مىللەتلەر سېياسىتىدە ئەكسىچە كەمسىتىش مەۋجۇت ئەمەس
تۇرۋېنجان تۇرسۇن
ئاپتور : شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى
بوزقىر تەرجىمىسى
موھىم مەزمۇنى : نۆۋەتتە پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سېياسىتىنىلا كۆرۈپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلارنى ئاساسىي ئېقىم قىلغان جەمئىيەتتكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتا تۆلىگەن تېخىمۇ كۆپ بەدەل ۋە تىرىشچانلىقلىرىغا كۆز يۇمىدىغان ئاتالمىش«ئەكسىچە كەمسىتىش» ھەققىدىكى سۆز ئىبارىلەر مەيدانغا چىقماقتا. نۆۋەتتە جەمئىيەتتكى ئەرلەرنىڭ ھوقۇق جەھەتتە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرىۋاتقان ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنە داۋاملىق كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.ئەر-ئايال باراۋەرلىگىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ناھايتى ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋالدا بەزىلەر ئاياللارغا بېرىلگەن بەزى ئېتىبارلارغا قاراپلا بۇنى «بۇ ئەكسىچە ئەرلەرنى كەمسىتكەنلىك» دەپ قاراۋاتىدۇ. بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك.
نۆۋەتتە ئېلىمىزدە ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سېياسىەتلىرى ئاز سانلىق مىللەتلەر بېلەن خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرسىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ خەنزۇلار ئاممىسىغا قارىتىلغان «ئەكسىچە كەمسىتىش» دېگەن سادالار پەيدا بولىۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە يالغۇز ئاۋام ئىچىدىلا بەھىس-مۇنازىرە قوزغاپ قالماستىن يەنە ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئارىسىدىمۇ يۇقۇردىكى كۆز قاراشنى قوللايدىغانلار مەيدانغا چىقماقتا.
قارىماققا «ئەكسىچە كەمسىتىش» دېگەن كۆز قاراشنىڭمۇ ئۆزىگە تۇشلۇق داۋلىسى باردەك قىلسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ.جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سېياسىتى دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى رېئاللىق ۋە كېيىنكى ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئاساسەن تۈزۈلگەن.جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كۆپ قىسمى چەت-يىراق چېگرا رايون ياكى تاغلىق رايونلارغا ئولتۇراقلاشقان. ئۇ رايونلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى جاپالىق، تەرەققىيات سەۋىيىسى تۆۋەن. يەنە كېلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەر تارىختا ئىزچىل ئېزىلىپ كەلگەچكە ئاز سانلىق مىللەتلەر بېلەن خەنزۇلارنىڭ ئىجتىمائىي،ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى باراۋەرسىزلىكنى يوقۇتۇش ئۈچۈن مەركىزىي ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سېياسىتىنى ئالاھىدە يولغا قويغان. بۇ ماھىيەت جەھەتتىن باراۋەر رىقابەتكە يېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
جۇڭگونىڭ مىللەتلەر سېياسىتى 60يىلدىن ئارتۇق يولغا قويۇلدى. ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نېمە ئۈچۈن ئەشۇنداق بەھىس-مۇنازىرە ۋە كۆز قاراشلار مەيدانغا كېلىدۇ؟ بۇنىڭ بەلكىم تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە تۈرلۈك سەۋەبى بولسا كېرەك :
1-بازار ئىگىلىكى شارائىتىدا بايلىق مەنبەلىرىنى تەقسىملەشكە بولغان بېسىم ئېشىپ، مائارىپ، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش قاتارلىق بايلىق مەنبەلىرىگە بولغان ئېھتىياج بارغانسېرى جىددىي لەشكەچكە نۇرغۇن ئاۋام-پۇقرالار بايلىق مەنبەسىنى ئىقتىدارغا قاراپ تەقسىملەش كېرەك دەپ قارىدى.
2-يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە بەزى يېڭى ئەھۋاللار كۆرۈلدى، قىسمەن رايونلاردا دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋامنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بولغان پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش بولدى،ئۇلار ھۆكۈمەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە شۇنچە كۆپ ياردەم قىلسىمۇ ئەمما ئۇلار ھۆكۈمەتكە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرمىدى ، دەپ قارىدى.
3-دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋامنىڭ شەخسىي مەنپەئەتكە بولغان تونۇشىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، بەزىلەر قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سېياسىەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك، دەپ قارىدى.
ئەمەلىيەتتە ،ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر سېياسىتى قانۇن ئالدىدىكى باراۋەرلىك ۋە رىقابەت پىرىنسىپلىرىغا ئەھمىيەت بېرىلگەن مەڭگۈلۈك قانۇنىي پىرىنساپلار بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر توپىغا بېرىلگەن ياردەمدۇر، ئۇ بىر خىل تولۇقلىما خارەكتىرلىك ۋە ۋاقىتلىق خارەكتىرىگە ئىگە مىللەتلەر سېياسىتىدۇر.
ئامېرىكا 1965-يىلىدىن باشلاپ «مۇئەييەنلەشتۈرۈش خارەكتىرلىك ھەركەت» سېياسىتىنى يولغا قويۇپ ، ئوقۇش، ئىشقا ئورۇنلۇشۇش، ھۆكۈمەت قەرز مەبلىغىغە ئېرىشىش ۋە تەقسىملەش جەھەتلەردە ھۆكۈمەت قارا تەنلىكلەر،ئىندىئانلار، لاتىن ئامېرىكىسىلىقلار، ئاسىيالىقلارنىڭ پۇشتىغا ھەمدە ئاياللارغا ئالدىن ئېتىبار ھوقۇقى بەرگەن.بۇنىڭدىكى مەقسەت ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۇزۇن مەزگىل كەمسىتىشكە ئۇچرىغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ پۇشتى ۋە ئاياللارنىڭ سېياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلەردىن تېگىشلىك ئورۇنغا ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈندۇر.ئۇلارنىڭ ئۇسۇلىنى ئېلىمىزنىڭ مىللەتلەر سېياسىتى بېلەن سېلىشتۇرساق ئېلىمىزدىن 10نەچچە يىل كېيىن تۇرىدۇ.
ئەمەلىيەتتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، جۇڭگو 60يىلدىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سېياسىتىنى پەيدىن پەي ئازايىتقانكى ئۇنى كۆپەيىتمىگەن. ھازىرقى ئارتۇق پەرزەنىت كۆرۈش ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىكى ئېتىبار سېياسىتىدىنلا ئۇنىڭ ۋاقىتلىق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
گەرچە نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەر ناھايتى زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەن بولسىمۇ ئەمما خەنزۇلار بېلەن بولغان پەرىق يەنىلا مەۋجۇت. بۇنىڭ نۇرغۇن ئوبىيېكتىپ سەۋەبلىرى بار.مەسىلەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بېيجىڭ ئۇنۋېرسىتېتى،چىڭخۇا ئۇنۋېرسىتېتىغا كىرىشتە ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا يەنە خەنزۇ ، ئىگلىز تىللىرىنى پىششىق بىلىشى ۋە خەنزۇ تىلىدا ئىمتاھان بېرىشى كېرەك. پەقەت ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئېتىبار بېرىش سېياسىتىنىلا كۆرۈپ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ خەنزۇلارنى ئاساسىي ئېقىم قىلغان جەمئىيەتتكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاشتا تۆلىگەن تېخىمۇ كۆپ بەدەل ۋە تىرىشچانلىقلىرىغا كۆز يۇمىدىغان ئاتالمىش«ئەكسىچە كەمسىتىش» ھەققىدىكى سۆز ئىبارىلەر مەيدانغا چىقماقتا. نۆۋەتتە جەمئىيەتتكى ئەرلەرنىڭ ھوقۇق جەھەتتە مۇتلەق ھۆكۈمرانلىق ئورنىدا تۇرىۋاتقان ئەھۋالدا ئاياللارنىڭ ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى يەنە داۋاملىق كۈچەيتىشكە توغرا كېلىدۇ.ئەر-ئايال باراۋەرلىگىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ناھايتى ئۇزۇن جەريان كېتىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋالدا بەزىلەر ئاياللارغا بېرىلگەن بەزى ئېتىبارلارغا قاراپلا بۇنى «بۇ ئەكسىچە ئەرلەرنى كەمسىتكەنلىك» دەپ قاراۋاتىدۇ. بۇ ئۇچىغا چىققان بىمەنىلىك.
دېمىگراتىك تۈزۈمنىڭ تۈپكى ماھىيىتىمۇ ئازسانلىقلارنى سىغدۇرۇش ۋە قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ.جۇڭگونىڭ مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سېياسىتى دۆلەت قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدىن باشلاپلا يولغا قويۇلغان. ئاز سانلىق مىللەتلەر پەقەت ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %5نى ئىگىلەيدىغان بىر دۆلەتتە مىللەتلەر نەزەرىيىسى ۋە مىللەتلەر سېياسىتىنى تۇرغۇزۇش ۋە يولغا قويۇشقا ئەرزىيدۇ.
http://opinion.huanqiu.com/roll/2012-03/2529409.html
ئەسكەرتىش : ئەسلى مەنبەدىكى خەنزۇچە ماقالىدە « تۇرۋېنجان تۇرسۇن» نىڭ ئىسىم-فامىلىسى «吐尔文江•吐尔逊» دەپ ئېلىنىپتۇ. بۇ بەلكىم« تۇرغۇنجان تۇرسۇن»بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما ھەر خىل ئېھتىماللىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ تەرجىمىدە ئەسلى مەنبەدىكى خەنزۇچە بويىچە « تۇرۋېنجان تۇرسۇن» دەپ ئېلىندى. بىلىدىغانلارنىڭ بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇچۇر بېرىشىنى سورايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-16 05:22 AM