مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 433|ئىنكاس: 8

(ئۆزھال) خىيالدىن ھەركەتكەسەپەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 04:12:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالەمۇ ئەلەيكۇم بارلىق مىسرانىم ئەھلى . يىڭى ، كونا ئەزىز سەبداش ، قەدىردان تەقدىرداشلار . ھەممىڭلارغا كەمىنە ئۆزھالدىن سالام . كۆڭلۇمدە ھەر بىرىڭلارغا تۇگىتىپ بولماس قەرىز بولغاندەك ئاجىزانە ھىسيات ئىچىدە تەمتىرەپ يەنە بۇ تىمنىڭ سەھىپسىنى ئاچتىم . چۇنكى مەن مىسرانىم ئارقىلىق نۇرغۇن پىقىر كۆڭۇللەر . ئىستىدات ئىگىلىرى بولمىش ئۇستازلار . ۋە يەنە مىنىڭ ئەبەدىيلىك قەدىردانلىرىمغا ئايلانغان دوسلارنىڭ ئىزگۇ تۇيغۇلىرى بىلەن بىللە بۇلۇپ ، بەختلىك دەملەردە دىلىم سۇيۇنىدىغان دوسلارنى تاپقان ئەزىز ماكاندا ئاز بولسىمۇ نۇرغۇن ئۆمىتۋار ياشلار . بەرنا يىگىت ۋە ئەتىرگۈل بەرگىدىن نازۇك . سۇدەك يۇمشاق قىزلارنىڭ سالاملىرى بىلەن سىردىشىپ چىققان ئىدىم . ھاياتنىڭ مۇرەككەپ جەريانلىرى ئادەمنى مەنپەئەتسىز ۋەيران قىلىدىغان كەسپى ھايات . كەمچىلىكلەر ۋە بىھىساپ ئەيىپلەرگە تولغان مەۋجۇتلۇق ئالىمى ھەر قەدەمدە بىر ئىنساندىن ھىساپ ئالىدىغان ۋاقىت ۋە پۇرسەتكە ئۇدۇل تۇرغانلىغىمىز ئۇچۇن يەنە نەچچە يىلدىن بۇرۇنقى كونا گەپنى قىلىپ ھەر قايسى ئەزىز تورداشلارنىڭ ۋاقتىنى ئىلىشىنى خالىمىغانلىغىم ئۇچۇن يىڭى پىكىر . يىڭى ئوي ئالىمىنى ئىزدەپ بىر مەھەل ئىزدىنىش ئەھلىگە سالام يوللىيالمىغىنىم راس . لىكىن بىر دەمنىڭ ئىچىدە كونا ئىدىيەدىن قۇتۇلۇپ يىڭە ئىدىيە بىلەن قۇراللىنىشمۇ ئۇنچىلىك ئاسان ئەمەس . ئىش قىلىپ كونا پىتى تۇرغاندىن ھەر ھالدا يىڭى نەرسىلەرنى بىلىپ . بىلگەننى دەپ تۇرۇش كىرەك دەپ قارىدىم روھىمىزدا يىڭى بىر تەۋرەش . يىڭى بىرەر ئۇقۇم ۋە تونۇش بولغان بولسىمۇ لىكىن يىقىنقى زاماندىكى دەۋىرنىڭ ساداسىغا قوشۇلۇپ كەتكەن بىر سىلىكىنىش بولمىغان ئىكەن يەنە ئاتام ئىيتقان بايقى گەپنى داۋاملىق قىلىشنى لايىق كۇرمىدىم . چۇنكى ئىزدىنىش پاكىز قەلب ئىگىلىرىنىڭ ، تىنىمسىز ئىزدىنىدىغان تەپەككۇر ئەھىلىنىڭ دىيارى . قاچان قارىسا ئانىسى چايناپ بەرگەن ناننى يەيدىغان ئىنسانلارنىڭ ماكانى ئەمەس . لىكىن پىقىر بىر مەزگىللىك روھى بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىش نىيىتى بىلەن نۇرغۇن كىتاپلارنى ئوقۇپ . ماڭا ئوقۇمىسام مەڭگۇ ناتۇنۇش بۇلىدىغان بىر كەسىپنىڭ تىخىنكا ئىلىمىنى ئۇگۇنۇش نىيىتىدە بولغان بولساممۇ مىللەتنىڭ ئىقتىزادى ۋە سىياسى تەقدىرى بىلەن مەھكەم باغلىنىپ كەتكەن بەزى ئاشكارە ھەم ئىنچىكە تەقدىرى يەنە مىنى باشقا ئويلارغا يەنى ئۆمىتسزىلىك گىردابىغا ئاپىرىپ تاشلىدى . بىزنىڭ مەۋجۇتلىغىمىزدىن ھالقىغان بىر روھنىڭ ۋە بىزنىڭ رىئاللىغىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن بىر كۇچنىڭ مەۋجۇت بۇلالماسلىغى تۇپەيلىدىن يەنە ئاجىزانە بىر ھىسيات ئىچىدە پەقەت تۇغۇت دەۋرىدە تولغىنىۋاتقان ئانىدەك ئىلاجىسىز ھايات كەچمىشلىرىنى مەقبۇل كۇرۇپ يەنە ئىكران تاختىسىنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ مىللەتنىڭ شادىيانە كۇيلىرى ئىچىدە بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن .
سىلكىنىش ئىنسان ھاياتىدا زور بىر بۇرۇلۇشنى ھاسىل قىلىدىغان بىر تۇگۇن بۇلىشى مۇمكىن . لىكىن ئۇزۇم دەۋاتقان بۇ سىلكىنىشنىڭ نەدە ؟ قاچان ؟ قانداق ؟ قانداق تەرىز ۋە قانداق سالاھىيەت ؟ قايسى سۇپەت ، قانداق شەكىل بىلەن زاھىر بۇلىدىغانلىغى ماڭا ئايان ئەمەس . بىراق مەن سىلىكىنىشكە مۇھتاج . ھىچ بولمىسا بىز ھەر بىر كۇننىڭ ئۆزىدە خىياللار باياۋانىدىن ھالىقىپ ئۇتۇپ ئەمەلى ئىش قىلىشمىز كىرەك دىگەن تۇيغۇ مىنى ئالدىغا سىلىپ تۇرىدۇ . كېسەل بۇلۇپ يىتىپ قالغان بىر دوستىمىزنى يوقلاش ئۇچۇن يىنى ياتقان يىرىمىزدىن دەس تۇرىشىمىز كىرەك . مانا بۇنىڭ ئۆزى ھەركەت . مىڭ قەترە سىغىنغان دوسىت دىيارنى يوقلاشنى ئويلاپ رۇمان يىزىپ ھەسرەت چەكسەكمۇ لىكىن بارالمىغىنىمىزنىڭ ئۆزى ھەقىقەت بۇلۇپ ئەگەر تەقدىر ئۇنى بىزدىن ئايرىۋەتسە بىزدە پەقەت بىر قاچا پۇشايمانلىق ھەسرەتكە تولغان نۇمۇسلۇق كۇڭۇلدىن باشقا يەنە نىمە قالىدۇ ؟ بىز ئۆزىمىز ئىرىشمەكچى بولغان قىزلار ئۇچۇن ئىتقا تاشلاپ بەرسەك يىمەيدىغان سېسىق تىنىمىزنى قۇربان قىلىش ئۇچۇن ھەركەت قىلىپ باقايلى . ئەگەر ئىنسان ھاياتى مانا مۇشۇنداق تەۋەككۇلچىلىك ئۇچۇن باش قاتۇرۇپ يەنە ئويلىنىش ئىچىدە يەر ئاستى ئۆيلەردە يىتىۋىلىپ مۇھەببەت ناخشىلىرى ئارقىلىق بىزنى تاشلاپ كەتكەن ۋاپاسىز قىزلارنى ئەيىپلەپ ناخشا ئىيتىپ چولپان بۇلۇش كويىدا ياشاۋەرسەك چوقۇمكى يەنە ئون يىلدىن كىين بىزگە تىگىدىغان ئۇيغۇر قىزلىرى قالمايدۇ . بىغىشلاش . پىدا قىلىش . ھەركەت قىلىش ئويى بولماي خىياللار ئالىمىدە ئۆزىنىڭ بىر جۇملە سۇزىدىن مەستخۇش ھالەتتە بۇلىدىغان ئەرلەرنى تاشلاپ كەتمىگەن قىزلار چوقۇمكى ئۇنىڭ دامىغا چۇشكەن ھالەتتىمۇ يەنە بەختىسىز بۇلۇپ قىلىۋىرىدۇ . مىنىڭ گىپىم مۇتلەق ھۇكۇم ئەمەس ياشاش ئۇچۇن ئىش قىلىش . ھەركەت قىلىش كىرەك . نۇرغۇن ئىلمى مەسىللەردە گەپنى قىلىش ئاسان بولغان بىلەن ئىشنى قىلىش تەس شۇڭا بىز سىېسىق گەپنى قىلىش ئۇچۇن ئالدىرىماي بىر ئىشلارنى رۇياپقا چىقىرىش ئۇچۇن تەقەززا بولساق بىزنىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىمىز ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە ئارتىپ كەتكەن بۇلاتتى دەپ قارايمەن
مەن ئەدەبىياتنى بۇرۇن پەقەت ئۇزۇمنىڭ قەلبىدىكى ئەڭ پىنھان سىرلارنى تۆكىدىغان ، زاغرا تىلى بىلەن قىلىپ ئىيتقاندا قورساق كۇپۇگىنى چىقىرىشنىڭ ۋاستىسى دەپ چۇشىنەتتىم . كىين ھىس قىلسام ئەدەبىيات ھەرگىزمۇ مىنىڭ قارشىمدىكى نەرسە ئەمەس ئىكەن . لىكىن بۇ ساھەنى ھەقىقى چۇشۇنۇش ئۇچۇن چوقۇم خەنزۇ تىلى بىلىش كىرەكلىگىنى ھىس قىلدىم . چۇنكى بىزنىڭ تەرجىمە ساھەسى 80 - يىللاردىن بۇ تەرەپكە ئوڭۇشلۇق كىلەلگىنى يوق . بىزدە باشقىلارنىڭ نەرسسى بىلەن ئۆزىمىزنىڭكىنى سىلشتۇرۇپ باھالايدىغان شارائىت بولمىغانلىغى ئۇچۇن بىرقارىسا ئۆزىمىزنى ماختاپ ئۇچۇرۇپ يەنە بىر قارىسا ئۆزىمىز ئۆزىمىزنى تىللاپ پوسكايتىۋەتتۇق . لىللا مەيداننىڭ قانداق بۇلىدىغانلىغى كاللىمىزدا ئىنىق ئەمەس . مەن ھازىر ئەدەبىيات نىمە بولسا بولسۇن . ئۇنىڭغا ئۆزىنى ئاتايدىغان ھەر ئادەملەر بولغاندىن كىين ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇر ئىلىپ ياشاي دىگەن نىيەتكە كەلدىم . يەنە بىرى بۇ كەسىپ بىلەن مەڭگۇ شۇغۇللانسام ھىچ ئىش قىلالمايدىغانلىغىمنى تونۇپ يەتتىم . ئۇنىڭ تۇرلۇك سەۋەبى بار بىرسى تۇرلۇك چەكلىمە . يەنە بىرى ئۆزۇمنىڭ بۇ جەھەتتىكى تالانتىنىڭ يىتەرسىزلگى . ئادەم ماڭا ئوخشاش ئوتتۇزغا كىرگەندە ئۆزىنى دەڭسەپ بىقىش كىرەك . ۋاز كىچىدىغاندىن ۋاز كىچىپ يەنە تاللاش ئىمكانىيىتى يىتىدىغان ئىشلارنى قىلىش ۋە مۇقىملاشتۇرۇش كىرەك . بولمىسا ئىش چاتاق . يەنە بىرى بۇ ساھە گەپ بىلەن . تىل بىلەن . سۆز بىلەن جان باقىدىغان ساھە بولغاچقا مەن دەۋاتقان ھاياتنىڭ ئۇنۇمىنى كۇرۇش نىسبىتى تۆۋەن لىكىن سۆز چۆچەك غەيۋەت جىق . بەزى ئىشلارغا ۋە گەپ سۆزلەرگە بولغان بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارىمىنىڭ ئاجىزلىغىنى كۇزدە تۇتۇپ شۇڭا بۇ يولدىن سەل يىنىپ قالدىم . ئەسلىدە بۇ ئىشلارنى ھىس قىلماي ياشىساققۇ يامان راھەت ئىچىدە ياشايتتۇق . لىكىن بۇ خىل ھىسياتنى بايقاپ قالدۇقمۇ بولدى ئەمدى قەلبىمىزنىڭ تىنىچ بۇلىشى مۇمكىن ئەمەس . مىنىڭ نەزىرىمدە غەرىپلىكلەر ئىنسانى ساپاغا كۆپرەك دەسمى سىلىپ ئۇلارنىڭ پىسخىكا ساپاسىنى كۇتۇرۇشتە كۇچىگەن بولغاچقا ئۇلارنىڭ جەميىتى بىر قەدەر مەدەنىيەتلىك ۋە ياشاشقا بولغان توغرا چۇشەنچىنى تۇرغۇزغان بىر جەميەتنى بەرپا قىلغان . بىراق ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگۇنىڭ تەرەققىياتى كۆرۇنۇشتە تىز . بىنالىرى كۇندىن كۇنگە ئىگىزلەۋاتقان بولسىمۇ لىكىن ئاشۇ بىنالاردىكى كاللا بىلەن غەرىپنىڭ ئۇچ تۆت قەۋەتلىك بىنالاردا ئولتۇرۇپ ئالەمشۇمۇل ئىجادىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۇرىۋاتقان ئادەملەرنىڭ تەپەككۇرى ۋە ياشاش ئۇسۇلغا سىلشتۇرۇش ئادەمنى نۇمۇس قىلىشتىن باشقا يەرگە ئىلىپ بارمايدۇ . مىنىڭچە بىزنىڭ ھاياتىمىز ھىس قىلىش بىلەن ئويلاش بىلەن ئۆتىۋەردى . نۇرغۇن ياشلارئۆز كەسپىدە تىرىشىپ ياشقا لايىق ئىناۋەت تاپقان بولسمۇ لىكىن پۇل تاپالمىدى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆمىتسىزلىك پاتققىغا پاتقانچە ياشلىق باھارى بىلەن خوشلاشتى . مۇشۇنداق ئەھۋالنىڭ ئۆزى بىزنى داۋاملىق بىچارە قىلىپ قويدى . تور بەتلەردە پۇل توغۇرلۇق نۇرغۇن تالاش تارتىشلار بولغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ھەقىقى زۇرۇر ئىكەنلگىنى ھىس قىلغان ئادەملەرنىڭ نەچچىلىك ئىكەنلگىنى بىلمەيمەن . بىز شۇ تۇپەيلى ھەممە ھەممىدىن ئايرىلىپ قالدۇق . لىكىن بىز قۇرۇق گەپ سىتىپ ئۇگۇنۇپ قالغان روھى غالبىيەتچى بولغاچقا پۇلدارلارنى تىللاش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ كەمبەغەل ۋە يارامسىزلىغىمىزنى يىپىشقا تىرىشىپ كەلدۇق . مىنىڭچە ھازىرقى جەميەتتە ئەڭ ياراملىق ئادەم بىلىمى ئارقىلىق ئىقتىزادى قىممەت ياراتمىسا ئۇنىڭ داڭقىنىڭ نەچچىلىك بولىشى بەرىبىر . مىنىڭچە ئەڭ چوڭ داڭ دىگەن ئىقتىزاد . ئۇ بولسا نۇرغۇن بىھۇدە ئۇلۇپ كىتىۋاتقان ئەقىل ئىگىلىرى ھايات قالىدۇ . نۇرغۇن ئېسىل يىگىتلەر پۇل ئۇچۇن ئۆزىنىڭ ئىپپىتىنى بىلىپ تۇرۇپ دەپسەندە قىلىۋاتقان سۇيگىننى بايلارنىڭ قۇچىغىدىن تارتىپ چىقىرىپ ئۆز ۋىجداننى ئاسىرىيالايدۇ . نۇرغۇنلىغان قارا كۇزلەر مەكتەپلەردە ئوقۇيالايدۇ . نۇرغۇن ئەقىل ئىگىلىرى چەتئەللەرگە چىقىپ ئالىم بۇلالايدۇ . بىلىمىنى پۇل تۆلەپ ئۇگۇنۇپ ئۇنىڭ بىلەن جان باقالماسلىق بىزنىڭ ئاقماس پاراڭدىن باشقا قولىمىزىدىن ئىش كەلمەيدىغان ئادەملگىمىزنى ئىسپاتلايدۇ . ئىقتىزادى كاللىسى يوق لىكىن زىيالى قالپىغىنى كىيىۋالغان بىزدەك ئادەملەر بىرەر باي بىلەن تونۇشۇپ قالساق پەخىرلىنىش ئىچىدە ئۇنى تونۇيدىغانلىغىمىزنى جاھانغا جاكارلايمىز . لىكىن ئىشلەيدىغان كاللىدىن سۆزلەيدىغان ئىغىز كۆپ دۇنيادا ئۆزىمىزنىڭ ئىقتىدارنى دەڭسەپ توختا مەنمۇ بىر ئىشقا تەۋەككۇل قىلىپ باقاي دىگەن تىرىشچانلىق بىزدە كەمچىل . ئىزدىنىش روھى كەمچىل بۇلىدىكەن ئۇنداق بەندىگە خۇدايىمنىڭ بىردىغانلىغغا ئىشەنمەيمەن . مەن ھەيران قالىمەنكى باشقا ئەللەردە ساپلا ئوقۇغانلار باي . لىكىن بىزدە بىلىمى بارلار كەمبەغەل . ساۋاتسىزلار باي . ساۋات دىگەن نىمە ؟ جان بىقىش يولى . سىزدە بىلىم بارمۇ ؟ خوپ ئۇنداقتا سىز ئۇنى قانداق قىلىپ ئىقتىزادى قىممەت يارتالايدىغان يولنى ئاچتىڭىز ؟ جىننى باقالمىغان . ئاتا ئانىسى ئۇلۇپ كىتىۋاتسا بانكىدىن 10 مىڭ سوم پۇلنى ئىلىپ چىقالمىغان . ئايالى ئوپىراتسىيە بولسا قاراپ تۇرۇپ ئۇلۇمىنى كۇتۇشتىن باشقا چارە تاپالمىغان . بالىسى كېسەل تارتىسا بىشىدا يىغلاپ ئولتۇرۇشتىن باشقا ئامال تاپالماي قىلىۋاتقان ئاتىلار بىزدە ئازمۇ ؟
ئىقتىزاد دىگەن نىمە ؟ ئۇ ھاياتلىقنىڭ جان تومۇرى . غايىنىڭ كۆۋرۇگى . خىيالنى ئەمەليەتكە باشلايدىغان ئەمەلى يول . ئۇ بولمىسا سىز بىلەن مەن نىمە ؟ مەن پەقەت ۋۇجۇدى بىر دۆۋە گۇشتىن تۇزۇلگەن بىر پارچە سىېسىق گۆش خالاس . ئىقىتىزادى جەھەتتىكى مەسىلسىنى ھەل قىلالمىغان ئادەم باشقىلارغا ئەمەس ئۆزىنىڭ ئاتا ئانىسىغىمۇ يارايدىغان بالا بۇلىشى ناتايىن . بۇ ھەقتە مىساللار بەك كۇپ . لىكىن بىز ئەنە شۇ ھاياتلىقنىڭ جان تومۇرى بۇلىۋاتقان نەرسە ئۇچۇن قانچىلىك باش قاتۇرۇپ ئۇنىڭ ئىپىنى قىلىش ئۇچۇن قانچىلىك تىرىشتۇق . توردا ئىقتىزاد تۇيغۇسى ئويغانمىغان باللار بۇ توغۇرلۇق گەپ بولسا ھالال بولسا ئاندىن تاپىمەن . بولمىسا خۇدايىم بار دەپ ۋەدىسىدە چىڭ تۇردىغاندەك قىلغان بىلەن بىرەرسى ئىئانە توپلاش ياكى بىرەسى كىسەللىك سەۋەبىدىن ئىلان بەرسە شۇ ھامان مانا يۇز سوم دىيەلمەي خۇدايىم بىرەر . سىزگە دۇئا قىلاي ئۇكام دەپ ئىنكاس يازىدۇ . ئۇ بىلىپ تۇرىدۇكى بىرەر ئىنسان ئوپىراتسىيە قىلىشقا تىگىشلىك بولسا ئۇنىڭغا دۇئا قىلسا ساقايمايدىغانلىغى ئۆزىنىڭ كۇڭلىگە ئايان ھەم ئۇنداقلارنىڭ راستىنلا بىرىسنىڭ تەقدىرىگە چىن مىھىرى بىلەن كۆڭۇل بۆلۇپ دۇئا قىلىشمۇ ناتايىن . مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم ئادەم ئۆلتۇرسەڭمۇ پۇل تاپ ئەمەس ھەممىز ئۆزىمىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشمىزنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئىقتىزادى قىممەت يارتىش جەھەتتىكى ئارتۇقچىلىقلىرى توغۇرسىدا ئويلىنىش ۋە ھەركەت قىلىش كىرەك . سىز بۇ يولغا تەۋەككۇل قىلماي تۇرۇپ نىمىنىڭ ھالال نىمىنىڭ ھارام ئىكەنلگىنى قانداق بىلسىز ؟ شىنجاڭنىڭ پۇل تىپىشقا تىگىشلىك بولغان نۇرغۇن بوشلۇقلىرى بار ئىدى . ئۇنى ساپلا باشقىلار ئىگەللەپ بولدى . ئاددى قىلىپ ئىيتقاندا بىزدە تىخى ماركا ئىڭى يىتىلگىنى يوق . مەسىلەن مۇقام . دولان . تارىم . تەڭرىتاغ . ئەتلەس دىگەندەك ماركىلار خەقنىڭ قولىغا ئۆتۇپ كەتتى . لىكىن بىز يەنىلا ناھايىتى شۇكىرى قانائەتچان . ھەممە نىمىسى تەل بايلاردەك كىرىلىپ يەنە شۇ ياغاچ ھارۋىسىنىڭ چاقىغا ماي ئىزدەپ ئۆمرىمىزنى ئۆتكۇزۋەتتۇق . ئامىرىكا نىمىشقا نوچى . ئۇنىڭ پۇلى بار . بىن لادىن نىمىشقا نوچى ئۇنىڭمۇ پۇلى بار . ئەگەر بىن لادىن باي بولمىغان بولسا ئاللىقاچان بىر ئادەمنىڭ سىتىۋىتىشى بىلەن ئۆلگەن بۇلاتتى . بىزدە دەۋىر سۇرۇپ ئۆزىنىڭ . جەمەتىنىڭ ئىھتىياجىدىن چىقىۋاتقانلار يەنە شۇ پۇل تاپقانلار ئەمەسمۇ ؟ سىز مەندىن سورايسز پۇل تاپىدىغان يول بولمىسا ئادەم ئۆلتۇرەمدىم ؟ راستىنلا پۇل تاپقىدەك يول تاپالمسڭىز ئۇنىمۇ سىناپ باققۇلۇق . چۇنكى جىمجىت ئولتۇرۇپ ئۇلۇمنى كۇتكەندىن تەۋەككۇل قىلىش روھىنى ۋە يۇرەكنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلگىنى سىناپ بىقىشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ئۆزى مىڭ ھەسسە ئەۋزەل .
باي دادام نامرات دادام دىگەن كىتاپتا باي دادا ئانچە بىلىملىك ئەمەس . لىكىن نامرات دادا چوڭ ئالىم . ئالىم بالىنى ئەدەپلىك بول . ياخشى ئادەم بول . بەشتە ياخشى ئوقۇغۇچى بول دەپ تەلىم بىرىدۇ . لىكىن باي دادا ئۇزۇڭ شىركەت قۇر . مۇستەقىل ئىرادە تىكلە . تەۋەككۇلچىلىك روھى بولمىغان ئادەم جىننى باقالمايدۇ دەپ تەلىم بىرىدۇ . بىزگە نامرات دادىنىڭ گىپى ياقىدۇ . لىكىن ئۇ ئۆلگەندە بىر تالاي قەرىزنى مىراس قالدۇرىدۇ . باي دادا بولغان بىلىمى ئانچە ئەمەس لىكىن ھاياتلىقنىڭ جان تومۇرىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلىپ ھىس قىلىپ . قانداق ياشىسا توغرا بۇلىدىغانلغىنى بىلگەن دادا بالىغا نەچچە مىليۇن پۇل مىراس قالدۇرىدۇ . سىز مەندىن جاھاندا ھەممە ئىشنى قىلىپ پۇل تاپقىلى بولمايدۇ . ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى پۇلدا ئەمەس . دۇنيادا قايسى باينىڭ ھەيكىلى بار . شۇڭا بىز پۇل تاپماي مىللەت . ۋىجدان . ئىمان يولىدا كۆرەش قىلمىز دەيسىز . ئۇنداقتا سىز ھاياتنى قانداق ياشايسىز ؟ قوسىغى ئاچ . ئەل قاتارى ياشىيالمايدىغان بىر ئادەمنىڭ يەنە نىمىلەر بىلەن كۆرەش قىلغىدەك ماغدۇرى بۇلىدۇ ؟ مەن بىر كىتاپتا كەمبەغەلدىن باي اللاغا يىقىن دىگەن بىر گەپنى كۆرگەن . نىمىشقا دىسە باي ئىتىكاپتا خاتىرجەم ئولتۇرۇپ چىن كۇڭلى بىلەن اللاغا سىغىنىدۇ . لىكىن كەمبەغەل تۇرمۇشنىڭ تۇرلۇك تۇمەن غىمى بىلەن ھەتتا نامىزىنىمۇ جايىدا ئوقىيالماسلىغى مۇمكىن . بۇ مۇتلەق ھەقىقەت ئەمەس پەقەت بىر زاكۇن خالاس . مىنىڭ ئىككى دوستۇم بار ئىدى . بىرى سودىگەر . ئون يىلدا نەچچە مىليۇن پۇل تاپتى . يەنە بىرى چەتئەلگە چىقىپ دوكتۇر ئاشتى بۇلۇپ قايتىپ كەلدى . ئىككىسى ساۋاغداش . سودىگەرنىڭ بەش يەردە ئۆيى بار . دوكتۇر ئايالى بىلەن ئوتتۇز كۋادىرات مىتىرلىق ئۆيدە سىقىلىپ ئولتۇرىدۇ . كىين ئۇ باي ساۋاغدىشىدىن ئىككى مىليۇن سورىدى . لىكىن ئۇ بىرىپ تۇرالمىدى .مەن شۇنىڭدىن بىلدىمكى دوكتۇر بولغاندىمۇ جان باقالايدىغان دوكتۇر بولمىغاندا ئۇنداق دوكتۇردىن نمىنىڭ مىنىڭ دىھقان دادام ياخشىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم . يەنە بىر دوستۇم ئۆزى ئۇيغۇر تىلىنى ئوقۇپ ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەندىن كىين دوكتۇرلۇقنى ئىقتىزاد كەسىپىدە ئوقۇش ئۇچۇن تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ ئۇنىڭ قارىشىچە ئىقتىزاد كەسپىدە ئوقۇپ جاننى ياخشىراق بىقىش كىرەك . ئەدەبىيات نەزىرىمىزدە ياخشى بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ بىلەن ھەپلىشىپ جاننى بىقىش ۋە قەلەم ھەققى بىلەن بىر ئائىلنى قامداپ كەتكىلى بولمايدۇ دەپ قارايدۇ . ھازىر باشقا ساھەدە پۇل تاپىدىغان ئىش بەك كۆپ . بىز ھىچ بولمىسا ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىپ ئۇتۇشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزنىڭ قولىدىن كىلىدىغاننى تاللاشتىن بۇرۇن بىز تاللىغان كەسىپ بىلەن جان بىقىشىنىڭ مۇناسىۋىتى قانچىلىك ؟ ئۇمۇرنىڭ ئالتۇندەك چاغلىرىنى خەجلەپ ئۇگەنگەن نەرسە بىلەن زادى قانچىلىك تىرىكچىلىك قىلغىلى بۇلىدۇ دىگەننى ئويلاش ۋە شۇ غايىگە ئاساسەن ئىلىم دەرۋازسىىغا قەدەم قويۇش بىز ئۇچۇن زىيانلىق بولمىسا كىرەك دەپ قارايمەن .
بۇنىڭ ئۇچۇن ھەر بىرىمىز ئاۋال ئۆزىمىزىنى ئۆزىمىز قۇتقۇزىشمىز كىرەك . باش زىندانلىرىدىن ئەركىن ئىدىيەنى تارتىپ چىقىرىپ تەۋەككۇلچىلىك روھىمىزنى ئۇرغۇتىشمىز كىرەك . ئىجادى روھنى تىخمۇ جانلىق ھەركەت قاينىمىغا باشلاش كىرەك . مەن ئۇيغۇر قىز يىگىتلىرىمىزنىڭ ئەقىللىغلىدىن گۇمان قىلىشقا پىتىنالمايمەن . لىكىن ئاشۇ ئەقىل ساپلا ياشقا مۇناسىپ بولمىغان يەرلەردە ئىسراپ بۇلۇپ كىتىۋاتقىنىغا ئىچىنىمەن خالاس . مەن كىچىگىمدىن يامان ئەمەس ئائىلىدە چوڭ بولغان . بىيجىڭغا كىلىپ ئىقتىزادنىڭ دەردىنى تارتىپ شۇڭا بۇنداق تۇيغۇلارغا كىلىپ قالغىنىممۇ يوق . ھەممىڭلار كۇرسەڭلار بىلىسلەر . بىزدە ئىشلەنگەن فىلىملارنىڭ سەۋىيىسى نىمىشقا شۇنچىلىك تۆۋەن ؟ بىرىنچى سەۋەپ ئىقتىزاد يوق . كىنو دىگەن بەش سوم خەجلسڭىز بەش سوملۇق 50 مىڭ سوم خەجلسڭىز شۇنچىلىك ئىكراندا كۇرۇنۇپ تۇرىدۇ . ئامرىكىلىق خۇمپەرلەر ئەنە شۇ پۇل دىگەن گۇينىڭ كۇچى بىلەن ھازىرغىچە ئەقىلىمىزنى لال قىلىپ پۇتۇن دۇنياغانى قاپلىغان مەدەنىيەت بازىرىنى ئىچىۋاتىدۇ . ئىقتىزادى شارائىت يار بەرسە ھوللۇۋۇددەك يەرلەردە تۇرۇپ ئۇلارنىڭ سەۋىيىسنى ئۇگىنىدىغانغا باللار بارسا ئامرىكىلىق قىلغان نەرسىنى بىزمۇ قىلالايمىز . بىزدە بىرلا ئادەم ئەمەس بىر پۇتكۇل جەميەتتىكى مەجرۇھ روھى ھالەتلەرنىڭ يۇقۇندىلىرى يىڭى ئۇسۇپ يىتىلىۋاتقانلارنى كېسەل قىلىپ تەربىيلەپ چىقىۋاتىدۇ . بۇ خىل روھى ھالەتنى سورۇنلارغا ياكى كەيىپكە . ياكى مىللەتنىڭ ئەھۋالى ياكى يەنە بىر نىمىلەرگە باغلاپ باھانە ئىزدەش ياكى يەنە قانداقتۇ بىر ئەيىپ نوقسانلارغا باغلاپ چۇشەندرۇش مىنىڭچە ئاقىلانلىق ئەمەس . مىللەتنىڭ ۋە مەدەنىيىتىنىڭ . سورۇننىڭ تىللايدىغان يامان يىرى يوق . ئەگەر ئىشلار يۇرۇشۇپلا بەرسە ھەممە ئىش ئۆز قىنىدا ئۆز يولىغا چۇشىۋالسا مىللەت ھەم ئاياللارنى تىللايدىغانغا چولىمىز تەگمەي ئالدىراش بۇلۇپ كىتىدىغانلىغىمىز چوقۇم .
( داۋامى بار ) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ozhal تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-16 04:16 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
takderdax + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 04:13:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزدىكى خىزمەت ئىڭى ۋە مائاش غىمى (2)

بىزدە بىر جەميەتكە تەلپۇنىدىغان ۋە مەلۇم بىر جەميەتنىڭ ئەزاىسلىق سالاھىتىدىن ھۇزۇر ئالىدىغان ئىزگۇ بىر نىيەت بار . بۇ خىل نىيەت ئادەمخۇمارلىقتىن تارتىپ قۇل مىجەزلىك قاتارلىق نۇرغۇن ياخشى يامان مىجەزلەرنىڭ يۇغۇرۇلمىسى بىلەن باغلىنىپ كەتكەن . بۇ قىتىم مەركەزدىن ئەيدىز ئەھۋالىنى تەكشۇرۇشكە بىيجڭدىكى ھەر قايسى ئالى مەكتەپلەردىن ئىنسانشۇناسلىق دوكتۇرلار قوشۇنىدىن تەشكىللەنگەن بىر پائالىيەت ئۆمىگى شىنجاڭغا يىتىپ بىرىپ تەكشۇرۇش ئىلىپ باردى . ئاخىردا تەكشۇرۇش تۇگگەندىن كىين ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان نۇرغۇن يازغۇچى . ژۇنالسېت . دوكتۇر ۋە ئالى مەكتەپلەرنىڭ مۇدىرلىرىنى يىغىنغا چاقىرىپ شىنجاڭدىكى ئەيدىزنىڭ مەنبىيى ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۇزۇش ھەققىدە ئۇلاردىن مەسلىھەت سوردى . ئازات سۇلتان مۇئەللىم ئەڭ ئۇزاق سۆزلىدى ۋە سۆزىدە ئەيدىز تارقىلىشنىڭ ئەڭ تۈپكى مەنىيى ئىشسىزلىق بىلەن مۇناسىۋەتلىك دىدى . بىزنىڭ ئىدارىدا بىر نەچچە ياش ئاق چىكىۋالدى . شۇنىڭ بىلەن تاس قالدى ئىدارىنىمۇ ئاققا تىگىشۋەتكىلى . شۇنىڭ بىلەن ئۇ خىزمەتتىن ھەيدەلدى . بۇ يىگىتلەر ئىشسىزلىقنى مانا مۇشۇنداق ئىجاد قىلدى ۋە ھازىرمۇ تالاي ئادەملەر ئىجاد قىلىۋاتىدۇ . يەنە نۇرغۇن ئىشسىزلار بىر ئامال قىلىپ ئاققا پۇل تىپىپ چىكەلەيدۇ . مەن ئۇلارغا ھەۋەس قىلىمەن . خىزمىتى . مائاشى يەنە باشقا پۇل تىپىش يولى يوق تۇرۇپ گىرامى ئالتۇندىن قىممەت شۇ نەرسىنى چىكەلىگەندىن كىين ئەلۋەتتە ھەيران قىلىشقا تىگىشلىك دەپ قارايدىغاندىمەن
بىزدە ئالى مەكتەپلەرنى ئوقۇۋاتقان باللار ناھايىتى كۆپ . يىلدا نەچچە مىڭ بالا خىزمەتكە چىقىپ جەميەتنىڭ ھەقىقى نوپۇسلۇق ئەزاسىغا ئايلىنىدۇ . ئارزۇ ئارمانلار بىلەن ئىنتىلگەن خىزمەتكە چىققاندىن كىين ئۇلاردىكى ئىزدىنىش روھى تامامەن ئۇلۇپ قارا كاستىيۇمنىڭ ئىچگە ئاق كۆينەك كىيىپ گىلاستۇك تاقاپ تويغا بارغىدەك بولغىنى ئۇنىڭ ئىشىنىڭ يۇرشۇپ كىتىۋاتقانلىغىدىن بىشارەت بىرىدۇ . ئۇنىڭدىن نە ئىزدىنىش روھى ۋە يەنە قانداقتۇ بىر يوللارغا ھەۋەس قىلىدىغان قىززىقىدىغان ياكى بىرەر مىللەتنىڭ تىلىنى ئۇگىندىغان روھنى تاپقىلى بولمايدۇ . ئەگەر شۇنداق بىر نىيەتنى كۇڭىلگە پۇكسە مىنىڭچە دۇنيانىڭ مەدەنىيەت ۋە مائارىپ ئىشكلىرى خىلى چوڭ ئىچىلىپ قالدى . مەن بىلىدىغان بىر نەچچە بۇرادەرلار ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىغى ئارقىلىق چەتئەللەرگە چىقىپ ئوقۇدى . ئىزدىنشىتىكى جىكمۇ ئۇلارنىڭ بىر ۋەكىلى . بەزىلىرى تۇرمۇشىنى ناھايىتى ياخىشى ئۆتكۇزگەندىن سىرىت مىللىتىمىز ئۇچۇن ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ . لىكىن بىر نەچچە ئادەم بىلەن جەميەتكە باھا بەرگىلى بولمايدۇ . ھەر يىلى ئوقۇش پۇتتۇرگەن مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار نەگە كىتىدۇ ؟ يىلدىن يىلغا سەۋىيىسى ئۆسىۋاتقان جەميەتتە تەربىيگە ئىگە بۇلىۋاتقان ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قانداق ئالاھىدىلىكلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بىلىمى ۋە ئادىمىلگى بىلەن جەميەتكە ۋە ئەتىراپدىكى ئادەملەرگە تەسىر كۇرسىتىۋاتىدۇ ؟ لىكىن جەميەت ئىزچىل جىمجىتلىق باسقان ئىغىر سۇكۇت ئىچىدە يەنە كونا رىلىستا ماڭماقتا
مىنىڭ كۆز ئالدىمدىن نۇرغۇن ئىشلار ئۆتىدۇ . ئۇلتاش تىل تەربىيلەش مەركىزىنى قۇرغان ياسىنجاننى مىسال ئالساق مەن ئۇنىڭ بىلەن بىيجڭدا ئوقۇۋاتقان چىغىمدا ياخشى ئۆتكەن . كىين ئۇ تىلى ئۇگۇنۇپ يۇرۇپ مانا ھازىرغا كەلگەندە ئۇلتاشنى بىر مەكتەپ قىلىپ قۇرۇپ چىقتى . ئوقۇش پۇتتۇرگەندىن كىين ئۇرۇمچىدە ئاز بولمىغان جاپالارنى تارتقانلىغى ماڭا ئايان . توي قىلغان چىغىدىمۇ شۇنچىلىك ئاددى قىلدى . مەن ئەزەلدىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئالاھىدە بىر كارامەتنى ھىس قىلغان ئەمەسمەن . ئۇنىڭ پەقەت بىر دىھقاننىڭ بالىسى ئىكەنلىگىنى بىلەتتىم . شۇ چاغلاردا ئۇ تىخى بىرەر سورۇنغا بارساق بىر چەتتە گەپكىمۇ ئارلاشماي ئۆزىنىڭ خىيالى بىلەن بۇلىدىغان بىر بالا ئىدى .
ئۇ خىيالىنى ئويلاپ پىكىر پىشقاندىن كىين ھەركەت قىلغان . ئەگەر يەنە شۇ خىيالى بىلەن تۇرىۋەرگەن بولسا مەكتەپ ئىچىش ئەمەس يەنە شۇ نەچچە يۇز سوم مائاش ئالىدىغان شەھەر گادىيى بۇلۇپ ياشاۋەرگەن بۇلاتتى . ئۇنىڭ خىزمىتىمۇ بار ئىدى . لىكىن تىرىشچانلىغى بىلەن يەنە مەكتەپ ئىچىپ تۇرمۇشىنى ياخشلىدى يەنە نۇرغۇنلىغان ياخشى ئىشىلارنى قىلدى ھەم قىلىۋاتىدۇ . ئۇنىڭغا باراۋەر ئىش قىلغان ئادەملەر بەك جىق ئەمەس لىكىن ئۇ مسال بۇلالايدۇ . ئەگەر ئۆمىتسىزلىكتىن باش كۆتۇرۇپ چىققان بىر ئادەم ئالەم جاھاننى كۆزەتسە يول چوقۇم چىقىدۇ .
بىزدىكى ئەڭ مۇقەددس ئارزۇ چوقۇم مائاش ئالىدىغان بىر يەرگە ئىرىشىش . ئىرىشتۇقمۇ بولدى ئوقۇغان ئادەملەر بىلەن ئوقۇمىغاننىڭ پەرقى يوق دىيەرلىك . يەنە بەش يىلدىن كىين بىز تامامەن ئوقۇپ باقىمىغان بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىمىز . چۇنكى بىلىم دىگەن ئىزچىل ئۇگۇنۇش ئاساسىدا پىششقلىنىپ ماڭمىسا يەنە يوقاپ كىتىدۇ . شۇنىڭ بىلەن سەۋىيە ئارقىغا يانىدۇ . ئاندىن يەنە بەش يىل ئۆتسە ئىككى بالا بىلەن بىر ئۆينىڭ غىمى يەلكىمىزدىن بىسىپ بىزنى ئاقماس . ئەھمىيتى بولمىغان بىر تالاي ئىشلار بىلەن ئالدىراش قىلىۋىتىدۇ . مەن ئۇرۇمچىدە شەنبە يەكشەنبە كۇنى ئالدىراش بىر يەرگە ماڭغان ئاغىنلەرنى ئۇچۇرتۇپ قالىمەن . مەن ئۇلار بىلەن كۆرۇشۇپلا يولۇمغا ماڭىمەن . ئۇلارنىڭ نەگە ماڭىدىغانلىغى ماڭا ئايان . مەن ئۇلاردىن سورىسام ئىنىقكى ئۇلار ئالدىراش دەپ جاۋاپ بىرىدۇ . مەن بەزىلەرگە چاخچاق قىلىپ ئىچكىرىدىن چىققان قىرىنداشلار ئالدىراش ئىشنىڭ ھەممىنى قىلىپ يەنە بىر مۇنچىلىرى كوچىدا بىكار يۇرسە ساڭا نىمە ئالدىراشلىق دەپ چاخچاق قىلىپ قويىمەن . ئاغىنلەر كەپتىكەن ئۇلار بىلەن ئىچىپ ئالدىراش دەپ جاۋاپ بىرىدۇ . مىنىڭ نەزىرىمىدە ئولتۇرۇش بىر توپ ئەقىل ئىگىلىرى بىلەن سىردىشش . ئوخشمايدىغان ئىدىيەدىكى ئىنسانلار بىلەن سۆھبەت قۇرۇش يامان ئىش ئەمەس ئىدى . ھاياتتىكى كەچۇرمۇشلەرنىڭ ھەممىسى شۇنچىلىك سۇيۇملۇك ئىدى . شۇڭلاشقا مەن سورۇننى قەدىرلەيتتىم . لىكىن ئولتۇرۇپ بولغاندىن كىين يەنە كۆرشۇپ تۇرۇش . يەنە ئىچىشىپ تۇرۇش . ئالاقە قىلىپ تۇرۇش ھەققىدىكى گەپلەر بىلەن سورۇن تۇگەيدۇ . بىرەر ئادەمنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان يىڭى ئوي پىكىرنى ئوتتۇرغا قويىدىغان گەپلەر بەك ئاز . دىمىسمۇ تۇمۇر دەپتەرگە ئۆتۇش ئارزۇيى بىلەن تىرىشىپ خىزمەت لەيلى ئۇزى مەجنۇن بولغان ئادەملەرنىڭ يەنە نىمە يىڭى ئارزۇسى ۋە ئادەمنىڭ دىققىتنى تارتقىدەك يىڭى گىپى بولسۇن ؟
مەن خىزمىتى يوق بىچارىلىق ئىچىدە قالغان نۇرغۇن ئادەملەرگە ئۇچۇرىسام كۇڭلۇم يىرىم بۇلۇپ بەزى مەسلىھەتلەرنى بىرىمەن . بەزىلىرىگە يۇگۇرۇپ يۇرۇپ خىزمەت ئۇقىشىمەن . بىر نەچچە رىستۇراننىڭ خوجايىنلىرى بىلەن كۇڭلۇم يىقىن شۇڭا قولىدىن پەقەت ئىش كەلمەيدىغان ئادەملەرگە شۇ يەرنى تونۇشتۇرۇپ ئالاقلىشىپ بىرىمەن . يەنە بەزىلىرىنىڭ ئالاھىدىلىگگە قاراپ بىر يەرلەرنى ئويلايمەن .
لىكىن ئۇرۇمچىدەك بىر شەھەردە ئايدا ئالتە يەتتە يۇز سوم بىلەن جاھاندارچىلىق قىلماق تەس . ئىشلىمگەنلەر ئىشقا زار بولغان بىلەن ئىشلەۋاتقانلار مائاشنىڭ ئازلىغىدىن قاخشايدۇ . قاخشاشنىڭ ھىچ ئىشنى ھەل قىلالمايدىغانلىغى ئۇزىمىزگە ئايان . لىكىن تىرىشىپ يەنە قوشۇمچە بىر ئىشلارنى قىلىشنى ئويلايدىغان ئادەملەرنىڭ ئازلىغى ئادەمنىڭ ئىچىنى سىقىدۇ . بۇنداق پىكىرلەر ھەم قاخشاشلارنىڭ سەلبى رولى ناھايىتى كۇچلۇك . چۇنكى نۇرغۇن تۇرمۇشى ناچار ئادەملەر بۇنداق گەپنى ئاڭلىسا ھەممىزنىڭ دەردى ئوخشاشكەن خۇداغا شۇكىرى دىسە يىنىدا ئولتۇرۇپ باشقىلارنىڭ دەردىنى ئاڭلاۋاتقانلار خۇداغا شۇكىرى مىنىڭ دەردىم ئۇنىڭكىدەك كۆپ ئەمەسكەن دەپ خاتىرجەم بۇلىدۇ . بىر زامانلاردا مەن ئەمدى 21 ياشقا كىرگەن چىغىمدا ھەم ئەسەر يىزىپ يازغۇچى بۇلۇپ قالارمەن دەپ ئويلىمىغان بىر زامانلاردا ئەسقەر داۋۇت ئۆيلىنەيمۇ ؟ ئۆي ئالايمۇ ؟ ئۆلىۋالايمۇ ؟ نامىلىق ماقالسىنى شىنجاڭ ئىشچىلار ھەركىتىدە ئىلان قىلغاندا بۇ ئاداش كارامەت راس گەپ قىپتۇ دەپ زىلزىلە كۆتۇرلۇپ يەنە نۇرغۇن شائىرلار بۇ ماقالىدە زادى نىمە دەۋاتقانلغىنى چۇشەنمەي ھە پۇرسەت كەلدى دەپلا بىر مۇنچە قاپىيەنى تۇكۇپ ئۆلمە دىگەن ماۋۇزدا ئەسەرلەرنى يىزىپ ئۇنىڭغا قىزغىن ئاۋاز قوشۇشتى . مەن شۇ چاغدا نىمانداق بىنۇرمال جەميەت بولدى بۇ . بىر ئادەم ئۆزىنىڭ قايغۇسى ۋە تەشۋىشىنى دەۋاتسا ۋە جان قايغۇسى ھەققىدىكى پىكىرلەرنى دەۋاتسا ئۇنىڭغا ئەمەلى بەزى بىر پىكىرلەرنى بىرىدىغان كۆز قاراش ۋە تۇرمۇشنىڭ ئىغىرچىلىغىدىن قۇتۇلۇش ئىمكانىيتى بولغان راس گەپنى قىلماي شېئىر يىزىپ يۇرگىنى نىمسى دەپ ئويلىغان ئىدىم . ئەمەليەتكە ھاياجان بىلەن جاۋاپ قايتۇرۇش ئىنتايىن كۇلكىلىك ئىش . لىكىن بۇ كۇلكىلىك ئىش ئاخىرىدا ئەقىلغا ئۇيغۇن بىر ئىشقا ئايلنىپ قالدى
خىزمەتكە چىقمىغان ۋە ئوقۇۋاتقان باللارغا دەيدىغان گىپىم شۇكى ئويۇن تاماششادىن ۋاقىت چىقىرالىساڭلار ئاز تولا ئۇگۇنۇپ قويۇڭلار . جان باققىلى بۇلدىغان ئىشلاردىن بىر نەچچىنى ئۇگۇنۇپ قويساڭلار خىزمەتكە چىققاندىن كىينمۇ يەنە كارغا كىلىدۇ . قوشۇمچە ئىش قىلىشنى ئويلىماي ىزمەت بولسىلا بولدى دەيدىغان قاراشنىڭ ۋاختى ئۆتمىگەن بىلەن خىزمەت دىگەن گۇينىڭ بىزگە بىردىغان نىسىۋىسى چەكلىك . خىزمەت ھەم بىر ئادەمنىڭ بارلىغىنى ھەل قىلىدىغان دەۋىر ئۇتۇپ كەتكىلى خىلى بولدى شۇڭا بىر ئامال قىلىپ چوڭ شەھەرلەردە قىلىپ ئاز تولا ئىش قىلىڭلار . چۇنكى داستا ئاكۇلا چوڭ قىلغىلى بولمىغاندەك كىچىك شەھەرلەردە ھەم چوڭ ئىش قىلىغىلى بولمايدۇ . كىچىك يەردە پۇرسەت ھەم شارائىتمۇ ئاز بۇلىدۇ . مانا مەن خىزمەتكە چىققىلى ئون يىل بۇلاي دەپ قالدى . لىكىن بۇ ئۆلگۇر زەنجىر مىنى چىرماپ كىلىۋاتىدۇ . بۇ زەنجىرگە باغلنىش تەس ئەمەس لىكىن قۇتۇلماق تەس

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
takderdax + 300 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

http://ozhalovqi.33591.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 04:13:54 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەمكارلىق ئىڭى ۋە ئىجادىيەت ئىڭى


ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئۆزلۇك ئىڭىنى ئۇلۇغلايدۇ . " مەن " دىگەن تۇيغۇ ھەممىزنى بىردىن غالىپلاردىن قىلىپ تەربىيلەپ چىققان . بۇ مىجەز ئەسلى ئېسىل بىر خۇلۇق ئىدى . بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە " مەن " بۇلالماي يا يات بۇلالماي ئارلىقتا قىلىش بىزگە تۇرلۇك ئاپەت خارەكتىرلىك خۇلۇقنى ئاتا قىلىپ قويىۋاتىدۇ
ھازىر دۇنيانىڭ مەنىۋىيىتى ۋە ئىقتىزادى ھەمكارلىق ئارقىلىق تەرەققى قىلىۋاتىدۇ . لىكىن بىزدە ھەمكارلىق دىگەن ئاڭ تىخى يىتىلگىنى يوق . بىزدە جىنازىدىن باشقا نەرسنى شىرىك كۆتەرگىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىغان بىر ئىش بار . بۇ يەردە گەپ باشقىلارغا ئىشەنمەسلىك ۋە ئۆزىنى ھەممىدىن قالتىس دەپ ئويلايدىغان غالىپ ھەم زەئىپ بىر خىل روھى ھالەت بار . ئەگەردە سىزدە 50 مىڭ سوم بولسا ئۇنىڭ بىلەن بىر ئىش قىلغىلى بولماسلىغى مۇمكىن . مەندە 50 سوم بولسا ئىككىمىز بىرلەشسەك ھىچ بولمىسا تىز تاماقخانىدىن بىرنى بولسمۇ ئاچالىشمىز مۇمكىن . لىكىن بىزدە بىرلىشش ئىڭى يوق . داۋاملىق ئۆزىمىزنى قالتىس چاغلاپ باشقىلارغا ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى بىزنىڭ جەميىتمىزنى ئەنە شۇنداق ئورتاق قاخشايدىغان لىكىن تەرەققى قىلىشتا ھىچ نەرسىنى كۆز ئالدىغا كەلتۇرەلمەيدىغان بىر توپ ئادەملىرى بار جەميەت قىلىپ قويدى . مىسال قىلساق ھازىر ئارمان بىلەن ئىخلاس شىركىتى تەڭ ئورۇندا كىتىۋاتىدۇ . تەڭ ئىلىرلەۋاتىدۇ . لىكىن ئارماندىن ئىخلاسنىڭ . ئىخلاستىن ئارماننىڭ تالقان ياكى كەمپۇتلىرنى تاپماق تەس . ئۇلار بىر بىرگە خىرىس قىلىشىپ ۋاقىتنى ئۆتكۇزۇپ ئاندىن باشقا يەرگە بازارنى تارتقۇزۇپ قويىدۇ . سودا دۇنياسىنى مەن بەك چۇشەنمەيمەن . مىنىڭچە كەڭ قورساغلىق ۋە راستچىللىق بىلەن كۆپرەك يولنى ئىچىش مۇمكىن دەپ قارايمەن .لىكىن بىزدە ئاز ساندىكى سودىگەرلەر يالغانچىلىق بىلەن پۇل تاپقىلى بۇلىدۇ دەپ قارايدۇ . شۇنىڭ بىلەن قازاقلار سودىگەر مىللەت دەپ شۇڭا سارىت دەيدىغان بىز ئۇيغۇرنىڭ بۇگۇنكى ئىقتىزادى ئەھۋالى تاغدا ياشايدىغان ئادەملەرگىمۇ يەتمەسلىك ئەھۋالىغا دۇچار بۇلىۋاتىدۇ
ئارمان بىلەن ئىخلاسمۇ ئەسلى ھەمكارلىق بىلەن تەرەققى قىلغاندى . مەسىلەن ئۇلار ئىچكىرىدىكى زاۋۇتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تۇرۇپ ئاندىن نامىنى چىقارغاندى . ئىلانلاردىكى زاۋۇتلار ئىچكىرىنىڭ زاۋۇتلىرى ئىدى . ئەمدىلىكتە ئۇلارمۇ قۇرغان بولدى لىكىن باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ تاپقان پۇلنى ئىچىكىرىگە بىرىشكە ماقۇل بۇلۇپ ئەمدىلا نامى چىقىۋاتقان ئىككى شىركەتتىكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىرلىشەلمەسلىگى سۇزۇمنىڭ دەلىلى . بىرلەشمىگەن ھالەتىتىمۇ ئۆز ئارا ماللىرىنى دۇكانلارغا تەڭ سىلىپ ئاناڭ بازا ئاتاڭ بازاردا تەڭ ساتسا نەرى يامان ئەمدى ؟ بىر كاللىدىن ئىككى كاللا ياخشى ئىككى تەرەپ ھەممىسى تەڭ ئۆز مەنپەتىنى ئويلىغان ئىكەن بۇنىڭغا ئەلۋەتتە جان جەھلى بىلەن كىرىشدۇ . بۇ يەردە يەنە بىر زىددىيەت مەۋجۇت . بىر بىرىمىزنى ياراتماي بىز يەيدىغان ناننى خەققە تارتقۇزۇپ قويۇش بىزگە ئادەت بۇلۇپ قالدى . ئابلىكىم كەلكۇن بەزى ئىتوتلىرىدا بۇ نوقتىنى ناھايىتى ياخشى تەسۋىرىلىدى . ئەگەردە ھەممە ئىشتا ئاكاڭ قارغاي مەن شۇ دەپ تۇرىۋالماي باشقىلارنىڭ پىكىرىنى . ئادىملىگىنى ئىتىراپ قىلغانغا ئۇلۇپ كېتىدىغان ئىش بولسا ياۋرۇپالىق ئاللاقاچان ئۆلگەن بۇلاتتى . لىكىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى باي . ئىنسانى مۇناسىۋەتتىكى سەممىلىكمۇ كۆپ ئۇستۇن . بىزدىكى ھەمكارلىق ئىڭىنىڭ ئاجىزلىغىمۇ بىزنىڭ تەقدىرىمىزنى بەلگىلەۋاتقان بىر ئاچقۇچلۇق مەسىلىگە ئايلنىپ قالدى . ھە دىسە سىياسەت يامان . كىتاپ كۆرگىلى قويمايدۇ . سىياسەت يامان ئىش قىلغىلى قويمايدۇ دەپ ھەممە ئىشنى بىر ئىشقا ئارتىپ قويۇپ بوتۇلكنىڭ چۇرىسىگە يىغىلىپ غەيۋەت قىلىش مەسىلنى ھەل قىلىشنىڭ يولى ئەمەس . شۇڭا دىننى . جاننى ، جەميەتنى مىللەتنى .ئۇلۇغلاش ئۇچۇن ھەممىنى سۇيۇش كىرەك . دوسىتلار ئۆز ئارا باشنى بىر يەرگە ئەكىلىپ بىر ئىشلار ئۆستىدە پىلان قىلىش كىرەك . پۇل بولسا پۇلنى بىلىم بولسا بىلىمنى تەڭ چىقىرىپ باشنى بىر يەرگە ئەكىلىش كىرەك
ئەگەر ھىچقانداق ئىش قىلىش پىلان بولمىسا ئەۋەلقى مەغرۇرۇلۇق بىلەن داۋاملىق كەمبەغەللىك ئىچىدە ئالغا ئىلگىرلەشمۇ ياخشى يول
ئالدى بىلەن ھەر بىر ئادەمدە ئىجادىيەت ئىڭى بۇلىدۇ . بىزدە بۇ خىل ئاڭ تىخىمۇ كۇچلۇك ئىدى . بىزنىڭ موھىتىمىز بىزگە ئەنە شۇنداق تۇپراقنى ھازىرلىغان ئىدى . باللار كىچىك چىغىدا تۇرلۇك ئويۇنلارنى ياساپ ئوينايدۇ . سەھرا باللىرى شۇنداق ئەتىراپىدىكى پارچە پۇرات تۇمۇر ۋە ياغاچتىن ياسالغان نەرسىلەردىن بىر نەرسىلەرنى ياساپ ئويناش ئارقىلىق مەلۇم خىلدىكى ئىجادىيەت ئىڭىنى يىتىلدۇرەتتى . ئۇلۇك مائارىپنىڭ قۇرۇق دەپتەر بىلەن يادا ئالىدىغان قۇرۇق گەپكە بىسىشى بىلەن باللار چوڭ بولغانچە بارغانسىرى كارغا كەلمەس ئۇلۇك بىر ئادەمگە ئايلنىپ قالىدۇ . مەكتەپكە بويسۇنماي بەڭۋاشلىق قىلالايدىغان بەڭۋاشلارنىڭ جەميەتتە ئىستىقبالىنى تىپىشى تەس . ئالدىنقى يىلى ئۇرۇمچىدىكى تەجىرىبە ئوتتۇرا مەكتىۋىدە بىر بالا فىزىكىنى ناھايىتى ياخشى ئۇگەنگەن ئىكەن . ئۇ سىناق قىلىمەن دەپ خىمىيىۋىلىك ئىلمىنىتلارنى بىرلەشتۇرۇپ پارتىلايدىغان نەرسە ياساپ مەكتەپنىڭ ھاجەتخانىسدا سىناق قىلغىنغا ساقچىلار شۇ ھامانلا كىچىك تىرۇرچى دىگەن قالپاقنى كىيدۇردىمۇ ئىش قىلىپ تۇتۇپ كىتىپتۇ دەپ ئاڭلىدۇق
بۇنداق ئەھۋاللار بىزدە كۆپ ئۇچرايدۇ . مەن قىزلىرىمىزنىڭ ئالى مەكتەپتىلا كوچىغا چىقىپ كىتىشنى ۋە مىھمانخانلاردا پاھىشە بۇلۇپ كىتىش مەسىلسىنى تولا ئويلايمەن . دىققەت قىلدىمكى پۇل مالغا كۆزى توق ئائىللەرنىڭ قىزلىرى ھەرگىزمۇ بۇ كوچىدا يوقكەن ياكى بولسىمۇ بەكلا ئاز بىر قىسمى باركەن . يوقسۇز ئائىللەرنىڭ قىزىلىرى ئاشۇ پۇللۇق ئائىلىدە تۇغۇلغان قىزلار بىلەن بىر سىنىپتا . بىر ياتاقتا ياشىسا ئىنىقكى ئۇنىڭ ئىدىيىسدە ئۆزىنى كەمسىتىش . ئۆزىدىن كىيم كىچەكلىرىدىن . ياشاش يوللىرىدىن خىجىل بۇلدىغان نۇمۇس قىلىدىغان كەيپىيات پەيدا بۇلىدۇ . داۋاملىق خىجىل بۇلۇپ نۇمۇس قىلماسلىق ئۇچۇن ئادەم ئەسلى نۇمۇس قىلسا بۇلىدىغان ئىشتىن نۇمۇس قىلمايدىغان ئاشۇ يولنى تاللايدۇ . ۋادەرىخ . بىر ئوقۇغۇچى قىزنىڭ پاھىشە بۇلۇپ قىلىشى بىزنىڭ دەرھال ئويلىساق ئاچچىغىمىزنى كەلتۇرگەن بىلەن ئۇنىڭ يۇرەكتىكى سەزگۇسنى بىز ھىس قىلىپ باقتۇقمۇ ؟ باراۋەر بولغان ھاياتنى تاپالمىغان بىر قىز يەپ ئىچىشتىن ئىبارەت ئىھتىياجنىمۇ قاندۇرالمىسا يەنە ئوقۇپ نىمە قىلىدۇ ؟ بۇ يەردىن دەل ئاشۇ ئىپلاس يولغا ماڭىدىغان بىر يول چىقىدۇ . مەن ئۇلاردىن ئەمەس شۇ بىچارە ئاتا ئانىسىغا ئىچىم ئاغرىيدۇ . چۇنكى ئۇلار قىزىلىرىنىڭ شۇنداق بىر يولغا مىڭىپ قالىدىغانلىغىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ
ئالدىنقى يىلى يەكەنگە بىرىپ قالدىم . بىر قىز يەكەن سىفەندە ئوقۇيدىكەن . بىز ئولتۇرغان سورۇنغا كىرىپ شېئرىدىن بىرنى ئوقۇپلا بىر دەستە گۇلنى تۇتۇپ تۇرغاندى شەنجاڭنىڭ مەسلىگى كىلىپ ئۇنىڭ ھەممە گۈلىنى سىتىۋالدى . ئوپىرا ئۆمەكنىڭ ئالدىدا بىر مايلامچى بالا بار . يەتتە يىل بولدى كۇندە ئىككى يۇز سوم پۇل تاپىدۇ . ھۇنەرگە ئەڭ ئۇستىسى شۇ . بۇنداق ئىشلارمۇ جەميەتتە كۇپ لىكىن ھىلىقى قىزنىڭ سۇزۇك جاراڭلىق ئاۋازى . بىر توپ ئەرلەر ئولتۇرغان يەردە چاڭىلداپ سۆزلەپ ئۆزىنى تونۇشتۇرىشى ۋە غەيرىتى مىنى ئويلساممۇ ھاڭ تاڭ قويىدۇ . مەن ئويلايمەن مانا بۇمۇ ئىجادىيەت ئىڭى پەيدا قىلغان ئىش . بولمىسا ئۇ قىزمۇ ئۇدۇل بىر يەرگە بىرىپ باشقا ئىش قىلماي نىمە دەپ كەچلىرى رىستۇراندا گۈل ساتىدۇ ؟
ئىش قىلىپ ھەممىلا ئادەمنىڭ تىجفرەت قىلىپ پۇل تىپىشى ۋە ھەممە ئىشتا پۇلنى ئۆلچەم قىلىپ ياششىمۇ ئەقىلغا مۇۋاپىق بولمىسا كىرەك . بىراق ھەر كۇنى شۇ سان سىفىرنىڭ ئچىىدە ياشاۋاتقان بىز ئۇنىڭ بىلەن ئانچە مۇنچە ھەپلىشىپ تىرىكچىلىتىكى مۇھتاجلىقنىڭ غىمىنى قىلمىساق ئىش چاتاق ھامان چاتاق .
( تۇگىدى )

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
takderdax + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

http://ozhalovqi.33591.com

ئالاھىدە ئىلگىرلەش مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1041
يازما سانى: 2490
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 18118
تۆھپە نۇمۇرى: 1035
توردا: 1129 سائەت
تىزىم: 2010-5-27
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 09:42:39 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                                         تىللا   ھەققىدە  ھىكايە  

تەڭرى ،  ئۈچ  ئادەمگە  ئوخشاش  بولمىغان  دەرىجدە  تىللا  ئاتا  قىلىپ  سىناپ  باقماقچى
بوپتۇ  .  بىرىنجى  ئادەمگە  بەش  تىللا  ،  ئىككىنجى  ئادەمگە  ئۈچ  تىللا  ، ئۈچىنجى
ئادەمگە  بىر  تىللا  بىرىپتۇ  .  
نەچچە  يىل  ئۆتكەندىن  كىيىن  ،  بىرىنجى  ئادەمدىن  سورىسا  ،  بەش  تىللا  بىلەن
تىجارەت  قىلىپ  بەش  تىللانى  ئوبۇرىت  قىلىپ  نەچچە  قىلغانلىقىنى  ئېيتىپتۇ  .تەڭرى
بۇنىڭدىن  ناھايتى  خۇش  بولۇپتۇ .
ئىككىنجى  ئادەمدىن  سورىسا  ،  ئىككىنجى  ئادەم  تېرىقچىلىق  قىلىپ  بىر ھەسسە
كۆپەيتكەنلىكىنى  ئېيتىپتۇ .  
ئۈچىنجى  ئادەمدىن  سورىسا   ،  بىر تىللانى  يەرگە  كۆمۈپ  قويغانلىقىنى  ئېيتىپتۇ .
ئەسلىي  ئۇ  ،  تەڭرىنىڭ  ئىناۋىتىنى  قەدىرلىمەكچى  بولغان  ئىكەن .
تەڭرى  بۇنىڭدىن  ناھايتى  غەزەپلىنىپ  ،  ھۇرۇن  _ قۇل  ئىكەنسەن  !  مەن بەرگەن
سوۋغاتتىن  ئوبدان  پايدىلانماپسەن  دەپ  ئاچچىقلاپ  كېتىپتۇ  .
  
ھەر  قانچە  باي  دۆلەتتىمۇ   نامرات  ۋە  بايلار   تېپىدىكى  ئىككى  خىل  كىشىلەر  بولىدۇ .
ئىددىيە  بىر  ئادەمنىڭ  تەقدىرىنى  بەلگۈلەيدىغان  ئاچقۇچ ...
نامرات  كىشىلەر  ، كىم مىنى نامرات قىلىپ قويدى  بايلار   بولغاچقا  بىز  نامرات
بولۇپ  قالغان  ،  نامراتلىق  پىشانەمگەپۈتۈلگەن  دەپ نامراتلىققا  شۈكرى  قىلىپ  كۈن  
ئۆتكۈزۈشكە  كۆنۈپ  قالغان  .  ئۇلار  مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلىپ ،  باھانە  ئىزدەپ
ئۆتىدۇ .  

يەنە  بىر  خىلىدىكى  كىشىلەر  ،  مەن  نېمىشقا  نامرات  ؟ باشقىلار  قىلغاننى  مەن
قىلالمايمەنمۇ  ؟  باشقىلاردىن  نەرىم  كەم  ؟ قانداق قىلسام  تۇرمۇشۇمنى ياخشىليالايمەن ؟
  دەپ   ئۆزىدىن  سۇئال  سۇرايدۇ  . قانائەت  قىلمايدۇ .
نامراتلىق  تەقدىرى  بىلەن  جان  تىكىپ  ئېلىشىپ  ئىزدىنىدۇ  ،  توختاۋسىز تېرىشىپ
ئىزدىنىدۇ  .  
<<ئىنساننىڭ  تېرىشچانلىقىغا  لايىق  نەتىجە  باردۇر>>  دېگەن  ئايەت  نامرات
بايلىقنىڭ  تەقدىر  تەرپىدىن  بەلگىلىنىدىغان  ئىش  ئەمەسلىكىگە  ئىسپات  بولالايدۇ.
خۇدايىم  بەندىللىرىنى  سۆيىدۇ  ،  مۇھتاجلىقتا  قويمىسام  دەيدۇ  .



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sargarda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-16 10:19 PM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
takderdax + 300 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 300   باھا خاتىرىسى

دۇنياغا  سەيلىگە ئەمەس بەيگىگە كەلدىم.

مىڭ  ئېغىز   گەپتىن  ، بىر قېتىملىق ئەمەلىي ئىش ئەلا...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78330
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 69
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 26 سائەت
تىزىم: 2012-4-3
ئاخىرقى: 2012-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:37:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۇنيادىن ، قىسمەتلەردىن ،قېيدىماي، ھەركەت قىلغاندىلا ، ياخشى كۈن كۆرگىلى بۇلىدۇ. ئەكسىچە كەلگۈسىدىكى ئىشلىمەي،چىشلەيدىغان، ھەممە نەرسە تەييار كومىنىزىمچە كۈننى ساقلىغانلار  ئۇ كۈن كەلگۈچە ئاز-زارلىقتا قالىدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3577
يازما سانى: 372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 21848
تۆھپە نۇمۇرى: 2613
توردا: 4860 سائەت
تىزىم: 2010-7-8
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    ھۈنەرسىز،ئىشى يوق كىشى خۇددى ئوق تەككەن مەجروھقا ئوخشايدۇ.بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا،
ھۈنەر بىر غەزىنە بولۇپ،ھۈنەرلىك كىشى تۈگىمەس غەزىنىگە ئېگە بولغان بولىدۇ.
                                                      _  نەۋائىي

ھۆرمەتلىك تورداش ئۆزھال ئەپەندى،ئىسىل يازمىلىرىڭىزنى سۆيۈنۈپ ئوقۇدۇم.ئادەم ھەر قانداق
چاغدا ئۆزىنىڭ نىمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىشى،ناۋادا زۈرۈر بولسا ئۇنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا
قويىشى كېرەك.مانا ئۆزىڭىز دەل ئاشۇنداق قىلىپسىز.خېلى ئۇزۇن بولدى تور دۇنياسىدا سىزنى
ئۇچراشتۇرالماي قالدۇق،بەلكى بەك ئالدىراشلىقىڭىزدىن تورغا چىقالماي قالغانسىز.نادىر يازمىلىرىڭىزنى
سېغىندۇق.پات-پات ئەسەرلىرىڭىزنى كۆرۈپ تۇرايلى.تىنىڭىزگە سالامەتلىك،قەلىمىڭىزگە بەرىكەت
تىلەيمەن.
   ھۆرمەت بىلەن: ئابدۇۋەلى راخمان (ھەققانىي)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 32240
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1371
تۆھپە نۇمۇرى: 51
توردا: 699 سائەت
تىزىم: 2011-3-1
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 12:13:02 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۆزھال ئۇكا، ياخشى نەرسىلەرنى يىزىۋاتىسەن، تىلىڭمۇ پىكرىڭمۇ بارغانسىرى بىيىۋىتىپتۇ، ياخشى ھەۋەسلىگە تۇتۇش قىپسەن ، داۋاملىق تىرىش، يازمىلىرىڭ بولاپ قويىدۇ سىنىڭ، ئاستا ئاستا جەمىيەتشۇناسلىقتا يىتىشىپ بىزدىكى بۇ بوشلۇقنى توشتۇرۇشقا تىرىشقىن، سەندە ئۈمۈت بار، لىكىن ساڭا بىرىدىغان تەكلىپلىرىممۇ بار، بۇ توغرىلىق ئايرىم توختىلاي بۇ يەردە دىمەي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76572
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 155
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 44 سائەت
تىزىم: 2012-2-26
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 09:35:48 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىلىمسىزلىكنىڭ

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 25761
يازما سانى: 327
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6150
تۆھپە نۇمۇرى: 1110
توردا: 3817 سائەت
تىزىم: 2011-1-10
ئاخىرقى: 2012-6-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 10:38:44 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن سىزنىڭ (كىچەلمەيمەن سىنىڭدىن ۋەتەن ) دىگەن شىئرىڭىز ئارقىلىق سىزنى تۇنىغان ئىدىم . بۇنىڭغىمۇ 12 يىل بۇلاي دىدى
سىز تۇختىماي تىرشىۋاتىسىز .يەنىمۇ تىرشىڭ  خەلقىمىز سىزدەك قەلبى ئويغاق ئالىملارغا تۇلىمۇ ئىھتىياجلىق

بىلىمسىزلىكنىڭ بالىياتقۇسىدا «قۇللۇق» تىن ئىبارەت «تۆرەلمە» يېتىلىدۇ
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش