مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2484|ئىنكاس: 25

ئۇلۇغ قەرزدار،ئۇلۇغ يازغۇچى زوردۇن سابىر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 29527
يازما سانى: 58
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5512
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 652 سائەت
تىزىم: 2011-2-8
ئاخىرقى: 2013-2-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 03:10:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

images[1].jpg


ئۇلۇغ قەرزدار،ئۇلۇغ يازغۇچى زوردۇن سابىر

(بىيوگرافىك ئەدەبىي خاتىرەدىن پارچە)

     بىرنەچچە ئايلاردىن بۇيان قەلەم ھاسىسىنى توكىلدىتىپ، زوردۇن سابىرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋادىسىدا پىرقىراپ يۈرگەن سەيياھ نېمە بولدىكى، بىردىن قوشۇمىسىنى تۈردى، ئۇ، ئويلىنىۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۇ قەدىردان يازغۇچى تۇغۇلغان ئانا يۇرتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈسى، ئۇ يۈرگەن يوللاردا يۈرگۈسى، ئۇ تۇتقان نەرسىلەرنى تۇتقۇسى كەلگەنىدى. قىزىقىش ھەۋىسى ئۇنى شەھەردىن قوغلىماقتا، فېۋرال ئېيىنىڭ بىر ئىللىق كۈنى ئۇ ئاخىرى سەپەر ئېتىنى جابدۇپ ئاتلاندى.

     ئۇ يېزىغا-مەھەللىگە كىرىپ كەلدى. ئېتىزلاردىن قار كەتكەن، يىراقتىن قارىغاندا بۈككىدە كۆرۈنگەن مەھەللە ئىچىگە كىرگەنسېرى چۆلدەرەپ قالغاندەك كۆرۈندى. شېغىللىق چوڭ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى يالىڭاچلىنىپ قالغان ياش ئاق تېرەكلەر ئارىسىغا خىش بىلەن سېلىنغان چىرايلىق ئۆيلەرمۇ مۆكۈنگەنىدى. دەل-دەرەخلەردىن، ئېرىق بويلىرىدىن، ئېتىزلار ئارىسىدىن ئەتىيازنىڭ نەمخۇش ھىدى كېلىپ تۇراتتى. ھەيۋەتلىك ئابرال تېغىدىن باھار شامىلى ئەسمەكتە، باھار كەلمەكتە...

     سەيياھ كوزۇپى ئوچۇق كىرا موتوسىكىلىتنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ئېتىز-قىرلارغا، ياش ئورمانلىققا، ئابرال تېغىغا تويماستىن قارايتتى. بىر چاغلاردا زوردۇن سابىرمۇ خۇددى ئۆزىدەك مۇشۇ يولدىن مۇشۇنداق ئۆتكەن بولغۇيدى... تۇيۇقسىز ئۇنىڭ قۇلىقىغا شىۋىرلىغاندەك ئۇلۇغ ئىنقىلابىي، لېرىك شائىر ل.مۇتەللىپنىڭ باھار ھەققىدىكى شېئىرى چاقناپ ئۆتتى:

     باھار كەلمەكتە يولداش، تەبىئەت غەمگۇزار سېنىڭدەك،

     قىش يىغلىدى، كۈلدى قۇياش، خۇش زەركار سېنىڭدەك.

     كىرا موتوسىكىلىتى چوڭ يول بويلاپ، تۆت كوچىدىن شەرققە ئاندىن غەربكە ئايلاندى. ئۇ بىرئاز مېڭىپ، غەربكە قارىغان زىننەتلىك تۆمۈر دەرۋازا ئالدىدا توختىغاندا، ھويلىدىن بىر ياش يىگىت چىقىپ كەلدى، ئۇ سەيياھنى ئۆيگە باشلىدى. جەنۇبقا قارىتىپ سېلىنغان ئۆينىڭ پىشايۋىنى ئالدىدا سەيياھ ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان كىشىنى كۆرۈپ ھۇدۇقۇپ كەتتى: ئۇنىڭ ئالدىدا مەرھۇم زوردۇن سابىر كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى. پەقەت ئۇنىڭ بۇغداي ئۆڭ چىرايىلام ئوخشىمايتتى، خالاس. بۇ-زوردۇن سابىرنىڭ ئىنىسى مۇسەللىم ئاكا ئىدى.

     ئۇلار سالاملاشتى، ئەھۋاللاشتى. مېھمان تاتلىق-تۈرۈم تىزىلغان شىرەدىن دۇئا قىلىپ قوزغالغاندا، مۇسەللىم ئاكا ئۇنى زوردۇن سابىر يېزىقچىلىق قىلىدىغان ئۆيگە، ھويلىغا، باغقا ئېلىپ چىقتى. ئۇ تاقىرلىشىپ كەتكەن باغدا<< ئانا يۇرت>>تا تىلغا ئېلىنغان، پۈتۈن مەھەللە توپا ئالىدىغان چوڭ كارىزنى؛ ئەينى يىللىرى شاۋقۇن-سۈرەن سېلىپ ھەممە جانلىقلارنى، گۈل-گىياھلارنى شادلاندۇرغان، ھازىر بولسا تىنىقى ئۈزۈلۈپ، مۇڭلىنىپ ياتقان<<كوۋسۈن ئۆستىڭى>>نى؛ ئۇنىڭ بىر چاغدا بالىلارنىڭ ۋاراڭ-چۇرىڭىغا ھەمنەپەس بولغان چوڭ قاينىمى يېنىدىكى قېرى ئاق ئالما دەرىخىنىڭ ئورنىنى ۋە قاراياغاچلىق چوڭ باغنى كۆرسەتتى. ئۆستەڭنىڭ تۈزلىۋېتىلگەن بىر يان قىرىدا رەتسىز ئۆسكەن قاراياغاچ، ئۈجمە، جىگدە دەرەخلىرى ۋە تىكەنلىك چاتقانلار بار ئىدى. باغنىڭ شەرقى تەرىپى شالاڭ ياش ئورمانلىق ئىدى.

     -زوردۇن سابىر ياشىغان ئۆي قەيەردە؟-مېھمان ئۇنى كۆرۈشكە ئالدىراۋاتاتتى.

     مۇسەللىم ئاكا مېھماننى پاراڭ بىلەن بىر خارابىلىققا باشلاپ كىردى. خارابىلىقنىڭ چۆرىسىنى ئۆزى ئۆسۈپ قالغان قاراياغاچ، ئاكاتسىيە دەرەخلىرى ۋە ئۇلارنىڭ تۈۋىدىكى ئۇششاق شۇڭلار قاپلاپ تۇراتتى. خارابىلىقتا ئىككى ئېغىز ئۆينىڭ ئىزناسى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇراتتى. ئارقا تېمىنىڭ تېخى تۈزلىنىپ كەتمىگەن قىسمى يەردىن خېلىلا ئېگىز، ئۇنىڭ قىرلىرى يېيىلىپ كەتكەن سارغۇچ-قارامتۇل توپىسى مېھماننىڭ كۆڭلىنى مىسكىنلەشتۈردى: مەرھۇم زوردۇن سابىر مۇشۇ ئۆيدە ياشىغانىدى.

     ئۇ زوردۇن سابىرنىڭ ئانىسى ئانارخان نان ياققان تونۇرنى؛ ئۇ يىقىلىپ چۈشكەن سېرىنگۈل تۈۋىنى، باش ئىشىكىنى ۋە ھويلىدىكى لاپاس-ساڭ ئورۇنلىرىنى تەپسىلىي كۆرۈپ چىقتى، ئۇ ئېغىر خىيالدا...

     ئۇلار قوشنا دەرۋازا ئالدىغا چىقىپ قېلىشتى. بۇ زوردۇن سابىرنىڭ ئاكىسى نۇرۇم سابىرنىڭ ئۆيىنىڭ دەرۋازىسى ئىدى. دەرۋازا ئالدىدا بىر تۈپ قېرى قاراياغاچ بار ئىدى. ئۇلار قارا ياغاچ تۈۋىدە ئولتۇرغاندا، مېھمان مۇسەللىم ئاكىغا مۇنداق دېدى:

     - مۇسەللىم ئاكا، سىلەر زوردۇن سابىر بىلەن دائىم بىللە ئۆتكەچكە، ئۇنىڭ ئۇلۇغلىقىنى تازا ھېس قىلىپ كېتەلمەيسىلەر. ئۇ ئۆمۈر بويى مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىيىتىدىكى كىرنى تازىلاش ئۈچۈن جاپا تارتقان ئۇلۇغ يازغۇچى، تەۋەررۈك ئادەم. چەتئەللىكلەر مۇنداق ئۇلۇغ زاتلىرىنى بەكمۇ قەدىرلەيدۇ، ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلۇق روھىدىن ئەۋلادلىرىنى تەربىيەلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ياشىغان ئۆيلىرىنى، تۇتقان نەرسىلىرىنى تەۋەررۈك ئورنىدا كۆرۈپ ئاسرايدۇ، قوغدايدۇ، ساقلايدۇ. مەن 19- ئەسىردە ياشىغان ئۇلۇغ روس شائىرى لېرمۇنتوفنىڭ كىتابىدىن ئۇ ياشىغان ئۆينى كۆرگەن. ئۇ ئۆيگە مانا ھازىر 200 يىلغا يېقىن بولدى. تولستوينىڭ ئۆيى شۇنداق خاتىرە سۈپىتىدە ساقلىنىۋاتىدۇ.

     بىز نېمىشقا شۇنداق قىلالمايمىز؟ بىز ئۇيغۇرلار روسلاردىن مەدەنىيەتسىز مىللەتمۇ؟ ياق! ھەممە گەپ ئۆزىمىزدە. بىزدە بىپەرۋالىق ئېغىر، مانا قاراڭ: زوردۇنكامنىڭ تۇغۇلغان، ياشىغان ئۆيى خارابىلىققا ئايلىنىپ كېتىپتۇ. بىر چوڭ تەۋەررۈك خاتىرە يوقىلىپتۇ. ھېلىمۇ ياخشى ئۇنىڭ ئورنى بار ئىكەن، ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرسەك بولىدۇ! ھازىر چوڭلاردىن سىزلا قاپسىز، سىز بۇ ئۆينىڭ ھەممە ئۇجىر-بۇجىرىنى بىلىدىكەنسىز. سىز كەنتكە، ئۇرۇق-تۇققالىرىڭىزغا ئېيتىپ بېقىڭ. ئۇلار بۇ ئۆينى ئەسلىگە كەلتۈرسۇن. ئەگەر ئۇلار ئەسلىگە كەلتۈرمىسە مەن كەلتۈرەي، قانچە پۇل كەتسە مەيلى. ئۆينىڭ ئەسلى قانداق بولسا-قەيەردە مانتا ئوچاق، قەيەردە مورا ئوچاق، قەيەردە دېرىزە-ئىشىك...بولسا ئۆز ئەينى بولسۇن، كىشىلەر زىيارەت قىلغاندا زوردۇنكامنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى ئۆيىدەك ھېس قىلسۇن!...مەن يەنە مۇنداق ئويلاۋاتىمەن: سىزنىڭ ماۋۇ ئورمىنىڭىز قانچە خو؟

     - تۆت خودىن ئۇشۇقراق.

     - ھە، سىز بايا مۇشۇ ئورماننى سېتىپ قېرىغاندا راھىتىنى كۆرەيمىكىن دېدىڭىز، بۇمۇ توغرا، بىراق، بۇ ئورمان كىشىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە بولمايدۇ. زوردۇن سابىر مۇشۇ ئورماندا چوڭ بولغان، مۇشۇ ئورماندا ئارام ئالغان، يازغان... ئەگەر پۇلدىن قىسىلسىڭىز مەن بېرىپ تۇراي، ئەمما، قەتئىي بۇ ئورماننى ساتماڭ. زوردۇنكامنىڭ روھى قورۇنۇپ قالمىسۇن!...كەلگۈسىدە بۇ يەرگە زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى سېلىنىدۇ، خاتىرە ساراينىڭ ئارقىسىدىكى ئورمان ئىچىگە ئۇنىڭ قەبرىسى يۆتكەپ كېلىنىدۇ. ئۇمۇ ئۇلۇغ روس يازغۇچىسى ل.ن.تولستوينىڭ قەبرىسى ئۆز بېغىدىكى ئورمانلىق ئىچىگە قويۇلغىنىدەك ئاجايىپ تەۋەررۈك قەبرە بولۇپ قالىدۇ. زوردۇن سابىرمۇ تولستويغا ئوخشاش ئۇلۇغ روھقا ئىگە ئادەم ئەمەسمۇ!...

     - زوردۇن قەلەمگە چىڭ بولغىنى بىلەن تۇرمۇشقا بوشاڭچۇ-ئۇ. رەھمەتلىك تۇرسۇن ئەلى (غۇلجا شەھەرلىك <<خەنبىڭ>> يېزىلىق پارتىكوم شۇجىسى)باغنىڭ بېقىنىدىن ( <<خەلق باغچىسى>>نى دېمەكچى)شائىر مۇھەممەتجان سادىق، داڭلىق ناخشىچى داۋۇتجان ناسىرلارغا 0.8 خودىن جايلىق يەر بەرگەندە زوردۇنغىمۇ بەرگەن. ناھايىتى 800 يۈەن تۆلەڭلار دېگەن، شۇ يەرنىمۇ ئالمىدى ئۇ. مەن ئۇنىڭغا پۇلنى مەن تۆلەي، تالوننى سەن ئۆز نامىڭدا ئېلىۋال دېسەم:<< ئۇكا، ئالدىرىما، ئالىمىز!...>>دەپ قوياتتى. زوردۇنغا يەر كەممۇ؟ ئۇ قايسى يېزىغا بېرىپ ماڭا بىر ئىككى خو يەر بېرىڭلار دېسە گەپ قىلماي بېرەتتى. قايسىبىر يىلى ئۇ كەنتتىكىلەرگە :<< مەن مۇشۇ يەرگە بىر كىتابخانا سالايمىكىن، ئۆزۈممۇ نۇشۇ يەردە يېزىقچىلىق قىلسام!>>دېگەنىدى، كەنت تۆت خو يەر بېرىدىغان بولغان. شۇنىڭمۇ رەسمىيىتىنى ئۆتىمەي، ئۈرۈمچىگە كېتىۋېلىپ تاشلاپ قويدى. ئۇنىڭ مۇنداق ئىشلار بىلەن خوشى يوقتى. مانا ھازىر بولغان بولسا ئۆزىگىلا ئىشلىتەتتۇق-تە!...

     ئەمما ئۆزى ئۆمۈر بويى قەرزدىن قۇتۇلالماي كەتتى. ئۇ بىرىگە بېرىمەن دەپ ئاكامنى كاپالەتچى قىلىپ يېزىلىق بانكىدىن ئون مىڭ يۈەن ئالغانىكەن. ئۇ ئۆلۈپ كەتكەندە ئۇ پۇل پىرسىنى بىلەن ئون يەتتە مىڭ يۈەن بوپتۇ. بانكا سۈيلەۋەردى، ئاخىرى مەن يول مېڭىپ، ئوبلاستلىق بانكىغا ئەھۋالنى ئېيتىۋىدىم، ئۇلار يەتتە مىڭ يۈەن پىرسەنتىنى كۆتۈرىۋەتتى، قالغان ئون مىڭ يۈەننى خەلچەم تۆلىۋەتتى...

     گېرمانىيەدىكى دوستى ماڭا:<< زوردۇننىڭ تۆت كىتابىنى نەشىر قىلدۇردۇم، ھازىر كىتاب سېتىۋاتىمەن، ئۇنىڭ پۇلى يىغىلغاندا زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيىنى سالىمەن!>>دېگەنىدى، ئۇمۇ يوقاپ كەتتىغۇ!...

     - ئۇمۇ كەپ قالار، مەن دېگەن گەپلەرنى ئوبدان ئويلاپ قويۇڭ، توغقانلار بىلەن مەسلىھەتلىشىڭ!

     مېھمان ئورنىدىن تۇردى، ئۇ قايتىشقا تەرەددۈتلەندى. كەڭ، ئازادە كوچا، كوچىنىڭ ئۇ يەر-بۇ يېرىدە ياش بالىلار كۆرۈنەتتى. ئۇلار ياخشى كېيىنگەن، قوللىرىدا يانفون، سۆزلىشىۋاتقان، كۈلىشىۋاتقان، ئەمما بۇ يەردە مېھمانغا نېمىدۇر كەمدەك سېزىلمەكتە. توغرا، سەھرا پۇرىقى، توپا پۇرىقى... پادا قايتىدىغان چاغ بولسىمۇ، كوچىلارنى توپا-چاڭغا كۆمۈپ ئۆتىدىغان كالىلار كۆرۈنمەيتتى. كالىلارنىڭ-موزايلانىڭ بىر-بىرىنى كىنەپ مۇڭلۇق مۆرەشلىرى ئورنىدا يېزا جىملىقىنى بۇزۇپ موتوسىكىلىتلارنىڭ يېقىمسىز ئاۋازى كېلەتتى.

     مەرھۇم زوردۇن سابىر سەھرا پۇرىقىنى، توپا پۇرىقىنى تولىمۇ ياخشى كۆرەتتى: ئۇ توپىنى سۆي، داڭگالنى قۇچاقلا... دۇنيادا ئەڭ پاكىز، ئەڭ قىممەتلىك نەرسە توپا، دېگەنىدى.

     شۇنداق، ھازىر بۇ يەردە توپىدىن ياسالغان تەنگە پايدىلىق، ئىللىق سەھرا ئۆيلىرى، ئۇلارنى بۈككۈدە قاپلاپ تۇرغان قاراڭغۇ باغلار كۆرۈنمەيتتى.

     سەيياھ خوشلاشتى. مۇسەللىم ئاكا نېمىنىدۇر ئويلىشىپ قالدى-دە، بىر نەرسىنى ئېسىگە ئالغاندەك ئاستا، پىچىرلىغاندەك ئېيتتى:

     - زوردۇن رەمەتلىك ئۆزى بىلەتتىكەن. ئۇ ئۈرۈمچىگە مېڭىش ئالدىدا ماڭا:<<ئۇكا، ھازىر بىزنىڭ قەدرىمىز يوق، مەن ئۆلۈپ 10-15 يىلدىن كېيىن ئاندىن قەدرىمىزگە يېتىدۇ، ئاندىن قەدىرلىشىدۇ. سەن ئامان بولساڭ كۆرۈپ قالىسەن. تارىختا ئۆتكەن ھەممە مەشھۇر زاتلارمۇ شۇنداق بولغان، تارىخ تەكرارلىنىدۇ، بىزدەكلەر ئۆلمىگۈچە قەدىرلەنمەيدۇ!...-دېگەنىدى، ئۇ راس دەپتىكەن، كۆڭلى تۇيغانمىتتىكىن...

     مۇسەللىم ئاكىنىڭ غەمكىن ئاۋازى تىترىگەندەك چىقتى، ئۇ ئاكىسىنى كىنەۋاتاتتى...

     مېھمان ئاپتوبۇس دېرىزىسىدىن ئارقىسىغا بۇرۇلۇپ، يىراقتا قالغان مەھەللىگە بىر پەس قاراپ ئولتۇردى، ئاندىن كۆزىنى يۇمۇپ خىيالغا پاتتى...

     سەيياھ خىيالدىن ئويغاندى. ئۇ مەنزىلىگە كەلگەنىدى. ئۇ ئاپتوبۇس ئورۇندۇقىدىن ئېرىنچەكلىك بىلەن تۇرىۋېتىپ ئۆز-ئۆزىگە ئاستا پىچىرلىدى:

     ھايات شۇنداق ، ئىنسان كۆمۈلىدۇ، ئۇلۇغ غايىسىنى مەھكەم قۇچاقلاپ توپا ئاستىدا ياتىدۇ. ئۇ غايىسىنى ئەكېتىدۇ، غەم-قايغۇسىنىمۇ ئەكېتىدۇ. ئۇنىڭ جىسمى توپىغا ئايلىنىدۇ. لېكىن غايىسى، قىساسى ۋە غام -قايغۇسىنى تۇپراق سىغدۇرمايدۇ. ئۇ يەر ئاستىدىن چىقىۋېلىپ، يوقالغان جىسىمنىڭ مىراسخورلىرىنىڭ باشلىرىغا كېلىپ قونىۋالىدۇ.

     شۇنداق، <<بۇ مەشئەل ئۆلگەن ھەرقانداق چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك يالقۇنجاپ كۆزنى قاماشتۇرىدۇ.>>(دۇنيا ئەدەبىياتى5-88. ۋېكتور ھىيۇگو:<<گېئورگى سانغا مەرسىيە>>)

ئاپتورى: ئابلەت ئابدۇللا

مەنبە: تەڭرىتاغ ژورنىلى 2011-يىل 6-ساندىن ئېلىندى

     



بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ-ياشاھەم ئېسىڭدە ساقلا

ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن بەندى

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1423
يازما سانى: 427
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12876
تۆھپە نۇمۇرى: 500
توردا: 11517 سائەت
تىزىم: 2010-5-29
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 09:25:14 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغلىرىمىزنىڭ روھى بىزگە مەدەت بولغاي. مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن،

دۇنيادا ھەممىدىن ھايات قىممەت،
ھاياتتىنمۇ قىممەت مۇھەببەت.
ۋە لېكىن كېچىمەن ھەر ئىككىسىدىن،
ئەركىنلىك، ئازاتلىق ئۈچۈنلا پەقەت.
                                          فېتوفى

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 09:39:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
   مەرھۇم يازغۇچىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى مەن بەك ياقتۇرۇپ ئوقۇيمەن ، ئۆتكەندە مۇنبەرگە بۇ ئۇلۇغ يازغۇچىمىزنىڭ « ئىھ توپۇلۇق يول » دىگەن ھىكايىسىنى يوللاپ قويدۇم ، ئەمدى « جىگدىلەر پىچىرلايدۇ » دىگەن ھىكايىسىنى يوللاپ قويايمىكىن دەيمەن ،

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.
nap--rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 09:48:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5635
يازما سانى: 1491
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10407
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3521 سائەت
تىزىم: 2010-8-5
ئاخىرقى: 2015-3-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 09:49:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئابلەت ئاكىمىزنىڭ بىرقانچە ماقالىلىرىنى ئوقۇدۇم. بۇ كىشىنىڭ قەلەم كۇچىمۇ كۇچلۇك ئىكەن. زۇنۇن قادىرى توغۇرلۇق يازغان ماقالىسىمۇ كارامەت يىزىلغان.

مەن پەقەت چۇشتىكى ئاققۇ خالاس، ھەرگىز رىئالىق ئەمەس
nap--rat بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 09:54:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1740
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10562
تۆھپە نۇمۇرى: 674
توردا: 5235 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2014-6-2
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:04:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىڭ ئادەمگە تىگىشكۈسىز زات ئىدى!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4456
يازما سانى: 1140
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 26361
تۆھپە نۇمۇرى: 933
توردا: 7856 سائەت
تىزىم: 2010-7-21
ئاخىرقى: 2014-1-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:18:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 09:39 PM
مەرھۇم يازغۇچىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى مەن بەك ياقتۇرۇپ ئ ...

قېنى تېز يوللاڭچۇ، ئۇزۇن يىللار بوپتىكەن بۇ ھېكاينى ئوقىمىغىلى...مەرھۇمنىڭ بۇرۇنقى ئەسەرلىرى تور دۇنياسىدا بەك ئاز ئۇچرايدۇ، جاپا چەكسىڭىزمۇ بىر تولۇقلاپ قويۇڭە.
زوردۇن سابىر ئەپەندىنى قەرزدار دېسەك بولماسمىكىن (گەرچە «قەرزدار» دېگەن ئېسىل ھېكايىنى يازغان بولسىمۇ)، زوردۇن سابىر ئەپەندى قەرزىنى ئادا قىلىپ بولدى دەپ قارايمەن.

barisjan بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:33:56 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72361
يازما سانى: 207
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3617
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 194 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2014-10-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:59:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 09:39 PM
مەرھۇم يازغۇچىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى مەن بەك ياقتۇرۇپ ئ ...

نازىلە ئۇنداق بولسا تىزراق چىقىرارسىز ھە ،" جىگدىلەر پىچىرلايدۇ " قاچان چىقىراركىن دەپ كۆزۈم تۆت بولۇپ كەتتى .

كىملەر بولۇر كىملەرگە خار ،
يەنە كىملەر كىملەرگىدۇر زار .
بۇ ھايات قىسمەتلىرىڭدىن ،
كىملەرنىڭ يولى كىملەرگە تار .        قارلىغاچ ......
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش