مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 513|ئىنكاس: 8

كۇندە بىر قانۇن ئۆگۈنەيلى !! [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

مەن تىنىچلىق ئەل

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 39646
يازما سانى: 277
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3415
تۆھپە نۇمۇرى: 650
توردا: 917 سائەت
تىزىم: 2011-5-4
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 01:01:48 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلەت ئىگىدارلىقى زېمىنىدىكى ئۆيلەرنى يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش  نىزامى جۇڭخۇا خەلق  جۇمھۇرىيىتى  گوۋۇيۈەن پەرمانى590-نومۇرلۇق «دۆلەت ئىگىدارلىقى زىمىنىدىكى  ئۆيلەرنى يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش  نىزام» ى 2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى گوۋۇيۈەن 141-قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ھازىر ئېلان قىلىندى.  ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.-زۇڭلى ۋېن جىياباۋ                                            
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى                              
دۆلەت ئىگىدارلىقى زېمىنىدىكى ئۆيلەرنى يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش  نىزامى  بىرىنچى باب. ئومۇمى پىرىنسىپ

  1.ماددا: دۆلەت ئىگىدارلىقى زېمىنىدىكى ئۆيلەرنى يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بېرىش خىزمىتىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش، ئۆي ئىگىدارلىرىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر نىزام تۈزۈلدى.
  2.ماددا: ئاممىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن  دۆلەت ئىگىدارلىقى زىمىنىدىكى ئورۇن(ئىدارە)،  شەخسىلەرنىڭ ئۆي-زېمىنىنى يىغىۋالغاندا يىغىۋېلىنغان ئۆي-زېمىن ئىگىسى (تۆۋەندە قىسقارتىپ يىغىۋېلىنغۇچى دېيىلىدۇ) گە ئادىل تۆلەم بىرىلىشى كېرەك.
  3-ماددا: ئۆي-زېمىننى يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش قارارى دىموكراتىك، جەريانى توغرا، نەتىجىسى ئادىل بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىش كېرەك.
  4-ماددا: شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك  خەلق  ھۆكۈمەتلىرى ئۆز رايونىدىكى  ئۆي يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.  شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق  ھۆكۈمەتلىرى بىكىتكەن  ئۆي يىغىۋالغۇچى ئورۇن (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئۆي يىغىۋالغۇچى ئورۇن دېيىلىدۇ) ئۆز تەۋەلىكىدىكى رايونىنىڭ  ئۆي يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ ۋە ئىجرا قىلىدۇ .  شەھەر ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق  ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك  تارماقلىرى مەزكۇر  نىزام بەلگىلىمىلىرى ۋە  خەلق  ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن خىزمەت تەقسىماتىغا ئاساسەن ئۆز-ئارا ماسلىشىپ، ئۆي يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى لازىم .
  5-ماددا: ئۆي يىغىۋالغۇچى ئورۇن ئۆي يىغىۋېلىشنى ئىجرا قىلغۇچى ئورۇنغا  ئۆي يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بېرىشنىڭ كونكرىت خىزمەتلىرىنى ئۈستىگە ئېلىشقا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ.  ئۆي  يىغىۋېلىشنى ئىجرا قىلغۇچى ئورۇن پايدىنى مەقسەت قىلماسلىق كېرەك.  ئۆي  يىغىۋالغۇچى ئورۇن  ئۆي  يىغىۋېلىشنى ئىجرا قىلغۇچى ئورۇننىڭ ھاۋالە قىلغان دائىرىدىكى ئۆي يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش  ھەرىكىتىگە نازارەتچىلىك قىلىشى،  ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتىگە بولغان قانۇنى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم .
  6-ماددا: يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق  ھۆكۈمەتلىرى تۆۋەن دەرىجىلىك  خەلق  ھۆكۈمەتلىرىنىڭ  ئۆي يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك .  گوۋۇيۇەن ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل ئورۇن ۋە ئاپتونوم رايون، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر  خەلق  ھۆكۈمىتى  ئولتۇراق ئۆي شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىغا مەسئۇل ئورۇن تەڭ دەرىجىلىك  مالىيە، زىمىن بايلىقى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات قاتارلىق ئورگانلار بىلەن بىرگە ئۆي يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش ئىجرا خىزمىتىگە بولغان يىتەكچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك.
  7-ماددا: ھەرقانداق  تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ مەزكۇر  نىزامغا خىلاپ ھەرىكەتلەرنى مۇناسىۋەتلىك  خەلق  ھۆكۈمىتى، ئۆي يىغىۋالغۇچى ئورۇن ۋە  باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا پاش قىلىش ھوقۇقى بار. مۇناسىۋەتلىك  خەلق  ھۆكۈمىتى، ئۆي يىغىۋالغۇچى ئورۇن ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار پاش قىلىنغان مەسىللەرنى ئۆز ۋاقتىدا  دەلىللەپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
  تەپتىش ئورگانلىرى ئۆي يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش خىزمىتىگە قاتناشقان  ھۆكۈمەت ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورگان ياكى ئورۇن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك .

  ئىككىنچى باب. يىغىۋېلىش قارارى

  8- ماددا: دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش، خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت  تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جامائەت مەنپەئەتى ئۈچۈن ،  تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرى كۆرۈلۈپ،  ئۆينى يىغىۋېلىش ھەقىقەتەن زۆرۈر بولسا،  شەھەر-ناھىيە دەرىجىلىك خەلق  ھۆكۈمەتلىرى  ئۆي يىغىۋېلىش قارارىنى چىقىرىدۇ.
  (1) دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە دىپلوماتىيە ئېھتىياجى.
  (2) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئىجرا قىلغان ئېنىرگىيە، قاتناش، سۇچىلىق قاتارلىق ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ئېھتىياجى.
  (3) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئىجرا قىلغان پەن-تېخنىكا، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە، مۇھىت ۋە بايلىق ئاسراش، ئاپەتتىن ساقلىنىش ۋە ئازايتىش، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، جەمئىيەت پاراۋانلىقى،  شەھەر  ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قاتارلىق ئاممىۋى ئىشلارنىڭ ئىھتىياجى.
  (4) ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئىجرا قىلغان كاپالەت خاركتېرلىك ئەمىن ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇش ئىھتىياجى.
  (5) شەھەر-يېزا پىلانلاش قانۇنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن ھۆكۈمەت تەشكىللەپ ئىجرا قىلغان خەتەرلىك ئۆيلەر مەركەزلەشكەن، ئاساسى ئەسلىھەلەر قالاق  بۆلەكلەردىكى كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش ئىھتىياجى.
  (6) قانۇن ، مەمۇرى  قانۇن-نىزاملار بەلگىلىگەن باشقا جامائەت مەنپەئەتى ئىھتىياجى.
  9-ماددا: مەزكۇر نىزامنىڭ سەككىزىنجى ماددىسىغا ئاساسەن، ھەقىقەتەن ئۆي يىغىۋېلىشقا تىگىشلىك ھەر تۈرلۈك قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى،  چوقۇم خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانى، زىمىندىن پايدىلىنىش ئومۇمى پىلانى ، شەھەر-يېزا پىلانى ۋە مەخسۇس تۈر پىلانىغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك. كاپالەت خاراكتېرلىك ئەمىن ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى، كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش چوقۇم  شەھەر-ناھىيە دەرىجىلىك  خەلق ئىگىلىكى ۋە  جەمئىيەت تەرەققىياتى يىللىق پىلانىغا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.
خەلق ئىگىلىكى ۋە جەمئىيەت تەرەققىيات پىلانى، زىمىندىن پايدىلىنىش ئومۇمى پىلانى، شەھەر-يېزا پىلانى ۋە مەخسۇس تۈر پىلانلىرىنى بىكىتكەندە، چوقۇم  جەمئىيەتتىن كەڭ-كۆلەملىك  ئامما  پىكىرىنى ئېلىش ۋە ئىلمى دەلىللەشتىن ئۆتۈشى كېرەك.
  10-ماددا: ئۆي  يىغىۋالغۇچى ئورۇن يىغىۋېلىش، تۆلەم تۆلەش لايىھىسىنى بىكىتكەندە  شەھەر ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق  ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك .
شەھەر ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق  ھۆكۈمىتى مۇناسىۋەتلىك  ئورۇنلارنى تەشكىللەپ  لايىھەنى ئىلمى دەلىللەپ ئاشكارىلاپ ،  ئاممىنىڭ  پىكىرىنى ئېلىش كېرەك.
  11-ماددا: شەھەر ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق  ھۆكۈمىتى  ئېلىنغان پىكىر  ئەھۋاللىرىنى ۋە  جامائەت پىكىرىگە ئاساسەن تۈزىتىلگەن   ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىشى كېرەك . كونا شەھەر رايونىنى ئۆزگەرتىپ سېلىش ئىھتىياجى بىلەن ئۆي يىغىۋېلىشتا  كۆپ سانلىق يىغىۋېلىنغۇچى  يىغىۋېلىش، تۆلەم بىرىش لايىھىسى مەزكۇر  نىزام بەلگىلىمىلەرگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارىغاندا ،  شەھەر ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق  ھۆكۈمىتى  يىغىۋېلىنغۇچىلار ۋە  ئامما ۋەكىلى قاتناشقان گۇۋاھلىق، دەلىللەش يىغىنى تەشكىللىشى كېرەك ھەمدە گۇۋاھلىق يىغىنى  ئەھۋالىغا ئاساسەن  لايىھىنى ئۆزگەرتىشى كېرەك .
  12-ماددا:شەھەر ، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق  ھۆكۈمەتلىرى  ئۆي يىغىۋېلىش قارارى چىقىرىشتىن ئىلگىرى،  مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەر بويىچە جەمئىيەت مۇقۇملۇق خەتىرىنى باھالاپ چىقىشى كېرەك ؛  ئەگەر ئۆي يىغىۋېلىش قارارى كۆپ ساندىكى  يىغىۋېلىنغۇچىلارغا چېتىشلىق بولسا ،  ھۆكۈمەت دائىمى ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ بىكىتىشى كېرەك .  ئۆي يىغىۋېلىش قارارى چىقىرىشتىن ئىلگىرى، يىغىۋېلىش تۆلىمى نەقلەشتۈرۈلۈپ، مەخسۇس ھىسابتا ساقلىنىپ، ئۆز جايىغا ئىشىلتىلىشى كېرەك.
  13-ماددا:شەھەر ، ناھىيە  دەرىجىلىك  خەلق  ھۆكۈمەتلىرى يىغىۋېلىش قارارى چىقارغاندىن كېيىن ئۆز ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىش كېرەك. ئۇقتۇرۇشتا يىغىۋېلىش ئۇسۇلى ۋە مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىش پىكىرى، مەمۇرى ئەرزىيەت قىلىش ھوقۇقى قاتارلىق ئىشىلار ئېنىق بولۇشى كېرەك.  شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئۆي يىغىۋېلىش تارماقلىرى ئۆي يىغىۋېلىش بىلەن تۆلەم پۇلى تەشۋىقاتىنى، چۈشەندۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك.  ئۆي قانۇنلۇق يىغىۋېلىنغاندىن كېيىن، دۆلەت يەر زېمىنىنىڭ ئىشىلتىلىش ھوقۇقىمۇ ئۆز ۋاقتىدا قايتۇرىۋېلىنىدۇ.
  14-ماددا: شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئۆي يىغىۋېلىش قارارىغا قوشۇلمىغان يىغىۋېلىنغۇچى قانۇن بويىچە مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس سۇنۇشقا بولىدۇ. قانۇن بويىچە مەمۇرى دەۋا قىلىشقىمۇ بولىدۇ.
  15-ماددا:ئۆي يىغىۋېلىش تارماقلىرى ئۆي يىغىۋېلىش دائىرىسىدىكى ئۆيلەرنىڭ تەۋەلىك ھوقۇقى، ئورۇن، ئىشلىتىش ئورنى، قۇرۇلۇش كۆلىمى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەشكىللىك تەكشۈرۈپ تىزىملىشى، يىغىۋېلىنغۇچى تەرەپ ماسلىشىشى كېرەك. تەكشۈرۈش نەتىجىسى ئۆي يىغىۋېلىش دائىرىسىى ئىچىدە يىغىۋېلىنغۇچىلارغا ئاشكارە ئېلان قىلىنىشى كېرەك.
  16-ماددا:ئۆي يىغىۋېلىش دائىرىسى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆي يىغىۋېلىش دائىرىسى ئىچىدە يېڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىش، قۇرۇلۇش كۆلىمىنى كېڭەيتىش، قۇرۇلۇشنى ئۆزگەرتىپ سېلىش، ئىشىلتىش ئورنىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۆلۈم پۇلى بىرىشكە بولمايدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلىشقا بولمايدۇ. بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشلارغا تۆلەم پۇلى بېرىلمەيدۇ.  ئۆي يىغىۋېلىش تارماقلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا تۈرلۈك رەسمىيەت بىجىرىش ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە توختۇتۇپ تۇرۇشنى يازما ئۇقتۇرۇش ئارقىلىق ئالدىن ئۇقتۇرۇشى كېرەك. رەسمىيەت بىجىرىش ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە توختۇتۇپ تۇرۇش ۋاقىت چەكلىمىسى يازما   ئوقتۇرۇشتا ئېنىق قىلىپ ئوقتۇرۇلۇشى كېرەك. ۋاقتىنچە توختۇتۇپ تۇرۇش ۋاقىت چەكلىمىسى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا بىر يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

  ئۈچىنچى باب. تۆلەم

  17-ماددا:ئۆي يىغىۋېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يىغىۋېلىنغۇچىلارغا بېرىدىغان تۆلەم دائىرىسى:  (1) يىغىۋېلىنغان ئۆي باھاسى تۆلىمى  (2) ئۆي يىغىۋېلىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان چېقىش-كۆچۈرۈش، ۋاقىتلىق جايلىشىش تۆلىمى  (3) ئۆي يىغىۋېلىشتىن كېلىپ چىققان ئىشلەپچىقىرىشتىن توختاش-زىيان تۆلىمى.  شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تولۇقلىما ياردەم ۋە ئىلھاملاندۇرۇش چارىلىرىنى تۈزۈپ چىقىپ، يىغىۋېلىنغۇچىلارغا تولۇقلىما ياردەم پۇلى ۋە ئىلھام بىرىش كېرەك.
  18-ماددا: يىغىۋېلىنىدىغان شەخسى تۇرالغۇلارغا قارىتا، يىغىۋېلىنغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تۇرالغۇ كاپالەت شارائىتىنى ئۆي يىغىۋېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئالدىن ئېتىبار بىرىش ئارقىلىق ھازىرلاش كېرەك. كونكېرىت چارە-تەدبىرلەرنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بېكىتىدۇ.
  19-ماددا: يىغىۋېلىنغان ئۆي تەننەرقى تۆلىمى ئۆي يىغىۋېلىش قارارى ئېلان قىلىنغان مەزگىلدىكى يىغىۋېلىنغان ئۆي تۈرىنىڭ شۇ يەردىكى بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك. يىغىۋېلىنغان ئۆينىڭ تەننەرقى كونكىرىت ئىشىلتىلگەن ماتېرىياللارنىڭ   ئۆي يەر باھاسى، باھالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆي يىغىۋېلىش باھالاش چارىسىگە ئاساسەن باھالاپ چىققان تەننەرققە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ.
  باھالاش بېكىتكەن يىغىۋېلىنغان ئۆينىڭ تەننەرقىگە قارىتا باشقىچە پىكىردە بولغانلار ئۆي زىمىن باھالاش ئاپپاراتلىرىغا قايتا باھالاشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قايتا باھالاش نەتىجىسىگە باشقىچە پىكىردە بولغانلار ئۆي زىمىن باھالاش مۇتەخەسىسلەر ھەيئىتى كېڭىشىگە باھالاپ بېكىتىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.
  يىغىۋېلىنىدىغان ئۆي تەننەرقىنى باھالاش چارىسى گوۋۇيۈەن ئولتۇراق ئۆي شەھەر-بازارلار قۇرۇلۇشنى باشقۇرۇش تارماقلىرى بېكىتكەن بەلگىلىمە بولىدۇ. بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلىش جەريانىدا جەمئىيەتتىن ئاشكارە پىكىر-تەكلىپ ئېلىش كېرەك.
  20-ماددا: ئۆي-زېمىن باھالاش ئاپپاراتلىرى يىغىۋېلىنغۇچى بىلەن كېلىشىپ بېكىتىشى؛ كېلىشىم پۈتەلمىسە، كۆپ سانلىق بېكىتىش، ئىختىيارى تاللاش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق قارار قىلىدۇ.  كونكىرىتنى چارە-ئۇسۇلنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەر بېكىتىدۇ.
  ئۆز-زېمىن باھالاش ئاپپاراتلىرى مۇستەقىل، ئوبېكىتىپ، ئادىللىق بىلەن ئۆي يىغىۋېلىش باھالاش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى، ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخىس ئارىلىشىۋالماسلىقى كېرەك.
  21-ماددا: يىغىۋېلىنغۇچى نەق پۇل ئېلىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ. ياكى ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقىنى تېگىشىشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ.
  يىغىۋېلىنغۇچى ئۆي تېگىشىشنى تاللىغاندا، شەھەر-ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى تەڭشەلگەن ئۆي بىلەن تەمىنلىشى، يىغىۋېلىنغۇچى بىلەن يىغىۋېلىنغان ئۆينىڭ باھاسى بىلەن ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى تىگىشىلىگەن ئۆينىڭ باھا پەرقىنى ئېنىق ھېسابلىشى كېرەك.
  كونا شەھەر رايۇنلىرى شەخسى تۇرالغۇلارنى ئۆزگەرتىپ يىغىۋېلىش سەۋەبلىك، يىغىۋېلىنغۇچى ئۆزگەرتىپ سېلىنماقچى بولغان ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقىغا تېگىشىشنى تاللىغان بولسا، يىغىۋېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆزگەرتىپ سېلىش باسقۇچى ياكى كۆچۈرۈش باسقۇچىدا ئۆي بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
  22-ماددا: ئۆي يىغىۋېلىش سەۋەبلىك كېلىپ چىققان چېقىش-كۆچۈرۈش ئىشىدا ئۆي يىغىۋېلىش تارماقلىرى يىغىۋېلىنغۇچىغا قارىتا چېقىش-كۆچۈرۈش چىقىمىنى ئۆز ۋاقتىدا بىرىشى؛ ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقىنى تېگىشىشنى تاللىغان بولسا مۈلۈك ھوقۇقى تېگىشىلگەن ئۆينى تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن، ئۆي يىغىۋېلىش تارماقلىرى يىغىۋېلىنغۇچىغا ۋاقىتلىق جايلىشىش پۇلىنى بىرىشى ياكى ئولتۇرۇپ تۇرىدىغان ئۆي بىلەن تەمىنلىشى كېرەك.
  23-ماددا: ئۆي يىغىۋېلىشتىن كېلىپ چىققان ئىشلەپچىقىرىش توختاش زىيان تۆلىمى  ئۆينىڭ يىغىۋېلىشتىن بۇرۇنقى پايدىسى، ئىشلەپچىقىرىش توختاپ قېلىش ۋاقىت چەكلىمىسى قاتارلىق تەرەپلەرگە ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. كونكىرىت چارىنى ئۆلكە، ئاپتونوم رايۇن، بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بېكىتىدۇ.
  24-ماددا: شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار قانۇنلۇق ھالدا قۇرۇلۇش ئىشىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى؛ شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قۇرۇلۇشلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.
  شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆي يىغىۋېلىش قارارى چىقىرىشتىن بۇرۇن، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى تەشكىللەپ، قانۇن بويىچە يىغىۋېلىش دائىرىسىى ئىچىدىكى تىزىملانمىغان قۇرۇلۇشقا قارىتا تەكشۈرۈش، بېكىتىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى بېكىتىش كېرەك. قانۇنلۇق قۇرۇلۇش دەپ بېكىتىلگەنلىرى ۋە تەستىق مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتمىگەن ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشلارغا قارىتا تۆلەم بىرىشى؛ قانۇنسىز قۇرۇلۇش ۋە تەستىق مۇددىتى ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتلىق قۇرۇلۇشلارغا قارىتا تۆلەم بەرمەسلىكى كېرەك.
  25-ماددا:ئۆي يىغىۋېلىش تارماقلىرى بىلەن يىغىۋېلىنغۇچى مەزكۈر نىزامنىڭ بەلگىلىمىرى بويىچە تۆلەم ئۇسۇلى، تۆلەم پۇلى ۋە تاپشۇرۇش ۋاقىت چەكلىمىسى، مۈلۈك ھوقۇقى تېگىشىلگەن ئۆينىڭ ئورنى ۋە كۆلىمى، چېقىپ-كۆچۈرۈش چىقىمى، ۋاقىتلىق جايلىشىش چىقىمى ياكى ۋاقىتلىق ئولتۇرۇپ تۇرغان ئۆي چىقىمى، ئىشلەپچىقىرىش توختاش زىيىنى، چېقىپ-كۆچۈرۈش ۋاقىت چەكلىمىسى، ئۆتكۈنچى ئۇسۇل ۋە ئۆتۈش مۆھلىتى قاتارلىق ئىشلار بويىچە تۆلەم كېلىشىمنامىسى تۈزۈش كېرەك.
  تۆلەم كېلىشىمنامىسى تۈزۈلگەندىن كېيىن، بىر تەرەپ تۆلەم كېلىشىمنامىسىدىكى مەجبۇرىيەتلەرنى ئادا قىلىپ، يەنە بىر تەرەپ مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلمىسا قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.
  26-ماددا:ئۆي يىغىۋېلىش تارماقلىرى بىلەن يىغىۋېلىنغۇچى تۆلەم لايىھەسى بېكىتىش كېلىشىم مۆھلىتى ئىچىدە كېلىشىم تۈزەلمىسە، ياكى يىغىۋېلىنغۇچى تەرەپ ئېنىق بولمىغاندا، ئۆي يىغىۋېلىش تارماقلىرى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن مەزكۈر نىزام بەلگىلىمىلىرىگە، يىغىۋېلىش تۆلەم لايىھەسىگە ئاساسەن تۆلەم كېلىشىمى تۈزۈپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. كېلىشىمنى يىغىۋېلىش دائىرىسى ئىچىدە ئاشكارىلىشى كېرەك.
  تۆلەم كېلىشىمى ئادىل تۈزۈلۈشى، مەزكۇر نىزامنىڭ 25- ماددىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىدىكى كونكىرىت تۈرلەر بويىچە تۈزۈلۈشى كېرەك.
  يىغىۋېلىنغۇچى تۆلەم كېلىشىمىگە قوشۇلمىسا، قانۇن بويىچە مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ. قانۇن بويىچە مەمۇرى دەۋا قىلىسىمۇ بولىدۇ.
  27-ماددا: ئۆي يىغىۋېلىشتا ئاۋۋال تۆلەم بىرىش، ئاندىن كۆچۈرۈش يولغا قويۇلىدۇ.
  ئۆي يىغىۋېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى يىغىۋېلىنغۇچىغا قارىتا تۆلەم پۇلى بەرگەندىن كېيىن، يىغىۋېلىنغۇچى تۆلەم كېلىشىمى بەلگىلىمىسى ياكى تۆلەم قارارىدا بېكىتلگەن مۆھلەت ئىچىدە چېقىپ-كۆچۈشى كېرەك.
  ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى قانۇنسىز بەلگىلىمە ئارقىلىق سۇ، پار، گاز، توك بىلەن تەمىنلەش ۋە ئالاقە-قاتناشنى ئۈزۈپ قويۇش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇل ئارقىلىق يىغىۋېلىنغۇچىنى چېقىپ-كۆچۈرۈشىگە بولمايدۇ. قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ چېقىپ-كۆچۈرۈشكە قاتنىشىشى چەكلىنىدۇ.
  28-ماددا: يىغىۋېلىنغۇچى قانۇنلۇق بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس سۇنمىسا ياكى مەمۇرى دەۋا قىلمىسا، تۆلەم قارارىدىكى بەلگىلىمە مۆھلەت ئىچىدە چېقىپ-كۆچمىسە، ئۆي يىغىۋېلىش قارارى چىقارغان شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىدىن مەجبۇرىي ئىجرا قىلىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلىدۇ.
مەجبۇرىي ئىجرا قىلىش ئىلتىماسىدا قوشۇمچە تۆلەم پۇلى ۋە ۋاقىتلىق ھېساب ساقلىغۇچى ھېساب نومۇرى، مۈلۈك ھوقۇقى تەڭشەلگەن ئۆي ۋە تېگىشكەن ئۆينىڭ ئورنى، كۆلىمى قاتارلىق ماتېرىياللار بولۇشى كېرەك.
  29-ماددا: ئۆي يىغىۋېلىش تارماقلىرى قانۇن بويىچە ئۆي يىغىۋېلىش تۆلەم پۇلى بىرىش ئارخىپى تۇرغۇزۇشى، ھەمدە تارماق ھېساب تۈرلىرى بويىچە تۆلەم بىرىش ئەھۋالىنى يىغىۋېلىش دائىرىسىى ئىچىدە يىغىۋېلىنغۇچىلارغا ئاشكارە ئېلان قىلىشى كېرەك. تەستىقلىغۇچى ئورۇنلار يىغىۋېلىش تۆلەم پۇلىنى باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش جەريانىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىشى ھەمدە تەستىقلاش نەتىجىسىنى ئاشكارىلاش لازىم.

  تۆتىنچى باب. قانۇنىي جاۋابكارلىق

  30-ماددا: شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ھەمدە ئۆي يىغىۋېلىش تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ئۆي يىغىۋېلىش بىلەن تۆلەم خىزمىتىگە جەريانىدا مەزكۇر نىزام بەلگىلىمىلىرىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلمىسا ياكى خىزمەت ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلانسا، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلسا، شەخسى غەرەز بىلەن كۆز بۇيامچىلىق قىلسا يوقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ياكى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى خاتالىقنى تۈزۈتۈشكە بۇيرۇيدۇ، ئومۇمى ئوقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا قانۇن بويىچە زىيان تۆلىمى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىۋاستە مەسئۇل باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇل خادىملارغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
  31-ماددا: زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش ياكى قانۇنسىز بەلگىلىمە بويىچە سۇ، پار، گاز، توك بىلەن تەمىنلەش ۋە ئالاقە-قاتناشنى ئۆزۈپ قويۇش قاتارلىق قانۇنسىز ئۇسۇل-ۋاستە ئارقىلىق يىغىۋېلىنغۇچىلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرۈپ، زىيان پەيدا قىلغان بولسا قانۇن بويىچە زىيان تۆلىمى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىۋاستە مەسئۇل باشقۇرغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇل خادىملار جىنايەت شەكىللەندۈرگەن بولسا قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلىرىگە قانۇنى بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ. جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش-باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلىمىش شەكىللەندۈرگەنلەرگە قانۇن بويىچە جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش-باشقۇرۇش چارىسى بويىچە جازا بىرىلىدۇ.
  32-ماددا: زورلۇق قىلىش، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ۋاستىلار بىلەن قانۇن بويىچە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۆي يىغىۋېلىش ۋە تۆلەم بىرىش خىزمىتىگە دەخلى يەتكۈزگۈچىلەرگە قارىتا جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ قانۇنى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ؛ جەمئىيەت ئامانلىقىنى تۈزەش-باشقۇرۇشقا خىلاپ قىلىمىش سادىر قىلغانلارغا قانۇن بويىچە جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇش-تۈزەش چارىسى بويىچە جازا بېرىلىدۇ.
  33-ماددا: خيانەت قىلىش، ئىشىلتىۋېلىش، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشىۋېلىش، تۇتۇپ قېلىش، كەينىگە سۆرەش ئارقىلىق تۆلەم پۇلىنى ئىشىلىتىۋېلىشقا قارىتا تۈزەشكە بۇيرۇلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك پۇل سۈرۈشتە قىلىنىدۇ، مۆھلەت ئىچىدە قانۇنسىز ئېرىشكەنلىرى قايتۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ، مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل ئورۇنلار ئومۇمى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەنقىدلىنىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ. زىيان شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە زىيان تۆلىمى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. بىۋاستە مەسئۇل باشقۇغۇچىلار ۋە باشقا بىۋاستە مەسئۇل خادىملاردىن جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرمىگەنلەرگە قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ.
  34-ماددا: ئۆي-زىمىن تەننەرقىنى باھالاش تارماقلىرى ياكى ئۆي-زىمىن باھالاش مۇتەخەسىسلىرى ساختا ياكى چوڭ خاتا باھالاش دوكلاتى سادىر قىلغان بولسا ئىسپات-سالاھىيەت بېكىتىش تارماقلىرى تەرىپىدىن تۈزەشكە بۇيرۇلىدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلىدۇ. ئۆي-زېمىن تەننەرقىنى باھالاش تارماقلىرىغا 50 مىڭ يۈەندىن يوقىرى 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ، باھالاش مۇتەخەسىسلىرىگە 10 مىڭ يۈەندىن يوقىرى 30 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلىدۇ ھەمدە ئۇچۇر ئارخىپىدا خاتىرلىنىدۇ. قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ سالاھىيىتى گۇۋاھنامىسى تۈتۈپ قېلىنىدۇ، بىكار قىلىنىدۇ. زىيان كەلتۈرۈپ چىقارغانلىرىنىڭ قانۇنى زىيان تۆلىمى مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەرنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    35- ماددا:مەزكۇر نىزام ئېلان قىلىنغان كۈندىن ئېتىبارەن يولغا قويۇلىدۇ. 2001-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى گوۋۇيۈەن ئېلان قىلغان «شەھەر ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈشنى باشقۇرۇش نىزامى» بىردەك ئەمەلدىن قالدى. مەزكۇر نىزام يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇنقى قانۇنلۇق ئۆي چېقىش-كۆچۈرۈش ئىجازەتنامىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تۈرلەر داۋاملىق ئەسلى بەلگىلىمە بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بىراق ھۆكۈمەت مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ مەجبۇرلاپ چېقىپ-كۆچۈرۈشىگە يول قويماسلىقى كېرەك.



4-ئاينىڭ 22-كۇنىدىكى دۇنيا قانۇن تەشۋىقاتى كۇن  ماتىريالى

شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئۇرنى

24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش لىنىيسى 18299819854

توردا ماتىريال يوللاش شەكىلدە مەسلىھەت بىرىش نۇمۇرى 1471561935


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-18 07:27 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
arkinlk + 97 دەلىللەر يېتەرلىك
adil2052103 + 500 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 597   باھا خاتىرىسى

مەن خەلق ئادۇۋكاتى ،مەن خەلقنىڭ مەنپەتىنى قۇغدايمەن.

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 03:31:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇندىن ساۋات ئالدىم ، رەھمەت خەلقىم !

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

باشقىلارغا تەبە

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18033
يازما سانى: 752
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6066
تۆھپە نۇمۇرى: 216
توردا: 5841 سائەت
تىزىم: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 05:07:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مانا  پەيزى بىر تېما  يوللىنىپتۇ. ھەممىمىز مۇشۇنداق قىلساق نىمە دىگەن ياخشى ھە!

ئۆزىڭىزنىڭ خاسلىقى بولسۇن.

ھەقىقى ئەركىنلىك روھى ئەركىنلى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 51630
يازما سانى: 114
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 306
تۆھپە نۇمۇرى: 98
توردا: 558 سائەت
تىزىم: 2011-8-14
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 06:03:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قانۇن ئۆگۈنۈپ قانۇن ئېڭىمىزنى كۈچەيتىپ قانۇن ئارقىلىق ئۆز ھوقوق -مەنپەئەتىمىزنى قوغدايلى ھازىر دىيارىمىزدا خېلى كۆپ كىشىلىرىمىز قانۇن ئېڭى تۆۋەن بولغانلىقتىن قانۇندا بەلگىلەنگەن ئۆزىنىڭ شەخسى ھوقوق -مەنپەئەتىنى قوغدىيالماي زور ئىختىسادىي زىيانلارنى تارتىۋاتىدۇ! تېما ئىگىسىگە رەخمەت!

ئەركىنلىكنى مەڭگۈ ھېسداشلىق ئارقىلىق قولغا كەلتۈرگىلى بولمايدۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن قان ئاققۇزۇش كېرەك!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74481
يازما سانى: 570
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 947
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 159 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 06:06:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
هةقىقەتەن ياخشى بىر تىما يۇللاپسىز ......رەھمەت قىرىندىشىم ......ھارمىغايسىز........داۋاملىق يوللاپ تۇرۇڭ .......مەن قانۇنغا خىلى ئۇستا بوپ قىلىۋاتىمەن جۇمۇ......رەھمەت ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 452
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 131 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 06:29:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت سىزگە،ياخشى ئىشقا تۇتۇش قىپسىز.كۈندە بىر قانۇن دېسەك ئۈلگۈرۈپ بولالماسلىقىمىز مۈمكىن،مېنىڭچە ھەپتىدە بىر قانۇن بولسا مۇۋاپىقمىكىن دەيمەن.چۈنكى بەزىبىر تورداشلار ئالدىراش بولغاچقا يېتىشىپ بولالمايدۇ،قانۇننى ئالدىرىماي،تەپسىلى كۆرسە ئادەمنىڭ ئېسىدە قالىدۇ.بۇ مېنىڭ كۆزقارىشىم.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 569
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 06:31:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىگە رەخمەت

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72501
يازما سانى: 55
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 541
تۆھپە نۇمۇرى: 10
توردا: 110 سائەت
تىزىم: 2012-1-3
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 10:17:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
شىنجاڭ دىنار ئادۇۋكاتلىرى  مۇھىم ئىقتىسادىي دەۋالارغا چېتىلىدىغان قانۇنلاردىن بىزنى خەۋەردار قىلىپ، قانۇن ئېڭىمىزنى بولۇپمۇ قانۇن ئارقىلىق ئۆز ھوقۇق - مەنپەئىتىمزنى قۇغدايدىغان دانا مەسلىھەتلەرنى بېرىپ، بۇ جەھەتتىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇپ كەلمەكتە! بىز جۈملىدىن شەخسەن مەن ئۇلارنىڭ بۇ خالىس مۇلازىمەت قىلىدىغان روھىدىن تەسىرلەندىم. يۇلۇڭلار پارلاق ۋە راۋان بولسۇن، ئەزىمەتلەر..!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 67528
يازما سانى: 83
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 291
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 139 سائەت
تىزىم: 2011-11-29
ئاخىرقى: 2012-5-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-20 11:12:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدە مۇشۇنداق قانۇن ئۆگىنىش ئېڭى توۋەنمىكى دەپ ئويلاپ قالىمەن...چۈنكى كىيىملىرىمىزنى قاتۇرۇپ ئارتىستەك كىيىنىۋالغىنىمىز بىلەن قانۇننى ئەمەلىي تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغانلار ئاز...
قانۇننى بىلسە ،قانۇننى تۇرمۇشىمىزغا تېىىمۇ يېقىنلاشتۇرساقبوران -چاپقۇنلۇق كۈنلەرمۇ بىزدىن يېراق تۇراتتى..............
رەھمەت ..بۇندىن كىيىن قىزغىن ئىشتىراك قىلىمەن..


كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش