مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 176|ئىنكاس: 3

بالىلارنىڭ تەربىيە ھوقۇقى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78712
يازما سانى: 29
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 74
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-4-12
ئاخىرقى: 2012-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 01:00:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

دوكتور مۇستاپا ئەبۇ سەئد  

بالىلارنىڭ تەربىيە ھوقۇقى

سۆھبەت ئۇسلۇبى ئاللاھتائالا قۇرئان كەرىمدە ئۆگەتكەن ئۇسلۇبتۇر.

ئاللاھ بىزنىڭ ياراتقۇچى ئىلاھىمىزدۇر. ئاللاھتائالانىڭ بىزگە قىلغان بۇيرۇقلىرى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ئەمردۇر. شۇنداق تۇرۇپمۇ ئاللاھ بىزگە بۇيرۇقلىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ رەببى بىلەن قىلىشقان سۆھبىتىگە قارايلى.

ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

        ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىم، ئۆلۈكلەرنى قانداق تىرىلدۈرىدىغانلىقىڭنى ماڭا كۆرسەتكىن» دېدى. اﷲ «(ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرەلەيدىغانلىغىمغا) ئىشەنمىدىڭمۇ؟» دېدى. ئىبراھىم: «ئىشەندىم لېكىن كۆڭلۈم (تېخىمۇ) قارار تاپسۇن ئۈچۈن (كۆرۈشنى تىلەيمەن)» دېدى.(سۈرە بەقەرە 260 - ئايەت)

     كۆڭۈل داۋاملىق قارار تېپىشنى ۋە تەسكىن تېپىشنى خالايدۇ. بالىمۇ بۇيرۇق ئىجرا قىلىدىغان ماشىنا ئەمەس، شۇڭا ئۇنىڭ قەلبىمۇ تەسكىن تېپىشنى خالايدۇ.

    كۆڭۈل ۋە قەلب دېگەن بىز مۇسۇلمانلارنىڭ نەزىرىدە ئەقىل دېگەنلىك بولىدۇ.

   بالىمىز ھەر ئىشنى قىلسا ماھىيىتىنى بىلىپ، چۈشۈنۈپ قىلسا قەلبى تەسكىن تاپىدۇ.

        ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ:

     ھەقىقەتەن كۆزلەرلا كور بولمايدۇ، لېكىن كۆكرەكلەردىكى قەلبلەر كور بولىدۇ (يەنى ھەقىقى كورلۇق كۆزنىڭ كورلۇقى ئەمەس، دىلنىڭ كورلۇقىدۇر، كور ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ).

سۈرە ھەج 46 - ئايەت

       دىلنىڭ كورلۇقى ئەقىلنىڭ كورلۇقىدۇر، بالىلارنىڭ دىلى تەسكىن تاپسا ۋە قايىل بولسا ئاندىن ئىتائەت قىلىدۇ. بالىڭىز سىز بىلەن مۇنازىرلەشسە مەيلى، سىزنىڭ دەلىلىڭىز كۈچلۈك بولسىلا ئۇ چوقۇم قايىل بولىدۇ. قايىل بولسا سىز ئۆگەتكەن ئەخلاقنى قوبۇل قىلىدۇ ئەخلاقنىلا ئەمەس بەلكى ئەڭ مۇھىم بولغىنى ئۇنىڭ قىممىتىنى چۈشىنىپ قانائەت ھاسىل قىلىدۇ.

      بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ ناماز غا سۇس قارايدىغانلىقىدىن قاخشايدۇ. بالام مەن بار يەردە ناماز ئوقۇيدۇ، مەن يوق يەردە ناماز ئوقۇمايدۇ. دەپ زارلايدۇ. نېمىشقا؟

      چۈنكى سىلەر بالاڭلارنى مەجبۇرى ھالدا بۇيرۇقۇڭلارنى ئىجرا قىلدۇرۇپ ئادەتلەندۈرگەن، سۆھبەت ئارقىلىق قايىل قىلىش ئۇسۇلىنى قوللانمىغان. ھە ناماز ئوقۇ دەپلا بۇيرۇق بىلەن ناماز ئوقۇتقان. نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرمىگەن. شۇڭا ئۇ بالا ئالدىڭلاردا ئوقۇيدۇ، سىلەر يوق يەردە ئوقۇمايدۇ.

        ئەگەر سىز بالىڭىزغا نامازنىڭ ئەھمىيتى، قىممىتى ۋە ئۇنىڭ ئىسلامدىكى ئورنى، دىننىڭ تۇرۇكى ئىكەنلىكىنى، نامازنىڭ ھاياتى دۇنيادىكى پايدىلىرىنى ئوبدان چۇشەندۇرگەن ۋە قايىل قىلغان بولسڭىز بۇنداق بولمىغان بولاتتى. بۇ ئىشلارغا بىر يىل كەتسىمۇ مەيلى، ئالدىرىمايمىز. ئەمدى يەتتە ياشقا كىرگەن بالىغا نامازنىڭ ئەھمىيىتى ۋە قىممىتىنى قەلبىگە سىڭدۇرۇشكە بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت كەتىسمۇ مەيلى. يىل بويى نامازنىڭ ئەھمىيىتىنى بالىمىزغا چۇشەندۇرىمىز ۋە ئۇنى قايىل قىلىمىز، ئاندىن ئەقىدە بىلەن نامازنىڭ مۇناسىۋىتى، بىر مۇسۇلمان ئۈچۈن نامازنىڭ نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ دىنىمىزنىڭ ئاساسلىق روكنى ئىكەنلىكى ۋە ئاللاھقا يېقىن بولۇشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋاستىسى ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇرىمىز. بۇنىڭغا يەنە بىر يىل ۋاقىت كەتسىمۇ مەيلى. نامازنىڭ قىممىتىى ۋە ئەھمىيىتىنى چۇشەندۇرۇشكە بىر يىل ۋە نامازغا مۇناسىۋەتلىك ئەقىدىنى چۇشەندۇرۇشكە يەنە بىر يىل كەتسە مەيلى. ئالدىرىمايمىز. تەربىيە مۇشۇنداق داۋاملاشسا ئۈچىنچى يىلى بالا ناماز نى قەدىرلەيدىغان ۋە سۆيىدىغان بولىدۇ. ئۆزىنىڭ ناماز ئوقۇيدىغانلىقى بىلەن پەخىرلىندىغان بولىدۇ. كۆچىدا بالىلار بىلەن ئويناۋاتقان چاغدا نامازغا ئەزان توۋلىسا باشقا بالىلارغا توختاڭلار! ناماز ۋاقتى بولدى، ناماز ئوقۇپ بولۇپ ئوينايلى دەيدىغان بولىدۇ. مۇشۇ تەرىقىدە ناماز بالىنىڭ كۈندىلىك پائالىيتىگە ئايلىندۇ.

ئى قەدىرلىك ئاتا،

    بالىغا ئەخلاقنى سىڭدۇرۇشكە ئالدىرىمىغىن، ھەممىدن بۇرۇن ئۇنىڭ قەلبىگە ئىدىيە، ئەقىدە ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى سىڭدۇرۇشكە تىرىشقىن.

     بەشىنجى: بالىڭىزنى ھۆرمەتلەڭ، قاتتىق قوللۇق قىلماستىن، سۆھبەت ئارقىلىق قايىل قىلىشقا تىرىشىڭ.

     بىز بالا تەربىيىلەشتە ، قوپاللىق بىلەن قورقۇتۇپ بۇيرۇق چۇشۇرمەيمىز ۋە قۇپاللىق بىلەن قورقۇتۇپ چەكلىمەيمىز.

قورقۇتۇپ چەكلەشنىڭ مىساللىرى :

     تەھدىت سېلىش، ئەگەر مەن دېگەننى قىلمىساڭ كومپىيۇتىر ئېلىپ بەرمەيمەن، بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمساڭ جازالايمەن. قارا، ئاكاڭ سەندىن ياخشى ، چۈنكى ئۇ گەپ ئاڭلايدۇ، دېگەندەك، بۇ ئۇسۇل توغرا ئۇسۇل ئەمەس.

      تەھدىت سېلىش، سىلىشتۇرۇش، تەنقىدلەش، مالامەت قىلىش، ئەيىبلەش، جازالاش ۋە يۇزدىن يۇزگە ۋاقىراش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قورقۇتۇپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىدۇ.

بۇ ئۇسۇللار بىزنى، سىلە - بىز ئارزۇ قىلغان تەربىيىە نىشانىغا يىقىنلاشتۇرمايدۇ بەلكى ئۇنىڭدىن يىراقلاشتۇرىدۇ.

ئىي قەدىرلىك ئاتا ، بالىڭىزغا تەھدىت سالماڭ، سىلىشتۇرماڭ، مالامەت قىلىپ ئەيىبلىماڭ، تەنقىدلىمەڭ، ۋاقىرىماڭ ۋە جازالىماڭ.



بالىلارنىڭ تەربىيە ھوقۇقى

ئالتىنجى: بالىلىرىڭلارغا بېسىم قىلماڭلار،

بالىلارنى بەزى نەرسىلەردىن مەھرۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا بېسىم ئىشلەتمەڭلار.

چۈنكى بالىغا كۆپ بېسىم قىلىش ئۇنىڭ روھىي كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، نەتىجىدە بالا سىزدىن قاچىدىغان ۋە نەپرەتلىنىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

بالا سىزدىن قاچسا سىز بۇيرىغان نەرسىلەردىن ۋە تەلىماتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسىدىن قاچىدۇ.

بەزى بالىلار نامازدىن قاچىدۇ ، نېمىشقا؟ چۈنكى ناماز ئۇلارغا مەجبۇرى بېسىم بىلەن ئۆگىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نامازنى يامان كۆرىدىغان بولۇپ قالغان. بۇلارنىڭ نامازنى يامان كۆرىدىغان بولۇپ قىلىشىغا كىم سەۋەپچى؟ ئۇلار نىڭ تەربىيىچىسى سەۋەپچى ئەمەسمۇ؟ بالىلىرىغا نامازنى قانداق ئۆگىتىشنى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنى قانداق كۈچەيتىشنى بىلمىگەن ئاتا - ئانىلار سەۋەپچى ئەمەسمۇ؟

بېسىم ئىشلىتىش سەلبىي ئۇسۇل بولۇپ بالىلارنىڭ قەلبىدە ئەنسىزلىك ۋە خاتىرجەمسىزلىك پەيدا قىلىدۇ. قەلبىدە ئەنسىزلىك كۆپ بولغان ئادەمدىن خاتالىقلار كۆپ سىادىر بولىدۇ.

ئەنسىزلىك كۆپ بولغانسىېىرى سىزدىن نەپرەتلىنىدىغان ۋە قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ.

شۇڭا بالىڭىز سىزدىن ۋە سىز ئۇنىڭدىن كۈتكەن نەرسىلەردىن قاچماسلىقى ئۈچۈن بالىڭىزغا بېسىم ئىشلەتمەڭ.

بالىنى گەپ ئاڭلىمىدى دەپ جازالاش يۈزىسىدىن بېرىدىغان نەرسىلەردىن چەكلەپ قويسىڭىز،

بالىڭىز نامازدىن ، ئەخلاق پەزىلەتلەردىن قاچىدىغان بولۇپ قالىدۇ، نەتىجىدە راستچىللىقتىن، ئوقۇشتىن، بىلىم ئېلىشتىن قاچىدۇ، مەكتەپتىن قاچىدۇ، چۈنكى سىز ئۇنىڭغا بۇ ئىشلارنى بېسىم ئارقىلىق مەجبۇرى قىلدۇرغان. سەلبىي ئۇسۇلنىڭ نەتىجىسىمۇ سەلبىي بولىدۇ.

بۇيرۇقلارنى كۆپ چۇشۇرۇش ئارقىلىق سىزنىڭ ئۇلارنى نازارەت قىلىپ تۇرىۋاتقانلىقىڭىزنى تۇيدۇرۇپ قويماڭ. بالىلارنىڭ ھەر بىر چوڭ - كىچىك ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالماڭ ۋە كۆزەتچى بولۇپ قالماڭ.

يەتتىنجى:

بالىلىرىڭلارنى ماختاش ۋە رىغبەتلەندۇرۇش ئارقىلىق بۇيرۇقىڭلارنى ئىجرا قىلدۇرۇشقا تىرىشىڭلار،

بالىڭىزنى ماختاڭ، رىغبەتلەندۇرۇڭ، بۇ ئەڭ ياخشى تەربىيىلەش قائىدىسى ، چۈنكى ماختاش ۋە رىغبەتلەندۇرۇشتىن بالىلارنىڭ پىسخىكىسى بۇيرۇقلارنى قۇبۇل قىلىشىقا تەييارلىنىدۇ.

ئەگەر سىز باشتىلا ئۇنى ئەيىپلەپ تەنقىدلەشكە باشلىسڭىز، ئۇ ئۆزى بىلەن سىزنىڭ ئارلىقىڭىزغا بىر تام ياسىۋالىدۇ دە سۆزىڭىزنى قۇبۇل قىلمايدۇ.

قاراڭلار، ئاللاھ بىزنى ياراتقان ۋە بىزنىڭ تەبىئىتىمىزنى ياخشى بىلگەچكە، سۈرە مۆمىنۇن دە ياخشى سۈپەتلەرنى قۇبۇل قىلىشىمىز ئۈچۈن بۇ سۈرىنى ئالدى بىلەن بىزنى ماختاش ۋە رىغبەتلەندۇرۇش بىلەن باشلىدى. مۇئمىنلەر ھەقىقەتەن بەختكە ئېرىشتى. (شۇنداق مۇئمىنلەركى) ئۇلار نامازلىرىدا (اﷲنىڭ ئۇلۇغلۇقىدىن سۈر بېسىپ كەتكەنلىكتىن) ئەيمىنىپ تۇرغۇچىلاردۇر.

ئاللاھ بۇ ئايەتتە مۇئمىنلەر مەقسەتكە يەتتى ۋە بەختكە ئېرىشىتى دەپ ئوتكەن زامان شەكلىدە خۇش خەۋەر بەرگەندىن كىيىن ئۇلاردا بولۇشقا تېگىشلىك سۈپەتلەرنى بايان قىلدى.

سەككىزىنجى: بالىلارغا توغرا ئەقىدە ۋە قىممەت قارىشى ئۆگىتىڭلار،

غەرب ياشلىرىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئاساسي سەۋەپلىرى نېمە؟ چۈنكى ئۇ ياشلار ئۆزلىرىگە ئۆگىتىلىۋاتقان پرىنسىپ ۋە ئەخلاقلار دىن قانائەت ھاسىل قىلمىغان ۋە قايىل بولمىغان. چۈنكى ئۇ پرىنسىپ ۋە ئەخلاقلار توغرا ئەقىدە ئۈستىگە قۇرۇلمىغان.

ئىنسان بىرەر ئەدەپنى تېزلا قۇبۇل قىلىدۇ ۋە تېزلا تاشلايدۇ، ئەمما ھەقىقى ئېتىقاد ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەدەپ - ئەخلاق ئاسان تاشلانمايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈن بالىلارغا ئەدەپ ئۆگىتىشتىن ئىلگىرى ئەقىدە ئۇگىتىش ۋە قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا تىرىشىش كېرەك.

ئى قەدىرلىك ئاتا - ئانىلار ،

تەپەككۇرلىرىڭلارنى تەكشۇرۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى تەپەككۇر ۋاقىتنىڭ ئوتىشى بىلەن ئەخلاقى قىممەتكە ئايلىنىدۇ. ئەخلاقى قىممىتىڭلارغا دېققەت قىلىڭلار چۈنكى ئۇ قىممەتلەر ئېتىقادقا ئايلىندۇ. ئېتىقادىڭلارنى تەكشۇرۇپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئېتىقاد ھېس - تۇيغۇغا ئايلىنىدۇ. ھېس - تۇيغۇلىرىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ھېس - تۇيغۇ لار دىن ئىش - ھەرىكەت ھاسىل بولىدۇ. ئىش - ھەرىكەتلىرىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرۇڭلار، چۈنكى ئىش - ھەرىكەتلىرىڭلار سىلەرنىڭ ئىستىقبالىڭلارنى بەلگىلەيدۇ.

سىلەرنىڭ ئىستىقبالىڭلارنى بەلگىلەيدىغان نەرسە نېمە؟ سىلەرنىڭ ئىدىيە، تەپەككۇر ئېتىقاد ۋە ئەخلاقىي قىممىتىڭلاردۇر.

تەرجىمە قىلغۇچى: سادىق ئىسمائىل

مەنبە:

http://vb.arabseyes.com/t154993.html

قەدرىڭ سىرلىق بولسۇن!

ئاكتىپ ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 75054
يازما سانى: 736
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1007
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 88 سائەت
تىزىم: 2012-2-7
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 03:33:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ئورۇنلۇق بالا تەربىيىلەش ساۋاتلىرى بوپتۇ ، مەمنۇن بولدۇم !

چۈشەنمەي تۇرۇپ بىرلىرى ھەققىدە سۆز ئاچما،چۈنكى سەن ئۇ كىشىنىڭ ھاياتىدا بىر كۈنمۇ ياشاپ باقمىغان !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77224
يازما سانى: 482
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 506
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 126 سائەت
تىزىم: 2012-3-10
ئاخىرقى: 2012-5-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 03:41:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك  بىلىملەرنى بىلىۋېلىش  بەك  مۇھىم

ھاياتىڭ‹اللە›نىڭ قۇلىدا،ماڭغىن‹مۇھەممەد›نىڭ يۇلىدا،بەختىڭ ‹ئۆزەڭ›نىڭ قۇلىدا،كۆيمىگىن‹دەۋزەخ›نىڭ ئوتىدا                       دەردىمنى تىڭشاپ قۇيۇڭ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 567
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 03:47:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىلىۋېلىشقا تىگىشلىك  تىمىكەن.رەھمەت

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش