مەتو دوستۇمغا ئۇچۇق خەت
ساتىرا
دوستۇم ساڭا بەك موھىم سوزلىرىم بار ئاڭلىغىن،
مەتولۇقنى بولدى بەس ،ئەمدى تامام تاشلىغىن،
بەك پۇشۇردۇڭ ئىچىمنى ئاڭلاپ ھەيران قالمىغىن،
كېچىكمەيسەن ئۆزگەرسەڭ خەقتىن كىيىن قالمىغىن.
*
زامانىۋى جاھان بۇ زامانىۋى يۈرۈپ قوي،
ماسلىشىپ ھەم دەۋىرگە ھايات پەيزىن سۈرۈپ قوي،
خەق قەيەردە سەن نەدە كۆزۈڭ ئېچىپ كۆرۈپ قوي،
ئارتۇق ئەمەس سۆزلىرىم ،كەل دوستتۇڭنى سۆيۈپ قوي .
*
قاچانغىچە بۇرادەر سەن زاماندىن دادلايسەن،
خۇددى ئۆچۈڭ باردەكلا بۇ زامانغا باقمايسەن.
تولا پەش قىپ ئۆتمۈشنى كونىلىقنى ياقلايسەن،
تۇماق بىلەن دۇپپىنى ئېيتقىن قاچان تاشلايسەن؟.
*
سۆزلەپ بېرەي مەن ساڭا "زامانىۋى"ئۇقۇمنى،
يۇقتۇرايچۇ ساڭىمۇ "مەدەنىيلىك"يۇقۇمنى.
ئالماشتۇرغىن كاستومغا ئۇچاڭدىكى" توقۇم"نى،
دورالمىدىڭ ئەجەپمۇ راستىن ئېيتسام پوقۇمنى.
*
چاقىردىغۇ ھۆكۈمەت زامانىۋى بولغىن دەپ،
سېنىڭ بىلەن مېنىڭكى ئەنە شۇنداق غېمىن يەپ.
ئىشەنمىسەڭ ئاڭلىغىن ھەممە يەردە شۇلا گەپ،
مۇقام- ساما ئورنىغا ئالماشتۇردۇق شۇڭا رەپ.
*
قارا ئاكاڭ قارغايغا قويىۋەتتىم چېچىمنى،
بويىۋالدىم سېرىققا چېچىمدىكى ئېقىمنى.
ئاڭلىغۇم يوق زادىلا ئۇنداق مەتو ئىسىمنى،
"زاكوفۇ"غا ئۆزگەرتتىم "زاكىر" دىگەن ئېتىمنى.
*
چاقىرىمەن قىزىمنى" شاكىرا "دەپ يېقىملىق،
چۈشەر قىزىم دېسكوغا كېچىكتۇرمەي رېتىملىق.
ئەركىلەتسەم "خالو"دەپ كۈلۈپ بېرەر بەك ئىللىق،
مېنى تاتتى ئوغلۈممۇ يېتىشلىك ھەم تېتىملىق.
*
نەزىر –چىراق، توي-تۆكۈن رېستۇرانغا جايلاشتى،
بىلىسەنغۇ ئۆزۈڭمۇ خەقلەر شۇنداق "باي"لاشتى.
ئىجاد بولۇپ يېڭىلىق قىز-چوكانلار" چاي"لاشتى،
گۈزەللىككە ئىنتىلىپ يۈز -كۆزىنى مايلاشتى.
*
ياۋرۇپاچە پاسۇندا بىزەپ قويغىن ئۆيۈڭنى،
چايناپ تۇرماي تىلىڭنى ئۆزگەرتكىن ھەم سۆزۈڭنى.
باققىن يەنە ئەتراپقا ئاچقىن دەيمەن كۆزۈڭنى،
ئۆزلۈك ھەمدە خاسلىق دەپ قىيناۋەرمە ئۆزۈڭنى.
*
بولۇپ كەلدىڭ سادىق ئەر ،رەڭلىك سۆرۇن يات ساڭا،
تېنىچ ئاققان ئېقىندەك دولقۇنلۇرۇڭ يوق ئاڭا.
‹مەدەنيەتلىك› جاھان بۇ سەندەك ئاخماق يوق يانا،
ئېچىنمىدىڭ ئۆمرۈڭگە،يا بولمىدىڭ ئەۋلىيا.
*
مەدەنىيەتنىڭ بەلگىسى تانسا ،رامبۇ،ئاتلوشكا
ئىچەلىسەڭ مەي- شاراپ ،چېكەلىسەڭ تاماكا.
ياسىتىۋال ئۆزۈڭگە كۆركەم قىلىپ كارتوشكا،
ئايالىڭغا ئېلىپ بەر ،ئەرمەك قىلىپ ئاپشاركا.
*
پولو ،مانتا،لەغمەن يەپ ئوتتى ئۆمرۇڭ يېرىمى،
(يوقمىكىنتاڭ بىلمىدىم يېڭىلىقنىڭ سېزىمى)،
تېتىپ كۆرگىن سەنمۇ ھەم مالاچۇەرنى،خوگۇنى
يەپ باققاندا بىلەرسەن ئۆزگە يەمنىڭ تەمىنى.
*
گۈزەللىكنىڭ ئۆلچىمى قىسقا يوپكا،ئۇچۇق بەل،
نەزەر سالغىن ئەتراپقا كېرەك قىلساڭ ئۇمۇ تەل .
"ھايات دىگەن مانا شۇ"ئۇرۇپ قوياي ساڭا يەل،
(ئىچىڭ قاخشال بولسىمۇ ،تاشلىرىڭغا بەرگىن ھەل).
*
يەنە دىسىم يەنە شۇ مەدەنىيرەك بول ئاداش،
بۇ كۈنلەردە بەك ئازدۇر ساڭا مەندەك بىر قاياش،
لايىق كۆرسەڭ سۆزۈمنى كەل بولايلى بىز يولداش،
بىز ئۈچۈنلا چاقنايدۇ ئاسماندىكى زەر قۇياش.
ئۆز يازمام