|
|
|
|
توربېتىڭىزنى 20دىن ئارتۇق ئىزدەش ماتورىغا قوشىۋېلىڭ
ئىزدەش ماتورى ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشنىڭ ئەڭ بىۋاستە ئۇسۇلى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ئەڭ چوڭ ئىزدەش ماتورى بولسا Google بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، جۇڭگودا بەيدۇ، ئۇيغۇرلاردا يول، ئىزدە، تىزتاپ... . ئىزدەش ماتورىغا توربېتىمىزنى قوشقاندا SEO يەنى Search Engine Optimization نى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ بېكىتىمىزنى ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئەلالاشتۇرغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە SEO نى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەرقانداق بىر توربەت قۇرغۇچىغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم ھالقا ھېسابلىنىدۇ. تۆۋەندە ئەڭ ئاددى ئۇسۇل بىلەن 20 دىن ئارتۇق ئىزدەش ماتورىغا بىكىتىمىزنى قوشۇش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
ئاۋال بۇ توربەت ئادرىسىغا كىرىسىز: http://www.submissionurl.com/
ئاندىن سىز كۆرۈنگەن رامىكىغا توربەتنىڭ ئادرىسى ۋە ئې-خەتنى تولدۇرسىڭىز ۋە توربەتلەرنى تاللاپ چىقىپ <<توربېتىڭىزنى يوللاڭ>> كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا تامام. بىرقانچە سىكونت ئىچىدە 20دىن ئارتۇق ئىزدەش ماتورلىرىغا ئۇلىنىدۇ.
تارىخ: بۇ ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك توربەتنى بۇندىن 3 يىل بۇرۇن ساقلىۋالغان ئىدىم ، بۇ تېما گوگىلنىڭ بىلوگى بىلوگسىپۇتتا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلار بىلوگىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. ھالا بۈگۈن چەۋەندازلاردا قىممەتلىك تېما دەپ قارالغانلىقى ئۈچۈن يۆتكەپ كېلىندى. ئەسلى مەنبەسى بىلوگسىپوت ئۇيغۇرلار بىلوگى.
چەۋەندازلار
http://chewendazlar.com
|
|
|
|
|
|