مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 1658|ئىنكاس: 15

سۈيقەست --- ھېكايە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

سەن دۇنياغا كۈلۈ

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 52355
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6508
تۆھپە نۇمۇرى: 1340
توردا: 968 سائەت
تىزىم: 2011-8-20
ئاخىرقى: 2014-4-10
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 04:36:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سۈيقەست

ھېكايە


3333.jpg


      

-سىز راستىنلا كەتمەكچىمۇ ؟-دىدى نىجات دىلنارنىڭ كۆزىگە قاراپ تۇرۇپ .
-نىمە ئۈچۈن مىنى توسىسىز ،نىجات ،ئاكتىيورلۇق بىلەن شۇغۇللىنىش مىنىڭ ئۆمۈرلۈك ئارزۇيۇم ، ئاران دىگەندە بىر پۇرسەت كەلگەندە نىمىنداق قىلىسىز ؟؟مىنىڭ بۇنداق ئاددىلا ئوقۇتقۇچى بولۇپ بىر ئۆمرۈمنى ئۆتكۈزىۋەتكۈم يوق –دىدى دىلنار قەتئىلىك بىلەن .
-لىكىن ..لىكىن سىز ئۇيەرگە كەتسىڭىز ....
-خاتىرجەم بولۇڭ نىجات ، -دىدى دىلنار نىجاتنىڭ مۈرىسىگە بېشىنى قويۇپ تۇرۇپ ، -ئۇلار نىمە دىسە دەپ يۈرىۋەرسۇن ، مەن مەڭگۈ سىزنىڭ سىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن،مەيلى نىمىلا بولمىسۇن مەن مەڭگۈ سىزنىڭ ،ماڭا ئىشىنىڭ .....ماقۇل بولۇڭ ، بۇلامدۇ ، مىنىڭ يېراقلاردا پەرۋاز قىلغۇم بار ...
نىجات ئاغزىنىڭ ئۇچچىغا كەلگەن سۆزىنى يۇتىۋەتتى،چۈنكى ئۇ دىلنار بىرەر ئىش قىلىمەن دىسە ئۇنى تۇسۇپ قېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىنىق بىلەتتى ،ئەمدى ئۇ دىلنارغا بەخىت بىلەن ئىنساپ تىلەشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى .
نىجات بىلەن دىلنار ئالى مەكتەپتىلا تونۇشقان ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆز ناھىسىگە قايتىپ كىلىپ بىر مەكتەپكە ئورۇنلىشىشپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئىدى .مەكتەپتىكى ھەممەيلەن ئۇلارنى خۇدا قوشقان بىرجۈپلەر دەپ قاراتتى ، لىكىن سەنئەت ئۆمەكنىڭ ئارتىست قوبۇل قىلىدىكەن دىگەن ئۇختۇرىش بۇ ناھىيىگە كەلگەندىن كىيىن ،ئەزەلدىنلا ئارتىس بولۇش ئارزۇسى بار بولغان دىلنارنىڭ يۈرىكىگە ئوت كىردى ، ئۇ ئىنتايىن چىرايلىق بولۇپ مەيلى ئاۋازى ياكى باشقا تالانتى جەھەتتىن بولمىسۇن ئارتىسلىققا چوقۇم قوبۇل قىلىنالاتتى ،ھەمدە كەلگۈسىمۇ پارلاق بولاتتى ، لىكىن نىجات ئۇنىڭ بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئانچە خالاپكەتمەيتتى ،نىمە ئۈچۈندۇر ئۇنىڭغا دىلنار بۇ كەسىب بىلەن شۇغۇللانسا ئۇنىڭدىن يېراقلارغا ئايرىلىپ كىتىدىغاندەكلا بىلىنەتتى ، لىكىن ئۇ ھەرقانچە قىلىپمۇ دىلنارنى بۇ ئويىدىن قايتۇرالمىدى ، دىلنار ئاخىرى سەنئەت ئۆمەككە قوبۇل قىلىنىپ بۇ ئاددى مەكتەپتىن ئايرىلدى .
دىلنار كەتكەن شۇ كۈندىن باشلاپ نىجات جىمغۇرلىشىپ كەتتى ،گەرچە دىلنار بىلەن يەنىلا پات-پات كۆرۈشۈپ تۇرىدىغان بولسىمۇ لىكىن ئۇنىڭغا ئەمدى دىلنار مەڭگۈ قايتىپ كەلمەيدىغاندەك،ئەمدى ئۇ باشقىلارغا تەۋە بولۇپ كەتكەندەك بىلىنىدىغان بولۇپ قالدى.  بۇنى كۆرگەن ئۇنىڭ كونا ساۋاقدىشى ، ھازىرقى خىزمەتدىشى،دىلنارنىڭ يېقىن دوستى ھەبىبە ۋاقىت تاپسىلا ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭغا تەسەللى بىرەتتى ، ئۇنىڭ دىلنارغا ئىشىنىشى كىرەكلىكىنى ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىسىنىڭ كۈزەل بولىدىغانلىقى توغرىسىدا سۆزلەيتتى ، نىجاتمۇ دىلنارنىڭ نەچچە يىللىق مۇھاببىتىدىن يۈز ئۆرىمەيدىغانلىقىغا چوڭقۇر ئىشەنىچ قىلىپ يۈردى .
-نىمىنداق قىلىمەن ،-دەيتتى نىجات ئۆز-ئۆزىگە،- دىلنارنىڭ ئۆز پارلاق كەلگۈسىسىنى يارىتىشى ياخشى ئىش ، كىيىن بىز ھامىنى بىرگە بولىمىز ،ئۇنىڭغا ئىشىنەي ،بىز چوقۇم بەخىتلىك لەردىن بولالايمىز ....
لىكىن بىر كۈنى ئۇ تاپشۇرىۋالغان بىر پارچە خەت ئۇنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىۋەتتى ، بۇ نامەلۇم كىشىدىن كەلگىن بۇ خەتتە دىلنارنىڭ ئۆمەكتە ياخشى رولغا چىقىپ نام قازىنىشى ئۈچۈن باشقا بىر باينىڭ ئوغلى بىلەن يۈرىۋالغانلىقى يېزىلغان ئىدى ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە دىلنارنىڭ شۇ يىگىت بىلەن تۇرغان بىر قانچە پارچە رەسىملىرىنىمۇ قوشۇپ يوللىغان ئىدى ، بۇ قول تۇتۇشۇپ ، قۇچاقلىشىپ تۇرغان رەسىملەر نىجاتنى پۈتۈنلەي تۈگەشتۈرىۋەتتى ،ئۇ ھەپتىگىچە خىزمەتكىمۇ بارمىدى، ھېچ كىم بىلەن ئالاقە قىلمىدى ،ئۇ ئازابلىناتتى ، ئۇ شۇنداق ياخشى كۆرىدىغان ، پەرىشتە دەپ بىلىدىغان ساپ قىزنىڭ بۇنداق قىلىشى ھەقىقەتەنمۇ ئۇنىڭ كاللىسىغا كىرىپ چىقمىغان ئىدى .......
ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ نىجات ئۇ ئەڭ قىيىن كۈنلەردە قالغاندا ئۇنىڭغا بارىنى بېغىشلىغان ، ئۇنىڭغا مەدەت بەرگەن، ئۇنىڭغا زور روھى ئوزۇق بولغان ھەبىبە بىلەن توي مۇراسىمىنى ئۆتكۈزدى ،دىلنار بولسا سىرتتا فىلىم ئىشلەش سەۋەبى بۇ تويغا قاتنىشالمىدى .......
تويدىن كىيىنكى كۈنلەر ناھايتى بەخىتلىك ئۆتتى ،ھەبىبە نىجاتنى دىلناردىنمۇ بەك سۆيەتتى ، ئۇنى ھۆرمەتلەيتتى  ،نىجاتمۇ ھازىر پۈتۈن سۆيگۈسىنى پۈتۈنلەي ھەبىبەگە بىرگەن ئىدى . ئۇلارنىڭ ھازىر بىر بالىسى بار ،كۈنلىرى تولىمۇ بەخىتلىك ، دىلنار گەرچە نىجاتنى بىرقانچە قېتىم ئىزدىگەن بولسىمۇ لىكىن نىجات ئۇنىڭغا پەرۋا قىلمىدى . ئۇ ئايالىغا يۈز كىلەلمەيدىغان ئىشلارنى قىلسام بولمايدۇ دەپ قاراتتى .ئۇ ھەركۈنى كەچتە ئايالى ۋە باللىرى بىلەن بىرگە سەيلە قىلاتتى ، ئۈنكى ئايالى ئۇنىڭ تىلىۋازور كۆرىشىنى ياختۇرماتتى .  لىكىن ئۇ ھازىرغىچە ئايالىنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇنداق تىلىۋىزور كۆرۈشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلمەيتتى ،بۇنىڭ ھەقىقى سەۋەبى ، ھەبىبە قورقاتتى ، تېلىۋىزوردىن تۇيۇقسىز ئۇ ئوغۇرلۇقچە تارتىپ نىجاتقا يوللاپ بەرگەن ، دىلنارنىڭ فىلىم ئىشلىگەن سۈرەتلىرىنىڭ چىقىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەتتى ، دىلنارغا ئارتىست قوبۇل قىلىش خەۋىرىنى شۇنىڭ يەتكۈنگەنلىكىنى نىجاتنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن قورقاتتى ، قىسقىسى ئۇ بۇ ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەردىن ئايرىلىپ  قېلىشتىن قورقاتتى .....





تۈگىدى


شۇنچە تەبىئى ئەسەرلىرى


كۆزۈڭنى يۇم ، كۆزگە ئايلانسۇن كۆگۈل ......

بۇدۇنيانىڭ قايغۇرغۇچىلىكى يوق

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 78143
يازما سانى: 2834
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10494
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 3267 سائەت
تىزىم: 2012-3-30
ئاخىرقى: 2015-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 06:27:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مۇنداقمۇ ئىشلار باكەن دەڭە تىخى ، ئەقلىم ھەيران قالدى ، ئىشەنگەن تاغدا كىيىك ياتماپتۇ دىگەن شۇ بوپتۇدە ، ھەبىبەنىڭ يۈرىكى قانداق يۈرەكتۇ ئۇ ،
بۇ بىر توقۇلما ھىكايىمۇ يا تۇرمۇش كارتىنىسىمۇ ؟؟؟؟ ئەمەلىيەتتىمۇ مۇشۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بىرىشى مۇمكىنمىدۇ ، مەنچە ئۇنچىلىك بوپ كەتمىگەندۇ جەمىيتىمىز ھە !!
ئەمەلى ئەھۋال ئاشكارلىنىپ قالسا قانداق بوپ كىتە ئەمدى ، ئاخىرىنى تەسەۋۋۇر قىلاممىدىم ، ئەڭ ياخشىسى ئاشكارلانمىسا بولغۇدەك ،،،،،،،،،
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سۈمەييە تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 06:28 PM  


ياشاش بىر قانۇنىيەت ، قانداق ياشاش بىر قابىلىيەت !
ھايات بىر چۈش ، تۇرمۇش ئۇنىڭغا بىرىلگەن تەبىر !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 41116
يازما سانى: 817
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12883
تۆھپە نۇمۇرى: 91
توردا: 417 سائەت
تىزىم: 2011-5-18
ئاخىرقى: 2015-2-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 07:04:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بىرىنى ھەقىقىي سۆيگەن ئادەملەرلا ھەقىقىي سۆيگىگە ھامان ئېرشەلەيدۇ ،،ئۆزى ھەقىقىي سۆيگەن ئادىمىنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇش -بولماسلىقى تەقدىرگە ،پىشانىگە پۈتۈلگەن-پۈتۈلمىگەنلىكىگە باغلىق ..بىراق سۆيۈپ تۇرۇپ بەخىت تىليەلمەسلىك تولىمۇ بىچارىلىك خالاس

قەلەمىي بېلوگى

ئەسەرلىرىمدىن زوقلىنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىمگە ھۆرمەت قىلىڭ

ئەقىلسىز دوستۇڭ

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 37842
يازما سانى: 3490
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 32319
تۆھپە نۇمۇرى: 1311
توردا: 3727 سائەت
تىزىم: 2011-4-16
ئاخىرقى: 2014-10-23
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 08:54:20 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  بەك قىسقا بوپ قالدىمۇ نىمە  ؟ ئاخىرىنى ئازراق داۋاملاشتۇرسىڭىز بوپتىكەن ئەسلى . نىجات بىلەن دىلنارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۇقۇشماسلىقنى تۈگۈتۈپ ھەبىبەنڭ ئەپتى بەشرىسى ئىچىلغان بولسا  مەزمۇنى تىمىغا ئوبدانلا چۈشەكەن ، بۇ مىنىڭ شەخسى قارشىم جۇمۇ

كۆزدەك بىر-بىرىڭگە يات بولماي ، لەۋدەك مەھكەم ئىناق بول.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3371
يازما سانى: 1031
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 11720
تۆھپە نۇمۇرى: 417
توردا: 3123 سائەت
تىزىم: 2010-7-5
ئاخىرقى: 2015-3-3
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 09:22:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەتراپلىق پىلانلانغان قىلتاقكەنغۇ بۇ  ،    ئاياللارنى سەل چاغلىغىلى بولمۇغۇدەك

غەلبە مۆئمىنلەرگە مەنسۇپ!

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3235
يازما سانى: 2958
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15637
تۆھپە نۇمۇرى: 2247
توردا: 2517 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2015-1-14
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 10:08:42 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
داۋامى باردۇ؟داۋامىنى يوللاڭ بولسا!بۇ راستىنلا بولىدىغان ھىكايىكەن!

‹‹شاھادەت›› ئەڭ بۈيۈك مۇھەببەت،‹‹شىھىد›› ئەڭ بۈيۈك ئاشىقتۇر! ياردەم ۋە مەدەت بەرگۈچى ئىھ رەببىم،سەن ۋەدەڭدە تۇرىسەن ۋە تۇرۇپ كەلدىڭ،سەندىن نائۈمىد قىلمىغىن،شەيتان ۋە ئەگەشكۈچى پاسىقلارغا قارشى قەدەملىرمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 10410
يازما سانى: 821
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 9658
تۆھپە نۇمۇرى: 394
توردا: 1855 سائەت
تىزىم: 2010-9-15
ئاخىرقى: 2015-2-22
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 10:40:15 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
nazila998 يوللىغان ۋاقتى  2012-4-15 08:54 PM
بەك قىسقا بوپ قالدىمۇ نىمە  ؟ ئاخىرىنى ئازراق داۋاملا ...

توغرا دەيسىز ھەبىبەنىڭ ئەپتى -بەشىرسى ئېچىلغان بولسا،،كىم بىلىدۇ ھېلىقى سۆرەت بىلەن خەتنى ھەبىبە ئەۋەتتىمۇ تخى

ھاياتلىقىڭنىڭ قەدرىنى بىل

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 3549
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 105
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1700 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2015-3-24
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 10:52:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بىر كۈنۈڭ ئۆتسە قەبرىگە بىرقەدەم يېقىنلايسەن . .....
                                         ئۆلۈمگە ياخشى تەييارلىق قىل  ...........

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72309
يازما سانى: 137
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4489
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 343 سائەت
تىزىم: 2011-12-30
ئاخىرقى: 2015-3-25
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 02:01:05 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان ھىكايىكەن.ئاپام دەيدىغان:قىز بالنىڭ دوستى يوق دەپ. بۇ ھىكايىدىمۇ دىلنارنىڭ دوستىنىڭ قىلىغان ئويۇنلىرىكەنغۇ ھەممىسى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 50478
يازما سانى: 995
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7796
تۆھپە نۇمۇرى: 437
توردا: 1704 سائەت
تىزىم: 2011-8-4
ئاخىرقى: 2015-3-18
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-16 10:47:22 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ ئىشلار جەمئىيەتتە ھازىر كەڭرىكەن. مېنىڭ نەۋرە ئاكاممۇ 5 يىل يۈرگەن قىزىنىڭ 9 يىللىق ئامراق دوستى بىلەن توي قىلدى.بۇ توي ھەتتا 8 كۈن ئىچىدىلا قىز ئالمىشىپ ،دوستىنىڭ نەۋرە ئاكام بىلەن قانداق يۈرگەنلىكىدىن بىر-بىرنى قانچىلىك ياخشى كۆرگىنىدىن ھەتتا ،،،،،،دىن تارتىپ بىلىپ تۇرۇپ ئۇ قىزدىن مەلۇم سەۋەپلەر بىلەن تارتىۋىلىپلا توينى قىلدى،ھازىرغىچە كۆرسەم مىڭ توۋا دەيمەن.ئىككىسى تېخى بىر دوختۇرخانىدا ئىشلەيدۇ.

[img][/img]تېۋىنىپ ياشىغان مىڭ يىل ئۆمۈردىن،مىڭ ئەلا دولقۇنلاپ ئۆتكەن بىر نەپەس!
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش