ئۇ مېنىڭ دادام ...ئېسىمنى بىلسەم چاپىنىنىڭ ئىچىگە دائىملا بىر نەرسىلەرنى تىقىپ ئېلىپ كىرىدىغان ،مېنى كۆندۈرۈپلا قويغاچقىمۇ بىر ھازا يىغلىتىپ ئاندىن ماڭا ئالغاچ كىرگەن نەرسىسىنى ئەپ بېرەتتى ....مېنىڭ يىغاممۇ ئۇنىڭغا شۇنچىلىك بەخىت ئەپ كەلسە كىرەك...
ئۇ مېنىڭ دادام قاچىسىغا چىققان بىر قانچە تال گۆش قىيمىسىنى تۇيمايلا قۇشۇق بىلەن ئېغىزىغا سېلىپ سالسا يانغۇرۇپ چىقىرىپ ئېغىزىمغا سېلىپ قوياتتى .........ئەتىمالىم گېلىدىنمۇ ئۆتمىگەن ئىكەن .
ئۇ مېنىڭ دادام ...مەكتەپتىن كېلىپلا قۇچىقىغا چىقىپ شوخلۇق بىلەن ئاشۇ ئاپئاق ساقىلىنى ئويناپ كەتكىنىمدە يۇلىنىپ كەتسىمۇ ئاغرىنماي ئەكسىچە مەن بىلەن تەڭ كۈلۈپ كەتكەن ......ئەتىمالىم مېنىڭ كۈلكەم ئۇنىڭغا خۇشاللىق بەرسە كېرەك...
ئۇ مېنىڭ دادام...سەكراتتا ياتقان ۋاقتىدا بىر مەن ئەركە قىزىنىڭ قولىنى چىڭڭىدە تۇتۇپ تۇرۇپ كۆزىنىڭ جىيەكلىرىدىن ياش ئاققۇزغان ...ئەتىمالىم چىقىۋاتقىنى يۈرىكىنىڭ يىغىسى ....مېنىڭ شوخلىقلىرىمغا كۆنۈپ قالغان مېنىڭ ئەركىلەشلىرىمگە كۆنۈپ قالغان مېنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ تاتلىققىنە چۇرقىراپ تۇرۇپ ھېكايە سۆزلەشلىرىمگە كۆنۈپ قالغان دادام ماڭا قىيمىغان بولىشى مۇمكىن ........چۈنكى مەن كىچىككىنە قىز ئىدىم ........
********** ********** ************* ************** ***************
شۇ كۈنى پەقەت ئىسىمدىن چىقمايدۇ. .يېزىلىق ھۇكۇمەتنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرغان كەنىتلەردىكى تۈرلۈك مۇئامىلىلەرنى يىغىش خىزمىتىگە بىر ئايلىق ئاجرىتىلغانىدىم .ئۇ 11-ئاي مەزگىلى ئىدى.ھەر كۈنى دىگۈدەك دىھقانلاردىن ئاڭلاۋاتقان تۈرلۈك پىكىرلەر ئاساسەن ئوخشاش دىگۈدەك ئىدى .بەزىلىرىنى ھەل قىلىپ ماڭالايتتۇق بەزىلىرى يۇقۇرى قاتلاملارغا بېرىپ تاقىشىدىغان ئىشلار ئىدى .ئايىغى چىقماس خاتىرىلەرگە چىرايلىق خاتىرىلەپ قۇيۇپ ،بىر-بىرلەپ سۈزمە قىلىپ يىغىلماي قالغان تارىخى يىللار دىن بۇيانقى قالدۇق قەزىرزلەرنى يىغىش مانا شۇنداق داۋام قىلۋاتاتتى.بەزىدە شۇ يۇۋاش دىھقانلارنىڭ تىل ئاھانەتلىرىگىمۇ بارا- بارا كۈنۈپ قېلىۋاتاتتۇق .مەن ھەر كۈنى ئىشتىن يېنىپ كەچ بۇلىشىغا قارىماي چوڭ ئۆيگە كىرىپ دادام بىلەن مۇڭ ئەسرالىشاتتىم .مەندىن قانداق مەسىلىلەرگە يۇلۇققىنىمنى ،قانداق ھەل قىلغىنىمنى سۇرايتتى .دائىملا دەيدىغىنى سىز كىچىك ھەم ئەركە چوڭ بۇلۇپ قالدىڭىز قىزىم .دىھقانلارنىڭ كۈنىنىڭ قانچىلىك جاپالىق ئىكەنلىكىنى بىلمەيسىز .يۇقۇرى تۈۋەندىكى تۈرلۈك بېسىملار ھېلىمۇ ئۇلارنى ھاردۇرمىدى .ئايىغى تۈگىمەس ئۆزگىرىشلەرگە شۇ بىچارىلەر چىداپ كىلىۋاتىدۇ .مىجەزىڭىزنى ئىتتىك قىلماڭ ئېغىر بېسىق بۇلۇڭ قۇلىڭىزدىن كىلدىغان ياخشىلىق بولسا ئايىماڭ قىزىم .دەپ جىكىلەپ تۇراتتى .بۇ سۆزلەر مىنىڭ يۈرىگىمگە سىڭىپ كەتكەچكىمۇ شۇ دىھقانلارنىڭ قاتتىق قۇرۇق گەپلىرىنى ئېغىر ئالمايتتىم .
رەھمەتلىك دادامنىڭ مەن كىرگۈچە خۇددى كىچىك ۋاختىمدا ساقلاۋاتقان كۈنلىرىگە ئۆخشاش مىنى كۈتۈپ ئولتۇرغان قىياپىتى .شۇ ئادىمىيلىك توغرىسىدكى تەبىھنەسىھەتلىرىمۇ ھېلىقىدەك كۆز ئالدىمدا تۇرۇپتۇ . ئىشىك ئالدىدىكى شۇ ئۈژمە دەرىخى،دەرەخنىڭ يېنىدىكى ئېرىق بويىدىكى گۈللۈككە يانداش قويۇلغان ياغاچ ئورۇندۇق ھېلىمۇ شۇ پېتى تۇرىدۇ.كىچىك ۋاختىمدىكىگە ئوپمۇ ئوخشاش پەقەت يوقلۇق بولغىنى رەھمەتلىك دادام ،دادام تاكى بۇ ئالەمدىن ۋىدالاشقان شۇ كۈنگە قەدەر ھەر كۈنى شۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇراتتى .مەن ناماز ۋاقىتلىرىغا توغرا كىلىپ كىرىپ قېلىشتىن قورقاتتىم .چۈنكى شۇنداق چاغلاردا دادام مەسچتىتە بولاتتى، شۇكۈنى مەن ئىشلەۋاتقان يېزىنىڭ ئەك چەت بىر كەنتىگە بارغانىدىم بىز گۇرۇپپا بولۇپ تەشكىللەنگەنلەر ھەرقايسى پونكىت ئورۇنلاردىن بولۇپ ھەر بىر گۇرۇپتا سەككىزنەپەر كادىر ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى. كەنت ئىشخانىسى لىققىدە ئادەملەر بىلەن تولغان ،خىلمۇ –خىل ئاۋازلار ئىچىدە مەن بېشىمنى كۆتۈرمەي ئالدىراش ھۆججەت يېزىپ ئولتۇراتتىم.ئەتراپىمدىكى كىشىلەرئىچىدە كىملەردىندۇ ئاغرىنىۋاتقانلار مۇ،كىملەرنىدۇ تىللاۋاتقانلارمۇ،ھەرخىل مۇزاكىرىگە چۈشۈپ كەتكەنلەرمۇ بار ئىدى .بۈگۈن مېنى نىمىشقىدۇر بىر خىل جىددىلىك قاپلىۋالغاچقىمۇ باشقىلارنىڭ گەپلىرى ئانچە قۇلۇغۇمغا كىرمەيتتى.پۈتۈن ئىسيادىم بىلەن ماڭا ھۆججەت يېزىپ بىرىش ئۈچۈن ساقلاۋاتقان كىشىلەر ئۈچۈن ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتىم .سائەت توققۇز بولغان ۋاقىت تىلفۇنۇمنىڭ سايرىشى بىلەن قولۇمنى ئىشتىن توختىپ تېلېفوننى ئالدىم .تېلېفون چوڭ ئاچامدىن كەلگەن ئىدى.ۋاراڭ چۇرۇڭ قاپلاپ كەتكەن بۇ كىچىك ئىشخانىدا ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقىنىنى دەماللىققا ئاڭقىرالمىدىم ،ئەمما قۇلاق تۈۋىمدە بىرلا سۆز «دەرھال دوختۇرخانىغا كىر..دادام.....»..تۇرغان يېرىمدە لەسسىدە ئولتۇرۇپ قالدىم.كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ مەن چەكسىز بىر قاراڭغۇلۇققا كىرىپ كەتكەندەك بولغىنىم ئېسىمدە...باشقىلار تېلېفوننى ئېلىپ،ئەھۋالنى ئۇقۇپ، مېنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ، ماشىنا بىلەن دوختۇرخانىغا ئېلىپ كىرىپتۇ .ئەمما شۇ قىسقىغىنە ۋاقىت مەن ئۈچۈن پۈتۈنلەي توختاپ قالغان ھېچنەرسە ئېسىمدە يوق ئىدى .دوختۇرخانا دەرۋازىسىدىن كىرگەندە ئازراق ئېسىمگە كەلدىم .ماشىنىدىن ئېتىلىپ چۈشۈپ بار كۈچۈم بىلەن يۈگىرەيتتىم .بىراق قايسى تەرەپكە مېڭىشنى بىلەلمەي ھەر تەرەپكە قاراپ تىۋىناتتىم .جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىنىڭ ئالدىغا كەلگىنىمدە ،تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر مەنزىرە كۆز ئالدىمدا نامايەن بولدى.پەلەمپەيدىن كارىۋاتقا ياتقۇزۇقلۇق ھەممە يىرىنى ئاق رەخ بىلەن ياپقان بىرسىنى كۆتۈرۈپ ئاكىلىرىم چۈشىۋاتاتتى .يىغا زار ئە تراپنى بىر ئالغان، ئاچىلىرىمنىڭ ئاۋازى دىن كارىۋاتتا ياتقان كىشىنىڭ مېنىڭ جانىجان دادام ئىكەنلىگىنى بىلگىنىمدە مېڭىشقا مادارىم قالمىدى.شۇ ئارىدا بىرسىنىڭ ئوقتەك كېلىپ مېنى قۇچاقلىغىنى ئېسىمدە...مېنىڭ دادام نەچچە يىل ئاۋۋال يىگىرمە نەچچە كۈن بىر تېمىم سۇ ئىچمەي سەكراتقا چۈشۈپ قېلىپ ئەزرائىل بىلەن ئېلىشىپ ئەمما يەنىلا قېشىمغا قايتىپ كەلگەن ئىدى.ئۇ شۇنچىلىك قەيسەر شۇنچىلىك چىداملىق ئىدى .مېنىڭ دادام رەھمەتلىك ئانامنىڭ قارىسىنى تۇتۇپ قىينالسمۇ نەچچە يىللارغىچە قايتا ئۆيلىنىشكە قوشۇلمىغان ئىدى .مېنىڭ دادام بالىلىرىغا شۇنچىلىك كۆيۈمچان مەسئۇلىيەتچان كۈلۈپلا تۇرىدىغان مىھرى ئىللىق دادا ئىدى .مېنىڭ دادام..... قانداقمۇ ئىشىنىمەن بۇنىڭغا ،تېخى ئون نەچچە سائەت ئالدىدا ئۇنىڭ بىلەن ھويلىدىكى كارىۋات ئۈستىدە ئولتۇرۇپ مۇڭداشقان ئىدىم .«ئۆيگە نەچچىلىك پۇل كاملىدى بالام ،نىمىشقا ماڭا دىمەيسىز ،ئالتۇن جابدۇق دىگەن ئايال كىشىنىڭ بىردىن بىر يۈلەنجۇكى بالام ،نۇرغۇن كۈنلە ئالدىڭىزدا تېخى، ئۇنى نىمىدەپ ساتتىڭىز؟ھازىرلا چىقىپ قايتۇرۋېلىڭ .يولدىشىڭىزغىمۇ دىمەڭ. »دەپ مىھرىۋانلىق بىلەن مىنىڭ يۈزلىرىمنى سىيلاپ تۇرۇپ يانجۇقىدىن ئونمىڭ يۇئەننىڭ چېكىنى ئېلىپ قۇلۇمغا تۇتقۇزۇپ قويغانىدى.ئۇنىمىسام چىرايىنى پۈرۈشتۇرۇپ تۇرۇپ«خاپا قىلماڭ مېنى قۇيۇڭ ئەركىلىكنى بالام ئەمدى سىزمۇ ئانا بۇلۇپ قالدىڭىز »دەپ زورلاپ سومكامغا سېلىپ قويغانىدى .ئۇ پۇل چېكى ھېلىمۇ دادامنىڭ قولى تەككەن پېتى سومكامنىڭ يان يانجۇقىدا تۇراتتى. ئەتراپ تولىمۇ سوغۇق، مەن مۇزلاپ كەتكەن قوللىرىمنى ئاستا تارتتىم ئەمما دەل شۇ پەيتتە مەن چىڭ تۇتۇپ ئولتۇرغان دادامنىڭ قوللىرى مىدىرلىغاندەك بولدى .ئۇف سىز ھاياتكەنسىز،سىز ھاياتكەنسىز دادا،مېنىڭ باغرىم دادا ،مېنىڭ ھاياتىم سىز، مېنى تاشلاپ كەتمەيدىغىنىڭىزنى بىلەتتىم ،شۇنداق دېگىنىمچە دادامنىڭ يۈزىدىكى ئاق رەختنى ئېچىپ ئۇنى چىڭڭىدە قۇچاقلاپ ھۆڭرەپ يىغلاپ تاشلىدىم .قىزىم يامان بولىدۇ كۆز يېشىڭىز مېيىتكە تىگىپ كەتمىسۇن ،كىمدۇر بىرى شۇنداق دېگىنىچە مېنى تارتىۋاتاتتى .شۇنچىلىك قوپاللىق بىلەن ئۇنى ئىتتىرۋەتتىم ،دادام ياتقۇزۇلغان كارۋاتنىڭ يېنىغا ئولشىپ ئولتۇرۇپ قۇشاق قۇشۇپ يىغلاۋاتقان ئاچىلىرىم ،كېلىنلەر ،ئۇرۇق –تۇققان ،قۇلۇم خۇشنىلار كۆزۈمگە كۆرۈنمەيتتى.ئارانلا چىقىرالىغان خۇشاللىق يېشىمنى يەنە يۇقىتىشقا ئۇرۇنغان شۇ ئايالغا شۇنچىلىك نەپرەت بىلەن قارايتتىم .شۇ چاغدارەھمەتلىك ئانامنىڭ بىر يېقىنى يېنىمغا كىلىپ ،«بۇ بالىنى رايىغا قۇيۇڭلار،بىچارە بالام يىغلىۋال بالام ،قانغۇدەك پۇرىۋال ،قانغۇدەك قۇچاقلىۋال،قورقىقى ئۈتۈپ كەتسە كىتەر،داداڭنىڭ ھىدلىرىغا قېنىۋال بالام» دەپ مېنى ئاستا يۈلەپ كارۋاتنىڭ بېشىغا ئەپ كىلپ قويدى،تاكى دادامنىڭ مېيىتىنى يۇيىمىز دەپ ئەپ كىرىپ كەتكىچە مەن ئاپپاق رەخىتكە ئۇراپ ياتقۇزۇپ قۇيۇلغان دادامنىڭ مېيىتىنى قۇچاقلاپ ئولتۇدۇم .قوللىرىم نى ئىچىگە تىقىپ يۈزلىرىنى سىيلايتتىم ،ئاپپاق ساقاللىرىنى ت،بارماقلىرىم بىلەن تارايتتىم .ئۇنى ئۇخلاۋاتىدۇ دەپ ئۆزۈمنى زورىغا ئالدايتتىم . تولىمۇ كىچىك بولسام كىرەك ،مەن ئالى مەكتەپكە كەتكۈچە ئۇنىڭ قوينىغا كىرىۋالاتتىم .دادامنىڭ ھىدىنى پۇرىمىسام ئۇيقۇم كەلمەيتتى،ئانام خاپا بۇلۇپ «چوپچوڭ بوپ قالدىڭىز،ئەمدى بۇنداق بالىلىق قىلماڭ قىزىم سەت تۇرىدۇ »دىسە ،دادامغا« ياستۇقىمدا يېتىپ بەرئەمىسە ھىدلىرىڭ سىڭگەندە ئاندىن ئايرىم ئۇخلىساممۇ مەيلى« دەپ تۇرۋالاتتىم .رەھمەتلىك دادام بۇ قىلىقلىرىمدىن ئالەمچە سۈيىنىپ كىتەتتى،ئۇ كەتتى ماڭا چەكسىز قايغۇ-ئەلەملەرنى،سېغىنىشلارنى سايە قىلىپ تاشلاپ كىتىپ قالدى .ھەر پەيشەنبە كۈنى ئۇنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ بارغىنىمدا ،بارچە سۆزلىرىمنى دەۋالىمەن .قەبرىگە تىكىلگەن نەشپۈت كۈچىتى ئاستىدا بىر ئۇرۇندۇق قۇيۇلغان ،ئۇرۇندۇقتا دادام ھەر پەيشەنبە كۈنى مېنى كۈتۈپ ئولتۇرىدۇ ،مەن ئۇنىڭ بىلەن قانغۇدەك مۇڭدىشىپ كىلىمەن .مەن ئۈچۈن بۈكۈن بەكمۇ قىممەتلىق بىر كۈن .
**************************************************************************
كىچىك چاغلىرىمدا دادمغا شۇنچىلىك ئەركىلەيتتىم ئۇزاق بوپتىكەن مەندە بۇنداق تەبىئىلىكلەر يۇقىلىپ كەتكىلى ، يەنە ئۇزاق بوپتىكەن كىچىك ۋاقىتلىرىمدىكىدەك ئۆزۈمنى بۇنچىلىك ئەركىن ھىس قىلىپ باقمىغىلى ...مەن شۇنىڭ ئۈچۈن شۇنچىلىك خۇشال،دادامنى سېغىندىم ،ئانامنىڭ كايىشلىرىنىڭمۇ ھەم شۇنچىلىك سېغىندىم،دادام بىلەن ئىككىمىز ئوينىشىپ ئۆينى بېشىمىزغا كىيەتتۇق ،دادام مەن مەكتەپتىن كەلگۈچە ئىشىك ئالدىدىكى ئۇرۇندۇقتا ئۈژمە دەرىخىگە يۈلىنىپ ئولتۇرۇپ مېنىڭ كىلىشىمنى توت كۆزى بىلەن ساقلايتتى.مەن تاقلاپ -سەكرەپ مەكتەپتىن قايتىپ كەلگىنىمدە ،مەھەللىدىكى كوچىدىن قايرىلىپ دادامنى ئۇرۇندۇقتا كۆرمىسەم ئۆيگە كىرىپ كەپسىزلىك قىلىپ چۇرقىراپ يىغلايتتىم.بەزىدە ئۇ ئىشىك كەينىگە قەستەن مۈكىۋېلىپ مېنى تېرىكتۈرەتتى.......سېغىندىم شۇ كەپسىزلىكىمنى .،،،كاشكى ھەممىنى كەينىگە قايتۇرغىلى بولسىدى ....كاشكى سىلەر ھېلىمۇ ھايات بولغان بولساڭ ئىدىڭلار.....كاشكى ئۆزۈمنى بۇنچە غېرىپ ھىس قىلمىغان، بۇنچىلىك ئەگرى تۇقايلىقلارغا يۇلۇقمىغان بۇلار ئىدىم .ھەممىسى اللانىڭ بەرگەن نېممىتى بۇنىڭغىمۇ شۈكرى
2012-يىل 16 - ئاپرېل ئۈرۈمچىدە يېزىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kuzum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-17 03:26 PM
|