مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 15573|ئىنكاس: 234

ئوسمان ئىمپىرىيەسىنى بىلىۋېلىڭ (سۈرەتلىك)   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 201
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4904
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 4470 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-6-12
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 05:29:18 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                 ئوسمان ئىمپىرىيەسىنى بىلىۋېلىڭ (سۈرەتلىك)

    ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان غازى ئۇغۇزلارنىڭ بوز ئوق قەبىلىسىنىڭ كايى تارمىقىدىن بولۇپ، ئوسمان ئىمپىرىيەسى بىلەجىك شەھرىنىڭ سۆگۈت ناھىيىسىدە 1299- يىلى قۇرۇلۇپ. 1923- يىلىغىچە ھۈكۈم سۈردى.

                            ئوسمان ئىمپىرىيەسى دۆۋلەت گىربى
              
                             ئوسمان ئىمپىرىيەسى بايرىغى
                             

                          ئوسمان ئىمپىرىيەسى خەرىتىسى
     

                                ئوسمان غازى (1299- 1326)
                              Osman Gazi (1299 - 1326)
            
   ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى ئوسمان غازى 1258- يىلى تۇغۇلغان. دادىسى ئەرتۇغرۇل غازى. ئانىسى ھايمە خاتۇن. ئسمان غازى  ناھايىتى قىممەتلىك، مەرت، دۇرۇست، تەدبىرلىك باتۇر ۋە ئادالەت پەرۋەر بىر پادىشادۇر. ئوسمان غازى 1326- يىلى بۇرسادا كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولدى.

                         ئورھان غازى (1326- 1359)
                       Orhan Gazi (1326 - 1359)
                    
   ئورھان غازى 1281- يىلى تۇغۇلدى. دادىسى ئوسمان غازى. ئانىسى كايى قەبىلىسىنىڭ داڭلىڭ كىشىلىرىدىن ئۆمەر بەينىڭ قىزى مال خاتۇندۇر. ئورھان غازى دادىسى ئوسمان غازىنىڭ 1326- يىلى ۋاپات بولۇشىدىن كېيىن تەخىتكە ئولتۇردى.

                         1- مۇرات (1359- 1389)
                         I. Murad (1359 - 1389)
             
   سۇلتان 1- مۇرات 1326- يىلى بۇرسادا تۇغۇلدى. دادىسى ئورھان غازى. ئانىسى Bizans tekfurlarından يار ھىسار تەكفۇرۇنىڭ قىزى نىلۇپەر خاتۇندۇر. سۇلتان 1- مۇرات بەك ئاددى كىيىنەتتى، قىزىل ئەستەرلىك ئاق تون كىيىشنى ياخشى كۈرەتتى.سۇلتان مۇرات 1- كوسوۋا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئۇرۇش مەيدانىنى كۆزدىن كەچۈرۈۋاتقاندا سىرىپ ئىسىلزادىسى Milos Obraviç تەرىپىدىن (سىرىپ پادىشاسى لازېرنىڭ كىيئوغلى)1389- يىلى خەنجەرلىنىپ شېھىت قىلىندى.

              1- بەيازىت- چاقماق بەيازىت (1402- 1389)
        I. Bayezid - Yıldırım Bayezid (1389 - 1402)
             
   يىلدىرىم بەيازىت 1360- يىلى ئېدىرنەدە تۇغۇلدى. دادىسى مۇرات خۇداۋەندىگار.ئانىسى گۈل چېچەك خاتۇندۇر. ياخشى تەربىيلەندى. دەۋرىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالىملىرىدىن دەرس ئالدى.دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بۇيىچە 1389- يىلى تەخىتكە ئولتۇردى. يىلدىرىم بەيازىت بۇ ۋاقىتتا 29 ياشتا ئىدى. يىلدىرىم بەيازىت ئەنقەرەدە تىمۇر لەڭ (ئەمىر تىمۇر گوراگانى) بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشتى. 13 يىللىق سەلتەنەتىدىن كېيىن ئەسىرگە چۈشۈپ 7 ئاي 12 كۈندىن كېيىن ۋاپات بولدى.

                              1- مەھمەد (1413- 1421)
                            I. Mehmed (1413 - 1421)
            
    سۇلتان چېلېبى مەھمەد 1389- يىلى ئېدىرنەدە تۇغۇلدى. دادىسى يىلدىرىم بەيازىت. ئانىسى بولسا گېرمىيان ئوغۇللىرىدىن دەۋلەت خاتۇندۇر. بەكمۇ كۈچلۈك بولۇپ ناھايىتى چىڭ يالارنى كۈچىمەيلا تارتالايتى. ھاياتىدا 24 قېتىملىق ئۇرۇشقا قاتناشتى. سۇلتان چېلېبى مەھمەد 1421- يىلى 5- 21- كۈنى ئېدەرنەدە ۋاپات بولدى.ئۈلۈمى مەخپى تۇتۇلدى ئوسمان ئىمپىرىيەسى تارىخىدا ئۈلۈمىنى مەخپى تۇتقان تۇنجى پادىشا بولۇپ تارىققا يېزىلدى. مىيىتى بۇرسادىكى يېشىل مازارغا دەپنە قىلىندى.

                        2- مۇرات (1421- 1451)
                        II. Murad (1421 - 1451)   
                         
    سۇلتان 2- مۇرات 1402- يىلى تۇغۇلدى. دادىسى چېلېبى مەھمەد. ئانىسى دۇل قادىر ئوغۇللىرىدىن سۈلى بەينىڭ قىزى ئېمىنە خاتۇندۇر. سۇلتان 2- مۇرات 19 يېشىدا تەخىتكە چىققان بولۇپ، تىنچ، خاتارجەم ياشاشنى ياخشى كۈرەتتى. خالىسا پۈتۈن ياۋرۇپانىب بېسىۋالالىغىدەك كۈچلۈك بولۇپ 30 يىللىق سەلتەنەتىدە ئادالىتى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىن چۇڭقۇر ئۇرۇن ئالدى.

                       فاتىھ سۇلتان مەھمەد (1451- 1481)
                 Fatih Sultan Mehmed (1451 - 1481)
              
   atih فاتىھ سۇلتان مەھمەد 1432- يىلى 3- 29- كۈنى ئېدىرنەدە تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 2- مۇرات. ئانىسى ھۇما خاتۇندۇر. فاتىھ سۇلتان مەھمەد 1481- يىلىغا قەدەر ھۈكۈمدارلىق قىلدى ۋە بىۋاستە 25 قېتىملىق سەپەرگە چىقتى. قەتئى ۋە ئىرادە ئىگىسى ئىدى. 20 يېشىدا تەختتە ئولتۇرغا سۇلتان 2- مەھمەد 1453-5- 29 كۈنى ئىستانبۇلنى فەتىھ قىلىپ 1100 يىللىق شەرقى رىم ئىمپىرىيەسىنى يوق قىلىپ فاتىھ ئۇنۋانىنى ئالدى. فاتىھ سۇلتان مەھمەد كېسەل سەۋەبىدىن 1481- 5- 3- كۈنى مالتېپىدە ۋاپات بولدى ۋە فاتىھ مەسچىدىنىڭ يېنىدىكى فاتىھ مازىرىغا دەپنە قىلىندى. كىشىلەر ئۇنى رىم ئىمپىرىيەسىنى مەغلۇپ قىلىشنى تولا ئويلاشتىن زەھەرلىنىپ ئولگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ.
               
                         2- بەيازىت (1481- 1512)
                       II. Bayezid (1481 - 1512)
               
    سۇلتان 2- بەيازىت 1448- 12- 3- كۈنى دىمەتوكادا تۇغۇلدى. دادىسى فاتىھ سۇلتان مۇھمەد. ئانىسى مۇكرىمە خاتۇن ئىسىملىك بىر تۈرك قىزىدۇر. سۇلتان 2- بەيازىت دادىسى فاتىھ سۇلتان مەھمەد تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى يىتىشتۈرۈلدى.ئەرەپچە، پارىسچىنى ناھايىتى ياخشى بىلەتتى. چاغاتاي لەھچىسى ۋە ئۇيغۇرچە ئېلىپبەلەرنىمۇ ئۆگەندى. 1512- 4- 24- كۈنى پادىشالىغىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى ۋە بىر ئايدىن كېيىن 1512- 5- 26- كۈنى ۋاپات بولدى.

                            ياۋۇز سۇلتان سېلىم (1512- 1520)
                      Yavuz Sultan Selim (1512 - 1520)
                
    ياۋۇز سۇلتان سېلىم 1470- 10- 10- كۈنى تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 2- بەيازىت. ئانىسى گۈل باھار خاتۇندۇر. ياۋۇز سۇلتان سېلىم ئاتقا مىنىشكە ئۇستا بولۇپ دەۋرىنىڭ ئەڭ ئۇستا قېلىچۋازلىرىنى يېڭەلەيدىغان دەرىجىدە ئۇستا قېلېچۋاز ۋە ئوقياچى ئىدى. ئىسراپچىلىققا قارشى ئىدى ئۇنىڭ دەۋرىدە دۆۋلەتنىڭ غەزىنىسى ئاغزىغا قەدەر تولدۇرۇلدى ۋە ئۆز ئىمزاسى بىلەن مۆھۈرلىگەندىن كېيىن شۇنداق دېدى. "مېنىڭ نەۋرىلىرىم دۆۋلەت غەزىنىسىنى ماڭا ئوخشاش تولدۇرسۇن ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا مىنىڭ مۆھرۈم بىلەن مۆھۈرلەنسۇن". بۇ ۋەسىيەتكە ئەمەل قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى پادىشاھلار غەزىنىنى تولدۇرالمىغاچقا ياۋۇز سۇلتان سېلىمنىڭ مۆھرى بىلەن پېچەتلەندى. 1520- 9- 22 كۈنى 50 يېشىدا ئارسلان (شىر) پەنجىسى دىگەن بىر كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولدى.

                     قانۇنى سۇلتان سۇلايمان (1520- 1566)
              Kanunî Sultan Süleyman (1520 - 1566)
              
    قانۇنى سۇلتان سۇلايمان 1495- 4- 27 كۈنى (دۈشەنبە) تىرابزوندا تۇغۇلدى. دادىسى ياۋۇز سۇلتان سېلىم. ئانىسى ھافسا خاتۇندۇر. قانۇنى سۇلتان سۇلايمان دەۋرى ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ  ئەڭ گۈللىنىپ، ۋايىغا يەتكەن دەۋرىدۇر. 1566- 9- 7- كۈنى 71 يېشىدا ۋاپات بولدى. قانۇنى سۇلتان سۇلايمان ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ  ئەڭ مەشھۇر، ئەڭ چوڭ بادىشاھلىرىدىن بىرسىدۇر.

                            2- سېلىم (1566- 1574)
                          II. Selim (1566 - 1574)
                 
    سۇلتان 2- سېلىم 1524- 5- 28- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى قانۇنى سۇلتان سۇلايمان. ئانىسى ھۈررەم سۇلتاندۇر. ھۈررەم سۇلتان سىلاۋ ئەسىللىكتۇر. دادىسىنىڭ سەلتەنەت زامانىدا قېرىنداشلىرى بولغان شاھزادە بەيازىت ۋە شاھزادە مۇستاپانى بىر تەرەپ قىللىپ ئاسانلا تەختكە چىققان سۇلتان 2- سېلىم دۆۋلەتنى ناھايىتى يۇمشاقلىق بىلەن ئىدارە قىلدى. 2- سېلىم دادىسىدىن 14892000 مىڭ ك.كىلومېتىر زىمىنى بىلەن تاپشۇرۇپ ئالغان دۆۋلىتىنى ئوغلى سۇلتان 3- مۇراتقا 15162000 مىڭ ك.كىلومىتىر قىلىك قالدۇردى. 8 يىل پادىشاھ بولۇپ 1574- 12- 15- كۈنى ۋاپات بولدى.

                               3- مۇرات (1574- 1595)
                            III. Murad (1574 - 1595)
               
    سۇلتان 3- مۇرات 1546- 7- 4- كۈنى مانىسانىڭ مۇز تاغ يايلىقىدا دۇنياغا كەلدى. دادىسى سۇلتان 2- سېلىم. ئانىسى ئافىفې نۇر بانۇ سۇلتاندۇر. ئانىسى ئەسلى ۋېنەدىكلىك بولۇپ سۇلتان 3- مۇرات مەرھەمەتلىك بىر ئىنساندۇر. دادىسىدىن تاپشۇرۇپ ئالغان دۆۋلەت تۇپرىغىنى ئۆز زامانىدا 19902000 مىڭ ك.كىلومىتىرگە يەتكۈزدى.29 يېشىدا تەخىتكە چىقىپ 20 يىل پادىشاھ بولغاندىن كېيىن 1595- 1- 16- كۈنى پالەچ بولۇپ ۋاپات بولدى ۋە ئايا سوفيا مەسچىدىگە دەپنە قىلىندى.

                      3- مەھمەد (1595- 1603)
               III. Mehmed (1595 - 1603)
   سۇلتان 3- مەھمەد 1566- 5- 26- كۈنى مانىسادا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 3- مۇرات. ئانىسى سافىيە سۇلتاندۇر. سۇلتان 3- مەھمەد ئانىسىنى بەكمۇ ياخشى كۈرەتتى. بۇنىڭدىن پايدىلانغان ئانىسى سافىيە سۇلتان سارايدا ئۆز ئالدىغا ھاكىمىيەت قۇردى. بەزى رارىخلاردا سافىيە سۇلتان پادىشاھنى مەجبۇرلاپ ئۆزى خالىغاننى قىلدۇراتتى. سۇلتان 3- مەھمەت دىندار بولۇپ تەسەۋۋۇفقا پەۋقۇلئاددە باغلىق ئىدى. بۇ دەۋىردە ئوسمان ئىمپىرىيەسى چىكىنىشكە قاراپ يۈزلەندى.

                        1- ئاخمەد (1603- 1617)
                      I. Ahmed (1603 - 1617)
            
    سۇلتان 1- ئاخمەد 1590- 4- 18- كۈنى مانىسادا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 3- مەھمەد. ئانىسى ھاندان سۇلتاندۇر. سۇلتان 1- ئاخمەد قانۇنى سۇلتان سۇلايماندىن كېيىن دۆۋلەت ئىشلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن تۇنجى پادىشاھتۇر. سۇلتان ئاخمەدنىڭ ھاياتىدا 14 سانىنىڭ ئالاھىدە ئورنى بار بولۇپ، 14 يېشىدا تەخىتكە چىقىدۇ، 14 يىل ھۈكۈم سۈرىدۇ ۋە ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ 14- بادىشاسىدۇر، پەۋقۇلئاددە دىندار بىر پادىشاھتۇر. ئۇ  tifüs دەپ ئاتىلىدىغان بىر كېسەلگە مەرۇز قېلىپ ساقىيالماي 1617- 11- 21- كۈنىنى 22- كۈنىگە باغلىغان كېچە 28 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ.

                           سۇلتان 1- ئاخمەت
                     sultan 1. ahmed (1603- 1617)
               
    سۇلتان 1- ئەخمەت 1590- 4- 18- كۈنى مانىسادا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 3- مەھمەت، ئانىسى خاندان سۇلتاندۇر. 1603- يىلى 12- 21- كۈنى تەختكە چىقتى. سۇلتان ئەخمەت قانۇنى سۇلتان سۇلايماندىن كېيىن ئوسمان ئىمپىرىيەسى پادىشالىرىنىڭ ئىچىدە دۆۋلەت ئىشلىرىگە ئەڭ كۆڭۈل بەرگەن پادىشادۇر. پادىشا تىفۇس كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇپ، ساقىيالماي 27 يېشىدا يەنى 1617- 11- ئاينىڭ 21- كۆنىنى 22- كۆنىگە باغلىغان كېچە ۋاپات بولدى.   

                                      1- مۇستافا
                I. Mustafa (1617 - 1618  /  1622 - 1623)
              
        سۇلتان 1- مۇستافا 1592- يىلى مانىسادا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 3- مەھمەد. ئانىسى خاندان سۇلتاندۇر.سۇلتان 1- مۇستاپا تاغىسى سۇلتان 1- ئاخمەد زامانىدا 14 يىل بۇيىچە ساراينىڭ بىر بۇلۇڭدىكى ئۈيىدە تۇتقۇن قىلىنغان ھالدا ياشىدى. ئۇ دەۈىردە مۇشۇنداق قىلىش كېرەك بولۇپ، ئۇنداق بولمىغاندا شاھزادىلەر ئوتتۇرىسىدا تەخىت ماجىراسى كىلىپ چىقىپ دۆۋلەتكە خەۋىپ يېتىدىغان ئەھۋاللار بۇلاتتى. سۇلتان ئەخمەت تەخىتكە چىققاندىن كېيىن جېرىندىشىنى ئۆلتۈرگۈزمەي مەھبۇس ھالدا تۇتۇپ تۇرغان ئىدى. قەپەز ھاياتى دېيىلىدىغان بۇ ھاياتتىن كېيىن ئەڭ چوڭ ئوغۇل بولغاشقا تەخىتكە چىقىدۇ ئەمما بىر يىلدىن كېيىن ئەقلى قابىلىيىتىدىكى نورمالسىزلىق سەۋەبىدىن  ئوردا ئەھكاملىرى ۋە ئەسكەرلەر تەرىپىدىن مەسلىھەتلىشىپ ھال (تەخىتتىن چۈشۈرۈش) پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. سۇلتان گەنچ ئوسماننىڭ تەىىتتىن چۈشۈرۈلۈپ قەتلى قىلىنىشىدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم تەخىتكە چىقىرىلغان بولسىمۇ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن يەنە تەخىتتىن چۈشۈرىلىدۇ.
   سۇلتان 1- مۇستافا بىلەن بىرلىكتە تەخىتكە چىققاندىن كېيىن قېرىندىشىنى ئۆلتۈرىدىغان ئىشلار توختاپ خانىشلار ئارىسىدا ئۆز ئارا بالىلىرى ئۈچۈن تەخىت تالىشىپ ھەر خانىش بىر دىن ۋەزىر ۋە باشقا گوروپپىلارغا تايىنىپ پادىشاھ تىگىشتۈرىدىغان ئەھۋال باشلاندى. سۇلتان 1- مۇرات دىندار بىر ئادەم بولۇپ سەدىقە بىرىشنى ياخشى كۈرەتتى. 2- قېتىم تەختكە چىقىرىش ئۈچۈن كەلگەندە قۇرئان ئۈقۇپ ئولتۇرغان بولۇپ تەخىتكە چىقىشنى خالىمىغان بولسىمۇ پادىشاھ قىلغان ئىدى. ئۇ تەخىتتىن چۈشۈرۈلۈپ 16 يىلدىن كېيىن 1639- 1- 20 -كۈنى نەرۋا ۆېسەللىكى سەۋەبى بىلەن توپقېپى سارىيىدا ۋاپات بولدى.

                             گەنچ ئوسمان (1618- 1622)
                         Genç Osman (1618 - 1622)
                  
    سۇلتان گەنچ ئوسمان (ياش ئوسمان) 1604- 11- 3- كۈنى ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلدى. دادىسى 1- ئاخمەد. ئانىسى ماھفىرۈز ھاساكى سۇلتاندۇر. سۇلتاننىڭ ئەسلى رۇمدۇر.گەنچ ئوسمان تاغىسى مۇستافانى تەخىتتىن چۈشۈرگەندىن كېيىن 14 يېشىدا تەخىتكە چىقتى. ئانىسى ئۇنى ناھايىتى ياخشى تەربىيلىدى.ئۇ ئەرەپچە، لاتىنچە، پارىسچە، يۇنانچە ۋە ئىتالىيەچە تىللارنى كىلاسسىك كىتاپلارنى تەرجىمە قىلالىغىدەك سەۋىيەدە ياخشى بىلەتتى.بەكمۇ زىرەك، كىلىشكەن، جانلىق بىر پادىشاھ ئىدى. گەنچ ئوسمان ئۈزىگە مۇۋاپىق باش ۋېزىر تاپالمىدى. بەكمۇ ئاز ئۇچرايدىغان بىر ھادىسە بىلەن تەخىتتىن چۈشۈرۈلۈپ يېدىكۇلې زىندانلىرىدا دەھشەتلىك قىيناش بىلەن ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلدى. نامىزى دادىسى سۇلتان 1- ئەخمەتنىڭ سۇلتان ئەخمەتتىكى قەۋرىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلىندى.

                            4- مۇرات (1623- 1640)
                        IV. Murad (1623 - 1640)
    سۇلتان 4- مۇرات 1612- 7- 26- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 1- ئاخمەد. ئانىسى ماھپەيكەر كۆسەم سۇلتاندۇر.ئۇ ئۇستا ئۆقاچى بولۇپ،قاتناشقان ئۇرۇشلاردا ئۇستا ئوقياچى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايتتى. سۇلتان مۇرات ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى بەكمۇ دىققەت بىلەن كۈزۈتەتتى. دەسلەپتە ئانىسىنىڭ كۈچىنىڭ تەسىرىدە قالغان بولسىمۇ كىيىنچە بۇ كۈچنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ ۋە سارايدىكى ئاياللارنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاياغلاشتۇردى.17 يىل تەىىتتە ئولتۇرغاندىن كېيىن ھاراققا بەكلا ئومراقلىغىدىن 28 يېشىدا ۋاپات بولدى.

                               ئىبراھىم (1640- 1648)
                             İbrahim (1640 - 1648)
                 
    سۇلتان ئىبراھىم 1615- 11- 5- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 1- ئاخمەت. ئانىسى ماھپەيكار كۆشەم سۇلتاندۇر. ئەلھەمدۇلىللاھ، يارەببىھ ماڭا ئوخشاش ئاجىز بىر قۇلۇڭنى بۇ ماقامغا لايىق كۆردۈڭ. سەلتەنەت زامانىمدا بىر- بىرىمىزنى خوش نۇت ئەيلە.
   سۇلتان 1- ئىبراھىم تەخىتكە ئولتۇرغان ۋاقىتتا 25 ياشتا ئىدى. شاھزادىلىك ۋاختىدا ئۆلتۈرۈلۈش قورقۇسىدا نەرۋىلىېرى بەكمۇ بۇزۇلغان ئىدى. دەسلەپكى يىللاردا پات- پاتلا ھۇشىدىن كېتەتتى. سەككىز يىل توققۇز ئاي تەخىتتە ئولتۇرغاندىن كېيىن 1648- 8- 18- كۈنى بۇغۇپ ئۆلتۈرۈلدى.

                            4- مەھمەد (1648- 1687)
                        IV. Mehmed (1648 - 1687)
               
    سۇلتان 4- مەھمەد 1642- 1- 2- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 1- ئىبراھىم. ئانىسى رۇس مىللىتىدىن تۇرخان خاتىچې سۇلتاندۇر. ھاراق ئىچىشنى چەكلىدى، ھاراق ئىچىدىغان، ئىشلەپ چىقىرىدىغان يەرلەرنى ياساقلىدى. باش ۋېزىرلىكنى كۆۋرۇكلۈك ئائىلىسىگە بىرىپ ئەڭ توغرا قىلدى. ئۇنىڭ دەۋرىدە ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ چىگرىسى تارىختىكى ئەڭ كېڭەيگەن دەۋرى بولدى. ئەسكەر ۋە دۆۋلەت ئەركانلىرىنىڭ بىرلىكتە قارار قىلىشى بىلەن 1687- 11- 8- كۈنى تەخىتتىن چۈشۈرۈلدى. كېيىنكى ھاياتى ساراي تەرىپىدىن يېنىغا ئۇرۇنلاشتۇرغان 2 كىشى بىلەن ساراينىڭ بىر ئېغىزلىق ئۈيىدە تۇرمىدا ياشىغاندەك ئۆتتى. 1693- يىلى 12- 6- كۈنى ئېدىرنەدە ۋاپات بولدى.

                          2- سۇلايمان (1687- 1691)
                      II. Süleyman (1687 - 1691)
                
    سۇلتان 2- سۇلايمان 1642- 4- 15- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 1- ئىبراھىم. ئانىسى سالىھا دىلاشۇب سۇلتاندۇر. ھاياتىنىڭ قىرىق يىلىنى بىر ئۆيدە جىنايەتچىدەك ياشاپ ئۆتكۈزگەن سۇلتان جەسۇر، دىندار، ۋەتەن سۈيەر ۋە مەرھەمەتلىك بىر ئىنساندۇر. سۇلتان 2- سۇلايمان قىسقىغىنە تۆت يىل پادىشا بولدى بۇ پادىشالىغىنىڭ 2 يىلىنى كېسەللىك سەۋەبىدىن ياتىغىدا يېتىپ ئۆتكۈزدى. 1691- 6- 22- كۈنى ئېدىرنەدە ۋاپات بولدى.

                               2- ئاخمەد (1691- 1695)
                             II. Ahmed (1691 - 1695)
                 
    سۇلتان 2- ئاخمەد 1643- 2- 25- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 1- ئىبراھىم. ئانىسى خاتىجە مۇئاززېز سۇلتاندۇر. سۇلتان 2- ئاخمەد ناھايىتى ئۇستا خەتتات بولۇپ ئۇ ھاياتىدا كۆپلىگەن قۇرئان كېرىم يازدى. ئۈچ يىل يەتتە ئاي ئون تۆت كۈن سەلتەنەت سۈرگەندىن كېيىن كېسىلىدىن ساقىيالماي 1695- 2- 6- كۈنى ئېدىرنەدە ۋاپات بولدى.

                            2- مۇستافا (1695- 1703)
                         II. Mustafa (1695 - 1703)
               
    سۇلتان 2- مۇستافا 1664- 2- 6- كۈنى ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلدى.دادىسى سۇلتان 4- مەھمەد. ئانىسى گىرىك بولۇپ، ئېمىتۇللاھ رابىئە گۈلنۇش سۇلتاندۇر. بەكمۇ پۇختا بىلىم ئالغان كىشىدۇر. تەخىتكە چىقىپ ئۈچۈنجى كۈنى بىر قانۇن ئېلان قىلدى قانۇندا- زېۋك، ئەيشى- ئىشرەتنى ئۆزىمىزگە ھارام قىلدۇق. بىر ۋەزىرىگە يازغان خېتىدە- ماڭا ئېغىرلىق، غەزىنە لازىم ئەمەس. قۇرۇق نان يىسەم يېتەرلىك. ۋۇجۇدۇمنى دىن ئۈچۈن سەرپ قىلىمەن. ھەرقانداق قىيىنچىلىققا سەۋىر قىلىمەن. مىللىتىمگە خىزمىتىم يېتەرلىك بولغىچە سەپەردىن قايتمايمەن. ئەلبەتتە سەپەرلەرگە ئۈزەم بىۋاستە كىتىمەن.

                           3- ئەخمەد (1703- 1730)
                         III. Ahmed (1703 - 1730)
               
    سۇلتان 3- ئاخمەد 1673- 12- 30- كۈنى تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 4- مەھمەد. ئانىسى گىرىك مىللىتىدىن ئېمىتۇللاھ رابىئە گۈلنۇش سۇلتاندۇر. سۇلتان 3- ئاخمەد1703- 8- 22- كۈنى 30 يېشىدا تەختتە ئولتۇردى.مەتبەئەنىڭ ئوسمان ئىمپىرىيەسىگە كېلىشىگە كۈچ چىقاردى. 27 يىل تەخىتتە ئولتۇردى. ئۇ پاترونا خالىل قوزغىلىڭىدىن كېيىن 1730- 10-1- كۈنى تەخىتتىن ۋاز كەچتى.

                            1- ماھمۇد (1730- 1754)
                         I. Mahmud (1730 - 1754)
                  
    سۇلتان 1- ماھمۇد 1696- 8- 2- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 2- مۇستافا. ئانىسى سالىھا ۋالىدە سۇلتاندۇر. ئۇ 1730- 10- 1- كۈنى تەختكە چىقتى. 1754- 12- 13- كۈنى ۋاپات بولدى.

                              3- ئوسمان (1754- 1757)
                           III. Osman (1754 - 1757)
               
     سۇلتان 3- ئوسمان 1699- 1- 2- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان 2- مۇستافا. ئانىسى شېھ سۇۋار ۋالىدە سۇلتاندۇر. ئۇ مۇزىكىغا ئۆچ بولغانلىقى ئۈچۈن بارلىق مۇزىكانتلارنى سارايدىن قوغلىدى. ساريدىكى دىدەكلەر بىلەن ئۇغرۇشۇپ قېلىشنى خالىمىغاچقا ئايىقىغىنى ناھاللاتتى. ئۇ ماڭغاندا چىققان ئەۋازنى ئاڭلىغان دېدەك ۋە كېنىزەكلەر دەرھال ئۆزلىرىنى دالدىغا ئالاتتى. سۇلتان 3- ئوسمان ئىككى يىل ئون ئاي ئون سەككىز كۈن سەلتەنەت سۈردى. 1757- 10- 30- كۈنى بەدىنىگە چىققان بىر يارا سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.

                              3- مۇستافا (1757- 1774)
                           III. Mustafa (1757 - 1774)
                 
   O سۇلتان 3- مۇستافا 1717- 1- 28- كۈنى ئىستانبۇلدا دۇنياغا كەلدى. دادىسى سۇلتان 3- ئاخمەد. ئانىسى مىھرىشاھ سۇلتاندۇر. سۇلتان پەۋقۇلئەددە تۇتۇملۇق، مىھرىبان ۋە مەرت بىر ئىنساندۇر.ئۇ 1774- 1- 21- كۈنى كېسەل سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.

                       1- ئابدۇل ھېمىت (1774- 1789)
                     I. Abdülhamid (1774 - 1789)
               
    سۇلتان 1- ئابدۇل ھېمىت 1727- 3- 20 كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى ئۈچۈنجى ئاخمەد. ئانىسى رابىئا شېرمى سۇلتاندۇر.ئۇ سىياسى ۋە ئەسكىرى ئىسلاھات ئېلىپ باردى. يېڭىچە مەكتەپ ئاچتى. ئۇ ئون بەش يىل ئىككى ئاي ئون يەتتە كۈن سەلتەنەت سۈرۈپ 1789- 4- ئايدا 64 يېشىدا ۋاپات بولدى.

                             3- سېلىم (1789- 1807)
                          III. Selim (1789 - 1807)
                
    سۇلتان 3- سېلىم 1761- 12- 24- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان ئۈچۈنجى مۇستافا. ئانىسى مىھرىشاھ سۇلتاندۇر. ئۇ 1789- يىلى 4- 7- كۈنى 28 يېشىدا تەخىتكە چىقتى. سۇلتان ئۈچۈنجى سېلىم 1807- يىلى 5- 29- كۈنى تەختىنى شاھزادە مۇستافاغا تاشلاپ بەرگەندىن كېيىن بىر يىل ئىككى ئاي ياشىدى. كېيىن يېڭى پادىشانىڭ ئادەملىرى تەرىپىدىن 1808- 7- 28- كۈنى ئۆلتۈرۈلدى.

                           4- مۇستافا (1807- 1808)
                       IV. Mustafa (1807 - 1808)
                 
    سۇلتان 4- مۇستافا 1779- 9- 8- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان بىرىنچى ئابدۇل ھېمىت. ئانىسى نۈكەتسېزا كادىن سۇلتاندۇر. ئانىسى سۇلتاننى ياخشى تەربىيلەش ئۈچۈن كۆپ جاپا تارتتى ئەمما ئۇ ساختىپەز، يىلىگەر ۋە ئەسەبى بىر ئىنسان بولغاچقا تەربىيەدىن ئەيشى- ئىشرەت ئىچىدە ياشاشنى تاللىدى. شاھزادىلىك ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۇنىڭغا ئۆز بالىسىدەك قارىغان ۋە تەختىنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەن سۇلتان ئۈچۈنجى سېلىمنى ئۆلتۈرىشى ئۇنىڭ خارەكتىرىنىڭ قانداقلىغىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ ئوسمان ئىمپىرىيەسى تارىخىدا ئەڭ ئاز تەخىتتە ئولتۇرغانلاردىن بىرسى.

                             2- ماھمۇد (1808- 1839)
                         II. Mahmud (1808 - 1839)
            
    سۇلتان 2- ماھمۇد 1785- 7- 20- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان بىرىنچى ئابدۇل ھەمىد. ئانىسى ناكشىدىل ۋالىدە سۇلتاندۇر. 1808- 7- 28- كۈنى تەخەتكە چىققان ۋاقىتتا 23 ياشتا ئىدى. ئۇ ئۆپكە كېسىلىدىن قۇتۇلالماي 1839- 7- 1- كۈنى ئارام ئەلەشقا بارغان قېرىندىشى ئەسما سۇلتاننىڭ ئۈيىدە ۋاپات بولدى.

                           ئابدۇل مېجىت (1839- 1861)
                         Abdülmecid (1839 - 1861)
               
    سۇلتان ئابدۇل مېجىد 1823- 4- 25- كۈنى تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان ئىككىنچى مەھمۇد. ئانىسى بېزىمئى ئالەم ۋالىدە سۇلتاندۇر.ئۇ غەرىپ يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن تەرىپلەنگەن بىر پادىشاھتۇر. ھاراققا بەك ئامراق بولۇپ، بەكلا ياش ۋاقتىدىن تارتىپ غاراق ئىچىشكە باشلىغان. 1861- 6- 25- كۈنى 39 يېشىدا ۋاپات بولدى.

                            ئابدۇل ئېزىز (1861- 1876)
                           Abdülaziz (1861 - 1876)
               
    سۇلتان ئابدۇل ئېزىز 1830- 2- 8- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان ئىككىنچى مەھمۇد. ئانىسى پېرتېۋنىيال ۋالىدە سۇلتاندۇر. ئۇ 1861- 6- 25- كۈنى تەختكە چىققاندا 31 ياشتا ئىدى. ئاددى ياشايدىغان، باتۇر ۋە پەھلىۋان بىر كىشى ئىدى.

                                       5- مۇرات
           V. Murad (30 Mayıs 1876 - 31 Ağustos 1876)
                 
       سۇلتان 5- مۇرات 1840- 9- 21- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان ئابدۇل مېجىد. ئانىسى شېۋك-ئەفزا خاتۇن ئەپەندىدۇر. سۇلتان ئابدۇل ئېزىز بىلەن ياۋرۇپاغا ساياھەتكە بېرىپ ھەيران قالغان بولۇپ كىيىنچە ماسون (يەھۇدىلىقنىڭ بىر خىل دىنىمىكىن) بولغان. كېيىن بادىشا بولۇش ئۈچۈن تاغىسىنىڭ ئۆلۈمىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارە سۆزلىگەن. ئۇ 93 كۈن تەختتە ئولتۇرالىدى.28 يىل سارايدا ياشىغان سۇلتان 5- مۇرات 1904- 8- 29- كۈنى ئۆلگەن.

                           2- ئابدۇل ھېمىت (1876- 1909)
                         II. Abdülhamid (1876 - 1909)
                 
    سۇلتان 2- ئابدۇل ھېمىت 1842- 9- 21- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان ئابدۇل مېجىد. ئانىسى تىر-ئى مۈجگان خاتۇن ئەپەندىدۇر. ئانىسىنىڭ مىللىتى چەركەزدۇر. سۇلتان ئابدۇل ھېمىت غۇلاپ چۈشۈش ئالدىدا تۇرغان ئوسمان ئىمپىرىيەسىنى دەل 33 يىل بويىچە ئاياقتا تۇتۇپ تۇرغان (33 يىل ئۆمرىنى ئۇزاتقان) ئاجايىپ ئىختىدارلىق بىر پادىشاھتۇر.

                             مەھمەد رېشاد (1909- 1918)
                         Mehmed Reşad (1909 - 1918)
                 
    سۇلتان مەھمەد رېشاد 1844- 11- 2- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. دادىسى سۇلتان ئابدۇل مېجىد. ئانىسى گۈل جامال خاتۇن ئەپەندىدۇر.ئانىسىنىڭ مىللىتى چەركەزدۇر. سۇلتان بېشىنچى مەھمەد رېشات ئىتتاھات ۋە تەرەققى پارتىيەسىنىڭ ياردىمى بىلەن تەخىتكە چىققان ۋاقىتتا 65 ياشتا ئىدى. سۇلتان ئىككىنچى ئابدۇل ھېمىتنىڭ دەۋرىدە يېتەرلىك دەرىجىدە دۆۋلەت باشقۇرۇشنى ئۆگەنمىگەن ئىدى. پادىشالىغى دەۋرىدە باشقۇرۇش ئىشلىرى ئاساسەن ئىتتىھات ۋە تەرەققى پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرىدىن ئەنىۋەر پاشا، تەلئەت پاشا ۋە جامال پاشالارنىڭ قۇلىغا ئۈتۈپ بولغان ئىدى.

                           مەھمەد ۋاھدېددىن (1918- 1922)
                      Mehmed Vahdeddin (1918 - 1922)
               
    سۇلتان مەھمەد ۋاھدېددىن ئوتتۇز ئالتىنچى ۋە ئاخىرقى ئوسمان ئىمپىرىيەسى پادىشاھىدۇر. دادىسى سۇلتان ئابدۇل مېجىد. ئانىسى گۈلىستۇ خاتۇن ئەپەندىدۇر. 1861- 2- 2- كۈنى ئىستانبۇلدا تۇغۇلدى. ئۇ كۆپ ئۇقۇيتتى، ئۇقۇغىنىنى چۈشۈنۈپ ئوقۇيتتى. ئۇ تېخى شاھزادە ۋاقتىدا 1- دۇنيا ئۇرۇشى باشلاندى.ئۇرۇش جەريانىدا ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ تەخىت ۋارىسى سۈپىتى بىلەن گىرمانىيەگە زىيارەتكە بارىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ يېنىدا مۇستاپا كامالمۇ بار ئىدى.

                                   2- ئابدۇل ھېمىت
                          Abdülmecid 1922-1924

                              

               
    ئابدۇل مېجىت ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمدارى بولۇپ، ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ پادىشاسى ئەمەس (يەنى پادىشالىغى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان) پەقەت ئاخىرقى ئىسلام خەلىپىسى.

           

         ئوسمان ئىمپىرىيەسى پادىشاھلىرىنىڭ ئىمزاسى ياكى سىموۋۇللىرى
   

  
  

                        مۈھۈرلىرى (يەنى تامغىلىرى)
   

                                            پۇللىرى
          ئالتۇن پۇللىرى                                    
      
             كۆمۈش پۇللىرى

          مىس پۇللىرى

           قەغەز پۇللىرى




              قوراللىرى
     
     

              ئاسكەرلىرى
      
  
    پەلەستىندىكى 6- ئاتلىق قىسىم. 1917- يىلى
  
    1917- يىلى پەلەستىن

1915- يىلى




  مەھتەر تاقىمى (يەنى ئوسمان ئىمپىرىيەسى دۆۋلەت شىئىرى ئەترىتى)
  


   

        ئىستانبۇل شەھەر سىپىللىرى
   




                 ئوسمان ئىمپىرىيەسى ئوردۇسى، توپقېپى سارىيى
  
  
  


   ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاخىرقى 6 نەپەر پادىشاسى ھۆكۈم سۈرگەن ۋە مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك ئۆلگەن ئوردۇسى، دولما باھچە سارايى


  
                     ئۇ دەۋەرلەردە ئىشلىتىلگەن بەزى بويۇملار
        
       
      
  

    ئۇ دەۋرىدىن بەزى كۆرۈنۈشلەر
  
   

   


     مەنبەسى:http://www.maxicep.com/turk-ve-dunya-tarihi/osmanli-padisahlarinin-kronolojik-siralamasi-310805.html
http://www.ttk.org.tr/index.php?Page=Sayfa&No=116
http://www.google.com.tr/search?q=osmanl%C4%B1+d%C3%B6neminden+g%C3%B6r%C3%BCnt%C3%BCler&hl=tr&prmd=imvns&tbm=isch&tbo=u&source=univ&sa=X&ei=vjaLT5nMCvT24QSTqaTlCQ&sqi=2&ved=0CCEQsAQ&biw=1440&bih=775#hl=tr&tbm=isch&sa=1&q=osmanl%C4%B1+d%C3%B6neminden+kalan+kiyafetler&oq=osmanl%C4%B1+d%C3%B6neminden+kalan+kiyafetler&aq=f&aqi=&aql=&gs_l=img.12...18768l28280l2l30322l11l11l0l9l0l0l136l268l0j2l2l0.llsin.&pbx=1&bav=on.2,or.r_gc.r_pw.r_qf.,cf.osb&fp=d9d3b7c7b3606bf5&biw=1440&bih=775
http://www.google.com.tr/search?q=osmanl%C4%B1+m%C3%BCh%C3%BCrleri&hl=tr&prmd=imvns&tbm=isch&tbo=u&source=univ&sa=X&ei=kSeLT4TdFoOI4gTD6uS9CQ&sqi=2&ved=0CDAQsAQ&biw=1440&bih=775
http://www.google.com.tr/search?q=osmanl%C4%B1+paralar%C4%B1&hl=tr&prmd=imvnsfd&tbm=isch&tbo=u&source=univ&sa=X&ei=cSqLT-T7E9P04QSBqKSPCg&sqi=2&ved=0CD0QsAQ&biw=1440&bih=775
http://www.google.com.tr/search?q=osmanl%C4%B1+silahlar%C4%B1&hl=tr&prmd=imvnsfd&tbm=isch&tbo=u&source=univ&sa=X&ei=byyLT7_nIsqQswbWo7nGCw&sqi=2&ved=0CCoQsAQ&biw=1440&bih=775#hl=tr&tbm=isch&sa=1&q=osmanl%C4%B1+askeri&oq=osmanl%C4%B1+as&aq=1&aqi=g10&aql=&gs_l=img.1.1.0l10.50813l54492l0l56438l4l4l0l0l0l0l190l564l0j4l4l0.llsin.&pbx=1&bav=on.2,or.r_gc.r_pw.r_qf.,cf.osb&fp=d9d3b7c7b3606bf5&biw=1440&bih=775


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ümütqilimen تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-16 05:54 AM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 09:19:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسى ئوسمان تۈركلىرى ئەسلىدە كاسپى دېڭىزىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى خوراسان ئەتراپىدا ياشايدىغان سالجۇق تۈركلىرىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ ، كېيىن غەربكە كۆچۈپ ، كىچىك ئاسىياغا كېلىپ، رۇم سۇلتانلىقىغا بېقىنغان. ئۇلارنىڭ ئاتامانى ئەر توغرول رۇم سۇلتانلىقى بەرگەن ئانچە چوڭ بولمىغان ، شەرقىي رىم ئىمپېرىيسى زېمىنى بىلەن چېگىرلىنىدىغان بىر پارچە سۇيۇرغال يەرگە ئىگە بولغان . ئۇنىڭ ئوغلى ئوسمان تەخىتتە ئولتۇرغان مەزگىل(تەخمىنەن 1282‏-‏-‏- 1326 يىللىرى)دە مۇستەقىللىق جاكارلاپ، زېمىننى كېڭەيتىپ 1326- يىلى شەرقىي رىم ئىمپېرىيسىنىڭ بۇرسا شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، پايتەخىت قىلغان . ئوسمان تۈركلىرى تېز قۇدىرەت تاپقان . 14 - ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، ئوسمان تۈركلىرى ياۋرۇپا قۇرۇقلۇقىغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلاپ ، 1362- يىلى ئادرىئانوپۇل(تۈركلەر ئۇنى ئەدىرنە دەپ ئاتىغان)نى ئىگىلەپ ، پايتەخىتنى مۇشۇ يەرگە كۆچۈرگەن . ئارقىدىن فراكىينىڭ شەرقىي قىسمىنى ئىشغال قىلغان. 1389- يىلى كوسوۋودا بالقاندىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلىپ، سېربىينى بويسۇندۇرغان. تۆت يىلدىن كېيىن بولغارىينى بويسۇندۇرغان. 1396-يىلى نىكوپولدا ياۋرۇپا بىرلەشمە ئارمىيسىنى مەغلۇپ قىلىپ، بالقاندىكى كۆپ قىسىم زېمىننى ئىگىلىگەن . 15- ئەسرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئوسمان تۈرۈك ئارمىيسى شەرقىي رىم ئىمپىرىيسىگە ھۇجۇم قىلغان ، شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەخىتى كونستانتىنوپولغا ھۇجۇم قوزغىغان . ئۈچ ئەتراپنى دېڭىز ئوراپ تۇردىغان كونستانتىنوپولنىڭ قاتنىشى قولايلىق ، يەر شەكلى خەتەرلىك بولۇپ، 4- ئەسردىن5- ئەسرىگىچە رىم ئىمپېراتورلىرى ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ سېپىل سوقتۇرغانىدى. غەرپ تەرەپتىكى سېپىل قوش سېپىل بولۇپ ، ھازىر ئىستانبولدا يەنىلا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ سىرتىنى خەندەك ئوراپ تۇرغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەردە بىر مۇنچە ئىستھكام بولغاچقا مۇداپىئەسى مۇستەھكەم ئىدى. دېڭىزدىن كېلىدىغان ھۇجۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، شەھەرنىڭ شىمالىدىكى خالىچ قولتۇقىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا زەنجىر ئورنىتلغانىدى. خالىچ قولتۇقىنىڭ شىمالىدىكى كالاتىيە رايونى كونستانتىنوپولنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونى ئىدى . گېنۇيالىقلار ئۇ يەردە تايانچ پونكىت قۇرۇپ ، سېپىل سوقتۇرغانىدى . ئوسمان تۈركلىرىنىڭ سۇلتانى مۇھەممەت(1481---1451يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان )قورغانغا ھۇجۇم قىلىشنى خېلى ئۇزاققىچە توختاتمىغان ،1453-يىلى ، ئوسمان تۈركلىرى كالاتىيە رايونىدىكى گېنۇيالىق سودىگەرلەر بىلەن كېلىشىپ، گېنۇيالىقلارنىڭ مەزكۇر رايوندا سودا قىلىش ئىمتىيازىنى ساقلاپ قېلىش شەرتى بىلەن بۇ يەردىن يول ئېچىپ ، ئاخىرى زەنجىرنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ ، كونستانتىنوپولنى ئىشغال قىلغان . شەرقىي رىم ئىمپېرىيسى يوقىتىلغان . شۇنىڭدىن كېيىن ، ئوسمان تۈركلىرى پايتەختنى كونستانتىنوپولغا كۆچۈرگەن . 15- ئەسرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا، تۈركىيە پۈتكۈل كىچىك ئاسىيا ۋە بالقان يېرىم ئارىلىنى پۈتۈنلەي دېگۈدەك ئىشغال قىلغان . يەنە قارا دېڭىزنىڭ شىمالى قىرغىقىدىكى قىرىم خانلىقىنى ئىشغال قىلغان( - 1457يىلى)16-ئەسرنىڭ50-يىللىرىغىچە ، تۈركىيە ئارمىيسى ئاسىيادا تاشقى كاۋكاز ، ئىككى دەريا ۋادىسى ، سۈرىيە ، پەلەستىن ، مەككە، مەدىنەۋە ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىدىكى دېڭىز ياقىسى رايونلىرىنى، ئافىرىقىدا مىسردىن ئالجىرىيگىچە بولغان كۆپ قىسىم رايونلارنى، ياۋروپادا بېلگىرادنى ئىشغال قىلغان ، يەنە ۋېنگىرىيەگە نەچچە قېتىم ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلغان ، 1459-يىلى ۋېنگىرىيە يىللىق ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇر بولغان . ئىمپىراتور سۇلايمانI نىڭ زامانىغا كەلگەندە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ زىمىنى شەرقتە پارىس قولتۇغى، شىمالدا دون دەريا ۋادىسى، غەرپتە ۋېنا ۋە ماراكەش، جەنۇپتا سۇدان ۋە يەمەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقنى ئىشغال قىلىپ شۇ ۋاقىتتىكى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى . 1683-يىلى ئسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ۋىناغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولدى، ئاۋستىرىيە، پولشا، ۋە ياۋروپا بىرلەشمە قوشۇنلىرى غەربى سەپتىن روسىيە شەرق ۋە شىمالدىن، ئىران شەرقى سەپتىن بىرلا ۋاقىتتا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە ھۇجۇم قىلدى، شۇنىڭدىن كېيىنكى يۈز يىلدىن كۆكپرەك ۋاقىت داۋاملاشقان ئۇرۇشتا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ۋېنگىرىيىنى ئاۋستىرىيىگە، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدىكى يەرلەرنى روسىيىگە، ئازەربەيجاننى ئىرانغا تارتقۇزۇپ قويدى. فرانسىيە-ئەنگىلىيەلەرنىڭ باش ككتۈرۈشى ۋە ئەرەپ قەبىلىلىرىنى كۈشكۈرتۈپ تۈركلەرگە قارشى قويۇشى بىلەن 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىدىكى ئىككى چوڭ مىللەت ئەرەپلەر بىلەن تۈركلەرنىڭ تۇنجى ئۇرۇشى مىسىر-تۈركىيە ئۇرۇشى يۈز بەردى. روسىيەنىڭ زور ياردىمى ئارقىسىدا مۇستەقىللىقنى ئالغان سېربىيە، بۇلغارىيە، رومانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ دۈشمەن سۈپىتىدە يېڭىدىن باش كۆتۈرۈشى، ئەرەپلەرنىڭ ئەنگىلىيە ۋە فرانسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا توپىلاڭ قىلىش نەتىجىسىدە 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسى ئۈزۈل-كېسىل ھالاكەت گىردابىغا كېلىپ قالدى. ! 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈرك ئىمپىرىيىسى ئاۋستىرىيە، گېرمانيەلەر بىلەن بىللە دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغاپ قولدىن كەتكەن شان-شۆھرىتىنى قايتۇرىۋالماقچى بولغان بولسىمۇ بىراق ئىتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ مەغلۇپ بولۇشى ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئۈمىدىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇش بىلەنلا قالماي، تېخىمۇ كۆپ زىمىنىدىن مەھرۇم قىلدى. كۈنسېرى كىچىكلەۋاتقان دۆلەت زىمىنىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمپىرىيە تەۋەسىدە تۈرك مىللەتچىلىك ھەركىتى باش كۆتۈرۈشكە باشلىدى. تۈركىيە مىللى قەھرىمانى مۇستاپا كامال گۈللىنىش ھەركىتى قوزغاپ مىللى پارلامېنت ھۆكۈمىتى قۇردى، 1922-يىلى 11ئايدا ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاخىرقى پادىشاھى مۇھەممەدVI نىڭ تۈركىيەدىن كېتىشى بىلەن ئوسمان تۈرك ئىمپىرىيىسىگە خاتىما بېرىلدى. 1923-يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيتى رەسمى قۇرۇلدى. -------------------------------------------------------------------------------- ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ غەلبىلىرى تۈركىينىڭ 200يىلدىن ئارتۇق داۋاملاشقان ئىستىلاسىنى 3 باسقۇچقا بۆلۈشكە بۇلىدۇ . 1-باسقۇچ : 1360-1402يىلىغىچە بۇلۇپ ، ئىككى پادىشاھ ئىمپىرىيە زىمىنىنى نەچچە ھەسسە كېڭەيتتى ، 2-باسقۇچ : -1451 -يىلدىن 1512-يىلىغىچە بۇلۇپ ئوسمان تۈرۈكلىرى تۈمۈرىلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى بىلەن زاۋاللىققا يۈزلەندى كىيىن ئىچكى ئۇتۇش ۋە غەرىپ خىرىستىيانلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشدا كۈچۈيۈپ ۋىزانتىيىنى ئىشخال قىلدى ھەمدە بالقان يەرىم ئارالىنى ئىشخال قىلىپ ئانادۇلۇنى بىرلىككە كەلتۈردى . 3-باسقۇچ 1512-يىلىدىن 1571-يىلىغىچە بۇلۇپ ئوسمان ئىمپىرىيىسى تازا گۈللەنگەن دەۋرىگە كىردى ھەمدە ئاسىيا ياۋرۇپا ئاپرىقىغا كەڭەيگەن چوڭ ئىمپىرىيەگە ئايلاندى 1306-يىلى سۇلتان مۇرات تەخىتكە چىققاندىن كىيىن بالقانغا ئۇرۇش قوزغىدى چۈنكى بۇدەۋرىدە بالقاننىڭ ۋەزىيىتى تىنىچ ئىدى بۇچاغدا ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسى زاۋاللىققا يۈزلەنگەن بۇلۇپ باشقۇرۇش دائىرىسى كۇنىستانتىننۇپۇل ئەتراپىدىكى زىمىنلاربىلەن چەكلەندى بالقاندىكى ئاساسلىق دۆلەت سىربىيە پارچىلىنىشقا يۈزلەندى بۇلغارىيە يەڭى باشتىن باشكۆتۈردى ئوتتۇرا دەڭىز ۋە دەڭىش بۇغەزى رايۇنىدا غايەتزور ئىختىسادى مەنپەئەتكە ئىگە تۇنىس بىلەن گىنۇيا ئۆزئارا زىمىن تالىشىپ ئۇرۇش قىلدى 1363-يىلى سۇلتان مۇرات ئىدىلنى ئىشخال قىلدى ئارقىدىنلا بۇلغارىيىنى ئىشغالقىلدى بۇنۇڭدىن ساراسىمىگە چۈشكەن ۋىڭگىرىيە سىربىيە بۇلغارىيە ۋالاكىيە بىرلەشمە ئارمىيە تەشكىل قىلىپ قايتۇرما زەربە بەرگەن بولسىمۇ 1364-يىلىدىكى ئۇرۇشدا ئەسكىرى ئۈستۈن ئوسمان قۇشۇنلىرى تەرىپىدىن يىمىرىلدى شۇنۇڭدىن كىيىن شەرقى جەنۇبى ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئەللەر تۈرۈكلەرگە قارشىلىق كۆرسىتەلمىدى 1389-يىلى ئىيۇندا 600مىڭ كىشىلىك ئوسمان ئارمىيىسىى سىربىيە بوسىنيە ۋېڭگىريە ۋالاكىيە ئلبانىيە پولشا چىخ تەشكىللىگەن يۈزمىڭ كىشىلىك بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن كۇسۇۋۇدا ھەلقىلغۇچ ئۇرۇش قىلدى ئۇرۇش باشلىنىش بىلەنلا سىربىيە كىنەزى ھاياتىدىن ئايرىلدى ئۇنۇڭ ئوغلى ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلدە ئۇرۇش ئىنتايىن كەسكىن بولدى نەتىجدە بىرلەشمە ئارمىيە مەغلۇپ بولدى كۇسۇۋۇ ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ دۇناي دەرياسىنىڭ جەنۇبى راتۇنلىرىدا تۈركىيىگە قارشى ھەركەتلەر تۈگۈدى سىربىيىمۇ ئوسمانىلارنىڭ بىرقىسمىغا ئايلاندى سۇلتان مۇرات تەخىتتە 30يىلدىن ئارتۇق ئولتۇردى . زىمىنى بەش ھەسسە كېڭەيدى .ئۇنىڭ ئوغلى بايازىد تەخىتكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كىيىن چىڭەيمىچىلىك نىشانىنى شەرىققە بۇرىدى . نەچچە ئون يىل ئۇرۇش قىلىپ تەسىر دائىرىسىنى ئىپراد دەرياسىغىچىلىك كېڭەيىتتى . بۇدەۋىردە غەرىپتىكى پى.ئودال دۆلەتلەر بىلەن دىنى جەمىيەتلەر شەرىققە تەھدىد سېلىشقا باشلىدى . 1936ۋە 1396-يىلى زور قۇشۇن تەشكىللىدى ۋىنگىرىيە پادىشاھى ئارمىيگە قوماندانلىق قىلدى ۋالاكىيە بوسىنىيە ، ئەنگىلىيە ، فىرانسىيە ،ئىتاليە .گىرمانىيە چېخ قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ 100ئاتلىق ئەسكىرى ئەھلى سەلىپ قوشۇنى بولۇپ تەشكىللەندى بۇ قوشۇن ئىككى يولغا بۈلۈنۈپ ئوسمان ئېمپىرىيىسىگە يۈرۈش قىلدى .فىرانسىيە ئارمىيىسى تاقەت قىلىپ تۇرالماي ، تۈركىيە قۇشۇنلىرىغا تۇنجى بۇلۇپ ئۇرۇش قوزغىدى . تۇركىيە قوشۇنى فىرانسىيە ئرمىيىسىنى ئىككى تەرەپتىن قىسماققا ئېلىپ تارمار قىلدى . نەتىجىدە ئەھلى سەلىپ تۇركىيە قوشۇنى تەرەپتىن مەغلۇپ بولدى .1451-يىلى مۇراد تەخىتكە چىققاندىن كېيىن ، ئوسمان تۈرۈكلىرى تازا گۈللەندى .ئۇلار 2 يىل تەييارلىق قىلغاندىن كىيىن ،1453-يىلى كونىستانتىننۇپۇلغا ھۇجۇم قلدى . 54كۈنلۇك قۇرشاپ ھۇجۇم قىلىش نەتىجىسىدە ئۇ يەرنى ئىشخال قىلدى . ھېساپسىز مال-مۇلۇككە ئېرىشتى . 60مىڭ پۇخرانى قۇل قىلدى . ئاياسۇفىيە چېركاۋىنى مەسجىدكە ئۆزگەرىتتى . كونىستانتىنپولنى ئىستانبولغا ئۆزگەرىتتى . كونىستاتىنپولنىڭ ئىشخال قىلىنىشى بىلەن ۋىزانتىيە ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۇنرانلىق دەۋرى ئاخىرلاشتى .بۇنىڭ بىلەن ئوسمان تۇرۇكلىرى 200-30يىل ئىچىدە سىربىيە مۇلداۋىيا ،ۋالاكىيە ، بوسنىيە ، ئالبانىنەنى ئىمپىرىيىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇردى . ئاسىيادا سۇداننى ئىشخال قىلدى . قىرىم خانلىقىنى بوي سۇندۇردى . 1512-يىلى سەلىم تەخىتكە چىقتى .ئۇ يەنە بىر قېتىم كېڭەيمىچىلىك قىلدى . ئۇنىڭ رەقىبى ئىران بىلەن مىسىر ئىدى . ئوسمانتۇرۇكلىرى قۇشۇنلىرى 80مىڭ ئاتلىق قىسىمنى مەغلۇپ قىلدى 2-يىلى كۇربىستاننى ئىشخال قىلدى ،1516-يىلى سەلىم سۇرىيىگە ھۇجۇم قىلدى . 1517-يىلى قاھىرەگە ھۇجۇم قىلدى . بۇنىڭ بىلەن سۇرىيە ، پەلەستىن ، مىسىر ، جەنۇبىدىكى نۇبىيە رايۇنلىرى ئوسمان تۇرۇكلىرىنىڭ ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسنىغا ئايلاندى . سۇلايمان دەۋرىگە كەلگەندە ئوسمان ئىمىرىيىسى يەنە سىرىتقا كېڭەيمىچىلىك قىلدى . 13قېتىملىق ئۇرۇش ئارقىلىق ئاۋىستىرالىيىنى بوي سۇندۇردى . 1521-يىلى ۋىنگىرىيە ئىشخالىيىتىدىكى بىلگىراتنى تارتىۋالدى .1526-يىلى ۋىنىرىيە ئارمىيىسى پۈتۈنلەي مەغلۇپ بولدى . سۇلايمان ھۆكۇمرانلىق قىلغان دەۋىردە ، كاۋكاز بىلەن ئىراننى بوي سۇندۇردى . گىروزىيە ئەرمىنىيىنىڭ جەنۇبى رايۇنلىرى تۇركىيىگە قارام بۇلدى .1578-يىلى ھىندىتانغا يۇرۇش قىلدى . ئوسما ئىمپىرىيىسىنىڭ كېڭەيمىچىلىكە نۇرغۇن رايۇنلارنىڭ ئىسلاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى .شۇنىڭدىن كىيىن دۇنيا ۋەزەيىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى . -------------------------------------------------------------------------------- ئوسمان تۈرك ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاكىتى ! 1914-يىلى7-ئاينىڭ 28-كۈنى 1-دۇنيا ئۇرۇشى باشلاندى.گېرمانىيە ،ئاۋستىرىيە-ۋېنگىرىيە، ئوسمان ئىمپېرىيىسى بىرلەشتى ۋە ئىتىىپاقداش دۆلەتلەر بۇلۇپ ئۇيۇشتى.ئەنگىلىيە،فرانسىيە،ۋە روسىيە ئانتانتا دۆلەتلەر گورۇھىنى شەكىللەندۇردى.ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر تېزدىن كېڭىيىۋاتقان روسىيىنى چەكلەشنى ئارزۇ قىلاتتى .ئانتانتا دۆلەتنىڭ مەقسىتى ئوسمان ئىمپېرىيىسىنى يەر شارىدىن يۇقۇتۇش ئىدى. روسىيە ئارمىيىسىنىڭ شاھزادە نىكولاي باشچىلىقىدىكى 200مىڭ كىشىلىك قۇشۇنى 1914-يىلى قىشتا ئەنۋەر پاشا باشچىلىقىدىكى 100مىڭ كىشىلىك تۈرك قۇشۇنىنى يوقاتتى.ئارقىدىنلا غەلىبىسېرى ئىلگىرىلەپ ترابزون.ئەرزىنجان،مۇش ۋە تىبلىسنى ئىگەللەپ بۇ جايدىكى تۈرك ئاھالىلىرىنى قىرىپ تاشلاپ،كاپكازدىن ئەرمەنلەرنى كۆچۈرۈپ ئۇرۇنلاشتۇردى.سۈۋەيش قانىلى بويىدا ئەنگىلىيە ئارمىيىسى جامال پاشا قوماندانلىقىدىكى قۇشۇننى مەغلۇپ قىلدى.1915-يىلى ئەنگلىيە-فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيسى پايتەخت ئستامبۇلنىڭ ئەتراپىغا يېتىپ كەلدى. ئوسمان ئېمپېرىيىسىنىڭ سولتانى ،دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خەلىپىسى سۇلتان ئابدۇلھەمىد ھەتتا ئىستانبولنى تاشلاپ كۇنياغا كەتمەكچى بولدى.1915-يىلدىن 1917-يىلغىچە ئەنگىلىيە ئارمىيىسى بەسرە،باغدات،فرات دەريا ۋادىسى قاتارلىق ئوسمان ئېمپېرىيىسىنىڭ زىمىنلىرىنى ئشغال قىلدى.ئوسمان ئېمپېرىيىسى بارغانسېرى ئاجىزلاپ كەتتى. ئەرەپ يېرىم ئارىلىدىكى ئەرەپلەر مۇپتى ھۈسەيىننىڭ رەھبەرلىگىدە تۈرك ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى سەپ تۈزدى.ئۇ 1914-يىلى ئەنگىلىيە بىلەن كېلىشىم تۈزدى.كېلىشىمنىڭ مەزمۇنى ئەرەپلەر ۋە ئەنگىلىيە بىرلىشىپ ئوسمان ئېمپىرىسىنى يۇقۇتۇش.ئەنگىلىيە ئەرەپلەرگە سۇرىيە ،ئىراق ۋە ئىئوردان دەريا سى ۋادىسىغا سۇزۇلغان ئەرەپ دۆلىتى قۇرۇپ بېرىش ئىدى.ئەرەپلەرنىڭ قوزغىلىڭى باشلىنىپ ،تۈرك ئاھالىلىرى ئۆلتۈرىلدى،تۈرك ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىش باشلاندى.1917-يىلى ئەرەپ-ئەنگىلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى ئېرۇسالىمدىكى تۈرك ئارمىيىسىنى يۇقۇتۇپ ئېرۇسالىمنى تارتىۋالدى.1918-يىلى يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ئەرەپ-ئەنگىلىيە ئارمىيىسى تۈرك ئارمىيىسىنىڭ 80مىڭ كىشىلىك قۇشۇنىنى ھەلەپتە قورشىۋالدى.ئەنگلىيە ئارمىيسىنىڭ يېڭىدىن سەپلەنگەن ئوت كۈچى زور زەمبىرەكلىرى تۈرك ئارمىيسىنى تېرە-پېرەن قىلىۋەتتى،ئارقىدىنلا قىلىچ ۋە ئەنگىلىيە مىلتىقلىرى بىلەن قوراللانغان ئەرەپ جەڭچىلىرى ھۇجۇمغا ئۆتتى .80مىڭ كىشىلىك تۈرك قۇشۇنى ھەلەپتە يۇقۇتۇلدى.بۇنىڭ بىلەن تۈرك قۇشۇنىنىڭ ئېرۇسالىمغا ھۇجۇم قىلغۇدەك كۈچى قالمىدى. (بۇ ۋەقە گەرچە ئەرەپلەر ئۈچۈن ئازادلىق بەلگىسى بولسىمۇ ،ئەمىللىيەتتە ئەنگىلىيىنىڭ ئېروسالىمنى ئشغال قىلىشىغا ياردەملىشىشى دەل ئەرەپلەرنىڭ ئسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇشقا قوشقان زور تۆھپىسى بولۇپ قالدى) دەل شۇ پەيتتە مۇستاپا كامال مەغلۇپ بولغان تۈرك قۇشۇنىنى قۇشۇنىنى تەرتىپكە سېلىپ ،بىر-نەچچە كۈن ئچىدە قايتا ھۇجۇم تەشكىللەپ ئەنگىلىيە ئارمىيىسى تارتىۋالغان دەمەشىق ،ھەلەپ ۋە ئېرۇسالىمنى قايتۇرۇۋېلىشنى ،جەڭگە ئۆزى قوماندانلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.بۇ تەلەپ سۇلتان تەرىپىدىن رەت قىلىندى. 1918-يىلى سۇلتان ۋاھىددىن ئانتانتا دۆلەتلىرىگە تەسلىم بولدى.ئەنگىلىيە-فرانسىيە ئارمىيىسى ئستانبولغا كىردى.سولتان ۋاھىددىن نامدىكى سۇلتانلىقنى ۋە ئوردا -ساراي، كېنىزەكلىرىنى ساقلاپ قالدى . تۈرك ئارمىيسىگە قۇرالنى ئەنگلىيە-فرانسىيە ئارمىسىگە تاپشۇرۇپ بېرىش،ئۆزلىرى ئۆيىگە قايتىپ كېتىش بۇيرۇقى چۈشۈردى .گەرچە مۇستاپا كامال چېچىلىپ كەتكەن تۈرك ئارمىيىسىنى قايتا تەشكىللەپ ،تاجاۋۇزچىلارنى قوغلاپ چىقىرىپ تۈركىيىنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ،ئوسمان ئېمپېرىيىسىنى قايتا قۇرالمايتتى،ئەلبەتتە.( قايتا قۇرۇلىشىنى خالىماس بەلكىم) ئەنگىلىيە بولسا ئەرەپلەرنى تۈركلەردىن ئازاد قىلغان دوست سۈپىتىدە ئېرۇسالىمدا قۇشۇن تۇرغۇزدى.ئەنگىلىيىلىك لار ۋە ئۇلارغا ئەگشىپلا يېتىپ كەلگەن يەھۇدىلار ئېرۇسالىمغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ كېلىشكە باشلىدى.ئەرەپلەر بىلەن يەھۇدىلارنىڭ سودىسى قىزىپ كەتتى.ئەرەپلەر يەرلىرىنى ،چۆللۈكلىرىنى ،قاقاس تاغلىرىنى سېتىپ بەردى.پۇلنىڭ كۆزىگە قارىمايدىغان يەھۇدىلار ئنتايىن ياخشى تەسىرات قالدۇردى.ئەرەپلەر يەھۇدىلار پارچە-پۇرات يەرلەرنى ئۇلاپ < <ئسرائىلىيە>> دۆلىتى قۇرغانلىقىنى جاكالىغاندا ئشنىڭ ماھىيىتىنى ئاڭقىرالىغان بۇلۇشى مۈمكىن.بىراق بۇ چاغدا ھەممە ئىش ئۆتكەن ئىدى .مۇستاپا كامال ھۇقۇقنى قولغا ئىلىپ غەلبە قىلغان بولسىمۇ بىراق غەرىپنىڭ تۇركىيەنى غەرىپلەشتۇرۇش ، تۇركىيە ۋە ئىروسالىمغا خىرىستىان ۋە يەھۇدىلارنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە . ئاخىرقى نىشاندىكى پەلەستىن دۇلىتى قۇرۇپ ئەرەپلەر ۋە تۇرۇكلەرنى پارچىلاشتىكى . مۇسۇلمانلارنى قالاق دىيىشتىن ئىبارەت دەستىكى بىلەن تۇركىيەدە ئىسلام قانۇنىنى يوق قىلىپ ئورنىغا غەرىپنىڭ قانۇن نىزاملىرىنى دەسسىتىشتىن ئىبارەت ئوينىغان رولى ئىنتايىن چوڭ بولدى. ھەم بۇلۇپ كەلمەكتە. غەرىپ ئۇزىنىڭ يىڭىلگگىنىنى بىلىپ تۇرۇپ مۇستاپا كامالنى بۇنچىلىك ماختىشىدا بەلكىم يوقارقى سەۋەپلەر باردۇ. چۇنكى غەرىپ يىڭىلمىدى بەلكى ئاخىرقى غەلبىنى مۇستاپا كامال ئارقىلىق قولغا كەلتۇرگەن ئىدى . مەنبە : http://alamdar.blogbus.com/logs/35635856.html


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
НаБи + 100 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77167
يازما سانى: 711
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2697
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 74 سائەت
تىزىم: 2012-3-9
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 09:23:25 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېڭى تۈركىيەنىڭ ئىجادچىسى، ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاشلا مائارىپ ساھەسىدىمۇ تۈركلەرگە داغدام يول ئېچىپ بەرگەن ئۇلۇغ داھى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك، تۈركىيىنى دۈشمەنلىرىنىڭ ئىستىلاسىدىن قانداق قۇتۇلدۇرۇپ قالغان بولسا، جاھالەت ئىستىلاسىدىنمۇ شۇنداق قۇتۇلدۇرغان بولۇپ، چاك-چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتكەن، ئەمەلىيەتتە ھەتتا كۈچلۈك ياۋروپا ئارمىيىسىدەك دۈشمەنلىرىنىڭ ئالدىدا پايتەختنى قوغداپ قالغۇدەكمۇ مادارى قالمىغان كونا تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ ئورنىغا بۈگۈنكى بارلىق مۇسۇلمان ئەللەر ئىچىدە ئەڭ دېموكراتىك، ئەڭ تەرەققىي قىلغان، ئىقتىساد ۋە مائارىپ ئىشلىرى گۈللەنگەن بىر قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ بارلىققا كېلىشىگە سەۋەپ بولغان. مۇستاپا كامال مانا مۇشۇنداق تۆھپىلىرى بىلەن تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئاتىسى سۈپىتىدە ئاتا تۈرك دەپ ئاتىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ بارلىق سىياسى ۋەسىيەتلىرى بۈگۈنگە قەدەر تۈركىيەگە يېتەكچىلىك قىلىپ، تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
مۇستاپا كامال 1881-يىلى3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق سالونىكا (ھازىرقى گىرىتسىيەدە) شەھرىدە بىر ياغاچ ماتېرىياللىرى سودىگىرى ئائىلىسدە تۇغۇلغان. 1893-يىلىئائىلىسىدىن يۇشۇرۇنچە سالونىكا ئۆسمۈرلەر ھەربىي مەكتىۋىگە كىرىپ ئوقۇغان، 1899-يىلىئىستانبۇل ھەربى ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئۆرلەپ ئوقۇغان، 1905-يىلىئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كاپىتان ئۈنۋانى بىلەن سۈرىيەدىكى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىپ ئۇدا غەلىبىلىك جەڭلەرنى قىلىپ خەلقنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ۋە بۇ مەزگىلدە مەخپى ئۇيۇشما «ۋەتەن ئەركىنلىك جەمئىيىتى» نى تەشكىللىگەن. كېيىن سالونىكا ۋە ماكىدونىيەدىكى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتىلىپ بارغانلا يېرىدە ماھىرلىق بىلەن غەلىبە قازىنىپ تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. 1910-يىلىفىرانسىيەگە ھەربى بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىلىپ بىر يىل تۇرغان. قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بۇلغارىيە ۋە ئىتالىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشقا قاتنىشىپ خىزمەت كۆرسەتكەن. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا تۈركىيە زىمىنى ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرپىدىن بۆلۈنۈۋېلىشقا باشلىغان، مۇستاپا كامال داردانىل بوغۇزىدىكى ئۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ ماھىرلىق بىلەن جەڭ قىلىپ ياۋروپا بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ قاتتىق ھۇجۇمىنى چېكىندۈرۈپ تۆھپە كۆرسەتكەنلىكتىن پاشا ئۈنۋانى بېرىلىپ تۈركىيە ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆستۈرۈلگەن. 1918-يىلى10-ئايدا ئوسمان ئىمپىرىيىسى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ تەسلىم بولغان، ئىستانبۇل ئىزمىر قاتارلىق تۈركىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئەڭ نادىر شەھەرلىرى ئىتالىيە گىرىتسىيەلەرگە بۆلۈپ بېرىلگەن. مۇستاپا كامال تۈركىيەنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە ئۇرۇنۇپ مەغلۇپ بولغان ۋە ھەربىلەر ئارىسىدا پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى تۇرىدىغان يۇشۇرۇن ئۇيۇشما قۇرۇش مەقسىدى پاش بولۇپ قالغانلىقتىن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇپ ئاناتولىيەگە ئەۋەتىۋېتىلگەن، مۇستاپا كامال ئاناتولىيەگە بارغاندىن كېيىن تۈركىيەگە تېڭىلغان شەرتسىز شەرتنامىلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىپ ئەرزۇلۇمدا بىر قوشۇن تەشكىللەپ ئوسمان ئىمپىرىيسىگە قارسى ئىنقىلاپقا يېتەكچىلىك قىلغان ، 1921-يىلىتۈركىيە زىمىنىدىكى ئەنگىلىيە-فىرانسىيەنىڭ قوللىشىدا تۈركىيەنى ئىستىلا قىلماقچى بولغان گىرتسىيە ئارمىيىسگە قارشى ئۇرۇش قىلىپ غەلىبە قازانغان ۋە غازى ئۈنۋانىغا، مالشال ھەربى ئۈنۋانىغا ئېرىشكەن. 1922-يىلىھەربى مەجبۇرىيەت تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ يۈزمىڭ كىشىلىك ئارمىيە تەشكىللەپ ئىزمىر ئۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ پۈتۈن ئاناتولنى ئازاد قىلغان، شۇ يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى 600 يىلدىن كۆپ ھۆكۈم سۈرگەن ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئاغدۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ تۈرك جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. 1923-يىلى7-ئايدا تۈركىيە پىرىزدېنتى ۋە ئارمىيە قوماندانى سالاھىيىتى بىلەن شىۋىتسارىيەگە بېرىپ ياۋروپادىكى دۆلەتلەر بىلەن تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە كەلگۈسى سىياسىتى، زىمىن چېگرىسى قاتارلىقلاردا غايەت زور رول ئوينىغان لۇزان كېلىشىمىنى تۈزۈپ دۇنيا ئېتىراپ قىلغان ۋە يېڭى ئىستىقباللارغا ھامىلدار بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ پايتەختنى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كۆچۈرگەن. تۈركىيە جۇمۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنى شەكىللەندۈرگەن، تۈرك تىلىنى ساپلاشتۇرۇش، تۈرك ئېلىپبەسىنى ئەرەب ئەرەب ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە كۆچۈرۈش، مەملىكەت مىقياسىدا ئاقارتىش ئېلىپ بېرىپ ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش، سىياسىنى دىندىن خالىلاشتۇرۇش، مائارىپنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن ئۆگىنىش ھەركىتىگە باشچىلىق قىلغان.
ئاتاتۈرك، ئازادلىق ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ ئىتالىيە ۋە گىرىتسىيە قوشۇنلىرىنى تۈركىيە تۇپرىقىدىن چېكىندۈرگەندىن كېيىن، ېپيېڭى بىر تۈرك دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ بۈيۈك تۈركىيە غايىسىنىڭ ئۇل مۇەسسەسە تۈرلىرىنى يولغا قويغان ھەمدە بۇ بۈيۈك غايىنىڭ ئۇل تېشىنىڭمۇ مائارىپ ئىكەنلىكىنى ھەمىشە تەكىتلەپ كەلگەن.
1927-يىلى7-ئايدا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئارمىيىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ تۈركىيەنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ھەربى دىكتۇرا ئاستىغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن قانۇنى بەلگىلىمىلەرنى بېكىتكەن. 1934-يىلىتۈركىيە مىقياسىدا فامىلە قانۇنىنى يولغا قويغان پارلامېنت مۇستاپا كامالغا ئاتا تۈرك دىگەن شەرەپلىك نامنى فامىلە قىلىپ بەرگەن.
مارشال مۇستاپا كامال ئاتا تۈرك غازى پاشا 1938-يىلى11-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان.
ئاتاتۈرك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاش بىلەن تەڭ، كەڭ كۆلەملىك مائارىپ سەپەرۋەرلىك خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. 1927-يىلقى تۇنجى قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە كۆرە، تۈركىيىدە ئوقۇش-يېزىشنى بىلىدىغانلارنىڭ نىسبىتى پەقەت يۈزدە 10.6 پىرسەننى تەشكىل قىلاتتى. ئاتاتۈرك ئېچىپ بەرگەن پارلاق يولنىڭ تۈرتكىسىدە تۈركىيە ساۋاتسىزلىقنى تولۇق تۈگەتكەن بولۇپ نۆۋەتتە ئوقۇ-ئوقۇتۇش ساھەسىدە زامانىۋىلاشقان ۋە تەرەققى تاپقان ھەرقانداق بىر دۆلەتنى بېسىپ چۈشسە چۈشىدۇكى، ھەرگىزمۇ تۆۋەن ئورۇندا تۇرمايدۇ.
نۆۋەتتە، تۈركىيە 73 مىليون نوپۇسى ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۈك ۋە دىنامىكىلىق دۆلەتلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدۇ. مانا بۇ 73 مىليون نوپۇسنىڭ 21 مىليونىنى ئوقۇغۇچىلار تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر تۈركىيىدە باشلانغۇچ مائارىپىدا مەكتەپلىشىش نىسبىتى يۈزدە يۈز پىرسەنگە يەتتى.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، مائارىپ ساھەسىدە كەڭ كۆلەملىك ئىسلاھات ھەرىكەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. بۇنىڭ نەتىجىسىدە، پىرىنسىپ، سىياسەت ۋە پىلان جەھەتتىن خەلقنىڭ زامانغا ماس ھالدا ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى ھەمدە زامانىۋىي مائارىپنىڭ پۈتكۈل ئۇل تاشلىرى سېلىندى.
ئاتاتۈركنىڭ مائارىپ سىياسىتى، ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا بىرلىك، مىللىيلىك، سېكۇلارىزىملىق يەنى دىن بىلەن سىياسەت بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن سىستىما ۋە زامانغا لايىق مائارىپ ئېڭىنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغان ئەڭ ئاساسلىق قىممەتلىك جەۋھەردۇر.
1921-يىلقى بىر نۇتقىدا «مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك مېنىڭ بىردىن بىر شوئارىمدۇر» دېگەن ئاتاتۈرك، ئوقۇتقۇچىلارغا بەرگەن باياناتىدا بولسا «ھېچقاچان شۇنى ئېسىڭلاردىن چىقىرىپ قويماسلىقىڭلار كېرەككى، جۇمھۇرىيەت سىلەرنىڭ ئەركىن پىكىر يۈرگۈزەلەيدىغان، ئەركىن ۋىجدان ۋە ئەركىن ئاڭغا ئىگە نەسىللەرنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشىڭلارنى تەلەپ قىلماقتا» دەپ كۆرسەتكەن.
ئاتاتۈركنىڭ نۇتۇقلىرى بىلەن باياناتلىرىنى تەتقىق قىلغىنىمىزدا شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، ئۇنىڭ بىردىن بىر ئارزۇ قىلىدىغىنى، ھەر بىر ئىنساننىڭ ئۆزىدە ئىجادكارلىق روھى، مىسلىسىز ئەقىل - پاراسەت، تىرىشچانلىق، ئەركىنلىك، يۈكسەك ئەخلاىي پەزىلەت ۋە زامانغا ماسلىشىش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى، شۇنداقلا ھەر بىر تۈركىيىلىكنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن ھەر قانداق بەدەل تۆلەشتىن يانمايدىغان بولۇشى تەلەپ قىلىنغان دۆلەتچىلىك ئىدىيىسى.
ئاتاتۈرك، بىر تەرەپتىن زامانىۋىي، مۇستەقىل، سېكۇلارىزىملىق يەنى دىن بىلەن سىياسەت بىر بىرىدىن ئايرىۋېتىلگەن سىستېمىغا ئىگە ۋە دېموكراتىك بىر جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئاساسلىق ئامىللىرى بولغان ئالەمشۇمۇل قىممەت ئۆلچەملىرى، مەڭگۈلۈك پىرىنسىپلار ۋە زامانىۋىي ئۇسۇللارنىڭ ئۇل تاشلىرىنى سېلىپ بەرگەن.
ئاتاتۈرك بىر نۇتقىدا «ئەڭ مۇھىم، شۇنداقلا ئەڭ ئاساسلىق نۇقتا مائارىپ مەسىلىسىدۇر. مائارىپ شۇنداق بىر ھالقىدۇركى، ئۇنىڭغا مەھكەم ئېسىلغان ھەر قانداق بىر مىللەت، ئۆز ئەركىگە ئېرىشەلەيدۇ ۋە مۇستەققىلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆز ئۆزىگە خوجا بولالايدۇ، شۇنداقلا شانلىق غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە يامىشىپ چىقالايدۇ؛ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قالغان مىللەتلەر بولسا، قۇللۇققا ۋە خار زەبۇنلۇققا مەھكۇمدۇر» دېگەن ۋە بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي مۇستەقىللىقنىڭ ئالدىنقى شەرتىنىڭ مائارىپ ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئاتاتۈرك «بىر تەرەپتىن زۇلمەتلىك جاھالەتنى يوقىتىشقا تىرىشسا، يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ياش- ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھاياتتا كۈچكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان دەسلەپكى مەلۇماتلارنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرپ بېرىش، مائارىپ ئىشلىرىمىزنىڭ ئاساسىي بولۇشى كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. قىسقىسى، ئاتاتۈركنىڭ ، ئىنساننىڭ كۈندىلىك ھاياتىدا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشىدە تۈرتكىلىك رول ئوينىشى ئۈچۈن، ھەر جەھەتتىن مائارىپنىڭ ھەم ئىنسان ھەم جەمئىيەتكە پايدىلىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىشىمۇ، مەملىكىتىمىزدە كەڭ قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئۈمىد قىلغان زامانىۋىي مائارىپ ئېڭىنىڭ ئاساسلىق پىرىنسىپلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.
ئاتاتۈرك، مائارىپقا قانچىلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى ئوقۇتقىچىلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ئارقىلىق نامايەن قىلغان. ئاتاتۈرك بىر نۇتقىدا، «ھۆرمەتلىك ئۇستازلار! ياش ئەۋلادلارنى ئىلىم-پەن، پەن-تېخنىكا، ئەخلاقىي، ئەقلىي ۋە جىسمانىي جەھەتلەردىن تولۇق يېتىلدۈرۈپ چىقىش جۇمھۇرىيەتنىڭ تەقەززاسىدۇر. يېڭى ئەۋلادلارنى مانا مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بويىچە يېتىشتۈرۈپ چىقىش سىلەرگە باغلىقتۇر» دېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، شۇ ئۇلۇغۋار غايىنى تىكلەپ بەرگەن: «ئەڭ مەدەنىيەتلىك ۋە ئەڭ تەرەققى قىلغان بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، تەرەققىياتنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك پەللىسىگە يېتىشكە مەجبۇرمىز.»
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتى قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭلا مائارىپ خىزمىتىگە ناھايىتى زور مەبلەغ ئاجرىتىلغان. «دۈيۇنۇ ئومۇمىيە» دەپ ئاتىلىدىغان ئوسمانلى دۆلىتىدىن قالغان دۆلەت خىراجەتلىرىنىڭ يۈزدە 20 گە يېقىن قىسمى ئايرىلغان بولۇشىغا قارىماي، مائارىپ مىنىستىرلىكىگە يۈزدە 4.5 پىرسەنت مەبلەغ ئايرىلغان.
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ھامان، بۈيۈك تۈرك ئىنقىلاۋىنىڭ يېتەكچىسى ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: «مىللىي مائارىپنىڭ ئاساسلىق نىشانلىرى شۇكى، ساۋاتسىز ھېچقانداق بىر گراژدانىمىز قالماسلىقى، ئېھتىياجلىق بولغان تېخنىك خادىملىرىنىڭ يېتىشتۈرۈلۈشى، مىللىي غايە ۋە بۇ غايىنىڭ ئىدىيىسىنى پىلانلاپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان، ھەمدە بۇ غايىنى ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تەرەققى قىلدۇرالايدىغان شەخسلەرنىڭ يېتىشتۈرۈپ چىقىلىشى ۋە قۇرۇلۇشلارنىڭ تەسىس قىلىنىشى شەرت.»
ئاتاتۈرك يەنە بىر نۇتقىدا «قىز-ئوغۇل ئەۋلادلىرىمىزنىڭ مائارىپ ئېڭى ئوخشاش سەۋىيىدە يېتىلدۈرۈلۈشى كېرەك. تۈركىيە دۆلىتىنىڭ ئەۋلادلىرى مائارىپنىڭ ھەر بىر باسقۇچىدا، شۇنداقلا ئقتىسادىي ھاياتتا پائالىيەتچان، تۆھپىكار ۋە غالىب ئەۋلادلاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىلىشى لازىم» دەپ يوليۇرۇق بەرگەن.
تۈركىيە مىللىي مائارىپىنى زامانىۋى ۋە ئىلغار سەۋىيىگە يەتكۈزۈش پىلانلىرىنىڭ ئۇل تېشىنى سېلىپ بەرگەن ئاتاتۈرك، مائارىپنىڭ غايىسىنى مۇنداق دەپ تەكىتلىمەكتە: «مائارىپنىڭ غايىسى، مائارىپنىڭ ئاساسىي، مائارىپنىڭ ئالاھىدىلىكى ناھايىتى بۈيۈكتۇر. ئەگەردە بۇ ھەقتە خاتا يولدا مېڭىپ قېلىپ، خەلق زاۋاللىققا قاراپ يۈز تۇتسا، بۇنىڭ بىردىن بىر جاۋابكارى، بۇ يولدا سابىت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان ياخشى نىيەتلىك، ئەقىل پاراسەتلىك، ئىجتىھاتچان ۋە خەلقى ئۈچۈن ھېچنېمىسىنى ئايىمايدىغان رەھبەرگە ئىشەنگەن بىچارە خەلقتىنمۇ كۆرە، شۇ خەلقنى خاتا يولغا باشلىغانلار ئەمەسمۇ؟ ئىلغار ۋە مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن كەلگۈسىدىمۇ يەنە زامانىۋىي ئىلغارلىقنىڭ دەل مەركىزى نۇقتىسىدا ياشايمىز. بۇنىڭغىمۇ پەقەت ئىلىم-پەننىڭ كۈچى ئارقىلىقلا ئېرىشكىلى بولىدۇ. ئىلىم - پەن قەيەردە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئۇنى شۇنى يەردىن ئېلىپ، مىللىتىمىزدىن ھەر بىر ئىنساننىڭ مېڭىسىگە يەرلەشتۈرىمىز. ئىلىم-پەنگە ئېرىشىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى يوقتۇر...دۇنيادا ھەممە نەرسە ئۈچۈن، جۈملىدىن كۈندىلىك ھايات ئۈچۈنمۇ، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈنمۇ يەنىلا ئىلىم - پەن بولمىسا زادى بولمايدۇ. شۇڭا، بىز ياشاۋاتقان شۇ دۇنيانىڭ جۈملىدىن ئىلىم-پەننىڭ كۈنسىرى قانداقسىگە ئۇچقانداك تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئىنتايىن مۇھىم، شۇنداقلا ئىلىم-پەننىڭ ئالەمشۇمۇل تەرەققىياتلىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلىۋېتىشىمىزگە زادى بولمايدۇ.»
بۈيۈك دۆلەت ئەربابى، يىراقنى كۆرەلەيدىغان زات ۋە بىلىم -ئىسلاھات مەستانىسى بولغان ئۇلۇغ داھى مۇستافا كەمال ئاتاتۈرك ئۇل تېشىنى سېلىپ بەرگەن زامانىۋى ۋە مەدەنىيەتلىك بىر پارلاق يولدا غەلىبىسىرى ئالغا ئىلگىرىلەپ، قانچىلىغان ئىلمىي جەمئىيەتلەرنى قۇرۇپ چىققان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە دۇنيانىڭ ساناقلىق بىلىم مەركەزلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.


ھەقىقەت ھامان ھەقىقەت

ئالىي ئەزا

پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 4682
يازما سانى: 963
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 25238
تۆھپە نۇمۇرى: 5509
توردا: 10749 سائەت
تىزىم: 2010-7-25
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:10:13 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ دۇنيا تارىخىدىكى چوڭ ئىمپىريەلەرنىڭ بىرىدۇر

ئادەم غۇرۇرىنى يوقاتقاندا ئادىمىلىكىنىمۇ يوقاتقان بولدۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 24675
يازما سانى: 102
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2096
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 469 سائەت
تىزىم: 2011-1-1
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:43:19 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nap--rat يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 09:23 AM
يېڭى تۈركىيەنىڭ ئىجادچىسى، ھەر ساھەدىكىگە ئوخشاشلا ما ...

مەن ئەڭ قايىل بولىدىغان ئادەم،جاپا چېكىپسىز ،رەھمەت

كۆرەش قېلىدىكەنسىز،ھامان خاتالىق سادىر قىلىشتىن خالىي بولالمايسىز

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 20185
يازما سانى: 177
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4197
تۆھپە نۇمۇرى: 420
توردا: 1887 سائەت
تىزىم: 2010-12-2
ئاخىرقى: 2012-6-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:55:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈرك ئىمپىرىيىسىنىڭ تارىخىغا بەكمۇ قىزىقاتتىم. بۈگۈن بۇ تىمىدىن نۇرغۇن تارىخى بىلىملەرنى ۋە تارىخنى بىلىۋالدىم.
تىما يوللىغۇچىنىڭ  ئەجرىگە رەھمەت.

سەمىمىيلىك ئەڭ ئېسىل ئەخلاق

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 16888
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 5620
تۆھپە نۇمۇرى: 363
توردا: 860 سائەت
تىزىم: 2010-11-9
ئاخىرقى: 2012-6-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:58:55 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۈگۈنكى كۈندە ياشاپ تۇرغۇچى تۈرۈكلەر ئەينى چاغدىكى ئاشۇ سەلتەنەتلىك دەۋرگە ئوخشاش قۇت قازىنالامدۇ ؟
مېنىڭچە بۈگۈنكى كۈندىكى تۈرۈكلەرنىڭ  ئوسمان ئېمپېرىيىسى دەۋردىكىدەك بولالىشى تولۇمۇ قىيىن ھەتتاكى يوقنىڭ ئورنىدا .
ئىلىم پەن تەرەقىي قىلمىغان ، ئادەم سانى ئارقىلىق ئۇرۇش نەتىجىسى بەلگىلىنىدىغان شۇ دەۋرلەردە تۈرۈكلەر جاھان سورىغان ،  ئەمما ھازىرقى دەۋرنىڭ ئىلگىرلەش مېخانىزىمى بۇرۇنقى زاماندىكىدىن تۈپتىن ئوخشىمايدىغان بولۇپ كەتتى .  بۈگۈنكى دەۋردە جاھان سوراش ئۈچۈن ئادەملەر بىر ئەسىر ئاۋالقىدىن 10 ھەسسە ياكى ئۇنۇڭدىن ئارتۇق كۈچ سەرىپ ئەتمىسە ئىشلار ۋۇجۇتقا چىقمايدىغان ھالەتكە بېرىپ يەتتى .
دېمەك ، ئىنسانلار مەۋجۇتلۇق ئۈچۈن ناھايىتى زور بەدەل تۆلەش قىسمىتىگە دۇچار بولۇپ تۇرماقتا .

1 - ئىلىملىك بولماي تۇرۇپ ماختانما ...
2 - ئۆزۈڭدە بىر چېلەك سۇ بولغاندا ، ئاندىن كىشىگە بىر چىنە سۇ بېرەلەيسەن ... !
3- ئۆزۈڭدىن ھالقى ، بۈيۈكلۈككە يەت ...

قايىل قىلىش قۇرق

ئاكتىپ ئەزا

مىسرانىم مەستانىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6147
يازما سانى: 703
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9438
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 4847 سائەت
تىزىم: 2010-8-12
ئاخىرقى: 2012-6-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:13:36 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  مىنىڭچە ئوسمان ئېمپىرىيىسى تارىختىكى ئەڭ ئۇزۇن مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرغان ئېمپىرىيە . مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا ئۇ ھازىرمۇ مەۋجۇت . تۇركىيەنىڭ ئەڭ يېقىنقى ئىپادىسى كىشىنى خوشاللاندۇرىدۇ !

كىشى كۆركى يۈزدۇر ، ئول يۈز كۆركى كۆز ، ئەقىل كۆركى تىلدۇر ، ئول تىل كۆركى سۆز !

ئويلانماقتىمەن..

تىرىشچان ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 1221
يازما سانى: 530
نادىر تېمىسى: 3
مۇنبەر پۇلى : 24163
تۆھپە نۇمۇرى: 1464
توردا: 5982 سائەت
تىزىم: 2010-5-28
ئاخىرقى: 2012-6-5
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:18:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم!  بۇ  ھەقىقەتەن  ئېسىل تېما بوپتۇ.
تۆۋەندىكىسى ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ ئىمپىرىيە ناخشىسى:
Outstanding Uthmani Khilafah Nasheed



پائالىيەتچان

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 12462
يازما سانى: 510
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15865
تۆھپە نۇمۇرى: 2156
توردا: 6627 سائەت
تىزىم: 2010-10-2
ئاخىرقى: 2012-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:21:12 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تۈرۈكلەرمۇ نۇرغۇن ئىسسىق ، سوغۇقلارنى بىشىدىن ئۆتكۈزدى .

تۇرار ئىدى بىر قۇيرۇق تاشتا ،
بۆرە دىدى بىر سەۋبى بولمىسا قۇيرۇق ياتامدۇ تاشتا .

ئىغىلدا ياشىساڭ ، ئىشەكنىڭ خۇي
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش