ھۆرمەتلىك، خەلىمىزنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن كاللىدىن كەتكەن سەنئەتكار ئاكىمىز ئەبەي ئاكا ياخشىمۇسىز ؟
ئەلكىن مۇنبىرىدىكى سىزگە ناتونۇش بولغان دانىشمەن ئىنىڭىزدىن سىزگە ئوتلۇق سالاملار بولسۇن .
ئاتا-ئانىڭىز ،بالا- چاقىللىرىڭىز تنىچلىقمۇ ؟ خىزمەتلىرىڭىز ئوڭۇشلۇقمۇ ؟
سىزنى 5-دوختۇرخانىدا يېڭىلا داۋالىنىپ ،ساقىيىپ سالام خەت يازسا چۈشەنگۈدەك بوپتۇ دەپ ئاڭلاپ مۇشۇ سالام خەتنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
ئەمدى بۇ سالام خەتنى يىزىشتىن بۇرۇن بەك ئويلاندىم دەڭە .
نىمىشقا ؟دىسىڭىز كونا كېسىلىڭىز قوزغىلىپ مەن چۈشنەلمەيدىغان تاقا-تۇققا سالام خەتتىن بىرنى يېزىپ قالسىڭىز ئۇ چاغدا ماڭا ئۇۋال بولىدۇ .چۈنكى مەن سىزنىڭ ئۇ سالام خېتىڭىزنى 1000 قېتىم ئوقىساممۇ چۇشەنمەيمەن دەڭە .
ھەتتا كومپىيۇتىرغا ئانالىز قىلدۇرساممۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلىشى ناتايىن .
شۇڭا كاللىڭىزنىڭ ساق ۋاقتىدا سىز بىلەن دىدارلىشىۋالاي ، ئەھۋال سورىۋالاي دىدىم .
يەنە بىر تەرەپتىن سىزتېلىۋۇزۇردا تاققا تۇققا سۆزلەپ قويۇپ 5-دوختۇخانىغا داۋالىنىشغا كىرىپ قالغاندا سىزنىڭ تاققا –تۇققىللىرىڭىنى كۆرگەن بەزى كىشللىرىمىز ئارىسىدا سىز بىلمەيدىغان بىر قىسىم ئەھۋاللار يۈز بەردى .
مەن ئۇ ئەھۋاللارنى سىزگە چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي .
1.سىزنىڭ ئۇ تاققا-تۇقىللىرىڭىزنى ئەمدىلا تۇغۇلغان بىر قىسىم بوۋاقلار كۆرىۋاپتىكەن ئۇلارغا يېڭى تىل چىققاندا «مەممە» دىمەي ،«ئەمىمە»دەپ تىل چىقىدىغان بولىۋاپتۇ .
2.سىزنىڭ ئۇ تاققا تۇققىللىرىڭىزنى ناھايىتى ئاز ساندىكى يەتتە ياش ئەتراپىدىكى بالىلار كۆرىۋاپتىكەن ،ئۇلار مەكتەپكە كىرگەندە مۇئەللىم «ئا»نى ئۆگەتسە «ئە» دەيدىغان ،مۇئەللىمى ئاچچىقلىنىپ بىرنى قويمە مانى دىسە «ھە»دەيدىغان بولىۋاپتۇ .
3.بۇ ئەھۋال بەك يامان . سىزنىڭ ئۇ تاققا-تۇقىللىتىڭىزنى كۆرگەن ياشانغان كىشىللىرىمىز پەرزەنىتلىرى ئالدىدا ئىككى ئېغىز خاتا گەپ قىلىپ قويسا ،ئاتا-ئانىسىنى بېقىش تەس كىلىپ تۇرغان پەرزەنىتلەر ، ئاتا-ئانىسىنى ئېلىشىپ قالدى دەپلا ساراڭلار ساناتۇرىيىسىگە ياكى نېرۋا كىسەللەكلەر ئاپىرىپ قويۇپتۇ .
4.سىزنىڭ تاققا –تۇققىلىرىڭىزنى مۇشۇ جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم جىنكەش ،داخانلار كۆرۇپتىكەن . ئۇلار ئادەممۇ چۈشەنگىلى بولمايدىغان سۆزلەر بىلەن كېسەل كۆرگەن بولىۋىلىپ خەلىقنى ئالدىغىلى تۇرۇپتۇ .
5.سىزنىڭ بۇ تاقا-تۇققىللىرىڭىزنى بىر قىسىم قىزىلكۆز سودىگەرلەر كۆرۈپتىكەن .
ئۇلار ئۆزى سېتۋاتقان مەھسۇلاتنىڭ ساختىلىقىنى بىلىپ تۇرسىمۇ ،ئاغزىغا كەلگىنچە
قالايمىقان سۆزلەپ خەلىقنى ئالداپ، سېتىپ پۇل تاپقىلى تۇرۇپتۇ .
6.سىزنىڭ بۇ تاققا-تۇققىللىرىڭىزنى يەنە جەمىيىتىمىزدىكى ھاراقكەشلەر كۆرۈپتىكەن ،ئۇلار ئىچىۋالسىلا قالايمىغان سۆزلەپ سىزنىڭ يۈزىڭىزنى چۈشۇرگىلى تۇرۇپتۇ .سىزنى دوراپ ناخشا ئېيىتقان بولىۋالدىكەن تېخى .
تاققا-تۇققا سۆزلەپ ،ناخشا ئېيىقۇسى كەلسە سىزدەك ئوچۇق ئاشكارە ھالدا سەھنىلەرگە چىقىپ ھاراق ئىچمەيمۇ سۆزلەۋەرسە ،ئېيتىۋەرسە بولمامدۇ دەيمەن .
ئۇلامۇ سىزدەك ئالقىشقا ئېرىشەتتى ئەمەسمۇ ؟
سىزنى تۈزۈك دورىيالماي قاغىشقا قىلۋاتىدۇ ئۇلار .
7.ماۋىغۇ بەك موھىم ئەمەستى شۇنداق بولسىمۇ بەزى ئەھۋاللاردىن ئەنسىرەپ قالغاچقا قوشۇمچە قىلىپ دەپ قوياي ئەمدى .
يېقىندىن بۇيان سىزنىڭ تەسىرىڭىزگە ئۇچىرغان بىر تۈركۈم ياشلار تورغا چىقىپ مۇنبەرگە كىرىپ قالسا ،تۈزۈك تېما يازماي سىزنى دوراپ تاققا –تۇققا سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ .مۇشۇنداق كېتىۋەرسە ھۆكۇمەت نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنى كۆپ سىلۋېتەمدىكىن دەيمە .
قىزىل كۆز سودىگەر ،جىنكەش ،داخان ھاراقكەشلەرنى نېرۋا كېسەللىكەر
دوختۇرخانىسىغا يېغۋەتسە بەك ياخشى بولاتتى .مەن بەكمۇ خۇشال بولاتتىم .
لېكىن ئىككى ئېغىز گەپنى خاتا سۆزلەپ قويغان ئاتا –ئانا بىلەن ياپياش تۇرۇپ بىلىپ بىلمەي سىزنى دوراپ قالغان بېگۇناھ ياش باللا ئۇ يەرگە كىرىپ قالسا ياخشى بولمامدىكىن دەپ ئويلىدىم .
شۇڭا بۇ ئەھۋاللارنى سىز بىلەن ئورتاقلىشىپ بېقىش ئۈچۈن سىزگە سالام خەت يازدىم .
بىز خەلىق سىزنىڭ تاققا-گەپلىرىڭىنى چۈشەنمىسەكمۇ سىزنى بەك ياخشى كۆرىمىز .چۇنكى سىز خەلىققە كۈلكە بېغىشلايسىز .
لېكىن جەمىيىتىمىزدىكى بىر قىسىم ناچار خارەكتىردىكى كىشلەرنىڭ سىزنىڭ تاققا-تۇققىللىرىڭىزدىن قالايمىغان پايدىلىنىپ كېتىشىنى ئەسلا خالىمايمىز .
شۇڭا كىيىنكى قېتىم سەھنىگە چىققاندا «ساپساق ئاتا-ئانىسىنى نېرۋا كېسەل دەپ دوختۇرخانىغا ئاىرىپ قويىدىغان ناچار پەرزەنىتلەرنى ،ئۆزىچە ئۇستا موللام بولىۋىلىپ قالايمىغان سۆزلەپ كېسەل داۋالايدىغان جىنكەش داخانلارنى ،
ئاغزىغا كەلگنچە سۆزلەپ ساختا مال ساتىدىغان قىزىلكۆز سودىگەرنى ،
ھاراق ئىچىۋىلىپ كوچا-كويلاردا سىزنى دوراپ ئىناۋەتىڭىزنى تۆكۈپ يۈرگەن گۇيلارنى » تاققا-تۇققا سۆزلەپ تازا تىللىشڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن .
ئاخىردا دەيدىغىنىم سىزگە سالامەتلىك ، ئائىلىڭىزگە خاتىرجەملىك ۋە بەخىت سائادەت مەڭگۈ يار بولسۇن .
بۇندىن كىيىنكى سەنئەت ھاياتىڭىزغا ئۇتۇق تىلەپ ئەلكىن مۇنبىرىدىكى گۆدەك ئىنىڭىز دانىشمەندىن .
2012/04/17
مەنبە؛كۆڭۈل سۆزلىرىم .
سەممىي ئەسكەرتىش ؛ مەزكۇر سالام خەتنى مېنىڭ رۇخسىتىمسىز ھەرقانداق بىر مۇنبەرگە كۆچۇرمەڭ . ئەبەي ئاكامنىڭ كىسىلى قوزغۇلۇپ تاققا- تۇققا سالام خەتتىن بىرنى يېزىپ قالسا چۈشىنەلمەي قالىسىز .