ئۇ دۇنيادا كۈتىمەن
ھېكايە
ئۇ ئادەتتىكىدەكلا بىر قىز بولۇپ ناھايىتى ناھايىتى قاملاشقان بىر يىگىتنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرەتتى
بىر كۈنى، يىگىت قىزنى ئېلىپ بىر يەرگە ئاپاردى، قىز خىجىل بولغىنىدىن يۈزلىرى ئاناردەك قىزىرىپ كەتكەن ئىدى.
يىگىت قىزغا كۆڭۈل بۆلمىگەن ھالدا كەينىچە تۇرۇپلا سۆز ئاچتى: «بىلەمسىز،مېنىڭ ناھايىتى چىرايلىق بىر قىز دوستۇم بار،كېيىن ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى»دېدى. بۇۋاقتتا قىز ناھايىتىمۇ ئازابلاندى،كۆڭلىدە ماڭا مۇشۇنى ئېيتىش ئۈچۈن بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ دەپ ئويلىدى.
-ئاندىنچۇ، قىز سورىدى
-لېكىن ئۇ يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالدى،ئۇنىڭ قان تىپىغا ماس كېلىدىغان يۈرەك تېپىش ئىنتايىن قىيىن... يىگىت شۇنداق دېيىشىگىلا قىز ئۇلاپلا سۆز قىلدى:
-توختاڭ! مەن سىزنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدىم،ماڭا يۈرىگىڭنى مەن توي قىلماقچى بولغان ئاشۇ قىزغا بەرگىن دېمەكچىمۇ؟ قىز ئۇنىڭ نېمە دېمەكچى ئىكەنلىكىنى بىر قاراپلا ھېس قىلىپ بولغان ئىدى.
سىزنىڭ بۇنداق ئويلىغىنىڭىز بەك ئاشۇرىۋەتكەنلىكمۇ قانداق؟ مېنىڭ ھاياتىم بىلەن قىز دوستىڭىزنىڭ ھاياتىنى تېگىشمەكچىمۇ؟
يىگىت بىرئاز سۈكۈتتە تۇرغاندىن كېيىن سۆز ئاچتى:
مەن بۇنداق قىلىشنىڭ ئادىل بولمايدىغانلىقىنى بىلىمەن،بۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىزگە پۇل بېرىمەن.
سىزچە پۇل بىلەن ھەممىگە ئېرىشكىلى بولامدۇ؟ مۇتەئەسسىپ! قىز ئاچچىقلانغىنىچە مۇشۇنداق دېدى دە كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاققىنىچە يۈگۈرۈپ قايتىپ كەتتى.
ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي يىگىت يەنە قىزنى ئىزدەپ ئۇنىڭ قايتا ئويلىنىپ بېقىشىنى،ياردەم قىلىشىنى ئۆتۈندى.قىزدىن جاۋاپ كەلمىدى.
يىگىت كۈندە دېگۈدەك مەكتەپ دەرۋازىسى ئالدىدا بۇ قىزنى ساقلىدى،ھەر كۆرىشىدە ئۇنىڭدىن قايتا ئويلىنىپ كۆرۈشىنى ئۆتۈندى.بىر كۈنى قىز يىگىتنىڭ قولىغا بىر پارچە خەتنى تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى،خەتتە ئالدىنقى قېتىم بارغان ئاشۇ جايدا يىگىتنىڭ ساقلاپ تۇرۇشىنى ئېيتقان ئىدى.
يىگىت بالدۇرلا بېرىپ ساقلاۋاتاتتى. قىزنىڭ كېلىپ بولغىنىنىمۇ سەزمەي قالدى.
مەن كەلدىم! دېگەن ئاۋازنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئارقىغا بۇرۇلدى.ئېغىز ئاچاي دەپ تۇرۇشىغا قىز ئۇلاپلا سۆزلىدى
مەن سىزگە ماقۇل بولاي،لېكىن سىزمۇ مېنىڭ بىر شەرتىمگە ماقۇل بولىشىڭىز كېرەك. بۇنىڭ ئاڭلىغان يىگىت ناھايىتى خوشال بولغان ھالەتتە
- بىر ئەمەس 100 شەرت دېسىڭىزمۇ مەيلى
- بولىدۇ،بۈگۈندىن باشلاپ ئۈچ ئاي ۋاقت مېنىڭ ئوغۇل دوستۇم بولىسىز،ۋاقت توشقاندىن كېيىن مەن يۈرىگىمنى بېرىمەن.
- بولىدۇ. دەپ جاۋاب بەردى يىگىت بىردەم ئويلانغاندىن كېيىن
شۇندىن باشلاپ ئۇلار ھەركۈنى مەكتەپكە بىللە بېرىپ بىللە قايتتى.قىز ئۇنىڭ ئۆزىنى ھەقىقى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۈندە مۇشۇنداق بىللە ئۆتۈشكە رازى ئىدى،شۇندىلا ئۇنىڭ كۆڭلى ئارام تاپاتتى.
بارغانسىرى بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىشىشقا باشلىدى،دائىم بىللە دېڭىز بويىغا،ساھىللارغا بېرىپ ئويناپ ناھايىتى خوشال قايتاتتى.
بىر كۈنى قىز يىگىتكە :
- مېنىڭ قىز دوستىڭىزنىڭ قېشىغا ئاپىرىڭ،مەن ئۇنى كۆرۈپ باقاي بولامدۇ ؟ دەپ سورىدى.
- بولىدۇ دەپ جاۋاب بەردى يىگىت ھەمدە قىزنى ئېلىپ دوختۇرخانىغا ئاپاردى،يىگىتنىڭ قىز دوستى كارۋاتتى جىمجىت ياتاتتى،ئۇ ھەقىقەتەنمۇ چىرايلىق،گۈزەل بىر قىز ئىدى.قىز يىگىتتىن ئۇ قىزنىڭ ئىسمىنى سورىدى ھەمدە كېيىنكى كۈنلەردە دائىم ئىككىسى بىللە كېلىپ كۆرۈپ كېتىشنى ئادەت قىلدى.
ناھايىتى تېزلا ئىككى ئاي ۋاقت ئۆتۈپ بولدى،قىز يىگىتكە تېلفۇن قىلىپ ھېلىقى جايدا كۆرۈشنى تەلەپ قىلدى،يىگىتمۇ ماقۇل بولدى ھەمدە ئۇلار ئاشۇ كونا جايدا كۆرۈشتى.
- نېمە دېگەن تېز ھە ؟، ناھايىتى تېزلا ئىككى ئاي ۋاقت ئۆتۈپ بولۇپتۇ،مېنىڭمۇ ئۆلىدىغان ۋاقتىمغا ئازلا بىر قىسىم ۋاقت قاپتۇ. دېدى قىز دادىل ھالدا
- ...
- سىز بۇنداق قىلماڭ،مەن بۇلارنى ئۆزۈم خالاپ قىلدىم،مەن سىزدىن بىر سۇئالنى سوراي ماڭا ھەقىقىي جاۋاب بېرىڭ،سىزمېنى ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ؟
- راست گەپ قىلسام نەچچە ۋاقتتىن بېرى يېنىمدا بولمىسىڭىز بىرنەرسەم كامدەكلا ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم،تاتلىق كۈلكىلىرىڭىز مېنى دائىم خوشال قىلىدۇ،لېكىن كېيىنكى كۈنلەرنى ئويلىسام كېچىچە ئۇيقۇم كەلمەيدۇ.بۇ مېنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمنىڭ ئىسپاتى بولىشى مۆمكىن.
- راست دەۋاتامسىز؟ دەپ سورىدى قىز خوشال ھالدا.
- مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ سىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغانلىقىمغا ئىشىنەلمەيۋاتىمەن،لېكىن مەن ئۇنى تاشلاپ قويسام بولمايدۇ،ئۇنى مومام ماڭا تاپىلىغان،كىچىكىمدىلا ئۇنىڭ بىلەن چېيىمنى ئىچكۈزۈپ قويۇپتىكەن.باشقا قىزلارنىڭ مېنى ياخشى كۆرۈپ قېلىشتىكى سەۋەبى مېنىڭ ئاتا - ئانامنىڭ پۇلدار ئادەم بولغانلىقىدا.
يىگىت بۇلارنى دەپ بولغاندىن كېيىن چوڭقۇر بىر تىندى.
قىز كۈلگەن ھالدا جاۋاب قايتۇردى:
- مەن سىزگە راست گەپنى قىلاي،مەن سىزنى يوشۇرۇن ياخشى كۆرۈپ كەلگىلى 3 يىل بولدى، ئەينى ۋاقتتا سىز مېنى بۇ يەرگە ئەكەلگەندە مېنىڭ قانچىلىك خوشال بولغىنىمنى ھېس قىلالامسىز؟ لېكىن سىز مېنىڭ يۈرىگىمنى باشقىلارغا بېرىشىمنى تەلەپ قىلدىڭىز، شۇچاغدا ئاچچىقىمدا نېمە دېيىشىمنى بىلەلمەي قالغان ئىدىم...
- كەچۈرۈڭ!
- كەچۈرۈڭ دېگەن سۆزنى ئاغزىڭىزغا ئالماڭ! مېنىڭ ئۇنداق گەپلەرنى ئاڭلىغۇم يوق!
يىگىت بىلەن قىز جىمجىتلىققا چۆمدى،ئەتراپمۇ ھەم بۇلارنىڭ گېپىنى تىڭشاۋاتقاندەك تىپتىنىچ ئىدى.
ئارىدىن بىر قانچە مىنۇت ئۆتۈپ يىگىت كەسكىن ھالدا سۆز ئاچتى:
- مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن،سىز ئۇنىڭغا يۈرىگىڭىزنى بەرگەندىن كېىيىن مەن سىز بىلەن بىللە كېتىمەن.سىز نەدە بولسىڭىز مەن شۇ يەرگە بارىمەن.
- مېنىڭ سىزنى بىللە ئېلىپ كەتكۈم يوق، ئۇنىڭغا ئوبدان قارىشىڭىز كېرەك، ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم توي قىلىشىڭىز كېرەك،شۇندىلا ماڭا يۈز كېلەلەيسىز! قىز ياش تۆككەن ھالدا بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولغۇچە بوقۇلداپ يىغلاپ كەتتى.
- تەغدىر مۇشۇ بولامدۇ؟ مۇشۇنداق ئادالەتسىز بولامدۇ؟ بىر بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ بىللە بولالمىساق،بۇ نېمە دېگەن ئازاب ھە!؟
- بولدى بۇ گەپلەرنى قىلىشمايلى،ئاخىرقى بىر ئايدا ئۆز يۈرىكىڭىزدىن چىقىرىپ مېنى ياخشى كۆرسىڭىزلا مەن بىر ئۆمۈر شۇنىڭغا رازى.
ئۇلار يەنە بىرلىكتە كارۋات ئۈستىدىكى قىزنى كۆرگىلى باردى.ئۇلار دائىم بىللە كەلگەچ بىمار قىزمۇ بۇ قىزنى دائىم كۆرەتتى،كۆڭلىدە چوقۇم يىگىتنىڭ مۇھەببىتى دەپ ئويلايتتى بۇ قېتىم ئېغىز ئېچىشنى مۇۋاپىق كۆردى ھەمدە قىزنى بىللە ئالما يېيىشكە تەكلىب قىلدى.
ئۆزى ياخشى كۆرگەن يىگىتىنىڭ توي قىلماقچى بولغان قىزىغا قۇربانلىق بېرىشىنى ئويلاپ ئىختىيارىسىز ھالدا كۆزىدىن تامچىلاپ ياش ئېقىشقا باشلىدى.تاكى ئۆيىگە قايتقۇچە كۆزىدىن ياش توختىمىدى.
17 كۈندىن كېيىن ئۇلار يەنە كونا جايدا ئولتۇرۇپ پاراڭلاشتى.
- ئاخىرقى 12 كۈن ۋاقت قالدى. قىز بۇ سۆزنى دەپ تۇرىشىغىلا
- شۇنداق،ناھايىتى تېز ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ،تويۇقسىز يىگىتنىڭ كۆزىدە ياشلار تامچىلاشقا باشلىدى.
- مەن پەقەت شۇ يۈرىگىمنى بېرىمەن. قىزنىڭ يىگىتنىڭ يىغلىغىنى كۆرگىسى يوق ئىدى.
توي قىلىدىغان ۋاقتىڭىزغا ئاز قېلىۋاتىدۇ ئالدىن مۇبارەكلىۋالاي،مۇبارەك بولسۇن!
- بولدى بۇ گەپلەرنى قىلماڭ، يىگىت يىغىسىنى توختىتالمىدى.
ئەڭ ئاخىرقى 2 كۈن قالغان كۈن دوختۇرخانىدىن يىگىتكە تېلفۇن كەلدى ھەمدە بىمار قىزنىڭ قان تىپى بىلەن ئوخشاش بولغان بىرىنىڭ يۈرىگىنى بەرمەكچى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. يىگىت ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى خوشال بولدى.ئۆزى ياخشى كۆرگەن قىز بىلەن داۋاملىق بىللە بولالايدىغانلىقىدىن چەكسىز خوشاللىققا چۆمدى ھەمدە بۇ خوش خەۋەرنى قىزغا خەۋەر قىلىشنى لايىق تاپتى،ئۆيىنىڭ ئالدىغا كېلىپ تېلفۇن قىلدى،تېلفۇنى ئۇلانمىدى،دەرىزىسىگە يېقىن جايدىن قىزنىڭ ئىسمىنى چاقىردى، ھېچ سادا كەلمىدى،ئۆيىگە كىردى،ئۆيدە ھېچكىم يوق ئىدى.نېمە بولغانلىقىنى قەتئىي بىلەلمىدى،ئۇنىڭغا بىرەر ئىش بولۇپ قېلىشىدىن تولىمۇ ئەنسىرىدى بۇ ئەنسىرەش تۇنجى قېتىملىق ئەنسىرەش ئىدى.
ئەتىسى بىمار قىز ئوپىراتسىيە قىلىندى،تاھازىرغىچە قىزنىڭ ئىزدېرىكىنى ئالالمىغان ئىدى.ئوپىراتسىيە تۈگىگەندىن كېيىن قىزنىڭ ئۆيىگە باردى،ئەپسۇسلىنارلىقى ئۆي ئىشىكىگە ئىجارىگە بېرىلىدۇ دەپ يېزىغلىق ئىدى.ئۇ دەرھال ئۆي ئىگىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ قىزنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سورىدى، ئالغان جاۋابى «قىز كۆچۈپ كەتتى، كېتىشتىن بۇرۇن ماڭا بىر پارچە خەتنى مېنى ئىزدەپ كەلگەن يىگىتكە بېرىپ قويۇڭ دېگەن ئىدى،سەن ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن بىردىنبىر يىگىت بەلكىم بۇنى ساڭا بېرىشىم كېرەكتۇر
يىگىت دەرھال قەغەز ئۈستىگە يېزىلغان خەتلەرگە كۆز يۈگۈرتتى.
«قەدىرلىكىم:
مەن سىز توي قىلماقچى بولغان قىزغا يۈرەك بايقالغانلىقىنى بىلدىم،شۇنىڭ ئۈچۈن مەت بۇ يەردىن ئايرىلىشىم كېرەك،مېنىڭ سىزنى تەڭلىكتە قويغۇم يوق،مەن ياۋروپاغا كېتىشنى قارار قىلدىم، ئۇنىڭ بىلەن چوقۇم توي قىلىڭ! بۇمېنىڭ سىزدىن ئەڭ ئاخىرقى ئۆتۈنۈشۈم!
خەير كېيىنكى دۇنيادا تەغدىرىمىز قوشۇلسا كۆرۈشەرمىز
يىگىت بۇ خەتلەرنى كۆرگەندىن كېيىن كۆزىدىن ياشلار تاراملاپ ئېقىشقا باشلىدى...
يىگىت مومىسىنىڭ تەلىپى بويىچە قىزنى ئېلىپ ئامېركىغا بېرىپ توي قىلىشنى لايق تاپتى،شۇندىن ئېتىبارەن ھېچكىم ھېلىقى كونا جايغا كېلىپ باقمىغان ئىدى.
بىر قانچە يىلدىن كېيىن يىگىت يۇرتىغا قايتىپ كەلدى ھەمدە ئاشۇ كونا جايغا باردى،ھەممە ئۆزگەرگەن ئىدى،تۇيۇقسىز يېقىن جايدىكى بىر قەبرە ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقتى،قەبرە ئۈستىگە ھېچقانداق ئۇچۇرلار يېزىلمىغان ئىدى. ئۇ قەبرىستانلىققا قارايدىغان خىزمەتچىنى ئىزدەپ كىم ئىكەنلىكىنى نېمىشقا ھېچقانداق ئۇچۇر يېزىلمىغانلىقىن سورىدى،خىزمەتچى بوۋاي يىغلاپ تۇرۇپ:«بۇ مېنىڭ قىزىمنىڭ قەبرىسى،ئۇ ئۆزىنىڭ يۈرىگىنى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ كېيىن توي قىلماقچى بولغان قىزىغا بەرگەن ئىدى.ھەمدە ئوپىراتسىيەدىن بۇرۇن مۇشۇ ئورۇندۇققا يېقىن جايغا دەپنە قىلىشنى ۋەسىيەت قالدۇرغان ئىدى » دەپ جاۋاب قايتۇردى.يىگىت قايتۇرۇپ ئۇنىڭ ئىسمىنى سورىدى،بوۋاي دەپ بەرگەن ئىسىم بىلەن يىگىتنىڭ قولىدىكى ئاشۇ كونىراپ كەتكەن قەغەزنىڭ ئەڭ ئاستىغا يېزىلغان ئىسىم بىلەن ئوخشاش ئىدى.
يىگىتنىڭ يېشى ئەمدىلىكتە ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىدى «ئۇ ياۋروپاغا كەتكەن ئىدىغۇ» دەپ قاتتىق ئۆكسۈپ يىغلىدى،بوۋاينىڭ «ئۇ يىگىتنىڭ ئازابلىنىشىدىن ئەنسىرەپ ياۋروپاغا كەتتىم دەپ قويغان ئىدى»دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ ئاۋازىنى قويىۋېتىپ يىغلاپ كەتتى.
ئىككىنجى كۈنى بۇ قەبرە يېنىغا يىگىتنىڭ قەبرىسىمۇ قوپۇرۇلدى،قەبرە بېشىغا «ئانا مېنى كەچۈرگىن،مەن سېنىڭ رۇخسىتىڭسىز ئۆزۈم ياخشى كۆرگەن قىز بىلەن توي قىلدىم،مەندەك بىر ۋاپاسىز ئوغلۇڭنىڭ جەسىدىنى ئاشۇ قەبرە يېنىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغىن بولامدۇ؟» دېگەن خەتلەر يېزىقلىق ئىدى.
ئۇف ھەجەپ تەستە تەرجىمە قىلدىم ماۋۇ ھېكايىنى،ئاران تېخى ئىككىنجى قېتىم ھېكايە تەرجىمە قىلىپ بېقىشىم،خاتالىق بولسا دىلىڭلاردا تۈزىتىپ ئوقۇۋېلىشىڭلارنى ئۈمد قىلىمەن!
قارىسام مۇنبەردە ھەممىڭلار ۋاخاخا ، شاخاخا يۈرىدىكەنسىلەر يىغلىتىپ ھەممىڭلارنى يىغلاڭغۇ قىلىۋەتمىسەم خەپ بۇندىن كېيىنمۇ دائىم مۇشۇنداق ئادەم يىغلىتىدىغان تېمىلارنى يوللايمەن.قوللايدىغانلار
پۇل تاشلاڭلار ئەمسە ھە...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARSLAN تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-18 06:22 PM