.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەندىنسىلەرگە سالام بولسۇن
ھاراق ئىسلام دىندا ھارام قىلىپ قۇرئاندا مۇنداق بايانقىلدى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ:« ئى
مۆئمىنلەر! ھاراق ئىچىش،قىمار ئويناش،بۇتلار(يەنە چۇقۇنۇش ئۈچۈن تىكلەنگەن تاشلار)غا چۇقۇنۇش،پال ئوقلىرى بىلەن پال سېلىش شەيتاننىڭ ئىشى،پاسكىنا قىلىقلاردۇر، بەختكە ئىرىشىشڭلار ئۈچۈن شەيتاننىڭ ئىشىدىن يىراق بولۇڭلار‹90›، شەيتان ھاراق،قىمار ئارقىلىق ئاراڭلاردا دۈشمەنلىك ،ئاداۋەت تۇغدۇرماقچى،سىلەرنى نامازدىن ۋە ئاللاھنى ياد ئىتىشتىن توسماقچى بولىدۇ.سىلەر ئەمدى (ھاراقتىن،قىماردىن) يانمامسىلەر‹91›»؟ « سۈرە مائىدە 90-91-ئايەتلەر»
بۇ توغرىسىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن جەيشان دىگەن يەردىن بىر ئادەم كىلىپ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئۆزلىرىنىڭ زىمىندا تېرىقتىن ياسىلىدىغان مىزر دەپ ئاتىلىدىغان ئىچىملىك توغرىسىدا سورىغانىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام :ئۇ نەرسە مەست قىلامدۇ؟ دەپ سورىدى، ئۇ ئادەم ھەئە دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام : ھەرقانداق مەست قىلغۇچى نەرسە ھارامدۇر، ئۇلۇغ ئاللاھتائالا مەست قىلغۇچى نەرسىنى ئىچكەن ئادەمنى «تېنەتى خەبال» دىگەن نەرسە بىلەن سۇغىرىشقا ئەھدى قىلغان، دېدى. ساھابىلار، ئى رەسۇلۇللا: «تېنەتى خەبال» دىگەن نىمە ئۇ دەپ سوراشتى. رەسۇلۇللا: ئۇ دوزىخىلاردىن چىققان تەر ياكى دوزىخىلاردىن سىقىپ چىقىرىلغان نەرسە دەپ جاۋاپ بەردى. (بۇنى مۇسلىم بىلەن نەسەئى رىۋايەت قىلغان)
ھاراقنىڭ يەنە ئىنساننىڭ جېنىغا بولغان تەھتىتى بەك ئېغىر ..جىگەر گە بولغان زىينى جىگەر كېسلىگەگىرىپتار بولغانلار ھاراق ئىچسە، جىگەر كېسىلى ئاسان قوزغىلىپ، جىگىرى تېخىمۇ ئاجىزلاپ، ھەتتا راكقا ئايلىنىپ كېتىدۇ. شۇڭا مەيلى ئىسپىرىت تەركىبى يۇقىرى ئاق ھاراق ياكى ئىسپىرىت تەركىبى تۆۋەن پىۋا ۋە ياكى ساقلىق ساقلاش رولىغا ئىگە قىزىل ھاراق بولسۇن، ھېچقايسىسىنى ئىچىشكە بولمايدۇ. B تىپلىق جىگەر كېسىلى ۋە جىگەر قېتىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار دائىم ئىنچىكە ئوسۇڭ، بامبۇك نوتىسى ئىستېمال قىلىشى كېرەك، بۇنىڭ جىگەرنى قوغداش ۋە جىگەر راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بولۇپلا
بۇ توغرىسىدا ئامىركىلىق تەتقىقاتچىلارنىڭ سۇزى ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركىزى ھاراقكەشلىك پىلانىنىڭ مەسئۇلى دوكتور روبېرت برېۋېر يېقىندا مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر 450 مىڭ ئاد
ەمنى تېلېفوندا زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئامېرىكا ياشلىرىنىڭ ھاراق ئىچكەندە، بىر قېتىمدا ئاز بولغاندىمۇ توققۇز ئىستاكان پىۋىنى ئىچىۋېتىدىغانلىقىنى، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت قېتىم غەرق مەست بولغىچە ھاراق ئىچىدىغانلىقىنى، ھەر يىلى 40 نەچچە مىڭ ئادەمنىڭ ھاراق ئىچىپ ئۆلىدىغانلىقىنى بىلدۇق».
دوكتور برېۋېر يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ ھۆكۈمنىڭ كىشىلەرنى چۆچۈتىدىغانلىقى ماڭا ئايان. بىراق بىز بۇ ھۆكۈمنى ھەقىقىي ئەھۋالدىن خېلىلا تۆۋەن مۆلچەر ئاساسىدا چىقاردۇق. ئامېرىكىنىڭ ھاراق سودىسى دوكلاتىغا قارىغاندا، كىشىلەر ئەمەلىي سېتىۋالىدىغان ھاراقنىڭ مىقدارى بىزنىڭ مۆلچەرىمىزدىكىدىن خېلىلا كۆپ ئىكەن. ھەر يىلى ھاراق 40 نەچچە مىڭ ئامېرىكىلىقنىڭ بېشىغا چىققاندىن باشقا، يەنە قانلىق ۋەقەلەرنىمۇ پەيدا قىلىدىكەن. ھاراق ئىچكەندىن كېيىن، ئاپتوموبىل ھەيدەپ قاتناش ۋەقەسى پەيدا قىلىدىغانلارنىڭ سانى كۆپەيگەن، ھاراق ئىچىپ راك قاتارلىق جانغا زامىن كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن. نۇرغۇن ئادەم ھاراقنىڭ كاساپىتىدىن يۈرەك كېسىلى ۋە جىگەر ئىقتىدارى ئاجىزلاش كېسىلىگە مۇپتىلا بولىدىكەن».
بۇيەردە دەپ ئۆتمەكچى بولغان قىسقا سۈزىمىز بولسا ھارقنى ئاللاھ قۇرئان دا ئۇچۇق قىلىپ چەكلىدى .يەنە پەغەمبىرىمىزمۇ چەكلىدى ..تەرەققى قىلغان ئەللەردە بۇنىڭ زىيىنى بىلىپ بۇتوغرىسىدا ماقالىلەرنى ئىلان قىلماقتا لىكىن بىزلەر تېخى ھىس قىلالمايۋاتىمىز .. بىز مۇسۇلمانلىق سۇپىتىمىز بىلەن ھاراق ئىچسەك ئۇزۇمىزنىڭ ئىمانىمىزغا ھاقارەت قىلغان بۇلىمىز ،،يەنە ھاراق ئىچسەك ئۈزىمىزنىڭ ئۇيغۇرلۇقىمىزغىمۇ ھاقارەت قىغان بۇلىمىز ..يەنە ھاراق ئىچسەك ئۈزىمىزنىڭ مۇبارەك تەنلىرىمىزگەئىكەك سالغان بۇلىمىز ..يەنە گۇزەل ئايالىمىز ئوماق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ خوشال تۇرمۇشىغىمۇ چاڭ سالىمىز ،،ئاتا ئانىمىزنىڭ قاغىشىغا خەلىقنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايمىز .سىز ھاراقئىچىدىغان ئادەم بولسىڭىز مۇنداق قىلىپ بېقىڭ سىز شۇمەس بولمىغان (ھاراق ئىشمەيتۇرۇپ) شۇ سىز دائىم ھاراق ئىچىدىغان بويكىلار.ياكى قاۋاقلارنىڭ ئالدىدا ئودا 5كۈن تۇرۇڭ بۇچاغدا ،ئۈزىڭىزنىڭ ئەينىنى كۈرىسىز بۇچاغدا ئۈزىڭىزدىن نۇمۇسقىلىسىز ،بۇيەرلەردە تۇمشۇقۇنى ژۇندا ئورىكىگە چىلاپ ياتقان بايقۇشلارنىڭ .يەنە ئىشتاللىرىغا سىيىپ تۇرغان لىقىنى كۈرۈپ بەلكىم ئىككىنچى بۇنداق يەرلەرگە كەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن چۇنكى سىزمۇ بىر چاغلاردا قۇسۇقلىرىڭىزنى يالاپ يولقىرغىدىكى لىڭدەيدە يېتىپ ھاراقنىڭ كەيپىنى سۈرۈۋاتقان ۋاختىڭىزدىمۇ نۇرغۇن ئادەملەر سىزگە قاراپ كۈلگەن نۇرغۇنلىرى ياقىسىنى تۇتۇپ توۋا دەپ كىتىپقالغان ،بىچەرە ئايالىڭىز سىزنى يۇلەپ ئۆيگە ئەكىرسە ئۇنى راس ئۇرغان ..شۇ كۈنلىرىڭىز يادىڭىزغا يىتىدۇ دە ئىككىنچى ئاياق باسماسلىقىڭىزمۇمكىن ..
بۇرادەرلەر ھاراق ئىنساننىڭ بۇدۇنيادىمۇ ئۇ دۇنيادىمۇ خار قىلىدىغان بىر شەيتاننىڭ سۇيدۇكىدۇر . ھاراق ئىچىش نىرۋائاجىلىق .جىنسى ئاجىزلىق ،ئاشقازان راكى ،جىگە راكى قاتارلىق قورقۇنۇشلۇق كېسەلنى سىزگە سوۋغا قىلىدۇ ..ھاراق سىزگە ھاياسىزلىقنى ئۆگۇتۈدۇ ....قېرىنداشلار ھاراقتىن يىراق تۇرايلى ..ھاراق بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئەشەددى دۇشمىنى ..خوش ماشەگىچە يازاي .ھەممىڭلارغا ئاللاھنىڭ رەھمىتىبولسۇن بارلىق مۇنبەر ئەھلىگە ئاللاھ ئىمان ئاتاقىلسۇن
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-18 10:57 PM