ئەسسالاممۇ-ئەلەيكۇم مىسرانىم مۇنبىردىكى بارلىق قېرىنداشلار !مەن ئۇزاقتىن بىرى كەسىپ ئالمىشىىش ئىشىم ئۈستىدە باش قاتۇرۇپ قايسىنى تاللاش توغۇرلۇق بىر قارارغا كىلەلمەيۋاتىمەن! شۇڭا سىلەرنىڭ ماڭا بۇ توغۇرلۇق ئازراق مەسلھەت بىرىشىڭلارنى ھەمدە كاللامدىكى بۇ چىگىش خىياللارغا بولغان كۆز-قارىشىڭلارنى ئاڭلاپ باقاي دىگەن مەقسەتتە بۇ تېمىنى يىزىپ ئولتۇرىپتىمەن!
كەمنىە ئىچكىردە ئۇقۇيمەن، كەسپىم قانۇن ،بۇ يىل 1- يىلى ، مەكتىپىمىزنىڭ كەسىپ ئالمىشىش ئىشى نۆۋەتتە باشلانماقچى گەرچە تۇلۇق 3-يىللىقتا قانۇن كەسپىنى ئۆزۈم خالاپ تاللىغان بولساممۇ لىكىن بۇ كەسىپنى ئىچكىرلەپ ئۆگەنگەنسىرى قانۇن كەسپىگە ئۈمۈدسىز قارايدىغان بۇلۇپ قالدىم، چۈنكى قانۇن گەرچە ئادىللىقنى قوغداشنى ئاساس قىلسىمۇ ئەمما جەمىيەتتە بۇلىۋاتقان نۇرغۇن ناھەقچىلىكلەرنى قانۇنغا تايىنىپ ھەل قىلىپ كەتكىلى بولمايدىكەن!چۈنكى قانۇن باشقۇرغۇچى سىنىپنىڭ مەنپەتىگە ۋەكىللك قىلدۇ..............!!!!!(كۆپ چىكىت)
ئاندىن غەرىپ شەرىق دۆلەتلەرنىڭ ئىدىلوگىيە سېستىمىسى ئوخشىمىغانلىقتىن ھەم جۇڭگۇنىڭ قانۇنى بىلەن باشقا دۆلەتلەرنىڭ قانۇنى ئوخشىمىغانلىقتىن قانۇن ئۆگىنىپ چەتئەلگە چىقىپ قانۇننىڭ ئاسپرانتلىقتا ئۇقىيمەن دىسەم بۇ بىر غايىۋى خىيال بۇلۇپ قالغۇدەك!
بولسا مىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلىرگە چىقىپ ئۇقىغىم بار ئەمما ئىنگلىستىلى كەسپىگە ئالمىشاي دىسەم ئەتىراپىمدىكى كىشىلەر تىل بىر كەسىپ بۇلالمايدۇ دەيدۇ! سىلەرنىڭچە قايسى كەسىپكە ئالماشسام بۇلار ؟مەن بەك ئىككىلىنىپ قېلۋاتىمەن!
ھازىر سىلەرچە قايسى كەسىپنى ئۇقىسا بەكرەك ئىستىقبالى بار؟
بۇ بىزنىڭ مەكتەپنىڭ تور بېتىنىڭ كەسىپ تۇنۇشتۇرشى
http://jwc.hnu.cn/kcfw/kcdh/index.asp
، ئېغىر كۆرمەي ماڭا بىر مەسلىھەت كۆرسەتكەن بولساڭلار ! ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن!