مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 2118|ئىنكاس: 30

ياغلىقتىن تۇغۇلغان ئويلار [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78449
يازما سانى: 66
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1006
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 210 سائەت
تىزىم: 2012-4-6
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 05:09:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ياغلىقتىن تۇغۇلغان ئويلار

        ئانىقىز ئېزىز ئىلتەرىش


‹‹ تارىخ ئىنسان پائالىيىتىنىڭ ئۇمۇمىيى ئېقىنىدىن ئىبارەت ››(ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن) مەن تارىخچى ئەمەس،ئەمما تارىخقا قىزىقىمەن.ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىسىل ئۆرپە-ئادەتلىرى مېنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىدۇ. ئۇزاق زامانلاردىن بېرى خەلقىمىزنىڭ ئەقىل-پاراستى،قان تەرى سىڭگەن،تۇرلۇك سىناق،بۇران-چاپقۇنلاردا تاۋلىنىپ،ئامان- ئېسەن ھالدا بۇگۇنكى دەۋىرگىچە يىتىپ كەلگەن،جەزبىدارلىقى،خىسلەتلىكى،ئۇلۇغلىقى بىلەن خەلقىمىزنىڭ تۇتىيا بىلىشىگە مۇيەسسەر بولغان،ئىپتىدائى دەۋىرلەردە مۇجىزە كەبى رۇياپقا چىقىپ زامانىۋىلىققا تولغان دەۋىردە يەنىلا ئۆز قىممىتىنى نامايەن قىلىۋاتقان سەرخىل مەدەنىيەتلىرىمىز مېنى چوڭقۇر خىياللار قاينىمىغا چۇمدۇرىدۇ.بەزىلەرنىڭ مېنى سويۇندۇرگەن مەدەنىيەتلىرىمىز ھەققىدە ئېيتقان غەشلىك پاراڭلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا گاھ تەپەككۇر دۇلدۇللىرىم قاناتلىنىپ تارىخقا قايتقاندەك بولىمەن.گاھ بەزىلەرگە مەدەنىيەت ۋە ئۆزىمىز ھەققىدە دەرىس ئۆتكۇم كېلىدۇ.

         يېقىندا بىر ئىلىمى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىپ قالىدىم. بۇيىغىلىنى ئۇيۇشتۇرغۇچى ئورۇندىكى مەسئۇل خادىم يىغلشقا قاتناشقانلارنى تۇنۇشتۇرغاندا بەزىلەر ماڭا ئەجەپلىنەرلىك نەزەر بىلەن قاراۋاتقانلىقىدىن غەلىتلىك  ھېس قىلىپ قالغان ئىدىم.يىغىلشنىڭ ئارلىقىدا بەزى ئاياللار ماڭا ئۇدۇللا :<<بىز سىزنىڭ يازغان ماقالىلىرىڭىزنى كۆپ ئوقىغان بولساقمۇ ،ئەمما ئۆزىڭىزنى كۆرمەپتىكەنمىز.مەسئۇل خادىم سىزنى تۇنۇشتۇرۇشتىن ئىلگىرى سىزنى بىرەر دېھقان ئايال ھەۋەسكار ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمىز.بىز سىزنى بۇنداق ئاددى-ساددا كىيىنىدۇ، سەھرانىڭ ئېتىزلىرىدا ئىشلەيدىغان دېھقان قىزلىرىدەك ياغلىق ئارتىدۇ دەپ ئويلاپ باقماپتىمىز.سىزنى تۇنۇشتۇرغاندا ھەيران قالدۇق.ھازىرقىدەك گۈزەللىك قۇغلىشىدىغان دەۋىردە بىر قەلىمكەشنىڭ ياغلىق ئارتىشى كىشىنى ھەيران قالدۇرماي قالمايدۇ>>دېيىشتى.يىغىلىشقا قاتناشقانلارنىڭ كۆپىنىچسى قىز-ئاياللار ئىكەن.بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالغىنى پەقەت مەن ئىكەنمەن.

بۇنداق گەپنى تۇنجى قېتىم ئاڭلاۋاتقىنىم يوق.بىر ۋاقىتتا بىرەيلەنمۇ مېنى<<سىزمۇ بىرنەرسە يازىدىغان قەلەمكەشمۇ؟ سىزنى تۇرقىڭىزغا قاراپ ھېچ كىشى قەلەمكەش،ئۇقۇتقۇچى دېمەيدۇ>>دېگەن ئىدى.<<نېمىشقا ئۇنداق دەيسىز،بىرنەرسە يازىدىغان ئادەمنىڭ پىشانىسىگە يېزىقلىق بولامدىكەن>>دەپ سورىغىنمدا ،ئۇ كىشى:<<ھازىر زىيالىلار تۈگۈل ئادەتتكى قىز- ئاياللارمۇ ياغلىق ئارتىمايۋاتسا،سىزنىڭ ياغلىقىڭىزغا قاراپ شۇنداق گۇمانغا كەلمەمدۇكىشى.ياغلىق دېگەننى سەھرادىكى چوڭ ئاياللار ئارتىدۇ.سەھرادىكى ياش قىز-چوكانلارمۇ زامانىۋىلىشىۋاتىدۇ،ئەمما سىز بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئىكەنسز>>دېگەن ئىدى.مەن ئۇلارنىڭ نەزىرىدە توپا-تۇمانغا مىلىنىپ ئېتىزدا ئىشلەيدىغان دېھقان قىزى،زامانىۋى دەۋىردىكى مەدەنىيەتتىن خالي"مەدەنىيەتسىز''گە ئوخشاپ قالغان بولسام كېرەك.ئۇلارنىڭ مېنى ئۇنداق ئوخشىتىشلىرىنى كۆڭلىمگە ئېلىپ كەتمەيمەن. چۇنكى مەن بىر سەھرا قىزى.ئاتا-ئانام دېھقان.مەنمۇ  پات-پات دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا ئارلىشىپ تۇرىمەن.مېنىڭ قېنىمدا ئېقىۋاتقىنى ھالال نىيەتلىك ،مېھنەتكەش دېھقاننىڭ قېنى. ھېلھەممۇ بۇلۇق ئۆسكەن مايسىلارغا ،ئالتۇندەك باشاقلارغا ، قىش كۇنلىرى ئاپپاق قارغا پۇركەنگەن  ئېتىزلارنى ھەپتىدە بىر كۆرمىسەم كۆڭلۇم ئارام تاپمايدۇ.تەپەككۇرلىرىم تورمۇزلىنىپ قالىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئۇلار مېنى دېھقانغا ئوخشاتسا قانداقمۇ ئاچچىغىم كەلسۇن.ئۇلارنىڭ مېنىڭدەك بىر دېھقان قىزىنى بايقىۋالغانلىقىدىن كۆڭلۇم سۇيۇنسىمۇ دېھقان قىز-ئاياللىرىنىڭ ياغلىق ئارتىشنى زامانىۋىلىققا قارشى،مەدەنىيەت يۇقمىغان دېگەنلىرگە ئاچچىغىم كەلدى.مېنىڭ بۇنداق ئاچچىغىم تۇتىشى پەقەت مۇشۇ قېتىملا ئەمەس.بەزىلەرنىڭ مېنىڭ بېشىمدىكى ياغلىقنى كۆرۇپ <<ئالىي مەكتەپتە ئوقىمىغان،مەدەنىيەت يوقمىغان ئادەمدەك ياغلىق ئارتىۋالغىنىڭىز نېمىسى،سىزمۇ ياغلقنى ئېلىۋىتىپ چاچلىرىڭىزنى بۇدىرە قىلىپ يۇرمەمسىز.بۇنداق ياغلىق ئارتىۋالسىڭىز سىزنى كىممۇ ئۇقۇتقۇچى دەيدۇ.قاچانغىچە شەھەرنىڭ تۇپىسىنى يۇقتۇرماي، سەھرانىڭ تۇپىسى بىلەن يۇرىسىز>>دەپ ئەيىپلىشىگە كۆپ ئۇچىرىغانمەن.مېنىڭ كاللامدا "ئەجداتلىرىمىز ئەزەلدىن ئارتىپ كەلگەن ياغلىق،بۈگۈنكى كۈندە زىيالىلارنىڭ نەزىرىدە مەدەنىيەتسىز دېھقانلارنىڭ باش كىيىمىگە ئايلىنىپ قالدىمۇ؟ دېھقان قىز-ئاياللار ياغلىق ئارتىسا مەدەنىيەتسىز بۇلۇپ، ياغلىقنى تاشلىۋەتسە مەدەنىيەتلىك بولامدىكەن؟ئۇنداقتا مەدەنىيەتلىكلەرنى مەدەنىيەتسىزلەر بېقىۋېتىپتۇ-دە" دېگەندەك خىياللار نېرى كەتمەيدىغان بۇلىۋالدى.

  قايسى بىر دانا "دېھقىنى بار مىللەت يوقالمايدۇ''دېگەنكەن. بۇنىڭ ھەقىقەتلىكى بۈگۈنكى كۈندە ئىسپاتلىنىۋاتىدۇ. كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق ئىسپاتلىندۇ.دېھقانلار كۇرۇمسىز بولغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ كۆڭلى ئەڭ ساپ.شۇڭلاشقا ئۇلاردا غەيرى مەدەنىيەت ،غەيرى ئادەتلەرگە قارشى تۇرۇش روھى كۇچلۇك. ئەجدادلاردىن قالغان ئۇدۇمنى قوغداشنى مۇقەددەس بىلىدۇ. تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۇپ ھەقىقەتلىكى ئىسپاتلانغان نەرسىلەرنى ئۇلار غەيرى ئىدىيە،غەيرى ئادەتلەر تۇپەيلىدىن چۆرىۋىتىشنى نۇمۇسسىزلىق،مەسئۇلىيەتسىزلىك،ئاڭسىزلىق دەپ قارايدۇ.ئۇلار ساپ مەدەنىيەتنى ئەبجەش قىلشقا چىش- تىرنىقى بىلەن قارشى.شۇڭا ئۇلار غەيرى كىيىنگەن ،غەيرى ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغانلارنى كۆرسە"توۋا"دەپ ياقىسىنى تۇتىدۇ.بۇ ئۇزىنى مەدەنىيەتلىك دەپ قاراۋاتقان ھۆكىمەت ئىشتاتىدىكى كىشلەر ئۈچۈن ئەخمەقلىق،نادانلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارىلىدىغان ئىشتۇر.ئۇلارنىڭ "توۋا"ئېيتىپ ياقىسىنى تۇتىشى ئۇلاردا بەلگىلىك نۇمۇس تۇيغۇسى،گۇناھ تۇيغۇسى بارلىغىنى چۇشەندۇرىدۇ.مۇشۇنداق ئەھۋالدا شايى،ھېلىلە،يىپەك ياغلىق ئارتقان،ياغلىق ئارقىلىق ھۆسنىگە ھۆسۇن ئېلىۋاتقان قىز-ئاياللىرىمىزنى قانداقمۇ مەدەنىيەتسىز دېگىلى بولسۇن؟ ياغلىق ئارتىش مەدەنىيەتسىزلىكنىڭ ،خۇراپاتلىقنىڭ بەلگىسى دەپ قارالسا ئۇيغۇر يېڭى مائارىپنىڭ بۇشىكى بولغان "ھۆسەيىنىيە "مەكتىۋىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئۇيغۇر خانىم –قىزلىرى ئىچىدىكى تۇنجى ئۇقۇتقۇچىلىق بىلەن شۇغۇللانغۇچى راھىلە خانىم ياغلىقنى بېشىدىن چۇرىۋەتمەسمىدى؟ خەلق ئۇسۇللرىنى ئۇينىغۇچىلار سەھنىگە ياغلىق ئارتىپ چىقشتىن باش تارتماسمىدى؟

    ياغلىق بىر قارىسا شۇنداق ئاددى نەرسە.ئۇ پەقەت بىر باش كىيىمىدىنلا ئىبارەت.ئەمما سەگەك كاللا ،پەلسەپىۋى پىكىر قىلش نۇقتىسىدىن قارىغاندا ياغلىققا  نۇرغۇنلىغان سىرلار يۇشۇرنغان.ياغلىق ئۇ گۈزەللىك ئەلچىسى.نۇرغۇن قىز- چوكانلىرىمىز رەڭگارەك ياغلىقلارنى ئارتىۋالسا تېخىمۇ جەلىپكارلىشىدۇ.نۇرغۇن ئەيىپلەرنى ياغلىق بېسىپ ئۇلارنى جەزبىدار قىلىدۇ.ياغلىق ئارقىلىق باشقا نەرسىلەردىن تاپالمىغان گۈزەللىكنى تېپىپ گۈزەللىك ئىستىكىنى قاندۇرىدۇ.ھەتتا ياۋرۇپانىڭ مودا كىيىم ھەپتلىكلىرىدە بەزى مۇدىللارنىڭ كىيىمىگە ماسلاشقان ياغلىق،شارپىلارنى بېشىغا ئارتىپ،مۇرە يېپىنچا قىلىپ سەھنىگە چىقىۋاتقانلىقىنى پات-پات ئۇچۇرتىپ تۇرىمىز.

     ياغلىققا قىز-ئاياللارنىڭ شەرمئى-ھايالىقى،ئار-نۇمۇسى ،ئەقىدىسى،پاكلىقى سىڭگەن.بۇ گەپ بولۇنسا بەزىلەر ياغلىق ئارتمىغان قىز-ئاياللار بۇزۇقمىكەن،ياغلىق ئارتىۋېلىپ ھەر نۇمۇسسىزلىقلارنى قىلۋاتقان قىز-ئاياللارمۇ بارغۇ؟ نۇمۇس ياغلىقتىمۇ ياكى رۇھتىمۇ؟دېيىشى ئېنىق.بىزنىڭ بۇ سۆزىمىز ھەرگىزمۇ بېشىغا ياغلىق ئارتمىغان قىز-ئاياللارنى خاتا چۇشۇنىدىغان مەنىنى بىلدۇرمەيدۇ.ياغلىق ئۇ بىر بۇيۇم.ئاتا- بوۋىلارنىڭ نەزىرىدە ياغلىق نۇمۇسچان،غۇرۇرلۇق،دىيانەتلىك قىز –ئاياللارنىڭ بېشىغا ئارتىشقا لايىق بولغان قىممەتلىك ئەڭگۇشتەر ھېساپلانغان.ياغلىق قىز-ئاياللارغا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى،ئۆزىدە قانداق خىسلەت ۋە ھېكمەتلەرنى ھازىرلاشنىڭ زورۇرلىكىنى ئاگاھلاندۇردىغان ئەخلاق ئەينىكىدۇر. قىز-ئاياللار بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالغان ئىكەن ياغلىققا چۇشلۇق ئىش-ھەركەت،ياغلىققا لايىق روھى دۇنيا يىتىلدۇرۇشى كېرەك.ياغلىق ئارتىپ تۇرۇپ ياغلىققا داغ كەلتۇرگەن زىيالىلارغا خاتا چۇشەنچە بەرگەن قىز-ئاياللار ياغلىقنىڭ خاسىيىتىنى چۇشەنمەيدىغان ياغلىق ئارتىشقا مۇناسىپ كەلمەيدىغانلاردۇر.    ياغلىق كۆرگەنلا ئادەم ئارتىسا بولىۋىرىدىغان نەرسە ئەمەس.رۇس ئاياللىرىمۇ ياغلىق ئارتىدۇ.شىمالى ياۋرۇپادىكى ئاياللارمۇ ياغلىق ئارتىدۇ.ئۇلارنىڭ ياغلىق ئارتىش ئېڭى سوغۇقتىن مۇداپىيلىنشتىن باشقا سەۋەپلەرمۇ بولىشى مۇمكىن.ئەمما بىزنىڭ ياغلىق ئارتىش  ئېڭىمىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ ياغلىققا سىڭگەن ئەقىل-پاراسىتى،قان- تەرى،روھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

    ياغلىقنىڭ ئاياللارنى سوغۇقتىن ساقلاپ،چاچلىرىنى تۇپا- تۇماندىن خالىي قىلدىغانلىقى راست.تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ قىرقى تۇشقىچە ياغلىقنى مەھكەم چىگىشى،ئادەمنىڭ بېشى ئاغرىغاندا ياغلىقىنى مەھكەم چىگىۋالسا ئۇنىمى بۇلىدىغانلىقى ياغلىقنىڭ تىبابەتتىمۇ بەلگىلىك رول ئۇينايدىغانلىقىنى چۇشەندۇرسە كېرەك.

  باشتا ئېيىتقاندەك مەن تارىخچى ئەمەس.ياغلىقنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى ،ئۇنىڭ يەنە قانداق خىسلەتلىرى بارلىقىنى تەتقىق قىلىشقا مېنىڭ چىشىم پاتمايدۇ.ئەمما كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىم،ھېس قىلغانلىرىمغا قارىغاندا ياغلىق ئۇنداق ئاددى نەرسە ئەمەس.

"ئۇزاق تارىخنى ئۆز بېشىدىن كەچۇرمىگەن مەدەنىيەت پىشىپ يىتىلمىگەن مەدەنىيەتتۇر.ئۇزاق تارىخ ئىسىل مەدەنىيەت قاتلىمىنى ئاپىرىدە قىلىدۇ"(ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىن)  ياغلىق ئۇ بىر مەدەنىيەت بويىمى.ئۇنىڭ ھەربىر يۇلى،گۈلدە تارىخنىڭ ئىزناسى بار،ياغلىق بەزىلەر ئۈچۈن باش كېيىمى ھېساپلانسا،بەزىلەر ئۈچۈن ئەسكى-تۇسكى كېيىملەرنى جىمىقتۇردىغان بوخچا خالاس.بىر مەدەنىيەت خادىمى ئۈچۈن تەتقىقان بازىسى،كىتاپ يازىدىغان خۇرۇچ،بايلىق قازىدىغان كاندۇر.بىر سەنئەتچى ئۈچۈن مىلليلىك پۇرقىنى نامايەن قىلىدىغان گۈزەللىك تاجىسىدۇر.

   بەزىلەر ياغلىق ئادەمنىڭ سالاھيىتىگە تاقىلىدىكەن،نۇرغۇن ئىشتا ئادەمنى چەكلىمىگە ئۇچىرىتىدىكەن،تەرەققىياتتىن مەھرۇم قالدۇردىكەن دېيىشى مۇمكىن.ئۆزۇمنى ئېيتسام مەيلى ئۇرۇمچىدە بولسۇن،مەيلى ئۆزۇم تۇرىۋاتقان دىياردا بولسۇن بىرەر ئىدارىگە بىرسىنى ئىزدەپ بارسام بېشىمغا قاراپلا قۇغداش خادىمىنىڭ ماڭا سۇغۇق مۇئامىلدە بولغانلىقى راست.بۇ ياغلىقنىڭ گۇناھى ئەمەس.شۇ كىشلەرنىڭ ياغلىققا بولغان چۇشەنچىسىنىڭ بىر تەرەپلىملىكىدۇر.ياغلىق بىر ئادەمنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ دېگەن گەپكە مەن ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. بىنگالنىڭ زۇڭلىسى خالىدە زىياغىمۇ ياغلىق تەرەققى قىلىش پۇرسىتى ئېلىپ كەپتىكەنغۇ.

    بىز ياغلىق ھەققىدە غەشلىك پاراڭلارنى ئاڭلىغىنىمىزدا بۇزۇكۇۋار مۇمىلارنى ياغلىقسىز،سارغۇچسىز تەسەۋۇر قىلالمايمىز. داڭلىق ئۇسۇل پىشىۋاسى قەمبەر خانىممۇ مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى سەھنىلەردە ئۆز ئۇسۇلىدا ئۇيغۇر ياغلىقىنىڭ نەپسلىكىنى باشقىلارغا تۇنتقانلقىنى ئىنكار قىلالمايمىز.

     ئىقتىساد يەر شارىلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مىللى مەدەنىيەتلەر يات مەدەنىيەتلەرنىڭ ھوجىمىغا ئۇچىرىماقتا. ياغلىقتەك مىللى مەدەنىيەتلەرنىڭ بىر قىسىم كىشلەر تەرپىدىن ئۇنتلىشى ھەرگىزمۇ ياغلىقنىڭ زامانىۋى دەۋىردە ئۆز قىممىتىنى ،گۈزەللىكىنى،خاسىيىتىنى يۇقاتقانلىقىنى چۇشەندۇرمەيدۇ. بۇ ئۆزلىكنى يۇقاتقان كىشلەر پەيدا قىلغان كىرزىستۇر.بىزدە "بىر خار بولغان بىر ئەزىز بولۇر''دەيدىغان گەپ بار.ياغلىقنى تاشلىۋەتكەنلەر چۇقۇم ئۇنىڭ قىممىتىنى،ئەھمىيىتىنى تۇنۇپ ،قلىغان،ئەتكەنلىرىگە توۋا قىلىدۇ.ياغلىق شۇ چاغدا ئەتىۋارلىنىدۇ.

   بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ياغلىق ماڭا ياراشماسلىقى مۇمكىن. بۇ بەلكىم مېنىڭ ئۆزۇمگە يارشىدىغان ياغلىقنىڭ خىلىنى تاپالمىغانلىقىمىدىن بولۇشى مۇمكىن.ئەمما  مەن ياغلىقىنى سۆيىمەن.ياغلىققا بولغان ئەقىدەم چوڭقۇر.ياغلىقنى ئېلىۋەتسەم خۇددى يالىڭاچ كۇچىغا چىقىپ ئۇياتقا قالغان ئادەمدەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمەن. ياغلىق ماڭا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇرىدۇ.مېنى گۇناھلاردىن ئاگاھلاندۇرىدۇ.ماڭا نۇزۇگۇم،ئاماننىسا روھىنى ئەسكەرتىدۇ.ھەركىمىنىڭ نېمىنى تاللىشى ئۆزىگە باغلىق.ئەمما باشقىلارنىڭ چاك باسماس گەپلەرنى قىلىپ ،ياغلىقنى كەمسىتىشىگە،ئۇنى سۇندۇرشىغا ،ھاقارەتلىك ئىشلارنى قىلشىغا مېنىڭ غۇرۇرۇم چىدىمايدۇ.بۇنىڭغا مېنىڭلا ئەمەس ،ھەرقانداق غۇرۇرلۇق قىز-چوكانلار چىدىمايدۇ.شۇنداقمۇ سۇيۇملۈك قىز چوكانلار .

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   كەپتەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 07:25 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 195
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1932
تۆھپە نۇمۇرى: 1
توردا: 148 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 07:36:51 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانقىز ئەزىز ئىلتەرىش خانىمنىڭ ئىجادىيىتگە ئۇتۇق تىلەيمىز...

ئەسەرلىرىمنى رۇخسىتىمسىز كۆچۈرمەڭ،ئىجادىي ئەمگىكىمگە ھۆرمەت قىلىڭ  1420115581
http://www.uygurqa.com
http://kalamiy.33591.com

ھاجىتىڭنى ھاجەت

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 22923
يازما سانى: 341
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1129
تۆھپە نۇمۇرى: 266
توردا: 5618 سائەت
تىزىم: 2010-12-19
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 07:40:16 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
دىگەنلىرىڭىز بەرھەق،ئەجەپ كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلىپسىز. باشقىلارنىڭ ياغلىق ئارتش-ئارتماسلىقى ئۆزىنىڭ ئىشى،بىز ئۆزىمىز مەسئۇل كىشلەرگە بۇ توغۇرلۇق نەسىھەت قىلىش مەسئۇلىيتىمىزمۇ بار ئەلۋەتتە.ئەمما بەزەنلەرنىڭ ئۆزىنى بلىپ يۈرمەي بىزنىڭ ياغلىقىمىز بىلەن قېلىشى جېنىمغا تىگىدۇ دىسە..........!!!  ياغلىق قىز كۆرۈكى ئەسلى بىلسە،ياغلىقنىڭ ھوزۇرىنى ياغلىققا ئەقىدە باغلىغانلار چۈشەنمىسە باشقىلار چۈشەنمەيدۇ جۇمۇ،ياغلىق ئاللىقاچان مىنىڭ ئايرىلالمايدىغان بىر ئەزايىمغا ئايلىنىپ كەتكەن،خۇددى بەش ئەزايمىزنىڭ بىرەرسى يارلانسا قانداق ئازاپلىنىپ كەتكىمىزگە ئوخشاش ،ياغلىق بېشىمدىن ئايرىلسا مەنمۇ شۇنداق ھىسياتتا بۇلىمەن.

ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
mostafa + 13 اللە رەھمەت قىلسۇن، ا.

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 13   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57921
يازما سانى: 306
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2151
تۆھپە نۇمۇرى: 210
توردا: 2007 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 08:16:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مەن ئۆتكەندە ما ئۈرۈمچىدە بىر يىراقراق تۇققىنىمىزنى ئۇچرىتىپ قالدىم ،سالامنىمۇ تۈزۈك قىلمايلا ئىچكىرىدە ئوقۇيدىغان قىزچاق تۇرۇپ نېمە سەھرالىقتەك ياغلىق چىگىۋالدىڭىز ؟دەيدۇ .
ئارتۇق گەپ قىلمىدىم ، ھە ئايالىڭىز شۇڭا ئۈرۈمچىگە كېلىپلا ياغلىقىنى چۆرۈپ تاشلىۋېتىپتىكەندە دېدىم ئىچىمدە .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72309
يازما سانى: 124
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1157
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 157 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 09:12:00 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياغلىق چىگىدىغان قىزلارنىڭ كۆپنىچىسى شۇنداق كەمسىتىشكە ئۇچرايدىكەن.مەنمۇ گەرچە ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇپ كەلگەن بولساممۇ،لىكىن خەقنىڭ كۆزىگە شۇنداق قالاق،ھچنىمنى بىلمەيدىغاندەك كۆرنەمدىمەنكى،ئىشقىلىپ ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغۇنۇمغا ئىشەنمەيدىغاندەكلا گەپلەرنى قىلىدۇ.مۇشۇ ياغلىقمنى بېشىمدىن ئالماسلىق ئۈچۈنمۇ ئاز جاپا تارتمىدىم.ھەيرانمەن بىزلەرگە.باشقا مىللەتلەر ئۆزىنىڭ ھەرقانداق كىيمىنى كىيسە ئۇنىڭغا ھېچكىم گەپ قىلمايدۇ،لىكىن بىز ياغلىق ئارتساق ئۆزىمىزنىڭ ئىچدىن چىققان دۈشمەنلەرنىڭ زەربىسگە ئۇچرايدىكەنمىز.يەنە نۇرغۇن گەپلىرىم باتتى،دىسەم بەك قايناپ كەتكىدەكمەن.مۇشۇنچىلىك سۆزلەي.ئاللاھ شۇنداق ياغىلىق چىگىدىغان قىزلارنىڭ كۆڭلىگە ئىنساپ بەرسۇن،ياغلىقنڭ قەدىر-قىممىتنى بىلىپ چىگىشگە نىسىپ قىلسۇن.(.امىن)

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57313
يازما سانى: 94
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 560
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1020 سائەت
تىزىم: 2011-9-20
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 09:28:17 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياغلىق چىگىۋاتقان قىز-ئاياللىرىمىز، مەن بىر ئەر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىلەرنى قوللايمەن. چېچىڭلارنى تولۇق يۆگەپ چىگىپ، ھەقىقى مۇسۇلمان قىز-ئاياللىرىدەك يۈرۈشۈڭلارنى، ھەم ئىسلامىي، ھەم مىللىي كىيىم بولغان ئاشۇ ياغلىقنى چىرايلىق چىگىپ، ئاشۇ تۇرقۇڭلارغا يۈزكىلەلىگۈدەك گۈزەل ئەخلاق، مۇستەھكەم ئىمان بىلەن ياشىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 77386
يازما سانى: 72
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 338
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2012-3-13
ئاخىرقى: 2012-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 10:44:57 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئانىقىز ئېزىز ئىلتەرىش دىگەن ئىسمنى ئەمدى ئاڭلىشىم، بەلكىم تۇنۇلىۋاتقان ھەۋەسكار بولساكىرەك.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   altiwip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 10:47 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 74491
يازما سانى: 32
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 171
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 84 سائەت
تىزىم: 2012-2-1
ئاخىرقى: 2012-5-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:11:13 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئۇلۇغ ئاللا ھەممە قىز-ئاياللىرىمىزنى مۇشۇ ياغلىقتىن ئايرىمىسۇن  ھەم مۇستەھكەم ئىمان ئاتا قىلسۇن ، ئۆزىمىزگىمۇ شۇنداق يارىشىدۇ بۇ ياغلىق .   

ئىمان نۇرى ھەممە كىشىلەر قەلبىدە چاقنىسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76230
يازما سانى: 98
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 592
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 24 سائەت
تىزىم: 2012-2-19
ئاخىرقى: 2012-6-21
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:29:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىزنىڭ شىنجاڭ تىببىي ئۇنۋېرسىتىتىدا ياغلىق ئارتسا بولمايدۇ، بولمىسا سىنىپنىڭ ئومۇمىي نومۇرىدىن تارتىمىز دەپ بەلگىلمە چىقىرۋاپتۇ ماۋۇ «ياخشى نىيەتلىك» كىشلىرىمىز...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3961
يازما سانى: 531
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 22228
تۆھپە نۇمۇرى: 2998
توردا: 3508 سائەت
تىزىم: 2010-7-14
ئاخىرقى: 2012-6-20
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 12:08:17 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
زالىملارنىڭ قىلمىشلىرىدىن اﷲ نى بىخەۋەر دەپ ئويلىمىغىن، اﷲ ئۇلارنى جازالاشنى كۆزلەر چەكچىيىپ قالىدىغان كۈنىگىچە(يەنى قىيامەت كۈنىگىچە) كېچىكتۈرىدۇ.(قۇرئان كەرىم-سۈرە ئىبراھىم42-ئايەت).

ئاندىن ئەڭ تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز .(قۇرئان كەرىم-سۈرە مەريەم 72-ئايەت)

شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى(قۇرئان كەرىمنى-ئىسلام دىننى) ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. اﷲ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.(قۇرئان كەرىم- سۈرە نىسا 56-ئايەت)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jangqi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-16 12:12 AM  


ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش