مەكتەپنىڭ چاچ كەستۈرۈشكە قارشى چىققان قىز ئۆلىۋالدى
4-ئاينىڭ 13-كۈنى، شەندۇڭلىق 14ياشلىق قىز ئۇقۇغۇچى لى شىن مىن ئۇقۇتقۇچىسىدىن چېچىنى كەستۈرۈش ھەققىدىكى سۈيلەشنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، بەشىنجى قەۋەت بىنادىن ئۈزىنى تاشلاپ ئۈلىۋالدى.
يېقىنىقى يىقللاردىن بىرى « ئۈلىۋېلىش ئارقىلىق مەكتەپ بەلگۈلىمسىگە قارشى تۇرۇش» تىراگىدىيەسى كۆپەيگەن بۇلۇپ، ھەرقېتىملىق ۋەقە كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالغان بولسىمۇ، ئەمما ئادەم ھاياتى بەدىلىگىمۇ بۈگۈنكى مائارىپنىڭ ئادىميىلىككە ھۆمەت قىلىش، ئىنسانى غۇرۇرغا ھۆرمەت قىلىشتىكى ۋىجدانىنى ئويغۇتۇش قىيىن بولماقتا.
لى شىن مىن تىراگىدىيەسىگە قارتا، مەكتەپ تەرەپ ئوخشاشلا:« بۇ ۋەقە ئائىلىسىدە يۈزبىرىپتۇ، شۇڭا مەكتەپ بىلەن مۇناسىۋەتسىز» دەپ جاۋاپ بەردى. قۇپال مائارىپ بەلگۈلىمىسى ۋە ھەرخىل باھانە سەۋەپ بىلەن مەسئۇلىيەتتىن قېچىش، بۇخىل مائارىپتىكى زومىگەرلىك ئالدىدا، ئەگەر مائارىپ تارماقلىرى مائارىپ تۈزۈلمىسى، مائارىپ شەكلى ۋە مائارىپ ئۇسۇلىنىڭ ناچار ۋە خاتا تەرەپلىرى ئۈستىدە ئويلانمىسا، مائارىپتىكى ئىنسانىيلىققا ئۇيغۇن بولمىغان تەرەپلەرنى تۈزەتمەيدىكەن، مائارىپتا بۇخىل تىراگىدىيەلەر ھامان يەنە يۈزبىرىۋىرىدۇ.
لى شىن مىن ئۈلۈمى نۇرمال ئۈلۈش ئەمەس، بىز بالىلارغا :« چېچىڭلارنى كەسمىسەڭلارمۇ بۇلىدۇ، ئەمما ھاياتىڭلارنى نابۇت قىلساڭلار بولمايدۇ» دىيىشىمىز كېرەك. ئەمما مەكتەپ تەرەپ :« چېچىڭنى كەستۈرمىسەڭ مەكتەپ ھويلىسىغا قەدەم باسقۇچى بولما» دەيدۇ. مەكتەپلەردىكى نۇرغۇن بەلگۈلىمىلەرگە بالىلار رۇئايە قىلمىسا مائارىپتىن بەھىر ئېلىش ھۇقۇقىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋىپىگە دۇچ كېلىدۇ.
لى شىن مىن ئۈزىنىڭ ماقالىسىگە مۇنۇ قۇرلارنى يازغان ئىدى: « مۇبالىغە قىلمايمەنكى، چاچ مېنىڭ ھاياتىم، ئۇ ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئەمما مۇئەللىم چېچىمنى كەستۈرۈشۈمنى تەلەپ قىلماقتا، مەن شۇنچە قارشىلىق قىلساممۇ يەنىلا تەڭ كېلەلمىدىم»
بىركىچىك قىز، ئۈزىنىڭ ئۇزۇن چېچىغا شۇقەدەر ئامراق بۇلىشىنىڭ نەرى خاتا؟ بۇقىزنىڭ ساداسى نېمە ئۈچۈن مەكتەپنى ئويغۇتالمىدى؟ مەكتەپنىڭ شۇبەلگۈلىمىللىرى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ تەلەپلىرى شۇنداق قائىدىگە ئۇيغۇنمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن چاچلىق قىزلار مەكتەپ ھويلىسىغا قەدەم باسسا بولمايدۇ؟ ئۇزۇن چاچ مەكتەپ ئەخلاقىغا تاقىشامدۇ؟ مەكتەپنىڭ بالىلارنىڭ شۇنداق ھۇقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغان ھەققى بارمۇ؟ مەكتەپ يەنە نېمىسىگە ئاساسەن ئۇقۇغۇچىنىڭ ئۈلىمىگە بىزمەسئۇل ئەمەس دەپ دادىل ئوتتۇرغا قۇياالايدۇ؟ بۇنىڭ جاۋابى ئاددىلا بۇلۇپ، بالىلار مائارىپ ھۇقۇقى ئالدىدا ئۈزىنىڭ ئاددى تەلەپلىرىنىمۇ ئوتتۇرغا قۇيالمىغۇدەك ئاجىز بۇلۇپ قالغانلىقىدا.
مۇشۇنداق دەرىجىدە دىمۇگىراتتىيە ۋە ئەركىنلىك بولمىسا، بالىلارنىڭ رۇھى بۇغۇشلاپ قۇيۇلسا، چۇقۇمكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بۇخىل مائارىپ تۈزۈلمىسىگە قارتا ياكى قۇرقۇش، ياكى غايەت زور بەدەل تۈلەش ئارقىلىق قارشىلىق قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھەتتا ھاياتىدىن ۋاز كېچىدۇ.
لى شىن مىن كەتتى، ئۇ بۇخىل تىراگىدىيەرلەرنىڭ قايتىلانمىسىلىقىنى ئارزۇقىلىشى ۋە مائارىپنىڭ ۋىجدانىنى ئويغۇتالىشىنى ئۈمۈت قىلىشى مۇمكىن. ئۇقۇغۇچىلارنىڭ توغرا بولمىغان مائارىپ بەلگۈلىمىللىرى ئالىدا ئۈزىنىڭ ساداسىنى ئوتتۇرغا قۇيالىغىدەك پۇرسەتكە ئىرىشىشىنى ، مائارىپنىڭ ھاياتقا ۋە ئىنسانىيلىققا ھۆرمەت قىلىشىنى، ھەربىر ئۇقۇغۇچىنىڭ مائارىپ ھۇقۇقدارلىرى ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇش ھۇقۇقىغا ئىگە بۇلىشىنى ئارزۇقىلىدۇ.
مەنبە: شىنلاڭ مىكروبىلوگى
http://blog.sina.com.cn/s/blog_476ffe1a0100yjc6.html?tj=1
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-18 07:13 PM