مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1143|ئىنكاس: 8

پەندى نەسىھەتلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78398
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3169
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 21 سائەت
تىزىم: 2012-4-5
ئاخىرقى: 2012-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 06:00:02 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەپسىرۇلمۇنىر» دىن «مائىدە سۈرەسى»

«تەپسىرۇلمۇنىر» دىن «مائىدە سۈرەسى» نىڭ تەرجىمىسى

(تەھرىرلەنمىگەن تۇنجى تەرجىمە نۇسخىسى)

رەھمان ۋە رەھىم بولغان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن

مائىدە سۈرەسى قۇرئان كەرىمنىڭ بەشىنچى سۈرەسىدۇر .

سۈرەنىڭ ئىسمى:

بۇ سۈرە ھاۋارىلەرگە ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ راستلىقىغا دالالەت قىلىشى ۋە ئۆزلىرىگە بايرام بولۇشى ئۈچۈن ئاسماندىن بىر مائىدە (داستىخان) چۈشۈرۈلگەن قىسسىنى بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن «مائىدە سۈرەسى» دەپ ئاتالغان. بۇنىڭغا يەنە سۈرەتۇلئۇقۇد (ئەقدىلەر سۈرەسى) بىلەن سۈرەتۇلمۇنجىزە (قۇتقۇزغۇچى سۈرە) دېگەن ئىسىممۇ بېرىلمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام شۇنداق دەيدۇ: «مائىدە سۈرەسى ئاللاھنىڭ مەلەكۇتىدا ئەلمۇنجىزە دەپ بىلىنىدۇ. بۇ سۈرە، ساھىبىنى ئازاپ مەلەكلىرىنىڭ قولىدىن قۇتقۇزىدۇ.» نۇزۇل تارىخى: بۇ سۈرەنىڭ بەزى ئايەتلىرى ھۇدەيبىيەدىن ئايرىلغاندىن كېيىن مەككىدە نازىل بولغان بولسىمۇ، ئاساسەن ھىجرەتتىن كېيىن نازىل بولغان مەدەنى سۈرەدۇر. بۇخارى بىلەن مۇسلىمدە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن شۇنداق بىر رىۋايەت سابىتتۇر: «ئاللاھ تەئالانىڭ ‹بۈگۈن سىزگە دىنىڭىزنى تاماملىدىم.›دېگەن ئايىتى جۈمە كۈنى ۋىدا ھەججىدە ۋە ئەرەفاتتا پىشىندىن كېيىن نازىل بولغان.» رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ۋىدا ھەججىدە مائىدە سۈرەسىنى ئوقۇپ شۇنداق دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىنماقتا: «ئەي ئىنسانلار! شۈبھىسىزكى مائىدە سۈرىسى ئەڭ كېيىن نازىل بولغان سۈرىلەردىندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن ئو سۈرىدە ھالال قىلىنغان نەرسىلەرنى ھالال، ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ھارام دەپ بىلىڭلار.» ئەھمەد، تىرمىزى، ھاكىم ۋە بەيھەقى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «كېيىن نازىل بولغان سۈرىلەر مائىدە ۋە فەتھ سۈرىلىرىدۇر.» يەنە ئەھمەد، نەسائى ۋە بەيھەقى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن شۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «مائىدە كېيىن نازىل بولغان سۈرەدۇر. شۇڭا ئۇ سۈرىدە ھالال دېيىلگەن شەيئىلەرنى ھالال دەپ قۇبۇل قىلىڭلار، ھارام دېيىلگەن شەيئىلەرنى ھارام دەپ بىلىڭلار. »

ئالدىنقى سۈرە بىلەن مۇناسىۋىتى:

بۇ سۈرە بىلەن نىسا سۈرەسى ئوتتۇرىسىدا ھەر خىل ئوخشاشلىق تەرەپلىرى بار. چۈنكى بۇ سۈرىلەرنىڭ ھەر بىرى نۇرغۇنلىغان ئەھدە ۋە ئەقدى، ھەر خىل ھۆكۈملەرنى، كىتاب ئەھلى بىلەن، مۇشرىك ۋە مۇناپىقلار بىلەن مۇنازىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. نىسا سۈرىسىدە ئائىلە، ئەمان، ھىلف (ھىمايە كېلىشىمى) ۋە تۈرلۈك كېلىشىملەر بىلەن ۋەسىيەتلەر، ئامانەتلەر، ۋەكالەتلەر ۋە ئىجارە قاتارلىق بىر قىسىم ئەقدىلەر تىلغا ئېلىنماقتا، مائىدە سۈرىسى بولسا ئومۇمىي جەھەتتىن پۈتۈن ئەقدىلەرگە سادىق بولۇش ئەمرى بىلەن باشلانماقتا. نىسا سۈرىسىدە ھاراقنىڭ ھارام قىلىنىشىنىڭ مۇقەددىمىسى تىلغا ئېلىنغان بولسا، مائىدە سۈرىسىدە ھاراق قەتئىي سۈرەتتە ھارام قىلىنىدۇ. ھەر ئىككى سۈرە مەيلى ئېتىقادلىرىدا، مەيلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ رىسالىتىگە قارشى تۇتقان يوللىرىدا كىتاب ئەھلى، مۇشرىك ۋە مۇناپىقلار بىلەن ئېلىپ بارغان مۇنازىرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.

سۈرىنىڭ مەزمۇنى:

مائىدە سۈرىسى بىر قىسىم تەشرىئ (ھوقۇقى) ھۆكۈملەر بىلەن ئۈچ قىسسىنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا. بۇ سۈرىدىكى ھۆكۈملەر ئەقدىلەرنىڭ ھۆكۈملىرى، كىتاب ئەھلى ئاياللار بىلەن نىكاھلانماق، ئۆلۈم ئەسناسىدا ۋەسىيەت، بوغۇزلانغان ۋە ئوۋلانغان ھايۋانلارنىڭ يېيىلىشى، ئىھرامدا ئوۋ ئاۋلاش ۋە بۇنىڭ جازاسى، تاھارەت، غۇسلى ۋە تەيەممۇم مەسىلىسى، ھاراق ۋە قىمارنىڭ ھارام قىلىنىشى بىلەن مۇرتەتلىك (دىندىن يېىنىۋىلىش)نىڭ جازاسى، ئوغۇرلۇقنىڭ جازاسى، قاراقچىلىقنىڭ جازاسى، قەسەم كاپارىتى، بەھىرە ، سائىبە ، ۋەسىلە ۋە ھام قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ھارام قىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك جاھىلى تۆرەلەر، ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى بىلەن ئەمەلنى تەركى قىلغۇچىنىڭ ھۆكمى ۋە خىرىستىيانلار، يەھۇدىيلار، مۇشرىك ۋە مۇناپىقلار بىلەن ئېلىپ بارغان مۇنازىرە ۋە مۇنازىرە جەريانىدا تىلغا ئېلىنغان ھۆكۈملەردۇر. ئۆلىمالار بۇ سۈرىدە باشقا سۈرىلەردە تىلغا ئېلىنمىغان ئون سەككىز پەرزنىڭ تىلغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتىدۇكى، بۇلار: «... سۇدا غەرق بولۇپ، ئۇرۇلۇپ، يىقىلىپ، ئۈسۈشۈپ ئۆلگەن ھايۋانلار بىلەن يىرتقۇچ ھايۋانلار تەرىپىدىن پارچىلانغانلار» ۋە يەنە ئەينى ئايەتتە تىلغا ئېلىنغان: «بۇتلار نامىغا بوغۇزلانغان ۋە فال ئوقلىرى بىلەن قىسمىتىڭىزگە قارىشىڭىز سىزگە ھارام قىلىندى.» (مائىدە: 5/3)؛ «ئاللاھنىڭ سىزگە ئۆگەتكىنى بىلەن كۆندۈرۈپ ئۆگەتكەن ئوۋ ھايۋانلىرى...» (مائىدە: 5/4)؛ «كىتاب ئەھلىنىڭ تامىقى» بىلەن يەنە ئەينى ئايەتتە: «ۋە سىزدىن بۇرۇن كىتاب بېرىلگەنلەردىن ئىپپەتلىك ئاياللار» (مائىدە: 5/5). ھەققىدىكى ھۆكۈملەر بىلەن، تاھارەت ئۈچۈن پاكلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈملەر: «نامازغا تۇرغىنىڭىز زامان...» (مائىدە: 5/6) دەپ باشلانغان ئايەت، «ئوغرى ئەر بىلەن ئوغرى ئايالنىڭ...» (مائىدە: 5/38)؛ «ئىھرامدا ئوۋ ئۆلتۈرمەڭلار...» دېگەن ئايىتىدىن ئېتىبارەن «ئاللاھ مۇتلەق غالىپتۇر، ئىنتىقام ساھىبىدۇر.» (مائىدە: 5/95) ئايىتى، «ئاللاھ بەھىرە، سائىبە، ۋەسىلە ۋە ھام دەپ بىر شەيئى قىلمىغان.» (مائىدە: 5/103) بىلەن «سىزدىن بىرىڭىزگە ئۆلۈدىغان چاغدا... ئىككى كىشىنى شاھىت قىلسۇن» (مائىدە: 5/106) قاتارلىق ئايەتلەردىكى ھۆكۈملەردۇر. قۇرتۇبى بۇنىڭدىن ئايرىم 19 - پەرزدنى زىكىر قىلىدۇ، بۇ ئاللاھ تەئالانىڭ « سىلەر نامازغا چاقىرغان چېغىڭلاردا...» (مائىدە: 5/58) ئايىتىدۇر. قۇرئان كەرىمدە بۇ سۈرىدىن باشقىسىدا ئەزان تىلغا ئېلىنمايدۇ. جۈمە سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنغان ئەزان بولسا جۈمە كۈنىگە خاس ئەزاندۇر. بۇ سۈرىدە بولسا پۈتۈن نامازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇمۇمىي ئەزان تىلغا ئېلىنماقتا. يىغىپ ئېيتقاندا، مائىدە سۈرىسى ئىسلامدا ئەڭ مۇھىم بىر قىسىم ئاساسلىق ھۆكۈملەرنى تەپسىر قىلىش بىلەن باشقا سۈرىلەردىن پەرقلىنىدۇ. بۇلانى شۇنداق ئىزاھلاش مۇمكىن:

1.  دىننىڭ تاماملانغان بولۇشى، ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ـــ پەيغەمبەرلەرنىڭ شەرىئەتلىرى ۋە يوللىرى پەرقلىق بولسىمۇ ـــ بىر ئىكەنلىكى.

2.  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنىڭ ئۇمۇمىي بولۇشى بىلەن ئۇنىڭ ھەممىگە تەبلىغ قىلىشقا ئەمرى قىلىنغانلىقى، ۋەزىپىسىنىڭ پەقەتلا تەبلىغدىن ئىبارەت بولۇشى.

3.  ئاللاھ تەئالا مۆمىنلەرگە ئۆزلىرىنى ئىسلاھ قىلىشلىرىنى پەرز قىلىپ، توغرا يولدا بولغان تەقدىردە باشقىلىرىنىڭ ئازغۇلۇقىنىڭ ئۆزلىرىگە زىيان بەرمەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ئىسلاھنىڭ يولىنى بولسا ئەقدىلەرگە تامامەن سادىق بولۇش، باشقىلارنى بۈزەك قىلىشنى ھارام قىلىش؛ ياخشىلىق ۋە تەقۋادارلىققا ياردملىشىش، گۇناھ ۋە دۈشمەنلىككە ياردەم قىلماسلىق، كاپىرلارنى دوست تۇتۇشنى ھارام قىلماق، ئادالەت بىلەن شاھىتلىقنى پەرز قىلماقتۇر. مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدىمۇ باشقىلار ئوتتۇرىسىدىمۇ باراۋەرلىك ۋە ئادالەت ئۆلچەكلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلماق.

4.  يېمەك - ئىچمەكلەرنىڭ ھۆكۈملىرىگە دائىر تەپسىرلەر بىلەن ھاراق، قىمار، بۇت ۋە پال ئوقلىرىنىڭ ھارام قىلىنىشى>

5.   ئاخىرەتتە ئەمەللەرگە مۇكاپات بېرىشنىڭ پەقەتلا ئاللاھقا ئائىت ئىكەنلىكىنىڭ بىلدۈرۈلىشى ۋە بۇنداق بىر كۈندە پايدا بېرىدىغان بىرلا شەيئىنىڭ دۇرۇستلۇق ۋە سەمىمىيەت ئىكەنلىكىنىڭ ئىزاھلىنىشى.  

ئىبرەت ۋە نەسىھەت ئۈچۈن بايان قىلىنغان ئۈچ قىسسە بولسا: بۇلارنىڭ بىرىنچىسى بەنى ئىسرائىل بىلەن مۇسانىڭ قىسسىسىدۇر. بۇ قىسسە ئۇلارنىڭ: « ئۇلار: «سەن پەرۋەردىگارىڭ بىلەن بىللە بېرىپ ئىككىڭلار ئۇرۇشۇڭلار، بىز بۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرايلى.» (مائىدە: 5/24) دېگەنلىكلىرى بىلدۈرۈلگەن قىسسە؛ ئىككىنچىسى قابىلنىڭ ھابىلنى ئۆلتۈرۈشى بىلەن ئاخىرلاشقان ئادەمنىڭ ئىككى ئەۋلادىنىڭ قىسسىسى (يەر يۈزىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى جىنايەت)؛ ئۈچىنچىسى بولسا، ئىيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دوستلىرى بولغان ھاۋارىلەر ئالدىدا ئادەتتىن تاشقىرى بىر مۆجىزىسى بولغان مائىدە قىسسىسى. سۈرىنىڭ پەزىلىتى: ئىمام ئەھمەد ئابدۇللاھ ئىبنى ئەمر ئىبنى ئاستىن شۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «مائىدە سۈرىسى رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا تۆگە ئۈستىدە كېتىۋاتقاندا نازىل بولۇپ، تۆگىسى ئۇنى كۆتۈرەلمىدى. بۇنىڭ بىلەن تۆگىدىن يەرگە چۈشىۋالدى.» ئەقدىلەرگە سادىق بولۇش، ناھەقچىلىقنىڭ چەكلىنىشى، ياخشىلىققا ياردەملىشىش ۋە ئاللاھنىڭ شەئائىرىغا مۇناسىپ تەزىم قىلىش.

1.ئى مۆمىنلەر! ئەھدىلەرگە ۋاپا قىلىڭلار. سىلەرگە ئوقۇپ بېرىلىدىغانلاردىن باشقا، ھايۋانلار، (يەنى تۆگە، كالا، قويلار) نىڭ ھەممىسى ھالال قىلىندى. لېكىن سىلەر ئېھرام (ياكى ھەرەم) دە بولغىنىڭلاردا شىكارنى ھالال سانىماڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ خالىغان نەرسىنى ھۆكۈم قىلىدۇ.

2. ئەي مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ شەئائىرىگە، ھارام بولغان ئايغا، ھەدىيە بولغان قۇربانلىققا، گەردانلىقلارغا ۋە پەرۋەردىگارىدىن مەرھەمەت ۋە رىزا تەلەپ قىلىپ بەيتۇل ھەرەمگە گەلگەنلەرگە ھۆرمەتسىزلىك قىلماڭلار، ئىھرامدىن چىقىپ، ئوۋ ئوۋلىساڭلار بولىدۇ. سىزنى مەسجىدى ھەرەمدەن مەنئى قىلغىنى ئۈچۈن بىر قەۋمگە بولغان ئاداۋىتىڭىز سىزنىڭ ھەددىدىن ئېشىپ كېتىشىڭىزگە سەۋەپ بولمىسۇن. ياخشىلىق ۋە تەقۋا ئىشلىرىدا يارىدەملىشىڭلار. گۇناھ ۋە يامان ئىشلاردا ياردەملەشمەڭلار. ئاللاھتىن قورقۇڭلار. مۇھەققەقكى، ئاللاھنىڭ جازاسى قاتتىقتۇر.

نازىل بولۇش سەۋەبى: ئىككىنچى ئايەتنىڭ نازىل بولۇشى ھەققىدە ئىبنى جەرىر تەبەرى ئىكرىمەنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: ھۇتام ئىبنى ھىندىلبەكرى مەدىنىگە ئاشلىق ئېلىپ ماڭغان بىر كارۋان بىلەن كەلدى، ئاشلىقلىرىنى مەدىنىدە ساتتى. ئاندىن كېيىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۇزۇرىغا كىرىپ ئۇنىڭغا بەيئەت قىلدى ۋە ئىسلامغا كىردى. قايتىپ چىققاندا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاراپ يېنىدىكىلەرگە شۇنداق دېدى: «بۇ كىشى يېنىغما گۇناھكار كىشىنىڭ يۈزى بىلەن كىردى ۋە ئەھدىنى بوزماقچى بولۇپ قايتىپ كەتتى.» ھەقىقەتەن ئۇ يەمامىگە بارغاندا ئىسلامدىن قايتتى. يەنە زۇلقەئدە ئېيىدا مەككىگە بېرىش مەقسىتى بىلەن ئاشلىق ئېلىپ بىر كارۋان بىلەن يولغا چىقتى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسھابى ئۇنىڭ بۇ ئەھۋالىدىن خەۋەر تېپىپ مۇھاجىر ۋە ئەنسارلاردىن بىر گۇرۇپ كارۋان بىلەن ئۇنى تۇتۇپ رەسۋا قىلىش مەقسىتى بىلەن يولغا چىقىشقا ھازىرلاندى. بۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تەئالا: «ئەي مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ شەئائىرىغا... ھۆرمەتسىزلىك قىلماڭلار» دېگەن ئايىتىنى نازىل قىلدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلار نىيىتىدىن ۋازكەچتى.

ئاللاھ تەئالانىڭ: «... سىزنى ھەددىدىن ئېشىشقا ئېلىپ بارمىسۇن.» دېگەن ئايىتىنىڭ نازىل بولۇشى ھەققىدە ئىبنى ئەبى ھاتەم زەيد ئىبنى ئەسلەمنىڭ شۇنداق دېگەنلىكىنى رىۋايەت قىلىدۇ: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام مۇشرىكلار ئۆزلىرىنى بەيتى ھەرەمگە بېرىشتىن مەھرۇم قىلغان چاغدا ساھابىلەر بىلەن بىرلىكتە ھۇدەيبىيەدە ئىدى. بۇ ئەھۋال ئۇلارغا بەك ئېغىر كەلگەن ئىدى. شەرق تەرەپتىن بىر گۇرۇپ مۇشرىكلار ئۆمرە قىلىش ئۈچۈن يانلىرىدىن ئۆتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى: باشقا مۇشرىكلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى ئۆمرە قىلىشتىن مەھرۇم قىلغىنىدەك بىزمۇ بۇلارنى توسايلى، دېيىشتى. بۇنىڭ ئۈستىگە ئاللاھ تەئالا، ‹بىر قەۋمگە بولغان دۈشمەنلىكىڭىز سىزنى ھەددىدىن ئېشىشقا ئېلىپ بامىسۇن.› دېگەن ئايىتىنى نازىل قىلدى.» تەپسىر: ئاللاھ تەئالا مۆمىنلەرگە ئۆزلىرىنى مۇكەللەپ قىلغان ئەمرىلەرگە مەھكەم ئېسىلىشنى تەشۋىق ئۈچۈن، ئىمان خۇسۇسىيىتى بىلەن نىدا قىلماقتا. چۈنكى مۆمىنلەر پەرۋەردىگارىنىڭ ئۆزلىرىنى مۇكەللەپ قىلغان شەيئىلەرگە مەھكەم ئېسىلىدۇ. ئەي ئىمان سۈپىتىگە ساھىپ بولۇپ، شەيتان دەۋەت قىلغان ھەر نەرسىنى چۆرۈپ تاشلىغانلار! ئەقدىلەرگە، يەنى ئۆز ئارىڭىزدا، سىزلەر بىلەن ئاللاھ ئوتتۇرىسىدا ياكى سىزلەر بىلەن باشقا ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ئەقدى قىلغان ئەھدىلەرگە، يەنى ئەقدىلەرگە كەم كۈتىسىز ۋاپا قىلىڭلار. چۈنكى بۇ ئەقدىلەر ئاللاھنىڭ سىزلەرنى ئىجرا قىلىشقا مۇكەللەپ قىلغان ۋەزىپىلەر بىلەن سىزنىڭ ئۆزىڭىزنىڭ ئىجرا قىلىشنى ئۈستىڭىزگە ئالغان خۇسۇسلاردۇر. بۇلار ئاللاھنىڭ ھالال ۋەيا ھارام قىلغان شەيئىلەر بىلەن ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرگە ۋە كىتابقا ئىمان كەلتۈرگەنلىكىنى ئىقرار قىلغان كىشىلەردىن ئالغان، بۇلارنىڭ پەرزلىرى، ھالال ۋە ھارام ھۆكۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەرمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشلىرىغا دائىر بەرگەن سۆزلەردۇر. بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ بىر قىسمى ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارىلىرىدا قىلىشقان بەدەللىك مۇناسىۋەتلەرگە دائىر ئەقدىلەردۇر. مەزكۇر ئەقدىلەر ئالتە گۇرۇپتۇر: ئاللاھقا بولغان ئەھدى، ھىمايە ئەقدى، شېرىكچىلىك ئەقدى، ئېلىم – سېتىم ئەقدى، نىكاھ ئەقدى ۋە قەسەم ئەقدى. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام: «مۇسۇلمانلار شەرتلىرىگە رىئايە قىلىدۇ.»؛ «ئاللاھنىڭ كىتابىدا بولمىغان ھەر بىر شەرت يۈز شەرت بولسىمۇ باتىلدۇر.»؛ «ھەر كىم بىزنىڭ بۇ ئىشىمىزغا توغرا كەلمىگەن بىر ئىشنى پەيدا قىلسا ئۇ ئىشى مەردۇتتۇر.» دەيدۇ. ئۇ ھالدا شەرىئەتكە زىت كەلمىگەن تەقدىردە ئىخىتىلاپ بولمىغان، شەرتلەرگە ئۇيغۇن ئەقدىلەرگە سادىق بولۇش لازىم. ھارام شەيئىلەر ئۈستىدە قىلىنغان ئەقدىلەرگە ۋاپا قىلىش لازىم كەلمەيدۇ. جاھىلىيەت دەۋرىدە باتىل ئۈستىدە قىلىنغان قەسەملەر بۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر. جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىنسانلار ئەھدىلەشكەن زامان باشقىسىغا: «مېنىڭ قېنىم سېنىڭ جېنىڭ، مەن بۇزغان نەرسە سەن بۇزغان نەرسە دېمەكتۇر، سەنمۇ ماڭا مىراسچى بولىسەن، مەنمۇ ساڭا مىراسچى بولىمەن.» دەپ قىلىشقان ياردەملىشىش ۋە مىراس كېلىشىملىرىمۇ شۇنداق ھارام شەيئىلەر ئۈستىدە قىلىنغان ئەقدىلەردىن ئىدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تەئالا ھالالنى ھالال، ھارامنى ھارام بىلىشتىن ئىبارەت دىننىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى ئەقدىلەرنى تەپسىلى ئىزاھلىماقتا ۋە ئىھراملىق ھالىدا ھارام قىلىنغان بەزى خۇسۇسلارنى چەكلەش ئۈچۈن بىزلەرنى ئەقدىلەرگە كەم كۈتىسىز سادىق بولۇشقا سەۋەب بولغان نېمەتلىرىنى ساناب بۇ ھارام ھۆكۈملىرىنى بايان قىلىش ئۈچۈن ھازىرلىق قىلماقتا. ئاللاھنىڭ ئۈستىمىزدىكى نېمەتلىرىنىڭ بۈيۈكلىرىدىن بىرى بولسا قاتتىق قوللۇق بىلەن بوغۇزلانغان ئەنئاملارنىڭ يېيىلىشىنىڭ ھالال قىلىنىشىدۇر. ئەنئاملار: تۆگە، سىر، قوي، ئۆچكە ۋە بۇلارغا ئوخشاش ياۋا ئۆچكە قاتارلىق ھايۋانلاردۇر. ‹ئەلبەھىمە› تەبىرى ئەسلىدە ئاق – قارىنى ئايرىيالمايدىغان ھەر بىر جانلىق دېمەك بولغىنى ئۈچۈن، مەيلى تۆت پۇتلۇق بولسۇن، مەيلى بولمىسۇن ھايۋانلار ‹ئەنئام› قاتارىغا كىرىدۇ. ئايەت كەرىمەدە بۇ «بەھىمە» كەلىمەسى «ئەنئام» دەپ زىكىر قىلىنغان. «بەھىمەتۇلئەنئام» دېمەك ئەنئامنىڭ ئۆزى بولغان بەھىمە مەنىسىدىدۇر. شۇڭا ئەنئامنىڭ سىرتىدىكى ھايۋانلار بۇ تەبىرگە داخىل بولمايدۇ: مەيلى ئات، قىچىر ۋە ئېشەككە ئوخشاش تۇياقلىقلار، مەيلى شىر، يىلپىز، بۆرە ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش مەرگەن چىشلىق يىرتقۇچلار، مەيلى لاچىن، قارچۇغا، قاغا ۋە شۇڭقار قاتارلىق قامال سالغۇچى قۇشلاردىن بولسۇن.

ئاللاھ تەئالانىڭ، «ھايۋانلار سىزگە ھالال قىلىندى.» دېگەن ئايىتى، ھايۋانلاردىن پايدىلانماق سىزگە ھالال قىلىندى، دېگەن بولىدۇ. بۇ مەنپەئەتلەردە ھايۋانلارنىڭ گۆشى، تېرىسى، سۆڭىكى ۋە يۇڭلىرىدىن پايدىلىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خۇددى ئاللاھ تەئالانىڭ: «ئاللاھ چارۋا ماللارنى سىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشىڭلار ئۈچۈن ياراتتى، ئۇلار بىلەن ئىسسىنىسىلەر، ئۇلاردىن پايدىلىنىسىلەر ۋە ئۇلارنى يەيسىلەر.» (نەھل: 16/5) دېگەن ئايىتىدە، ئىسىنماق ۋە باشقا خۇسۇسلاردا ئۇنىڭدىن مەنپەئەتلىنىشىڭىز ئۈچۈن ياراتتى، دېگەن مەنىدە بولغىنىدەك. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تەئالا ھايۋانلاردىن ھارام قىلىنغان ئون شەيئىنى مۇستەسنا قىلىپ: «سىزگە بىلدۈرۈلگەنلەر مۇستەسنا» دەيدۇ. يەنى تۆۋەندە بايان قىلىنىدىغان ۋە كىتاب كەرىمنىڭ ئەمرىلىرى ئوتتۇرىسىدا سىزلەرگە دېيىلىدىغان ھاراملار، سىزگە ھالال قىلىنغان ھايۋانلار قاتارىدىن مۇستەسنا قىلىندى. ئۇندىن باشقا سىزلەر ئىھرامدا بۇلغاندا ئوۋ ئوۋلاشنى ھالال كۆرمىگەيسىز. بۇنىڭغا ئاساسەن ھەج ۋەيا ئۆمرە ئۈچۈن ئىھرامدا بولغان چاغدا ئوۋ ئوۋلىماق ھارام بولغىنىدەك، ئىھرام ھالىتىدە بولمىغاندىمۇ مەككە ۋە مەدىنەنىڭ ھەرەم ئەتراپلىرىدىمۇ ئوۋ ئوۋلىماق ھارامدۇر. «ھۇرۇم» كەلىمەسى ھارامنىڭ كۆپلىكىدۇ. بۇ ھەج ۋەيا ئۆمرە ئۈچۈن ئىھراملىق بولغان كىشى دېمەكتۇر. سۈننەت ھەرەمەيندە ئوۋ ئوۋلاشنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىغا دالالەت قىلماقتا. «مۇھەققەقكى، ئاللاھ خاھلىغىنىچە ھۆكۈم قىلىدۇ.» ئاللاھ خاھلىغان ھۆكۈملەرنى يولغا قويىدۇ ۋە ئۇ يولغا قويغان ھۆكۈملەرنىڭ ھېكمەتلىك ۋە مەنپەئەتلىك ئىكەنلىكىنىمۇ بىلىدۇ. «ئەي مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ شەئائىرىگە... ھۆرمەتسىزلىك قىلماڭلار.» ئەي مۆمىنلەر! ئاللاھنىڭ شەئائىرىگە، يەنى ھەجنىڭ مەناسىكىگە ھۆرمەتسىزلىك قىلماڭلار. شەئائىرگە ھۆرمەتسىزلىك بولسا، بۇ شەئائىردىكى ھاراملارنى، چەكلىمىلەرنى مۇباھ كۆرۈپ، بۇلارنىڭ ھۆرمىتىگە سەل قاراش، ھۆكۈملىرىنى ئىجرا قىلماسلىق، بۇ شەئائىرنى ئىجرا قىلىش يولى بىلەن ئاللاھقا ئىبادەت قىلماقچى بولغانلارغا توسقۇنلۇق قىلىشتۇر. ئۇ ھالدا ئاللاھنىڭ سىزىقىدىن چىقماڭلار. ھارام ئايلارغا ھۆرمەتسىزلىك قىلماڭلار. بۇ ھارام ئايلار زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەب ئايلىرىدۇر. بۇ ئايلاردا مۇشرىكلار بىلەن سوقۇش قىلىشماڭلار. ئەرەبلەرنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدىكى ھارام ئاينىڭ باشقا بىر ئايغا كېچىكتۈرۈلۈشى دېمەك بولغان ‹نەسى› تەتبىقاتىدەك تەتبىقات بىلەن بۇ ئايلارنى باشقا ئايلارغا ئۆزگەرتمەڭلار، ھەج ئايلىرىدا ئىنسانلارنى ھەج قىلىشتىن مەنئى قىلماڭلار. «ھەدىيە بولغان قۇربانلىققا...» يەنى ھەرەم بۆلگىسىگە ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتىلگەن قۇربانلىقلارغا بۇلاش ياكى ئوغرىلاشتەك ۋەيا كەبە ئەتراپىغا يېتىپ كېلىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش يولى بىلەن تاجاۋۇز قىلماڭلار. ھارام ئايغا «ھارام» سۈپىتىنىڭ بېرىلىشى ئو ئايدا سوقۇش قىلىشنىڭ ھارام قىلىنىشىدۇر. بۇ ھۆكۈم بۇرۇنمۇ ئىزاھلانغىنىدەك، تەۋبە سۈرىسىدىكى ئايەت كەرىمە بىلەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. بۇ ئاللاھ تەئالانىڭ تۆۋەندىكى ئايىتىدۇر: «ئەمدى ھارام ئايلار چىقتىمۇ ئۇ مۇشرىكلارنى نەدە تاپساڭلار ئۆلتۈرۈڭلار.» ھەدي (ھەدىيە قۇربانى)، كىشىنىڭ ھەرەم بۆلگىسىدە قۇربانلىق ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ھايۋانلار دېمەكتۇر. ھايۋانلاردىن «گەردەنلىكلىلىرى»گە ھۆرمەتسىزلىك قىلماڭلار. بۇنىڭدىن مەقسەت گەردەنلىك تاقالغان ھايۋانلاردۇر. «ئەلقەلائىد» كەلىمەسى، قەلادەنىڭ كۆپلۈكى بولۇپ، تۆگە ۋەيا باشقا بىر ھايۋاننىڭ بوينىغا ئېسىلغان كەش، ياكى ئىبرىق ئاغزى، تېرە پارچىسى، قاۋزاق ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش شەيئىلەردۇر. بۇلاردىن مەقسەت بۇ ھايۋاننىڭ ھەدىيە قۇربانى ئىكەنلىكىنىڭ بىلىنىشى ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك قىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈندۇر. ھەدىيە قۇربانى گەردەنلىكلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، مەخسۇس ئىزاھلىنىشى ئۇلارنىڭ شەرەپلىرىگە دىققەت تارتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەھمىيەت بېرىلىشى لازىملىقىنى ئىزاھلاش ۋە مەخسۇس ئۇنىڭغا دائىر تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە تەۋسىيەدە بۇلۇشتۇر. چۈنكى «گەردانلىقلار» ھەدىيە ئەۋەتىلگەن قۇربانلارنىڭ ئەڭ شەرەپلىكلىرىدۇر. «پەرۋەردىگارىدىن مەرھەمەت ۋە رىزا تەلەپ قىلىپ بەيتۇلھەرەمگە كەلگەنلەر» ئاللاھ تەئالادىن مەرھەمەت (رىزىق ۋە ساۋاپ) بىلەن رىزا (يەنى ئاللاھنىڭ رازى بولۇشىنى) تەلەپ قىلىپ مەسجىدى ھەرەمگە بارماقچى بولغان بىر جامائەتكە قارشى چىقماڭلار ۋە ئۇلارغا چېقىلماڭلار. مەسجىدى ھەرەمگە بارغانلارنى تەزىم قىلىش ئۈچۈن ۋە بۇلارغا تاجاۋۇز قىلىشنىڭ، ئۇلارغا توسقۇنلۇق قىلىشنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن بۇ ئەمرىلەر نازىل قىلىنغان. چۈنكى بەيتى ھەرەمگە كىرگەن كىشى، ئەمىنلىك ئىچىدە دېمەكتۇر. شۇڭا ئاللاھنىڭ مەرھىمىتىنى تەلەپ قىلىپ، ئۇنىڭ رىزاسىنى ئۇمىد قىلىپ بەيتى ھەرەم تەرەپكە ماڭغانلارمۇ ئەينى ئەھۋالدا بولۇشى لازىم. مەزكۇر خۇسۇسلارنىڭ ھۆرمىتىنى لايىقى بىلەن ساقلاشتىن مەقسەت، ئىنسانلارنىڭ ھەج مەزگىلىدە ۋە ھەج قىلىش ئورۇنلىرىدا ئەمىنلىك ۋە ھۇزۇر ئىچىدە بولۇشلىرىغا ئاسانلىق يارىتىشتۇر. ھاجىلارنىڭ جان ۋە مېلىنىڭ ئەمىنلىك ئاستىدا بولۇشىغا شارائىت ھازىرلاش ئۈچۈن قورقۇنچ ۋە ھۇزۇرسۇزلۇققا دۇچار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. «ئىھرامدىن چىققاندىن كېيىن ئوۋ ئوۋلىسىڭىز بولىدۇ.» سىزلەر ھەرەم بۆلگەسى سىرتىدا بۇلۇپ، ئىھرامدىن چىقماقچى بولسىڭىز، ئىھراملىق چاغدا سىز ئۈچۈن ھارام قىلىنغان ئوۋلاشىنى ئەمدى سىزگە مۇباھ قىلدۇق. خاھلىغانچە ئوۋلىسىڭىز بولىدۇ، بۇ ئەھۋالدا ئوۋ قىلىپ ئوۋ گۆشىنى يېيىشتە گۇناھكار بولمايدۇ. بۇ، چەكلەشتىن كېيىن بېرىلگەن ئەمرىدۇر. توغرا دېيىلگەن قاراشچە، بۇنداق بىر ئەمرىنىڭ ھۆكمى چەكلىنىشتىن بۇرۇنقى ھالىغا قايتۇرۇشتۇر. ئەگەر بۇ چەكلىنىشتىن بۇرۇنقى ھۆكۈم ۋاجىب بولسا ۋاجىب، مۇستەھەپ بولسا مۇستەھاپ، مۇباھ بولسا مۇباھ بولىدۇ. «سىزنى مەسجىدى ھەرەمدىن... چىقارمىسۇن.»، يەنى مەسجىدى ھەرەمگە بېرىشتىن سىزلەرنى مەھرۇم قىلغان بىر قەۋمگە بولغان ئاداۋىتىڭىز (بۇ، ھۇدەيبىيە يىلى بولغانىدى) ئاللاھنىڭ ھۆكمىگە قۇلاق سالماي، زۇلۈم ۋە ھەقسىزلىك قىلىپ ئۇلاردىن قىساس ئېلىشقا سەۋەب بولمىسۇن. بۇنىڭ ئورنىغا ھەممە ھەققىدە ئاللاھنىڭ سىزگە رىئايە قىلىشنى ئەمرى قىلغان ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلىڭ. «ياخشىلىق ۋە تەقۋا ئۈستىدە ياردەملىشىڭلار.» ياخشىلىق (ئەلبىر) شەرىئەتنىڭ ئەمرى قىلغان ھەر بىر ياخشىلىق ياكى ھەر بىر نەھىسى ۋەيا قەلب ھۇزۇر تاپقان شەيئىدۇر. گۇناھ ئىشلىرىدا ياردەملەشمەڭلار. بۇمۇ گۇناھ ۋە مەسىيەت دېمەك بولۇپ، شەرىئەت چەكلىگەن ھەر بىر شەيئى ياكى قەلبنى ھۇزۇرسىز قىلىپ ئىنسانلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خاھلىمىغان شەيئىدۇر. باشقىلىرىنىڭ ھەقلىرىگە تاجاۋۇز قىلىش ھەققىدە بىر - بىرىڭلار بىلەن ياردەملەشمەڭلار. گۇناھ سادىر قىلىش ۋە ھەددىدىن ئېشىش ئىپادىلىرى بىلەن، سادىر قىلغۇچىنى گۇناھقا ئېلىپ بارغان ھەر تۈرلۈك جىنايەت مەقسەت قىلىنىدۇ. بىر كىشىگە ھەقسىزلىك قىلىش بىلەن ئاللاھنىڭ چېگراسىدىن چەتنەپ كېتىش دېمەكتۇر. ئەنە سىزلەر ئاللاھنىڭ سىزگە بەرگەن ئەمرىلىرىنى ئادا قىلىش، سىزگە مەنئى قىلغانلىرىدىن چەكلىنىش بىلەن ئاللاھتىن قورقۇڭ. «مۇھەققەقكى ئاللاھنىڭ جازاسى شىددەتلىكتۇر.» ئىسيان قىلىپ مۇخالىپەت قىلغانلارغا. بۇ يەردە ئالماش قوللىنىلماي، ئاللاھنىڭ ئىسمىنىڭ ئوچۇق زىكىر قىلىنىشى، قەلبكە قورقۇنچ سېلىش ۋە ئىلاھى ھەيبەتنى تاكامۇللاشتۇرۇش ئۈچۈندۇر. ئەنە بۇمۇ ھەر تۈرلۈ ياخشى - يامان، مەرۇپ ۋە مۇنكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەڭ كەڭ دائىرىلىك بىر ئىپادىدۇر. بۇنىڭ بىلەن بىللە يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا پۈتۈن ھاللاردا ئاللاھنىڭ رازىلىقى خاتىرىتىلماقتا. ئايەتلەردىكى ھۆكۈم ۋە ھېكمەتلەر: بۇ ئىككى ئايەت كەرىمە، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ھەققىدە ئىسلامنىڭ ئاساسلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش بىلەن بىرلىكتە، سۆزلىرى قىسقا بولسىمۇ، ھەر كىشىنىڭ غايەت ئوچۇق كۆرەلەيدىغان ئەڭ كەڭ مەنىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالماقتا.

بىرىنچى ئايەت كەرىمە بەش ھۆكۈمنى ئۆز ئىچگە ئالىدۇ:

1.  ئىنسانلارنىڭ بىر – بىرى بىلەن قىلىشقان ئەقدىلەرگە تامامەن سادىق بولۇش ئەمرى بىلەن ئىسلامى مەجبۇرىيەتلەرنى نۇقسانسىز ئىجرا قىلىش لازىملىقى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىم - سېتىملاردا بەدەللەرنىڭ، ئاياللارنىڭ مىھىرلىرىنىڭ ۋە نەپەقەلىرىنىڭ بېرىلىشى لازىملىقىدەك ئامانەت، ئارىيەت، رەھىن قويۇلغان نەرسىلەرنىڭ ئۆز ئەينى مۇھاپىزەت قىلىنىشى ۋە بۇلارنىڭ ساھىپلىرىغا ساق قايتۇرۇپ بېرىلىشى بىلەن ئەمىنلىك تەلەپ قىلغۇچىنىڭ (مۇستەئمەن) مېلىنىڭ ۋە قېنىنىڭ قوغدىلىشى، مۇئاھىدە (ئاڭلاشما) بولغانلارنىڭ ئۆزىنىڭ، ئائىلىسىنىڭ ۋە مېلىنىڭ ھۆرمىتىنىڭ قوغدىلىشى لازىم. ئاللاھ تەئالانىڭ، «ئەقدىلەرگە سادىق بولۇڭلار.» دېگەن ئەمرى ئەقدىنىڭ لازىم ۋە سابىت بولۇشىغا دەلىل بولۇش بىلەن بىرلىكتە، مەجلىستە ئىختىيارلىق بولماسلىقى لازىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. بۇ ئەبۇ ھەنىپە ۋە مالىكنىڭ قارىشى بولۇپ، شاپىئىي ۋە ئەھمەد ئەقدى مەجلىسىدە بولغان مۇددەتتە ئەقدى قىلغۇچىلار ئۈچۈن ئىختىيارلىق بولىدۇ دەپ قارايدۇ. مەجلىستە بولغان مۇددەتتە ئەقدىنى كۈچكە ئىگە قىلىشقا بولغىنىدەك، ئەقدىنى بىكار قىلغىلىمۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇخارى بىلەن مۇسلىمدە ئىبنى ئۆمەرنىڭ شۇنداق دېگەنلىكى سابىتتۇر: «سودا - سېتىق قىلغۇچىلار بىر - بىرلىرىدىن ئايرىلمىغان مۇددەتچە مۇخەييەردۇر.» بۇخارىنىڭ باشقا بىر لەپزىدە شۇنداق دېيىلىدۇ: «ئىككى كىشى ئېلىم – سېتىم قىلىشقاندا، ئۇلار بىر - بىرلىرىدىن ئايرىلمىغان مۇددەتچە مۇخەييەردۇر.» ئەنە بۇ سېتىش ئەەقدىدىن كېيىن ئەقدى قىلغۇچىلار مەجلىستە بولغان مۇددەت ئىچىدە ئىختىيا بارلىقىنى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويماقتا. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئەقدىنىڭ شەرتىگە مۇخالىپ ئەمەس، ئەكسىچە، بۇ شەرىئەت شەرتلىرىنىڭ ئىچىگە داخىلدۇر. ئەقدىنىڭ شەرت بولۇشى ئەقدىلەرگە ئەمەل قىلىشنىڭ بىر ئۇنسۇرىدۇر. ئادا قىلىش لازىم بولغان نەزرە ھەج، روزا، ئېتىكاپ، ناماز ئوقۇش ۋە بۇلارغا ئوخشاش ئىتائەت ماھىيەتىدىكى نەزرىلەردۇر. مۇباھ نەزرەلەر ئۇممەتنىڭ ئىجماسى بىلەن شەرت ئەمەستۇر.

2.     شەرئى ئۇسۇلغا مۇۋاپىق پىچاق سۈرۈش بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋانلارنى يېيىشنىڭ ھالال قىلىنىشى.

3.  بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۈچ ئايەتتە ۋە باشقا ئايەتلەردە ھارام قىلىنغان شەيئىلەرنىڭ مۇستەسنا قىلىنىشى. شۇنىڭدەك سۈننەتتە سابىت بولغان نەھىيلەرمۇ مۇشۇنداق. مەسىلەن، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «يىرتقۇچ ھايۋانلاردىن مەرگەن چىشلىق بولغان ھەر بىرىسىنىڭ، ئۇچار قامال سالغۇچى قۇشلارنىڭ» يېيىلىشىنى مەنئى قىلغىنىدەك. بۇ ھەدىسنى بۇخارى ۋە تىرمىزى مۇستەسنا باشقا كۈتۈب سىتتە ساھىپلىرى بىلەن ئىمام ئەھمەد ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىدۇ.

4.  ئوۋ قىلىشتا ئىھراملىق بولۇش ھالىنىڭ مۇستەسنا قىلىنىشى. ھەرەمەين (مەككە ۋە مەدىنە) بۆلگەسىدىكى ئوۋ قىلىشمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشايدۇ.

5.  ھەرەم بۆلگىلىرى سىرتىدا ۋە ئىھراملىق بولمىغان كىشىلەر ئۈچۈن ئوۋ ئوۋلاشنىڭ مۇباھ بولۇشى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تەئالا، «مۇھەققەقكى ئاللاھ خاھلىغانچە ھۆكۈم قىلىدۇ.» دەپ، ئەرەبلەرنىڭ ئادەتلىنىپ كەتكەن ھۆكۈملىرىگە مۇخالىپ بولغان بۇ شەرئى ھۆكۈملەرنى تېخىمۇ تەكىتلىمەكتە. چۈنكى ئاللاھ تەئالا ئىرادىسىگە ئۇيغۇن گۆرگەن، ھېكمەت ۋە مەنپەئەتكە بنىائەن خاھلىغىنىچە ھۆكۈم چىقىرىدۇ ۋە «ئۇنىڭ ھۆكمىگە ھېچ كىم ئېتىراز قىلالمايدۇز» (رەئد: 13/41) ئۇ، خاھلىغان ھۆكۈمنى خاھلىغانچە قانۇنلاشتۇرىدۇ. ئىككىنچى ئايەت كەرىمە ھەج مەناسىكىگە دەخلى – تەرۇز قىلىشنىڭ، ئاللاھنىڭ قانۇنلاشتۇرغان خۇسۇسلاردا ئاللاھنىڭ يولىدىن چەتنەشنىڭ ھارام قىلىنغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە. ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ ئالامىتى بولغان خۇسۇسلاردىن چەتنەش جائىز ئەمەستۇر. بۇ ئالامەتلەر ئاللاھنىڭ شەئائىرىدۇر. يەنى ھەرەمگە ئەۋەتىلگەن تۆگىلەردۇر. بۇلارنىڭ ئىشئارى (ئالامەتلەندۈرۈلۈشى) بولسا، قان ئاققانغا قەدەر ھۆرگۈچلىرىدىن بىر پارچا كەسمەكتۇر. بۇنىڭ بىلەن بۇ تۆگىلەرنىڭ ھەدىيە قۇربانى ئىكەنلىكى مەلۇم بولاتتى. ئەتا شۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ شەئائىرى، ئاللاھنىڭ پۈتۈن ئەمرى ۋە نەھىيلىرىدۇر.» ھەسەن بەسرى شۇنداق دەيدۇ: «ئاللاھنىڭ دىنىنىڭ تامامىدۇر.» ئاللاھ تەئالانىڭ تۈۋەندىكى ئايىتىدە بولغىنىدەك: «بۇ بۇنداقتۇر. كىم ئاللاھنىڭ شەئائىرىنى تەزىم قىلسا شۈبھىسىزكى ئو قەلبلەرنىڭ تەقۋاسىدىندۇر.» (ھەج: 22/32) بۇ يەردە «ئاللاھنىڭ شەئائىرى» ئاللاھنىڭ دىنى دېمەكتۇر. جۇمھۇر، ئىشئارنى (ئالامەتلەندۈرۈشنى) جائىز دەپ قارايدۇ. شاپىئى، ئەھمەد ۋە ئەبۇ سەۋرىچە، بۇنداق بەلگىنى ئوڭ تەرەپكە قويۇش كېرەك. چۈنكى ئىبنى ئابباستىن سابىت بولۇشىچە، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام تۆگىسىنىڭ لۇكىسىنىڭ ئوڭ تەرىپىگە ئىشارەت قىلغان ئىدى. مالىك: «سول تەرەپكىمۇ بولىدۇ.» دەيدۇ. مۇجاھىد شۇنداق دەيدۇ: «خاھلىغان تەرەپتىن ھەر قانداق بىرىسىگە بۇ ئالامەتلەرنى قويسا بولىدۇ.» ئەبۇ ھەنىپە، بۇنداق بەلگە قويۇشنى ئۇيغۇن كۆرمەي، بۇنىڭ ھايۋانغا ئازاپ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. يەنى ھەنەپىلەرنىڭ ئوچۇق ئىپادە قىلغىنىدەك، بۇنداق ئىش مەكرۇھتۇر. ھەدىس شەرىپ بۇنداق ئالامەتلەندۈرۈشنىڭ (ئىشئارنىڭ) مۈلكىيەتنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن مەلۇم بولغان تامغا ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىشارەتلەر ھۆكمىدە بولغان دەپ تەۋىل قىلىدۇ. ئەبۇ يۇسۇف ۋە مۇھەممەد بۇنداق ئىشنىڭ مەكرۇھلىقى سۈننەتتە يوق، دەپ مۇباھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ھارام ئايلارنىڭ ھۆرمىتىمۇ ئالامەتلەرگە داخىلدۇر. بۇ ئايلارنىڭ بىرسى ئايرىم، باشقا ئۈچى ئارقا - ئارقىدىن كەلگەن تۆت ئايدۇر. بۇلار زۇلقەئدە، زۇلھەججە، مۇھەررەم ۋە رەجەب ئايلىرىدۇر. بۇ ئايلاردا سوقۇش قىلىش، تالان ۋە تاجاۋۇز ھالال بولمىغىنىدەك، بۇلارنىڭ يەرلىرىنىڭ ئۆزگەرتىلىشىمۇ ھالال ئەمەستۇر. چۈنكى بۇلارنىڭ يەرلىرىنى ئۆزگەرتمەك ھارام ئايلارنى ھالال كۆرمەكتۇر. ئەنە ئەرەبلەرنىڭ ئىسلامدىن بۇرۇن يۈرگۈزگەن «نەسى» تەتبىقاتى بۇ ئىدى. ئاندىن كېيىن ئاللاھ تەئالانىڭ تۆۋەندىكى ئەمرى بىلەن بۇ ئايلاردا سوقۇش قىلىشنىڭ ھارام قىلىنىش ھۆكمى مەنسۇخ قىلىنغان: «ھارام ئايلار ئۆتۈشى بىلەنلا مۇشرىكلارنى تاپقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار.» بۇنىڭدىن مەقسەت ئاللاھنىڭ مۇشرىكلار بىلەن سوقۇش قىلىش ئېيىنى ھارام قىلىپ يەر يۈزىدە خاھلىغانچە ياشاش ئۈچۈن ئۇلارغا جاكارلىغان ۋەدىدۇر. بۇ مۇددەت ئىچىدە ئۇلار ئىسلامغا كىرىش ھەققىدە ئويلىشاتتى. ياكى بۇ يەردىكى ھارام ئايلاردىن مەقسەت ھەج ئايلىرى ياكى بۇرۇن ئۆتكەن مەنىسى بىلەن ھارام ئايلار ئەمەستۇر. ھەدىيە قۇربانلىقلار ۋە گەردانلىقلار بۇ ئالامەتلەردىندۇر. ئو جەھەتتىن ئاللاھقا يېقىنلىشىش مەقسىتى بىلەن ھەرەم بۆلگىسىدە سويۇلۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ھايۋانلارنى ھالال سانىماڭلار. بۇلارنىڭ ھالال بىلىنىشى، ئەۋەتىلگەن مەقسەتنىڭ سىرتىدا ئۇلاردىن مەنپەئەتلىنىشكە ئۇرۇنۇش ياكى ئۇلارنى بۇلاش ۋە ئۇلارغا قول ئۇزىتىشتۇر. ھەدىيە قۇربانلىق بەيتۇللاھقا ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتىلگەن تۆگە، كالا ياكى قويدۇر. كۆپچىلىك ئالىملارچە، بۇ، ئەينى زاماندا ئاللاھقا يېقىنلىق ئۈچۈن پىدا قىلىنغان قۇربانلىق ھايۋانلار بىلەن سەدەقىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۆلىمالار بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ھەرەمدە بوغۇزلاش ئۈچۈن سۇنۇلغان ھەدىيە قۇربانلىقلاردىن يېيىشنىڭ جائىز ئەمەسلىكىنى بايان قىلىدۇ. بۇنىڭدىن بىرلا ئىستىسنا تەتەۋۋۇئ، قىران ھەججى ۋە تەمەتتۇئ ھەججى ئۈچۈن قىلىنغان قۇربانلاردۇر. بۇلاردىن، زەبھى قىلغان كىشىنىڭمۇ ۋە يېنىدىكى كىشىلەرنىڭمۇ يېيىشلىرى جائىزدۇر. چۈنكى بۇنداق قۇربانلار، ئاللاھ تەئالاغا ئىبادەت مۇۋەپپەقىيەتىنى ئېھسان قىلغىنى ئۈچۈن نېمەتىگە شۈكۈر قىلىش ئۈچۈن تەقدىم قىلىنغان قۇربانلاردۇر. بۇلاردىن يېمەك جائىزدۇر. رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامدىن سابىت بولۇشىچە، ئۇ قىران ۋە تەمەتتۇئ ھەججى سەۋەبى بىلەن قىلىنغان قۇربانلارنىڭ گۆشلىرىدىن يېگەن ۋە بۇ گۆشلەرنىڭ شورپىسىدىن ئىچكەن. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، بۇنىڭدىن باشقا ھەدىيە قۇربانلىقلاردىن يېمەك جائىز ئەمەس. چۈنكى بۇنداق قۇربانلىقلار بىر قىسىم ئەمرىلەرگە مۇخالىپ ھەرىكەتلەر، جازا ۋە كاپارەتلەر سەۋەبى بىلەن زەبھى قىلىنىدۇ. ئو ھالدا بۇلاردىن ھەر قانداق بىر شەكىلدە مەنپەئەتلىنىش (بۇلارنىڭ ساھىپلىرى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە بولغانلار ئۈچۈن) جائىز ئەمەستۇر. گەردانلىقلاردىن مەقسەت ـــ گەردانلىق تاقالغان ھەدىيە قۇربانلىقلاردۇر. بۇلارمۇ تەتەۋۋۇئ، نەزرە، قىران ۋەيا تەمەتتۇئ ھەج سەۋەبى بىلەن قىلىنغان قۇربانلاردۇر. ھەجدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەجگە خىلاپ ھەرىكەتلەر (جىنايەتلەر) سەۋەبى بىلەن قىلىنىشى لازىم بولغان قۇربانلىقلارنىڭ، گەردانلىقلىق بولۇشلىرى شەرت ئەمەس. قۇربانلىقلارنىڭ لوكىسى ۋە بويۇنلىرىغا تاقالغان ھەر شەيئىگە قەلائىد (گەردانلىق مەنىسىدە كەلگەن قەلادەنىڭ كۆپلۈكى) ئىسمى بېرىلىدۇ ۋە بۇلار ئۇ قۇربانلىقلارنىڭ ئاللاھ ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىش مەقسىتى بىلەن تاقىلاتتى. تەقلىد، يەنى گەردەنلىك تاقاش ئىشى ئىسلام تەشەببۇس قىلغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامدىن قالغان سۈننەتتۇر. ئىمام شاپىئىي ۋە ئەھمەدچە، كالا ۋە قويلاردا سۈننەتتۇر. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا شۇنداق دەيدۇ: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىر قېتىم بەيتۇللاھقا بىر بۆلۈك قويلارنى ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتتى ۋە بۇلارغا گەردەنلىك تاقىدى.» مالىك ۋە ھەنەپىلەر بۇنى قۇبۇل قىلمايدۇ. ئېھتىمال ئۇلارغا قويلارغا گەردەنلىك تاقاش ھەققىدىكى بۇ ھەدىس شەرىپ يېتىپ كەلمىگەن ياكى يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ ئەسۋەدنىڭ ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىنلا بۇنى رىۋايەت قىلىش سەۋەبى بىلەن رىۋايەتنى رەت قىلغانلىقتىن قۇبۇل قىلمىغان. ئىھرام نىيىتى بىلەن تۆگە ياكى كالىغا گەردەنلىك تاقاپ ئۇنى بىللە ئېلىپ ماڭغۇچىنىڭ بۇنىڭ بىلەن ئىھرامغا كىرگەن ھېسابلىنىدىغانلىقى ئىختىلاپسىز قۇبۇل قىلىنغان. ئاللاھ تەئالا: «ئاللاھنىڭ شەئائىرىگە...» دەيدۇ ۋە: «ئىھرامدىن چىققاندا ئۇۋ ئوۋلىسىڭىز بولىدۇ.» دەپ ئىپادە بىلدۈرىدۇ ۋە ئىھرامغا كىرىشنى تىلغا ئالىدۇ. پەقەت گەردەنلىك تاقاش تىلغا ئېلىنغىنى ئۈچۈن بۇنىڭ ئىھرام ھۆكمىدە ئىكەنلىكى مەلۇم بولماقتا. ھەدىيە قۇربانلىقى ئەۋەتىپ، ئۆزى بارمىسا ئىھرامغا كىرگەن بولمايدۇ. كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ قارىشى مۇشۇ. چۈنكى بۇخارى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن شۇنداق رىۋايەت قىلىدۇ: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام ئەۋەتكەن ھەدىيە قۇربانلىقلارنىڭ گەردەنلىكلىرىنى مەن ئۆز قولۇم بىلەن توقۇدۇم. ئاندىن كېيىن بۇ گەردەنلىكلەرنى رەسۇلۇللاھ قوللىرى بىلەن قۇربانلىقلارغا تاقىدى. كېيىن بۇلارنى دادام بىلەن ئەۋەتتى ۋە رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا بۇ ھەدىيە قۇربانلىقلار زەبھى قىلىنغانغا قەدەر ئاللاھ ئۇنىڭغا ھالال قىلغان ھەر قانداق بىر شەيئى ھارام بولمىدى.» ھەنەپىلەر شۇنداق دەيدۇ: ھەر كىم بىر ھەدىيە قۇربانى ئەۋەتسە، بۇ ھەدىيە قۇربانىنى زەبھى قىلغانغا قەدەر ھەج ئۈچۈن ئىھرامغا كىرگۈچىلەرگە ھارام بولغان ھەممە نەرسە ھارام بولىدۇ. بۇخارىنىڭ رىۋايەت قىلىشىچە، ئىبنى ئابباسمۇ مۇشۇنداق قارايدۇ. ھەدىيە قۇربانلىقىنىڭ گەردەنلىكى تاقالغان ياكى ئۇنىڭغا ئالامەت قويۇلغاندىن كېيىن سېتىشمۇ، سوۋغات قىلىشمۇ جائىز ئەمەس. چۈنكى ئۇنىڭ ھەدىيە قىلىپ ئەۋەتىلىشى ۋاجىبتۇر. ئەگەر بۇنى ئەۋەتكەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، بۇ قۇربانلىق ئۇنىڭدىن مىراس ئېلىنمايدۇ ۋە ھەرەم ئىچىدە زەبھى قىلىنىدۇ. نورمال قۇربانلىق بولسا بۇنداق ئەمەس. چۈنكى مالىك بۇنداق قۇربانلىق مەخسۇس زەبھى قىلىنىش بىلەن ۋاجىب بولىدۇ، دەيدۇ. بىراق ساھىبىنىڭ ۋەدىسى بىلەن بۇنى ئۆزىگە ۋاجىب قىلىش ئەھۋالى مۇستەسنادۇر. ئەگەر زەبھىدىن بۇرۇن ئو قۇربانلىقنىڭ زەبھى قىلىنىشىنى ۋاجىب قىلىش ئۈچۈن: «مەن بۇ قوينى قۇربانلىق ئۈچۈن تەيىن قىلىمەن» دەپ تەيىن قىلسا، مۇئەييەن ھالدا ئۇنىڭ قۇربانلىق قىلىنىشى لازىم. بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا بۇنداق قۇربانلىق تەلەف (بىكار) بولىدۇ، كېيىن ئۇ تېپىلسا ئۇنىڭ ئۆزىنى زەبھى قىلىش لازىم.

شاپىئىي شۇنداق دەيدۇ: يوقاپ كەتسە ياكى ئوغۇر ئالسا ئۇنىڭ بەدەلىنى زەبھى قىلىش لازىم كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ئۆزگەرتىش ۋاجىب بولغان قۇربان ھەققىدەدۇر. ئۇندىن باشقا بەيتى ھەرەمگە بارماقچى بولغان جامائەتنىڭ ئالدىنى توسۇشنى ھالال سانىماڭلار، يەنى ئىبادەت قىلىش مەقسىتى بىلەن بەيتى ھەرەمگە بارماقچى بولغان كاپىرلارغا توسقۇنلۇق قىلماڭلا، دېگەن ئەمرى «قىلىچ ئايەتى» دەپ نازىل بولغان ئايەت بىلەن «مۇشرىكلارنى تاپقان يەردە ئۆلتۈرۈڭلار.» ۋە «ئەمدى بۇ يىللاردىن كېيىن مەسجىدى ھەرەمگە يېقىنلاشمىسۇنلار.» دېگەن ئايەتلەر بىلەن مەنسۇخ قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشرىكقا ھەج قىلىش ئىمكانى بېرىلمەيدۇ، ھارام ئايلاردا ئۇنىڭغا ئامانلىق بېرىلمەيدۇ، مەيلى ئۇ ھەدىيە قۇربانلىقىنى ئەۋەتسۇن، قۇربانلىقىغا گەردەنلىك تاقىسۇن ۋە ھەج قىلىشقا ھەرىكەت قىلغان بولسۇن. ئاللاھ تەئالانىڭ: «پەرۋەردىگارىدىن مەرھەمەت ۋە رازىلىق تەلەپ قىلىپ» دېگەن ئايىتى، ئاللاھتىن مەرھەمەت تەلەپ قىلىشنىڭ، يەنى تىجارەت قىلىش يولى بىلەن پايدا ئېلىش ئۈچۈن غەيرەت قىلىشنىڭ جائىز ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

يەنە ئاللاھ تەئالانىڭ، «ئىھرامدىن چىققاندا ئوۋلىساڭلار بولىدۇ.» دېگەن ئەمرى ھەج ئىشلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشىدىن كېيىن ھەرەم بۆلگىسى سىرتىدا ئوۋ ئوۋلاشنىڭ مۇباھ ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. ھەممىنىڭ ئىجماسى بىلەن بۇ، مۇباھلىق ئىپادە قىلغان ئەمرىدۇر. چۈنكى بۇرۇن ئىھرام سەۋەبى بىلەن مەنئى بولغان بىر ھۆكۈمنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى ئۈچۈن ۋارىد بولغان. مالىكىلەر شۇنداق دەيدۇ: ئەمرى ئەسلى ئېتىبارى بىلەن ۋاجىبلىقنى بىلدۈرىدۇ. پەقەت مۇباھلىقنىڭ مەلۇم بولۇشى، مەنىسىنى چۈشىنىش ۋە ئىجمادىن مەلۇم بولماقتا. مەخسۇس ئوۋنىڭ زىكىر قىلىنىشى، چوڭ - كىچىك ھەممىسىنىڭ ئوۋ قىلىشقا بەك ھىرىسمەن بولغىنى ئۈچۈندۇر. ئاللاھ تەئالانىڭ، «بىر قەۋمگە بولغان دۈشمەنلىكىڭىز سىزنى ھەددىدىن ئېشىشقا ئېلىپ بامىسۇن.» دېگەن ئەمرى باتىل يوللار بىلەن ناھەق ئىش قىلىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى كۆرسەتمەكتە. چۈنكى ئىپادىنىڭ مەنىسى شۇنداق: بىر قەۋمگە بولغان دۈشمەنلىكىڭىز، ھەقىقەتكە كۆز يۇمۇپ باتىلغا، ئادالەتنى تاشلاپ زۇلۇمغا كېتىپ قېلىشىڭىزغا سەۋەب بولمىسۇن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام (ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى ۋە ھاكىمنىڭ ئەبۇ ھۇرەيرەدىن رىۋايەت قىلىشىچە) شۇنداق دەيدۇ: «ساڭا ئامانەت قويغۇچىنىڭ ئامانىتىنى نۇقسانسىز قايتۇرۇپ بەر، ساڭا خائىنلىق قىلغان كىشىگە سەن خائىنلىق قىلما.» ئاللاھ تەئالانىڭ، «ياخشىلىق ۋە تەقۋا ئۈستىدە ياردەملىشىڭلار...» دېگەن ئەمرى ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدا ياخشىلىق ۋە تەقۋا ئۈستىدە ياردەملىشىشنىڭ، ئاللاھنىڭ مەنئى قىلغانلىرىدىن ۋاز كېچىشنىڭ ۋاجىب ئىكەنلىكىگە، گۇناھ ۋە مەسىيەتلەردە ياردەملىشىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىگە دەلىلدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۈۋەندىكى ھەدىسى بۇنى تەكىت قىلماقتا: «ياخشىلىققا دالالەت قىلغان كىشى ئۇنى قىلغان كىشىگە ئوخشاشتۇر.» بۇنى تەبەرانى سەھل ئىبنى سەئد ۋە ئىبنى مەسئۇدتىن رىۋايەت قىلغان سەھىھ ھەدىستۇر. ھارام قىلىنغان يېمەكلىكلەر، دىننىڭ تۇلۇق بولۇشى، زۆرۈرەت ئەھۋالى.

3.سىلەرگە ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى، ئاللاھتىن غەيرىينىڭ نامى تىلغا ئېلىنىپ بوغۇزلانغان ھايۋان، بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىقىلىپ ئۆلگەن ھايۋان، ئۈسۈپ ئۆلتۈرۈلگەن ھايۋان، يىرتقۇچ ھايۋانلار يېرىپ ئۆلتۈرۈپ يېگەن ھايۋان ھارام قىلىندى. لېكىن بوغۇزلىغانلىرىڭلار ھالال بولىدۇ ھەمدە بۇتلارغا ئېلىپ بېرىلىپ ئۇنىڭ يېنىدا بوغۇزلانغان ھايۋانلار ھارام قىلىندى. ئەزلام بىلەن پال سېلىشىڭلار ھارام قىلىندى، بۇ گۇناھتۇر، كاپىرلار بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلاردىن ئۈمىدىنى ئۈزدى، ئۇلاردىن قورقماڭلار، مەندىن قورقۇڭلار. بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم، كىمكى ئاچلىقتا ئىلاجىسىزلىقتىن، گۇناھنى مەقسەت قىلماستىن (ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى يېسە گۇناھ بولمايدۇ)، ئاللاھ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، بەندىلىرىگە ناھايىتى مېھرىباندۇر. نازىل بولۇش سەۋەبى: «ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان... سىزگە ھارام قىلىندى.» دېگەن ئايەتنىڭ نازىل بولۇش سەۋەبى ھەققىدە ئىبنى ھىبباندىن شۇنداق رىۋايەت قىلىنماقتا: «رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە ئىدۇق، مەن ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشىنى پىشۇرۇش ئۈچۈن قازانغا ئوت يېقىۋاتاتتىم، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان گۆشىنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى ئايەت نازىل بولدى، بۇنىڭ بىلەن مەن قازاننى دۇم كۆمتۈرۈۋەتتىم.» تەپسىر: ئاللاھ تەئالا بەندىلىرىگە چەكلەنگەن ۋە ھارام قىلىنغان شەيئىلەر ھەققىدە بىزگە خەۋەر بەرمەكتە. بۇلارنىڭ بىر بۆلۈمىگە (سۈرىنىڭ باش تەرىپىدە) «سىزگە بىلدۈرۈلىدىغانلىرى مۇستەسنا» دېگەن ئايىتى بىلەن ئىشارەت قىلىنغان ئىدى. بىر پۈتۈن ھارام قىلىنغانلار بەقەرە ۋە نەھل سۈرىسىدە تىلغا ئېلىنغان تۆت خۇسۇستۇر: «سىزگە پەقەت ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋان، قان، چوشقا گۆشى ۋە ئاللاھتىن باشقىسىنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغانلار ھارام قىلىندى.» (بۇ ئايەت نەھل سۈرەسىنىڭ 115 – ئايەتىدە قايتا تىلغا ئېلىنىدۇ.)

بۇ ئايەت كەرىمەدە بۇ ھارام قىلىنغان نەرسىلەر تۆۋەندە تەرتىب بويىچە تەپسىلى بايان قىلىنىدۇ: 1- ئۆزلىكىدىن ئۆلگەن ھايۋان (مەيتە): ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ بوغۇزلاش ياكى ئوۋلاشتەك بىر ھەرىكىتى بولماستىن ئۆزى ئۆلگەن ھايۋان دېمەكتۇر. شەرىئەتتە بۇنىڭدىن مەقسەت، قوپال ئۇسۇل بىلەن بوغۇزلانماستىن ئۆلگەن ھايۋاندۇر. بۇنىڭ ھارام قىلىنىش سەۋەبى پاسكىنا ۋە مۇردار بولۇشى، ياكى كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۆلۈشى ياكى قاننىڭ ئىچىدە قېلىشى سەۋەبىدىن ۋۇجۇدىدا زىيانلىق بىر قىسىم ماددىلارنىڭ ھاسىل بولۇشىدۇر. ھايۋان نورمال بوغۇزلانغان تەقدىردە ئونىڭدىكى زىيانلىق قان ئېقىپ كېتىدۇ. باشقا تەرەپتىن سەلىم تەبىئەت ئۆزلىكىدىن ئۆلگەن ھايۋاندىن سەسكىنىدۇ، كۆڭلى تارتمايدۇ ۋە ئۇنى يېيىشنى ئارزۇ قىلمايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق بىر ھايۋان ھەم دىنى جەھەتتىن ھەم بەدەنى جەھەتتىن زىيانلىقتۇر. بۇنداق ھايۋاننى يېيىشنىڭ ھاراملىقى ئىختىلاپسىز قۇبۇل قىلىنغان. بۇ ھايۋاننىڭ يۇڭى، چۇپۇرى ۋە سۆڭىكى ھەنەپىلەرچە: پاكتۇر، ئىشلىتىلىشى جائىزدۇر. شاپىئىيچە: ھەر ئىككىسى نىجىستۇر، ئىشلىتىلىشى جائىز بولمايدۇ. ئۆلۈكلەردىن ئىككى تۈرى ئىستىسنا قىلىنغان. بۇلار بىلىق ۋە چەكىرگەلەردۇر. چۈنكى ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنىشىچە، رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالام شۇنداق دەيدۇ: «بىزگە ئىككى ئۆلۈك ۋە ئىككى قان ھالال قىلىنغان: ئىككى ئۆلۈك بىلىق ۋە چەكىرگەدىر، قان بولسا جىگەر ۋە تالدۇر.» ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رەسۇلۇللاھ ئەلەيھىسسالامغا دېڭىز سۈيى ھەققىدىكى سوئالغا شۇنداق دەپ جاۋاب بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ: «ئۇ (دېڭىز) سۈيى پاكتۇر، ئۆلۈكى ھالالدۇر.» 2- قان: بۇنىڭدىن مەقسەت ئاققان قاندۇر. يەنى ھايۋاندىن ئېقىتىلىپ تۆكۈلگەن سىۋى قاندۇر. جىگەر ۋە تالغا ئوخشاش ئۇيۇل قان بىلەن ئادەتتە بوغۇزلانغاندىن كېيىن گۆشنىڭ ئىچىدە قالغان قان ئەمەس. بۇنىڭ دەلىلى ئاللاھ تەئالانىڭ: «ياكى ئاققان قان بولۇشى» (ئەنئام: 6/145) ئايىتىدۇر. ئىبنى ئابباسنىڭ تال ھەققىدە سورىغان سوئالىغا: \"يېسىڭىز بولىدۇ.\" دېگەندە، بۇنىڭ قان ئىكەنلىكى ئەسلىتىلگەندە، شۇنداق جاۋاب بەرگەن: «سىزگە ھارام قىلىنغان قان ئېقىتىلغان قاندۇر.» يەنى بوغۇزلىنىش جەريانىدا ئاز ياكى كۆپ بولسۇن ھايۋاندىن ئاققان قاندۇر. ئېقىتىلغان قاننىڭ ھارام قىلىنىش سەۋەبى، ئۇنىڭ مىكروپلارنىڭ ۋە ھەر خىل زەھەرلەرنىڭ ئۇۋىسى بولۇشىدۇر. باشقا تەرەپتىن ئىنسان، تەبىئىتى ئېتىبارى بىلەن ئۇنى نىجىس دەپ بىلىدۇ، ھەزم بولۇشىمۇ ئىنتايىن قىيىندۇر ۋە بۇ قان دىشكى گىبى ۋۇجۇدتىكى زىيانلىق ئارتۇق نەرسىلەردۇر. ئۇنىڭدىن باشقا قان گۇرۇپلىرى ئوخشاشمايدۇ. بىرى يەنە بىرىگە ئۇيغۇن ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن قان بەدەنگە زىيانلىق نىجىس ماددىدۇر. جاھىلىيەت دەۋرى ئەرەبلىرىدە ‹ئەلئىلھىز› دەيدىغان ۋە يۇڭلارغ ئارىلاشتۇرۇلغان قان بىلەن ئۈچەيگە قان تولدۇرۇپ، قىزارتىپ يېيىش ئادەتلىرى ياخشى كۆرۈلمىگەن.





مىسرانىم مۇنبىرگە يوللىغۇچى ئابدۇللاھ

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
篮球美女 + 100 تەپەككۇرى كۈچلۈك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 100   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 819
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12831
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 409 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2013-9-6
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 07:35:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇشۇنداق ئېسىل پەندى نەسھەتلەر مىسرانىم مۇنبىرىدىن ئۈزۈلمىگەي

قەلەمىي بېلوگى

ئەسەرلىرىمدىن زوقلىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ

ئاتۇش ۋاسكىتبول

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 26880
يازما سانى: 3259
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2662
تۆھپە نۇمۇرى: 754
توردا: 1611 سائەت
تىزىم: 2011-1-19
ئاخىرقى: 2013-9-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 07:51:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
كىشى قەلبىگە تەسىر قىلغۇدەك ، شۇنداق يېقىشلىق پەندى نەسىھەتلەر ئىكەن .
كۈندە كۆرىمىز ، ئاڭلايمىز ، سۆزلەيمىز لېكىن قانچىمىز ئەمەلىيەتتە قايسى دەرجىدە ئەمەلگە ئاشۇرۋاتىمىز .........؟ بۇلارنىمۇ ئويلاپ قويغۇلۇق .
شۇنداق ئېسىل تېمدىن بىرنى ھوزۇرىمىزغا سۇنۇپسىز رەھمەت ~!

تۈگەشسە يۈرگۈم ، ساقتۇر قۇرالىم .يېقىلدىم ۋە لېكىن مەغلۇب بولمىدىم .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 73000
يازما سانى: 932
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1254
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1870 سائەت
تىزىم: 2012-1-12
ئاخىرقى: 2013-9-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 09:56:27 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  ناھايتتى ئەھمىيەتلىك تېما بۇلۇپتۇ ...  ئىنكاسلىرىم بىلەن ساقلىۋالدىم ...   داۋاملىق يوللاپ تۇراسىز قىرىندىشىم ...

سەن مىنىڭ تۇرقۇمغا قاراپ بىچارە دىسەڭ، مەن سېنىڭ تۇيغۇڭغا قاراپ بىچارە دەيمەن. ــــــــ جودا .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76975
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3103
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 7 سائەت
تىزىم: 2012-3-5
ئاخىرقى: 2012-5-4
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 10:07:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت، ناھايىتى ياخشى تېما ئىكەن ، ئاللاھ ئەجىر ئاتا قىلسۇن

دىلىمدا بىر ئاللاھ ...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72361
يازما سانى: 197
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3556
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 170 سائەت
تىزىم: 2011-12-31
ئاخىرقى: 2013-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 01:03:20 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
篮球美女 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-15 07:51 PM
كىشى قەلبىگە تەسىر قىلغۇدەك ، شۇنداق يېقىشلىق پەندى نە ...

تولىمۇ ئورۇنلۇق گەپ قىلدىڭىز ، راست ھەممىمىز ئاڭلايمىز ، سۆزلەيمىز لىكىن .......

كىملەر بولۇر كىملەرگە خار ،
يەنە كىملەر كىملەرگىدۇر زار .
بۇ ھايات قىسمەتلىرىڭدىن ،
كىملەرنىڭ يولى كىملەرگە تار .        قارلىغاچ ......
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15765
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12932
تۆھپە نۇمۇرى: 914
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 02:05:37 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھېسىيات جىنايەتكە باشلايدۇ،شەيتانلارچە كۆز بولسا خىيانەتكە باشلايدۇ، چېن ئەقىل بولسا ھىدايەتكە باشلايدۇ....(دەرتمەن119)
باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 15765
يازما سانى: 502
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12932
تۆھپە نۇمۇرى: 914
توردا: 308 سائەت
تىزىم: 2010-10-31
ئاخىرقى: 2013-9-7
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 02:06:32 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ھېسىيات جىنايەتكە باشلايدۇ،شەيتانلارچە كۆز بولسا خىيانەتكە باشلايدۇ، چېن ئەقىل بولسا ھىدايەتكە باشلايدۇ....(دەرتمەن119)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78586
يازما سانى: 706
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 13188
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 451 سائەت
تىزىم: 2012-4-9
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 11:38:49 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىمىكەن ،رەھمەت سىزگە

دوست ئۈچۈن ئۆلۈش قىيىن ئەمەس،لىكىن .ئۆلۈشكە تىگىشلىك دوست تىپىش قىيىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش