ئېنتىرنېت ئۇرۇشى ۋە تىنچلىق ئاپتورى: جوسىف ناي (تەرجىمىدە نەپرەت2009)
ئىككى يىل ئىلگىرى، چاتاق بار بىر كومپيۇتىر كودى ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا يۇقۇملاندى ھەمدە ئۇران قويۇلدۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان نۇرغۇن مەركەزدىن قاچۇرغۇچلارنى ۋەيران قىلدى. بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىل مەقسەتلىك ئېنىق بۇزغۇنچىلىقنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇرۇش شەكلىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى؛ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پانېتتا ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىلىقلار ئېھتىمال «ئېنتىرنېت پيۇرېل خاربور پورتى» ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى. ئەمما بىز ئېنتىرنېت توقۇنىشىنى قانچىلىق چۈشىنىمىز؟ كومپيۇتىر ۋە ئالاقىدار ئېلىكترون پائالىيەتلىرى بولغان ئېنتىرنېت ساھەسى شەخسلەر پەيدا قىلغان مۇرەككەپ مۇھىت، ئىچىدىكى ئىنسانلار رەقىبىنىڭ يۇقىرى ئەقلىي ئىقتىدارى ھەمدە قاراتمىلىقى بار. تاغ ۋە دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ يۆتكىلىشى ناھايىتى تەس، ئەمما ئېنتىرنېت بوشلۇقى ئۈزچاتنى ئېچىش ۋە ئېتىش ئارقىلىق يۆتكىگىلى بولىدۇ. ئېلىكتروننىڭ يەر شارىۋى يۆتكىلىشى چوڭ تىپتىكى پاراخوتلارنىڭ يىراق ئارىلىققا يۆتكىلىشىگە قارىغاندا ئەرزان ھەم تېز. كۆپ ئىقتىدارلىق ئاۋىئاماتكا ئالاھىدە قىسىمى ۋە سۇ ئاستى پاراخوتى ئەترىتىنى تەتقىق قىلىش تەننەرخىنى نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۈستىگە ئالالمايدۇ، شۇڭا ئامېرىكىنىڭ دېڭىزدىكى ئۈستۈنلىكى كاپالەتكە ئىگە بولغان. ئەمما ئېنتىرنېت ساھەسىگە كىرىشنىڭ قورغىنى ناھايىتى پەس، ھۆكۈمەتسىز قاتناشقۇچىلار ۋە كىچىك دۆلەتلەرمۇ ئەرزان تەننەرخ بىلەن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئېنتىرنېت بوشلۇقى خەتەرنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى مەن «ھوقۇقنىڭ كەلگۈسى» دېگەن ئەسىرىمدە، ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ تارقاقلىشىشى بۇ ئەسىردىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىي بۇرۇلۇش بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىم. ئېنتىرنېت بوشلۇقى دەل ئەڭ ياخشى مىسال. ئامېرىكا، روسىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر ۋە باشقا دۆلەتلەر ۋە دۆلەتسىز قاتناشقۇچىلار دېڭىز-ئوكيان، ئالەم بوشلۇقى ۋە ھاۋا بوشلۇقىغا قاتتىق كونترول قىلىش ھوقۇقى بار، ئەمما ئېنتىرنېت بوشلۇقىدا زومىگەرلىك ئورنىنى ئىگىلەيدۇ دېيىشنىڭ چوڭ ئەھمىيىتى يوق. ئەمەلىيەتتە، چوڭ دۆلەتلەر مۇرەككەپ ئېنتىرنېت سىستېمىسىغا تايىنىپ ھەربىي ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنى قوللايدۇ، شۇڭا دۆلەتسىز قاتناشقۇچىلار پايدىلانسا بولىدىغان يېپيېڭى ئاجىزلىق پەيدا بولدى. 40 يىل ئىلگىرى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئېنتىرنېت تورىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۈگۈنكى كۈندە، كۆپ قىسىم كىشىلەرنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئېنتىرنېتنى ھەربىي ۋە ئىجتىمائىي ساھەدە ئىشلىتىشتە يەنىلا باشلامچى ئورۇندا تۇرۇۋېتىپتۇ. ئەمما تورغا ئۇلانغان كومپيۇتىر ۋە ئالاقىگە تېخىمۇ قاتتىق تايىنىش ئامېرىكىنىڭ باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچرايدىغان قىلىپ قويدى، ئېنتىرنېت بوشلۇقى خەتەرنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى بولۇپ قالدى، چۈنكى نۆۋەتتىكى تېخنىكا تەرەققىيات باسقۇچىدا، ھۇجۇم قىلىش ئېنىقكى مۇداپىئە كۆرۈشكە قارىغاندا ئاسان. "كومپيۇتىر ھۇجۇمى(cyber attack)» (ياكى تور ھۇجۇمى) دېگەن سۆز كۆپ خىل قىلمىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، ئاددىي ھالدىكى تىڭ-تىڭلاش، تور بەتنىڭ باش بېتىنى ئۆزگەرتىش، توردا نورمال مۇلازىمەت قىلغىلى بولماسلىق، جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئوخشاشلا، «كومپيۇتىر ئۇرۇشى(cyber war)» (ياكى تور ئۇرۇشى) دېگەن سۆز نۇرغۇن قىلمىشلارنى تەسۋىرلەشكە ئىشلىتىلىپ، قوراللىق توقۇنۇشتىن دۈشمەنلىشىشكە بولغان ھەر خىل ئۇرۇشلارنىڭ لوغەت مەنىسىنى (مەسىلەن «ئىككى تەرەپ ئۇرۇشى» ياكى «زەھەر چەكلەش ئۇرۇشى») ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەردى. يەنە بىر تەرەپتىن، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئېنتىرنېت ئۇرۇشىغا تار ئېنىقلىما بېرىپ: دۆلەت بىلەن دۆلەت ئارىسىدىكى «قان تۆكۈلمەيدىغان ئۇرۇش»، ئېنتىرنېت بوشلۇقىدىكى ئېلىكتورن ئۇرۇشى بىلەن چەكلىنىدۇ، دېدى. ئەمما ئېنتىرنېت بوشلۇقىنىڭ ماھىيىتى ۋە مەۋھۇم قاتلام ئارىسىدىكى مۇھىم ئۆز ئارا مۇناسىۋەتكە سەل قارىغان ئىدى. دەل ئىران يادرو پىلانىغا يۇقۇملانغان Stuxnet ۋرۇسىدەك، يۇمشاق دېتال ھۇجۇمى ئىنتايىن رېئالىي ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ.
ئېنتىرنېت ئۇرۇشىنىڭ تېخىمۇ قوللىنىشقان ئېنىقلىمىسى بار بولۇپ ئېنتىرنېت بوشلۇقىدا يۈز بەرگەن دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىدۇر، بۇ ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاقىۋەت ئېغىر جىسمانىي زوراۋانلىقتىن كۈچلۈك ياكى باراۋەردۇر. رېئال دۇنيادا، ھۆكۈمەت كەڭ كۆلەملىك قورال كۈچىنى ئىشلىتىشنى مونوپول قىلىۋالغان، مۇداپىئە يەر شەكلىگە پىششىق بولغانلىقتىن، ھۇجۇم ھەرىكىتى ئېھتىمال سەرپ قىلىنىش ياكى ھالسىزلىنىش بىلەن ئاخىرلىشىشى مۇمكىن. بايلىق ۋە ئېقىشچانلىقى ناھايىتى قىممەت. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئېنتىرنېت دۇنياسىدىكى قاتناشقۇچىلار خىلمۇخىل (بەزىدە نامسىز قاتناشسا بولىدۇ)، ئەمەلىي ئارىلىقىنىڭ كارايىتى چاغلىق بولۇپ قالدى ھەمدە بەزى شەكىلدىكى ھۇجۇم تەننەرخى ناھايىتى تۆۋەن. چۈنكى ئېنتىرنېت بىخەتەر ئەمەس بەلكى ئىشلىتىشكە قولايلىق بولىشى ئۈچۈن لاھىيلەنگەن، ھۇجۇم قىلغۇچى نۆۋەتتە مۇداپىئە قىلغۇچىدىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرماقتا.بىخەتەرلىكنى ئۆستۈرىدىغان بىر قىسىم سىستېمىلارنىڭ ياسىلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تېخنىكىنىڭ ئىلگىرلىشى ئەڭ ئاخىرىدا بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن، ئەمما ھازىرقى ئەھۋالدا ھۇجۇم قىلغۇچى يەنىلا ئۈستۈن ئورۇندا. كۆلىمى نىسبەتەن چوڭ بولغان بىر تەرەپ قارشى تەرەپ قوراللىقلىرى ياكى دۈشمەننى يوقىتىش، زېمىن ئىشغال قىلىش ياكى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش تاكتىكىسىنى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىش ئىقتىدارىنىڭ ھەممىسى چەكلىمىگە ئۇچرىدى. ئېنتىرنېت ئۇرۇشى ھازىرقى باسقۇچتا پەقەت يېڭىلا باشلاندى، ئەمما يوشۇرۇن تەھدىتى كىشىنىڭ ھەممىدىن بەك دىققىتىنى تارتىدۇ. پىرىنسىپ بويىچە، مۇرەككەپ تېخنىكىسى ۋە ئادەم كۈچى بايلىقى بولغان چوڭ دۆلەتلەر ھەربىي ۋە ئاممىۋى نىشانلارغا ھۇجۇم قوزغاپ، كەڭ كۆلەملىك كاشىلا پەيدا قىلسا ۋە ئەمەلىي بۇزغۇنچىلىق قىلسا بولىدۇ. ئېنتىرنېت ئۇرۇشىغا تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى مۇلازىمەتنى ئۈزۈۋېتىش ئارقىلىق مەلۇم شەكىلدىكى خەلقئارالىق تەھدىت پەيدا قىلىش، ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ھەمدە تەھدىت سېلىش ئۈنىمىنى يوقاتقان ئەھۋالدا تور ۋە ئاساسىي ئەسلىھە لاھيىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەلۇم باسقۇچتا، ئېھتىمال بىر قىسىم ئاساسىي قائىدە ياكى ھەربىي ھازىرلىقنى كونترول قىلىش ئارقىلىق يۇقىرىقى تەدبىرنى كۈچەيتىش مۇمكىن، ئەمما دۇنيا يەنىلا بۇ مۇساپىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرماقتا. ئەگەر ھازىرقى باسقۇچتىكى ئېدىئولوگىيە تەشكىلاتى ئاتالمىش «خاككېرىزىم» نىڭ كۆپ قىسىمىنى بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىگە ئىگە چاتاق دەپ قارىساق، ئۇنداقتا يەنە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىدىغان 4 خىل تور تەھدىتى بار، ھەر بىر خىلى ئوخشىمىغان ۋاقىتتا دەۋر ھالقىيدۇ: ئېنتىرنېت ئۇرۇشى ۋە ئىقتىساد جاسۇسلىقى پائالىيەتلىرىنىڭ كۆپ قىسىمى دۆلەت بىلەن ئالاقىدار، ئېنتىرنېت جىنايىتى ۋە ئېنتىرنېت تېرورىزىمىنىڭ كۆپ قىسىمى دۆلەت خاراكتېرىنى ئالمىغان قاتناشقۇچىلاردۇر. ئامېرىكىدا نۆۋەتتە ئەڭ چوڭ زىياننىڭ مەنبەسى جاسۇسلۇق ۋە جىنايى ھەرىكەتلەر، ئەمما كەلگۈسى 10 يىل ئەتراپىدا، ئۇرۇش ۋە تېرورىزم ھازىرقىدىن تېخىمۇ چوڭ تەھدىت پەيدا قىلىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن سىرت، ئىتتىپاق ۋە تاكتىكىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، تەھدىتنىڭ تۈرلىرىدە ئېھتىمال بارغانسېرى قاتلىنىش كۆرۈلىشى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئاخبارات باش نازارەتچىسى، دېڭىز ئارمىيە گېنرالى مايك مكونېل (Mike McConnell) نىڭ قارىشىچە، «تېرورچى تەشكىلاتلار ھامان مۇرەككەپ ئېنتىرنېت تېخنىكىسىنى ئىگەللەيدۇ. بۇ يادرو كېڭىشىگە ئوخشاش، پەقەت ئاسان خالاس». دۇنيا ئەمدى ئېنتىرنېت ئۇرۇشىنىڭ سايىسىنى كۆرۈشكە باشلىدى-2008-يىلى گرۇزىيە ئۇرۇشىدا كۆرۈلگەن ئېنتىرنېت مۇلازىمىتىنى ئۈزۈپ تاشلاش ھۇجۇمى؛ ياكى يېقىندا ئىراننىڭ مەركەزدىن قاچۇرغۇچلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشلار. دۆلەت ئەڭ قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە، ئەمما دۆلەتسىز قاتناشقۇچىلارنىڭ ئاپەت خاراكتېرلىك ھۇجۇم قوزغاش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ. «ئېنتىرنېتنىڭ 11-سېنتەبىرى» ئېھتىماللىقى ئادەتتە تىلغا ئېلىنىدىغان «ئېنتىرنېت پيۇرېل خاربېر پورتى» ھۇجۇمىدىن چوڭ بولىشى مۇمكىن. ھەر قايسى دۆلەتلەر ئېنتىرنېت ئۇرۇشىنىڭ دۇنيا تىنچلىقىغا بولغان تەھدىتىنى قانداق چەكلەش ھەققىدە ئولتۇرۇپ مۇزاكىرە قىلىشى كېرەك ئىدى. مەنبە: ئاپتورى جوسىف ناي ئامېرىكىنىڭ سابىق ياردەمچى دۆلەت مۇداپىئە كاتىپى، ھازىر خارۋاد ئۇنۋېرسىتىتىدا پراففىسور. نەپرەت2009 تەرجىمە قىلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Naprat2009 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-4-14 09:40 PM
|