مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 10

سەنئەت ئوبزورچىلىقى ھەققىدە ئىككى كەلىمە [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76857
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1062
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-3-3
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 10:16:35 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

سەنئەت ئوبزورچىلىقى ھەققىدە ئىككى كەلىمە

سەنئەتكار – روھىيەت پەيلاسوپى  

                               ئابدۇشۇكۇر مۇھەممىتىمىن

خېلىدىن بېرى سەنئىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرۇلۇق دادىل پىكىر يۈرگۈزۈپ، بىر قەدەر ئەتراپلىق كۆزەتكەن ۋە پىكىر قىلغان ئاساستا بىر پارچە ماقالە يېزىشنى كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كېلىۋاتاتتىم. لېكىن قولۇمغا نەچچە رەت قەلەمنى ئېلىپ بولۇپ قويۇپ  قويۇشقا مەجبۇر بولدۇم. بۇنىڭغا ئاساسلقى مۇنداق بىر قانچە ئامىل سەۋەب بولدى.

بىرىنچىدىن، توختالماقچى بولغانلىرىمنىڭ چېتىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭرى بولۇپ، كۆپ ماتېرىيال كۆرۈشكە، ئۇچۇر ئىگىلەشكە ۋە پىكىر قىلىشقا توغرا كېلەتتى. ئىككىنچىدىن بەزى ھادىسىلەرنى ئەينەن ئوتتۇرىغا قويۇش كىشىنى سەل بىئارام قىلاتتى. چۈنكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر سەنئىتى توغرۇلۇق ئېلىپ بېرىلغان ئىلمىي، سېستىمىلىق تەتقىقاتنىڭ كەمچىل بولۇشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇراتتى، يەنە كېلىپ مۇھاكىمە جەريانىدا بىر قىسىم سەنئەت ھادىسىلىرى ۋە سەنئەتكارلار توغرىسىدا توختىلىشقا توغرا كېلەتتى. ئىلمىي مۇنازىرە ۋە ئىلمىي تەنقىد قارىشى شەكىللەنمىگەن، تەنقىد ۋە باھاغا ئىلمىي دەلىل، ئەقلىي يەكۈن ۋە ئەتراپلىق مۇھاكىمىگە تايىنىپ باھا بەرمەستىن، ھېسسىي نۇقتىدا تۇرۇپ بىراقلا ئۇيان – بۇيان قىلىۋېتىدىغان بىر بۆلۈك كىشىلەر ئارىسىدا بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم ھادىسىلەر ۋە سەنئەتكارلار توغرۇلۇق توختىلىش ئىلمىي بولمىغان ناچار ئىنكاسلارغا سەۋەب بولۇشى ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى. ھەتتا بەزىلەر پاكىتنى ئاساس قىلغان مۇھاكىمە ۋە مۇۋاپىق بولغان تەنقىدلەرگىمۇ «غاجىلىدى»، «مۇنارغا مۇش ئاتتى»، «كاتتىلارنى تىللاش ئارقىلىق ئۆز نامىنى چىقارماقچى بولدى» دېگەندەك قاراشتا بولۇشى مۇمكىن ئىدى.  بىر قىسىم مۇنبەر ۋە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان تەنقىد خارەكتىرىدىكى يازمىلارغا بېرىلگەن باھا ۋە ماقالە ئاپتورلىرىنىڭ كەينىدىن بولۇۋاتقان گەپ – سۆزلەر مېنى بۇ ساھەدە گەپ قىلىشتا تولىمۇ ئېھتىياتچان بولۇشقا ئۈندەيتتى. يەنە بىر مەسىلە شۇكى، مەيلى يازغۇچى ب،  سەنئەتكار ياكى كارخانىچى بولسۇن بىرەر شەخىس توغرۇلۇق تەنقىد خارەكتىرلىك ماقالە يېزىپلا قويسا دوستانە پىكىرنى "ئاقساقاللىق"، نورمال تەنقىدنى"غاجاش" دەپ چۈشىنىدىغان بىر قىسىم يەڭگىلتەك ئىنكاسچىلار تېمىنىڭ باش – ئاخىرىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە شوئارۋازلىق دولقۇنى قوزغاپ "مەشھۇرلارنى سېسىتايلى" دېگەندەك بىنورمال ئىنكاسلار بىلەن ئاپتورنىڭ مەقسىتىنى غەيرى تەرەپكە بۇراشقا ئاتلىنىپ كېتەتتى. (توردىكى بىر قىسىم ماقالە ۋە ئىنكاسلار بۇ باياننىڭ ياخشى دەلىلى بولالايدۇ.) ئاخىرىدا ياخشى نىيەت ۋە ساغلام پىكىر بىلەن يېزىلغان تەنقىدى ماقالە مەيلى قانچىلىك مۇۋاپىقەيەتلىك چىقىشىدىن قەتئىنەزەر بىر مەيدان قورساق ئۇرۇشى ۋە سېسىق گەپلەر بىلەن تولغان تىل جېڭىنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قالاتتى.  

مەن بىر قېتىملىق تاساددبىي پۇرسەتتە تونۇلغان ئوبزورچى، ئۆتكۈر پىكىرلىك زىيالى يالقۇن روزى ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە قىسقىغىنە پاراڭلىشىپ قالدىم. مەن يالقۇن روزى ئەپەندىگە بىزدە سەنئەت ئوبزورچىلىقىنىڭ زۆرۈرلىكى ۋە سەنئىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر توغرۇلۇق بەزى قاراشلىرىمنى ئېيتتىم. يالقۇن روزى ئەپەندى بىزدە سەنئەت ئوبزورچىلىقىنىڭ ھەقىقەتەن زۆرۈرلىكىنى، ماقالەمنى يېزىپ بولغاندا كۆرۈپ پىكىر بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. لېكىن يۇقۇردا ئېيتقاندەل بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇ ئىش سۈرۈلۈپ كەتتى. شۇنداقتىمۇ، گەرچە ئۆزۈم پىكىرىم چولتا، كۆرگەن – بىلگەنلىرىم تولىمۇ ئاز بىر ئىلىم ھەۋەسكارى بولساممۇ، بۇ توغرۇلۇق تەپسىلىي ئىزدىنىشتىن بۇرۇن قىسقىغىنە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈپ بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغۇم ۋە باشقىلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى. شۇ ۋەجدىن «تاپقىنى گۈل كەلتۈرەر، تاپالمىغىنى بىر باش پىياز» دېگەندەك، تۆۋەندىكى ئاددى بايانلارنى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە دىققىتىڭلارغا سۇندۇم.

يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن مەسىلىلەرنى يىغىنچاقلىغاندا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈش مۇمكىن.

  بىرىنچى، سەنئەت ئوبزورچىلىقىنىڭ شەكىللەنمەسلىكى.

  خۇددىي ئەدەبىي ئوبزور ئەدەبىيات تەرەققىياتىنىڭ ئايرىلماس بىر قانىتى بولغاندەك، سەنئەت ئوبزورچىلىقىمۇ سەنئەت تەرەققىياتى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان ھەركەتلەندۈرگۈچى كۈچتۇر. سەنئەت كېچىلىكلىرى، سەنئەت ئەسەرلىرى توغرۇلۇق يېزىلغان مۇھاكىمە ئوبزورلارنىڭ ئىنتايىن كەمچىل بولۇشى (يەنى سەنئەت ئوبزورچىلىقىنىڭ شەكىللەنمەسلىكى) بۇ ساھەدە «ئۆزى پىچىپ ئۆزى تىكىدىغان» ، «ئۆزى ئورۇنداپ ئۆزى باھالايدىغان» ھالەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ قويدى. سېستىمىلىق تەتقىقات ۋە ئىلىمىي مۇھاكىمىنىڭ ياردىمىسىز قالغان بۇ ساھە باشسىز يىلاندەك ئۆزى بىلگەن تەرەپكە قاراپ ئاغماقتا. بۇنىڭلىق بىلەن مەن ھازىرقى زامان سەنئىتىمىزدىكى بارلىق نەتىجىلەرنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن، پەقەت بۇ ساھەدىكى سېستىمىلىق تەتقىقات، ئىلمىي مۇھاكىمىلىق ئوبزور ۋە يۇقۇرى ساپالىق، بىر قەدەر ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولغان سەنئەتكارلارنىڭ تولىمۇ كەمچىل ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقچى.

بىزدە بىر قىسىم سەنئەت ھادىسىلىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى توغرۇلۇق يېزىلغان ماقالىلەر يوق ئەمەس. گېزىت – ژورناللارنى كۆرۈش جەريانىدا سەنئەت ھادىسىلىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى توغرۇلۇق يېزىلغان ماقالىلەرنى كۆرۈپ قالسام زور ئۈمۈد ئىچىدە ئوقۇشقا باشلايمەن. لېكىن كۆپ قىسىملىرىنى ئوقۇپ يەنىلا ئۈمۈدسىزلىك بىلەن ژورنالنى ياپىمەن. سەنئەت ھادىسىلىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى توغرۇلۇق يېزىلغان ماقالە – ئوبزورلارنىڭ ئاددىي چۇۋالچاقلىقى، كۆپىنچە نوقۇل ماختاشنى ئاساس قىلغانلىقى، پىكىرلىرىنىڭ چولتىلىقى مېنى ئۈمۈدسىزلەندۈرىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇرلاردا سەنئەت ئوبزورچىلىقىنى شەكىللەندى دەپ قارىغىلى بولمايدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەت توغرۇلۇق ئونۋىرسال بىلىمى بىر قەدەر مول بولغان زىيالىلىرىمىزنىڭ سەنئەت ھادىسىلىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى توغرۇلۇق مەخسۇس مۇھاكىمە ۋە تەتقىقاتقا يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلەلمەسلىكى  سەنئەت ساھەسىنى ئوبزوردىن ئايرىپ قويغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىنىڭ خاتالىقى ياكى يېتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى بولمىسا، ئوقۇغۇچى ئۆزى بەرگەن ئىمتىھان سوئالىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ نومۇر قويغاندەكلا ھالەت شەكىللەندى. سەنئەت كەسپىي بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار ھەدەپ «كەسىپ ئەھلى بولمىغانلار بۇ ساھەنى قالايمىقان قىلىۋەتتى» دەپ قاقشاپ جار سالدىيۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك ئونۋىرسال بىلىم ۋە ماھارەت ھازىرلىيالىغانلىقى بىلەن ئانچە ھېسابلىشىپ كەتمىدى.

  بىزدە يېقىندى بېرى نۇرغۇن قېتىم چوڭ – كىچىك تىپتىكى ئونۋىرسال سەنئەت كېچىلىكلىرى، مەخسۇس ناخشا، ئىتوت كېچىلىكلىرى ئۆتكۈزۈلدى. لېكىن بۇ كېچىلىكلەر توغرۇلۇق يېزىلغان ئوبزورلار مۇھاكىمىلەرنى ئاساسەن ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، مول بىلىمگە ئىگە زىيالىلارنىڭ ئوبزور ۋە مۇھاكىمىلىرى بولمىغانلىقتىن، سەنئەت ئەسەرلىرىدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرۈپ يېتەلمەيدىغان كىشىلەرگە «سەنئەت دىگەن شۇنداق نەرسىكەن» دېگەن خاتا قاراشنى شەكىللەندۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر قىسىم چولتا بىلىملىك سەنئەتكارلارنىڭ قىلغانلىرىنىڭ توغرىسىمۇ توغرا، خاتاسىمۇ توغرا بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. بىنورمال ياكى نامۇۋاپىق ئىشلارنىڭ كۆپ قېتىم تەكرارلىنىشى بىر قىسىم كىشىلەرگە شۇ خىل ھادىسىلەرنى نورمالدەك، شۇنداق بولۇشقا تېگىشلىكتەك ھېس قىلدۇرۇپ قويىدۇ. بولۇپمۇ قارىغۇلارچە ئەگىشىش خاھىشى بىر قەدەر كۈچلۈك كىشىلەر ئارىسىدا تېخىمۇ شۇنداق. شۇنىڭ بىلەن ئابدۇكېرىم ئابلىز ئىتوتلىرىدىكى مەنتىقىسىزلىق، بىمەنىلىكلەر بىلەن ھېسابلاشماي، شۇ خىل كۈلدۈرۈشنى ئاساس قىلغان بىمەنە ئىتوتلارنى لايىق بولمىغان سۈپەتلەر بىلەن ماختاپ ئۆز كۆڭلىمىزنى خۇش ئېتىدىغان ھادىسلەرمۇ مەيدانغا كەلدى. (بىر قىسىم سەنئەت كېچىلىكلىرى ۋە سەنئەت ئەسەرلىرى توغرىسىدا مەخسۇس ئوبزور ئارقىلىق ئايرىم توختۇلۇشنى لايىق تاپتىم).

  يۇقارقى بايانلاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، سەنئەت ئوبزورچىلىقىنىڭ شەكىللەنمەسلىكى بىزدە سەنئەت تەرەققىياتىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر قىسىم ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سەنئەت ئوبزورچىلىقى بىز دىققەت نەزىرىمىزنى ئاغدۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان مۇھىم بىر ساھە.

  ئىككىنچى، سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ۋە يازغۇچى تەتقىقاتچىلار ئوتتۇرىسىدىكى پىكىر ئالماشتۇرۇشنىڭ كەمچىل بولۇشى.  بۇ توغرۇلۇق بۇرۇن بىر قىسىم ياخشى پىكىر ۋە تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولسىمۇ لېكىن ئىلگىرلەشنى يەنىلا كۆرۈنەرلىك دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار گەرچە كەسپىي جەھەتتىن مەلۇم سەۋىيە ھازىرلىغان بولسىمۇ، سەنئەتنىڭ ماھىيىتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا سەنئەتكارلار ئىجدىمائىي ۋە نەزەرىيىۋى بىلىم جەھەتتە يازغۇچى تەتقىقاتچىلارنىڭ ياردىمىگە ۋە قوللشىغا تولىمۇ مۇھتاج بولىدۇ. ئەگەر بىزدە يازغۇچىلار، تەتقىقاتچىلار ۋە سەنئەتكارلار ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش كۆپەيسە بۇ سەنئەتنىڭ توغرا يۆنىلىشتە ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللنىۋاتقانلار بىلەن يازغۇچى تەتقىقاتچىلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرىشى، سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ يازغۇچى تەتقىقاتچىلاردىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشى ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنى تولۇقلىشى ئىنتايىن مۇھىم.

  ئۈچىنچى. سەنئەتكارلىرىمىزدىكى بىلىم ۋە ئىقتىدار مەسىلىسى. بۇ يەردە شۇنداق بىر مەنىلىك سوئالنى چۆرىدەپ مۇھاكىمە قىلغۇم كېلىۋاتىدۇ. سەنئەت ساھەسىنى زادى كىم قالايمىقان قىلىۋاتىدۇ؟

  يېقىندىن بېرى «قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن»، «كىنو ئىشلەش»، « MTV ئىشلەش» قاتارلىق بىر قىسىم ئىتوتلار قويۇلدى. بۇ ئىتوتلار سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلاردا مودا بولغان بىر بىمەنە ئېقىننىڭ سەھنىدە ئىپادىلىنىش ئىدى. مەسىلەن قارايدىغان بولساق «قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن» ناملىق ئىتوتتا بىر قىسىم سەنئەت سېپىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ئالدامچىلارنىڭ سەنئەتنى چۈشەنمەي تۇرۇپ، پۇل تېپىش ئۈچۈن بۇ ساھەگە كىرىۋېلىپ سەنئەت ساھەسىنى قالايمىقان قىلغانلىقى سۆزلەنگەن. (گەرچە بۇ ئۆزلەشتۈرۈلگەن ئىتوت بولسىمۇ). بۇ ئىتوتتا ساز چېلىشنى بىلمەيدىغان «ئالدامچى» لارنىڭ مۇزىكىنى ياندىن قويۇپ بېرىپ، يالغاندىن چالغان قىياپەتكە كىرىۋالغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. شۇ ئارقىلىق سەنئەت ساھەسىنى سەنئەتكارلار ئەمەس بەلكى سەنئەت ساھەسىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ئالدامچىلار قالايمىقان قىلىۋەتتى دىمەكچى بولىدۇ. مېنىڭ شۇ «ھەقىقىي سەنئەتكار» لاردىن شۇنداق سورىغۇم كېلىدۇ، ھارىز ئۆتكۈزىلىۋاتقان سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ قايسى بىرىدە سەھنىدىكى چالغۇچىلار سازنى نەق مەيداندا چالىدۇ؟ ھەتتا قايسى  بىر «داڭلىق» ناخشىچى ناخشىنى نەق مەيداندا ئېيتىدۇ؟ نەق مەيدان ناخشا ئېيتىدىغان ئەھۋاللارنى ھازىر ئۇچرىتىش بەكلا تەس. (غورۇرلۇق سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيىتنى بۇ جەھەتتە باشقا نۇرغۇن ناخشىچىلارنىڭ ئۈلگىسى دېيىشكە بولىدۇ. ) بۇ ئىشلار «ئەل سۆيگەن»، «ئەلنى سۆيگەن» «مەشھۇر»...دېگەندەك دەبدەبىلىك شەرەپ سۆزلىرىگە كۆمۈلۈپ كەتكەن سەنئەتكارلار ۋىجدانى بىلەن ئويلىنىپ  بېقىشقا تېگىشلىك سوئالدۇر.   قارايدىغان بولساق ناخشىچىلىرىمىز ئاۋۋال ناخشىنىڭ مۇزىكىسىنى كومپىيوتېردا كىرىشتۈرۈپ تەييارلىۋالغاندىن كېيىن، ئۈن ئېلىش ئۆيىدە بىر ناخشىنى مىسرامۇ – مىسرا بۆلۈپ ئېيتىپ، ئىلغار ئاۋاز ياساش دىتاللىرى ئارقىلىق «سۈزۈپ، تەڭشەپ» ئاندىن سەھنىگە چىقىدۇ. دېمەك تاماشىبىنلار پۇل خەجلەپ بېلەت سېتىۋېلىپ، ئارزۇلاپ ناخشىسىنى ئاڭلىغىلى كىرگەن ناخشىچىلارنىڭ ھەممىسى  دېگۈدەك نەق مەيداندا ناخشا ئېيتمايدۇ. شۇنداق ئويلاپ قالىمەن، نەچچە مىليۇن تاماشىبىننى ئۆزىگە قارىتىپ مىكرافۇننى يالغاندىن تۇتۇپ ناخشىغا ماسلاشتۇرۇپ ئاغزىنى مىدىرلىتىپ، چىرايىنى پۈرۈشتۇرۇپ تاماشىبىنلارنى ئالدىغان ناخشىچىلارنىڭ، ئالدىغا ئېسىل سازلارنى تىزىۋېلىپ، توكقىمۇ ئۇلىماي سىلاپ ئولتۇرۇپ مۇزىكا چالغان قىياپەتكە كىرىۋالغان «مۇزىكانت» لارنىڭ «قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن» ناملىق ئىتوتتىكى سەنئەت ساھەسىگە سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ئالدامچىلاردىن نېمە پەرقى؟  بۇ خىل ھادىسىلەر ناخشىچى ۋە سازەندىلىرىمىزنى ھورۇن، تەييارتاپ، ئىزدەنمەس قىلىپ قويۇۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. شۇ «ناخشىچى» ، «سازەندىلەر» شۇنچىلىك كۆپ تاماشىبىننىڭ گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرىدىن، تۇتقان دەستە – دەستە گۈللىرىدىن خىجىل بولۇپ يۈزى قىزارمامدىغاندۇ؟ مەن شۇنداق «سەنئەتكار» لارغا «قۇشقاچ بولسىمۇ قاسساپ سويسۇن» ناملىق ئىتوتتىكى ئايال پىرسۇناژنىڭ مۇزىكانت قىياپىتىگە كىرىۋالغان ئالدامچىلارغا قىلغان مۇنۇ بىر جۈملە سۆزىنى ئېيتىپ قويۇشنى لايىق تاپتىم:«نومۇس! خەلقنى مۇشۇنداق ئالداشتىن نومۇس قىلمامسىلەر؟»

  دېمەك، ئۆزىنى «كەسپىي سەنئەتكار» ھېسابلايدىغان، سەھنىگە چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىغان بىر قىسىم كىشىلەر «باشقىلار سەنئەت سېپىمىزگە سۇقۇنۇپ كىرىۋېلىپ قالايمىقان قىلىۋەتتى» دەپ بىھۇدە قاقشاش ئارقىلىق، مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئىتتىرىپ ئۆزلىرىنىڭ ئىچكى كاۋاكلىقىنى ۋە ئىقتىدارسىرلىقىنى يېپىش ئۈچۈن ئەخمەقلەرچە ئۇرۇنماقتا. شۇنىڭ ئۈچۈن سەنئەت كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلار «قاسساپ ئەمەسلەر قوي سويۇۋاتىدۇ» دەپ قاقشاشتىن بۇرۇن «بىز ئۆزىمىزنى ھەقىقىي قاسساپ چاغلايدىغانلار قوينى تەلەپكە لايىق سويالىدىقمۇ يوق؟» دېگەننى ئويلاش تولىمۇ زۆرۈر.

  يەنە بىرى سەنئەتكارلاردىكى ئونۋىرسال بىلىمنىڭ كەمچىلىكى  ۋە ئىزدىنىش مەسىلىسى. بۇ توغرۇلۇق مىساللار بەك كۆپ، مەن پەقەت قىسقا بىر قانچە مىسال ئېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

  مەيلى مىللىتىمىزدىن بولسۇن ياكى چەتئەللەردىن بولسۇن، مۇۋاپىقىيەت قازانغان سەنئەتكارلارنىڭ ئىزدىنىش يوللىرىغا قارايدىغان بولساق ئۇلارنىڭ سەنئەتنىڭ مەلۇم بىر تۈرىدىكى ماھارەتنى ئىگىلەش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە ئۆزلىرىدە ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمىسى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ۋە ئىزدىنىش روھىغا باي ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. مەشھۇر مۇزىكانت موزارت شۇنداق دېگەنىكەن:"نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ مۇزىكا جەھەتتىكى نەتىجىلىرىمنى مېنىڭ تۇغما تالانتىمدىن كەلگەن دەپ ئويلايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كىلاسسىك مۇزىكىلارنى مەندەك قېتىرقىنىپ تەتقىق قىلمايدۇ"ھازىرقى كۆپ قىسىم سەنئەتكارلاردىكى بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ تولىمۇ چولتا بولۇشى، ئىزدىنىش روھىنىڭ ئاجىز بولۇشى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. بۇ يەردە شۇنداق بىر مىسالنى ئېلىپ ئۆتكۈم كېلىۋاتىدۇ. 2009 – يىلىغۇ دەيمەن)، تېلىۋېزىيە ئىستانىسسى ئورۇنلاشتۇرغان «تەڭرىتاش كۈيلىرى» ناملىق پىروگراممىدا رايۇنىمىزغا داڭلىق بولغان بىر ساز ئۇستىسىنىڭ «فارابى 15 – ئەسىردە غىجەكنى كەشىپ قىلغان...» دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تولىمۇ بىئارام بولدۇم. يەنە بىر قېتىم مەن دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك ئارتىسلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، نۇرغۇن كىنو – فىلىم، دىرامىلاردا رول ئالغان بىر پىشقەدەم سەنئەتكار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. پاراڭ ئارىلىقىدا بۇ سەنئەتكارىمىزنىڭ دىراما بىلەن ئوپىرانىڭ پەرقىنى، ئىتوت  بىلەن ئىپىزوتنىڭ پەرقىنى، يەنە بەزى ئاددىي ساۋات خارەكتىرلىك بىلىملەرنىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بايقاپ تولىمۇ ئۈمۈدسىزلەندىم. بىلىشىمچە بۇ خىل ئەھۋال سەنئەتكارلار ئارىسىدا خېلى ئېغىر ساقلانغان.

  سەنئەت – چېتىلىش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭرى بولغان ئونۋىرسال ئىلىم.  بۇ ساھەدە ئۇتۇق قازىنىش ئۈچۈن ئەتراپلىق بىلىم قۇرۇلمىسى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىش تولىمۇ زۆرۈر.

  يۇقۇرىدا سەنئىتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى ئۆز قارىشىم بويىچە ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتۈم. بەلكىم بەزى بايانلىرىم بىر قسىم ئوقۇرمەن ھەم سەنئەتكارلارنىڭ قۇلىقىغا خوشياقماسلىقى مۇمكىن. لېكىن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، ئەگەر سەنئىتىمىز توغرۇلۇق دادىل ۋە ئىلمىي پىكىر قىلىدىغان ئۆتكۈر نەزەرلىك، مەسئۇلىيەتچان زىيالىلىرىمىز ۋە خەلق سۆيگەن مەسئۇلىيەتچان سەنئەتكارلىرىمىزلا بولىدىكەن، سەنئىتىمىزنىڭ ئەتىسى چوقۇم تېخمۇ پارلاق بولىدۇ!   

ئاخىرىدا تورداشلاردىن ئۆتۈنىدىغىنىم ئىنكاس يازغاندا سالماق، سوغۇققان بولۇشىنى ۋە شۇ ئاساستا پىكىر مۇنازىرە قاتناشتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bilgabag تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-4-15 10:17 AM  


ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
larzan + 255 دەلىللەر يېتەرلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 255   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 9202
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 7493
تۆھپە نۇمۇرى: 255
توردا: 41 سائەت
تىزىم: 2010-9-5
ئاخىرقى: 2012-5-16
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 12:39:49 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
سىز بىلەن ئالدىرماي بىر پىكىرلەشسەم بولغىدەك . مەن سەنئەت ئوبزۇرچىلىق يولىغا ماڭاي دەپ ئاخىرى ئىجادىيەتنى تاللىغان . مەندە كۆپ ئۇچۇرلار بار .

http://ozhalovqi.33591.com

www.Xj529.com كىنولار

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3491
يازما سانى: 123
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12673
تۆھپە نۇمۇرى: 262
توردا: 280 سائەت
تىزىم: 2010-7-6
ئاخىرقى: 2012-5-17
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 01:24:55 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەشۇنداق خەلىق سۆيگەن سەنئەتچىلەرنىڭ ھۆرمىتىنى ھەريەردە قىلساق، قارىغۇلارچە قوغلاشماي،قوللاي قۇۋەتلىسىەك،سەنئىتىمىز تېخىمۇ گۈللەنگۈسى.

مۇھەببەت يىكايسى بۇيەردىن كۆرۈڭ  http://www.xj529.com/kino_play.asp?mid=688

ئالدىراشلىق .....

دائىملىق ئــەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 47298
يازما سانى: 933
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 87
تۆھپە نۇمۇرى: 158
توردا: 4151 سائەت
تىزىم: 2011-7-10
ئاخىرقى: 2012-4-28
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 01:27:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يالقۇن روزى قاتارلىق ئەدەبىي ئوبزۇرچىلىرىمىز چىقىپ ئەدەبىياتتا ئوبزۇرچىلىقىنى گۈللەندۈرگەندىن كېيىنكى ئەدەبىيات  بىلەن تەنقىدچىلىك ئومۇملاشماستىن بۇرۇنقى ئەدەبىيات  تەرەققىياتىدا قايىسسدا ئىلگىرىلەش تېز ئىدى مۇشۇ توغرىسدا ئىزدىنىپ باققانلار بارمۇ ؟
كەسپىم ئىجتىمائىي پەن بولمىغانلىقىتىن «قۇشقاچ بولىسمۇ قاسساپ سويسۇن »دېگەن ھېكمەت بويىچە مۇشۇ ساھەدە تەتقىق ئېىلىپ بېرىۋاتقانلار بولسايۇقارقى رېئاللىقلار ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرگە باھا بېرىپ باققانلار بارمۇ قىزىقىپ قالدىم...

ھەقىقى جەسۇر بولۇش ئۈچۈن

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 48523
يازما سانى: 1106
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2470
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 511 سائەت
تىزىم: 2011-7-20
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 01:29:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
خېلى ۋەزىنى بار يازمىدەك قىلىدۇ، ما كچىك بالىلار ھولىغا چىقىپ ئويناڭلار، مۇنبەرنى ئەخلەت قىلماي. ھە قېنى چوڭاملار، باشلاڭلار مۇنازىرىنى، مۇنازىرە مۇشاۋرەك مۇقامىنىڭ باشلىنىشىدك  مەرغۇلىدەك ئالدرىماي باشلىنىدىغان بولدى، لىكىن ھېلىلا جالىنىپ كىتەمىكى، بۈگۈن يەكشەنبە كۆپلىرىمىز دەم ئالدى ھەقاچان. مەنمۇ ما كىچىك بالىلارنى بىردەم ھويلىدا ئويۇنغا تۇتۇپ تۇراي!

ئاڭلا دۇنيا، مەن چوڭ بولدۇم! ياق سەن تېخى كىچىك، ئىمىزگەڭنى ئىمىپ جىم يات!...دەيدۇ ناتونۇش بىرى

ئۈمىدسىزلىك يىرىم ئۆلۈم.

يېتىلىۋاتقان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 60672
يازما سانى: 199
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 987
تۆھپە نۇمۇرى: 249
توردا: 462 سائەت
تىزىم: 2011-10-15
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 01:40:37 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
''ھارىز ئۆتكۈزىلىۋاتقان سەنئەت كېچىلىكلىرىنىڭ قايسى بىرىدە سەھنىدىكى چالغۇچىلار سازنى نەق مەيداندا چالىدۇ؟ ھەتتا قايسى  بىر «داڭلىق» ناخشىچى ناخشىنى نەق مەيداندا ئېيتىدۇ؟ نەق مەيدان ناخشا ئېيتىدىغان ئەھۋاللارنى ھازىر ئۇچرىتىش بەكلا تەس. ''


دىمەك ھازىرقى سەھنىلەردىكى ناخشىلارنى نەخ مەيداندا ئورۇندىمايدىكەندە.

ئىنسان قىغان ياخشى-يامان ئېشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگۈچىدۇر.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76857
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1062
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-3-3
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 02:50:12 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
يېقىندىن بېرى ئۆتكۈزۈلگەن كېچىلىكلەرگە تازا دىققەت قىلىپ كېتەلمىدىم. ھەممە كېچىلىكتە نەق مەيدان ئورۇندىمايدۇ دېيەلمەيمەن. لېكىن ناخشا ۋە سازنى نەق مەيدان ئورۇنلىماسلىقنىڭ  ئومۇمىي ھادىسە ئىكەنلىكى ئەمەلىيەت.

ئىنسان  بولساڭ غۇرۇلۇق بول.

ئالىي ئەزا

ئاخبارات ئەلچىسى ماھىر قەلەمكەش ئالاھىدە تۆھپە

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6404
يازما سانى: 2805
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 35875
تۆھپە نۇمۇرى: 275
توردا: 6574 سائەت
تىزىم: 2010-8-15
ئاخىرقى: 2012-5-30
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 03:21:32 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
پىكىر بىردەكلىكىمىز باركەن.

ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى قەدىرلەشنى بىلىشى كېرەك،ئاندىن باشقىلارنىڭ قەدىرلىشىگە ئېرشەلەيدۇ.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 57928
يازما سانى: 1233
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1647
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 393 سائەت
تىزىم: 2011-9-25
ئاخىرقى: 2012-6-8
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 03:33:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76857
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1062
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 111 سائەت
تىزىم: 2012-3-3
ئاخىرقى: 2012-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2012-4-15 11:27:38 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ozhal يوللىغان ۋاقتى  2012-4-15 12:39 PM
سىز بىلەن ئالدىرماي بىر پىكىرلەشسەم بولغىدەك . مەن سەن ...

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۆزھال ئاكا، بۇ تېمىغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرغىنىڭىزغا ۋە قوللىغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت. سىزگە ئۇچۇر قىلاي.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش