"خاتا" تۈزلىۋىتىلگەن كۆكتاتلىق
گەنسۇئۆلكىسى لەنجۇ شەھرى چىڭگۈەن رايۇن بىيداۋ كوچىسى كۆكتاتچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان كەنىت ئىدى، بۇيىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنى، كۇچائىشبىجىرىش ئورنىدىكى فورماكىيگەن بىرتوپ ئادەم كۆكتات يىرىنى زورلىق كۈچى بىلەن تۈزلىۋەتكەن. بۇكۈنى لۇجىن مىي ئىسىملىك دېھقان باشقا جايدا ئەمگەك قىلىۋاتاتتى، ئۈزىنىڭ كۆكتاتلىقىدىكى پارنىكلارنىڭ تۈزلىۋىتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ يىتىپ كەلگەندە، فورماكىيگەنلەر بۇكىشىنى تۇتۇپ، سۆرەپ كۆكتاتلىقتىن ئەپچىقىپ كەتكەن، لۇجىن مىي يۇلقۇنۇپ بۇلارنىڭ قۇلىدىن ئاجىراپ، يۈگۈرۈپ بېرىپ تۇپائىتتىرىش ماشىنسىنىڭ ئالدىدا يېتىۋالغاندىلا تۇپائىتتىرىش ماشىنىسى توختاپ قالغان. شىنخۇائاگېنىتلىقى مۇخبىرى بۇئىش توغرىسىدا شۇيەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبرىدىن سۇئال سورىغاندا، بۇرەھبەرمۇندق جاۋاپ بەرگەن: خاتا تۈزلىۋىتىلىپتۇ، ئالى مەكتەپ ئۇقۇغۇچىللىرىمۇ بەزىدە خاتا خەت يېزىپ سالىدۇ ئەمەسمۇ، بىزدىن نېمىشقا بىرەرقېتىم خاتالىق سادىربولسا بولمايدىكەن؟
مۇخبىر بۇكۇچائىش بىجىرىش ئورنىنىڭ مەسئۇلى چىڭ يۈفىڭدىن بۇھەقتە سۇرىغاندا، چىڭ يۈفىڭ مۇنداق دېگەن: بۇيەرنى ئىشلىتىش ھەققىدە دېھقانلارغا ئۇقتۇرۇش قىلغان ئىدۇق، ئەمما بىرنەچچە دېھقان تېخىغىچە كىلىشىمگە ئىمزا قويغىلى ئۇنىمىدى، قانۇن-نىزاملار بۇيىچە قىلمىز دېسەك بەزى ئىشلارنى قىلغىلى بولمايدۇ.
گەنسۇ نۇرلۇق ئادۋۇكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى سۈن جى جىننىڭ قارىىشچە، بۇئىشتا يەرلىك ھۈكۈمەتنىڭ يەرئىشلىتىش قىلمىشى قانۇنغا خىلاپ. ئەگەر دېھقانلار كىلىشىمگە ئىمزاقويغىلى ئۇنىمىسا زورلىق كۈچى ئارقىلىق چېقىشقا بولمايدۇ، قانۇنى يول ئارقىلىق ھەل قىلىش كېرەك ئىدى. ئۇنىدىن سىرىت، يەر ئىشلىشتىشتە چۇقۇم ئاشكارە، ئادىل، ھەققانىي بۇلۇش كېرەك. شۇنداق قىلغان بولسا مۇشۇنداق كۈلكىلىك بولغان « خاتا چېقىلىش» ھادىسلىرى كۈرۈلمەيتى. بۇخىل قىلمىش دېھقانلار ھۇقۇقىغا بولغان ئىتىبارسىز قاراش بۇلۇپ، بۇكەنىتتە ئىنالىق بۇزۇلىدۇ، ھۈكۈمەتنىڭ ئىناۋىتى ۋە ئىشەنجىلىك بۇلۇش كۈچى تۈۋەنلەيدۇ، مانابۇزىياننى پۇل بىلەنمۇ تولدۇرۋالغىلى بولمايدۇ.
دېھقانلار مۇنداق دېگەن: كۆكتاتلىق بىزنىڭ جان بېقىشىمىزنىڭ ئۇلى، ئۇنىڭدىن ئايرىلساق، بىزقانداق ياشايمىز؟
تۈۋەندىكىسى شىنخۇائاگېنىتلىق مۇخبىرى4-ئاينىڭ11-كۈنى سۈرەتكە ئالغان بۇزۇلغان كۆكتاتلىق
مەنبە: شىنلاڭ تورى.
http://news.sina.com.cn/s/2012-04-16/024124276492.shtml
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-16 04:32 PM