئەدىبىياتىدىكى تەنقىدى رىئالىزم ئاساسچىللىرىدىن بىرى.ئۇ غۇلجىدا تۇغۇلغان، نامراتلىق ئىچىدە ئۆتكەن بۇ ئەدىپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا ئەما بولۇپ قېلىپ،ياركەنت شەھىرىدە ئالەمدىن  ئۆتكەن. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن
«غەزەليات»«غازات دەر مۇلكى چىن»«چاڭ موزا يۈسۈپ خان»«نۇزۇگۇم» قاتارلىق داستان  قىسسەلىرى بار.
8.ئابدۇللا  دا موللام-(1888-1975)  خوتەن شەھەرىدە تۇغۇلغان ،داڭلىق تىۋىپ ھەم ئۆلىما . ئۇ كاراچى،بومباي، دېھلى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ دىنى بىلىم ئالغان.قەشقەردە ئوقۇغانلىغى ئۈچۈن «دا موللا» ھىندىستاندا ئوقۇغىنى ئۈچۈن «مەۋلىۋى»دەپ ئاتالغان،ئۇ چەت تىللاردىكى تىبابەتكە ئائىت كىتاپلارنى تەرجىمە قىلىپ،مۇددەرىسلىك قىلىپ دەرس ئۆتكەن.
9.ئەلىشىر ناۋايى-(1441-1501)  شەرق شېئىرىيىتىنىڭ ئاجايىپ جىلۋىدار گۈل تاجى بولغان،ئىجادى بىلەن جاھانغا تۇنۇلغان ،ئۇيغۇر ئەدىبىيات تارىخىنىڭ شانلىق ئىپتىخارى،ئۇلۇغ مۇتەپپەككۇر،شائىر.ئۇ ھىراتتا تۇغۇلغان،يەتتە يېشىدىن باشلاپ شېئىر يېزىشقا باشلىغان.ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ناھايىتى كۆپ،بۇلارنىڭ ئىچىدە«خەزائىنۇل مەئانى»«خەمىسە» ناملىق ئەسىرى ئالاھىدە ئۇرۇن تۇتىدۇ.
10.ئابدۇ قادىر دا موللا-(1862-1924)  مەرىپەتۋەر ئالىم،تەرەقىپەرۋەر زات،تۇنۇلغان ئىجتىمائى پالىيەتچى،شائىر.ئۇ ئاتۇشنىڭ مەشھەد يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن.ئۇ يېڭى ئىلىم-پەن ئارقىلىق خەلقنى نادانلىق جاھالەتتىن قۇتقۇزۇش يۇلىدا ئكمۈر بۇيى كۈرەش قىلغان. نەتىجىدە مۇتەسسىپ كۈچلەرنىڭ دۈشمەنلىگى ،ساتقىنلارنىڭ قول سېلىشى بىلەن ئۆز كۈتۈپخانىسىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئۆلتۇرۇلگەن.
11.تەجەللى-(1850-1930) ئەدىبىيات تارىخىمىزدىكى ئىككى دەۋەرنى يەنى ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتى بىلەن ھازىرقى زامان ئەدىبىياتىنى بىر-بىرىگە باغلاپ تۇرغۇچى مەرىپەتپەرۋەر شائىر،ئۇ قاغىلىق ناھىيەسىدە تۇغۇلغان،تەجەللى-يېتىلگەن شائىرۋە تىۋىپ،  خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە ئىناۋەتكە ئېرىشكەن.ئۇ كۆپ تىللىق بولۇپ،ئۇيغۇر تىلىدىلا ئەمەس پارس،ئەرەپ،ھىندى تىللىرىدىمۇ شېئىر يېزىپ پۇتكۇل ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇنۇلغان.
12.لۇتفى-(1366-1465) ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدىبىياتىنىڭ 15-ئەسىردىكى يېتەكچى نامايەندىسى.ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن «گۈل ۋە نەۋرۇز» ناملىق داستانى ئالاھىدە خارەكتىرلىقتۇر لۇتفىغا ئەلىشىر نەۋايى ئۆز دەۋىرنىڭ «مەلقكۇل كەلامى»(سۆز پاتىشاھى)دەپ نام بەرگەن.
13.سۇلتان سەئىدىخان-(1490-1533) يەكەن سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، شائىر . ئۇ ئىستىداتلىق ،مەرىپەتپەرۋەر كىشى بولغانلىقتىن ،يەكەن خانلىقىدا ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ زور نەتىجىلەر قولغا كەلگەن.سۇلتان سەئىدى خانمۇ ئۇيغۇر ۋە پارس تىللىرىدا نۇرغۇن شېئىرلارنى يازغان،ئەمما دەۋرىمىزگە  كۆپ يېتىپ كىلەلمىگەن. سۇلتان سەئىدىخان  تىبەتكە قىلىنغان بىر قېتىملىق ھەربى يۈرۈشتە 43 يېشىدا ۋاپات بولغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   japakaxana تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-20 11:52 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74956
يازما سانى: 30
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3104
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 2 سائەت
تىزىم: 2012-2-6
ئاخىرقى: 2013-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 01:40:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇيغۇرلاردىكى ئاتاغلىق چاچما شېئىر  شائىرى كىم؟بالىلار شائىرىچۇ؟

ئاتاغلىق چاچما شېئر شائىرى بۇغدا ئابدۇللا ،بالىلار شائىرى توختاش بەكرى

ئىسرائىل ھاكىميىتىنىڭ تۇنجى زوڭتۇڭلىقىنى رەت قىلغان كىشى كىم؟


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76901
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3532
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-3-4
ئاخىرقى: 2013-3-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 06:13:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كۆچ كۆچ  قوشىقى  ئلىدا  يۇز بەرگەن                 تۇنجى پۇتبۇ ل مۇسابىقىسى  قەشقەردە  ئەنگىليىلىكلەر  بىلەن  ئوينالغان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72886
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-1-10
ئاخىرقى: 2012-4-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 08:51:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئېنىشتىن. توەرىمۇ-يا!

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش