يېقىندا ،مائارىپ مىنىستىرلىگى قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭداچۈئەننىڭ بىلدۈرىشىچە، مائارىپ مىنىستىرلىگى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەرىز قىلىش چارىسىنى تۈزۈۋاتقان بولۇپ، ئوقۇتقچىلار ناۋادا ئوقۇتۇش ھادىسلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلنىشى ۋە ئۆزىنىڭ ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنىش نەتىجلىرىگە قارىتا نارازى بولسا ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەرىز قىلىش چارىسىغا ئاساسەن ئەرىز قىلسا بولىدىكەن.
يېقىندا بېيجىڭ ئونۋېرسېتتى مائارىپ قانۇنى تەتقىتات مەركىزى بىلەن بېيجىڭ ئونۋېرسېتتى ئاساسى قانۇن ۋە مەمۇرى قانۇن تەتقىقات مەركىزى بىرلىكتە <مائارىپ مەمۇرى دەۋا نەزىريەسى ۋە ئەملىيەت> دېگەن مەزمۇندا ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئويۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىندا ،مائارىپ مىنىستىرلىگى قانۇن-تۈزۈم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭداچۈئەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەرىز قىلىش چارىسىنىڭ لاھيەسىنىڭ يېزىلىپ بولغانلىقى، جەميەتتىن ئاشكارە پىكىر ئېلىش باسقۇچىغا كىرگەنلىگىنى بىلدۈرگەن.
ۋاڭداچۈئەن تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەرىز قىلىش تۈزىمىنىڭ ئورنۇتۇلىشىنىڭ قانۇنى ئاساسى بار. ئوقۇتقۇچى ئوقۇتچۇچلار قانۇنىدىكى بەلگىلمىلەرگە ئاساسەن، مەكتەپ ياكى مائارىپ تارماقلىرى ئۆزىنىڭ قانۇنى ھوقۇق مەنپەتىگە دەخلى تەرۇز قىلسا ياكى مەكتەپ ياكى مائارىپ تارماقلىرىنىڭ مەسلىنى بىرتەرەپ قىلشىدىن رازى بولمىسا، مائارىپ مەمۇرى ئورۇنلىرىغا ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
ۋاڭداچۈئەن مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەرىز قىلىش چارىسى ئەرىز قىلىش مەزمۇنى ۋە ئەرىز قىلىش دائرسى، ئەرىز قىلىش تەرتىپى ۋە بىرتەرەپ قىلىش پىرىنسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئۇ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: مەكتەپ تەرپىدىن ئوقۇتۇش ھادىسىى دەپ بېكتىلگەن مەسىللەرنىڭ بىرتەرەپ قىلنىشىدا ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەرىز قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەزىپىگە تەكلىپ قىلىنىش ۋە ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىكى سىناپ تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىگە قارىتا ئەرىز قىلسا بولىدۇ.
مەنبە:
http://news.qq.com/a/20120416/000088.htm دىن تەرجىمە قىلىندى.