بۆرە بىلەن قوي
( مەسەل )
بۈك – باراقسان بىر ئورمانلىقتا قويلار خاتىرجەم ئوتلاپ ، كۈندىن –كۈنگە ئاۋۇپ ، سەمرىپ ، دۈمبىسىدە تورغايلار ئۇۋىلاشقا باشلاپتۇ. قويلار بىر –بىرى بىلەن شۇنچە ئىجىل، ئىناق ياشايدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئورمانلىقتا بىر توپ بۆرىلەر پەيدا بولۇپ قويلارغا تەھدىت ئېلىپ كەپتۇ. پات-پات قوي يوقاپ كىتىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلۈشكە باشلاپتۇ . بۇنىڭ بىلەن قويلارنىڭ تىنىچلىقى بۇزۇلۇپ، يۈرەكلىرىنى قوېقۇنچ، ۋەسۋەسە ، ئەندىشە چىرمىۋاپتۇ.شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە قويلارنىڭ ئىچىدىكى گېپى ئۆتىدىغان ، قېرىنداشلىرى ئىچىدە خېلى تاپقان بىرى يوقاپ كېتىپتۇ . قويلار شۇنچە قىلىپمۇ بۇ قېرىندىشىنىڭ ئىزدىرىكىنى ئالالماپتۇ. شۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق ئەھۋاللار پات-پات يۈز بېرىپ تۇرۇپتۇ. قويلارنىڭ ئەندىشىسى كۈچۈيۈپ كېتىپتۇ. بۇنداق بولىۋەرسە ئاقىۋەتنىڭ تېخىمۇ يامانلىشىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلىپ يەتكەن مۇڭگۇزلۈك كۆك قوچقار باينىڭ بېشى ساڭگىلاپ كېتىپتۇ. قېرىنداشلىرىنىڭ غېمى ئۇنىڭغا ئارام بەرمەس بولىۋاپتۇ.
- قوچقار ئاتا قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۇشتۇمتۇت يوقاپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ سەۋەبىنى مەن بىلدىم، مەن بىلدىم – دەپتۇ بىركۈنى ھەمىدىۋەسىرەپ كىرگەن بىر قوچقار جىددىلىشپ .
- ئېيتتە قېنى ؟ -دەپتۇ توقۇناق خىياللار قاينىمىغا غەرق بولغان كۆك قوچقار دەرھال خىيالدىن باش كۆتۈرۈپ.
-بىر بۆرە قېرىندىشىمىزدىن بىرنى چىشلەپ سۆرىگىنىچە ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ.
- نىمە يالغان كۆرۈپ قالمىغانسەن؟
- يالغان ئەمەس قوچقار ئاتا.
-بۆرىلەر بىزگە چېقىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ، بىز ئۇلارنىڭ بۇ يۇ يەردە بىر مەزگىل ياشاشىغا قوشۇلغانغۇ، ئۇلار بۇ توغرۇلۇق بىزگە تىلخەتمۇ يېزىپ بەرگەنغۇ تېخى. بۇ ئۇلارنىڭ نىمە قىلغىنى ئەمدى؟
كۆك قوچقار ئاخىرى بۆرىلەرنىڭ باشلىقىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ، يېقىندىن بۇيان بىر نەچچە قېرىندىشىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كەتكەنلىكىنى ، ھىچ ئىزدىرىكىنى ئالالمىغانلىقىنى ،شۇڭا ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلەردىن كۆرگەن - كۆرمىگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرۈپ بېقىشىنى ئېيتىپتۇ. بۆرە نۇرغۇن ياغلىما گەپلەر بىلەن كۆك قوچقارنى يولغا سالغاندىن كېيىن ،ھەمرالىرىنى يىغىپ ، جىددى كېڭەش قىپتۇ.
- ھەر قايسىنىڭنى ئېھتىيات قىلىش، چاندۇرۇشما دېسەم ئاڭلاشماپسەنغۇ ياغاچ قۇلاقلار ، قويلار بىزنىڭ ئەپتىبەشىرىمىزنى بىلىپ قالغاندەك قىلىدۇ.
- ئاپلا، يامان بولاپتۇ، ئەمدى قانداق قىلەارمىز؟
- قانداق قىلاتتۇق –دەپتۇ قوينى بوغۇپ ئۆلتۈرۈپ يىيشتە قاغدالما بولۇپ كەتكەن بىر قېرى بۆرە – قوي توپىغا ، قوي تىرىسىنى كىيىپ ھوجۇم قىلىڭلار مانا بۇ ئىنسانلارنىڭ گېپى بويۇنچە ‹ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش › دەپ ئاتىلىدۇ –دەپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن تۇيۇقسىزلا يوقاپ كېتىدىغان قوي- قوزىلارنىڭ سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپۈيۈپ ، قويلارنىڭ تەشۋىشى كۈچۈيۈپتۇ. كۆك قوچقار دەرھال بۇ ئىشنىڭ ئالدىنى ئالمىسا ئەقىۋەتنىڭ تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ، قاراۋۇللۇقنى كۈچەيتىپتۇ. كۈزەتچىلەر ، كۆك قوچقارغا بىر نەچچە قوينىڭ قوزىلارنى چىشلەپ سۆرىگىنىچە كېتىۋاتقانلىقىدەك خەلىتە بىر شۇم خەۋەرنى يەتكۈزۈپتۇ. لېكىن كۆك قوچقار ئۇلارنىڭ گېپىگە زادىلا ئىشەنمەپتۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ قاتتىق تۇرىۋېلىشى بىلەن ئۇلار بىلەن كۈزەتچىلىكتە تۇرۇپتۇ. بىر نەچچە كۈن تىمتاس ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ بىر نەچچە قوينىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنى چىشلەپ سۆرىگىنىچە كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قاپتۇ-دە، جىددى يىغىن چاقرىپ ، قاتتىق سۈرۈشتە قىلىپ ، ھىچقانداق يىپ ئۇچىغا ئىرىشەلمەپتۇ . لېكىن ئۆزى نازارەتچىلىكنى قاتتىق كۈچەيتىپتۇ. بىر كۈنى بىر نەچچە بۆرىنىڭ قوي توپىغا قاراپ سوكۇلداپ كېلاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. ئۇلارنى قاتتىق كۈزۈتۈپتۇ. بۆرىلەر نىشانغا يېقىن كېلىپ شاپپىدە توختاپ ، بىر يەرنى كولاپ ، ھەر بىرىنى بىردىن قوي تىرىسىنى ئېلىپ ئۈستىگە يېپىپتۇ-دە، قويلار توپىغا قاراپ قەدەملىرىنى يۆتكەپتۇ. كۆك قوچقارنىڭ يۈرەك باغرى چۇغۇرۇلۇپ چىقىپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ قاتتىق ئازاپلىنىپتۇ ، بۆرىلەرنىڭ ياغلىما گەپلىرىگە ئالدىنىپ ئۇلار بىلەن توختامنامە تۈزگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ.