|
|
|
|
نىكاھ قانۇنى ئىزاھاتى (3) ئالى خەلق سوت مەھكىمسىنىڭ نىكاھ قانۇنى ئىزاھاتى (3) 2011-يىلى 7-ئاينڭ 4-كۇنى ئالى خەلق سوت مەھكىمىسنىڭ 1525-قىتىملىق سوت ھەيئەتلەر يىغىنىدا ماقۇللاندى .2011-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۇنىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇلىدۇ. (2011 ) 18- نۇمۇر 2011- يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۇنى
]-ماددا:ئالاقىدارلار نىكاھ قانۇنىنىڭ 10-ماددىسىدا بەلگىلەنگەندىن باشقا ئەھۋاللارغا قارىتا ،نىكاھ مۇناىسىۋىتىنى ئىناۋەتسىز دەپ جاكارلاشنى ئىلتىماس قىلسا سوت مەھكىمىلىرى ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسىنى قايتۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىش كىرەك.
* ئالاقىدارلار نىكاھ تىزىملاش تەرتىپىدە كەمتۈكلۈك بار دەپ قاراپ ھەق-تەلەپ دەۋاسى قىلپ،نىكاھ تىزىملاشنى بىكار قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان بولسا،مەمۇرى قايتا قاراپ چىقىشنى ئىلتىماس قىلىشىياكى مەمۇرى دەۋا قىلىشى كىرەكلىكى ئۇقتۇرۇپ قويۇلسا بولىدۇ.
2-ماددا:ئەر-ئايالدىن بىر تەرەپ سوت مەھكىمىسىگە ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنىڭمەۋجۇت ئەمەسلىكىنىمۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىش كېرەكلىكى توغۇرلۇق ئەرز قىلسا ،ھەم مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىسە،يەنە بىر تەرەپنىڭ قارشى ئىسپاتى بولمىسە ھەم ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنىئەدلىيەلىك باھالىتىشنى رەت قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلغان تەرەپنىڭ تەشەببۇسى قۇرۇلىدۇ دەپ كەلتۈرۈپ چىقارسا بولىدۇ .ئالاقىدارلاردىن بىر تەرەپ سوت مەھكىمىسىگە ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنىڭمەۋجۇت ئىكەنلىكىنىمۇئەييەنلەشتۈرۈپ بېرىش كېرەكلىكى توغۇرلۇق ئەرز قىلسا ،ھەم مۇناسىۋەتلىك زۆرۈر ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىسە،يەنە بىر تەرەپنىڭ قارشى ئىسپاتى بولمىسە ھەم ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنىئەدلىيەلىك باھالىتىشنى رەت قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى تەشەببۇس قىلغان تەرەپنىڭ تەشەببۇسى قۇرۇلىدۇ دەپ كەلتۈرۈپ چىقارسا بولىدۇ .
3-ماددا:نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە،ئاتا-ئانا ياكى ئاتا-ئانىدىن خالىغان بىر تەرەپ ئۆزىنىڭ بالىنى بېقىش مەجبۇريىتىنى ئادا قىلمىسا،قورامىغا يەتمىگەنلەر ياكى مۇستەقىلتۇرمۇش كەچۈرەلمەيدىغان پەرزەنتلەر بېقىش راسخوتى بېرىشنى تەلەپ قىلسا،سوت مەھكىمىسى قوللىشى كىرەك./
4--ماددا: نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە،ئەر-ئايالدىن خالىغان بىر تەرەپ ئائىلىنىڭ ئورتاق مۈلكىنى بۆلۈشنى تەلەپ قىلسا،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللاشقا بولمايدۇ،بىراق تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شۇنداقلا ھوقۇقدار ۋە قەرزدارلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى يەتمەيدىغان ئەھۋاللار بۇنىڭ سىرتىدا: *b}/fG)XZa‑1>T‑z1)بىر تەرەپ ئورتاق مۈلۈكنى يوشۇرۇش،يۆتكىۋېتىش ،سېتىۋېتىش،ئىشلىتىپ تۈگىتىۋېتىشياكى يالغاندىن ئورتاق مۈلكى قەرزى قىلىپ كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئەر –ئايالنىڭ ئورتاق مۈلۈك مەنپەئەتىگەزىيان سالغان قىلمىشلار؛ )قانۇندا بەلگىلەنگەن بېقىش مەجبۇريىتى بار بىر تەرەپ ئېغىر كېسەل تۈپەيلىدىن داۋالىنىشقا توغرا كەلگەندە، يەنە بىر تەرەپ مۇناسىۋەتلىك چىقىملارنى تۆلەشكە قوشۇلمىغانبولسا؛ 5-ماددا:ئەر-ئايالدىن خالىغان بىر تەرەپنىڭشەخسى مال-مۈلكىنىڭنىكاھ جەريانىدا شەكىللەنگەن كىرىمىنىڭ تۇغۇندىسى ۋە تەبىئى ئاشقان قىممىتىدىن باشقىلىرى ،ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكى دەپ قارىلىدۇ.
6-ماددا:نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى ياكى نىكاھمۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە،ئالاقىدارلارئوتتۇرسىدابىر تەرەپنىڭ ئېگدارلىقىدىكى ئۆي –مۈلۈكنى يەنە بىر تەرەپكە ھەدىيە قىلغانلىق توغۇرسىدا پۈتۈم بولۇپ،ھەدىيە قىلغۇچى تەرەپ ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئۆزگەرتىشتىن ئىلگىرى ھەدىيەنىبىكار قىلغان بولسا،يەنە بىر تەرەپ ئىزچىل ئىجرا قىلىشقا ھۆكۈم قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى توختام قانۇنىنىڭ 186-ماددىسىدىكى بەلگىلەنگەن بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ .
,
7-ماددا:نىكاھلانغاندىن كىيىن بىر تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى مەبلەغ چىقىرىپ پەرزەنتلىرىگە كۆچمەس مۈلۈك ئېلىپ بېرىپ ا،مۈلۈك ھوقۇقى مەبلەغ چىقارغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ نامىدا تىزىملىتىلغان بولسا،نىكاھ قانۇنىنىڭ 18-ماددىسى 3-تارمىقىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن،ئۆزىنىڭ پەرزەنتلىرىگە قىلىنغان ھەدىيە دەپ قارىلىپ ،ئەر-ئايال بىر تەرەپنىڭ شەخسى مۈلكى دەپ بېكىتىلىدۇ . ئىككى تەرەپ ئاتا-ئانىلىرى مەبلەش چقىىرپ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن كۆچمەس مۈكۈك ئېلىپ بېرىپ ،مۈلۈك ھوقۇقى خالىغان بىر پەرزەنتنىڭ نامىدا تىزىملىتىلغان بولسا،بۇ كۆچمەس مۈلۈكنىڭ ئېگدارلىق ھوقۇقىئىككى تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسنىڭ ھەر قايسسىنىڭ چىقارغان مەبلىغىنىڭ نىسبىتى بويىچە بولىدۇ،بىراق ئالاقىدارلار ئايرىم پۈتۈشكەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.
8-ماددا:ھەق-تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارى يوق بولغانلارنىڭ جۆرىسى خورلاش،تاشلىۋېتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ھەق-تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارى يوق بىر تەرەپنىڭ جىسمانى ھوقۇقى ياكى مال-مۈلۈك ھوقۇقىغا زىيان يەتكۈزسە،ۋەسىيلىك سالاھىيتىگە ئېگە كىشلەر ئالاھىدە تەرتىپ بويىچە ۋەسىيلىك مۇناسىۋىتىنى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ؛ ئۆزگەرتىلگەندىن كىيىنكى ۋەسىيسى ھەق-تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارى يوق بىر تەرەپكەۋەكالىتەننىكاھتىن ئاجىرىشىشنى تەلەپ قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كىرەك.
9-ماددا:ئەر تەرەپ ئايالىنىقورساقتىكى بالىنى چۈشۈرۋېتىپبالىلىق بولۇش ھوقۇقۇمغا دەخلى قىلدى دەپ تۆلەم تەلەپ قىلسا،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللاشقا بولمايدۇ؛ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئوتتۇرسىدا بالىلىق بولۇش-بولماسلىق ھەققىدە ماجرا يۈز بەرگەندىن كىيىن،ھېسياتنىڭ بۇزۇلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ،بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىشنى تەلەپ قىلسا،سوت مەھكىمىسى كېلىشتۈرۈش ئۈنۈمسىز بولغاندىن كىيىن ،نىكاھ قانۇنىنىڭ 32-ماددىسى 3-تارمىقى 5-تۈرىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىر تەرەپ قىلسا بولىدۇ .
10-ماددا:ئەر-ئايال خالىغان بىر تەرەپتىن نىكاھقا تىزىملىتىشتىن ئىلگىرى كۆچمەس مۈلۈكنى ئېلىپ- سېتىش توختامى تۈزىگەن بولسا،شەخسى مۈلۈك نامىدا دەسلەپكى پۇلىنى تۆلىگەن ھەم بانكىدىن قەرز ئالغان بولسا،نىكاھلانغاندىن كىيىن ئەر-ئايال ئورتاق مۈلكىدىن سۈپىتىدە قەرزنى قايتۇرغان بولسا،كۆچمەس مۈلۈك نىكاھلىنىشتىن ئىلگىرى كىمنىڭ نامىدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان بولسا،نىكاھتىن ئاجراشقان ۋاقتىدا بۇ كۆچمەس مۈلۈك ئىككى تەرەپ كېلىشپ بىر تەرەپ قىلىدۇ . )*ئىككى تەرەپ ئالدىنقى ماددا بويىچە كېلىشىش ھاسىل قىلالمىغاندا،خەلق سوت ەھكىمىسى بۇ كۆچمەس مۈلۈكنىڭ ئېگدارلىق ھوقۇقى تىزىمغا ئالدۇرۇلغان تەرەپكە تەۋە،تېخى تۆلەپ بولالمىغانقەرز قىسمىنىمۈلۈك ھوقۇقى تىزىمغا ئېلىنغان بىر تەرەپنىڭ شەىسى قەرزىگە تەۋەقىلىپ ھۆكۈم چىقارسا بولىدۇ.ئىككى تەرەپ نىكاھ داۋاملىشىش مەزگىلىدە تۆلىگەن قەرزنى ۋە ماس ھالدىكىئاشقان قىممەت قىسمىنى، نىكاھتىن ئاجراشقان ۋاقىتتا نىكاھقانۇنىنىڭ 39-ماددىسى 1-تارمىقىدىكى بەلگىلىمە بويىچە ،مۈلۈك ھوقۇقىنى تىملاتقان بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپكە تولۇقلىما بەرسە بولىدۇ .
11-ماددا:بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنىڭ رۇخسىتىنى ئالماي ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكىنى سېتىۋېتىپ ،ئۈچىنجى كىشى ياخشى نىيەتتە سېتىۋېلىپ مۇۋاپىق باھا بىلەن پۇللىرىنى تۆلىگەن ۋە ئۆزمۈلۈك ھوقۇقىنى نامىغا ئۆتكۈزگەن بولسا،يەنە بىر تەرەپبۇ ئۆينى قايتۇرۋالىمەن دىسە ،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللاشقا بولمايدۇ. ئەر-ئايالدىن خالىغان بىر تەرەپ ئورتاق مۈلۈكنى سېتىۋېتىش ئارقىلىق يەنە بىر تەرەپكە زىيان كەلتۈرگەن بولسا،نىكاھتىن ئاجراشقان ۋاقىتتا يەنە بىر تەرەپ زىياننى تۆلەشنى تەلەپ قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كىرەك. 12-ماددا:نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە ،ئەر-ئايال ئىككى تەرەپ ئورتاق مۈلۈكتىن مەبلەغ چىقىرىپ ،ئەر-ئايالنىڭ خالىغان بىر تەرەپنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۆي ئىسلاھاتىغا قاتنىشىش ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۆينى سېتىۋالغان بولسا،ئۆينىڭمۈلۈك ھوقۇقىبىر تەرەپ ئاتا-ئانىسىنىڭ نامىدا بولۇپ،نىكاھتىن ئاجراشقاندا يەنە بىر تەرەپ بۇ ئۆينى ئورتاق-مۈلۈك قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلسا،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللاشقا ئېرىشەلمەيدۇ.بۇ ئۆينى سېتىۋالغان ۋاقىتتىكى چىقارغان مەبلىغىنى قەرزدارلىق بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدۇ.
;
13-ماددا:نىكاھتىن ئاجراشقان ۋاقىتتا ،ئەر-ئايالدىن بىر تەرەپ تېخى پىنسىيەگە چىقماي ،ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئېلىشقا مۇۋاپىق كەلمىگەندە،يەنە بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجراشقاندا ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنى ئورتاق مۈلۈك قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا،سوت مەھكىمىسى قوللاشقا بولمايدۇ.نىكاھلانغاندىن كىيىن ئەر ئايال ئورتاق مۈلۈك ئارقىلىق تۆلىگەن بولسا،نىكاھتىن ئاجراشقاندا يەنە بىر تەرەپ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتا پۇلىنى نىكاھ داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە شەخسىلەر ئۆزى تاپشۇرغان قىسمىنى ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكى قاتارىدا بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلسا ،خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كىرەك.
14-ماددا:ئالاقىدارلار نىكاھلانغان ئورۇندا ئاجرىشىش ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىگە بېرىپ كېلىشىپئاجرىشىش شەرتى بىلەن ئورتاق مال –مۈلۈكنى بۆلۈشنى تەلەپ قىلىپ ،ئەگەر ئىككى تەرەپ كېلىشىپ ئاجرىشىالماي،بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجرىشىش دەۋاسىدا پۇشمان قىلسا ، خەلق سوت مەھكىمىسى بۇ مال-مۈلۈكنى بۆلۈشۈش كېلىشىمىنى كۈچكە ئېگە بولمىدى دەپ بېكىتىشى كىرەك،ھەم ئەمىلى ئەھۋالغا ئاساسەن ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكىگە قارىتا مال-مۈلۈكنى بۆلۈش ئېلىپ بارىدۇ. '
15-ماددا :نىكاھ مۇناسىۋىتى داۋاملىشىۋاتقان مەزگىلدە،ئەر-ئايالدىن بىر تەرەپ مىراسقا ۋارىسلىق قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن قانۇن بويىچە ۋارىسلىق قىلىدىغان مىراستا،مىراسخورلار ئارىسىدا مىراس مۈلكىنى تېخى ئايريماي،نىكاھتىن ئاجرىشىش داۋاسىدا بىر تەرەپ مىراسنى بۆلۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسا،خەلق سوت مەھكىمىسى ئالاقىدارلارغا ئاۋۋال مىراسخورلار ئارىسىدا مىراسنى ئايرىپ بولغاندىن كىىيىن ئاندىن ئايرىم ئايرىم دەۋا قىلىشى كىرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپ قويىشى كىرەك.
(
16-ماددا:ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدا پۇل ئارىيەت ئېلىش كېلىشىمى تۈزۈلۈپ ، بىر تەرەپ ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكىدىن چىقىىرپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان ياكى باشقا شەخسى ئىش قىلىشقا ئىشلەتكەنبولسا،ئىككى تەرەپنىڭ ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكىنى بىر تەرەپ قىلغان ھەركىتى دەپ قارىلىپ ،نىكاھتىن ئاجراشقان ۋاقىتتا ئەر-ئايال ئىككىسىنىڭ پۈتۈشكەن پۈتىمى بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. ‑:,
17-ماددا:ئەر-ئايال ھەر ئىككى تەرەپتە نىكاھ قانۇنى 46-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن سەۋەنلىك كۈرۈلۈپ ،بىر تەرەپ نىكاھتىن ئاجراشقاندايەنە بىر تەرەپكە زىياننى تۆلەش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا ،سوت مەھكىمىسى قوللاشقا بولمايدۇ . ,
18-ماددا:نىكاھتىن ئاجراشقاندىن كىيىن ،بىر تەرەپ ئەر-ئايالنىڭ تېخى بۆلۈشۈپ بولالمىغان مال-مۈلكىنى سەۋەب قىلىپ خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا،بۇ مال-مۈلۈكنىڭ نىكاھتىن ئاجراشقان ۋاقىتتىكى بۆلۈنمىگەن ئورتاق مۈلۈك ئىكەنلىكى تەكشۈرۈپ ئېنىىقلانغاندىن كىيىن ،خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە بۆلۈپ بەرسە بولىدۇ.
19-ماددا:بۇ ئىزاھات ئەمىلىيلەشكەندىن كىيىن ،ئالى خەلق سوت مەسكىمىسى بۇرۇن چىقارغان مۇناسىۋەتلىك ئىزاھات بۇ ئىزاھات بىلەن توقۇنۇشۇپ قالغىدەك بولسا،بۇ ئىزاھاتنى ئاساس قىلىنىدۇ.
4-ئاينىڭ 22-كۇنى دۇنيا قانۇنچىلىق تەشۋىقاتى كۇنى. قانۇنچىلىق تەشۋىقاتنى كۇچەيتىپ خەلق ئاممىسنىڭ قانۇنى ھۇقۇق مەنپەتىنى قۇغداش ئۇچۇن تىرىشايلى . شىنجاڭ دىنار دەرياسى ئادۇۋكاتلار ئۇرنى 24 سائەت قانۇندىن مەسلىھەت بىرىش تىلفۇنى 18299819854 توردا مەسلىھەت بىرىش 1471561935 ( ماتىريال يۇللاش شەكىلدە مەسلھەت بىرىلىدۇ)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alabag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-17 08:20 PM
|
|
|
|
|
|