يولدىكى ئايال
ياشپال ( ھىندىستان) ھېكايە
ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئېرپان
بىر چاغلاردا كۇللاغا كېتىۋېتىپ يىراق تاغقا جايلاشقان ماندى دېگەن مەھەلىدە قونۇپ ئۆتكەن ئىدىم .مەھەلىگە كېتىۋېتىپ يول بويىدا غەمكىن ئولتۇرغان تاغلىق بىر ئايالغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى .ئۇنىڭ ئالدىدا ،يەردە لىق ئۆرۈك قاچىلان سىم سېۋەت تۇراتتى .تاغلىق كىشىلەرنىڭ ئادىتىگە كۆرە ،مەنمۇ بۇ ئايالنى ھۆيلىسىدىكى ياكى ئېتىزىدىكى ئۆرۈكلەرنى تېرىپ ، يولدىن ئۆتكەنلەرگە سېتىپ ئازراق پۇل قىلىش ئۈچۈن ئولتۇرغان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم .سېۋەتتىكى ئۆرۈكلەر سەرخىل ھەم ناھايىتى چىرايلىق ئىدى .
يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقاندا ئۇ مەندىن كۆز ئۈزمەي قارىغىنىچە بۇزۇلغان يەرلىك شىۋىدە سورىدى :
- جاناپ، سىز لاھۆرلۇقمۇ ؟
بەلكىم ئۇ مېنىڭ كىيىۋالغان كاستۇم – بۇرۇلكامدىن شۇنداق خۇلاسە چىقارغان بولسا كېرەك .بولمىسا مېنى ئۇ قەيەردە يۈرۈپ تونۇيتتى .مەنسەل ھەيران بولۇپ باش لىڭشىتتىم .
- ئەمىسە سىز پاراس رامنى تونۇيسىز شۇنداقمۇ ؟ - ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ئۇمۇد ۋە خۇشالىق بارلاپ كەتتى .
- پاراس رام ؟ كىم ئۇ پاراس رام دېگەن ؟ - دېدىم مەن ئۇنىڭ سۇئالىنى چۈشۈنەلمەي .
- پاراس رامچۇ ؟ ھېلىقىسودىگەر پاراس رام ! – دېدى ئايال ئالدىراپ چۈشەندۇرۇپ .لېكىن مەن ھېچ نەرسىنىچۈشۈنەلمەي تۇراتتىم .
- سودىگەر پاراس رام دېگىنىڭىز كىم بولغىيتتى ئەمدى ؟
ئايال مەن كەلگەن تەرەپنى بارمىقى بىلەن كۆرسۈتۈپ چۈشەندۇردى .
- ئاۋۇ ئىككى كۆۋرۈكنى كۆردىڭىزمۇ ؟ شۇ كۆۋرۈكنى ياسىغان ئادەم .
- ياق ، مەن سىز دېگەن پاراس رامنى تونىمايمەن – دېدىم جاۋابەن ۋە قوشۇپ قويدۇم – نېمىشقا بۇنى سوراپ قالدىڭىز ئەمدى مەندىن ؟
- ئۇھ ، لاھۆرلۇق تۇرۇپ پاراسرامنى تونۇمايدىكەنسىز – ئايال بىردىنلا ئۇمۇدسىزلىككە چۆمدى – ئۇمۇ سىزگە ئوخشاشلاھۆرلۇققۇ .
ئۇنىڭ كەيپىياتىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىنى كۆرۈپ ئىچىم ئېچىشتى .
- لاھۆرنىڭ نەرىدە، قايسى كوچىسىدا تۇرىدۇ ؟
ئايال ئېغىر خۇرسىنىپ بىردەم جىم بولۇپ قالدى،ئالقىنى بىلەن يۈزىنى سىلاپ يەرگە قارىدى .
- ئۇ ھېچقانداق تەرىپىدە ياكى كوچىسىدا ئەمەس ، ، ئۇ لاھۆر شەھرىدە تۇرىدۇ .سىز لاھۆرلۇق تۇرۇپ ئۇنىتونىمايدىكەنسىز ...
نېمە دېيىشىمنى بىلمەي قالدىم .بۇ قەدەر ساددا ،بېچارە ئايالنىڭ گوللىغىدىن كۈلۈشكە رايىم بارمايتتى .مەن ئۇنىڭغا لاھۆر شەھرىنىڭ بەك چوڭ شەھەر ئىكەنلىكىنى ئۇ يەردە كەم دېگەندىمۇ ئىككى يۈز مىڭ ئادەمنىڭ ياشايدىغانلىقىنى ، بىريەردە تۇرۇپمۇ بىر –بىرىنى تونىمايدىغالىقىمىزنى ،مەسىلەن ،مەن خىرا مەندى تەرەپتە ،ئۇ پاراس رام مەجەڭ دېگەن يەردە بولسا ، ئارىمىز ئۈچ مىلدەك كېلىدۇ ، بىز بىر شەھەردەبولساقمۇ بىر – بىرمىزنى تونىماسلىقىمىز مۇمكىن دەپ چۈشەندۇرۇشكە ئۇرۇندۇم .
بىراق، مەن ئۇنىڭغا ھېچنەرسىنى ئۇقتۇرالمىدىم .ئۇ مەيۇسلىنىپ كۆزلىرىدىكى بايىقى خۇشاللىق ئۆچۈشكە باشلىدى .ئۇ قوللىرى بىلەن يۈزلىرىنى سۈرتۈپ ئاران ئاڭلانغۇدەك ئاۋازدا :
- ئۇ لاھۆردا تۇرىدۇ ،بويى قامەتلىك ،كېلىشكەن ...ئۇنىڭ قاراشلىرى ناھايىتى مۇلايىم .يېشى سىزدىن كىچىكرەك.دائىم جىگەررەڭ پىنجەك كىيىپ،يىپەك سەللە ئوراپ يۇرۇيدۇ . سىزگە دېدىمغۇ ، ئۇلاھۆردا تۇرىدۇ دەپ – دېدى .
- ياق مەن تونىمايدىكەنمەن – ئاران شۇ گەپنى دېيەلىدىم .ئاندىن ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ سېۋىتىدىكى ئۆرۈكلەردىن تاللاپ قولياغلىقىمغا سېلىشقا باشلىدىم .ھەر ئىككىمىز گەپ قىلىشمىدۇق.بىردەمدىن كېيىن ئۇنىڭدىن ئېھتىيات بىلەن سورىدىم :
- ئۇنىڭدا ... بىرەر ئىشىڭىز بارمىدى ؟
ئۇ يەنە بىر قېتىم خۇرسىنىپ قويۇپ جاۋاپ بەردى .
-ئۇ بۇ يەردە ئىشلەپ ، كۆۋرۈكنى سېلىپ بولۇپ كەتكىنىگە بەش يىل بولدى .ئۇ كېتىدىغان ۋاقىت بولغان ئىدى . مەن ئۇنىڭدىن بۇ يەردە قېلىشنى ئۆتۈنگەن ئىدىم . ئۇ ماڭا ،خاتىرجەم بولغىن مەن تېزلا قايتىپ كېلىمەن دېگەن ئىدى .. ئەمما قايتىپ كەلمىدى .ماڭا دەپ بېرىڭە ، بۇ يەر لاھۆرغا يىراقمۇ ؟
- بەك يىراق
ئۇنىڭ كۆزلىرى ياشلاندى .بېشىنى كۆكسىگە ئېگىپ پىچىرلىدى :
- ئۇ نېمىشقا قايتىپ كەلمەيدۇ؟ قاچان قايتىپ كېلىدىكىن ؟ مەن شۇندىن بېرى .. مانا مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ يولىغا قاراپ كېلىۋاتىمەن .پۈتۈن قىلىدىغان ئىشىم كۈتۈش .ھازىرغىچە ئىككى لاھۆرلۇق كېلىپ كەتتى . ئەمما ئۇ كەلمىدى .مانا بەش يىل بولدى ...
شۇ چاغدا يېنىمىزغا توت – بەش ياشلار چامىسىدىكى بىرقىز بالا يۇگرەپ كەلدى .ئانىسىنىڭ يېنىدىكى يات ئەردىن بىراز خەۋپسىرگەن بولسا كېرەك ،يۈزىنى ئانىسىنىڭ يەلكىسىگە قويدى .
- قىزىڭىزمۇ ؟ - سورىدىم مەن.
ئۇ ھە دەپ باش لىڭشىتتى .ئاندىن قىزىنىڭ بېشىنى سىلىغانچە سۆزلەشكە باشلىدى .
- ئۇمۇ بەش يىلدىن بۇيان ماڭا ئوخشاش ئاتىسىنى ساقلاۋاتىدۇ .ئۇ ئاتىسىنى كۆرسىمۇ تونىمايدۇ . قانداقمۇ تونىسۇن ئۇ ؟
ئانا – بالىغا قاراپ ئويغا پاتتىم .‹‹ شائىرلارجۇدالىق مۇھەببەتكە قۇۋۋەت بېرىدۇ ، لېكىن ۋىسال ئۇنى ئۆلتۇردۇ دېيىشىدۇ .بۇ ئايالمۇ ھەببەتنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇش ئۈچۈن كۈتۈۋاتقاندىمۇ ؟ دەرۋەقە سۆيگۈ ھېچقانداق چېگرىنى تەن ئالمايدۇ . ئەمما بۇ قەدەر ساددىلىق ! بۇ ئۆز – ئۆزىنى قۇربان قىلىشنىڭ ئۆزى ئەمەسمۇ؟ ››
- قانچىدىن ساتتىڭىز ؟ - دېدىممەن سېۋەتتىكى ئۆرۈكنى ئىما قىلىپ .
- خالىغانچە ئېلىۋېلىڭ ، سىزلاھۆرلۇق ئىكەنسىز ، سىزدىن پۇل ئالمايمەن
- ئۇ ئۆزى سېۋەتتىكى ئۆرۈكلەرنىڭ ياخشىسىنى تاللاپ قول ياغلىقىمنى توشقۇزدى .مەندىن پۇل ئالماسلىقىنى چۈشەندىم ...ئۇنىڭ غەمكىن چىرايى خاتىرەمدە شۈنچىلىك قاتتىق ئورنىلىپ كېتىپتۇكى ،مانا ھازىرمۇ ئۇنى كۆز ئالدىمدا كۆرگەندەك بولىمەن .ئېغىر ھېسلار قورشاۋىدا ئورنىمدىن تۇردۇم .يولىمغا مېڭىشىم كېرەك ئىدى . مېنىڭ ھەممە يۈكلىرىمنى ئارتقان خېچىر مەندىن خېلىلا ئۇزاپ كەتكەن ئىدى .ئۇلار بىلەن خوشلىشىۋېتىپ [url=]قىزچاقنىڭ[/url] قولىغا يېرىم رۇبلىلىق تەڭگىدىن بىرنى تۇتقۇزۇپ قويدۇم .ئايال باشتا باش چايقىدى ، كېيىنمېنىڭ ھېسسىياتىمنى چۈشەندىمۇ ، ئارتۇق گەپ قىلماي جىم تۇرۇپ قالدى .
ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ مەن بارماقچى بولغان مەھەلىگە بېرىپ شۇ يەردىكى چوڭ بىر ھۆيلىدا كېچىنى ئۆتكۈزدۇم .كېچىدە كۆزلىرى يولغاتەلمۇرۇپ قاراپ تۇرغان ئايالنىڭ قىياپىتى زادىلا كۆز ئالدىمدىن كەتمىدى .ئۇنىڭ پۇتۇن ھاياتى كۇتۇش بىلەن ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك بىلىنمەكتە ئىدى . ئەتىسى تاڭ ئېتىش بىلەن ئەتراپنى ئايلىنىپ كېلىشكە چىقتىم .ئاياقلىرىم مېنى ئاشۇ ياققا ، ئاخشام ئايالنى ئۇچراتقان يەرگە باشلايتتى.چوڭ يولغا بۇرۇلۇشۇم بىلەن ئاخشامقى جايدىن سەل نېرىسىدا ، ئايال ئېتىزلىقتا ئوت ئوتاۋاتاتتى .ئاياق تىۋىشىمنى ئاڭلاپ ئايال سەگەكلىشىپ قەددىنى رۇسلىدى ،قولىنى پىشانىسىگە قويۇپ مەن تەرەپكە قارىدى .شۇنى سەزدىمكى ، ئايالنىڭ قەلبىدىكى سۆيۈملۈك كىشىنىڭ كېلىشىگە بولغان كىچىككىنە ئۇمۇد نۇرى يەنە يېلىنجاشقا باشلىغان ئىدى .
مېنى تونىغان بولسا كېرەك ، چىرايىغا تەبەسسۇم يۈگۈردى .قولىدىكى گۇرجەكنى قويۇپ ماڭا قاراپ :
- لاھۆرغا كېتەي دەۋاتامسىز ؟- دېدى .
- ياق ، ئايلىنىپ چىققان ئىدىم – دېدىم مەن ئۇ تەرەپ بۇرۇلۇپ ، ئۇنىڭغا يېققىلاشقاندا – پاراس رام بۇ يەردەقانچىلىك ۋاقىت تۇرغان ئىدى – دەپ سورىدىم .
- سەككىز ئاي ... كېتىدىغان چاغدا ماڭا چوقۇم قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى .لېكىن دېرىگى بولمىدى.قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ .قىزىمۇ ھەم چوڭ بولۇپ قالدى ...
- سىز نېمىشقا لاھۆرغا ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەتمىدىڭىز ؟ - دەپ سورىدىم مەن .
- ئۇ مېنى بىرگە ئېلىپ كەتمەكچى ئىدى ، ئۆزۈم بارمىدىم .لېكىن ، قاراڭ ،ئۆزىڭىز كۆرۈپ تۇرۇپسىز ، بۇ يەردە شۇنچە يەر ، ئۆرۈكزار، ئاۋۇ يەردە نۇرغۇن ئالما ، نەشپۇت ،ياڭاقلار بار . ئۇلارنى تاشلاپ كېتەلمەيمەن –دە . ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ھاممام مېنى ئاۋۇ ، پەستىكى قىشلاققا ئېلىپ كەتكەن ئىدى.بۇ يەردىن بەك يىراقتا، قىرىق چاقىرىم يىراقلىقتا .ئۇ يەردە ھېچنەرسە يوق ،ئىگىز تاغلار ، زۇلال بۇلاقلار ، دەريامۇ يوق، دەرەخمۇ يوق تاپ – تاقىر سەھرانىڭ ئۆزى .مەن ئۇ يەردە بەزگەك بولۇپ قالدىم.كېيىن ئاكام بېرىپ مېنى ئەكلىۋالدى .ئىشىنەمسىزكىن يولدا كېلىۋېتىپ ياخشى بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىمنى سەزدىم ، ئۆيگە كەلگەندە پۇتۇنلەي ساقىيىپ كەتتىم .شۇنىڭدىن كېيىن ھېچيەرگە بېرىپ باقمىدىم .لاھۆر بولسا، بىرىنجىدىن بەك يىراقتا، ئىككىنجىدىن ئاڭلىسام ئۇ يەردىكى ئادەملەر بەك ئاسان ئاغرىپ قالىدۇ دەيدۇ . مەن ئۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەيمەن . ئۇ يەرلەردە قانداقتۇرۇۋاتىدىكىن . بىزنىڭ بۇ يەردە كىشىلەر كېسەل بولىدۇ ئەمما تېزلا ساقىيىپ كېتىدۇ - ئۇ بىردەم جىم بولۇپ قېلىپ سورىدى – لاھۆردا ياخشى تىۋىپلار بارمۇ ؟
- نىمىشقا بولمايدۇ ، بار
- ياخشى - ئايال ھارغىن بىر تىن ئالدى .
- قىززىق – مەن تىلىمنىڭئۇچىغا كېلىپ قالغان سۇئالنى جۇرئەت قىلىپ سورىدىم – پاراس رام كېلىشتىن بۇرۇن سىزياتلىق بولمىغانمۇ ؟
- توي قىلغان – دېدى ئۇ جاۋاپبېرىپ – خېلى يىللار بۇرۇن توي قىلغان . ئېرىم مېنى تاخۇ قىشلىقىغا بىللە ئېلىپكەتكەن ئىدى .ئۇ يەر ماڭا ياقمىدى. يەنە كېلىپ ئېرىمنىڭ ئىككىنجى خوتۇنى ماڭا ئارام بەرمىدى .ئاخىرى بۇ خورلۇقلارغا چىدىماي ئۆيۇمگە كېلىۋالدىم .ئېرىمب ۇرۇنقىدەكلا مەندىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى ،ئۈچ يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتتى.كېيىن ئانام بىلەن بۇ يەردە ياشىدىم .. مەن ئۇنىڭغا دائىم ‹‹ بۇ يەردىن كەتمەڭ،سىزگە نېمە كېرەك بولسا ، بۇ يەردە ھەممە نەرسە بار ، يەر –سۇ ، ھۆيلا – جاي،ئائىلە ›› دەيتتىم . ئۇ ‹‹ مەن قايتىپ كېلىمەن ›› دېگەنچە قايتىپ كەلمىدى .بەش يىل ئۆتتى . بەش يىل ھە ! كۇتۇۋېرىپ كۆزلىرىم تېشىلەي دېدى . ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ئانام تۇگەپ كەتتى .
ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتۇپ ، ئايالنىڭ يېنىغا يەنە باردىم .ئۇ ئېتىزلىقىدا ئوتاق قىلىپ بوشىمىغان ئىكەن .ئۇنىڭ قانداقتۇر بىر ناخشىنى غىڭشىپ ئېيتىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم .يىراقتا تۇرۇپ ئۇنى خېلى ئۇزاق كۈزەتتىم.بەلكى بەختلىك كۈنلىرىنى ئەسلەپ ، جۇدالىق ھەققىدە قوشاق ئېيتىۋاتقاندۇ ؟ مەيلى نىمىلا بولسۇن ، مەن ئۇنىڭغا دەخلە قىلىشنى خالىماي ئارقامغا يېنىپ كەتتىم .
ماندىدا بىر ھەپتە تۇرۇپ قالدىم .كۇللاغا كېتىشتىن بۇرۇن تونۇشۇمنى ئاخىرقى قېتىم كۆرگۇم كەلدى .ئۇ يەنىلا ئاشۇ غەمكىن ھالەتتە،ئېتىزىدا ئىشلەۋاتقان ئىكەن .قىز بولسا ئۇ يۇلغان ئوتلارنى ئاپتاپتا قۇرۇتۇش ئۈچۈن ئېتىز بېشىغا توشۇپ شۇ يەرگە تاشلايتتى .
ئۇنىڭغا يېققىن بېرىپ :
- بۈگۈن كەتمەكچى بولىۋاتىمەن– دېدىم
- لاھۆرغىمۇ ؟ - دېدى بىردىنتىتىكلىشپ ، كۆزلىرى ئۇمۇدتىن نۇرلاندى .
- ھە – دېدىم مەن – ئەۋەلكۇللاغا بارىمەن ئۇ يەردىن لاھۆرغا كېتىمەن .
ئايالنىڭ بېشى ئېگىلدى،ئاۋازى خىجىل بولغاندەك چىقىشقا باشلىدى .
- مەندىن پاراس رامغا سالام دەپ قويۇڭ ، كېچە –كۈندۈز ئۇنىڭ يولىغا قاراۋاتقانلىقىمنى ، تىرىكلا بولسام ئۇنى كۈتۈپ ياشايدىغانلىقىمنى يەتكۇزۇپ قويۇڭ .بەش يىلدىن بۇيان ئۇمۇت ئۇزمىگەنلىكىمنى ھەم ئۇزمەيدىغانلىقىمنى دەپ قويۇڭ .دەپ قويۇڭ قىزىمۇ ئۇنىڭ يولىغا ئىنتىزار .سىزدىن ئۆتىنىمەن بۇ گەپلەرنى بېرىپ ئۇنىڭغا دېيىشكە ۋەدە بېرىڭ .
- ئەلبەتتە يەتكۈزىمەن –دېدىم مەن .
ئۇ قىزنى ئەركىلىتىپ مېنى كۆرسەتتى .
- قارا قىزىم ، بۇ ئاكاڭ داداڭنىڭ ئالدىغا كېتىۋاتىدۇ .قېنى بول قىزىم ئۇنىڭغا بىر تازىم قىل .ئۇ ئەلبەتتەسالىمىمىزنى داداڭغا يەتكۈزىدۇ .
- بولدى . بولدى – دېدىمئۇلار يېنىدىن تېزراق كېتىشكە ئالدىراپ .
كېتىپ بارىمەن ، لېكىن كەينىمگە ئۆرۈلۈپ قاراش قامەندە جۇرئەت يوق ئىدى .ئايال مېنىڭ قارام يۈتكۇچە ئاخىرقى ئۇمۇدى بىلەن ماڭاقاراپ تۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى . نېمىشقىدۇر بىردىنلا يۈرۈكۈمگە بىر ئاغرىق كىرىۋالدى .شۇ چاغدا نېمە ھەقتە ئويلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن . ئىچىمدە پاراس رامنى ئەيىپلىدىممۇ ،شور پىشانە ئايالغا ئېچىندىممۇ ياكى پاراس رامنى سۆيگەن ئاشۇ سۆيگىندىن قىزغاندىممۇ ... بىلمەيتتىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-17 11:34 PM