مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 9591|ئىنكاس: 110

يۇقالسۇن«مىللەت»پەرەسلەر!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78017
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 9239
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 262 سائەت
تىزىم: 2012-3-27
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 08:34:35 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى ! مەن مىسرانىم مۇنبىرىگە ئەزا بولغىلى ئانچە ئۇزۇن بولىمىدى .بىراق مۇنبەرگە ئەزا بولغاندىن بېرى نۇرغۇن تىمىلارنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقتىم ،شۇنداق تالانلىق ئەزالار باركەنكى يازغان تىمىللىرى ھەقىقەتەن كىشگە زوق بېغىشلاش بىلەن بىرگە چۇڭقۇر تەربىيىۋى ئەھمىيتى بار ئىكەن .مۇنبەردىكى نۇرغۇنلىغان داڭلىق ئەسەرلەرگە ياندىشىپ يەنە بىر قىسىم "مىللەت "پەرەسلەر يازغان "نادىر " ئەسەرلەرمۇ  مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇپتۇ .ھەتتا بۇ "مىلللەت"پەرەسلەر يازغان نادىر ئەسەرلەر نۇرغۇنلىغان مۇنبەرداشلىرىمىزنىڭ ئالقىشىغا ئىرشىپ ،ئىنكاسكا ئىرشش ۋە قوللاشقا ئىرشش جەھەتتە خىلى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپتۇ .
بۇ "مىللەت"پەرەسلەرنىڭ "نادىر "تىمىللىرى قايسى مەزمۇندا ؟ھەممىسى مىللەتنىڭ ئەپىت-بەششرىسىنى ئېچىپ تاشلىغان ،پالانى قىز دادىسدەك ئادەمگە ئاشنا بوپتۇ -يەي.پۇستانى پوقساقال ئوغرى ئۆزىنىڭ قىزىدەك قىزنى ئازدۇرۇپ يۇرۇپتۇ-يەي،پالانى زەيپانە يىگىت ،پۇستانى ناتىۋان قىزنى ئازدۇرۇپ يۇرۇپتۇ -يەي.پالانى ئوغرى ،پۇستانى جالاپ ،ئۇ شاپاقچى .بۇ سۇلامچى ،ئاندا قىمارۋاز ،ماندا بەڭگى ......................قىسقىسى پۈتۈنلەي ئەخلاققا يات ،نۇمۇسسىز ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى "ئۇيغۇر "دىگەن بۇ ئۇلۇغ نام بىلەن بىرلەشتۈرۈپ يېزىپ ئوقۇغان كىشىنى ،توۋا "ئۇيغۇر " مىللتى دىگەن شۇنداق بىر پەسكەش مىللەتكەن -ھە.دىگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قۇيۇپتۇ .
  توغرا !ئاشۇنداق مەزمۇندىكى تىمىلارنى يوللىغانلار بەلكىم ئاشۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ ،ئۆز قۇلقى بىلەن ئاڭلاپ ،ئاندىن باشقا ئۇيغۇرلارغا "ئىبرەت"بولسۇن دەپ يوللىغاندۇ .بەلكىم نىيتى مىللەتنىڭ يۈز -ئابرۇيىنى قوغداش ،ھەممە كىشىنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك ئىڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈندۇ .ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇس! لىكىن بۇ مەقسەتكە ھەرگىزمۇ يىتەلمەيدۇ ،يىتەلمەيدۇ ئەمەس بەلكى مىللەتنىڭ يۈز-ئابرۇيىنى ئاشۇ يامان ئىش قىلغانلاردىنمۇ بەكرەك تۈكىدۇ ،دۇنيا خەلقى ئالدىدا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ يۇز ئابرۇيىنى ،غۇرۇرىنى ،ئەخلاقىنى ،ھەرقانداق يامان ئىش قىلغان ئادەمدىن بەكرەك يەر بىلەن يەكسان قىلىدۇ .
  ھەي "مىللەت"پەرەسلەر ئەقىل كۆزۈڭلار بىلەن كۆرمەمسىلەر ؟ئاشۇنداق تىمىلارنى يېزىشقا ئىشلىگەن كاللاڭلار نىمشقا شۇ تىمىنىڭ تەسىرىنى ،ئاخىرقى نەتىجىسىنى ئويلىمايسىلەر ؟سىلەرنىڭ ئاشۇ مىللىتىمىز ئارسىدا ساقلىنۋاتقان ناچار ئىللەتلەرنى ئېچىپ تاشلىغان "نادىر"تىماڭلارنى بىزلا كۆرگەن يەنى پەقەت ئۇيغۇرلارلا كۆرگەن بولسىغۇ ،ماقۇل !ئىبرەت ئالاتتى .بىراق بۇ دىگەن تور ،ئاممىۋى سورۇن ،خەلىقئارالاشقان ،دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىدىكى ھەممە مىللەت كىشلىرى بىمالال پائالىيەت ئېلىپ بارالايدىغان ئاممىۋى سورۇن .سىلەرنىڭچە سىلەر يوللىغان ئاشۇ "نادىر"تىمىلارنى باشقا مىللەت كىشلىرى كۆرمەسمۇ ؟سىلەرنىڭچە خەنزۇ ،رۇس ،ئىنگىلىس،ناتسىس،ئەرەب.........قاتارلىق دۇنيادىكى نۇرغۇنلىغان مىللەت ئىچىدە ئويغۇر تىلىنى پەقەت ئۇيغۇرلارلا بىلىپ قالغان مىللەت بىلمەسمۇ ؟شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز پوقنى يەپسىز .دۇنيادا ھازىر 6000 خىلدىن ئارتۇق  تىل بار بۇلۇپ ،ئۇيغۇر تىلى قوللىنىش ۋە ئىشلىتىلىش جەھەتتە دۇنيا بۇيىچە 96-ئورۇندا تۇرىدۇ.
دىمەك دۇنيادا ئۇيغۇر تىلىنى ئشلىتىدىغان ئادەم سانى بەلكىم پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ بۇلۇشى مۇمكىن ،دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئامرىكىنى ئېلىپ ئېيتساقمۇ ، ئامرىكىدىكى ئۇيغۇر تىلى دەرسلىكى ئۆتۈلدىغان ئۈچ ئالىي مەكتەپ_كەنساس ئونۋېرسىتيتى،ئىندىاننا ئونۋېرسىتيتى،ۋاشىنگىتتون ئونۋېرسىتيتى داڭلىق ئونۋېرسىتىتلاردا ئۇيغۇر تىلى دەرىسلىكى تەسس قىلىنغان .ئەھۋال مانا مۇشۇنداق تۇرسا ،سىز يەنە مىللىتىمىز ئىچىدىكى كىچىككىنە نوقسانلىقلارنى تېپىۋېلىپلا ئۇنى دۇنيا خەلقىگە جاكارلىسىڭىز،سىزنىڭچە ياخشى بوپتىمۇ ؟
    سىز مىللىتىمىزدكى قىسمەن ئۇنداق ياكى مۇنداق كەمچىلكنى ئۇيەر بۇ يەردىن تىرىپ كىلىپ توردا ئىلان قىلسىڭىز ،بۇنى كۆرگەن باشقا مىللەت كىشلىرى ئۇيغۇر مىللتىنى ئەزەلدىن شۇنداق ناچار مىللەتكەن دەپ قالمامدۇ ؟ئاتالمىش «مىللەت»پەرۋەرلەر بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ھەرقانداق كەمچىلىكىنى ھەرقانداق يەردە جار سېلىپ يۈرمەڭلار ،بۇلۇپمۇ توردا .كەمچىللىك دىگەن مىللەتتە بولمايدۇ ،بەلكى شەخستە بۇلىدۇ ،شۇڭا نەق مەيداندا شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە قانداق تەربىيە قىلسىڭىز بۇلىدۇ ،خەقنىڭ ئۆزىگە گەپ قىلالماي ،توردا ئۇيغۇر قىزى ئاندىغەي ،ئۇيغۇر ئوغلى ماندىغەي دەپ شالىڭىزنى چېچىپ ۋار-ۋارى قىلماڭ .چاۋاكنىمۇ چالىدىغان يەرگە چالايلى .شۇ قىز سىزنىڭ ،مىنىڭ ،سىلەرنىڭ ،بىزنىڭ ئاپىمىز ،ئاچىمىز ،سىڭلىمىز ياكى قىزىمىز ئەمەسمۇ ؟شۇ يىگىت  سىزنىڭ ،مىنىڭ ،سىلەرنىڭ ،بىزنىڭ  ئاتىمىز،ئاكىمىز ،ئىنىمىز ياكى ئوغلىمىز ئەمەسمۇ ؟
گەپ دىگەننى ئويلاپ قىلايلى دوسلىرىم .بۇ مۇنبەرگە ئەسەر يوللىمىغانغا ھەيدەپ چىقىرۋەتسە مىنى ھەيدەپ چىقىرۋىتەتتى ،لىكىن ئۇنداق قىلمىدى .يوللىغىلى بىر نەرسە تاپالمىساق ،جىم تۇرۇپ باشقىلارنىڭ يازغان ئىسىل تىمىللىرىدىن ھۇزۇرلانساق ،ئۇلارغا مەدەت بەرسەكمۇ چوڭ ئىش قىلغان بۇلىمىز ،قانداق بىرسى بىر يەردە كۆرگەن ياكى ئاڭلىغان مىللەتنىڭ يۇزىنى تۈكىدىغان ،زىتىغا تىگىدىغان ئىشتىن بىرنى يازسا ،ھە راس دەپ باش لىڭشىتىپ يۈرىۋەرمەيلى !مىللەتنىڭ يۈزئابرۇيىنى سىز ،مەن ھەممىىمىز بىرلكتە تىرشش ،قوللاش ،ماختاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرالايمىزكى ،ھەرگىزمۇ مىللەتنى سۈكۈش ،كەمچىلكنى سازايى قىلىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىرالمايمىز


ھازىرغىچە 3 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
sabz + 97 تەپەككۇرى كۈچلۈك
kurax114 + 300
Eltekin + 99 ئويلاندۇردىڭىز. توغرا.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 496   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41
يازما سانى: 140
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9313
تۆھپە نۇمۇرى: 455
توردا: 165 سائەت
تىزىم: 2010-5-19
ئاخىرقى: 2015-4-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 09:17:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
«كەمچىللىك دىگەن مىللەتتە بولمايدۇ ،بەلكى شەخستە بۇلىدۇ ،شۇڭا نەق مەيداندا شۇ شەخسنىڭ ئۆزىگە قانداق تەربىيە قىلسىڭىز بۇلىدۇ»
ماۋۇ گەپ جىڭ تېتىدى! قوللايدىغانلار ئاتۇق گەپ قىلماي ئەگىشىڭلار ھە!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74547
يازما سانى: 744
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5228
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 633 سائەت
تىزىم: 2012-2-2
ئاخىرقى: 2015-4-27
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 09:45:26 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېمىنىڭ مەنىسىنى مەزمۇنىنى ئوقۇغاندىن كېيىن ئاندىن چۈشەندىم،توغرا،بىزگە ئۇنداق«مىللەتپەرۋەر»لەر كېرەك ئەمەس.ياخشى تېمىكەن،رەھمەت سىزگە.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 28343
يازما سانى: 672
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 14994
تۆھپە نۇمۇرى: 1840
توردا: 5838 سائەت
تىزىم: 2011-1-30
ئاخىرقى: 2013-8-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 10:08:45 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نىمە ئۈچۈن دىمەيمىز؟؟؟ سىز نىمىنىڭ 《مىللەت》پەرەس ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟مەن تېمىڭزنى شۇنداق ئەستايدىللىق بىلەن ئوقۇپ چىقتىم،ئەسلى ھەقىقى مىللەتچى،مىللەت پەرەس سىز ئۆزىڭز ئىكەنسىز،ھازىر دۇنيانىڭ ھەممەيېرىدە دىمكىراتىيە ئۈچۈن كۈرەش بۇلۋاتىدۇ،دۇنيادىكى ھەممە كىشى ھەقىقى دىمكۇراتىيەنى ئىزدەپ يۈرۋاتىدۇ،لېكىن مەن تېمىڭزنى كۆرۈپ شۇنى بايقىدىم،سىز ئاتالمىش مىللەت پەرەسلىكنى ئۆزىڭز تەرغىپ قىلۋېتىپسىز،سىز بەك بىرتەرەپلىمىك بىلەن ھەم شۇنداق يېنىكلىك بىلەن بۇتېمىنى يېزىپ ساپسىز،تېمىڭزنىڭ مەزمۇنىدىن قارغاندا،ئۇيغۇر تور بەتلىرگە ياخشى ئىشلارنىلا يېزىپ،ئۇيغۇر جەمىيىتىدە بولۋاتقان ناچار ئىللەتلەرنى قەتتى يازماسلىق كېرەك ئىكەندە؟ياق-ياق مەن ھەرگىز سىزدەك قاراشتا ئەمەس،نىمە بولسا شۇنى يېزىش كېرەك،مەنچە بولسا ئۇيغۇرچە توربەتلەر تېخىمۇ كەڭ دايىرلىك ئېچىلىشى كېرەك،ئەتراپىزدا نىمە بولسا شۇنى يېزىشىمىز كېرەك،دۇنياغا داڭقى چىققان ئۇيغۇر ئالىمى شۆھرەت.مۇتەللىپنى ئۇيغۇرچە توربەتلەردە بەس-بەس بىلەن يېزىلىپ بىزگە تۇنۇتقان بولسا،ئۆزىنىڭ داچىسىغا سولىنۋېلىپ ئۆز مىللىتىنى ئەخمەق قىلىپ،ئىككى توك-توك پۇلىنى خەلققە ياردەم قىلىپ قويۇپ،ئۆزىنى بىر چاغلاپ،ناشايان ئىشلارنى بىلەن شوغۇنلانغان ئاشۇنداق بۇزۇق پاسكىنلارمۇ مۇشۇ يەردە يېزىلىشى،ئاچچىق كىنايە قىلىنىشى كېرەك!!!
سىز بەك تار دايىرلىك تەپەككۇر قىلدىكەنسىز،مۇنداقچە ئېتقاندا مەن بۇرۇن بىر ئەسەردە كۆرگەن مۇنداق بىر جۈملە سۆزبار ‹ھەي ساقچى يولداش ھەممىز بىر ئۇيغۇر بولغانكى بۇ يانچۇقچىنى قويۇپ بەرسىڭز بولمامدۇ›،سىز بەئەينى مۇشۇنى تەرغىپ قىلماقچى بولۋاتقان ئوخشايسىز؟؟!سىز دەپسىز ئۇنداق بۇزۇقلارنى،جالاپلارنى،يەنە بىرمە-يەنە بىرمىلەرنى بۇيەردە تېما يوللاپ مىللەتنىڭ يۈزىنى تۆكمەي،نەدە كۆرسەك شۇيەردە تەربىيە قىلساقلا بولدى دەپ،نەدە كۆرسەك شۇيەردە تەربىيەنىمۇ قىلمىز،ھەم مۇشۇنداق خەلقى-ئالەم ئالدىدىمۇ ئوچۇق ھالدا ئاچىمىز ھەم كىنايە قىلمىز!!!
ئەمدى بەس بەس بەس،،،،،،،،بەلكىم مىنىكى سۆزلىرىم سىزگە ئېغىر كېتىشى مومكىن لېكىن مەن دىمىسەم بولمايدۇ،مىنىكى بۇنداق دىيىشىمنى كەڭ تورداشلارمۇ خاتا چۈشۈنۋالماڭلار،مەنمۇ ئۇيغۇرنى شۇنداق سۆيمەن،لېكىن دىمكىراتىك ئورۇندا تۇرۇپ سۆيمەن!!!ئۇيغۇردا ئالىم بولسا ئۇيغۇردا ئالىم بار دەپ سۆيمەن،ئەگەر ئۇيغۇردا نائەھلى جالاپ چىقسا  نەپرەت بىلەن لەنەت ياغسىكەن دەيمەن!!!

ھازىرغىچە 4 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
jassurman + 30 تەپەككۇرى كۈچلۈك
kurax114 + 100
ayrilmas + 21 ماختاشقا تېگىشلىك
ataman0 + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 161   باھا خاتىرىسى

ئۇيغۇر،ئۇيغۇر،يەنە سۈيدىغىنىم سەن ئۇيغۇر!!! http://weibo.com/2109745207/profile/ شىنلاڭ مىكرو بىلوگ.

تۇزنى تۆكمە، قىز

ئۈلگىلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1766
يازما سانى: 8974
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 36595
تۆھپە نۇمۇرى: 617
توردا: 7241 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2015-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 10:37:33 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
توينىڭ ئالىدىدا ئۈچ كۈن، كةينىدة ئۈچ كۈن، دةپ... نىمة دېسةك بولاركىن،
كاللام ئۆتمةيدىغىنى نىمىشقا بىزدة تىللاش كۆپ. زارلاش كۆپ. ئويلىغىنىم:- بۇ نېمىنى ھةل قىلالىدى؟! دىنى تةربىية قىلسا تور موللىسى دېدۇق، سةنئةتچىنى بىرنىمة دېدۇق، تارىختكى شةخسلةرنىمۇ تىللاپ باقتۇق، ھىندىنمۇ تىللاپتىمىز، يةھۇدىنمۇ تىللاپتىمىز، ئةرةپنىمۇ ماختاپ تۇرۇپ تىللاپتىمىز.ئۇغۇرنىغۇ پةچةت تىللاپ قۇيىمىز... زادى تىللاۋېرةمدۇق. ما مۇنبةردىغۇ تىللىشلار دائىملا زادى.
يةنىلا چىرايلىق دېيىشةيلى! مۇڭدىشايلى! تىللاپ ھىچ ئىشنى ھةل قىلالمايسىز، خاتالىقنىمۇ سازايى قىلماي تۇرۇپ، ئالدىدا چىرايلىق نةسىھةت بىلةن قىلىپ باقساق بولامدۇ؟!-يوق. ھةممىز توردا قالتىس ئالىيجاناپ.شالىمىزنى چاچىرتىپ تۇرۇپ ئۆزىمىزنى باشقلارغا نۇقسانسىز ئادةمدةك كۆرسةتسةك بۇلىۋېرىدۇ.

تولۇقلىما مەزمۇن (2012-4-18 05:27 PM):
ئۆزىمىزنىمۇ تىللاپ ھارمىدۇق.

باتۇرلۇق ئوقنى تةدبىر ياسىدا ئاتسا نىشانغا دةل تېگىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76331
يازما سانى: 507
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3969
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 329 سائەت
تىزىم: 2012-2-21
ئاخىرقى: 2012-12-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 10:46:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تېما ئىگىسىنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن ، راست ،‹ئىللەت مىللەتتە بولمايدۇ ،شەخىستە بولىدۇ›،بۇنداق ناچار ئىللەتلەر دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ،ھەرقانداق مىللەت كىشلىرىدە بار بىراق ئۇلار   ئۆزىدىكى بۇ قىسمەن سەۋەنلىكلەر ئۈچۈن مىللىتىدىن تانمايدۇ،ھەممە مىللەتلەر ئۆز مىللىتىدىن پەخىرلىنىدۇ،چۈنكى بۇلار قىسمەنلىك ، بۇنى مىللەت ئۈستىگە يۈكلەپ سۆزلەشكە بولمايدۇ ، مېنىڭچە ئاشۇنداق ناچار قىلمىشلارنى قىلىۋاتقانلارنى كۆرسەك نەق مەيداندا گەپ قىلالىساق قىلىلى ،قىلالمىساق مۇنبەرگە چىقىپ دەرد تۆكمەي يولىمىزغا ماڭايلى ، ئەگەر بەك ئىچىمىزگە پاتماي دېگۈمىز كەپ كەتسە، خەقنى ئۇنداق قىلدى يەي ،مۇنداق قىلدى يەي دەپ سازايى قىلماي ،مۇشۇنداق قىلمىشلارنى قانداق توسۇش ، قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە پىكىر يۈرگۈزۈپ تېما يوللايلى ، شۇنداق قىلمىشلارنى كۆرگەندە بەك غۇرۇرىمىز تۇتۇپ كېتىپ ۋاي پالانى مۇنداق قىلدى، دەپ خەقنىڭ قىلمىشلىرىنى پوككىدە مۇنبەرگە تاشلاپ قويۇپلا ،بىر ئۇخلاپ قوپۇپ ئۇنتۇپ قالىدىغان ‹ۋىژدانلىق مىللەت سۆيەر› كىشلىرىمىز ساماندەك مۇنبەردە، نوچى بولسىڭىز قانداق ئالدىنى ئالىمىز ،قانداق ھەل قىلىمىز ،شۇنى سۆزلەڭ ،بولمىسا تېما ئىگىسى دېگەندەك مۇنبەرگە تېما يوللىمىغانغا سىزنى بىرسى قوغلىۋەتمەيدۇ ،يا جەرىمانە قويمايدۇ، شۇڭا بۇنداق پاخال تېمىلارنى يوللاشنىڭ ئورنىغا جىم ئولتۇرۇپ باشقىلارنىڭ نادىر تېمىلىرىدىن بەھرىنىلەيلى!
ئەمەليەتتىغۇ ھازىر مىللىتىمىزنىڭ ئەھۋالى 2000-يىللارنىڭ ئالدى كەينىدىكى ئەھۋالىدىن كۆپ ياخشى، قىسقىسى ھازىر  ناھىيىمىزدە ئاياللارنىڭ قاتار چايلىرى ئاساسەن يوق دېيەرلىك ،بولسىمۇ ناھايتى ئاز ،بۇرۇنقىدەك ئىدارە بويىچە ئوينايدىغان ئىشلار يوق ،ئەرلىرىمىز  بۇرۇنقىدەك كۈندە كەچتە سورۇن تۈزۈپ ھاراق ئىچىپ يۈرىدىغان ئەھۋاللارمۇ ئاساسەن يوق ،ئىدارىدىن مەجبۇرى ئاپارمىسا ئۆزى ئىزدەپ بارمايدۇ، قىز يىگىتلەر توي قىلسا بۇرۇنقىدەك رېستۇران بولاپ ئوينىتىدىغان ئىشلار ئەمەلدىن قالدى،ھەم توي تۆكۈنلەردە قەتئىي ھاراق قۇيۇلمايدۇ، جۈمە كۈنى چوڭ جامەنىڭ ئالدى بۇرۇنقىدەك چۆلدەرەپ قالىدىغان ئىش نەدە ،ھازىر جامائەت پاتماي چوڭ يولغىمۇ چىقىپ كېتىشكە تاس قالىدۇ ،قارايدىغان بولساق تەڭدىن تولىسى 20 -30ياشلار ئەتراپىدىكى  ياش بالىلار ، خىزمەتچى ئاياللىرىمىز ئامال بار ياغلىق ئارتىپ يۈرىدۇ، ناماز ئوقۇيدۇ، رامىزاندا روزا تۇتىدۇ ،بۇنداق دېسەم بۇ چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار دەپ كەتمەڭلار ،نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا ئاياللىرىمىز قاتار چاي مېھماندارچىلىقنىڭ تولىلىقىدا بۇنداق ئىشلارغا چولىسى تەگمەيتتى ،ئەمدى كېچىكىپ بولسىمۇ توغرا يولغا مېڭىۋاتىدۇ ،مۇشۇنىڭ ئۆزى غەلبە!شۇڭا ئەمدى يېتەر ،تىللاۋەرمەيلى ،ئەكىسچە ئۇلارنى قوللايلى ،ئۇلارغا ئىلھام بېرەيلى ،توغرا يولدا مېڭىشقا يېتەكلەيلى ،ئېسىمىزدە بولسۇن،مۇنبەردىشىمىز دېگەندەك:‹ئۇيغۇر سۆكۈشكە ئەمەس قوللاشقا موھتاج›!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   gvlqay تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-18 10:49 AM  


مىللەتنىڭ خارابىلىقى ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىدىن باشلىنىدۇ ،ئاياللارنىڭ چۈشكۈنلىكىگە ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقى سەۋەب بولىدۇ ،ئەرلەرنىڭ مېھرىبان بولالماسلىقىغا ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ،كەمبەغەللىكى ،جاپا مۇشەققەت ،كۈچسىزلىكى سەۋەب بولىدۇ .

مېنىڭ بارلىقىم ئ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40676
يازما سانى: 640
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9306
تۆھپە نۇمۇرى: 200
توردا: 1239 سائەت
تىزىم: 2011-5-14
ئاخىرقى: 2012-5-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 10:48:53 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دەل مۇشىنىڭدەك تالاش - تارتىشلاردىن ئاخىرى ھېچ كىشى ھېچ كىشىگە ئىشەنمەسلا بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ !

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
gulbaxikar + 10 تۇغرا يەكۈن!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

سۆزلىرىمنى چۈشەنمىسىڭىز چاپسانلا ئىنكار قىلماڭ . بىر بۇلۇڭغا قويۇڭكى ، بىر ۋاقىتلاردا پايدىسى تىگىدۇ !

ھەربىرجان ئۆلۈم

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 45199
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5213
تۆھپە نۇمۇرى: 240
توردا: 1830 سائەت
تىزىم: 2011-6-21
ئاخىرقى: 2014-7-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 10:51:09 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
مەن بۇ تىمىدىن ئۆزىڭنى بىل ئۆزگىنى قوي دىگەن مەزمۇندا چۈشەندىمغۇ ، مىللەت توغىرسدا تىما يازساق ياخشى لىكىن بۇتىما بەك چوڭ قويلۇپ مەزمۇنى تىمىنى كۆچلەندۈرەلمەپتۇ، يەنى قالپاقنى بەك چوڭ كەيدۈرۈپ قويۇپسىز ، ئىللەت شەخىستە بولدۇ توغرا لىكىن شۇ شەخسمۇ مىللەتكە تەۋەدۇ ، شۇنداق ناچار شەخىسلەرنى كىنايا قىلىش ھەم خەلقى ئالەمگە شۇنىڭ ناچارلىقىنى ئاشكارا قىلمىساق ، ناچارلار ناچارلىقىنى قىلىۋەرسە ، كىيىن ئۇنداقلار مەلۇم توپنى شەكىللەندۈرگەندە قانداق قىلىمىز ، شۇ چاغدىمۇ ئىللەت دىگەن شەخستە بولىدۇ مىللەتتە بولمايدۇ دەپ يۈرەمدۇق ، ئۆزمىزنىڭ تەپەككۇرى بويچە پىكىر قىلىپ باقساقمۇ بولىدۇ ، ياخشى بولسا ياخشى تەرپىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ يازىمىز ، يامان بولسا شۇ يازغانلارنى كۆڭلىڭىزدە خوش بولۇپ كىتىپ ، قىلدىغان ئىش تاپالماي قىلىپ يازدىغان ئوخشايدۇ دەپ قالماڭ ، شۇنداق ناچار تەرەپلىرنى يىزىپ ئاشكارلاپ تۇرمىسا مىللىتىمىزنىڭ گۈزەل ئەخلاقى نەدە قالىدۇ ، دەرەخنىڭمۇ ياۋسىنى پۇتاپ تۇردىغۇ ، ھەممىنى ماختاپ يازدىغان بۇ يە مەملىكەت خەۋەرلىرى ياكى شىنجاڭ خەۋەرلىرى بولمىسا .... نەدە ياخشىراق بىر سۆز ئۇچراپ قالسا ھاياجانلىنىپلام ئۆزىمىزگە ياراپ كەتكەنلىكى ئۈچۈنلام كۆتۈرۈپ تىمىنى كۆچلەندۈرمەن دىمەي، مۇمكىن قەدەر ئۆزىمىز ئىزدىنىپ (ئەلۋەتتە باشقىلاردىنمۇ ئىلھام ئالىمىز ) مۇشۇنداق تىمىلاردا ياڭگىللىك قىلمىساق ، مىللەتنى مەيلى ماختاپ يازسۇن ، مەيلى ناچار تەرپلىرنى سۆكۈپ يازسۇن لايىقىدا بولسا قوبول قىلمىساق بولىدۇ ، مىنىڭچەناچار تەرپنى يازغانلارمۇ ياخشى تەرپىنى يازغانلارمۇ  قايسسىنى يازسا مىللەتكە كۆينۈپ يازىدۇ ، ئەمدى بۇنىمۇ سىز ئىككى ئابزاس يازما بىلەن يوقالسۇن مىللەتپەرەسلەر دىسىڭىز قاملاشمايدۇ.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
kurax114 + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ھەربىرجان ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تىتىغۇچىدۇر

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2957
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15650
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2520 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 10:54:57 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ تىما بىر تەرەپتىن كىشىنى ئويلاندۇرسا يانا بىر تەرەپتىن سەل يىنىكلىك بىلەن يىزىلغان،ئويلاندۇرۇشى بىزنىڭ جەمىيتىمىزدىكى بىر قىسىم ئىشلارنى مىللەتكە باغلاپ چۈشىنشىمىز راس خاتا،ئەمما باشقىلار سىزچە ئاشۇنداق ئىشلارنى كۆرمەسمۇ؟ھەتتا cctvدىمۇ بىر يىلى ئىچكىردىكى ئۇيغۇر يانچۇقچىلار توغىرسىدا خەۋەر بىرىلگەن،توردا شۇنداق كىشىلەرنى ئەيىبلەش ئۇلارغا بىرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سىگىنالى،يەنى ئۇلار مەن ئۇيغۇر ئەمەس دىسىمۇ،بىز ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر بولىشىغا سالاھىيتى توشمايدۇ دەپ مىڭ كۈچىگەن بىلەنمۇ بۇ ھەقىقەت يەنى ئۇلار راستىنلا بىز بىلەن مىللەتداش،سىز ياخشى ئىش قىلسىڭىز مىللەتداشلىرىڭىز خوش بولۇپ سىزنى بىشىدا كۆتۈرىدۇ،باشقىلارمۇ ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق مىللەتكەن دەپ بىزگە قايىل بولىدۇ،ئەكسىچە سىز يامان ئىشلارنى قىلسىڭىز خەلق سىزدىن نەپرەتلىنىدۇ باشقىلار ئۇيغۇر دىگەن مۇشۇنداق مىللەتكەن دەپ بىزگە يۈزەكى قارايدۇ،شۇڭا دىمەكچىمەنكى تىما يوللىغۇچىلاردا ئەيىب يوق،ئۇلار شۇنداق ئىشلارنىڭ كەڭ دائىرلىك يەنى ئومۇمىيۈزلۈك ھادىسە بولۇپ قىلىشىدىن ۋە باشقىلارنىڭ بىر مىللەتكە شۇ كىشىلەرگە قاراپ باھا بىرىشىدىن ئەنسىرەيدۇ،شۇڭا سىز تىما يازغاندا قىزىققانلىق بىلەن ئەمەس بەلكى ئەتىراپىڭىزغا ئوبدان قاراپ پىكىر قىلشىڭىزنى سورايمەن،بىلمىگەننى سوراش،بىلگەننى ئايىماسلىق كىرەك،شۇڭا بۇنىڭغا ياخشى ئويلىنىپ پىكىر يازغۇلۇق،يەنە بىر گەپ مۇنبەردە تىمىنى چۈشەنمەي تۇرۇپ ئىنكاس يىزىپ چىكىتىدىغان تورداشلار كۆپ،بىز بۇ ئادىتىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كىرەك،يەنى ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە چۇشلۇق پىكىرى بولۇشى كىرەك شۇڭا پۇچەك ئىنكاسلاردىن ساقلانغان بولساق!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 8616
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9473
تۆھپە نۇمۇرى: 348
توردا: 3036 سائەت
تىزىم: 2010-8-31
ئاخىرقى: 2015-1-31
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-18 11:04:31 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   توغرا پىكىر. دېمىسىمۇ بەزى تېمىلار ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ،گويا ئەتراپىمىزدا ھەممىلا ئادەم ناچارلىشىپ كېتىۋاتقاندەك گۇمانىي تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىدىكەن. شۇڭا قىسمەنلىكنى ئومۇمىيلىق نۇقتىسىدا تۇرۇپ مۇئەييەنلەشتۈرىۋالماي،ئۇيغۇرنىڭ مۇنەۋۋەر ، ئىلغار باشقىلار قىلىمىز دەپ دوراپمۇ ئۈگۈنۈپ كېتەلمەيۋاتقان  نۇرغۇن ئېسىللىكلىرىنى سۆزلەيلى! مائارىپنىڭ سېھرىي كۈچى زەھەردەك ئاچچىق تىل ھاقارەت ئەمەس،بەلكى ئارتۇقچىلىقلارنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئارقىلىق شەخستە ئىشەنچ تۇرغۇزۇشتۇر.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
  
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش