بۆرىلەر ۋادىسى ـــ ‹‹پىستىرما›› ئاخىرلىشىدۇ
2003-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۇنىدىن 2005-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنىگىچە بۆرىلەر ۋادىسى (kurtlar vadisi)، 2007-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۈگۈنگىچە بۆرىلەر ۋادىسى پىستىرما ئىسمى بىلەن ھاياتىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تىياترى مېنىڭچە تەتۈر ساناشقا باشلىدى.
چىقارغان تالاش-تارتىشلىرى، بۇزغان كۆرۈش رېكورتلىرى ۋە تىللاردا مودا بولغان «راجون» لىرى بىلەن تۈرك كۆپ قىسىملىق تېلىۋېزىيە تياترى تارىخىدا ئىز قالدۇرغان فىلىمنىڭ ئاخىرلىشىدىغان ۋاقتى كەلدى.
سەۋەبى نېمۇ؟
1. تېلىېۋېزىيە تىياتىرىنىڭ سەككىز يىلدا شۇنچە كۆپ ۋەقەلىكلەرنى تۈگەتتىكى، ئاخىرى چىقماس يولغا كىردى.
2. پرىزدېنت، زۇڭلى، ھەربىي ئىشلار كومتېتىنىڭ باشلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى، ئەمدى ئىشلىتىدىغان ھېچقانداق «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان» خاراكتېر قالمىدى.
3. زۇڭلىغا سۈيقەست، ھەربىي ئىشلار كومىتېتى باشلىقى قاتارلىلارغا سۈيقەست قاتارلىق تېمىلار تۈگىدى.
4. ئامېرىكىلىقلار، ئىسرائىلىيەلىكلەر، گىرمانىيەلىكلەر، رۇسلار، ئىرانلىقلار، كۈرتلەر، دىن تارقاتقۇچىلاردەك تۈركىيەدىكى ئوخشىمىغان تەبىقىدىكى كىشىلەرگە نىسبەتەن ‹دۈشمەن› ھېسابلىنىدىغان بارلىق ئېلمېنتلار تېلېۋېزىيە تىياتىرىدا ئىشلەندى ۋە تۈگىدى.
5. پولات ئالەمدارنىڭ ھاياتىغا كىرگەن تۆت ئايالنىڭ ئىككىسى ئۆلدى، بىرسى پولاتتىن بولغان بالىسىدىن ئايرىلىپ قالدى ۋە ئەقلىنى يىتتۈردى. شۇڭا سىنارىستلارنىڭ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇزاق تۇرغان ‹ئاشىق› تېمىسى ھەققىدە دېگۈدەك بىر گېپى قالمىدى. 6. بىزنىڭ مىللىتىمىز قىسقا ۋە ھېكىمەتلىك، ئاسان ئەستە قالىدىغان، شۇئار خاراكتېرلىك سۆزلەرنى ياخشى كۆرىدۇ … تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا ‹ئاقىۋىتىنى ئويلىغان قەھرىمان بولالمايدۇ›،‹دوستۇم ئۆلمەيدۇ، دۈشمىنىم ياشىمايدۇ›، ‹ئىككى ئادەم بىلگەن ئىش سىر ئەمەس› دېگەندەك راجون جۈملىلەر ئەمدى يوق…
7. ‹راجون› ئىگىسى ‹دادا›لارنىڭ ئورنىغا دۆلەتنىڭ ئىچىدىكى سىياسى ھېساپلاشما، يوشۇرۇن سىنارىئو چىقىشقا باشلىدى… بۇمۇ خېلى كۆپ كۆرۈرمەنلەرنىڭ زېرىكىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى…
8. تېلېۋىزىيە تىياتىرىغا يېقىنقى كۈنلەردە قوشۇلغان ھېچقانداق ‹پولات دۈشمىنى› ھاياجانلاندۇرالمىدى … چۈنكى بۆرىلەر ۋادىسىنىڭ ھېرىسمەنلىرى قاراخانلىلارنى، ئىسكەندەرلەرنى، فەللەرلەرنى كۆردى…
9. پولات ئالەمدار بۇرۇن ئارلاپ-ئارلاپ قىيىن ئەھۋالغا چۈشەتتى، دۈشمىنىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالاتتى ياكى دۆلەت تەرىپىدىن بىر تەرەپكە ئېتىلاتتى … بۇلارمۇ كۆرۈرمەندە ‹بۇداقى ھەپتە پولات قۇتۇلالارمۇ؟› سوئالىنى پەيدا قىلاتتى ۋە داۋاملىق كۆرۈشكە داۋەت قىلاتتى… ئەمما ئەمدى پولات دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىپ تېرورچىلار بىلەن كۆرۈشكىدەك ‹دۆلەت› بولدى … بۇمۇ ‹پولات قانداقلا بولمىسۇن خالىغىنىنى قىلالايدۇ› چۈشەنچىسى پەيدا قىلىپ، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ كۆرۈلۈشىنى مەنىسىز قىلىپ قويدى …
10. تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى كۆپتۈرمە سەھنىلىرى، ۋەھشىلىك بىلەن تولغان سەھنىلەر ۋە چەتئەللىكلەرگە بولغان دۈشمەنلىكنىڭ ئىپادىلىنىشى قاتارلىقلار ياقتۇرمىغان پەقەت تېلېۋېزىيە تىياتىرىنى كۆرۈشنى ‹كۆنۈپ قالغان يامان خۇي›دەپ ئويلايدىغان كۆرۈرمەنلەرگە تاللاش بولدى… قاراڭ: سۇسكۇنلار تېلېۋېزىيە تىياتىرى …
ئەمدى كۆرۈش سانىغا كېلەيلى.
2-ئاينىڭ 2-ھەپتىسىدىن باشلاپ كۆرۈلۈش سانى چۈشكەن، كۆرۈلۈشى پاتىمە گۈلنىڭ گۇناھى نېمە؟ تېلېۋىزىيە تىياتىرىنىڭ ئارقىسىدا قالغان، يەنى بۆرىلەر ۋادىسى پىستىرما ئەمدى ئەڭ ئۈستىدە ئەمەس.
ئاخىرلىشىشمۇ؟
1. ھەئە، تۈركىيەدە بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى ھەقىقىتى بولسا بۇ ھەقىقەتنىڭ ئەڭ ئۈستىدە بۆرىلەر ۋادىسىنىڭ ئاياق ئىزى بار.
2. ھەئە، بىر ۋاقىتلاردا بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى باشلىغاندا كوچىلار قۇرۇق، كىشىلەر قەھۋەخانىلاردا توپلىشىپ بىللە كۆرەتتى.
3. ھەئە، چاكىر ئۆلگەندە بۇ دۆلەتتە 40 كۈن ھازا تۇتۇلغان، مېيت نامازلىرى قىلىنغان؛ تېلىۋېزىيە تىياتىرىدا چاكىرنى ئېتىۋەتكەن كېشى نەچچە كۈنگىچە كوچىغا چىقالمىغان ئىدى.
4. ھەئە، بىر ۋاقىتلاردا دادىلىرى تۇغۇلغان بالىلىرىغا پولات، مەماتى، ئابدۇلھەي ئېسىملىرىنى قويدى.
5. ھەئە، تېلېۋىزىيە تىياتىرىنى كۆرگەنلەرنىڭ كۆپ قىسمى تۈركىيەدىكى قىزىق نوقتا خەۋەرلىرىنى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن كۆردى. 6. ھەئە، بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى تۈرك تېلېۋىزىيە تارىخىدا ئاسانلىقچە بۇزۇلمايدىغان رېكورت ياراتتى.
ئەمما ئەمدى يولنىڭ ئاخىرىغا كەلدى…
سىنارىستلارنىڭ قولىدا كۆرۈرمەنلەرنى ھاياجانغا سالىدىغان بىرلا كۆرۈنۈش قالدى … پولات ئالەمدار ئۈچۈن ھازىرلانغان شەرەپلىك بىر ئاخىرلاشتۇرۇش.
تەرجىمە قىلىنغان مەنبە: http://www.haberturk.com/haber/haber/731608-turk-dizi-tarihinde-bir-donem-sona-eriyor
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا dartman119 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-18 08:32 AM
|