ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم :
ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھ نىڭ نامى بىلەن سۆزلەيمەن .
جانابى ئاللاھ نىڭ ھۈكۈمىدە قانداق ئادەملەر تەرسالاردۇركى ، دىمەك تەرسا دىگىنىمىز شۇنداق كىشىلەركى ، پەيغەمبىرىمىزنى ، شۇنداقلا پەيغەمبىرىمىزگە ئەگىشىپ ، كىشىلەنى ھەققە دەۋەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەق دەۋەتلىرنى ئىنكار قىلىدىغانلاردۇر . دىمەك تەرسا دىگىنىمىز ئۆزلىرى ھەقسىز رەۋېشتە (يەنى نۇرلۇق كىتاپتىن دەلىل ئىسپاتسىزلا )تۇرۇپ ، ھەق باراسىدا باشقىلار بىلەن نۇقۇل ھالدا جىدەللىشىۋاتقانلاردۇر . بۇ ھەقتە جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دىگەن :
يەنى[ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى(ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ]6-سۈرە (33).
دىمەك يۇقارقى ئاللاھ نىڭ ھەق سۆزلىردىن شۇ ھەقىيقەتلەرنى بىلىپ قالىمىزكى ، تەرسا دىگەنلىك ھەققە دەۋەت قىلغۇچىلارنىڭ ھەق دەۋەتلىرنى قۇبۇل قىلىپ ، ئۇلارنى قوللىماستىن ، بەلكى ئۇلارغا ئىز قوغلاپ زەربە بىرۋاتقان كىشىلەر بۇلۇپ . ئۇلارنىڭ شۇنداق ھەققە دەۋەت قىلغۇچىلارنى ئىنكار قىلغانلىقىنىڭ نەتىيجىدە ھەقنى ئىنكار قىلغانلىق بۇلىدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بۇلىدۇ .
يەنى[ئەنە شۇ ئاد قەۋمى پەرۋەردىگارىنىڭ مۆجىزىلىرىنى ئىنكار قىلدى، ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە ئاسىيلىق قىلدى، ھەربىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى ھەققە قارشىلىق قىلىپ جىدەللەشكۈچى) نىڭ بۇيرۇقىغا ئەگەشتى]11-سۈرە (59).
يەنى[پەيغەمبەرلەر اﷲ دىن مەدەت تىلىدى، ھەر بىر ئۇچىغا چىققان تەرسا، شەپقەتسىز (يەنى اﷲ غا ئىتائەت قىلىشقا گەدەنكەشلىك قىلىپ ھەقىقەتتىن باش تارتقۇچى) ھالاك بولدى]14-سۈرە (15).
يەنى[بەزىلەر (توغرا تونۇشقا ئېلىپ بارىدىغان) ھېچ قانداق ھەقىقى ئىلىمسىز، ھىدايەتسىز ۋە نۇرلۇق كىتابسىز ھالدا اﷲ توغرىسىدا مۇنازىرلىشىدۇ. (ئۇنىڭ مۇنازىرلىشىشى نۇقۇل نەپسى خاھىشى ۋە تەرسالىقىدىندۇر)]22-(8).
دىمەك يۇقارقى ئاللاھ نىڭ تەرسالار ھەققىدىكى ئايەتلىرنى ئوبدانلا پىكىر قىلىپ كۆردىغانلا بولساق تەرسا دىگەن سۆزنىڭ نىمىلىكىنى ؟ ، شۇنداقلا قانداق كىشىلەرنىڭ تەرسا كىشىلەر ئىكەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز .
مەنبە :جانابى ئاللاھ نىڭ ئىرادىسى بىلەنلا قۇرئان كەرىمگە ئاساسلىنىپ ئۆز ئىلھامىمدىن يېزىلدى .