|
|
|
|
تىجارەتتە سەل قاراشقا بولمايدىغان نوقتىلار
كىچىك تىجارەتنى ئاددىي ھالدا جان بېقىش ياكى كۈن ئۆتكۈزۈش ۋاستىسى دەپ بىلىپ، يۇقىرى سەۋىيىلىك تىجارەت نىشانى ۋە غايىسى بولماسلىق كىشىنى تولىمۇ ئېچىندۇرىدىغان بىر خىل ئەھۋال. بەزى كىشىلەر تىجارەتنى باشلىۋالسىلا خۇددى بىراق بېيىپ كېتىدىغاندەك ناھايىتى ئۈمىدۋارلىق بىلەن تىجارەتكە كىرىشىدۇ. مەلۇم مەزگىل سودا قىلىش جەريانىدا تىجارەتنىڭ ئۆزى ئويلىغاندەك ئۇنداق ئوڭۇشلۇق ئەمەسلىكىنى، ساتقان مالنىڭ ھەممىسىنىڭلا ھەسسىلەپ پايدا ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن بىردىنلا ئۈمىدسىزلىنىپ، ئۆزى تىجارەتچى بولۇشقا لايىق ئەمەستەك، سودىدا مەڭگۈ پايدا ئالالمايدىغاندەك قاتتىق ئۈمىدسىزلىنىدۇ. ئەمما، غايىلىك كىچىك دۇكاندارلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئۆزى تىجارەت قىلىۋاتقان ئاشۇ كىچىك دۇكان "ئارخىمىد" ئېيتقان "تايىنىش نوقتىسى"غا ئوخشاش بىر مەركىزىي نۇقتا بولۇپ، ھازىرقى نۇرغۇنلىغان چوڭ سودىگەرلەر ۋە كارخانىچىلارنىڭ تىجارىتى ئاشۇ كىچىك نۇقتىدىن تەدرىجى زورايغان. ئاشۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلىغاندا، ئۇلارنىڭ تىجارىتىنى زورايتىشنىڭ سىرىنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نوقتىغا مەركەزلەشتۈرگىلى بولىدۇ:
بىرىنچى، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىش. ھەممە ئادەمدە يېڭىلىق يارىتالايدىغان، ئۆزىگىلا خاس بولغان ئالاھىدە ئىقتىدار بولىدۇ، سىزدىمۇ خۇددى شۇنداق. تىجارەت جەريانىدا ئۆزىڭىزدە بار بولغان يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىڭىزغا سەل قارىماستىن، ئىمكانقەدەر ئۆزىڭىزدىكى ئارتۇقچىلىقلارنى تىجارىتىڭىزگە سىڭدۈرۈپ مېڭىڭ. ئۆي ياساشقا ئۇستا بولسىڭىز دۇكىنىڭىزنى يېقىملىق قىلىپ ياساپ چىقىڭ. مودا كىيىملەرنى ماسلاشتۇرۇپ كىيىشكە ماھىر بولسىڭىز دۇكىنىڭىزغا ئەڭ يېڭى مودا بويۇملارنى تاللاپ سېلىشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. پىسىخىكىدىن ئاز تولا خەۋىرىڭىز بولسا خېرىدارلىرىڭىزنىڭ پىسىخىكىسىغا ئاساسەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا تىرىشىڭ. گۈل بېقىشقا خۇمار بولسىڭىز دۇكىنىڭىزنى رەڭمۇ- رەڭ گۈللەر بىلەن ياساپ چىقىڭ. بۇمۇ كىرگەن كىشىگە باغچىسىمان ئازادە تۇيغۇ ئاتا قىلىشى مۇمكىن. ئىشقىلىپ، تەرەققىيات توسالغۇسىز بولمايدۇ. بۇ توسالغۇلارنى پەقەت سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز بىلەنلا يەڭگىلى بولىدۇ. شۇڭا، سىز ئەقىل- پاراسىتىڭىزنى ئىشقا سېلىپ يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىشىڭىز لازىم. پەقەت ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشقا تىرىشىدىغان دۇكاندارلا ئىستىقباللىق دۇكاندار ھېسابلىنىدۇ. كونا قېلىپتىن چىقالماسلىق ۋە باشقىلارنى دوراش ئاخىرقى ھېسابتا تىجارىتىڭىزنى مەغلوبىيەتكە ئېلىپ بارىدۇ.
ئىككىنچى، مۇۋاپىق پايدىغا كېپىللىك قىلىش. بەزى دۇكاندارلار دۇكاننى ئاچقاندىن كېيىن ئۇنىڭ پايدا- زىيىنى قانچىلىك، دۇكاننىڭ ئىجارىسىگە قانچىلىك پۇل كېتىدۇ، باجغا قانچىلىك كېتىدۇ، يول كىراسى قاتارلىقلارنى چىقىرىۋەتكەندە قالىدىغان پايدا قانچىلىك؟ دېگەنلەر بىلەن ھېسابلاشماي، دۇكاننى قارا- قۇيۇق ئاچىدۇ، ئاز پايدا بولسىمۇ مالنى قارىسىغا سېتىۋېرىدۇ. نەتىجىدە ئالغان پايدىسى ئايلىق چىقىمنى قامدىيالماي ئاسانلا زىيان تارتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ. شۇڭا، ھەر جەھەتتىن ئەستايىدىل ئويلىشىپ، ئەڭ ياخشى مۇلازىمەتنى يولغا قويغاندىلا، مۇۋاپىق پايدىغا كېپىللىك قىلغىلى بولىدۇ. ئۈزلۈكسىز پايدا ئېلىشقا كېپىللىك قىلىش ئاساسىدا بىر بۆلۈك پايدىنى مەبلەغ قىلىپ سېلىپ، تىجارەتنى تەدرىجى كېڭەيتىش لازىم.
ئۈچىنچى، خېرىدارنى چىقىش قىلىش. ھازىرقى زامان بازار سېتىش ئىلمىنىڭ چىقىش نوقتىسى خېرىدار. مال كىرگۈزۈش، دۇكاننى بېزەش، مۇلازىمەت قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە خېرىدارنى چىقىش قىلىش لازىم. خېرىدارنى چىقىش قىلىش ئۈچۈن خېرىدارنىڭ ئېھتىياجىنى ئىگىلەش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن، ھەمىشە خېرىدارلارنىڭ پىكرىنى ئىگىلەشنى بىر خىل دائىملىق خىزمەت قاتارىغا كىرگۈزۈش لازىم. خېرىدار رازى بولغاندىلا، پايدىغا كېپىللىك قىلغىلى ۋە خېرىدارلارنى كۆپەيتىپ، بەلگىلىك كۆلەمگە ئىگە بولغىلى بولىدۇ.
تۆتىنچى، تىجارەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇش. ياخشى پۇرسەت دائىم كېلىۋەرمەيدۇ. ساياھەت ئالتۇن ھەپتىلىكى، شەنبە- يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى دەم ئېلىش، ھەر خىل بايراملار تىجارەتچىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا يىلدا بىر كېلىدىغان ئالتۇن پۇرسەت. شۇڭا، تىجارەتچى تىجارەتنىڭ ياخشى پۇرسىتى كەلگەندە بارلىق كۈچنى مەركەزلەشتۈرىشى، ھېيت- بايراملاردىكى سودىنى ياخشى قىلىش ئۈچۈن ئالدىن پىلان تۈزۈشى كېرەك.
بەشىنچى، ئالاھىدىلىكنى جارىي قىلدۇرۇش. خاسلىق بولغاندىلا جەلپ قىلىش كۈچى بولىدۇ. ئوخشاش مالنى ساتىدىغان دۇكانلار ھەممە يەردە تولۇپ تۇرۇپتۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە سېتىش ۋە مۇلازىمەت جەھەتتە خاسلىققا ئىگە بولغانلىرى روناق تېپىۋاتىدۇ. خېرىدارغا قوپال مۇئامىلە قىلىش، خېرىدارلارنىڭ قانداق مالغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەسلىك قاتارلىقلار ھەممىسى تىجارەتنى ئاقسىتىدىغان، خېرىدار قاچۇرىدىغان سەۋەبلەر. ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، پەقەت خېرىدار ئارقىلىقلار سىزنىڭ يانچۇقىڭىز پۇلغا تولىدۇ. شۇڭا، ھەر ئاماللار ئارقىلىق خېرىدارنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشقا سەل قارىماسلىق، كونا خېرىدارلارنى كۆپلەپ جەلپ قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىش لازىم. ھازىرقى زامان بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا مال كىرگۈزۈش جەھەتتە ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان مالنى، يەنى باشقىلار كىرگۈزمىگەن مالنى كىرگۈزىمەن دېيىشىڭىز ناتايىن. ئەمما، مۇلازىمەت جەھەتتە خاسلىق يارىتىشىڭىز تامامەن مۇمكىن. شۇندىلا، تىجارەتتە تەرەققىي قىلغىلى بولىدۇ. |
تىجارەتتە, سەل, قاراشقا, نوقتىلار مەنبە : ئىگىلىك تورى
|
|
|
|
|
|