ئوقۇتقۇچى ھەققىدە ئاچچىق ئىبرەتلەر
ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇھەببىتى _ ئىنسانى مۇناسىۋەتنىڭ گۈلتاجىسى، ئۇستاز- شاگىرتلىق مۇھەببىتى _ ئىنسان بىلەن تەڭرىنى باغلايدىغان ساماۋى كۆۋرۈك، ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇھەببىتى _ يارتىلىشنى،ياشاشنى، كەلگۈسىنى چۈشىنىشنىڭ سەركەردىسى ، ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇھەببىتىسىز ھاياتنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنسان ئەقلىگە يات قىلمىش. ئۇستاز-شاگىرتلىق مۇھەببىتىنى خورلاش ئۆزىنى، ئىنسانىيەتنى ئالەمنى يوقىتىش بىلەن باراۋەردۇر.
(1)
-بالام، ئوقۇتقۇچىنىڭ گىپىنى ياخشى ئاڭلا، ئوقۇتقۇچى ئىنسان روھىنىڭ ئىنژىنىرى، سېنىڭ ئىككىنچى ئاتا-ئاناڭ.
-دادا، بۇنى ماڭا نەچچە قېتىملاپ دېگەنسەن، مەن ئوقۇتقۇچىلىرىمنى جېنىمدىن ئېزىز كۆرىمەن، بىراق، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆرمەتلەشكە ئەرزىمەيدىغان مەلئۇنلارمۇ بار ئىكەن.
-ئوقۇتقۇچىغا ئۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلما، ھەر قانچە قىلسىمۇ، ئۇ سېنىڭ ئاغزىڭغا ئىلم سالغان، قاراڭغۇ دىللىرىڭنى يورۇتقان، شاگىرت بولغۇچى ئوقۇتقۇچىسىنى سۆيۈشى، ئۇنىڭ ھەربىر سۆزىنى، ھەركىتىنى مۇقەددەس بىلىشى زۆرۈردۇر.
-ياق، دادا، ئىلگىرى مەنمۇ شۇنداق قارايتىم، يېقىندا بىر دوستۇم ئۆزلىكىدىن مەكتەپتىن چىكىندى، مەندە ئۇنىڭ مەكتەپتىن چىكىنىش ئالدىدا سىنىپىمىزدىكى قىزلارغا يازغان بىر پارچە خېتى بار، شۇنى كۆرۈپ باققىن، مېنىڭ بۇ گەپلەرنى ساڭا يۈز-تۇرانە دېيىشكە يۈزۈم ئۇيۇلىدۇ.
1-ھېكايەت: شەيتاننىڭ دوستى
قىزلار، ئەسلىدە مېنى مەكتەپتىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلغان سەۋەپنى يۇشۇرۇپ قېلىشقا ھەققىم بار ئىدى، شۇنداقتىمۇ، ئارىمىزدىن يەنە ماڭا ئوخشاش بەخىتسىزلەرنىڭ چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆزەمنىڭ نامىغا داغ تېگىشىگىمۇ پەرۋا قىلماي، مەكتەپتىن ئايرىلىشتىكى سەۋەبنى سىلەرگە ئېيتىش قارارىغا كەلدىم.
سىلەرمۇ بىلىسىلەر، بىزنىڭ ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىمىز ئەتراپلىق بىلىمگە، ھەيران قالغۇدەك سۆز قابىلىيىتىگە، كىشىلەرنى ئەيمىندۈرگىدەك سالاپەتكە ئىگە،ئوقۇتقۇچىمىز ئەسىلىدە بىز( تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى) ئۈچۈن ئامەت ئىدى، ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق تەس، دېگەندەك بىز گە دوستلۇق، مۇھەببەت، كىشىلىك ھايات، مىللەت، كەلگۈسى... توغرىسىدا ئادەمنىڭ يۈرىكىدىن چىقمىغۇدەك ئىسىل تەلىملەرنى بېرىپ بىزنى شۇنچە ئىشەندۈرگەن، شۇنچە ئەقىدە قىلىشىمىزغا مۇيەسسەر بولغان دادىمىزدەك، ئۆز ئاكىمىزدەك ھۆرمەتلەيدىغان ئوقۇتقۇچىمىز ئەسلىدە ئادەم تونىغا ئورۇنىۋالغان بۆرە ئىكەن.
بىر كۈنى دەرس ئارلىقىدا ئوقۇتقۇچى مېنى دەرستىن چۈشكەندە ئىشخانىسىغا كىرىشىمنى، ئۆتكەندە بىزگە تاپشۇرۇق بەرگەن شېئىرلار ئارىسىدا مېنىڭ شېئىرىمنىڭ ئەڭ ياخشى چىققانلىقىنى، دەرستىن چۈشۈپ ئاشۇ شېئىرىمنى تەھلىل قىلىدىغانلىقىمىزنى ئېيتتى. مەن تۇنجى شېئىرىمنىڭ ھۆرمەتلىك ئوقۇتقۇچىمىزنبىڭ نەزىرىگە ئىلىنغانلىقىدىن خۇشال بولۇپ، ھاياجان ئىلىكىدە، تەقەززالىق بىلەن دەرستىن چۈشۈشنى كۈتتۈم.
دەرستىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. قارىسام ئۇ ئىشخانىسىدا يالغۇزلا ئولتۇرۇپتۇ،ئوقۇتقۇچى مېنى ئويلاپ باقمىغان باقمىغان بىر ھۆرمەت بىلەن قارشى ئالدى.
ئوقۇتقۇچى يېرىم سائەت ئەتراپىدا شېئىرىمنى تەھلىل قىلىپ، تازا ماختىدى ھەم بۇ شېئىرنى ئۆزى باش بولۇپ ژورنالغا ئەۋەتىدىغانلىقىنى، ئىلان قىلىنىشىغا يۈز پىرسەنت ئىشەنچىسى بارلىقىنى ئېيتىپ مېنى بۇلۇتلاردا ئولتۇرۇپ سەيلە قىلغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ، ئۆزەمگە بولغان ئىشەنچىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇردى، مېنىڭ كەلگۈسىدە يازغۇچى بولۇپ قالدىغان ئىھتىماللىقىم بارلىقىنى ئاڭلاپ، ھاياجاندىن يىغلىۋەتتىم. ئوقۇتقۇچى چاچلىرىمنى سىيلاپ. دۈمبەمدىن پەپىلەپ،قوللىرى بىلەن ياشلىرىمنى سۈرتۈپ مېنى بەزلىدى. ئوقۇتقۇچىمنىڭ بۇنچە كۈيۈمچانلىقى، دادامدەك مىھرىبانلىق كۆرسىتىشى بىلەن ئوقۇتقۇچىمىڭ قەلبىمدىكى ئورنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. ئەسىلىدە ھەممە ئىش مۇشۇنداقلا ئاخىرلاشسا ياخشى بولاتتى،بىراق...
بىر چاغدا قارىسام ئۇنىڭ بىر قولى مېنىڭ لەۋلىرىمدە، يەنە بىر قولى كۆكسىمدە تۇرىدۇ، ئاغىزىدىن بىزگە بەرگەن تەلىملىرىگە يات بىر سۆزلەر چىقىۋاتىدۇ.
- مېنىڭ گۈزەل مەھبۇبەم، سېنىڭ تەڭداشسىز گۈزەل جامالىڭىز، قايماقتەك تاتلىق سۆزلىرىڭىز، مەلىكىلەردەك سالاپىتىڭىز ئۇزۇندىن بېرى، يۈرىكىمگە ئوت يېقىپ، مېنى ئىشىق ئوتىغا مۇپتىلا قىلدى، بۈگۈن تاتلىق لەۋلىرىڭىزدىن ۋىسال شارابى ئىچسەم،دېگەن ئۈمىدىم بار...
ئۇنىڭ ھاياسىز سۆزلىرى كاللامنى ئايلاندۇرىۋەتتى، شۇنداقتىمۇئۇنىڭدىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ،ئارتۇقچە ھاياسىزلىق بولمىسۇن دەپ :
- مۇئەللىم، مەن نېمىلەرنى كۆرۈپ، نېمىلەرنى ئاڭلاۋاتىمەن، شۇ تاپتا كۆزلىرىمنىڭ كور ، تۇيغۇلىرىمنىڭ سەزمەس ، قۇلاقلىرىمنىڭ گاس بولۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىۋاتىمەن، ھەر ھالدا سىز بىزنىڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئۇستازىمىز، بۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ. دېدىم ۋە ئىشخانىدىن چىقىپ كەتمەكچى بولدۇم. ئىشخانا ئىشىكى ئاللاقاچان تاقىلپ بولغان ئىكەن، يۈرىكىم بىر شۇملۇقنى سەزدى، مەن ھەر قاچان ۋارقىراشقا تەييارلىق قىلدىم.
قەلبىمىزدە يۈكسەك ئورۇنغا ئىگە بولغان ئۇستازىمىزنىڭ ئاغزىدىن تېخىمۇ ھاياسىز گەپلەر چىقىشقا باشلىدى، ئۇ سۆزلەرنى قەلەم بىلەن ئىپادىلەش مەندەك بىر ناتىۋان قىز ئۈچۈن ئۆلۈم بىلەن باراۋەر ئىدى. مەن بار كۈچۈم بىلەن قارشىلىق بىلدۈردۈم، ئۇ ھايۋان كەبى ماڭا ئېتىلدى، ئىككىمىزدىن باشقا دۇنيادىكى ھەممە جانلىق يەر شارىدىن كۆچۈپ كەتكەندەك شۇنچە ۋاقىراشلىرىم يادەمسىز قالدى، ئاخىر ئورۇندۇق بىلەن ئىشخانىنىڭ دەرىزە ئەينىكىنى چېقىشقا مۇۋەپپەق بولالىدىم. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپ قوغدىغۇچىلىرى يېتىپ كەلدى...
قىزلار، سىلەرگە دەيدىغىنىم، بۇ دۇنيا بىز ئويلىغاندەك ئۇنچە گۈزەل ئەمەس ئىكەن، كەلگۈسى ھاياتىمىزدا نۇرغۇنلىغان خىرىس، قاراڭغۇلىقلار بىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ، جەمىيەت بەكمۇ رەھىمسىز ئىكەن، مەن ئەقىدەمنىڭ خازان بولغانلىقىدىن تولىمۇ ئۆكۈندۇم، بىز ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان، ئەڭ ئىشىنىدىغان، ئەڭ بىلىملىك ئوقۇتقۇچىمىز شۇ يارىماس ئىشنى قىلىپ يۈرسە، باشقىلاردىن نېمە كۈتسەك بولار، ئەلۋەتتە ياخشى ئوقۇتقۇچىلار كۆپ سالماقنى ئىگەللىشى مۇمكىن، لېكىن بۇ ئىش مېنىڭ جان- جېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى ... كۆپلەپ، كۆپلەپ دىققەت قىلىڭلار دوستلىرىم،بىز قىزلار بەكمۇ ئاجىز ئىكەنمىز، رەزىللەرنىڭ ھوجۇم نىشانى ئىكەنمىز، پەللىنىڭ ئاخىرىغا بارغۇچە ھەر ۋاقىت ھوشىيار بولۇڭلار...
- خەتنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇغۇم كەلمىدى. بۇ گەپلەر راستمۇ بالام؟
- راسىت دادا، شۇ ئىش بولۇپ بىزنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئوقۇتقۇچىمىز كۆرۈنمىدى، سىنىپ مۇدىرىدىن سورىساق، يۆتكىلىپ كەتكەنمىش، ئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئۆزىنىڭ ئەقدىسى، ھۆرمىتى تەرىپىدىن خورلانغان ساۋاقدىشىمىزنىڭ خېتىدىن بىلدۇق.
- دىمەك سىنىپىڭلاردا ئۇستاز- شاگىرتلىق مۇھەببىتىدە ئىشەنچ قالماپتۇ-دە!
(2)
- بۇ دۇنيادا دوستلۇق مۇھەببىتى بار دېگەن يالغان، پەقەت مەنپەئەتلا راسىت ئىكەن. تېخى بىر ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ شۇنداق قىلامدۇ، دەيمەن؟
-ئۇنداقمۇ دەپ كەتمە، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق ئاساسى باردۇر
-بېشىمغا كەلگەن ئىشلارنى ئۇقساڭ سەنمۇ مېنىڭ قارىشىمنىڭ راستلىقىنى بىلىپ قالىسەن
- ھەر قانچە بولسىمۇ سېنىڭ ئىشىڭ ئايرىم ئەھۋال، ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلار جەمىيەتكە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان، جەمىيەتتىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۈشكۈل كىشىلەردۇر. ئۇلارنىڭ جەمىيەتكە بولغان مۇھەببىتى شۇنچە كۈچلۈككى، جاھاندا ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئارتۇق جەمىيەتكە پايدىلىق كەسىپ يوق. لېكىن بۇ كۇنلەردە بەزى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز نامىغا يارىشا ئىش قىلماي، ئەقىدىلىرىمىزنىڭ خارلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىغا مەنمۇ ئىشىنىمەن.
2- ھېكايەت: مەنپەئەتنىڭ دوستى
مېنىڭ بىر دوستۇم ئۈرۈمچىدىكى قايسىبىر كەسپى تېخنىكا ئىنىستوتىنى پۈتتۈرۈپ، ھوقۇقنىڭ كۈچى بىلەن مەلۇم نوقتىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولغان ئىدى، ئارىدىن نەچچە يىللار ئۆتۈپ ئۇ مەكتەپتىكى ھوقۇقدارلارنىڭ بىرى بولۇپ،مەكتەپنىڭ تەجرىبە سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولۇپ ئىشلەشكە باشلىدى.
مېنىڭ قىزىممۇ بۇ يىل يۇقىرى نەتىجە بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، ئاشۇ دوستۇم ئىشلەيدىغان مەكتەپنىڭ تەجىرىبە سىنىپىغا ئىمتىھان بەردى. ئويلىمىغان يەردىن قىزىمنىڭ دەرستە ئانچە ياخشى بولمىغان ساۋاقدىشى ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، مېنىڭ قىزىم شاللىنىپ قېلىپ، نەچچە كۈنگىچە قىزىمنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمىدى. مەن قىزىمنىڭ كۆز ياشلىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، دوستۇمنىڭ ئىشخانىسىغا باردىم، دوستۇم ئۆزىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، مېنى ئىشخانىسىدا ساقلاشقا بۇيرىدى. مەن ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا كىردىم. ئۈستەلدە نۇرغۇن ئىمتىھان قەغەزلىرى تۇراتتى. مەن قىزىقىپ بۇلارنى بىر باشتىن كۆرۈشكە باشلىدىم، ئويلىمىغان يەردىن قىزىمنىڭ ھەممە پەنلەردىن 90 دىن يۇقىرى ئالغانلىقىنى بايقاپ قالدىم. ئۇلارنىڭ قۇبۇل قىلىش ئۆلچىمى 85 تۇرسا، مېنىڭ قىزىم نىمىشىقا ئۆتەلمىدى، مەن قىزىمنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ قەغىزىنى ئىزلەشكە باشلىدىم، دەرۋەقە ئۇ قىزنىڭ نەتىجىسى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس ئىدى. ئاچچىقىمدا ئاران ئولتۇردۇم، دوستۇم ئىشخانىسىغا كىردى، كېلىش سەۋەبىمنى ئۇقۇپ، سېنىڭمۇ قىزىڭ بارمىتى، بالدۇرراق دېسەڭ نېمە بولدۇ، نەتىجىسى تۆۋەنرەك بولسا، ئازراق پۇل خەجلىسەڭلا ئامال قىلاتتۇق ئەمەسمۇ، دېدى.
-كېيىن قانداق قىلدىڭ؟
-ئۇنىڭ ئىشخانىسىدىن ھېچنەرسىنى بىلمەس بولۇپ يېنىپ چىقىپ، مائارىپ ئىدارىسىگە بېرىپ ئەرز قىلدىم. مائارىپ ئىدارىسى ئۇنى قاتتىق جازالىدى، ھېلىقى ئازراق پۇل خەجلەپ قۇبۇل قىلىنغان قىزنىڭمۇ سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلاندى.
- مائارىپنى بازارغا ئايلاندۇرىۋالغان ئۇ دوستۇڭ، ساڭا بىر نەرسە دېمىگەندۇ؟
-دىمەي قالامدۇ، دوستلار يىغىلىشىدا مېنىڭ ئېشىمغا تۇپا چاچتى، مېنىڭ ھوقۇقۇمنى، ئەمەلىي كۈچۈمنى كۆرەلمىدى، مېنىڭ ئۇنداق ۋىجدانسىز دوستۇم يوق دەپ، ماڭا قارىماس بولۇپ كەتتى.
(3)
ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ھاراق ئىچمەسلىككە، تاماكا چەكمەسلىككە، ناشايان ئىشلارنى قىلماسلىققا، ئەدەبلىك سۆز- ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشكە ئۈندەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، مۇللامنىڭ دېگىننى قىل، قىلغىنىنى قىلما دېگەندەك بەزى ئوقۇتقۇچىلار رىستۇرانلارنى قاۋاقخانىغا ئايلاندۇرۇپ، شەيتان بەزمىسى قىلغاندىكىن، كەلگۈسىمىزدىن سۆز ئېچىش مۇمكىنچىكى قالمىغان ئوخشايدۇ. پەرزەنتلىرىمىزنىڭ رىستۇرانلارغا چېپىشىمۇ ئەجەپلىنەرلىك ئىش بولمىسا كېرەك.
3- ھېكايەت: شەيتان بەزمىسى
- بۈگۈن رېستۇراندا بوش ئورۇن يوق.
-نىمىشىقا ئەمدى، بۈگۈن يا ئالاھىدە بايرام بولمىسا؟
-بۈگۈن ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ئەمەسمۇ، مەكتەپلەردىن ئوقۇتقۇچىلارغا بايراملىق كۆڭۈل ئېچىش قىلىپ بېرىدىغان ئوخشايدۇ.
-ئامال قىلىپ، ماڭا بىر ئورۇن تېپىپ بەر، بەك مۇھىم مېھمىنىم بار ئىدى
- مەيلى، تىرىشىپ باقاي
دوستۇمنىڭ ياردىمىدە تولىمۇ تەستە بىر ئورۇنغا ئىرىشىپ بەك خۇشال بولدۇم، چۈنكى دوستلىرىمنى مېھمان قىلغاچ ئىنسان روھىنى ئاقارتقۇچىلارنىڭ مول مەزمۇنلۇق پائالىيىتىنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالايتىم.
رىستۇران ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى. بىزدىن باشقىلارنىڭ ھەممىسى ئوقۇتقۇچى ئىدى. يەپ- ئىچىش باشلاندى، تاماق يىگەن ئاۋازلار، يۇقىرى ئاۋازدا پاراڭلىشىپ، چاقچاق قىلىشلار، قىيا-چىيا قىلىشىپ كۈلۈشلەر رىستۇراننى بىر ئالغان ئىدى. يەپ-ئىچىشلەر بىر قۇر پەسكويغا چۈشۈپ، ئۇسۇل- تانسا باشلىنىشى بىلەن بەزى ئەر ئوقۇتقۇچىلار ئاللا قاچان بىر ئىككى رومكا ئىچىۋىلىشقا ئۈلگۈرگەن بولۇپ ،ئۇلار ئۈستەللەدىكى ئاياللارغا بۆرىدەك ئېتىلىپ ناخشا- ئۇسۇل ئويناشقا باشلىدى. شۇ تەرىقىدە يەپ- ئىچىش، ئويۇن تاماششا داۋاملىشىشقا باشلىدى. سورۇننىڭ بېشىدا بىر ئىككى ئېغىز تەبرىك سۆزنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى توغرۇلۇق مەدىنىي پائالىيەتتىن سۆز ئاچقىلى بولمايتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ،ئوقۇتقۇچىلار مەس بولۇشقا باشلىدى. گەرچە بىر قىسىم ئۈستەللەردە ئادەملەر شالاڭلاپ قالغان بولسىمۇ، ئاجايىىپ < يۇمۇر>لار، بىر –بىرىگە قورسىقىنى يېقىپ تۇرۇپ تانسا ئويىناشلار، قىلىق چىقىرىپ ئۇسۇل ئويناشلار، ئۈستەل ئاستىغا دۆۋلىنىپ كەتكەن ھاراق بوتۇلكىلىرى، ئاچچىق ئىس بىلەن تولغان ھاۋالار، قايسىبىر ئايال ئوقۇتقۇچىغا، ئەر ئوقۇتقۇچىنى چاپلاپ چاقچاق قىلىشلار... ئەگەر ئەتىگەن دوستۇم، بۈگۈن ئوقۇتقۇچىلار كېلىدۇ، دېمىگەن بولسا، بۇ بىر توپ ئادەملەرنى كوچىدىكى لۈكچەلەردىن بولسا كېرەك دەپ ئويلاپ قېلىشىم تۇرغانلا گەپ ئىدى.
تارىختىن بۇيان ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلار جەمىيەتتىكى ئەڭ ھۆرمەتلىك ئادەملەر قاتارىدا سانىلىپ كەلگەن ئىدى، ھېلىمۇ ھەم شۇنداق يۈكسەك ھۆرمىتى يوق ئەمەس. بىراق ئەمەلىيەت...
جەمىيەتتە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسى، ئەخلاقى توغرىسىدا يەنە قانداق ئاچچىق ئىبىرەتلەر باركىن...
مەنبە: ئۆزەم.
ئەسكەرتىش: ئەسەرلىرىمنى يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ( روزىمۇھەممەت ئىرپان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا shoruq تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-18 03:57 PM
تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-20 03:08 PM):
37 - بەتتىكى ئۇلانمىغا دىققەت: ئوقۇتقۇچىلار ھەققىدىكى ياخشى مۇنازىرە