مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 5359|ئىنكاس: 119

ئەيساجانغا بېلەت تاشلايلى!   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

yaxax bizdin kuraxni talap kil

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 23351
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3866
تۆھپە نۇمۇرى: 218
توردا: 1741 سائەت
تىزىم: 2010-12-22
ئاخىرقى: 2012-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 12:58:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

تويى بولۇپ ئاغىنىمىزنىڭ ،
نىكاھىغا باردۇق سەھەردە .
ئاخۇنۇمنى يىغلاتقان نىكاھ ،
پۇر كېتىپتۇ پۈتۈن شەھەرگە .

خىجىللىقتىن قىزاردى چوڭلار ،
باشلىغاچقا بوۋىلار سوراق .
بايان ئەيلەي كىتاپخانلىرىم ،
ئەسلى ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق .

ئىمام ئاخۇن باشلىدى تەپسىر،
شۈك بولۇشتۇق ئايەتنى ئاڭلاپ .
ھەيران بولدى مىنكاۋخەن يىگىت .
چىقتى بىر قۇر ھەممىگە قاراپ .

خاتۇنلۇققا قۇبۇل قىللىمۇ ؟
-دېدى ئىمام ،يىگىتكە ،قىزنى !
ئىپادىسىز ئولتۇردى يىگىت ،
چۈشەنمىگە چ تازا بۇ سۆزنى .

قىستىغاچقا ئىمام جاۋاپنى ،
-تا شوسا دەپ باقتى قولداشقا .
توۋا دېدى بوۋىلار غەزەپ -
-بىلەن قاراپ دادا قاقباشقا .

پىچىرلىغاچ قولدىشى كۈلۈپ ،
"تۇڭيى "دېدى يىگىت ئالدىراپ ،
ئاپلا ...دېدى ئىمام ئاخۇنۇم ،
توختىماستىن ساقالنى سىلاپ .

داۋام ئەتتى نىكاھنى ئىمام ،
بىر غەزەپتىن چاقناپ كەتتى كۆز .
تاشقىردىكى قىزنىڭ ئاغزىدىن ،
ئاران چىقتى "ھەئە "دىگەن سۆز ...

تۇزلۇق ناننى يىگىتكە بەرسە ،
ھەيرانلىقتا دېدى "جىگى سا ؟"
چىرقىرىدى تاشقىردىكى قىز ،
"جىگى مو مو ،فىيچاڭ نەنچىلا "......

-توۋا دېدى ئىمام غەزەپتىن ،
مۇشۇمۇ ھە بىزنىڭ بالىلار !!!!!
بىر قاباھەت يادىدىن كېچىپ ،
ھەسرەت ....دېدى ئاقباش بوۋايلار ....

-شەرەپلىك ئىش قوش تىللىق بولۇش ،
ئانا تىلنى ئۇنتۇش جىنايەت !
ئانا تىلسىز ئەلنىڭ كەلگۈسى ،
مۇقەررەركى قىزىل قىيامەت !

تامام بولدى بۇ نىكاھ شۇنداق ،
پوق يىگەندەك بوپ قالدى ھەممە ،
ئىمام يىغلاپ دىگەن بۇ گەپلەر ،
بارچىمىزگە بولسۇن تەربىيە !!!!!!!!.............................

خاتىمە :
قىز دەپتۇمىش ئىمام ئاخۇننى ،
بۇ "داخۇزى نائىردى جۈجاڭ ؟"
ساددا يىگىت دەپتۇ ئىمامنى ،
جىگى يې يې مەسچىتكە شوۋجاڭ !!!!

-شەرەپلىك ئىش قوش تىللىق بولۇش ،
ئانا تىلنى ئۇنتۇش جىنايەت !
ئانا تىلسىز ئەلنىڭ كەلگۈسى ،
مۇقەررەركى قىزىل قىيامەت !
29-ئاپىرىل شەھرى ئۈرۈمچىدە يېزىلىپ بېقىلدى



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
ھازىرنىڭ ئۆزىدەمىسرانىم مۇنبىرىنى زىيارەت قىلىۋاتقان بارلىق تورداشلارغا:
(مىسرانىمنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن، رەڭلىك خەتلىك قسىملىرىنى بولسىمۇ ئوقۇپ قويۇڭلار)

      نۆۋەتتە، "شىنجاڭ 4-ماي ياشلار مېدالى مۇكاپاتى"نىڭ توردا بېلەت تاشلاش پائالىيىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بۇ پائالىيەتكە ھەممىزگە تونۇشلۇق بولغان "بىر سوم پىلانى"نىڭ قۇرغۇچىسى ئەيساجان نىزامىدىنمۇ تاللانغان بولۇپ، ھازىرقى بېلەت سانى تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس.
      ھەممىمىزگە مەلۇملۇق، ئەيساجان(تور ئىسمى wapadarim912) يىللاردىن بېرى "بىر سوم پىلانى"نى كۈچىنىڭ يېتىشىچە قانات يايدۇرۇپ، نەچچە مىڭلىغان ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاشۇ ئازغىنە "بىر سوم"لىرىنى يىغىپ، بوينى قىسىلغان نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىنى سۇندى. "بىر سوم پىلانى"نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەنلار قاتارىدا ئىچكىرىدە جاپاغا چىداپ ئوقۇۋاتقان پەخىرلىك ئوقۇغۇچىلىرىمىز، ھەريەرلەردە كېسەل ئازابىدا ئىڭراۋاتقان قولى قىسقا قېرىنداشلىرىمىز، رايونىمىز تەۋەسىدە ئوقۇشسىز قېلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان، قىينىلىۋاتقان ئىنى-سىڭىللىرىمىز...بار!

      ئەيساجان 1-لىكنى ئېلىشى كېرەك. ئۇ دەيدۇ: ئەگەر 1-لىكنى ئالالىسام، "بىر سوم پىلانى"نى قانۇنلاشتۇرۇشتىن ئۈمىد تۇغۇلاتتى. بۇنداق بولغاندا، تېخىمۇ كۆپ ياردەمگە موھتاج قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قولىمىزنى سۇنالايتتۇق...
      بۇ بېلەت تاشلاش ئادرېسى:

http://chengxu.iyaxin.com/newx2/vote/poll.php?id=3
(ئەڭ ئوڭ قۇردىكى 2-ئورۇندىكى بۇرۇتلۇق يىگىت شۇ، 艾沙江·尼扎木丁 )

      دوستلار، "بىر سوم پىلانى" ئەيساجاننىڭ يالغۇز ئىشى ئەمەس، ھەممىمىزنىڭ بۇ پىلاندا ھەققىمىز ھەم مەجبۇرىيتىمىز بار. بەلكىم سىز تاشلىغان بىر تال بېلەت كەلگۈسىدىكى بىر سەبىينىڭ قولىدىكى بىر تال قەلەم، بىر پارچە كىتاب؛ يوقسۇزلۇقتىن كېسەل كارىۋاتىدا ئىڭراۋاتقان بىر قېرىندىشمىزنىڭ بىر قۇتا ئاسما ئوكۇلى؛ يەنە شۇ نامراتلىقتىن ئىچكىرىدە ياكى شىنجاڭدا قىينىلىپ ئوقۇۋاتقان پەخىرلىك ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بىر ۋاقلىق تامىقى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن!

      بىز نۇرغۇن كىشىلەرگە بېلەت تاشلىدۇق، لېكىن بۇ قېتىملىق بېلەتنى چوقۇم تاشلىمىساق بولمايدۇ، تاشلىغاندىمۇ كۆپلەپ تاشلىمىساق بولمايدۇ. ھەر ئىككى سائەتتە تەكرار بېلەت تاشلىغىلى بولىدىكەن. دوستلىرىمىزغا، كيۇكيۇ توپلىرى، ئاۋام تورى(人人网) ۋە مىكرو بلوگلىرىمىزغا ئۈستىدىكى ئۇلىنىشنى تەۋسىيە قىلايلى.

      دىققەت، بېلەت تاشلاش ۋاقتى 16-چېسلا كەچ سائەت 12دە ئاخىرلىشىدۇ. بىزنىڭ 10سائەتلا ۋاقتىمىز قالدى. قېنى، دوستلار، "بىر سوم پىلانى" ھەممىزنىڭ قوللىشىغا موھتاج!


(مۇمكىن بولسا، دوستلارنىڭ بۇ تېمىنى باشقا مۇنبەرلەرگىمۇ يوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ھەممەيلەنگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت!)
---------
باشقۇرغۇچىلارغا: بېلەت تۈزۈك ئاينىمايۋاتىدۇ، شۇ سەۋەب مۇشۇنداق ماۋزۇ قويۇپ يوللاشقا مەجبۇر بولدۇم. ئېغىر كۆرمەي تەستىقلاپ قويۇڭلار، كەچتە ئۆزۈم ئۆچۈرىمەن، رەھمەت!

مىسرانىم باشقۇرغۇچىلىرىغا تەكلىپ:رەنجىمەي مۇشۇ تېمىنى بۈگۈن بىر كۈن نادىرلاپ قويغان بولساڭلار،بوز قىر يوللىغان تېما كۆمىلىپ قاپتۇ. مۇمكىن بولسا سىلەر مۇشۇ تېمىنىڭ ئاستىغا مۇنبەر نامىدىن بىر ئەزالارنى بىلەت تاشلاشقا چاقىرىق قىلىپ قويغان بولساڭلار،بىزنىڭ پەقەت9 سائە  ۋاقتىمىز قالدى،سىلەرنى ئاۋارە قىلدىم،قېرىندىشىمىز ئۈچۈن ياردەمدە بولارسىلەر!!





ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
tarimjan102 + 50 دەلىللەر يېتەرلىك
biparwa0997 + 99 ماختاشقا تېگىشلىك، بە.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 149   باھا خاتىرىسى

قەدەم ئىزى بىراۋنىڭ ماڭغانلېغىنى كورسىتىدۇ.................

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 588
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 16175
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6665 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:19:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرسى كەتتى

تۇرار ئىدى بىر قۇيرۇق تاشتا ،
بۆرە دىدى بىر سەۋبى بولمىسا قۇيرۇق ياتامدۇ تاشتا .

ئىغىلدا ياشىساڭ ، ئىشەكنىڭ خۇي

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66202
يازما سانى: 121
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 558
تۆھپە نۇمۇرى: 50
توردا: 739 سائەت
تىزىم: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:22:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن بېلەت تاشلاپ قويدۇم .كومپىيوتىر ئالدىدا بولساملا ئىككى سائەتتە بىر تاشلاپ قويىمەن .

توۋا....توۋا.......

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78710
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 233
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 90 سائەت
تىزىم: 2012-4-12
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:23:31 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ  كۈندە  تاشلاۋاتىمەن...........

مەخسۇس فىلىم ئىشلىگۈچىلەرنى قارشى ئالىمىز ، تور بىكەت : مەنزىلى  www.izimiz.com

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 590
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:26:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ھەر ئىككى سائەتتە بىردىن تاشلاتىمە

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1147
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1457
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 539 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-6-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:31:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ يىگىتنىڭ « 1 سوم » پىلانىنىڭ تېزراق ئەمەلگە ئېشىشنى ئۆمىد قىلىمەن! بىلەت كەتتى! ھازىر 5767 بوپتۇ، ھەممىنىڭ ئالدىدىكەن، داۋاملىق تاشلايلى!

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1606
يازما سانى: 40
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5780
تۆھپە نۇمۇرى: 259
توردا: 495 سائەت
تىزىم: 2010-5-30
ئاخىرقى: 2012-5-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:34:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قىرىنداشلار كونۇپكا بىسىش تەس ئەمەس ئالغا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78824
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 91
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 17 سائەت
تىزىم: 2012-4-14
ئاخىرقى: 2012-5-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:35:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەنمۇ تاشلىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1740
يازما سانى: 170
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7402
تۆھپە نۇمۇرى: 584
توردا: 5157 سائەت
تىزىم: 2010-5-31
ئاخىرقى: 2012-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:39:33 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئىنتايىن ياخشى يېزىلىپتۇ!

www.Xj529.com كىنولار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3491
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12673
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:40:44 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈن يەنە تاشلىۋەتتىم.

مۇھەببەت يىكايسى بۇيەردىن كۆرۈڭ  http://www.xj529.com/kino_play.asp?mid=688
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش