  | 
					  | 
					  | 
					 
					  | 
					
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
 
روسىيە خەۋەرلەر تورىنىڭ 16 - چىسىلادىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا ، روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى مۇنۇلارنى ئىپادىلىدى : روسىيە ئارمىيەسى 40 دىن ئارتۇق ئۇرۇش بومباردىمانچى ئايرۇپىلانىنى ھەركەتلەندۈرۈپ ، ياپۇنىيە دىڭىز چىگراسى بويىدىكى روسىيە چىگراسىدا 5 كۈنلۈك مانۋىر ئۆتكەزمەكچى . بۇ قىتىملىق يىرىق مۇساپىلىق ھاۋا مانۋىرى 16 - چىسىلا ئەتىگەندە باشلىنىدۇ ، مانۋىر مەشىقى يىراق مۇساپىلىق بومباردىمان قىلىش ، ھاۋادا چارلاش ، ھاۋادا ماي قاچىلاش ، باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بىرىشقاتارلىق تۈرلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ .  
بۇ قىتىملىق مانۋىرغا تەخمىنەن 30 دانە رەسىمدىكى 95 تىپلىق بومباردىمانچى ئايرۇپىلان ، 10 دانە رەسىمدىكى 22M3 تىپلىق بومباردىمانچى ئايرۇپىلان ، 2 دانە L-78  تىپتىكى ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايرۇپىلانى قاتنىشىدۇ . ياپۇنىيە بۇ قىتىملىق مانۋىرغا ئىنتايىن دىققەت قىلماقتا . بۇنىڭدىن بۇرۇن 2012 يىلى 2 - ئاينىڭ باشلىرىدا ، روسىيەنىڭ 5 ئايرۇپىلانى رەسىمدىكى 2 دانە 95 تىپلىق ئايرۇپىلان ، 2 دانە 4 2-SU تىپتىكى ئايرۇپىلان ۋە 1 دانە A-50 تىپتىكى ئالدىن سىگنال بەرگۈچى ئايرۇپىلان ياپۇنىيە تەۋەسىگە يىقىن يەردە ياپۇنىيەنىڭ ھاۋادا قوغدىغۇچى ئايرۇپىلان ئەترىتىنىڭ نازارەت قىلىشىغا ئۇچرىغان .  
 
مەنبە : 环球网  
 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   karligaq410 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-17 04:40 PM   
 
  | 
					  | 
					 
					  | 
					  | 
					  |  
  |