مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 465|ئىنكاس: 0

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

شان-شەرەپ مال-دۇ

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 644
يازما سانى: 585
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15851
تۆھپە نۇمۇرى: 1527
توردا: 3805 سائەت
تىزىم: 2010-5-24
ئاخىرقى: 2012-9-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 02:25:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ يېڭى سىگنالىنى چىقاردى
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 14-ئاپرېل بېيجىڭ خەۋىرى:
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى تۈگىمىدى، ياۋروپا قەرز كىرىزىسىدىكى تۈپ مەسىلىلەر تېخى ھەل بولمىدى. ئىچكى ئىقتىسادىي ھەرىكەتتە تۆۋەنلەش بېسىمى ساقلانماقتا، مال باھاسىنىڭ ئۆرلەش بېسىمى يەنىلا مەۋجۇت بولماقتا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش قىيىنچىلىقى يەنىلا بىر قەدەر گەۋدىلىك بولماقتا، ئېكسپورت كەسپى دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق كۆپەيمەكتە. سىياسەت تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، سىياسەتكە ئالدىن ماكان قالدۇرۇپ، قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلىپ، ئىقتىساد خىزمىتىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى پۇختا ئىگىلەش كېرەك.
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى ماكرولۇق ئىقتىساد بۆلۈمىنىڭ تەتقىقاتچىسى جاڭ لىچۈن تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نورمال دائىرىدە تۇرماقتا، لېكىن ئېشىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى بەك تېز بولغان ھامان، كارخانىلارنىڭ تىجارىتى بىلەن پۇقرالارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا خېلى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. سىياسەتنىڭ بەلگىلىك ئارقىدا قېلىش خاراكتېرىنى ئويلىشىپ، ۋاقتىدا ئالدىن ۋە ئىنچىكە تەڭشەپ، تەشەببۇسكارلىقنى تېخىمۇ بالدۇر قولغا كەلتۈرۈش لازىم.
دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇنۇلار ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: قۇرۇلمىلىق باج ئازايتىش سىياسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش سىنىقى قىلىنغان كەسىپ ۋە رايون دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللاش كېرەك. پۇل سىياسىتىدە، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، تېزرەك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، پۇل مۇئامىلە خەتىرىدىن ساقلىنىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى قاندۇرىدىغان مۇۋاپىق مەبلەغ ئېھتىياجىغا تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش لازىم.
1-پەسىلدىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئاساسلىق سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىنغان 13-ئاپرېل كۈنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا 1-پەسىللىك ئىقتىسادىي ۋەزىيەت تەھلىل قىلىندى، كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىقتىساد خىزمىتى توققۇز جەھەتتىن ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ماكرولۇق ئىقتىساد سىياسىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سىگنالىنى چىقىرىلدى.

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 1-پەسىلدە جۇڭگو ئىقتىسادى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.1 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى پەسىلدىكىدىن 0.8 پوئېنت ئاستىلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ساپ ئېكسپورتنىڭ 1-پەسىلدىكى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى مەنپىي %9.4 بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنى %0.8 ئاستىلاتقان.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش