قاراكۆز
ھېكايە
جۇمەقۇل قۇربانوۋ ( ئۆزبەكىستان )
ئۆزبەكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى : ئېرپان
چۆلىدىكى ئېتىزلىققا يۈك ئاپىرىپ بەرگەن ئەنۋەر چۈشتىن كېيىن شەھەرگە قايتىش ئۈچۈن چوڭ يولغا چىقتى .ئەتتىگەندىن بىردەم توختاپ ،بىردەم يېغىۋاتقان كۈز يامغۇرى خېلى كۈچۈيۈپ ھازىرلاردىن توختايدىغاندەك ئەمەس ئىدى .
ئەنۋەر مۇشۇنداق ھاۋا بۇزۇلغان كۈنلەردە ئۆزى ياخشى كۆرۈدىغان ناخشىغا توۋلاپ ماشىنىنى بىر خىلدا ھەيدەپ مېڭىشقا ئادەتلەنگەن .يامغۇرتامچىلىرى ماشىنا ئەينىكىگە زەرپ بىلەن ئۇرۇلاتتى ،ھاۋا تولىمۇ نەمخۇش ئىدى .
يولدا قاتناۋاتقان ماشىنىلارمۇ سۇس ،بېكەتلەردىمۇ كىشىلەر شالاڭ ئىدى .ئۇ كىچىك قانال ئۇستىدىكى كۆۋرۈكتىن ماشىنىسىنى ئاستا ھەيدەپ ئۆتۈۋېتىپ ،دەرەخ ئاستىدا ئۆزىگە قول پۇلاڭلىتىپ تۇرغان بىر ئايالنى كۆرۈپ قالدى .
‹‹ قارىغاندا بىرەر زورۇر ئىش بىلەن چىققان ئوخشايدۇ ،مۇشۇنداق كۈندە يولغا چىققىنىغا قارىغاندا - دەپ ئويلىدىئۇ – ھەمراھ بولسا زېرىكمەيمەن .بىچارە ئۆزىمۇ بەك توڭلاپ كەتكەندەك قىلىدۇ ،يېنىدىمۇ ھەمراھى يوق ئىكەن ››
ئۇ ماشىنىسىنى ئايالنىڭ يېنىغا ئەكىلىپ توختاتتى ۋە قولىنى سوزۇپ ماشىنىنىڭ ئىشىكىنى ئاچتى .
- كېيىنكى بېكەتكە ئاپىرىپ قويغان بولسىڭىز – دېدى يولۇچى ئايال ئۇنىڭغا ئىلتىجا بىلەن تەلمۇرۇپ – ئابتۇبۇشكېتىپ قاپتۇ .
- چىقىڭ – دېدى ئەنۋەر يولدىن كۆزىنى ئۇزمەي – بەرىبىر ماشىنىمۇ بوش .
ئايال قولىدىكى تۇگۇنچەكنى ئورۇندۇققا قويۇپ كەينىدىن ئۆزى چىقتى . ئايال بېشىدىكى ياغلىقتى يەشتى ، ئاندىن قول ياغلىقىنى چىقىرىپ يۈز – كۆزلىرىنى سۈرتتى.
- بىمالال ئولتۇرۇڭ – دېدى ئەنۋەر ئۇنى خاتىرجەم قىلىش ئۈچۈن مۇلايىم ئاۋازدا – ئىچىگىرەك ئولتۇرۇڭ ئىچى ئىسسىق .
ئايال ئۇندىمىدى . ماشىنا ئوتتۇرا ھال سۇرەتتە لايلارنى چاچرىتىپ بىر خىلدا كېتىپ بارماقتا ، ئەنۋەر ئەينەك تازلىغۇچنى كۈزەتكەچ يولدىن كۆزىنى ئۇزمەي قاراپ ئولتۇراتتى .ئۇ تۇرۇپ – تۇرۇپ ئۆزىگە بويسۇنمىغان قىزىقىش تۇپەيلى ھەمراھىغا ئوغۇرلۇقچە قاراپ قوياتتى . ئايالمۇ ئۇنىڭ ئۆزىگە قاراۋاتقانلىقىنى سەزسىمۇ بىلمىگەن بولۇپ خىيال سۈرۈپ ئولتۇراتتى . ئۇ ئايال قارىماققا يىگىرمە بەش – ئالتىلەردە بار ئىدى ،ئوچۇق چىراي ، بادام قاپاق ،پىشانىسىىگە چۈشكەن چېچى ئۇنىڭ ئۆڭ كۆزىنى توسىۋالغان بولسىمۇ ئۇ بۇنىڭغا پەرۋاسىزدەك كۆرۈنەتتى .ئەنۋەرنىڭ جىم ئولتۇرغۇسى كەلمەي ئاستا يۆتۇلۇپ قويدى .
- بۇ .. يات ماشىنىدا ئولتۇرۇشتىن قوقمامسىز سىڭلىم ؟- دېدى شوخلۇق بىلەن .
- ياق – دېدى ئايالمۇ شوخلۇق بىلەن ئۇنىڭغا ماسلىشىپ – قارىسام يامان يىگىتكە ئوخشىمايسىزغۇ ؟
- نېمە ، يامانلارغا ‹‹ يامان›› دەپ پىشانىسىگە يېزىپ قويامدۇ ؟ - ئەنۋەر ئۆز گېپىدىن خۇشال بولۇپ كۈلدى –ئادەمنىڭ قانداقلىقىنى قاراپ بىلگىلى بولامدىكەن ؟
- مەن بىلەلەيمەن – دېدى ئايالمۇ بوش كەلمەي – ئادەمنىڭ قانداقلىقى راستلا پىشانىسىگە يېزىپ قويۇلغان.پەقەت ئۇنى قاراپ بىلىش كېرەك .
‹بالاكەنغۇ › بۇ دەپ ئويلىدى ئەنۋەر . كەينىدىن :
-سىز دوكتۇر ياكى مۇئەللىمكەنسىز شۇنداقمۇ ؟ توغراتاپتىممۇ ؟ - دەپ سورىدى .
- ياق – دېدى ئايال – باغچىدا ئىشلەيمەن .
- سەل ئادىشىپتىمەن ئەمىسە – ئەنۋەر تەن ئالدى – بىر يات ماشىنىدا كەلگەنلىكىڭىزنى كۆرسە خوجايىنىڭىز رەشك قىلامدىكىن ؟
- يوق – دېدى ھەمرا كۈلۈپ – ئۇنداق قىلمايدۇ
- نىمىشقا ؟
- خوجايىننىڭ ئۆزى يوقتە !
ئەنۋەر ئۇنىڭغا ئەجەپلىنىپ قاراۋېتىپ ، ئۇنىڭ يۈزۈگە كۆزى چۈشۈپ سەسكىنىپ كەتتى .قىزنىڭ ئوڭ كۆزىنىڭ قارچۇقىنى بىر قەۋەت ئاق پەردە قاپلاپ تۇراتتى .ئۇنىڭ بىردىنلا نەپسى ئىچىگە چۈشۈپ كەتتى .ئۆزىنىڭ تەمتىرەپ كەتكەنلىكىنى سەزدۇرمەسلىك ئۈچۈن قىزدىن ئىسمىنى سورىغانلىقىنى بىلمەي قالدى .‹‹ قاراكۆز ›› دېدى قىز ئاڭلىنار – ئاڭلانماس ئاۋازدا . ئارىغا يەنە ئېغىر سۈكۈنات چۆكتى .ماشىنىنىڭ گۇرۇلدەپ مېڭىشىمۇ بۇسۈكۈناتنى بۇزالماس ئىدى .
- كۆرۈنىشىڭ بۇ تۇرۇپ نىمانداق دەبدەبىلىك ئىسىم قويۇۋالغاندۇ دەپ ئويلاۋاتىسىزغۇ دەيمەن – توساتتىن قاراكۆزنىڭ ئۆزى گەپ باشلىدى – توغرا تاپتىممۇ ؟
- يا .. قەي – ئەنۋەر تاسقالدى رولنى باشقا يەرگە بۇرۇۋەتكىلى .
- ماڭا بەختسىزلىك ئاتاقىلغان بۇ ئىسىمدىن قۇتۇلۇشقا كۆپ ھەرىكەت قىلدىم – ئەمدى ئۇنىڭ ئاۋازى مىسكىن ئىدى –لېكىن ئانام ‹ بۇ ئىسىمىنى رەھمەتلەك موماڭ ساڭا قويغان . روھى قورۇنۇپ قالىدۇ . ساڭا كۆز تەككەن ، بالام›دەپ ئۇنۇمىدى. بۇ سۆزلەرگە ئىشەنمىسەممۇ، لېكىن ئانامنى ئاياپ باشقا گەپ قىلمىدىم . بۇنىڭسىزمۇ ئۇ مېنى ئويلاپ ئۆزىنى ئالدۇرۇپ قويغان ئىدى .
- ھاياتتا كۆڭۇلسىز ئىشلاركۆپ بولىدۇ . ئۇزۇن مەزگىل بالىلىق بولالمىغان بىر تونۇشۇم يېققىندا بالىلىق بولدى، لېكىن ئۇنىڭ بىر كۆزى ئاجىز تۇغۇلۇپ قالدى، لېكىن پەرزەنتلىك بولغىنىدىن بەك خۇشال – دېدى ئەنۋەر قىزنىڭ كۆڭلىنى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە .
- مەن تۇغما مۇشۇنداق بولغان بولسام تەغدىرگە تەن بەرگەن بولار ئىدىم – دەپ جاۋاپ قايتۇردى قاراكۆز – بىراق بۇخېلى ئۇزۇن يىللار بۇرۇن بولغان ۋەقە .بۇنىڭغا بىر ئادەم سەۋەپكار، ئەمما مەن ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمەيمەن .
- قىززىققۇ بۇ – دېدى ئەنۋەر –سىزنى بىر ئۆمۈرلىك ناكاھ قىلىپ قويۇپ ،ئۇ ئادەم ئويۇن – تاماشىسى بىلەن يۇرسە ..سىز ئۇنى بىلمىسىڭىز ؟
قاراكۆز كونا يارىسى قايتا قوزغالغانلىقىنمۇ ياكى مەنزىلگە خېلى بارلىقىنى بىلگەچكىمۇ ، بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەنى ھېكايە قىلىپ سۆلەشكە باشلىدى .
- بۇ ۋەقە بولغاندا مەن توتىنجى سىنىپتا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى .بىر كۈنى مەكتەپكە كېتىپ باراتتىم.تۇيۇقسىز بىر تاش كېلىپ زەرپ بىلەن كۆزۈمگە ئۇرۇلغىنىنى بىلىمەن .مېنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان روسۇل بوۋامنىڭ دېيىشىچە ، مەن ئىڭراپ ياتقاندا يېنىمغا بىر بالا پەيدا بولغان ئىكەن ،ئۇ رەسۇل بوۋامنى كۆرۈپ قېچىپ كېتىپتۇ . ئۇ بالامېنى كۆرۈپ قاچمىغان ئىكەن .كېيىن ئاتام قانچە ئىزدەپمۇ بۇ بالىنى تاپالمىدى.لېكىن ئۇ ... بىر قىزنىڭ بەختىگە زامىن بولغانلىقىنى ، ئۆمۈرلۈك ناكاھ قىلىپ قويغانلىقىنى بىلەمدىغاندۇ ..بۇ بىزگە قاراڭغۇ .
قاراكۆزنىڭ كېيىنكى سۆزلىرى ئەنۋەرنىڭ قۇلۇقىغا كىرمىدى .قول – پۇتى بوشىشىپ ، ئۇستىدىن بىر چىلەك سوغاق سۇ قۇيغاندەك پۈتۈنبەدىنىنى تىترەك قاپلاپ كەتتى .ماشىنا يولدىن چىقىپ كېتىپ باراتتى . ھېلىمۇ يولداباشقا ماشىنا يوق ئىدى .
قاراكۆزنىڭ ‹ سىزگە نېمە بولدى › دېگەن سۆزى بىلەن ئەسلىگە كېلىپ ، ئالدىراپ تورمۇزنى باستى .ئەنۋەرنىڭ كۆكرىگى رولغا قاتتى ئۇرۇلدى. توۋۋا خۇدا ، بۇلارنىڭ ھەممىسى چۈش بولۇپ قالسىچۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى چۈش بولۇپقالسىچۇ ؟
.. شۇ چاغدا ئەنۋەر بەشىنجى سىنىپتا ئوقۇۋاتاتتى.بىز كۈنى ئاپىسى ئۇنى يىراقتىكى بىر قېرىندىشىنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ باردى .ئاياللارسۆھبەتلىشىپ كەتكەندە ئەنۋەر ئۆزى يالغۇز زېرىكىپ تۇققىنىنىڭ بېغىغا كىردى .دەسلەپئۇ باغدىكى دەرەخلەرگە قونغان قۇچقاچلارغا تاش ئېتىشقا باشلىدى .كېيىن لاي تام ئۇستىگە قۇرۇق بوتۇلكىدىن بىرنى قويۇپ ئۇنى چەنلەپ تاش ئېتىپ ئويناشقا باشلىدى.ئاتقان تاشلىرى بوتۇلكىغا تەگمىگەنسېرى ئۇ جىلە بولۇشقا باشلىدى .يوغىناراق بىرتاشنى ئېلىپ تامغا يېققىن كەلدى – دە ، بار كۈچى بىلەن تاشنى ئاتتى . لېكىن تاش بوتۇلكىغا تەگمەي قېيىپ كەتتى .شۇ چاغدا تامنىڭ كەينىدىن چىقىراپ ۋاقىرغان ئاۋازئاڭلاندى .ئۇ چۆچۈپ كېتىپ تامدىن قارىدى ،بەش – ئالتە قەدەمچە نېرىدا ئون – ئونئىككى ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز يەردە يۇمۇلاپ ، توختىماي چىقىرايتتى . ئۇيۇگۇرۇپ قىزنىڭ يېنىغا باردى .ئۆزى بايا ئاتقان تاش قىزنىڭ يېنىدا تۇراتتى ،قىزنىڭكۆزىدىن ئېقىۋاتقان قان ئۇنىڭ يۈزى ۋە كىيىملىرىنى قانغا بويىغان ئىدى .ئەنۋەر قورققۇپ يىغلاپ كەتتى .كېيىن ئۆزى تەرەپكە كېلىۋاتقان بوۋاينى كۆرۈپ قېچىپ كەتتى .
شۇ ۋەقەدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ كالپۇكلىرىغا قوقاق چىقىپ ،كېچىلىرى ئۇيقۇدىن چۆچۈپ ئويغۇنىدىغان بولۇپ قالدى .ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىن قانچە سۈرۈشتۈرسىمۇ بولغان ۋەقەنى پەقەتلا دېگىلى ئۇنۇمىدى .ۋاقىت ھەممە نەرسىگە داۋا ئىكەن ، بۇ ئىشلار ئاستا- ئاستا ئۇنىڭ بالىلىق ئەسلىمىلىرىدىن چىقىپ كەتتى .لېكىن ... مانا ھەممسىى باشقىدىن ئەسكە چۈشۈۋاتاتتى .‹ تاغ تاغ بىلەن ئۈچراشمايدۇ ، ئادەم ئادەم بىلەن ئۈچرۈشۈپ تۇرىدۇ › دەپ شۇنىڭغا ئېيتقان ئىكەندە.شۇ تاپتا ئۇنىڭ قەلبىنى ئازاپلار ئۆرتىمەكتە ئىدى .
ئۇنىڭغا بىلىندۇرمەي كېتەيمۇ ؟ بالىلىقتىكى ئۇ شوخلۇقنى سەن قەستەن قىلمىغانغۇ ؟ھايات دېگەندە تاسادىپىلىقلار كۆپ بولىدۇ.ھەممىسىگە دېگۇدەك چارە تېپىلىشى ناتايىنغۇ ؟ ھازىر ئىقرار بولساڭ كۆلەڭگۈدەك ساڭا چاپلىشىپ تۇرغان ئازاپلاردىن خالىي بولىسەن. ياق ، ياق دېيىشكە بولمايدۇ.ئېيتتىڭمۇ بالاغا قالىسەن ھەممە سېنى ئەيىپلەيدۇ . ئۆزەڭ ئۆيلىنىش ئالدىدا تۇرۇپسەن . بەلكى ئېيتىش كېرەكتۇر ،بولمىسا ئۆمۈر بويى بۇ ئازاپتىن قۇتۇلالمايسەن. ئۇنىڭغا قولۇڭدىن كەلگەنچە ياردەم بەر ، ناۋادا قاراكۆز سېنى كەچۈرسە ...
‹ توختاڭ مەن يېتىپ كەلدىم › قاراكۆزنىڭ بۇ ئاۋازى ئۇنىڭ تۇيغۇلىرىدىكى كۈرەشكە خاتىمە بەردى . قاراكۆز سومكىسىدىن پۇل چىقىرىپ ئۇنىڭغا سۇندى .شۇ چاغدا ئەنۋەرگە قانداقتۇر بىر كۈچ قۇۋۋەت بەردى – دە ، قىزنىڭ بېلىكىدىن تۇتتى .يۈرۈكى بوغۇزىغا تىقىلغاندەك بولۇپ كەتتى . ئۇ دېمى سىقىلغۇنىچە سۆزلەشكە باشلىدى .
- قاراكۆز سىز لەنەتلەپ يۈرگەن ئاشۇ قاچقۇن بالا مەن شۇ .ئاڭلاۋاتامسىز ،ئاشۇ بالا مەن شۇ ياكى ئىشەنمەيۋاتامسىز .مەن سىزگە ھەممىنى باشتىن - ئاياق سۆزلەپ بېرىمەن .
ئۇ گېپىنى تۇگۇتەلمىدى . قارا كۆز ئۇنىڭغا يالت قىلىپ قارىدى .بىرپەس ھەيران بولغاندەك قاراپ تۇردى .ئەنۋەرنىڭ گەپلىرىنىڭ مەنىسىنى چۈشەندى بولغاي ،كۆزلىرىدىن تارام – تارام ياشلار تۆكۈلۈشكە باشلىدى .ئۇ ئىشىكنى تېزلىك بىلەن ئاچتى –دە ، پەسكە ئۆزىنى ئاتتى ۋە غەزەپ بىلەن ياپتى ،ئۇچقاندەكيۈگرەپ كەتتى .
ئەنۋەر كابىنكىدىن چۈشۈپ قىزنىڭ كەينىدىن ئازراق قوغلاپ يۈگۈردى .چاقىرسىمۇ قىزنىڭ توختىمايدىغانلىقىنى بىلىپ يەتتى ، ئەنۋەر شاقىراپ يېغىۋاتقان يامغۇرغا سىڭىپ كېتىپ بارغان قىزنىڭ كەينىدىن ھېچنىمىنى سەزمىگەن ھالدا تۇرۇپ قالدى .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tughrul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-17 11:40 PM