مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 427|ئىنكاس: 7

ئەرگەنەكون داستانى (رېۋايىتى) [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4901
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 4468 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 12:33:16 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
                            ئەرگەنەكون داستانى (رېۋايىتى)  

    بۇ ئەرگەنەكون داستانى چوڭ ھەجىملىك تارىخى داستان بولۇپ، مەن بۇ يەردە چامىمنىڭ يېتىشىچە قىسقىچە تەرجىمە قىلىپ قويدۇم. بىلىدىغانلار تولۇقلاپ، بولمىغان يەرلىرىنى رەتلەپ تەرجىمە قىلىپ قويسا رەخمەت ئېيتىمەن.
  
  

      تۈرك دۆلەتلىرىدە كۆك تۈرۈك دۆۋلىتىگە ئىتائەت قىلمىغان بىر يەر يوق ئىدى. بۇنىڭغا ھەسەت قىلغان باشقا قەبىلىلەر بىرلىشىپ كۆك تۈرۈكلەرگە قارشى ئۇرۇش ئاچتى. مەخسەتلىرى ئۆچ ئېلىش ئىدى. كۆك تۈركلەر چېدىرلىرىنى، مال ۋە چارۋىلىرىنى بىر يەرگە توپلىدى. ئەتراپىغا خەندەك قېزىپ تەييار بولۇپ تۇرۇشتى. دۈشمەنلەر كەلگەندىن كېيىن ئۇرۇش باشلاندى. ئۇرۇش ئون كۈن داۋام قىلىپ كۆك تۈرۈكلەر غەلىبە قىلدى.  
    بۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن دۈشمەنلەرنىڭ باشلىقلىرى بىر يەرگە توپلىنىپ مەسلىھەت قىلىشتى ۋە كۆك تۈركلەرگە ھىلە ئىشلەتمىسەك ئاقىبېتىمىز يامان بولىدۇ دېيىشتى. تاڭ سۈزۈلۈشكە باشلىشى بىلەن ئۇلار  گويا تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندەك قېچىشقا باشلىدى. كۆك تۈرۈكلەر "بۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلغىدەك ئەھۋالى قالمىدى" دەپ ئويلاپ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلدى. دۈشمەنلەر كۆك تۈركلەر يېتىشىپ كەلگەندىن كېيىن تۇساتتىن ئارقىسىغا يېنىپ ھۇجۇم قىلدى. بۇ ئۇرۇشتا دۈشمەنلەر كۆك تۈركلەرنى غاپىل ئوۋلاپ يەڭدى ۋە چەدىرىغىچە باستۇرۇپ كىرىپ قانلىق قىرغىن قىلدى. بىر مۇ چېدىر ساق قالمىدى قېرىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ ياشلارنى قۇل قىلدى. دۈشمەن ئەسكەرلىرى قۇلىغا نىمە چىقسا شۇنى ئالدى.  
    كۆك تۈركلەرنىڭ باشلىقى ئىلخان بولۇپ بالىلىرى كۆپ ئىدى. لېكىن بۇ تەلەيسىز ئۇرۇشتا بىر بالىسىدىن باشقا ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى.
كايى ئىسىملىك بىر ئوغلىنى بۇ يىل ئۆيلىگەن ئىدى. بۇندىن باشقا ئىل خاننىڭ توققۇز ئوغۇز ئىسىملىك بىر نەۋرىسى بار ئىدى. كايى بىلەن توققۇز ئوغۇز دۈشمەنلەرگە ئەسىر چۈشكەن ئىدى. ئون كۈندىن كېيىن بىر كېچىدە ئىككىلىسى ئاياللىرى بىلەن بىرلىكتە ئاتلارغا مىنىپ قېچىپ قۇتۇلدى. ئۇلار كۆك تۈرك يۇرتىغا كەلدى. بۇ يەردە ئۇرۇشتا پىتراپ كەتكەن ۋە دۈشمەنلەرنىڭ قۇلىدىن قېچىپ قۇتۇلغان تۆگە، ئات، كالا، قويلاردەك كۆپلىگەن ھايۋانلارنى تاپتى. بۇلار تۆت تەرىپىمىزدىكى ھەممە دۆۈلەت بىزگە دۈشمەن، بىز تاغلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ ئىنسان ئايىغى يەتمىگەن بىر يەر تېپىپ ياشايلى دىيىشىپ ھايۋان سۈرىلىرىنى ئېلىپ تاققا قاراپ يولغا چىقتى.  
    بۇلار كەلگەن يولىدىن باشقا يولى يوق بىر يەرگە كەلدى. بۇ يالغۇز يول شۇنداق يول ئىدىكى، بىر تۆگە ياكى بىر ئات ناھايىتى تەستە ماڭالايتتىى. ئەگەر ئاياقلىرى سەللا قېيىپ كەتسە ئۇچۇپ چۈشۈپ بارچە-پارچە بۇلۇپ كېتەتتى. كۆك تۈرۈكلەرنىڭ كەلگەن يېرىدە ئاقار سۇلار، خىلمى- خىل مېيۋىلەر، ئۆسۈملۈكلەر، ئورمانلار ۋە ئوۋ ھايۋانلىرى بار ئىدى. بۇنداق بىر يەرنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلۇغ ئاللاھ غا شۈكۈر قىلىشتى. قىشتا ھايۋانلىرىنىڭ گۈشىنى يەپ، يازدا سۈتىنى ئىچىپ، تېرىسىدىن كىيىم تىكىپ كىيىپ ياشىدى ۋە بۇ دۆۈلەتكە ئەرگەنەكون دەپ ئىسىم قويدى. ئىككى كۆك تۈرۈك مېلىكىسىنىڭ ئەرگەنەكوندا بالىلىرى كۆپەيدى. كايى خان كۆپ بالىلىق بولدى، توققۇز ئوغۇزنىڭ بالىلىرى ئازىراق ئىدى. بۇ ئىككى خاننىڭ بالىلىرى ئۇزۇن يىللار ئەرگەنەكوندا قالدى ۋە ئەۋلاتلىرى ناھايىتى بەك كۆپەيدى.  
    تۆت يۈز يىلدىن كېيىن ئەۋلاتلىرى ۋە ھايۋان سۈرىلىرى ئۇ قەدەر كۆپەيدىكى، ئەرگەنەكونغا سىغماي قالدى. بۇنىڭغا بىر چارە تېپىش ئۈچۈن قۇرۇلتاي ئاشتى. دېدىكى، "ئاتىلىرىمىزدىن ئاڭلىدۇق: ئەرگەنەكوننىڭ سىرتىدا چىرايلىق دۆۋلەتلەر، گۈزەل يۇرتلار بار ئىكەن. بىزنىڭ يۇرتلىرىمىز بۇرۇن ئۇ يەرلەردە ئىكەن. ئىزدەپ تاغلارنىڭ ئارىسىدىن يول تاپايلى، ئەرگەنەكوندان كۈچۈپ چىقايلى. ئەرگەنەكوننىڭ سىرتىدا ھەر كىم بىزگە دوست بولسا  ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشەيلى، دۈشمەن بىلەن ئۇرۇشايلى". قۇرۇلتاي بۇ قارارنى ئالغاندىن كېيىن كۆك تۈركلەر ئەرگەنەكوندىن چىقىش ئۈچۈن يول ئىزدەشكە باشلىدى ئەمما تاپالمىدى. ئارىدىن بىر تۆمۈرچى چىقىپ "بۇ تاغدا بىر تۆمۈر كېنى بار شۇنىڭ تۆمۈرىنى ئېرىتەلىسىك بەلكى تاغ بىزگە چىقىش يولى بىرەر". كۆك تۈرۈكلەر بېرىپ تۆمۈرچى دېگەن تاغ پارچىسىنى كۆردى ۋە تۆمۈرچىنىڭ تەدبىرىگە قۇشۇلدى. تاغنىڭ كەڭرى يېرىگە بىر قات ئۇتۇن، بىرقات كۆمۈر تىزدى. تاغنىڭ ئاستى، ئۈستى، ئوڭ-سول تەرەپلىرىگە مۇشۇ ئۇسۇل بۇيىچە ئۇتۇن كۆمۈر تىزىپ تولدۇردى.  ئاندىن كېيىن يەتمىش تېرىدىن يوغان كۈرۈك ياساپ تاغنىڭ يەتمىش يېرىگە قويدى. ئۇتۇن، كۆمۈرگە ئوت يېقىپ كۈرۈك بىلەن ئوتنى ئۇلغايتىشقا باشلىدى.  
    ئاللاھ تەئەلانىڭ كۈچى ۋە ياردېمى بىلەن ئوت ئۇلغايغاندىن كېيىن تۆمۈر تاغ ئىرىشكە باشلاپ يۈكى بىلەن بىر تۆگە ئۈتەلىگىدەك يول ئېچىلدى. ئۇ ئۇلۇق يىلنىڭ، ئۇلۇق ئېيىنىڭ، ئۇلۇق كۈننىڭ ئۇلۇق سائىتىنى كۈتۈپ، بۇ يولدىن، ئەرگەنەكوندىن چىقىشقا باشلىدى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۇلۇق كۈن كۆك تۈرۈكلەردە بايرام بولدى.  
    ئەرگەنەكوندىن چىققان 3- ئاينىڭ 21-كۈنىنى خاتىرلەپ ھەر يىلى بايرام ئۆتكەزدى. بۇ بايرامدا بىر تۈمۈر پارچىسىنى قىزىتىدۇ تۆمۈر قىپ قىزىل بولغاندىن كېيىن باشتا خاقان ئاندىن كېيىن بەگلەر قىزىغان تۆمۈرنى سەندەلنىڭ ئۈستىگە قويۇپ سۇقىدۇ. ئۇ كۈن  ھەم يېڭىدىن ئەركىنلىك ھەمدە باھار بايرىمى بولۇپ، ھازىرمۇ قۇتلۇقلىنىدۇ.  
    ئۇيغۇر داستانلىرى ئۇيغۇرلارغا ئائىت Türeyiş ve Göç تۈرەيىش ۋە كۆچ ئىسىملىك ئىككى داستان ئېنىقلاندى. تۈرەيىش پارچىسى چىن مەنبەلىرىدىن، كۆچ بولسا ھەم چىن ھەم ئىران مەنبەلىرىدە يېزىلغانلىقى ئېنىقلاندى.

                             

                                مۇناسىۋەتلىك تارخ ۋە مەنبەلەر
    Ergenekon Efsanesi ئەرگەنەكون ئەفسانىسى مۇڭغۇللارنىڭ ياكى بەزى مەنبەلەر
گە كۈرە كۆك تۈرۈكلەرنىڭ بارلىققاكېلىشىگە مۇناسىۋەتلىك ھېكايە  
    14- ئەسەردە Reşidüddin Hamedani رېشىدۈددىن ھەمىدانى تەرىپىدىن يېزىلغان
Cami'üt-Tevarih جامىئۈتتېۋارىخ ئىسىملىك كىتاۋىنىڭ مۇجاللادئى ئاۋۋال (بىرىنچى
كىتابى: مۇڭغۇل تارىخى) نىڭ "باب ئى ئاۋۋال" (بىرىنچى ئىشىگى: تۈرۈك ۋە مۇڭغۇل
قەبىلىلىرىنىڭ تارىخى) دە مۇڭغۇللارنىڭ بارلىققا كېلىىشى سۈپىتىدە ئاڭلىتىلغان ئەپسانە،
17- ئەسىردە Şiban شىبان نىڭ نەۋرىلىرىدىن ۋە Hive Hanlığının خىۋە خانلىغىنىڭ
خانى بولغان Ebu'l Gazi Bahadir ئەبۇل غازى باھادىر نىڭ يېزىپ چىغغان Şecere-i
Türki شەجەرەئى تۈركى ناملىق ئەسىرىدە مۇڭغۇللار نىڭ بارلىققا كېلىش داستانى
سۈپىتىدە يېزىلىدۇ. ئەمما بەزى مەنبەلەرگە كۈرە ئەرگەنەكون داستانى تۈرك داستانى
سۈپىتىدە يېزىلغان. يوقۇرىدا ئىسمى ئېيتىلغان ئىككى تارىخى مەنبەلەردە Nekuz(Nüküz)
ۋە Qiyan(kiyan) ئىسىملىك قېرىنداشلار بىلەن ئۇلارنىڭ ئاياللىرىتاتارلار تەرىپىدىن
يېڭىلگەندىن كېيىن باشتا ئەرگەنەكون ئىسمى بىرىلگەن تار ۋە پىنھان بىر يەرگە كىتىدۇ.
400 يىلدىن كېيىن ئەۋلاتلىرى كۆپۈيۈپ ئۇ بۆلگىگە سىغمىغاندىن كېيىن ئەرگەنەكوندىن
چىقىدۇ. ئەرگەنەكوندىن چىققاندىن كېيىن يول باشلىغۇچىلارنىڭ Börteçine (بۇ سۆزنى
بىلەلمىدىم) يول باشلىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.  
    ئەمما كۆك تۈرۈكلەرنىڭ بارلىققا كېلىش داستانى بىلەن بولغان ئوخشۇشۇپ كىتىشلەرنى
پاكىت كۆرسۈتۈپ تۈركلەرگە ئائىتئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن تەتقىقاتچىلارمۇ بار. بۇندىن
باشقا تەلئەت سائىت خالمان بولسا كۆك بۈرە رىۋايىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن بىر قىسمىدۇر. كۆك
بۈرىنىڭ ھىمايە قىلىشى بىلەن نەسلىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىش خەۋپىدىن قۇتۇلغان ۋە  كۆكبۆرىنىڭ
ياردىمى بىلەن ئۆتكىلى بولمايدىغان تاغلار بىلەن قورشالغان ئەرگەنەكون ۋادىسىدىن قېچىپ
چىققان بىر تۈرك خەلقىنىڭ تارىخى جەريانىنى سۆزلىگەنلىكى پىكرىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

           http://tr.wikipedia.org/wiki/Ergenekon_Efsanesi
           http://turktarih.net/tarih/107/ergenekon-destani
           http://www.bilgicik.com/yazi/ergenekon-destani/   






بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مارشال تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-16 05:00 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
XERHAN + 111 جاپا چىكىپسىز

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 111   باھا خاتىرىسى

www.Xj529.com كىنولار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3491
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12673
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:08:58 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇلاردىمۇ يەنە شۇ كۆك بۆرە رىۋايىتى باركەندە.

مۇھەببەت يىكايسى بۇيەردىن كۆرۈڭ  http://www.xj529.com/kino_play.asp?mid=688

ھەممىمىز ئۆزىمى

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 446
يازما سانى: 2060
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 23361
تۆھپە نۇمۇرى: 2264
توردا: 4312 سائەت
تىزىم: 2010-5-23
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:17:59 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
جاپا چىكىپسىز رەھمەت سىزگە ! مومكىن بولسا تۈرك مەدەنىيتى ۋە تارىخى توغرىسىدىكى ماقالە ، يازمىلارنىمۇ يوللىغان بولسىڭىز ، رەھمەت !

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
joda☠ + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 10   باھا خاتىرىسى

ئالدىڭغىلا قارىماي كەينىڭگىمۇ قاراپ قوي ، كەينىگە قاراش ئۆزىنى كۆرۈشتىكى ئەڭ سۈزۈك ئەينەك !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76816
يازما سانى: 64
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 151
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 15 سائەت
تىزىم: 2012-3-2
ئاخىرقى: 2012-6-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 05:35:14 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەپسانىنى نېمىشقا داستان دەپ ئالدىڭىز ؟

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78393
يازما سانى: 63
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 83
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 16 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2012-5-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:05:29 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
    رەھمەت  ياخشى تەرجىمە قىپسىز  

骑着狼 放着羊 唱着歌 耍流氓

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 310
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 569
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 107 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 12:05:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئوبدان تەرجىمە قىپسىز  رەھمەت

كوممونېستىك پارتىيە ياشىسۇن!

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 5949
يازما سانى: 314
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7802
تۆھپە نۇمۇرى: 377
توردا: 589 سائەت
تىزىم: 2010-8-9
ئاخىرقى: 2012-5-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 06:00:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن توغورلوق سۆزلىشىۋىتىپسىلەر-دە!؟ ھىھىھ...
-____________---------
مەن بىلگەن ئەرگېنەقۇن رىۋايىتىدە
يات قەۋىمدىكىلەر پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تاشلىۋىتىدۇ، پەقەت بىر كىچىك بىر بالىنى
پۇت-قولىنى كىسىپ تاشلىۋەتكەندىن كىتىپ قالىدۇ، كەچقۇرۇن بىر بۆرە بالا ئەتراپىدا پەيدا
بولوپ بالىنى يۈدۈپ بىر ئۆڭكۈزنىڭ ئىچىگە كىرىدۇ، ئۆڭكۈرنىڭ ئىچى چەكسىز كەتكەن
ياپ-يىشىل يايلاق بولوپ ياۋايى ھايۋانلار يايلاپ يۈرەتتى.  بۇ يەرنىڭ نامى ئەرگېنەقۇن
بولوپ بالا شۇ يەردە بۆرە بىلەن جۈپلىشىپ 10 ئوغول تۇغىدۇ،  ئۇلار قوشنا ئەلدىكى قىزلارغا
ئۆيلىنىپ بارا-بارا ئاۋۇپ ئۆڭكۈرگە پاتمىغاندىن كىيىن يەنە شۇ بۆرىنىڭ يول باشلىشى
بىلەن ئەرگىنەقۇندىن چىقىپ ئاتا بوۋىسىنىڭ قان-قىساسىنى ئالىدۇ
    مىنىڭ پەرزىمدىكى ئەرگېنەقۇن ھازىرقى ئالتاي تاغلىرى ئارسىدا بولىشى مۇمكىن!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arginakun تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-16 06:01 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 30816
يازما سانى: 200
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 4901
تۆھپە نۇمۇرى: 741
توردا: 4468 سائەت
تىزىم: 2011-2-18
ئاخىرقى: 2012-6-11
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-17 02:57:56 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
uyghur-biz يوللىغان ۋاقتى  2012-4-16 05:35 AM
ئەپسانىنى نېمىشقا داستان دەپ ئالدىڭىز ؟

بارلىق مەنبەلەردە داستانى دەپ يېزىلىپتۇ. شۇڭا مەنمۇ تېمىنىڭ ئەسلى ئىسمىغا ئۇيغۇن داستانى دەپ ئالغان ئىدىم.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش