جەنۇبىي ئاسىيا كېسەل كۆرپىسىنى قۇتقۇزۇش ئاپتورى: شېھىد جاۋىد بۇركى (تەرجىمىدە:نەپرەت2009)
پاكىستان بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ چوڭ بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈرمەكتە. بۇ بۇرۇلۇشلارنىڭ قانداق تەرەققىي قىلىشى پاكىستاننىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە كۆپ قىسىم مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا تەسر كۆرسىتىدۇ، بولۇپمۇ ئەرەب باھارىدا ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى نۇرغۇن ھۆكۈمەتلەر ئالمىشىۋاتقان ۋاقىتتا تېخىمۇ شۇنداق بولىدۇ. كۆپ قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنى مۇستەبىتلەر ئۇزۇن يىل ئىدارە قىلغان، بۇ كىشىلەر يا بىۋاستە ئارمىيەدىن باش كۆتۈرگەن يا ئارقىسىدا ئارمىيەنىڭ كۈچلۈك قوللىشى بار. ئىلگىرىكى مىسىر، لىۋىيە، يەمەن ۋە سۇرىيەلەرمۇ شۇنداق ئىدى. ئەلۋەتتە، پاكىستانمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ سىياسىينى ھەربىيسىزلەشتۈرىشى ئەرەب باھارى بۇ خىل ھۆكۈمرانلىقنىڭ ساختا قانۇنلۇقلىقىنى گۆرىگە تىقىۋەتتى. ئەمما پاكىستاندا، ھەربىي ھۆكۈمرانلىقنىڭ قانۇنلۇقلىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەمەلىيەتتە 3 يىل ئىلگىرى باشلاندى، بۇ خىل ئىسلاھاتچى كۈچنىڭ مەنبەسىمۇ ئەرەب باھارى بىلەن كۆپ جەھەتتە ئوخشاش بولۇپ-پائالىيەتچان ھەمدە مۇۋاپىقىيەتلىك ھەرىكەتكە كەلگەن يېڭى ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە سىنىپىدۇر. نەچچە ئون يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا سىياسىئونى سامۇئېل خانتىڭتون ئاجىز ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى سىياسىي مۇقىملىق ئېلىپ كېلىشىنىڭ ناتايىن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن ئىدى. ئەكسىچە، بۇ خىل ئەھۋالدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئېھتىمال (ھەمدە) دائىم سىياسىي داۋلغۇشنى كەلتۈرۈپ چىقرىدۇ. بۇ يەكۈن 1990-يىللاردىكى تۈركىيە ھەمدە 2000-يىللارنىڭ دەسلىپىدىكى پاكىستاندا رېئاللىققا ئايلاندى، كېيىن ئەرەب دۇنياسىدا توغرا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئەمەلىيەتتە، كىشىنىڭ كۆزىنىنى قاماشتۇرىدىغان ئىقتىسادىي ئېىشىش ئېلىپ كەلگىنى مىسىر ۋە تۇنىستىكى ئەرەب ياشلىرىدا ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈلىۋاتقان ئارزۇ-ئىستەك بولۇپ (كۈتۈلمە)، ھەم كېيىن ئەرەب باھارىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ خىل كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئارۇ-ئىستەك (كۈتۈلمە) نى مۇسۇلمان دۆلەتلىرىنىڭ ھەممە يېرىدە كۆرگىلى بولىدۇ. دەل سامۇئېل خانتىڭتون ئېيتىپ ئۆتكىنىدەك، ياشلار ئىقتىسادىي ئېشىشنى كۆرۈپ يەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئىقتىسادتىلا ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرى بىلەن ئالاقىدار بولغان تەدبىر بەلگىلەشكە قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما ئارمىيە ماسلاشقان سىياسىي تۈزۈلمە بۇ خىل ئېھتىماللىقنى چەتكە قاققان بولىدۇ. شۇڭا، ئىقتىسادنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، سىياسىينى ھەربىيسىزلەشتۈرۈش ھەربىيلەر باشقۇرۇۋاتقان بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرى-ھىندونوزېيەدىن ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىغىچە بولغان ئاممىنىڭ ساداسى بولۇپ قالدى. ھەتتا ئىراندىن ئىبارەت ئىنقىلابىي قوغدىنىش ئارمىيىسى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئۈچتىن بىر ئىقتىسادىنى كونترول قىلىدىغان دۆلەتمۇ تەسىرگە ئۇچرىدى-2009-يىلدىكى پرېزىدېنت سايلىمى تېھران ھەمدە ھەر قاسي شەھەرلەردە كۆڭ كۆلەملىك ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما ھەربىيسىزلەشتۈرۈش ھوقۇقنى ۋە تەدبىر بەلگىلەشنى ئارمىيەدىن سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كېلىدىغان پارلامېنتقا ئۈزلۈكسىز ئۆتكۈزۈپ بېرىشتۇر. ئەمم يېڭى كىتاب «دۆلەت نېمىشقا مەغلۇپ بولىدۇ» دە، ئىقتىسادشۇناس دارون (Daron Acemoglu) ۋە جامېس روبىنسون (James Robinson) سايلام ئادىل ۋە ئەركىن بولغان تەغدىردىمۇ، جەمئىيەتنى «سىقىپ چىقىرىشچان» (extractive) تۈزۈلمىدىن «سىغدۇرۇشچان» (inclusive) تۈزۈلمىگە ئۆزگەرتەلىشى ناتايىن دەپ قارىغان ئىدى. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر سىياسىي تۈزۈلمىنى كونترول قىلىدىن ئادەم دەۋرىيلىك سايلام ئۆتكۈزۈشتىن سىرت باشقا چەكلىمىگە ئۇچرىمىسا، ئۇنداقتا دۆلەت بايلىقىنى شىلىۋېلىپ سەرخىلارغا مۇلازىمەت قىلىدىغان ئەھۋال دېموكراتىك جەمئىيەتتىمۇ يۈز بېرىدۇ. پاكىستاننىڭ ھەربىيسىزلەشتۈرگەندىن كېيىنكى سىياسىي ئىسلاھاتى بۇمۇ مېخانىمىزم ئورنىتىپ سەرخىللار قاتلىمىنىڭ قىلمىشىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبى. بۇ خىل مېخانىزىمغا قارىتىلغان ئىزدىنىش بۈگۈنكى پاكىستاندا قانات يايدۇرۇلدى. پاكىستاندا، ئاۋامنىڭ ئىشەنچىسىدىن ئايرىلىپ قالغان ئارمىيە جامائەت پىكىرىنىڭ بېىسىمىدا ھوقۇقتىن ۋاز كېچىپ، خەلق سايلىغان ۋەكىللەرگە سىياسىي بوشلۇق يارىتىپ بەردى. ئۇلار كونترول قىلىش ھوقۇقىغا (ئارمىيەنى كونترول قىلغىلى بولمىسىمۇ) ئېرىشتى، ئەمما ئاقىلانىلىك بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلمىدى. بۇ ۋەكىللەرنىڭ شەخسىي بايلىقى كۈنسېرى ئاشماقتا، باشقىلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسى بولسا ئالغا باسالمىدى، تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپى ھەتتا تېخىمۇ نامراتلىشىپ كەتتى. شۇڭا، پاكىستان سىياسىي بۇرۇلۇش ياساش داۋامىدا ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىشنى باشتىن كەچۈردى.
نەتىجىدە، پاكىستاننىڭ ئەدلىيە ساھەسى، ئاخبارات ۋە نۇرغۇن پۇقراۋى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ھازىر كۈچىنىڭ بارىچە ئارمىيەنى چەكلەپلا قالماستىن، يەنە يېڭى سىياسىي تۈزۈلمىدىكى تالان-تاراج قىلمىشىنى چەكلىدى. كۈنسېرى مۇستەھكەملىشىۋاتقان پاكىستان ئالىي سوتى قاراپ چىقىۋاتقان ئۈچ چوڭ دېلو ئېھتىمال پاكىستاننى ھەربىيسىزلەشتۈرۈش باسقۇچىدىن ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغۇچىلار ئۈنۈملۈك تەڭپۇڭلاشتۇرىدىغان مېخانىزمنى يولغا قويۇشقا قەدەم ئالغۇزۇشى مۇمكىن. بىرىنچى دېلو بولسا باش مىنىستىر گىلانى ھۆكۈمىتىگە بېسىم قىلىپ، شۋېتسارىيە سوتىنىڭ پرېزىدېنت زەردارىنى پۇل يۇيۇش ۋە ئاممىۋى فوندىنى قالايمىقان ئىشلىتىشنى ئەيىبلىگەنلىكىگە قارىتا قايتا سوراق قىلىشقا ئۇرۇنۇش. سوراق قىلىش زەردارى پرېزىدېنت بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بىلەن توختاپ قالغان ئىدى. ئىككىنچى دېلو بولسا ئالىي سوت پاكىستان ئارمىيىسى ئاخبارات ئورگانلىرى (جاسۇسلۇق ئورگىنى) نىڭ نەچچە يۈز نەپەر، ھەتتا نەچچە مىڭ نەپەر يوقاپ كەتكەن زاتنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ كىشىلەر ئاخبارات ئورگانلىرى ئىسلام ئاشقۇن كۈچلىرىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى باستۇرغاندا ياكى بالۇچىستان بۆلگۈنچى كۈچلىرىگە زەربە بەرگەندە قاماپ قويۇلغان ئىدى. ئۈچىنچى دېلو بولسا بىر سىياسىي زاتنىڭ نەچچە ئون يىل ئىلگىرى پاكىستاننىڭ «ئۈچ ئات ھارۋىسى» -پرېزىدېنت، باش مىنىستىر ۋە قوراللىق قىسىملارنىڭ باش قوماندانىنى كونترول قىلىۋېلىشىغا بولغان شىكايەتكە قايتىدىن قاراپ چىقىشىتۇر. ئەسلىدىكى شىكايەتتە 1990-يىلدىكى پارلامېنت سايلىمىدا، يۇقىرىقى ئۈچ ئادەمگە مايىل كىشىلەر ئۈچەيلەننىڭ سايلامدا غەلبە قىلىشىغا ياردەم قىلىشى ئۈچۈن غايەت زور مەبلەغكە ئېرىشكەن. ئەينى چاغدا، ناۋاز شېرىفنىڭ سىياسىي پارتىيىسى قاتتىق ئۈستۈنلۈك بىلەن بىنەزەر بۇتتونىڭ خەلق پارتىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. ئەڭ ئاخىرىدا، پاكىستان يەنە ھوقۇقنى مەركىزىي ھۆكۈمەتتىن رايونلۇق ھۆكۈمەتكە يۆتكەشتىن ئىبارەت بۇرۇلۇشنى باشتىن كەچۈرىشى كېرەك. 2010-يىلى كۈچكە ئىگە بولغان ئاساسىي قانۇننىڭ 18-قېتىملىق ئۆزگەرتىلگەن لاھىيىسى موشۇ نىشان ئۈچۈندۇر. ئەمما كونكرېت يولغا قويىلىشىنى مەركەزگە يۈكسەك مەركەزلەشكەن ھاكىممۇتلەقلىقكە ئېغىشقان سىياسىي پارتىيەلەر كەينىگە سۆرەت تاشلىدى. ئەگەر پاكىستاننىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ بۇرۇلۇش ياسىشى مۇۋاپىقىيەت قازانسا، ئېھتىمال باشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ سىقىپ چىقىرىشچانلىقتىن سىغدۇرۇشچان ئىدارە قىلىشقا بۇرۇلىشىدىكى ئۈلگىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. تۈركىيە بۇ جەھەتتە بىر قىسىم ئىلگىرلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. ئەگەر پاكىستانمۇ ئالغا باسالايدىغان بولسا، ئىسلام دۇنياسىدىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىينى ھەربىيسىزلەشتۈرىشى پات ئارىدا ئەمەلگە ئاشقۇسى. مەنبە: ئاپتورى شېھىد جاۋىد بۇركى پاكىستاننىڭ سابىق مالىيە مىنىستىرى، دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى. ھازىر لاھور ئاممىۋى سىياسىي تەتقىقات ئورگىنىنىڭ رەئىسى. نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى.
|