مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2062|ئىنكاس: 12

بىر ئاتىنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7420
يازما سانى: 886
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12414
تۆھپە نۇمۇرى: 936
توردا: 7782 سائەت
تىزىم: 2010-8-22
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 08:04:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر ئاتىنىڭ ئوغلىغا يازغان خېتى


ئەسەر ئاپتورى: dawirdax

مىكروفون ئالدىدا: قۇربانجان ئىسمايىل

كىرىشتۈرگۈچى: مەخمۇتجان ئابدۇجېلىل(رىۋايەت)


    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئوغلۇم، ياخشىمۇ سەن، تېنىچ-ئامان تۇرۇۋاتامسەن، ئوقۇشلۇرۇڭ ئۇتۇقلۇق،كۈنلىرىڭ مەنىلىك ئۆتۈۋاتقاندۇ؟ بىزلەردىن ئەھۋال سوراشنى خالىساڭ،بىزمۇ ئوبدان تۇردۇق، سەن ئۆتكەن تەتىلدە قايتىپ كەلمىگەچ ئاپاڭ سېنىڭ سۈرىتىڭگە قاراپ پات-پات كۆز يېشى قىلىدىغان بوپ قالدى، بەلكىم سېنى سېغىنغاندۇ، سىڭلىڭ داۋاملىق سېنىڭ ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئالغان تەقدىرنامىلىرىڭنى كۆتۈرۈپ، مەنمۇ ئاكامدەك ياخشى ئوقۇيمەن دەيدۇ، مەھەللىدىكىلەر ۋە ئۇرۇق-تۇققانلار داۋاملىق سېنى سورايدۇ، ھەممىمىز سېنى سېغىندۇق.
ئەمدى مەخسەتكە كەلسەك:
    ئەسلى بۇ گەپلەرنى ساڭا دېمەي دېگەن ئىدىم بالام، بىراقسېنى بېقىپ چوڭ قىلغان دادا بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ۋەتەن-خەلققە،مىللەتكە ياراملىق بىر ئوغلان تەربىيەلەش ۋەزىپىسىنى زىممەمگە ئارتقان ئاتا بولۇش سۈپىتىم بىلەن ساڭا دىيىشنى لايىق كۆردۈم، لېكىن ئېسىڭدە بولسۇن بالام مەن بۇ گەپلەرنى ھېچكىمگە دىگىنىم يوق، خوشنىمىزنىڭ قىزى ئالمىرە چەتئەللىكلەرنى باشلاپ كەپتىكەن، مەن ھەممە ئەھۋالنى شۇ قىزدىن بىلدىم، مەن بۇ گەپلەرنىڭ يالغان بوپ قېلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىت قىلغان ئىدىم بىراق رەھىمسىز رېئاللىق مېنى ئىشەندۈرۈشكە مەجبۇر قىلدى ئوغلۇم!!
    مەن سېنىڭ ئۆتكەندە مېنى ماشىنا سوقۇۋەتتى، شوپۇر قېچىپ كەتكەچكە ساقچىلارمۇ ئامال قىلالمىدى، داۋالىنىش راسخودىنىڭ يېرىمىنى مەكتەپ كۆتۈردى، قالغان يېرىمىگە سىلەر بىر ئامال قىلساڭلار دەپ بىزدىن 3000 كوي پۇل ئالغىنىڭنىڭ ئەسلى يالغان ئىكەنلىگىنى، سېنىڭ ئۇ پۇللارغا، ئېنتىرنېتتا تونۇشقان بىر قىز دوستۇڭنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى قىز دوستۇڭنىڭ توسۇشىغا قارىماي،ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، ئۇ قىزنىڭ ۋە ئۇنىڭ دوستلىرىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكىڭنى بىلدۇق،يەنە ياتاقتىكى ھەممە ساۋاقداشلىرىمنىڭ كومپىيوتۇرى بار، پەقەت مېنىڭلا يوق، دەرسلىكلەرنى كومپىيوتۇر بىلىملىرىگە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگەنسە بەك كاللىسىغا چۈشىدىكەن، ھەم بۇندىن كېيىن كومپىيوتۇر بىلمىگەنلەرنىڭ كۆزى ئوچۇق قارىغۇ بوپ قالىدىغانلىقىنى، ساۋاقداشلىرىڭنىڭ كومپىيوتۇرىنى سوراۋىرىپ خىجىل بولغانلىقىڭنى ۋە بۇندىن كېيىن دەرىسلەردە ناھايىتى تىرىشىدىغانلىقىڭنى بىلدۈرۈپ تالاي گەپلەر بىلەن بىزنى ئالداپ7500 كويغا داڭلىق ماركىلىق كومپىيوتۇر ئالدۇرغانلىقىڭنىڭ، ئەسلىدە ئېنتىرنېت تورىدا قىزلار بىلەن مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى بىلىپ قالدىم ئوغلۇم!!! ھازىر ياتاقتا پەقەت سېنىڭكىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ كومپىيوتۇرى يوق ئىكەن، سىنىپىڭدىكى بىر قىسىم ئوغۇللار بىلەن كۈندە دېگۈدەك دەرىسكە قاتناشماي، كومپىيوتۇر ئالدىدا ئولتۇرۇپ،دەرىسكىمۇ تولۇق قاتناشماي، كېچىلىرىمۇ ئۇخلىمايۋاتقانلىقىڭنىمۇ بىلدىم ئوغلۇم، سېنىڭ كومپىيوتۇر ئالمىغان چاغدا تورخانىلاردا، كومپىيوتۇر ئالغاندىن كېيىن بولسا ياتاقتا،كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي، تاماقنىمۇ ۋاقتىدا يىمەي، تورغا چىقىپ ئورۇقلاپ كەتكەنلىكىڭنى، دەرىستىمۇ ئارقىغا چېكىنىپ كەتكەنلىكىڭنى بىلدىم بالام.مۇشۇ تاپتا كۆز ئالدىمغا سېنىڭ تاماكىنى قىڭغىر چىشلەپ كومپىيوتۇر ئېكرانىغا قاراپ ئولتۇرغان ھالىتىڭ كېلىۋاتىدۇ.
    ئوتكەن تەتىلدە سىنىپتىكى بالىلار بىلەن ئېنگىلىز تىلى كۇرسىدا ئوقۇيدىغان بولدۇم، بۇ تەتىل ئۆيگە قايتمايمەن،
دىگەن ۋاقتىڭدا، گەرچە سېنى شۇنداق سېغىنغان بولساقمۇ، سېنى ياراملىق ئادەم بولسۇن دەپ كۆزىمىزگە ياش ئېلىپ ماقۇل بولغان ئىدۇق، مەن شۇ ۋاقىتتا تېلفۇن نومۇرىڭدىن گۇمان قىلغان بولساممۇ بىراق سېنى بىزنى ئالدىماس دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئەمىلىيەتتە بولسا سېنىڭ جەمئىيەتتىكى بالىلار بىلەن ئېنتىرنېتتا تونۇشقان قىزلارنى دەپ باشقا شەھەرلەرگە بېرىپ كەلگەنلىكىڭنى بۈگۈن ئۇقتۇم بالام. بالام!!! سەن ھازىرمۇ كومپىيوتۇر ئالدىدا ئولتۇرامدىغانسەن،قۇلىقىڭغا خوش ياقمىسىمۇ ساڭا دىيىشكە مەجبۇرمەن، سېنى تۆت يىلدىن بۇيان ئوقۇتىمىز دەپ ئائىلىمىزدە ئىقتىساد تۈگەپ قالدى، مەن بۈگۈن بېرىپ كۆزۈمگە ياش ئالغان ھالدا سىڭلىڭنىڭ مەكتەپتىن چېكىنىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ كەلدىم، تولۇق ئوتتۇرامەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش خىراجىتىمۇ شۇنداق يۇقىرى ئىكەن، ئامال قىلالمىدۇق ،سىڭلىڭ بىر شىركەتنىڭ باسمىخانىسىدا ئايلىقىغا 350 كوي مۇئاش بىلەن ئىشلىمەكچى، ئۇ ماڭا مەيلى دادا ئاكام ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ ياخشى يەردە خىزمەت قىلىپ يۇقىرى مۇئاش ئالغاندا مېنى ئوقۇتىدۇ، ھازىر ئاكامنىڭ تاماق پۇلىنى مەن ئۈستۈمگە ئالاي دېدى، مەن قىزىمغا يۈز كېلەلمەيمەن، بالىلارنى ئوقۇتۇش مېنىڭ بۇرچۇم ئىدى مەن ئادا قىلالمىدىم ئوغلۇم، ئاكاڭ رەھمىتى ھايات بولغان بولسا بۇنداق كۈنلەرگە قالماس ئىدۇق ئوغلۇم، ھازىر پۈتۈن بىر ئائىلە پەقەت مېنىڭ پىنسىيە مۇئاشىمغىلا قاراشلىق بوپ قالدۇق بالام، سېنى باشقىلار ئالدىدا يەرگە قاراپ قالمىسۇن كومپىيوتۇر ئېلىپ بېرىمىز دەپ ئۇرۇق-تۇققانلاردىن، خولۇم-خوشنىلاردىن قەرز ئالغان ئىدۇق،ئۆتكەندە ماشىنا سوقۇۋەتتى دېگەن ۋاقتىڭدا پۇت-قولىمىزدا جان قالمىدى، بېرىپ قەرز سورىمىغان يەرلىرىمىز قالمىدى، بىزدەك سېرىقتال تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلارغا ھازىر ھېچكىم قەرز بېرىپ تۇرمايدىكەن، ئاخىرى ئامال قىلالماي ئاپاڭ بىچارىنىڭ ئالتۇن زىبۇ-زىننەتلىرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولدۇق. بۇنداق گەپلەر دېسەم يەنە بار ئوغلۇم......!!!!!
    بىلەمسەن ئوغلۇم، بىز سەندىن نۇرغۇن ئۈمىتلەرنى كۈتكەن ئىدۇق، ھېلىھەممۇ ئۇ ئۈمىت ئۇچقۇنلىرى ئۆچكىنى يوق،ساڭا يەنە پۇرسەت بار ئوغلۇم،سېنىڭ خېتىمنى كۆرگەندىن كېيىن، كومپىيوتۇرنى ئېنتىرنېتتا قىزلار بىلەن سۆزلىشىشكە ئەمەس، بەلكى بىلمىگەننى ئۆگىنىشكە ئشلىتىشىڭنى، باشقا كومپىيوتۇر ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى يارىتىۋاتقان بالىلارغا ئوخشاش سېنىڭمۇ مۆجىزە يارىتىشقا تىرىشىشىڭنى، دەرىسلەرگە ئۆزۋاقتىدا تولۇق قاتنىشىپ، بىلمىگەننى سوراپ، ساۋاقداشلىرىڭ بىلەن ئۆز-ئارا ياردەمدە بولۇپ، سىنىپتىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچىلاردىن بولۇشىڭنى ئۈمىت قىلىمەن بالام،
    بالام سېنىڭ ھازىر مۇھەببەت دەيدىغان ۋاقتىڭ ئەمەس، راستىنى دېسەم مۇھەببەت دېگەنگە مەنمۇ تولۇق تەبىر بېرەلمەيمەن، شۇڭا مۇھەببەت خىياللىرىنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ كېلىپ، خىزمەتكە ئورۇنلاشقان ۋاقتىڭدا ئويلاشساڭمۇ كېچىكمەيسەن ئوغلۇم.
    بالام بىزدە ئارتۇق گەپ ئىشەككە يۈك دەيدىغان بىر گەپ بار، شۇڭا ئارتۇق گەپ قىلماي، ئۆزۈڭ ياخشىراق ئويلىنىپ كۆرەرسەن، ئاكاڭ رەھمىتىنىڭ جان ئۈزۈش ئالدىدا دېگەنلىرىنى،ئۇنىڭغا بەرگەن ۋەدىلىرىڭنى ئۇنۇتما ئوغلۇم!!
    ئۇنداق قىلمىساڭ ئاكاڭ رەھمىتىگە يۈز كېلەلمەيسەن، سېنى ئويلاپ بىر تېرە، بىر ئۇستىخان بوپ قالغان ئاپاڭغا يۈز كېلەلمەيسەن، سېنى دەپ ۋاقىتلىق ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم بولغان سىڭلىڭغا، ۋەتەن-خەلققە، مىللەتكە يۈز كېلەلمەيسەن ئوغلۇم!!!!!
    مەن ئىشىنىمەن، سەن چوقۇم ئۆزگىرىپ ياخشى ئادەم بولالايسەن، سىنىپىڭدا ئەلاچىلار قاتارىدىن ئورۇن ئالالايسەن،بىزنىڭ كۈتكەن ئۈمىدىمىزنى چوقۇم ئاقلىيالايسەن، خەير ئوغلۇم ئۇلۇق ئاللاھتىن ساڭا ئىنساپ تىلەيمەن،ئامان بولغىن، ساڭا ئۇتۇق تىلەيمەن. سېنى ئەسلەپ:
                                           ئاتاڭدىن؛


ئاۋازلىقىمۇ بار ئىكەن ،يوللىيالمىدىم ئاۋازلىقىمۇ بەك تەسىرلىككەن باشقۇرغۇچىلار قوشۇپ قويساڭلار بوپتىكەن!



مەنبە:خۇشدىل مۇنبىرىhttp://huxdil.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=644

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-19 03:04 AM  


قىلالمايمەن دىيىش مەغلۇبىيەتنىڭ باشلانمىسى!!!!

مۇھەببىتىمنى قارا بوران دارغا

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47229
يازما سانى: 103
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3941
تۆھپە نۇمۇرى: 340
توردا: 1189 سائەت
تىزىم: 2011-7-9
ئاخىرقى: 2014-9-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 11:43:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپاكەش ئاتا -ئانىلا

22.jpg

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 515
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4216
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 160 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:19:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  توۋاھ..................................   ئى سۈرەتكە قاراپ بەك خىجىل بۇلۇپ كەتتىم

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 712
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6649
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 545 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2014-12-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 11:16:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1149
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 6222
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 568 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-12-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 12:58:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا تەسىرلىككەن. ھەي بىچارە ئاتا-ئانىلار! بەلكىم ئارمىزدىمۇ شۇنداق كەچۈرمىشى بارلار يوق ئەمەستۇ، ئۆزمىزگە كۆرۈنمەيدۇ. ئۇلۇق ئاللاھتىن ئاتا-ئانلارنىڭ ئۆمۈرلىرىنىڭ ئۇزۇن بولىشىنى، ساقايماس كېسەللەردىن خالى بولشىنى، ئىمانلىرىنىڭ مۇكەممەل بولۇشىنى تىلەيمەن!

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 7825
يازما سانى: 864
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7418
تۆھپە نۇمۇرى: 395
توردا: 1930 سائەت
تىزىم: 2010-8-25
ئاخىرقى: 2014-12-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 02:10:03 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇقۇپ بولغىچە كۆزلىرىمىدىن ياش چىقىپ كەتتى. بەك تەسىرلىك چىقىپتۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78627
يازما سانى: 335
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 224 سائەت
تىزىم: 2012-4-10
ئاخىرقى: 2015-3-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 02:22:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەكلا تەسىرلىك ئىكەن،بۇنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ ئۆزۈمنى خۇددى ئاشۇ بالىدەك ھېس قىلىپ قالدىم.
ھەي جاپاكەش ئاتا ئانىلار،بىز قانداق قىلساقمۇ سىلەرنىڭ بىزگە قىلغان ئەجرىڭلارنى قايتۇرۇپ بۇلالمايمىز.بىز سىلەرنى مەڭگۈ سۈيىمىز.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78824
يازما سانى: 86
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3150
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 19 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2012-11-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 04:27:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاتا -ئانا رازى خۇدا رازى !!
ھايات ۋاختىدا ئۇلارنىڭ قەدرىگە يېتەيلى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78393
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3108
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2013-1-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-19 08:49:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ھەقىقەتەن  تەسىرلىككەن  ...   

骑着狼 放着羊 唱着歌 耍流氓

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 109
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1701 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 06:58:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سۇمۇرۇغ يوللىغان ۋاقتى  2012-4-19 02:22 PM
بەكلا تەسىرلىك ئىكەن،بۇنى كۆرۈپ ۋە ئاڭلاپ ئۆزۈمنى خۇد ...

مەن مۇ شۇنداق ئويلاپ قالدىم ھەم يىراقتىكى ئاتا ئانامنى بەكمۇ سېغىندىم

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش