مۆمىنلىكنىڭ يەنە بىر كۈرۈنىشى ھەمىشە ياخشىلىققا ئىلىنىش،ياخشى نىيەتلەرگە رىغبەت قىلىش،ھىچبولمىسا بىراۋنىڭ ھەققىگە سەمىمىي دۇئالار قىلىشتۇر.تەڭرى بەندىللىرىنى ئالاھىدە ياخشىلىققا چىللايدۇ ھەم ئۇلارنى سۆيگىنىدىن شۇنداق قىلىدۇ.ئۇنىڭ چاقىرىقلىرىنىڭ ۋەزنىدە بىزگە ئاتالغان مۇكاپاتلار ۋەدىسى باردۇر.دەيلى،سىز بىراۋغا مۇرەۋۋەت كۆرسەتتىڭىز.شۇ زامانلا قول ،تىل ۋە دىلىڭىز بۇنىڭ ئۈچۈن سىزنى ئالقىشلايدۇ.چۈنكى ،ئۇلار ساۋاپ ئىشلار ئۈچۈن يارىتلغان ئىدى،سىز ئۇلارنىڭ يۈزلىرىنى ھەقىقەتەن يۇرۇق قىلدىڭىز .تەڭرىنىڭ بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن مۇكاپاتى تەييار،بۇ بىر.ئىككىنچىدىن،سىز خۇرسەن قىلغان ئادەمنىڭ خوشاللىقى ،رازىلىقى تەڭرىنى يەنە رازى قىلىدۇ.بۇمۇ تەڭرىنىڭ يېڭى تارتۇقى سىزگە كېلىۋېتىپتۇ،دىگەنلىك .يىغىپ ئېيتقاندا ،كىمنىدۇر خوشال قىلىسىز-يۇ ئۆزىڭىز ئاۋال يايراپ قالىسىز.كۆرىسىزكى،ئۆزىڭىزدە ۋە خۇرسەن قىلغان كىشىڭىزدە بۇ كەيپىيات تۈپەيلى يېڭى -يېڭى ياخشى نىيەتلەر تۇغۇلىدۇ.تەڭرى ئېيتىدۇ:«ئەگەر بەندەم ماڭا بىر غېرىچ يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىرگەز يېقىنلىشىمەن ئەگەر بەندە ماڭا بىر گەز يېقىنلاشسا مەن ئۇنىڭغا بىر ۈۇلاچ يۈرىمەن.ئەگەر ئۇ مەن تامانغا مېڭىشقا باشلىسا ،مەن ئۇنىڭغا قاراپ يۈەۈرەيمەن».بىراۋغا قىلغان بىر مۇرەۋۋىتىمىزگە جاۋابەن ئۇن تۆھپە تاييار تۇرۇپتۇ.ئەمدى ئېيتىڭچۇ بۇرادەر،بىز ھەر دائىم بىر بىرىمىزگە مۇرەۋۋەت بىلەن ياشاۋاتىمىزمۇ؟
بىرەر ياخشى ئىشنى باشلاپ قۇيۇپ ،ئەمما ئىككىلىنىپ تۇغنلارغا رىغبەت بەرسىڭىز،كۈچىگە كۈچ قۇشۇلىدۇ.ئىمارەت سېلىۋاتقۇچىغا ياخشى تىلەك بىلدۈرسىڭىز،خۇددى تىللا بەرگەندەك بولسىز.بىراۋلاردىكى پەزىلەتنى سەزگىنىڭىزنى ئۆزىگە سەزدۈرسىڭىز،سەپداشلىرىڭىزنىڭ ياخشى ئىشلىرىنى تەبرىكلەشنى بىلسىڭىز ۋە ئۇلار ھەققىدە ئەتراپقا ياخشى ھىكايەتلەرنى ئېيتىپ يۈرسىڭىز،ئۇنىڭ ئەمەس،ئۆزىڭىزنىڭ باھايى ئاشىدۇ.بىر بىرىنى يۆلەپ ياشاش بەختى،قۇشتەك ئۇچۇپ،يايراپ ياشاشنىڭ لەززىتى مانا شۇ!
بۇرادەر.دەرۋازىلارنى تاقىلدىتىڭ،ئىشىك ئاچقانغا بارمۇ سەن قۇياشىم،دەڭ.تېلىفۇن جىرىڭلىسا،كېلىۋاتقان ئاۋازغا يۈرۈكىڭىزنى تۇتۇڭ ۋە چىن دىلىڭىز بىلەن ئەھۋال سورىشىڭ.يېنىڭىزدىن ئۆتۈپ بېرىۋاتقانلارغا پىچىرلاپ دۇئا قىلىڭ.ئۇلار سىزنىڭ ئەتراپتىكى ئۈستۈنلىرىڭىزدۇر.ئۇلار باركى،سىز يۇقىرىغا يۈرىسىز.مەنمۇ قوللىرىمنى ئالقىنىڭىزغا قۇيۇپ تۇرۇپتىمەن.يۈرۈكۈمنىڭ تۇمۇرلىرىڭىزغا تامچىۋاتقىنىنى بىلىۋاتامسىز، بۇرادەر؟
بۇ ئەسەرلىرى ھاياتىمغا تۇنجى كۆرىنەرلىك تەسىر قىلغان ئۆزبېكىستان يازغۇچىسى تۇسۇنئاي سادىقوۋانىڭ مەن ياقتۇرغان بىر ئەسىرىدىن ئۈزۈندە.
نىمە دىگەن تاتلىق،ئىسىل ،تېتىملىق قۇرلار بۇ،قېنى قايسىمىز بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقىنىمىزدا ئاشۇ بۈيۈكلۈكنىڭ شەھى بولمىدۇق،قايسىمىز ئاشۇ چىن سۆيگۈ مۇھەببەتنىڭ،باغرى مۇرەۋۋەتلىكنىڭ ئاسمىنىدا ئەركىن پەرۋاز قىلمىدۇق.ئاشۇ ياخشىلىقنىڭ ئۆزىمىزدە بولماقلىقىنى ،ياراتقۇچىمىزغا بۇ يول ئارقىلىق پاكىز يۈزلەنمەكنىڭ كويىدا بولمىدۇق.ئەلۋەتتە بولدۇق.كىمنىڭ يامان بولغۇچى بار دەيسىز.بەزىدە ئۆزلىرىمىز بىلىپ بىلمەيلا بەزى ھەسەت،قەستلارنىڭ قۇربانى بۇلۇپ قالىدىغىنىمنى ھەم تەن ئالىمىز ئەلۋەتتە.ئەمما بۇ قانداقمۇ بىزلەرنىڭ،بىزدەك قەلبى ئاق،دىلى پاكلارنىڭ تۇتار يولى بولسۇن.
بۇ قېتىملىق مەشرەپ پىروگىراممىسىدا دولقۇن جاپپار تېكىستىگە ئېلى ئاقنىياز مۇزىكا ئىشلەپ پەخىرلىك ناخشىچىمىز ئابدۇللا ئابدۇرەھىم ئاكىمىز ئېيتقان « بارلىقىمنى بېرەي ساڭا»دىگەن ناخشا دىققىتىمنى تارتتى.
بارلىقىمنى بېرەي ساڭا
كەل قەدىردان قۇلۇڭنى بەر،قەلبىمنى بېرەي،
ھايات شىرىن مۇھەببەت مېھىرمنى بېرەي.
تىك ياشىغىن نىسىۋەڭ بار ئايدا قۇياشتا،
دىل بېغىڭىغا ھارارەتتىن تەپتىمنى بېرەي.
ى
داستىخان سالاي خامىنىڭنى سوقسا جۇت بوران،
چاي ئىچەيلى بىر چىنىدىن تۇرۇپ يانمۇ يان.
ئالتە كۈنلۈك قونالغۇ بۇ ھەممىمىز مېھمان.
ئادەملەرگە ئادىمىلىك قەرزىمنى بېرەي.
ە
گەر چاڭقىساڭ مېنىڭ بۇلاق،بۇلاق دەپ بىلگىن،
قانات قاقساق يەنە سۈزۈك ئاسمان دەپ بىلگىن.
غەملەنمىگىن مۈشكۈلۈڭدە خاقان دەپ بىلگىن،
ئاتەش قوللار ساڭا تاجۇ تەختىمنى بېرەي.
ە
مېھرى ۋاپا ئېقىن بۇلۇپ قالسۇن يۈرەككە،
چىن سۆيگۈدىن تولسۇن ئالەم گۈل ۋە چېچەككە.
نىمە يەتسۇن بۇ ئالەمدە باغرى كەڭلىككە،
تەڭ كۈلەيلى كېرەك قىلساڭ بەختىمنى بېرەي.
ھەقىقەتەن ئىسىل مىسرالار ھە.مىسرلارلا ئەمەس.شۇ مىسرالارنى تۈزگەن.ئاقلىق ھەم ئاشۇ پاكلىقنى ئۆزىدە مۇجەسسەملىگەن قەلىپ ئىگىسى بولىمىش قەدىردانلىرىمىز،قېرىنداشلىرىمىىز ئىسىل.
ئەشۇ ئېسىللىرىمىز ،قەلىپداش،دىلداش،پىكىرداش،مەسلەھداش قېرىنداشلىرىمز ھوزۇرىغا مەن ياقتۇرغان ئاشۇ ئېسىل كۈينى سۇندۇم.كۈينىلا ئەمەس ئاشۇ كۈيدەك قەلبىمنى يۈرۈكۈمنى سۇندۇم. قېنى قېرىندىشىم قۇلىڭىزنى بېرىڭچۇ ھەممىز بىرلىكتە شۇ ئېسىل كۈيگە توۋلايلى،جاھاننى ئاشۇ مىھىر مۇھەببىتىمىز بىلەن تېخىمۇ ئىللىتايلى.
(بەلىكىم نۇرغۇنلىرىمىزنى بىر قاراپلا ئويلىشى مۇقەرەر،يەنىلا نان نىسەڭ قورساق تويىدۇ دىگەندەك گەپلەر.كىم بۇنىڭغا ئەمەل قىلسۇن...لىكىن يادىڭىزدا بولسۇن،مەن ئەمەل قىلاي،سىز ئەمەل قىلسۇن،يەنە بىرسى ئەمەل قىلسۇن.مۇشۇنداق توپلانساق يەنە ئەمەل قىلمايدىغان،بىزگە قوتۇلمايدىغان كىم چىقار...)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا qaxmazulal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-17 06:46 PM